مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 640|ئىنكاس: 8

قار ياغقان ئاخشام (خۇرشىد دەۋران) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 01:35:51 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قار  ياغقان ئاخشام (خۇرشىد دەۋران)

ئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرى خۇرشىد دەۋران 1952-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ قەدىمىي شەھىرى سەمەرقەندتە تۇغۇلغان.
1977-يىلى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1979-يىلى ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ھازىر ئۆزبېكىستان تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى 2-يۈرۈش ‹‹ياشلار›› قانىلىنىڭ باش دېرىكتۇرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
خۇرشىد دەۋراننىڭ ھازىرغىچە  «قەدىردان قۇياش»، «تۈندىكى باغلار»، «شەھەردىكى ئالما دەرىخى»، «ئۇچۇپ بارىمەن قۇشلار بىلەن»، «تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى»، «بالىلىقنىڭ ئاۋازى»، «قەقىنۇس»، «باھاردىن بىر كۈن بۇرۇن»،  «تەنھا قۇشنىڭ پەرۋازى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى،  «قىرىق ئاشىق دەپتىرى»،  «دېڭىز ياپراقلىرى»، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياش شائىرلىرى»، «ساكۇرا گۈللىرى تۆكۈلەر» قاتارلىق تەرجىمە شېئىرلار توپلاملىرى ۋە «ساھىبقىراننىڭ نەۋرىسى»، «شېھىدلار شاھى»، «سەمەرقەنت گۈللىرى»، «يەتتە دەرۋىش كىتابى» قاتارلىق تارىخ، پەلسەپىگە ئائىت ئوچىرك، ماقالىلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. «تېمۇرنامە» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتىلغان، «بابۇر»، «ئالغۇل» ناملىق درامىلىرى ئۆزبېكىستان ۋە چەتئەل سەھنىلىرىدە ئوينالغان. بىر قىسىم  شېئىر توپلاملىرى ئەزەربەيجان، پولشا، بۇلغارىيە، روسىيە، تۈركىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئامىرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، مېكسىكا، تاجىكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردە نەشر قىلىنغان. خۇرشىد دەۋران كۆپ قېتىم خەلقئارالىق شېئىرىيەت فېستىۋاللىرىغا ھەمدە ئامىرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا يازغۇچىلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1999-يىلى ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان. 2000-يىلى ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ دېپۇتاتلىقى (پارلامېنت ئەزالىقى) غا سايلانغان.
ئۇنىڭ شېئىرلىرى  تىلىنىڭ ئويناق ۋە نەپىسلىكى، جەزبىدارلىقى، شېئىرى ھىسسياتنىڭ چوڭقۇرلىقى، ئىنساننىڭ نازۇك ھېس- تۇيغۇلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بىرىشى، تۈرلۈك مەجازى ۋاستىلەرگە بايلىقى، تارىخ تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلىنىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى سۇندۇق.


چېچىڭدىن باشقا

دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا،
دولقۇنىدا ئاقاي دېسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
قاراي دېسەم ، باقاي دېسەم.
ئىسمىڭدىن باشقا بىر سۆز يوقتۇر،
ئېيتاي دېسەم ، توۋلاي دېسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
يالقۇنىدا كۆيەي دېسەم.
مېھرىڭدىن باشقا كۈندۈز يوقتۇر،
سۆزلىرىمنى تاپلاي دېسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
ئۆزگە يولدا كېتەي دېسەم.

كېرەك بولسا

كېرەك بولسا قىلىچ ئۇچىدا،
ياشا سۆيگۈم  سەن مەجنۇن بولۇپ.
سېرىق رەڭلىك گۈللەر ئىچىدە ،
ئېچىل كېيىن قىزىل گۈل بولۇپ.
دىلىڭدىكى سۆزنى ئېيت پەقەت،
بەختلىك قىل سۆيگەن ئايالنى.
ئاڭا سەن زەر-تىللانى ئەمەس،
ئىنئام قىلغىن ئاينى، شامالنى.
ئۆچۈڭنى ئال ، ياۋدىن، زۇلمەتتىن ،
ساتقىنلاردىن ، ئەڭ ئاخىرقى مەيدان .
سان-ساناقسىز تېرەكلەر ئارا،
ئەڭ قۇۋۋەتلىك چىنارغا ئايلان.
يالغان بىلەن تولغاندا ئەتراپ،
ئىچىڭگە يۈت ، تىترەك نالىنى.
چاللار جىمجىت  بولۇپ قالغاندا.
ئالقىشلىغىن چىن سۆزلۈك بالىنى !

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى ،
ئۇ قىلىچىم قانغا زار ئىدى .
قىلچىمدىن ئايرىلار بولدۇم ،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى ،
تىغىدا ياۋ قانى خار ئىدى ،
قىلىچىمدىن ئايرىلار بولدۇم ،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى ،
ئۇنى ماڭا بەرگەن يار ئىدى ،
قىلىچىمدىن ئايرىلار بولدۇم ،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .
يات قىلىچلار قانغا زار ئەمدى ،
يات قىلىچتىن قانىم خار ئەمدى .
باشقىلارغا يار بولدى  ئۇ  قىز  ،
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى .

سۆز قۇشتۇر

سۆز – قۇشتۇر ،
ئاۋايلا ئۇنى .
ئاۋايلا كۆكسۈڭدە سەن ئۇنى ئۇچۇر .
قانىتىنى سىلاپ ئەركىلەت ،
ئۆز قېنىڭدىن ئۈچۈرگىن قۇشقا .
شېئىر – ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ ،
قۇياشقا تەلپۈنەر ئۇ ئۇچۇپ-ئۇچۇپ.
شېئىرنىڭ تۆت مىسراسىغا قەپەز بولمىغىن ،
ئاسمان بولما مۇمكىن سۆز ئۈچۈن …

بولدى يېتەر تەلمۈرمەڭ ئايغا

بولدى يېتەر تەلمۈرمەڭ ئايغا ،
ھە ، بىلىمەن ئاي بەكمۇ گۈزەل،
تويۇپ بولماس بۇنداق چىرايغا .
يېتەر ئەمدى تەلمۈرمەڭ كۆككە ،
گەرچە قىزغۇچ يۇلتۇزلار،
سىرداش كەبى بولسىمۇ يۈرەككە .
بولدى دېمەڭ  ئۇ ھىلال پاتار ،
ئۇ  كىشنىگەن ساپ- سېرىق تۇلپار،
تۇمانلاردەك يېيىلىپ ياتار .
يەرگە بېقىڭ خۇددى شۇ چاغدا ،
يۇلتۇزلاردەك يۇمران مايسىلار ،
باش كۆتۈرۈپ ئۈنۈپ چىقماقتا .
دېرىزىنىڭ پەردىسدىكى قارنى
دېرىزنىڭ پەردىسدىكى قارنى ،
كۈزىتىدۇ تۆۋەندىكى گۈل.
تاشقىرىدا ياغقان چاغدا قار ،
ئۆيدە كىتاب ئوقۇغىن ماقۇل .
تاشقىرىدا ياغقان چاغدا قار ،
بۇ ئوي سۈرۈپ ئىڭرىماق دېمەك.
ۋە چىراغنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ ،
ئاپئاق شامنى ياندۇرماق كېرەك .
تاشقىرىدا ياغقان چاغدا قار ،
كوچىدىكى چىراغدەك پارلاپ .
قانداق ياخشى مەيۈس ، بەختىيار ،
قىز كېلىشنى ئولتۇرساڭ پايلاپ .
قانداق ياخشى كۈزەتسەڭ تۇيۇپ،
تاشقىرىدا ياغقان ئاق قارنى .
ھېچ بولمىسا ئالدىڭغا قويۇپ ،
ئۆتكۈر شاراپ ، بىر بۇردا ناننى .
بىراق نېچۈن چىدىماس يۈرەك ،
كىيىنىمەن  ئاستا بىمادار .
قىيىن ئىكەن ئۆيدە ئولتۇرماق ،
تاشقرىدا ياغقان چاغدا قار .

ئادەملەر

بۇ ئادەملەر ھەسرەتكە تولۇپ ،
قانداق ئويلار سۈرۈپ ماڭىدۇ ؟
تاڭنى ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ ،
تۈن قوينىدا يۈرۈپ ماڭىدۇ ؟
بۇ ئادەملەر يۈرىكى كۆيۈپ ،
قاي مەنزىلنى كۆزلەپ ماڭىدۇ ؟
ئۇلار ئاسان يوللارنى قويۇپ ،
خەلقىم دەيدۇ ، بوزلاپ ماڭىدۇ .
بۇ ئادەملەر كۆكسى-بوغۇزدىن،
كۆزلىرىدىن نېچۈن ئاقار قان ؟
بۇ ئادەملەر تۆككەن قانلاردىن ،
تۈن قوينىدا كۆكىرىدۇ تاڭ !

مىرتېمىر خاتىرىسىگە

شەھەر ئۆزرە يېغىۋاتىدۇ قار ،
تۇيار ئىدۇق سوغۇق تەپتىنى .
ئۇزاقلاردا كەزمەكتە باھار ،
بىز يوقىتىپ قويغاندا سېنى .
بىز يىغلىدۇق ، جىددىي ۋە مەھزۇن ،
كۆپەيمەكتە سەزدىم دوستلارنى .
كۈي ئاقماقتا غەم كەبى ئۇزۇن ،
قوزغاتقانچە دىلدىن ھېسلارنى .
دەپىنىدىن قايتتۇق مۈكچىيىپ،
ئېزەر ئىدى كۆرۈنمەس تاۋۇت.
قار سۈيىدە يۈزلەرنى يۇيۇپ ،
شىۋىرلىدۇق“ يۈرەك ئەستە تۇت“
شەھەر ئۆزرە يېغىۋاتىدۇ قار،
تۇيار ئىدۇق سوغۇق تەپتىنى  .
ئۇزاقلاردا كەزمەكتە باھار،
بىز يوقىتىپ قويغاندا سېنى  .
شۇندا كىمدۇر ، كىم ئۇ ؟ ئەستە يوق،
دېدى غەمكىن ئەگكىنىچە باش :
مېيىتىنى كۆتەرگەن چاغدا ،
كۆزلىرىدە كۆردۈم تامچە ياش.
ئاھ ! دوسلىرىم يۈرەك سەزمەكتە،
ئۇ كۈزىتەر ئەمدى بىزلەرنى .
كۆزىدە ياش ئۇ يىغلار ئىدى،
قىيناپ قويدۇم دەيدۇ سىزلەرنى .
تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان
تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان ،
يادىمدىدۇر خەندان كۆزلىرىڭ .
كۈلۈشۈڭنى ئەسلەيمەن بۇئان ،
ئۇنتۇلغاندۇر يالغان سۆزلىرىڭ .
ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدەك قىزىل ،
ئالۋۇن ئىدى تەبەسسۇمىڭ ھەم .
ئەي كۆزلىرى خەندان ئۇرغان قىز ،
سەندىن ماڭا قالدى پەقەت غەم .
مەن بىلىمەن ئەڭ ئاخىرقى دەملەر ،
ھالسىزلارچە ئۇزاتسام قولۇم .
سېنىڭ ، سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ ئىچرە ،
كۆزلىرىمگە باقىدۇ ئۆلۈم.

جىملىق

دەردلىرىمنى ئېيتسام تۈنلىرى ،
-جىم ئولتۇرۇڭ دەيدۇ خوتۇنۇم.
ناخشا ئېيتسام ناۋالار قىلسام ،
-جىم بولۇڭ دەپ ۋارقىرار قوشنام .
جاراڭلىسا قولۇمدا كىشەن ،
-جىم بول دەيدۇ ، قەھرىلىك دۈشمەن .
گۈلزار ئارا سايرىسا بۇلبۇل ،
-جىم بول دەيدۇ سۇلغان ئەتىرگۇل .
ئۇسسۇل ئويناپ ، ناخشىلار ئېيتسا ،
-جىم ئولتۇرغىنا دەيمەن بالامغا .
جىم بولساڭچۇ  دەپ ۋارقىرىماقتىمەن ،
دىلىمدىكى يىغا -نالەمگە .
جىملىق مېنىڭ ئۆمرۈم-ھاياتىم ،
جىملىق مېنىڭ  ئاخىرقى پەريادىم .
جىملىق بىلەن چۈشكەن بەسمۇ-بەس !
پەقەت يۈرەك ،
يۈرەك جىم ئەمەس…

شېئىرىيەت بۇ قىيىن ئىش ئەمەس

شېئىرىيەت بۇ قىيىن ئىش ئەمەس ،
يازساڭ ئەگەر يۈرەكنى ئاسراپ .
بىراق شېئىرنىڭ بىر سەتىرنى دەپ ،
قان تۆكەرگەن تۈنلىرى مەشرەپ .
شېئىرىيەت بۇ قىيىن ئىش ئەمەس ،
يېتەر تاپساڭ قاپىيە : ياز ، ساز .
شېئىرغا بەزەن ھاۋادەك زۆرۈر ،
ئەرك سۆزىگە قاپىيە : قىساس !
سەن ياشىغىن قورقۇپ قانچىلىك ،
شېئىر ئۇنى قىلىدۇ ئاشكار .
قورقاق بولساڭ ، قورقاق بولار شېئىر ،
مەردانىمەن ، دەپ جار سالساڭ بىكار !
ئانا يۇرتنى كۈيلىمەك ئۈچۈن ،
شېئىرىڭغا بەرگەندەك يۈرەك ؛
ئۇنى يۇرتقا بەرمەك ئۈچۈن ھەم ،
دائىم ، تەييار تۇرمىقىڭ كېرەك .
تۇمارىستەك ئايال قوللىرىن ،
قانداقلارچە تىلەركەن كەچكۈز .
قەغەزدىكى شېئىرىم يوللىرى ،
يۈرىكىمدە قان قالدۇرغان ئىز .
زەھەر ئىچىپ ئۆلگەن ئاكتيوردەك ،
پەردە چۈشسە تىرىلسەڭ بىكار .
شائىر – شېئىرى ئالدىدا تىرىك ،
شېئىر ئۆلسە ئۆلمىكى دەركار !
شېئىر تۇيۇش – ناگىھان دىلدىن ،
سەن قولۇڭغا ئالغاندا ناننى .
بۇغداي قېنى ، يەردىن شۈمۈرگەن ،
ئەرك دەپ جەڭدە تۆكۈلگەن قاننى .
قىز ۋە شامال ھەققىدە قوشاق
دەردلىرىمدەك ئۇزۇن كوچىنى،
ئاياقلىرىڭ سۆيمەكتە ئىدى.
ئۇخلاپ قالغان ئاي پەرىسىنى،
ئويغىتاتتى چېچىڭنىڭ ھىدى.
يىراقلاردىن ساڭا ئىزمۇ- ئىز،
ئاشىق شامال ئەگىشىپ كېلەر.
يول بىرەتتى ساڭا ئۇ ئۈنسىز،
يول بىرەتتى گۈلگۈن مايسىلار.
كۆزلىرىڭگە ئاي باقار قېنىپ،
كۆزلىرىڭ ئاي نۇرىدەك تازا.
مانا كەلدىڭ مەلەڭگە يېنىپ،
سېنى يۇتار كونا دەرۋازا.
غەمكىن شامال كوچىدا قالار،
مىت قىلمايدۇ قاناتلىرى تېنىچ.
پارچە-پارچە قىلىپ تاشلىنار،
ئۇ كۆتۈرۈپ ئەكەلگەن سەۋىنچ.
ۋە لەۋدىكى بۆسە ھىدىدىن،
مەست بولغانچە ھالسىز، بىماجال.
قارىياغاچقا كۆكسىنى يېقىپ،
مۇڭلۇق- مۇڭلۇق يىغلايدۇ شامال…

ماۋزۇسىز

ماۋى رەڭلىك ئاسمانغا باقتىم،
ئاسمىنىمغا ئايلاندى ئاسمان.
زۇمرەت دالا بولدى مېنىڭكى،
باققىنىمدا چەكسىزلىك تامان.
باغرى ئەلۋەك باغلارغا باقتىم،
كۆكرىكىمگە باش قويدى بۇ كۆز.
تاڭ نۇرىنىڭ دولقۇنىدا جىم،
يۈرىكىمدە چاقنىدى يۇلتۇز.
ئىچتىم ئوتلۇق شاماللارنى مەن،
شاماللارغا ئايلاندى باغرىم.
قۇچىقىنى ئاچتى بىر لېۋەن،
ۋە ھاياتنى قېنىپ كۈيلىدىم.
ھەر كىشىنىڭ بولسۇن ئاسمىنى،
لاۋالىرى بولسۇن قەلبىنىڭ.
ئەركتەك ئۇلۇغ ئانا ماكانى،
چەكسىزلىكى بولسۇن ھەركىمنىڭ.
***********
تەبىئەتتۇر مېنىڭ داۋامىم،
تۇتاش ھامان قەلبىم قەلبىگە.
ئۆمرۈم باغلىق ئاي ھەم قۇياشى،
دەريا، دالا، دەرەخلىرىگە.
يالپۇزلارنى قۇچاقلاپ سەرخۇش،
مۇھەببەتكە چۇلغىنار قەلبىم.
بېشىم ئۆزرە ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇش،
خىيالىمنىڭ داۋامى بەلكىم.
تۈنلەر نەپەس ئالماي ياتارمەن،
مېنى قۇچار شادلىق ۋە ئەلەم.
دەرەخ كۈلكىسىنى كۆرگەنمەن،
كۆرگەنمەن كۆز ياشلىرىنى ھەم.
************
ئىشىكلەر توساتتىن بىر قۇچاق نۇرنى،
چېچىپ يۈرەر ئىدى تۈننىڭ كۆكسىگە.
ئىشىكنى ياپىمەن، تېنىچ كوچىلارنى،
كېزىپ تەلمۈرىمەن ئاينىڭ ھۆسنىگە.
كىيىن دالالارغا چىقىپ كېتىمەن،
مەن بىلەن باغلاردا تەمتىرەيدۇ تۈن.
بۇلۇتلار ئاقىدۇ، يۇمىمەن كۆزنى،
ئاستىمدا مايسىلار ئوقۇيدۇ ئەفسۇن.
تۈن شەھەرنى قۇچقان، بەختلىك ئايال،
يىگىتنىڭ كۆكسىگە قويۇۋاتقان باش.
ئۇخلار پەرەنجىگە پۈركەنگەن گۈللەر،
كۆرپىدە تەخت قۇرغان مۆشۈككە ئوخشاش.
پەقەت ئۇزاقلاردا تۈنگى قىرلاردا،
كۆزلىرى قارا قىز، قېشى قارا قىز.
يىگىتنىڭ كۆكسىگە ئەمەس، دالادا
ئۇياتقا باش قويۇپ ئۇخلايدۇ يالغۇز…

قار ياغقان ئاخشام

قار ياغقان ئاخشام
كەزسەڭ شەھەرنى
خىرى-شىرە كوچىلارنى
كەزسەڭ،قوللىرىڭنى يانچۇققا سېلىپ
لەۋلىرىڭدە ئىرىسە قارلار.
ئويلىساڭ يىراقتا قالغان كىمنىدۇر
شۇ قارنى ئويلىساڭ،قەلبىڭ تىترىسە
بولۇپمۇ ئويلىساڭ سەن سۆيگگن قىزنى
بولۇپمۇ ئويلىساڭ ئاناڭنى…
قار توختىمىسا
توختىمىسا قەدىمىڭ
ئۆزۈڭمۇ گويا قار ئۇچقۇنىدەك
سىڭىپ كەتسەڭ تۈننىڭ باغرىغا.
كىمگىدۇر يول بەرسەڭ كىمگىدۇر سالام.
ئەمما ئۆزۈڭ سەزمىسەڭ بۇنى.
قار ھامان توختىماي يېغىۋەرسە جىم
ئازساڭمۇ سەزمىسەڭ ئازغانلىقىنىڭنى…  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-17 01:46 PM  


سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 02:16:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەتراپلىق شەرھىيلەپسىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6716
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 04:30:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان ئىكەن.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 07:50:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا مەن مۇش شېئىر دىگەن نەرسىنى پەقەت چۈشەنمەيمەن دىسە.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32166
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3368 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 11:06:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان شىئېر ئىكەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 11:37:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدەيدىغاندۇ ئاۋۇ مۇنبەرداش…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11248
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 770 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 10:22:33 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىنىڭ بۇ مۇنبەرگە يوللىنىشى  ئەخمىقانىلىق بۇ مۇنبەردە  بۇ شېئىرلارنىڭ قەدىرىنى بىلىدىغان ئىنسانلار يوق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 11:51:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىنىڭ بۇ

ئالتۇن ياتىدۇ سايدا   ، تونىمىساڭ نىمە پايدا

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27253
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5236
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 645 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 10:47:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شئىرنىڭ تەرجىمەسىنى سىز قىلغانمۇ؟
ئەلكۇيى تۇرىدا باشكا بىرسىسىنىڭ نامىدە ئىلان قىلىغاندەك يادىمدا بار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش