قاغا غاقىلدىغان چۆلدە
ھىكايە
-ھەر مىللەت ئاممىسى مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپئالغا ئىلگىرلەپ ئىنقاق ئاقسۇ قۇرۇپ چىقايلى ...
بوۋاي رادىئودىن بولسىمۇ ئوبدانراق بىر نەرسە ئاڭلاي دەپ رادىيونى ئاچىتى ، بۇ خەۋەرنى تۈنۈگۈن ئاڭلاپ بولغاچقا ، باشقا بىرە نەرسە بارمىدۇ دەپ باشقا قاناللارغا يۆتكەپ باقتى . باشقا قانللار دەپكەتكىلمۇ بولمايدۇ ، بوۋاينىڭ ئەپچىل بۇ رادىيو سىنىڭ پەقەتلا ئىككىلا قانىلدا بوۋاينىڭ تىلدا سۆزلەيتى . ئەمدى بۇ ئىككى قانالمۇ <<تىلنى بىر>>قىلۋېلىپ ئوپمۇ ئوخشاش سۆزلەۋاتقنى نىمسى . بوۋاينىڭ ئوغلى ئۇنۇڭغا ئېلىپ بەرگەن ، نىمىتى، تىلۋىزور ، شۇ ھېلقى بوۋاي ياش ۋاقتىدا رەمەتلىكنى ئېلىپ ئوسمان باينىڭ ئۈيىدە بىر كىچىلىكنى يىگىرمە تىيىندىن قىرىق تىيىنغا بىلەت ئېلىپ كىرىپ كۈرىدىغان، بىر چاغلاردا مودا بولغان ئەزمەتخان ئىچىدە مېڭىپ يۈردىغان ،دەڭشى دىگەن ئوقەتكە ئوخشاپمۇ قالدىغان بىر نەرسىنى ئېلىپ رەڭلىك تىلۋىزۇر دەپ تامغا كىگىز ئاسقاندەك ئېسىپ قويغان ئىدى .يەنە قازانغا ئوخشاش بىر نىمنى بىر ئۆگىزىگە ئەپ چىقىپ كىتىپ بىردەم بولغاندا ئېلىپ چۈشكەن ئىدى . ئاندىن تىزگىنەك دىگەن بىرنىمىدە مىتىلداپ باسقىنىچە ئەمدى بولدى ،نىمە كۈرسەن دىسەڭ شۇنى كۈرسەن دادا دەپ بىر يەنىڭ قانلىنى ئېچىپ كۈلۈپ ئولتۇرغان ئىدى . بوۋاي كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيتى ، چۈنكى تىلۋۇزردا چىقىۋاتقان كۈرنۈشلەرنى تازا ئىنىق كۈرەلمەيتى ، ئاۋازنى ئاڭلىماقچى بۇلاتتى–يۇ ئەمما ئامالسىز ئىدى ، بىر خىل ۋاراڭ چۇرۇڭ ، ئوغلى بىر ياقتا ئولتۇرۇپ كۈرۈپ كۈلۈپ ئولتۇراتتى ، بوۋاي ئەينى چاغدا لاي ئويناپ يۈرگەن بالسىنىڭ بۇنچىلىك چوڭ بۇلۇپ كەتكنىدىن خۇرسەن بۇلاتى دە يىنىك ئاۋازچىقىرىپ كۈلۈپ قۇياتى . بىرىنىڭ ئۈزىگە ھەمدەمدە بولۇپ<<ھۇزۇر>>لىنىۋاتقانلىقى تەنتەك ئوغۇلنىڭ كۈلكىسىگە كاتالىزاتۇر بولغان ئىدى ، ئوغۇل تىخىمۇ ئەزۋەيلەپ كۈلۈپ كىتىپ باراتتى . ئەمما بوۋاي ئەمدى كۈرۈشكە چىدىمدى ، بۇ ئالا بۇلماچ رەڭلەرئۇنىڭ كۈزىگە تەسىر قىلدى بولغاي ، ئىككى تامچە ياش ئىقىپ چۈشۈپ مەڭزىگە كەلگندە قورۇقلار ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى . بوۋاي تامتەرەپكە قارۋالدى . تامدا رەمەتلىك ئۆز قۇلى بىلەن تارتىپ بەرگەن زەدۋالغا كۈزى چۈشتى ...
-يۈرە لەقۋا ، قاچانغىچە ئولتۇرسە ، ئەزماتخاننى قۇيۇپ بۇلدۇ بىكا...
-جىندەك توپ تۇرسىلا ، مانتا پىشىپ قالدى ،مانتا پىشقىچە كىيىم يۆتكىۋالاي ....
-بۇلە ، ھېلى بىكار... –بوۋاي رھمەمەتلىكنى يالغاندىن قورقۇتۇپ قۇيۇپ كىرىپ كەتكەندە كەينىدىن قاراپ كۈلۈپ قويغان ۋاقتىنى ئەسلەپ مىيىقىادا كۈلۈپ قويدى ، ئوغۇلى گاھ كۈلۈپ گاھ قېتىپ فىلمنى كۈرۈپ ئولتۇراتتى . مومايمۇ ئىچىگە كىرىپ كىتىپ ، ھەي مۇشۇ ئادەمنىزە دەپ كۈلۈپ قۇياتتى ،ئۇنىڭ قورقۇتۇپ قويغانلىقنى بىلەتتى ، ئەمما چاندۇرمايتى ئاللا توۋا كۈتۈرۈپ قۇياتتى . بوۋاي بىلەن تەڭ بولمايتى ، شۇنداق بولغاندا بوۋاي ئۈزىنىڭ سۈرى بار ئەركەكلىكنى ھېس قىلۋالاتتى ، مومايمۇ بوۋاينىڭ چىن كۆڭلىدىن قىلمايدىغانلقىنى ، قىلسمۇ قول سالمايدىغانلىقنى بىلەتتى . ئۇلار پىشقان مانتىدىن بىر قاچا يۆگەپ ئېلۋالدى ، ئەلۋەتتە ئارقا ئىشىك ئۈچۈن ، مۇشۇ بىر قاچا بىلەن باشقىلار داق يەردە ئولتۇرسا بۇ لار كۆرپىدە ئولتۇرۇپ كۈرتتى . ھەي شۇ چاغدا كىنو دىگەن كىنو ئىكەن . مۇشۇ ئەزمەتىخانغا رھمەتلىك يامان ئامراقتى ، شۇڭمۇ تۇنجى ئوغۇلغا ئەزمەت دەپ ئىسىم قۇيمەن دەپ بىرنچى قېتىم بوۋاي بىلەن تەڭ بولغان ئىدى . <<ئاغىرقنى تەڭ تارتىشىپ بىر بالا تۇغۇشۇپ بىرىپ ئاندىن ماڭا ۋاقىرسىلا >> خۇتۇنىڭ مۇشۇ گىپى گە رەھمى كېپ قالغان بوۋاي ، بىر قېتىم مەيلىگە قۇيۋەتتى . ئەمما ئەزمەتخاندىن كۈللەپ بىر نەچچە قېتىم يىنكىراق ئۇرۋەتكەن ئىدى. ئىېرى تۇرۇپ ئەزمەتخان دەپ يۈرۈش قاملىشامدۇ دەيسىز ، ئەمما ھازىرقى نەدىكى قىسىپ دەسسەپ ماڭىدىغان نامى ئەركەك چولپانلارغا چۇقۇنۇپ رەسىمىنى ياتاق تېمىغا چاپلىۋېلىپ << بۇ مىنىڭ شەخسيىتىم >>دەپ جار سالغان ئاشۇ نەۋرە قىزلىرىغا بوۋاي ئامالسىز ئىدى .
-ئاپلا دادامەن ماڭاي ، ئالدىرايمەن –شۇنداق دەپلا پىكاپىنىڭ تىزگىنىكىنى بېسۋەتتى . ھويلىدىكى ماشنا غۇجام مەن تەييار دىگەندەك قىلىپ ۋىتىلداپقويدى .
- بالام چاي قاينتدىغان نەرسىنى توكقا ئۇلاپ قويدۇم ، ھازىرلا چاي دەملەي دىۋىدىم .
-ۋاي ۋاي ... ۋاي دادا ھەجەپ ئوبدان ئىسىمگە سالدىڭ ، تۇرۇپ تۇر ھە ..-يىگىتتىزلا چىقىپ كەتتى .
-تاماقنىڭگىپىنى قىلمىساڭ ئۇنتۇپ قالاركەنمەن .ماۋۇ سەن ئامراق مانتا، بىر قاسقان دىگىنە ، توڭلاتقۇغا سېپ بىرەي ، ئىسىتىپ يەۋالساڭلابۇلدۇ ، چۈشلۈكۈڭنى مىكروئۇچاققا مەن سەپ قۇياي سەل تۇرۇپ يەۋالغىن .
-كىلىنبالىغا ئاناڭ رھمىتى بىلگندەكلا ئۈگۈتۈپقۇۇپتىكەن ، ئۈزىنىڭ مەخپى رىسالىسنى ، ئۆز ئەينى ، كىلىن بالامنىڭ قۇلى رھمىتى بىلەن ئوخشاش ... -
بالابوۋاينىڭ گىپى تۈگۈمەستىنلا ماشىنسنى ئوت ئالدۇردى، ئاندىن قۇلنى كۆكسىگە قۇيۇپ ئامان بول دىگەچ دېرزنىڭ ئەينەك ئىتىدىغان كۇنۇپكىغا قول ئۇزاتتى ... بوۋاي رادىيونى ئىتىۋىتىپ بايا ئوغلى چاڭ چىقىرىپ كىتىپ قالغان يولغا قاراپ ئولتۇردى . ئادەم قېرىسا ، بۇلۇپمۇ جۈپتىدىن ئايىرلسا شۇنداق خىيالچان بوپقالدىغان ئىشمىكى ، باش ئاخرى يوق خىياللار .يولدا بۇرۇن ئۇششاق باللىلار قوغلۇشۇپ ئويناپ يۈردىغان كۇچا ،مانا ھازىر جىمجىت . تىلۋىزوردا بەرگەن ئېلان راس ئوخشىمامدا ، قارغاندا ھەممە ئەر خۇتۇن تۇغماس بوپ قالغانمىدۇ. ھەي ...باللىقتا بوۋايلارغا يالۋۇرۇپ كىتەتقۇق چۆچەك ئېيتىپ بىرىڭ دەپ .ھېلقى ئىمنىاخۇن رھمەتلىك سۆزلەيدىغان بولسا ھەممىمىز يەپ يېرمى قالغان ئالما نەشپۈتلىرىمىزدىكى چىۋىنلەرگىمۇ قاراشقاچۇلمىز تەگمەي قالاتتۇق ... تۈگۈگەندەبولسا قۇلمىزدىكى ئالما نەشپۈتكە قاراپ چىقىراپ كىتەتۇق ... چىقىشە ئەمدى ئاپاڭ ئىزدەپ دەۋا قىلدۇ ھىلى دەپ ھايدىىسا يەنە بىرنى دەپ ئولتۇرۋالاتۇق .بەزى چاغدا ئىشىم بار دىسە ، << مائايمنى سىژ يەڭ ،يەم بىي قايتا سۆزيەپ بىيىڭ ماقۇيمۇ ئىمىن دادوي >> دەپ ئەركىلەپ كەتسەك يۇقۇلىشە دەپ قوغلاپ كىتەتتى ، بىز يۈگۈرگەن پىتى چوڭ ئۈژمە دەرخىگە چىقۋالاتۇق .ئەمدى كىتىپ تۇرشىغا چاققانلىق بىلەن پەسكە چۈشۈپ :
ئىمىنەمۇ ئىمىنە ماڭا قاراپ قويغىنە ،
ماڭا قارپ قويمىساڭ قۇيرۇقڭنى تاتىمە.
دىيىشكىنمىزچە چاپىنىڭ پىشىگە ئېسلىۋالاتتۇق . رھمەتلىك ئاقكۈڭۈل كىشى بولغاچقا ئارتۇق گەپ قىلمايتى . رھمەتلكنىڭ باللىرى بىزنىڭ قىلقىمىزنى كۈرۈپ ئېغىزنى تۇتۇپ كۈلگىنىچە : <<بوپتۇ دادا ماۋۇ بۇدۇشقاق مايمۇنلارنىڭ زۇۋاننى ئۈچۈرۈڭە ... ئىش سىز قىلمىغانغا ئېشىپ قالمايدۇ ، مېڭشە ، كاتقاچىقىشە مايمۇنلار ، باراڭغا ئېسىلشما ئېسىپ قۇيمەن جۇمۇ ، ئايقىڭنىمۇ سېلىش >>دەپ قۇشۇپ قۇياتتى كىلنى .... شۇ ۋاقىتلارئىسىلكەن . مانا ھازىر مىنى ئالما بىرىپ ئالدايدىغان باللار تۈگۈل ،يانچۇقۇمغا كەمپۈت سېلىپ يۈرگلى نەچچە كۈن بولدى ، مەن ئالدايدىغان بالا يوق ... مەن ئالداپ ئاپرىپ ساتمايتىم .... ئاشۇ چۆچەكچى بوۋايلار ماڭا مىراس قالدۇرغان ياق ياق ئامانەت قالدۇرغان شۇ چىن تۈمۈرباتۇرنىڭ ، نۇزۇگۇمنىڭ داستانلىرىنى كىينكىلەرگە تاپشۇرۇپ بىرەي دىگەن . ئامانەتنى تاپشۇرماي بۇلامدۇ ؟ قىنى شۇلار؟ مەن كىمگە تاپشۇرمەن ؟؟؟؟! نەۋىرلىرىم كەلسە ، يانچۇقۇمدىىكى پىنسىيە پۇلىنى سۇغارغۇچە ئاق بوۋان، بەلەن بوۋام ، ئاغزى تاتلىق بوۋام دەپ سۈيۈپ كىتىدۇ ، پۇلنى ئالدىمۇ بولدى ، ئايپاتەمگە(بوۋاي ئايفۇن ئايپەتنى ئىسىدە تۇتالماي شۇنداق كۆنگەن ئىدى) دۈم چۈشكەن . نىمە مۆجىزە باردۇ دەيمەن ئاشۇئوقەتتە ، چوڭلارنى ، ئاشۇ ئىسىل چۆچەكلەرگە قۇلاق سالماس قىلۋەتكەن زادى.... بۇ ھۆكمەتنى زە ياسمايدىغان بىرنىمىسى يوق ، ئاڭلىسام پات كەلگۈسىدە ئادەمنى ياسارمىش ، توۋا توۋا.....
بوۋاي ، خىياللارنى قوغلىۋىتىپ بىردىن بىر ھەمرايى ---ئۆيگە ئوغلى ئۈچۈن قىزىتقان قايناق سۇغا چاي دەملەپ ئۈستىگە ناۋاتسالدى ، ئاندن بايا ئوغلى چۈشتە يەرسەن دەپ مىكرو ئۇچاقنىڭ ئىچىگە سەپ قويغان مانتىنى ئاياق (ياغاچتىن ياسالغان قاچا)بىلەن ئالدى . ئوغۇلنىڭ ئېلىپ بەرگەن جانان چىنلىرى ئىشكاپتا تىزىقىلىق ،نىمىشقىكى مۇشۇ قاچىغا ھېرسمەن . چۈنكى بۇقاچا شۇنداق خىسلەتلىك قاچا . چاي بىلەن مانتىنى ھەر چاينىشىدا بىر خىل تۇنۇشتەمنى ھس قىلغان بوۋاي ، خۇددى ئەپيۇن چىكىۋاتقان مانجۇ خانىدەك ھۇزۇر ھالاۋەت ئىچىدە ئىدى . بوۋاي مانتا تۈگەپ قالمسۇن دەمدۇ ياكى بەكرەك ھۇزۇرلىنۋالاي دەمدۇئىشقىلىپ ئۇزۇن چايناپ ئۇلتۇرۇپ كىتەتتى ، ئېغىزىدا ھىچ نىمە قالمىغاندا بولسا ، يەنە بىر چىشلەم ئېغىزىغا سالاتى ، بىر تال مانتا تۈگەپ قالغۇچە بەزىدە چايمۇ سوۋۇپ قالاتى .ھەي بۇ مانتىلا نەگە كىتىدىغاندۇ ، راسلا چىشمنىڭ ئارسىغا كىرىپ كىتەمدىغاندۇ....
بوۋاي مانتىسىنى يەپ بۇلۇپ ھويلىغا چىقتى. ھويلىدىكى قۇناقلىرى ئۇرۇش ۋاقتىغا يىتىپ قالغان ئىدى. ئۇرۋەتسەم بولغۇدەك دەپ خىيال قىلىپ بولغۇچە ، ياندىكى سۈگەتكە باغلاپ قويغان ئىشكى ئىنجىقلاشقا باشلىدى ، پەرىت قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ <<ئىككى دانە گاز بومبىسى >> مۇۋاپىقيەتلىك قۇيۇپ بىرلدى ، ئايغا چىقامدۇ مارىسقمىۇ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم .ئارقىندىنلا شۇنداق ياڭراق ئاۋازدا ھاڭراپ كەتتىكى ، سۈگەتىكى قۇشقاچلار بىردىنلا گۈرىدە قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى . بۇقېتىملىق ئۇزۇن مۇساپلىك يۇقرى ئاۋازلىق ناخشا ئېيتىش كانسىرتى ناھايتى ئۇزۇن ئېلىپ بېرلدى ، بۇ سەت ئاۋازدىن بىئارام بولغان ئىتلار يىراقتىن قاۋاپ ئىتراز بىلدۈرەتتى . قوشنىلارنىڭ تۇخۇلىرى قىقاس چۇقان سالاتى ، خورازلىرى ئەنسىز ۋاقىراپ قۇياتتى ، بىر ئىككىسى خوراز پەدسىگە چىللاپمۇ قۇياتتى ، قوي ئۆچكىلەرنىڭ مەرىگەن ئاۋازىمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە . ھەتتا رام تەكتىچىلىرگە قۇرۇلۇش سالغان ھەرلەر توپىمۇ تىرە پىرەن بوپ كەتكەن ئىدى . يان خوشنىسىنىڭ شەلىك كىلنى جېنىدا بۇ يۇقرى ئاۋازلىق ناخشىچىغا چاۋاك چالمايلا ، ئىشكنى زەردبىلەن گوم قىلىپ يېپىپ كىرىپ كەتتى . يەر يۈزدىكى جىمى مەۋجۇدات بۇ ئاۋازدىن بىزار ، پەقەت بوۋايلا ئىشەككە قاراپ كۈلۈپ تۇرغىنى تۇرغان . چۈنكى ئىشىكلا ئۇخلاپ ياتقان مەھەللىنى ئويغۇتالايتى ، مانا شۇ چاغدىلا مەھەللە تۈگۈل ئويغانغاندەك ، مانا بوۋاي جېندا خېلى جانلىنىپ قالدى .... جانۋار ھەي جانۋار ، ئۇرۇيلى دەپ بولغۇچە مانا مەن يەيمەن دەپ سىگىنال چالدىڭ ھە ،ئەمما ھۇجۇمغا ئۈتۈش سىگىنالنى بالدۇر چېلۋالدىڭ ، بىزدە قۇرال يوق ، جۈر بازاغا بارايلى، بۇرۇنقى ئورغاقنىڭ ئىشلەتكۈدەك يېرى قالماپتۇ ، بېرىپ ئابلەت تاڭ تۇڭ نىڭ تۈمۈچىخانسىغا بېرىپ بىر ئوغاق ئەكىلەيلى ، سىنىمۇ تاقلاپ قۇياي ، بوۋاي گىپىنى دىگەچ ئىشەكنىڭ دۈمبىسىنى تاتلاپ قويدى . ۋە تۇرۇپ تۇر دىگەچ ئۆيگە قاراپ ماڭدى ... بۇسۇغىغا كىلىپ تۇرشىغا ،جانۋار بايا ھاڭراشتا ئارتۇق سۈمۈرۋالغان ئوكسىگىننى بومبىغا ئايلاندۇرۇپ ئىككى مەرتەم ئىتۋەتتى ... ۋە بۇرندا پۇشقىرتىپ قويدى .بوۋاي كەينىگە بۇرلۇپ ھەي جانۋا تاس قاپسەندە مىنى پارتىلىتىپ قويغىلى ،ھاھا ... ھاياسىز شۇڭا ھايۋەندە سەن ...ھاھا...
بوۋاي ئۆيگە كىرىپ قىزىل ۋاراقتىن بىرنى(پۇل) ئالدىدە سىرتقا قاراپ ماڭدى ، ئەمماتىلۋۇزۇرغا كۈزى چۈشۈپ قالدى ، شۇئان چاقماق تىزلىكىدە ئەقىل تېپىپ رھمەتلىك تىكۈچىگە بىرشىكە ئۈلگۈرمىگەن دۇخاۋىنى ئەپ چىقىپ يېپىپ قويدى ، بۇنداق بولغاندا ئوغلى ئېلىپ بەرگەن سوۋىغنى ئاسراپ تۇتقلى بۇلدۇ ، گەرچە كۆرمىسىمۇ يەنلا ئوغۇلنىڭ كۆڭلى دە . يەنە كىلىپ ئايالنى كۆرگەندەك بۇلدۇ ، بوۋاي ئەقلىدىن مەنمۇن بۇلۇپ ئۈزدىن سۈيۈنۈپ كەتتى ، ئەمما قىزىل ۋاراق بايا رەخ ئالغاندىكى ساندۇق يېندا ئۇنتۇلۇپ قالدى ، ئۇنىڭ يۈزىدە قاپقارا چىۋىندىن ئىككىسى مىدىرماي تۇراتتى ..بوۋاي چىقىپ ئىېشىكىنى تۇقىدى ، ئىشەك بولسا بۈگۈن بارغۇسى يوقتەك قىلىپ توختىماي مىدىرلايتى . بىر ئامال قىلىپ ئۈزىگە مىندۈرمەيۋاتاتتى ... بۈگۈن باشقىچىلا بوپ قاپسەنغۇ جانۋارىم . ھايىت، شۈك تۇر دەيمەن ... بۇنى بىلسەم باياتتىن بالام ئەزمەتنىڭ ماشىنىسىغاچىقۋالمامتىم . يەنە شۇنداق قىلدىغان بولساڭ سېتىۋىتىمەن ، ئۇ چاغدا ئوغلۇمغا دەپ ماشنا ئالدۇرمەن ....<< توغرابالىسنىڭ ئېلىپ بەرگۈسى ھەم ئېلىپ بەرگۈچىلكى بار ئىدى ، ئەمما بوۋاي بېشىم قايدۇيەي ، كۈنۈپ قاپتىمەن يەي دەپ زادىلا ئۇنمىغان ئىدى . باللارنىڭ بىرى شەھەرگەئېلىپ كىتىمەن دىسە ياق بالام ئۇ سەرڭگەقېپى ئۈيۈڭگە زورلىما ، چقىپ بولغۇچە جىنىمساق قالدىغانغا كۈزۈم يەتمەيدۇ دەيتى .بىرنچى قەۋەتتكە كۆچەيلى ئەمسە دىسە ئۈستۈمدە بىرى مېڭىپ يۈرگەندەك بىر قىسمابۇلۇپ قالدىكەنمەن دەيتى . ئىشقىلىپ باھانە جېق ئىدى ، ئۇ ھەم ئوغۇللىرىغا بېسىم بوپ قالمىسۇن دەيتى ، مۇھمى رەھمەتلىككە چىدىمايتى . ئايالنىڭ قويغان تۇتقىنىغا چىدىمايتى .>> ئىشەك باشقاچاغدا بۇنداق ئەمەس ئىدى ، بۈگۈن نىمەبولدىكىنا ؟ ئەمما ەبدەس بوۋاينىڭ تاپىنىدىن بۇ ئىشەكنىڭ شۇنچىكى كەپسىزلىكى نىمگە ھىساب دەيسىىز . دىررر... ماڭە جانۋا .... مەھەللە دوقمۇشىدىن ئۆتكۈچە ئۇچراپ قالغان ياشلار ئەسسالام قارىكا باۋمانى سەيلە قىلدۇراي دەپلىىدە ، دىسە ، ئوتۇرا ياشتىكىلەر ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم قارىكا ، سىلنىڭ بۇ تۇلپارلىرى ئادەمنى بىر قول ئېلشتۇرۇپ كۈرۈشكىلى قويماستىن ئېپ قاچىدا ، قۇيۇن دىسلە قۇيۇن ...دىيىشەتتى . تەڭ دىمەتىلك بوۋايلار بولسا ، ۋوي قاراخۇن ،باي خۇجامنىڭ ئاتىسى بوپ قاغاندا ماۋۇجانۋاغا جاپا سالماي سانتانادا ماڭسىلا ئەمدى... دىيىشەتتى ، مومايلار بولسا يىنىك سالام قىلىپ ئۈتۈپ كىتەتتى .... بوۋاي بولسا ھەمىسىگە قۇلنى كۆكسىگە قۇيۇپ تۇرۇپ كۈلۈمسىرەپ ۋەئەليكۇم ئەسسالام دەپ جاۋاپ قايتۇراتتى ، قول ئېلشىپ كۈرشەي دىسە ئىشەك ئۈستىدە تازا قاملاشمىغان ، چۈشۈپ كۈرشەي دىسە چقىپ چۈشۈپ يۈرۈش بوۋايغا ئاسانمۇ دەيسىز ....بوۋاي مەللىدىن قايرىلغاندا كەڭ ئاسفالىت يولدىن ئايرىلىپ چىىغىر يولغا تىزگىننى تارتتى . ئاشۇ باللىق ۋاقىتلاردا ئىشەكلىك بوۋايلارنىڭ كەينىدە قوغلاپ قوشاق تۇقۇپ يۈرگەن كەپسىزلەر قىنىكىنە .... بوۋاينىڭ شۇ ۋاقىتلار يادىغا كىلىپ بوشقىنە كۈلۈپ قويدى .دەل شۇ ۋاقىتتا قۇرۇپ كەتكەن تىرەك ئۈستىدە ئولتۇرغان قېرى قاغىدىن بىرى ئەنسىز غاقىلدىدى !!! ئاغىزىڭغا پوق دەپ ۋارقىرىدى بوۋاي ، دەل شۇ ۋاقىتتا ئىشەك تېخمۇ كۈچەپرەك ھاڭراپ تاشلىدى .نىمىشقىكىن بۇ چاغدا بوۋاي كۈلەلمىدى ، پەقەت ئىشەكنىڭ ھاڭرىشىدىن ھۈركۈپ ، شەرىق تەرەپكە قايرىلىپ غاقىلدىغاچ ئۇچۇپ كىتىپ بارغان قېرى قاغىغا قاراپ تىنى شۈركۈنۈپ (قاغا چىلىسا شۇملۇقنىڭ بىشارتى ) خۇدايىم ئۈزەڭ پاناھىدا ساقلىغىن دەپ قويدى . ۋە كۆڭۈلدىكى ئەندىشنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن غىڭىشىپ قۇياتتى ، تۇرۇپلا توختاپ ئىشەككە گەپ قىلپ قۇياتتى ، ئىشەكنىڭ چىۋىن قورۇپ باش لىڭشتىقىننى ماڭا قىلغان جاۋابى دەپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ يەنە ناي ناينى باشلاپ قۇياتتى .... (داۋامى بار )
ئۇزۇندىن بىرى مىسرانىمغا بىر تىما يوللاش خىيالىم بولسۇمۇ گەرچە ئۈچۈرلۈپ كىتىشتىن ، ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يازغان نەرسەمنىڭ كۈپۈككە ئايلنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ يوللىمىغان ئىدىم ، ھەم ئىلگىرى بىر نەچچە تىما يوللاپ نەچچە كۈن ساقلىساممۇ خەت خەۋەرسىز يۇقاپلا كەتكەن ئىىدى ، شۇڭا تېخمۇ خۇدۇكسرەپ يازمىغان ئىدىم . بۈگۈن بۇ ھىكايەمنى يېزپ ئولتۇرۇپتىمەن . بەرىبىر بىر قېتىم يوللۇشۇمغا رامكىغا پاتمايدىكەن . ھەم يېزىپ بەك ئىچىكىرەلەپ كىرىپ كىتىپتىمەن . بىلمىدىم تورداشلارنى زىكتۈرۈپ قويامدىم تىخى ، شۇڭا ھەر تەرپلىمە ئويلاپ چاتما يوللاشنى لايىق كۆردۈم . باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپ قويساڭلا، ئەگەر تەستىقلىنىپ قالسا ، ياختۇرغان تورداشلار بىر ئىككى ئېغىز ئىنكاس يېزىپ قويساڭلار كۆڭلۈمدە ئىشەنچىم ئېشىپ قالسا ، بەلكىم ھىكايەمنىڭ راۋاجى تېخمۇ مەپتۇن قىلارلىق چىقار ئىدى .
قىنى، قېرى قاغا بوۋايغا قانداق شۇملۇقتىن بىشارەت بەردىكىن ، داۋامى ئاللاھ خالىسىا ھۇزۇرۇڭلاردا .....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-17 06:29 PM