دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاپاق مەدەنىيىتى
يۈسۈپجان ئىمىن جەۋلانى
دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى يوشۇرۇنغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ سىرلىق ۋە سېھىرلىك باغرىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر دولانلىرى ئۇزاق زاماندىن بۇيان ئۆزگىچە مەدەنىيەت يارىتىپ ھەم بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلگەن.
بۇ مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى قاپاق مەدەنىيىتى- ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ ئېقىن بويلاپ كۆچۈپ ياشىشى جەريانىدا ئۈزۈكسىز بېيىپ ۋە راۋاجلىنىپ، ئۇيغۇردولانلىرىنىڭ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، ئوۋچىلىق ۋە باشقا تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگىچە سىڭىپ بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلار ئۇزاق سەپەرلەردە، ئوۋچىلىق، چارۋا- مال بېقىش، تېرىقچىلىق ئىشلىرىدا، دىنىي پائالىيەتلەردە ۋە باشقا تۈرلۈك يىغىلىشلاردىلا ئەمەس، ھەتتا دولان چالغۇ ئەسۋابلىرىدىمۇ قاپاقتىن ئايرىلالمىغان، ئۇنى ئۆز تۇرمۇشىدا ئاقىلانىلىك ۋە ئەپچىللىك بىلەن ئىشلەتكەن، ئۇنى ئەتىۋارلاپ خاسىيەتلىك بۇيۇم دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن.
ئۇيغۇر دولانلىرى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان قاپاقنى ئۆز تۇرمۇشىدا ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان خاسىيەت ۋە سىرلىرىنى بايقىغان. نەتىجىدە قاپاققا ئېلىنغان سۇنىڭ تومۇز ئىسسىقتىمۇ سوغوق تۇرىدىغانلىقىنى، ياغ (سۇ مېيى) ئالسا ياغ تەمىنىڭ ئۆزگىرىپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، قاينىتىلغان شور تۇز قاچىلاپ ئىگىر سېلىپ قويسا، نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى، ئاچچىقسۇ (سىركە) قاچىلاپ ساقلاپ ئىچسە ئۆزگىچە تەم ۋە خۇش پۇراقنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى، يۇمران ۋاقتىدا تاماق بىلەن قوشۇپ يېگەندە ئىسسىقتىن بولىدىغان تۈرلۈك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى، قان تازىلايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن. ھەتتا 41 يىل لەھەڭنىڭ قارنىدا ئىسىتقامەت قىلىپ يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنى قاپاقنىڭ بارىڭىدا سانىلاندۇرۇپ ۋە قاپاق بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇپ، ھاياتى ساقلاپ قېلىنغان. ئەل ئارىسىدا تۇغالمىغان ئايالنىڭ تۇغۇتى ئاسان بولۇش ئۈچۈن بېشىدا قاپاق چاقىدىغان ئادەت بولغان. شۇنداقلا قاپاق يوق ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، قاپاقتا تاھارەت ئالسا ساۋاب بولىدۇ، مېيىتنى قاپاقتىكى سۇدا سۇغا ئالسا ساۋاب بولىدۇ، دەيدىغان قاراشلار ساقلىنىپ ئەتىۋارلانغان.
ئۇيغۇردولانلىرى قاپاقنى شۇ قەدەر ئۇلۇغلاپ ۋە ئەتىۋارلاپ كېلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، يەنە چوڭ قاپاقلارنى بىر- بىرىگە چېتىپ باغلاپ ئۈستىگە توغراق بادرىلىرىنى تىزىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، توقۇنۇش - جېدەللەردە، مال- چارۋىلارنى كۆچۈرۈشتە، چوڭ- كىچىك يىغىلىشلاردا، دەريا- ئېقىنلاردىن ئۆتۈشتە، يېنىك- ئەپچىل، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كۈچى يۇقۇرى، چۇچۇپ قوراشتۇرۇشقا ئوڭاي، يۆتكەپ- كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قۇلاي بولغان كېمە (سال) ئورنىدا ئىشلەنگەن، كىچىكلىرىگە دورا-دەرمەك، ناسىۋال، مەجۈن دېگەندەكلەرنى قاچىلاپ بەلۋاغقا ئېسىۋالغان، ئۇزاق مەزگىل ياغ قاچىلاپ ئىشلەتكەن قاپاقلارنى چېقىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويۇپ، دىنىي پائالىيەت كۈنلىرىدە، تۈن قاراڭغۇسىدا، ئوۋ مەزگىللىرىدە، دەريا- ئېقىندىن ئۆتۈشتە، گۈلخان مەشرەپلىرىدە، توي- تۆكۈنلەردە مەشئەل (ئوتقاش) ئورنىدا ئىشلەتكەن.
دولان ئۇيغۇرلىرى قاپاقنى چىدامچانلىق ۋە سۈپىتى جەھەتتىن «تاش قاپاق» ۋە «خەس قاپاق» دەپ چوڭ ئىككى تۈرگە ئايرىغان. تۇرمۇشتا ئىشلىتىش شەكلىگە قاراپ بوغۇزلۇق قاپاق، تاھارەت قاپاق، چوڭ نوگوي، كىچىك نوگوي، تۇزلۇق نوگوي، ناسۋال قاپاق، غوڭ قاپاق، قوشۇق قاپاق قاتارلىق سەككىز تۈرگە ئايرىغان.
(1) بوغۇزلۇق قاپاق- بوغۇزلۇق قاپاقنىڭ ئۈستى تەرىپى كىچىكرەك بولغان 8 شەكلىدە، بېشى چىنىچىلىك ئاستى ئارا جاۋۇرچىلىك بولۇپ، ئاساسەن بوينى پىششىق شوينا بىلەن ھالقىسىمان باغلىنىپ، بېشىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ، دەريا- ئېقىنلاردىن، قۇدۇق- كۆللەردىن سۇ ئېلىپ ئائىلىدە، سەپەردە، ئوۋدا، تېرىقچىلىقتا ئىشلەتكەن. بۇ قاپاقنىڭ چوڭلىرىغا بىر سوغا (مالتاق) سۇ ياكى ياغ سىغقان.
(2) تاھارەت قاپاق- تاھارەت قاپىقىنىڭ ئاستى تەكشى يۇمۇلاق، چىنە چوڭلۇقىدا بولۇپ، بوينى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كەلگەچكە ھەم ئاسان ئۆرۈلۈپ كەتمىگەچكە، قاچا- تاۋاق يۇيۇشقا، تاھارەت ئېلىشقا، مېيىتلەرنى يۇيۇپ نامىزىنى چۈشۈرۈشتە ۋە ئىخچام تۇرمۇش ئىشلىرىدا ئىشلەتكەن.
(3) چوڭ نوگوي- چوڭ نوگوينىڭ بوينى كەتمەن دەستىچىلىك ئۇزۇن، سىپتا بولۇپ، بېشى چوڭ چىنىچىلىك بولغاچقا سېپىنىڭ ئۇچىغا بادرا باغلىنىپ چوڭقۇر قۇدۇقلاردىن، قىرغاقلىرى تىك دەريا- ئېقىنلاردىن سۇ ئېلىشقا، توختام كۆللەردىن بېلىق تۇتۇشقا ئىشلەتكەن.
(4) كىچىك نوگوي- كىچىك نوگوينىڭ سېپى چوت دەستىسىچىلىك، بېشى ئارا پىيالىچىلىك كېلىدىغان بولغاچقا، ئاساسەن سوغا، مالتاقتىن، ئىدىشلاردىن سۇ ئېلىشقا، بېشى يايپاڭراق كېسىلگەنلىرى تاماق ئۇسۇشقا ئىشلىتىلگەن.
(5) تۇزلۇق نوگوي- تۇزلۇق نوگوينىڭ سېپى كۆپۈنچە ھىلال ئاي شەكىلدە بېشى دولان يەرلىك ئالمىسىدەك كېلىدىغان بولغاچقا، چوڭ قاپاقلارغا قاچىلانغان تۇز، ياغ، ئاچچىقسۇ (سىركە)، سۇيۇق دورا- دەرمەك قاتارلىقلارنى ئېلىشقا ئىشلەتكەن. چۈنكى ئۇنىڭ بېشى سىپتا، سېپى ياي شەكىلدە بولغاچقا قۇيۇپ قويغان ئورنىدىن ئاسان دومىلاپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
(6) ناسىۋال قاپاق- ناسىۋال قاپاق تۇخۇمچىلىك بولۇپ، بوينى بۇغۇمچاق بولغاچقا ئاساسەن دورا- دەرمەك، مەجۈن- ناسىۋال دېگەندەك نەرسىلەرنى قاچىلاپ، يىپەك ياكى زەر يىپلار بىلەن باغلاپ بەلباغلىرىغا ئېسىۋېلىشقان. بۇ شۇ دەۋردىكى ئەركەكلەرنىڭ ئايرىملىرىدا نوچىلىقنىڭ سۈپىتى بولۇپ قالغان.
(7) غوڭ قاپاق- غوڭ قاپاق ياڭاقچىلىق بولۇپ، ئاساسەن بوينى ۋە سېپى بولمىغاچقا بىر ياكى ئىككى يەردىن تۆشۈك ئېچىپ كەپتەرلىرىگە ئېسىپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۇزۇر تۇيغۇسىنى بېيىتقان ھەم باشچى كەپتەرلەرگە ئېسىلغان غوڭ قاپاقنىڭ تېشىلگەن تۆشۈكنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە ئاساسەن چىقارغان ئاۋازنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كەپتەرلىرىنىڭ قايسى تەرەپلەرگە قاڭقىپ كەتكەنلىكىنى، قايسى توپقا قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى تېزلا بايقاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.
(8) قوشۇق قاپاق- قوشۇق قاپاق كىچىك تۇغۇمچىلىك بولۇپ، سېپى 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، كۆرسەتكۈچ بارماقتەك سىپتا بولغاچقا، بېشىنى يايپاڭ كېسىپ، ئىچىدىكى پور (لەش) لىرىنى پاكىز قىرىپ ئېلىۋېتىپ قوشۇق ئورنىدا تاماق يېيىشكە ئىشلەتكەن.
دېمەك، قاپاق ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان خىسلەتلىك بىر بۇيۇمغا ئايلانغان. يەنە قاپاقنىڭ دورىلىق رولىنى بايقاپ قان تازىلاش، ئىسسىقتىن بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، قاندىكى ماي كۆپىيىش، قان بېسىم، قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىشتەك جاھىل، يىلتىزدىن ساقايتىش تەس بولغان كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم مەنپەئەت قىلىش رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دولانلىرىدىكى قاپاققا ئائىت بولغان مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى پەيدىنپەي تاشلىنىپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئەتراپىمىزدىكى شىپالىق دورا- دەرمەكلەرنى ئۇنتۇپ، خىمىيىلىك دورىلارغا چوقۇنۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە، ئىزدىنىپ ئەجدادلاردىن قالغان ئاشۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى قېزىپ چىقىپ، بۈگۈنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ھەر بىر ئىزدىنىشچان ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ مەجبۇرۇيىتى ھەم مەسئۇلىيىتى. شۇڭا ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ كۆمۈلۈپ قالغان، يوقىلىۋاتقان ئېسىل مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قېزىش سەپىرىدىكى ئىزدىنىش دەرۋازىسىنى دادىللىق بىلەن قېقىپ بېقىش ناھايىتى زۆرۈر، ئەلۋەتتە.
مەنبە:
"دولان" ژۇرنىلى 3-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-17 12:48 AM