مىكروسوفت Windows نى چقىرىپ ئارىلىقتا 30 يىل ۋاقىت ئۆتتى ، بۇ ۋاقىت ئىچىدە Windows نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى ، قاتتىق دېتال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ، ئىنتېرنېت تورىنىڭ باش كۆتۈرىشى ۋە كونا رەقىبى ئالما شىركىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشى بىلەن مىكروسوفتمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ Windows نى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىدى .
1985-يىلى Windows 1.0 رەسمىي ئېلان قىلىندى ، ئىككى يىل بۇرۇن بېل گايتس بۇ سېستىمىدا تۇنجى بولۇپ ئوچۇق ئاشكارا مەشغۇلات قىلغان . بۇ سېستىما ئەمەلىيەتتە MS-DOS مەشغۇلات سېستىمىسىغا رەسىملىك كۆزنەك قوشۇلغان سېستىما بولۇپ چىقىرلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، بىر قىسىم MS-DOS كومپىيوتېرى ياساش شىركەتلىرى ئۇنى ئشلەتكەن .
بۇ 1984-يىلى 1-ئايدا Mac مەشغۇلات سېستىمىسى ئېلان قىلىنىپ ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت بولۇپ ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆججەت قىسقۇچ شەكلى قوللىنىلغان ، بۇيرۇق كود قۇرى كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئاساسىي كۆپ ۋەزىپە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يوق ، ھەم كۆپ خىزمەت رايونىمۇ يوق .
1987-يىلى12-ئايدا Windows 2.0 دۇنياغا كەلدى ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتلىنىدىغان كۆزنەك ، ئىلغار كۇنپكا تاختىسى ، كۆزنەكنىڭ << ئەڭ چوڭ قىلىش >> ۋە << ئەڭ كىچىك قىلىش >> ئۇقۇمى ئىدى .
1988-يىلى 5-ئايدا Windows 2.1 چىقتى ، ئۇنىڭ ئىككى نۇسخىسى بولۇپ ، بىرى ئالاھىدە ياسالغان ئىنتېل ئۆزىكىدە ئىجرا بولاتتى .
1990-يىلى 5 ئايدا Windows 3.0 ئېلان قىلىندى ، بۇ تۇنجى ئۇتۇقلۇق بولغان سېستىما ، ئۇنىڭدا كۆپ تەرەپلەرگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىچكى سىغىم باشقۇرۇش ۋە كىچىك كۆزنەكتە ئىجرا بولىدىغان MS-DOS پروگراممىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
1992-يىلى 3-ئايدا Windows 3.1 چىقتى ، بۇنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇقىم بولۇپ ،CD-ROM نى قوللايدىغان تۇنجى Windows سېستىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
1995 -يىلى Windows 95 ئېلان قىلىندى ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئۇقۇملىرى ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ، مەسىلەن،قوزغىتىش كۇنۇپكىسى ، ۋەزىپە سىتونى قاتارلىقلار . ئۇ چوڭ مۇۋاپىقيەتكە ئېرىشىپ ، ئەڭ ئالقىشقا ېرىشكەن مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ قالدى .
Windows 95 نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىكرسوفت ئامېرىكىدىكى داڭلىق رىياسەتچى جەي لېنونى پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ ، بېل گايتسنى داغدۇغلۇق تونۇشتۇردى .
1998-يىلى Windows 98 مەيدانغا چىقتى ، بۇ ۋاقىتتا ئىنتېرنېت تورى بارلىققا كەلگەن بولغاچقا ، Windows 98 تە تور يۇمشاق دېتالى ۋە ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى .
2000-يىلى2-ئايدا مىكروسوفت Windows 2000 نى چىقىرىپ ئۇنى بىخەتەر ، كەسپىي كۆزنەك مەشغۇلات سېستىمىسى دېدى ، ئەمەلىيەتتە بۇ سېستىمىدا نۇرغۇن يوچۇق بولۇپ ، ھەر كۈنى ئۇنى تولۇقلاشقا توغرا كېلەتتى ، 2010-يىلى مىكروسوفت بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىشتىن توختاتتى .
2000-يىلى 9- ئايدا ,Windows ME چىقتى ، Windows 2000مەخسۇس كەسپىي خادىملار ئۈچۈن لاھىيلەنگەن بولۇپ ، Windows ME ئائىلىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن لاھىيلەنگەن ،بىراق بۇ سېستىما مۇقىم ئەمەس بولۇپ ، ئابونتلارغا نۇرغۇن ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلگەن .
2000-يىلى 11-ئايدا بېل گايتس ئۆزگەرتىلگەن Windows تاختا كومپېيوتېرنىڭ ئەسلى تىپىنى كۆرسەتتى . بىراق بۇ ئانچە ئومۇملاشمىدى .
2001-يىلى3-ئايدا ئالما Mac OS X 10.0 نى ئېلان قىلدى ، ئۇنىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈشى نەپىس .
2001-يىلى 10 -ئايدا Windows XP دۇنياغا كەلدى ھەم ياخشى باھاغا ئېرىشتى ، ئۇنىڭ سۈرئىتى تېز ، مۇقىم بولۇپ ، سىرىتقى كۆرۈنۈشى نەپىس ، ئىشلىتىشكە قولايلىق . ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشى بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىدۇ .
2007-يىلى 1-ئايدا Windows Vista نۇرغۇن كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى ، بىراق ئۇنىڭ كۆرۈش ئۈنۈمى قوپال ، ئىقتىدارىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس .
2009-يىلى Windows 7 چىقتى ، ئۇ Windows Vista دىكى نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلغان بولۇپ ، كۆپ يادرولۇق ئۆزەك قوللىنىلغان ، سۈرەت كۆسىتىش ئۈنۈمى ياخشىلانغان .
2010-يىلى مىكروسوفت Windows Phone 7 كۆچمە مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئېلان قىلدى .
2012-يىلى 10-ئايدا Windows 8 مەيدانغا كەلدى .
2012-يىلى 10-ئايدا Windows Phone 8 چىقتى . ئۇ سۈزۈكلىكى 720p ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ئېكراننى قوللايدۇ .
ئەسلى مەنبە :ئۇيغۇر خەۋەر تورى
http://uynews.com/mazmun.php?hid=1692
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 u5 J3 s' X3 |0 D