مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 90744|ئىنكاس: 180

تۇيۇق يولدىكى قىز [ھىكايە]   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 01:44:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇيۇق يولدىكى قىز




ئالى مەكتەپكە كىلىپ تۇنجى يىلى خەنزۇ تىلى سەۋيەرىم ئانچە ياخشى بولمىغاچقا دەرىسلەردە تازا يىتىشىپ كىتەلمەيۋاتاتتىم،شۇڭلاشقا قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتماي كۇرۇسلاردا ئوقۇپ تىل سەۋيەرىمنى ئوستۈرمەكچى بولدۇم،بۇ پىكرىمنى ئاتا-ئانامغا ئېيتقان ئىدىم ئۇلارمۇ قوشۇلدى،لىكىن تەتىلدە  پار توختىتىۋىتىلىدىغان بولغاچقا سىرتتىن ئۆي تاپمىسام بولمايتتى،بىر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۇچۇر مۇلازىمەت  ئورنىغا باردىم،ۋە مەخسىدىمنى ئۇلارغا ئېيتتىم،ئۇلار پات ئارىدا ماڭا خەۋەر بىرىدىغانلىغىنى ئېيتتى.
قايتىپ چىقىپ بىر قانچە قەدەم ماڭا-ماڭمايلا بىرسىنىڭ- توختاڭ سىڭلىم،دىگەن يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ،بايا مەن ھېلىقى ئىشخانىدا كۆرگەن قارىماققا مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك كۆرىنىدىغان،خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن قىز ئىكەن،ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنىڭغا تىكىلدىم.
-بايامقى سۆزلىرىڭىزدىن ئۆي ئىجارە ئالماقچى بولغىنىڭىزنى ئۇقتۇم،بولدى ئۆي ئىزدىمەڭ ،مىنى يات كۆرمىسىڭىز مىنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇڭ،ئۇيدە سىزگە ئوخشاش ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر سىڭلىم بار،ئۇمۇ تەتىلدە ئۆيىگە قايتمايدۇ ،دېدى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق خوش بولدۇم،دىمىسىمۇ ئۆزۈم يالغۇز بىر ئويدە تۈرسام،ھەم قورقاتتىم،ھەم زىرىكىپ قالاتتىم،لىكىن سەل ئەنسىرەپمۇ قالدىم،ئۇنىڭ زادى نىمە مەخسىدى باردۇ؟
مىنىڭ ئارسالدى بولۇپ تۈرۈپ قالغىنىمنى سەزگەن ئۇ قىز،
-بولدى،ئىككىلەنمەڭ سىڭلىم،قەلبىڭىزدىكى ئەندىشىنى سىزىۋاتىمەن،بۇ ھۇششىيارلىقىڭىزدىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن،مەن سىلەردەك ئوقۇغۇچىلارغا بەك ھەۋەسلىنىمەن،ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرالمىغىنىغا بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن،سىلەردىن خۇددى ئۆتمۈشتىكى ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولىمەن،ماڭا ئىشىنىڭ،مىنىڭ مەخسىدىم پەقەتسىزگە ياردەم قىلىش خالاس...دېدى ئۇ.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىگىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى،مەن  ئۆيىنى كۆرگىلى ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.ئۆي شۇنداق ئىسىل سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدى،ياتاق ئۆيى ئۈچ بىر ئۆي خۇددى مىنىڭ كىلىشىمنى كۈتىۋاتقاندەك قۇرۇق ئىدى.بۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭ بايام خىزمەت ئىزدەپ بارغىنىغا ھەيران قالدىم...
شۇنچە چوڭ ئۆيدە ئۆزىڭىز يالغۇز تۇرامسىز؟بىر ئىشسىز قىزنىڭ شۇنچە ھەشەمەتلىك ئۆيى بولامدۇ؟بۇرۇن نىمە ئىش قىلاتتىڭىز؟؟؟ھەيرانلىق ئىچىدە سۇئاللارنى ياغدۇرىۋەتتىم...
بولدى سىڭلىم،مىنى يامان قىز دەپ ئويلىماڭ،بۇ سۇئاللىرىڭىزغا بىراقلا جاۋاپ بىرەلمەيمەن،لىكىن سىزگە چىن قەلبىمدىن ياردەم قىلاي دەيمەن مىنى كىيىنچە چۈشۈنۈپ قالىسىز،لىكىن ماڭا ئىشىنىڭكى سىزگە ھەرگىزمۇ يامانلىق قىلمايمەن،دىدى.
ئۇنىڭ مۇلايىملىق يېغىپ تۇرغان چوڭ كۆزلىرىگە قاراپ سۆزلىرىگە ئىشەندىم.
بولىدۇ ھەدە،ئەتىلا نەرسە كىرەكلىرىمنى يۆتكەپ كۆچۈپ كىلەي،مەن شۇنداق دەپ ماڭماقچى بولۇپ تۇرىشىمغا ئىشىك ئېچىلىپ بىر قىز  كىردى،ئۇنى مەكتەپتە نەچچە قېتىم كۆرگەن ئىدىم.
-كىلىڭ رەيھان،بۇ سىڭلىمىز ئەمدى بىز بىلەن تۇرىدۇ ،دىدى ئۇ،
-ۋوي ،بۇ سىزكەنسىزغۇ،سىز مەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيسىزغۇ دەيمەن؟
-ھەئە،بۇ يىل قۇبۇل قىلىندىم،مەنمۇ سىزنى مەكتەپتە كۆرگەن ،ياتىقىمىز بىر بىنادا ئىدىغۇ؟ كىيىن ئانچە ئۇچراتمىدىم،ئۇزۇن ئۆرىمە چېچىڭىز مەندە تەسىر قالدۇرغان ئىدى،شۇڭلاشقا سىزنى تۇنىۋالدىم.
-ماۋۇ قىز بالىنى،مەنمۇ سىزنى كۆرۈپ ،ئادەممۇ مۇشۇنداق ئۇماق بولىدىكەن دەپ ھەيران قالغان ئىدىم،شۇڭلاشقا ئىنىق ئىسىمدە قاپسىز...
ھەممىمىز تەڭلا كۈلۈشتۇق-ئادەم مازاق قىلمىڭە،دىدىم مەن.
مانا ئىككىڭلارمۇ تۇنۇش چىقىپ قالدىڭلار،رەيھان بولسا مىنىڭ يۇرتلىقىم،ئىنىقراقىنى دىسەم بىز بىر مەھەللىلىك،شۇڭلاشقا ئۇنى بۇ يەردە تۇرۇڭ دەپ ئېلىپ كەلگەن ئىدىم،ئەمدى سىزمۇ قوشۇلدىڭىز،ئۈچىمىز تېخىمۇ خوشال ئۆتىدىغان بولدۇق.ھە،راس،سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ سورىماپتىمەن،ھەم ئۆزۈمنىمۇ تۇنۇشتۇرماپتىمەن،ئىسمىم راھىلە،ئۆزۈم خوتەندىن...
-سىلەمۇ خوتەنلىكما؟ئەجەپ ياخشى،مەنمۇ خوتەندىن ،ئىسمىم مىھرىبان،دىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ،ئۇلارمۇ شۇنداق خوشال بولۇپ كەتتى
شۇنداق قىلىپ مەنمۇ كۆچۈپ كىلىۋالدىم،ئۈچ بىر يۇرتلۇق بىر ئۆيدە جەم بولدۇق،رەيھانمۇ ئىنگىلىز تىلىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن تىزىملاتقان ئىكەن،ئۇمۇ تەتىلدە ئۆيىگە قايتمايدىكەن،مەنمۇ ئۇ تىزىملاتقان مەكتەپكە تىزىملاتتىم،چۈشتىن ئىلگىرى تۆت سائەت دەرىس ئاڭلايتتۇق،چۈشتە ئۆيگە  قايتىپ تامىغىمىزنى يەپ بولۇپ ،تەكرار قىلاتتۇق،رەيھان شۇنداق تىرىشچان ئىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ دەرىسىنى تەكرار قىلىپ بولۇپ،مىنىڭ ئۈگۈنۈشۈمگە يىتەكچىلىك قىلاتتى،ئۇ داۋاملىق ماڭار ،دۇنيادا تىرىشچانلىق بولسىلا يەڭگىلى بولمايدىغان مۇشكىلات يوق ،دەيتتى ئۇنىڭ ئورۇنلۇق سۆزلىرىگە قايىل بولاتتىم.راھىلە بولسا بىردە كىتاپ ئوقۇسا،بىردە بىزگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى.بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ چىرايلىق يوغان كۆزلىرىدىن چوڭقۇر ئازاپ ۋە ئېچىنىشنى كۆرگەندەك بولاتتىم،نەچچە قېتىم ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا بولسا،ئۇ ئۆزىنى قاچۈرۈپ جاۋاپ بەرمىدى،مەنمۇ يارا ئېغىزىنى تاتىلىماي دەپ ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە سۇئال سورىمىدىم.لىكىن قەلبىمدە بىر تۈگۈنچە بار ئىدى،يەنە مەن تىگىگە يىتەلمەيدىغان نۇرغۇن سۇئاللار بار ئىدى.
بۇگۈن سەھەر مەكتەپكە ماڭغاچ مەن خىياللىرىمنى رەيھانغا دىدىم.
راھىلە ھەدەم  ئۆزى يالغۇز بۇ شەھەردە نىمە ئىش قىلىدۇ؟يا خىزمىتى يوقكەن،يا تىجارەت قىلمايدىكەن،لىكىن شۇنچە باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن،ھەتتا بىزنىىڭمۇ ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى شۇنچە بايمۇ؟لىكىن ئۇ داۋاملىك قارىسا غەمكىن كۆرىنىدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
-توختا مىھرىبان،بەزى بىلىشكە تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى بىلمىگىنىڭ تۈزۈك،سەن كۆچۈپ كەلگىلى ئۇزۇن بولمىدى،كىيىنچە بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىگە ئۆزۈڭ جاۋاپ تاپالايسەن،ھازىرچە ئارتۇق ئىشلارغا باش قاتۇرماي ،ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇ،راھىلە ھەدەممۇ شۇنى ئۈمۈد قىلىدۇ،ئۇ بىزنىڭ بەختىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ بەختى دەپ بىلىدۇ...دىدى.
شۇندىمۇ كۆڭلۈم پەقەت ئارام تاپمايۋاتاتتى،بەزى ۋاقىتلاردا راھىلەم ھەدەمدىن گۈمانلىنىپمۇ قالاتتىم،ئۇ بىزنى تۇنىمىسا بىزگە نىمە ئۈچۈن بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ؟نىمە ئۈچۈن ھالىمىزدىن خەۋەر ئالىدۇ؟ئۇنىڭ زادى نىمە مەخسىدى بار؟مەن بۇلارنى ئويلاپ ئارامسىزلىناتتىم.

كۈنلىرىم ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتىۋاتاتتى،يېنىمدا ئۇ ئىككى قىز بولغاچقا ئۆيگە قايتالمىغان بولساممۇ لىكىن قىلچە يالغۇزلۇق ھىس قىلمىدىم ،تىرىشچانلىقىمۇ بىكارغا كەتمىگەن ئىدى،رەيھاننىڭ ياردىمىدە ئۈگۈنىشىمدە خېلى ئىلگىرلەش بولىۋاتاتتى ،راھىلە ھەدەم بىزنى خۇدى ئۆز سىڭىللىرىدەك ياخشى كۆرەتتى ،ھەم قاتتىق باشقۇراتتى ،دەرىسىمىز يوق ۋاقىتلاردا سىرتقا چىقماقچى بولساق ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالاتتۇق ،كەچرەك قالساق ئۇ تەربىيە بىرىشكە باشلايتتى ،قىش كۈنىدە بالدۇرلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە ئۇنىڭ نەسىھەتلىرىدىن خىجىل بولۇپ سىرتقا ئانچە كۆپ چىقمايتتۇق،قول-قولچە تاماق ئىتىپ خوشال-خۇرام يەيتتۇق،ھەدىلىرىمنىڭ ياردىمىدە مەنمۇ تاماق ئىتىشنى ئۈگۈنىۋالغان ئىدىم،كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن راھىلە ھەدەم ھەدىس كىتاپلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ھۇجرىسىغا كىرىپ كىتەتتى ،ئۇ 25لەرگە كىرىپ قالغان بولسىمۇ كىچىك قىزلاردەك شۇنچىلىك ئۇماق ئىدى ،كىيگەن ئىسلامچە كىيىملىرى ئۇنىڭ گۈزەل ھوسنىگە تېخىمۇ لاتاپەت قوشاتتى ئۇنىڭ تۇلۇق ھىجاپلىنىپ جەينىمازدا ئولتۇرغان قىياپىتى خۇددى رىۋايەتلەردىكى ھور- پەرىلەرنى ئەسلىتەتتى  ،بۇناق ۋاقىتتا ئۇنىڭ تولىمۇ گۈزەل،ئەمما ئويچان بىرجۈپ كۆزىدىن ئىختىيارسىز ياشلار سىرغىيىشقا باشلايتتى،بۇنىڭدىن تېخىمۇ ھەيران ئىدىم،بەلكىم ئاللاھقا سېغىنىپ ياش تۆككەندۇ ەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بىرەتتىم،رەيھان بولسا مەندىن پەقەت بىر ياشلا چوڭ بولسىمۇ ،تۇرقىدىن چىچەنلىگى بىلىنىپ تۇرىدىغان ،ھەممە ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىىغان دىتلىق قىز ئىدى،قويوق قوشما قاشلار ئاستىدىكى كىيىكنىڭكىدەك ئويناق كۆزلەرىن زىرەكلىك چىقىپ تۇراتتى،دائىم بىرلا ئۆرۈپ قويىۋېتىدىغان ئۇزۇن ئۆرىمە چېچى ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتەتتى ،ئۇنىڭ قوشىمىسىنى تۈرىۋېلىپ كىتاپقا تىكىلىپ ئولتۇرغاندىكى ھالىتى تولىمۇ گۈزەل ئىدى،ئۇ ھەركۈنى كەچلىگى ئۈگۈنۈشنى قولدىن بەرمەيتتى.بۇنداق ۋاقىتتا ئۆيدىكى كومپىيوتىر ماڭا ئوڭچە قالاتتى،  چ چ رىمنى ئېچىپ قويۇپ يۈرتتىكى دوسلىرىم بىلەن پاراڭلاشقاچ مۇنبەر كۆرەتتىم.
بۈگۈن رەيھاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى،گەرچە تۈغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشنىڭ ئىسلامى قائىدىلەرگە يات ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلسەكمۇ لىكىن راھىلە ھەەم چۈشتە لەغمەن ئىتىپ ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ،تاماق شىرەسىنىمۇ  رەيھان ئامراق تاتلىق تۈرۈملەر،مىۋە چىۋىلەر بىلەن توشقىزىۋېتىپتۇ،بۇنىڭددىن تولىمۇ تەسىرلەندىم...
تاماق يەپ ئولتۇرساق راھىلە ھەدەمگە تېلىفۇن كەلدى،ئۇ قىسقىلا تىچلىق سوراشقاندىن كىيىن،-ھە، بولىدۇ مەن ئالدىڭىزغا چىقاي،ەپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى.
-مۇھاممەت ئاكام كىلەمىكەن؟ راھىلە ھەدە،دېدى رەيھان.
-ھەئە،مەن ھازىرلا ئايدۇرۇمغا ماڭاي،يوللار توسۇلۇپ قېلىغلىق ھەقاچان،ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنىنى ئۇنچە تىز ھەيدىيەلمەيمەن،سىلەر تاماقنى ئالدىرىماي يەپ ئولتۇرغاچ تۇرۇڭلار.ئۇ شۇنداق دىدى -دە،ئالىراش كىيىنىپ چىقىپ كەتتى.
مەن ھەيرابولۇپ رەيھاندىن سورىدىم،
-كىمۇ مۇھاممەت ئاكام دىگەن؟
-راھىلە ھەەمنىڭ يولدىشى.
-نىمە؟راھىلە ھەدەمنىڭ يولدىشى بارما؟ئەجەپ ماڭا دىمەپسىلەرغۇ؟
-سەن سورىمىغان تۇرساڭ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئانچە مۇھىم ئىشمۇ ئەمەس.
-ئۇ قەيەرگە كەتكەن ئىدى؟
-مۇھاممەت ئاكام خەلىقئارالىق سودىگەر،ئۇنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرىشىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ،ئۆزى قەشقەرلىك.
-مۇنداق دە،ئەمىسە ئۇنىڭ ئۆيدە تۇرىدىغان ۋاقىتلىرى بەك ئازكەن ھە؟
-ئەلۋەتتە شۇنداق،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭ قەشقەردە يەنە بىر....
بولدى نىمىلەرنى دەپ كەتتىم،تامىقىمىزنى تىز يەپ ئۈگۈنۈشىمىزنى قىلايلى.
-ئۇنىڭ گەپنى مۇنداقلا توختىتىۋېلىشى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى.
-نىمىشقا گەپنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋېتىسەن؟ئاخىرىنى دىگىنە،ئادەمنى تەقەززا قىلماي...
-بولدى قىلە،كىيىن ھەممە ئىشلارنى بىلىپ قالىسەن،ئۇ شۈنداق دەپلا قاچىلارنى يۈيۈش ئۈچۈن ئاشخانىغا ماڭدى،قەلبىمدە يەنە بىر تۈگۈن چىگىلدى.
كىچىگىمدىن باشلاپ شۇنداق بىر مىجەزىم بار ئىدى،ئۆزۈم قىزىقىپ قالغان ئىشنىڭ سىرىنى بىلمىسەم كۆڭلۈم زادى ئارام تاپمايتتى،كۆزلىرىم تىلۋۇزۇر ئىكرانىدا بولسىمۇ خىيالىم بايام رەيھان يۈتىۋەتكەن گەپنىڭ داۋامىدا ئىدى...
ئىشىك چىكىلدى،بېرىپ ئاچتىم،ئالدىدا راھىلە ھەدەم،كەينىدىن 45ياشلار چامىسىدىكى ئىگىز بويلۇق،تولىمۇ سالاپەتلىك بىر ئادەم كىردى،ئۇنىڭ چىرايلىققىنە قويىۋالغان ساقىلى يۇمىلاق يۈزىگە شۇنداق ياراشقان ئىدى.

-ئەسىىلامۇ-ئەلەيكۈم سىڭىللىرىم،ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر؟
-ۋەئەلەيكۇم-ئەسسىلام  ،ئالاھقا شۇكىرى...
سالاملاشقاندىن كىيىن بېرىپ ئولتۇردى،ئۇرەيھان بىلەن ماڭا قاراپ،
قانداق ئوقۇشۇڭلار ياخشى كىتىۋاتامدۇ؟
يامان ئەمەس ھاجىكا،ئۆزلىرىنىڭ تىجارەتلىرىچۇ؟مەن جاۋاپ بىرىپ بولغۇچە رەيھان جاۋاپ بىرىپ بولدى.
ئالاھقا يۈز مىڭ شۇكىرلەر بولسۇن!يامان ئەمەس كىتىپ بارىدۇ.سىلەرگە سىڭلىم مىھرىباننىڭ قوشۇلغىنىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن!
راھىلە ھەدەم بىر تەخسە تاماقنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى.
قېنى تاماققا كىلىڭلار،
بىز تاماق يەپ بولۇق ھاجىكا،قېنى سىلە بېقىۋەرسىلە...
ئۇ تاماقنى شۇنچىلىك ئىشتىھا بىلەن يەپ تۈگەتتى.
ئۆينىڭ تامىقىغا نىمە تەڭ كەلسۇن،يەنە بىر قاچا كەلتۇرىڭە...
راھىلە ھەدەم ئاشخانىغا ماڭدى.
بۇئادەمنىڭ شۇنداق مۇلايىم ئىكەنلىەىنى ھىس قىلدىم،ئۇ بىزگە سەپەر ئۇستىدە كۆرگەن ئاڭلىغالىرىنى قىزىقارلىق ھىكايە قىلىپ بەردى.
قىزلارنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سرتقا چىققىلى قويمىدىم،سىز كەلگەندىن كىيىن ئەمدى بىزنى بىر ئوينىتىپ كىلەرسىز،دىدى راھىلە ھەدەم.
بولىدۇ،چاتاق يوق،ئەتە كۆڭلۈڭلار نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ بىرىمەن،لىكىن بۈگۈن سەل ھېرىپ قالدىم ،دېدى.
بىزمۇ ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىغىنى ئېيتىپ ياتاق ئۆيىمىزگە كىرىپ كەتتۇق،مەن رەيھان بىلەن ياتماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىردىم .
يەنە سۇئاللىرىڭ بار ئوخشىمامدۇ شەيتان قىز؟
ياقەي،پەقەت سەن بىلەن بىرگە ياتاي دىدىم.
ھە،بوپتۇگېپىڭ گەپ ھە؟مەندىن ئارتۇقچە ئىشلارنى سورىمايسەن.
مەن گەپ قىلمىدىم.
ياتتۇق،لىكىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىلىىغاندەك ئەمەس،راھىلە ھەدەم شۇنداق چىرايلىق تۇرۇم نىمە ئۈچۈن دادىسىدەك ئۇ ئادەم بىلەن توي قىلىدۇ؟ئۇنىڭ پۇلىنى كۆزلەپ شۇنداق قىلغانمىدۇ؟شۇنچە باي ئىرى تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن خىزمەت ئىزدەيدۇ؟نىمە ئۈچۈن باشقا پۇلدار ئاياللاردەك قىممەت باھالىق كىيىم كىيىپ ۋەزىبۇ زىننەتلەرنى بولىشىغا تاقاپ يۈرمەيدۇ؟زادى نىمە ئۈچۈن؟؟؟
يەنە نۇرغۇنلىغان نىمە ئۈچۈنلەر ماڭا ئاراملىق بەرمەيۋاتاتتى.لىكىن رەيھاندىن سوراشقا پېتىنالماي،يا ئۇخلىيالماي ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ ياتاتتىم.
ئۇيقۇڭ كەلمىدىما؟
-ھەئە،
بوپتۇ،بىلگەنلىرىمنى ساڭا دەپ بىرەي...
مەن شۇنداق خوشال بولۇپ كەتتىم،ئۇنىڭقا قاراپ ياتتىم.
رەيھان ھەەم ئەسلىدە ئۈرۈمچىگە ئۇقۇغىلى چىققان،كىيىن نىمە سەۋەپتىندۇر ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماپتۇ،شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەت ھاجىكام بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ توي قىپتۇ،ئۇنىڭ يۈرتىغا لىكىن سەن گۇمان قىلغاندەك كىچىك خوتۇنلىققا تىگىپتۇ،ھاجىكام ئۇنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن ۋە كۈيىنىدىكەن ،شۇنىڭغا قاراپ چوڭ خوتىنىمۇ ئارتۇقچە بىر نەرسە دىيەلمەي ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىپتۇ،لىكىن ھاجىكام كۆپۈنچە بىر يەردە تۇرالمىغاچقا ئۇ ئۆيدە بار ۋاقىتلاردا راھىلە ھەەمنى مەلىكىلەرەك كۈتىدىكەن،يوق ۋاقىتلاردە ئۆلگىچە ئىشقا سالغىنى يەتمىگەندە،قاتتىق گەپلەر بىلەن دىلىنى رەنجىتىدىكەن،بىچارە ھەدەم ئۆيىگە قايتىشقا ئامالسىز بولغاچ(چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ تويىغا قوشۇلماپتىكەن)چىشىنى چىشلەپ تۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ،لكىن ھاجىكام ئۇنىڭ كۈندىن -كۈنگە قۇدەپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ ئۆيدىكى خىزمەتكار ئايالدىن سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن ھەممىنى يۇشۇرماي سۆزلەپ بىرىپتۇ،چۈنكى راھىلە ھەدەم ئۆزى دىگىلى ئۇنىمىغان ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۆينى ئېلىپ بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويغان ئىكەن،مەنمۇ مۇشۇنچىلىك بىلىمەن،ئەمدى ئۇخلا تەنتەك قىز،دېدى.
لىكىن بۇ سۆزلەر مىنى قانائەتلەندۇرەلمىدى،قەلبىمدىكى نۇرغۇن تۈگۈنلەر يىشىلمىدى،بۇنىڭ جاۋابىنى راھىلە ھەدەمدىن تاپماقچى بولدۇم،


داۋامى بار



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-18 01:47 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
izna124 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12098
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 12:13:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 12:19:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ قىزىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم  ، تۈگەپ قالدى  دېسە  ،،ئىنكاس  شەكلىدە  يوللامسىز ياكى ؟؟؟
، ئاللاھ ھەممىمىزگە  ئاسانچىلىق بەرسۇن .ئەجەپمۇ  ئىچىم سىرىلىشقا باشلىدى ئۇ ئايالنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇماي  تۇرۇپلا

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 12:41:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يىزىپ بولغاندا ئوقۇي…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 12:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇش ئاۋۇپ كىتىپ بارىدىغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99474
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 03:13:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ خەققە بىر خوتۇن يەتمەمدىكى ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7391
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1169 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 03:44:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان يوللاپ بولارسىز؟؟سىز ئادەتتە داۋامى يوق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باقماپتىكەنسىز ھە؟؟ خەيييي،بوپتۇ، ساقلايلى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 04:13:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاش ساقلاش يەنە ساقلاش ،  ياخشى يىزىلىپتۇ ، ساقلايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99465
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2014-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 04:16:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىچۇ؟تېزراق يوللىۋېتڭە،،،،،،ساقلاپ قالدۇق،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97662
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2013-9-7
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 04:24:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى داۋاملىشۋاتاتتى،تۇگەپ كەتتى دېسە،قاچان يېزىپ بولاسىز؟!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش