مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8534|ئىنكاس: 19

مۇنبەرگە تىزىملىتىش دەرسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7681
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 625 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 10:14:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نۇرغۇنلىغان تورداشلار مۇنبەرلەرگە تىزىملىتىشنى بىلسىمۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى ياشىنىپ قالغان ياكى كومپيۇتېرنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن، كومپيۇتېرغا ئىشتىياقى بار تورداشلار مۇنبەرلەرگە تىزىملىتىشنى تىزىملىتىش كۆزنىكىگە نېمىلەرنى تولدۇرۇش لازىملىقىنى بىلەلمەسلىك، تىزىملىتىشنىڭ شەرتلىرىنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن تىزىملىتالمايۋېتىپتۇ، بۈگۈن 60 ياشقا كىرىپ قالغان بىر بوۋىمىزنىڭ روھلانغا تىزىملىتىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ تېلىفۇن قىلغانلىقىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم ۋە بۈگۈن كەچتە تىزىملىتىش ھەققىدە بىر دەرسلىك يوللاپ قۇيۇشنى ۋەدە قىلغان ئىدىم، قۇرۇق گەپنى تۈگىتىپ دەرسلىكنى باشلاپ كىتەي.
1-قەدەم تور ئادرىسىنى بېسىپ مۇنبەرگە كىرىمىز.
مەسىلەن:
روھلان مۇنبىرىنىڭ ئادرىسى: http://bbs.rohlan.com
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئادرىسى: https://uyghur-archive.com/misranim

2-قەدەم: مۇنبەرنىڭ ئۈستى قىسىمىدىكى تىزىملىتىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ دېگەن خەتنى تېپىپ چېكىپ ، تىزىملىتىش بېتىگە كىرىمىز.



3-قەدەم: بېكەت ئەگەر تىزىملىتىش كېلىشىمى بەلگىلىگەن بولسا ئاۋال سىزگە تىزىملىتىش كېلىشىمى بېتى كۆرۈنىدۇ، بۇ مەزمۇننى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، قوشۇلىمەن دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.



4-قەدەم: تىزىملىتىش بېتىدىكى ھەر قايسى ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىل تولدۇرىمىز.



(1) ئەزا نامى: (15 ھەرپتىن ئۇزۇن بولماسلىقى، 3 ھەرپتىن كۆپ بولۇشى، مۇنبەردە باشقىلار تىزىملاتمىغان ئىسىم بولۇشى شەرت)
ئەزا نامىنى تولدۇرۇشتا كۆپىنچە كىشىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بۇ يەردە ئىسىمنى ئۇزۇن يېزىش سىستېما تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولۇپ، ئىسىم ھەرپ ئۇچۇنلۇق چېكى 15 ھەرپ(بۇ ئېنگىلىزچىگە قارىتىلغان)، سىز ئادىلجان دەپ ياسىڭىز سىستېما ئەزا ئىسمى 15 ھەرپتىن ئېشىپ كەتمىسۇن دېگەن ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى چىقىرىدۇ، بۇ سۆزنى ئۇيغۇر يېزىقى بۇيىچە  ھېسابلىسىڭىز 7 ھەرپ چىققان بىلەن، سىز نىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىن بېسىپ كىرگۈزگەن ھەر بىر ئۇيغۇرچە كۇنۇپكىڭىز ئېنگىلىزچىدا 2 ھەرىپكە تەڭ بولغاچقا ئادىلجان دېگەن سۆز 16 ھەرىپكە باراۋەر بولۇپ، ئېشىپ كەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ.
شۇڭا قىسقا ئۇيغۇرچە ئىسىمدا تىزىملىتىڭ، ئۇمۇ بولمىسا لاتىنچە شەكىلدە كىرگۈزۈپ تىزىملاتسىڭىزمۇ بولىدۇ، adiljan دەپ لاتىنچە كىرگۈزسىڭىز 15 ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز.
لاتىنچىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Ctrl كۇنۇپكىسى بىلەن (كۇنۇپپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپ ئاستىدا) K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ باسسىڭىز بولىدۇ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە ئالمىشىدۇ.

(2) ئىم(پارول): ( سىز مۇنبەرگە كىرىشتە ئىشلىتىدىغان مەخپى نۇمۇرنى كۆرسىتىدۇ، چوقۇم 7 خانىلىقتىن يۇقىرى سان، ھەرپ، ئالاھىدە بەلگىلەرنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.)
(3) يەنە پارول: (ئالدىنقى قېتىملىق سالغان مەخپى نۇمۇرىڭىز بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش تولدۇرۇپ جەزىملەشتۈرىسىز.)
(4) Email: ( كۆپىنچە يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر دەل مۇشۇ يەردە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ، Email دېگەنلىك توردا خەت-چەك تاپشۇرۋېلىشتا ئىشلىتىلدىغان ئېلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ئادرىسى دېگەنلىك بولۇپ، سىز بۇ ھەقتە مەخسۇس تەييارلانغان Email دېگەن نېمە دېگەن تېمىنى كۆرۈڭ، شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى مۇنبەر ۋە باشقا تور بېكەتلەرگە تىزىملاتقاندا Email نى توغرا تولدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، سىز مۇشۇ Email ئارقىلىق مەخپى نۇمۇرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز مەخپى نۇمۇرىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەزالىق نامىڭىزنى داۋاملىق ئىشلىتەلەيسىز، Email نى خاتا تولدۇرۇپ سالسىڭىز كېيىنچە ئەالىق نامىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىى ئۇنتۇپ قالغاندا ئەسلىگە كەلتۈرۋېلىشقا مۇمكىن بولمايدۇ)
Email ھەققىدە تەييارلانغان مەخسۇس تېمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئېلخەت (Email) دىگەن نېمە؟ بىلىۋېلىڭ (什么是电子邮件)
http://bbs.rohlan.com/thread-17733-1-1.html

(5) جىنسى: QQ: ...... ۋە باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسەممۇ بۇنى تولدرۇرالايسىز، ئەگەر بۇ تۈرلەرنىمۇ بىلەلمىسىڭىز ياكى سىزدە يوق بولسا خالىغانچە تولدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ (كىرگۈزگىنىڭىز ئىناۋەتلىك بولسا كەينىگە توغرا بەلگىسى چىقىدۇ)

(6) تەستىق نومۇرى: (ماشىنا، دېتال بىلەن ئاپتۇماتىك تىزىملىتىپ، قالايمىقان ئۇچۇرلاررنى يوللاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى
بۇ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىككى خىل شەكىلدە بەلگىلەنگەن بولىدۇ. (بەزى بېكتلەر بەلگىلىگەن، بەزى بېكەتلەر بەلگىلىمىگەن، بەلگىلەنمىگەن بولسا ئىزدەپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)

بىرىنچى خىلى: رەسىمدىكى ھەرپ ياكى ساننى كىرگۈزۈش شەكلىدە چىققان بولسا ، شۇنىڭدىكى ھەرىپ، سانلارنى توغرا كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز مائۇسنى باشقا كاتەككە چەككەندە كەينىگە يېشىل رەڭدە توغرا بەلگىسى چىقىدۇ، ئەگەر ھەرپلەرنى ئوچۇق كۆرەلمىسىڭىز رەسىم كەينىدىكى ئالماشتۇرۇش دېگەن خەتنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئىككىنچى خىلى : سۇئال شەكلىدە چىقىدىغان بولۇپ، مىسالغا روھلان تورىدا مۇنداق سۇئال بەلگىلەنگەن.



بىرگە ئۈچنى قوشساق قانچە؟(جاۋابىنى رەقەم شەكلىدە يېزىڭ)    ----مۇشۇ سۇئالنى تەپسىلىي ئوقۇغاندىن كېيىن تەلەپ بۇيىچە 4 دەپ تولدۇرۇپ بەرسىڭىز توغرا بولغان بولىدۇ.
(بىر قىسىم مۇنبەرلەر تور بېكتىمىزنىڭ ئادرىسىنى يېزىڭ دېگەندەك سۇئال قالدۇرۇپ قويىدۇ ھەم جاۋابنىمۇ ئاساسەن بېرىدۇ، شۇنى بەرگىنى بۇيىچە تولدرۇسىڭىزىلا كۇپايە)

يۇقارقىلارنى تولۇق، تەلەپ بۇيىچە تولدۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، مائۇسنى بەتنىڭ قۇرۇق ئورنىغا بىرنى چەكسىڭىز، بارلىق كاتەكچىلەرنىڭ كەينىدە يېشىل رەڭلىك توغرا بەلگىسى چىققان بولسا ياكى قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى چىقىۋالمىغان بولسا سىزنىڭ توغرا ھەم تولۇق كىرگۈزگەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ، ئاندىن سىز ئاستىدىكى يوللاش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.

تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن، بەتنىڭ ئۈستى قىسىمىدىكى تەڭشەك دېگەننى بېسىپ، مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تولدۇرۋېتىڭ ھەم  ئۆزىڭىز مۇقىم ئىشلىتىدىغان باش سۈرەتنى تاللاپ چىقىرىۋېتىڭ.
تەپسىلاتنى بۇنىڭدىن پايدىلىنىڭ
باش سۈرىتى يوق ئەزالارغا باش سۈرەت تەييارلاندى
http://bbs.rohlan.com/thread-26498-1-1.html

ئەمدى سىز مۇنبەرنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇپ بولسىڭىز، تېمىلارنى كۆرۈپ، چۈشۈرىدىغان، كۆرىدىغان تېمىلاردىن تولۇق بەھىرلىنەلەيسىز.
بۇ تېمىدىكى بارلىق رەسىم ۋە يازمىچە مەزمۇنلار روھلان تورى ۋە مىسرانىم تورىغا مەنسۇپ، خالىغانچە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ، كۆچۈرسىڭىز مەزمۇن ۋە تور ئادرىسلىرىنى ئۆزگەرتمەي ئەينەن ئېلىپ چاپلاڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohlanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-17 10:18 PM  


روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7681
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 625 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 10:15:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دەرسلىك مەزمۇنى روھلان مۇنبىرى ۋە مىسرانىم مۇنبىرىنى ئاساس قىلىنىپ ئىشلەندى، كۆرۈنمە رەسىملەر روھلان مۇنبىرىدىن ئېلىندى، باشقا تەپسىلاتلار ۋە جەريانلار ئاساسەن ئوخشاش، بۇ دەرسلىك ئارقىلىق ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە تىزىملىتالمايۋاتقانلار تولۇق پايدىلىنالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32172
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3370 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 11:21:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rohlanbiz يوللىغان ۋاقتى  2013-11-17 10:15 PM
بۇ دەرسلىك مەزمۇنى روھلان مۇنبىرى ۋە مىسرانىم مۇنبىرى ...

بۇ دەرسلىردىن تولوق پايدىلاندىم، رەھمەت ئۆزلىرىگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 11:34:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5955
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2879 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 01:33:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام مۇنبەرگە ئەزا بولۇشتا  قىينچىلىققا ئۇچىراۋاتقان تورداشلارنىڭ  قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن بۇ تېمىغا  كۆپ ئەجىر قىلىپسىز ئەمگىكىڭىزدىن سۆيۈندۈق.
مەن روھلان مۇنبىرىگە بۇرۇنلا ئەزا بولۇپ ئۆزۈمگە ئېھتىياجلىق ماتىرياللاردىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ كىلىۋاتقان ئىدىم ... ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن ....ئامان بولغايسىز .


روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7681
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 625 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 01:45:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zvmrat يوللىغان ۋاقتى  2013-11-18 01:33 AM
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام مۇنبەرگە ئەزا بولۇشتا  قىينچىلىق ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، تورداشلارغا ئازراق بولسىمۇ نەپ يەتكۈدەك بىر نەرسە تېپىلغان بولسىلا ياخشى، بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohlanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-18 01:46 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 01:53:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ياخشى قوللانمىكەن،ئاللاھ خالىسا روھلان مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىمەن

كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10865
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 02:03:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،،،،،،،،،،،   قېنى بىر سىناپ باقايچۇ....  روھلانغا ئەزا بۇلۇپ

بىلمىگەنلەرگە ياخشى دەرىسلىك............


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99246
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 10:23:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇرۇن بىرنەچچە توربېكەتكە ئەزا بولاي دەپ تىزىملاتسام  ئىلخەت ئادرېسى خاتا دەپ تۇرۇۋىلىپ تىزىملىتالمىغان ئىدېم ،كىيىن چ چ  ئادرېسىمنى كىرگۈزۈپ تىزىملىتىپ ئەزا بولدۇم

ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 10:38:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز،مەن كومپىيۇتىربىلەن يىڭىلەتىن تونۇشقان بولغاچقايىڭى تىزىلىتىدىغان ھاغدانەچچەئايغىچەتىزىملىتىشىنى بىلەلمەي شۇنداق قېينالغان.يىڭى تىزىملىتىدىغانلارغانىسبەتەن شۇنداق ياخشى بىردەرىسلىك بوپتۇ،ئەجرىڭىزگەكۆپ تەشەككۈر.مەن كومپىيۇتىربىلەن يىڭىلەتىن تونۇشقان بولغاچقاسېستىماقاچىلاشنى پەقەت بىلەلمىدىم،پەرىزىمچەمەندەكلەرخېلى كۆپ بولساكىرەك.بىزدەكلەرنى كۆزدەتۇتۇپ مۇشۇدەرىسلىككەئوخشاش چۈشىنىشلىك قىلىپ سېستىماقاچىلاشنى ئۈگنىش دەرىسلىكىدىن بىرنى تۈزۈپ تەمىنلىگەن بولسىڭىزياكى مۇشۇبىلىملەرسۆزلەنگەن كىتاب ماتىرياللارنى تەۋسيەقىلغان بولسىڭىزسىزدىن بەك مىننەتداربولاتتۇق.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش