مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2000|ئىنكاس: 22

«موغال» نامى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31292
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4225 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 06:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باتۇر داۋۇت قۇرىغار

   دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى يۇرتلاردا «موغال» نامى ياكى مۇشۇ نام بىلەن باغلانغان بىرقاتار توپونىم (يەر ناملىرى) بولغاندىن تاشقىرى، يەنە تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى يۇرتلاردا كەڭ تارقالغان يەرلىك ۋە مەھەللىۋى مۇقام – مەشرەپلىرى ئىچىدە «موغال» نامى بىلەن ئاتالغان مۇقاملارمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئاۋات دولان مۇقامىنىڭ 5 – مۇقامى «موغال باياۋان مۇقامى» دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىنىڭ موغال كەنتىدە «موغال مەشرىپى» ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. موغال مەشرىپىدە ناخشا – ئۇسسۇل، مۇزىكا ئاساس قىلىنىپ، چاي تۇتۇش، دەررە ئويناش، بېيىت – قوشاق ئېيتىش، ھەر خىل قىزىقارلىق ئويۇنلار بىرگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن موغال راۋابى، قالۇن، نەغمە دېپى ۋە غېجەك ئىشلىتىلىدۇ. موغال مەشرىپىنىڭ ئورۇنلىنىش شەكلى، مەزمۇنى، تۈرلىرى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشرەپلىرىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدۇ.

«موغال» نامى دىيارىمىزدا خېلى كەڭ تارقالغان توپونىم بولۇش سۈپىتى بىلەن توپونىمىيە (يەر ناملىرى) تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر تۈركۈم ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ مۇشۇ ساھەگە بېغىشلانغان خاس ئەسەرلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ ئەسەرلەر يېزىلغان ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىكى تۈپەيلى، يەنى كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئەمگىكىدىن پايدىلىنىش سەۋەبىدىن ئوخشاش بولمىغان ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراشلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بىردەك بولۇشىدىن خالىي بولالمىغان. پەقەت قىسمەن ئەسەرلەردىلا ئومۇملىشىپ قالغان كۆزقاراش بويىچە بايان قىلىنغاندىن سىرت، مۇشۇ توپونىمغا ئالاقىدار قىسمەن يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ يىپ ئۇچى بېرىلگەن. بۇ يىپ ئۇچى دىيارىمىز توپونىمىيەسىگە قىزىققۇچىلارغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئىزدىنىش يۆنىلىشىگە بەلگىلىك نىشان كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مېنىڭچە، مۇشۇ ساھەگە قىزىققۇچىلارنىڭ ئۈزۈكسىز تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە «موغال» توپونىمى تەتقىقاتىدا ساقلىنىۋاتقان پاكىت ئاساسى يېتەرسىز، ئىلمىيلىكى ئاجىز بولغان قاراشلاردىن شەكىللەنگەن قاراڭغۇ تۇمانلارنى تارقىتىپ، ئۈستىگە قونۇۋالغان قېلىن چاڭ – توزانلارنى تازىلاپ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلىغىلى، ماھىيىتىنى روشەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

   مەنمۇ يۇرتىمىز توپونىمىيىسىگە قىزىققۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن «موغال» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىكنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنىمەن.

   سۇلتان مامۇت: «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» ناملىق كىتابىدا «موغال» سۆزىگە ئىزاھات بېرىپ مۇنداق يازىدۇ:

   موغال (ئەسلىي تەلەپپۇزى ــ «موغۇل»): قاغىلىق، مارالبېشى، يوپۇرغا، پەيزاۋات، يېڭىسار، پوسكام، يەكەن ناھىيەلىرىدە 13 كەنت «موغال» ياكى «موغاللا»، «موغالئېرىق»، «موغال سېلىقى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. «موغۇل ــ قالماق» («تارىخىي ھەمىدى» 80 - بەت). تارىختا چاغاتاي ئەۋلادلىرىنى ئەجدادلىرىمىز «موغۇل» دەپ ئاتىغان. بۇ ھازىرقى «موڭغۇل» سۆزىنىڭ ئۆزى①.

   ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى «بۇلاقتىن بىر ئوتلام» ناملىق كىتابىدا «موغاللا» ئاتالغۇسىغا ئىزاھات بېرىپ مۇنداق يازىدۇ:

   بۇ توپونىم قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىدە: مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدا موغال سېلىقى كەنتى، يوپۇرغا ناھىيە تېرىم يېزىسىدا موغال ئېرىق كەنتى، يەكەن ناھىيە خاڭدى بازىرىدا (يۇقىرى، تۆۋەن) موغال كەنتى ۋە تاغارچى يېزىسىدا موغاللا كەنتى، پوسكام ناھىيە يىما يېزىسىدا موغاللا كەنتى؛ خوتەن ۋىلايىتىدە: گۇما ناھىيە سانجۇ يېزىسىدا موغاللا كەنتى، قاراقاش ناھىيە تۆۋەت يېزىسىدا موغاللا كەنتى، كېرىيە ناھىيەسى شەھەر ئىچىدە موغاللا بازىرى (موغاللا ئۆستىڭى) بار. ⅩⅣ ــ ⅩⅦ ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلار ئۆزلىرىنى چاغاتاي ئۇلۇسىغا مەنسۇپ ئېسىلزادىلەر ھېسابلاپ، «ئۇلۇغ موغۇللار ئەۋلادى» دەپ بىلەتتى. شۇڭا، زەھىرىددىن بابىرمۇ ھىندىستاندا قۇرغان سەلتەنىتىنى موغۇل ئىمپېرىيەسى دەپ ئاتىغان ئىدى. بولۇپمۇ شىنجاڭدا ⅩⅥ ــ ⅧⅩ ئەسىرلەردە جۇڭغارلار ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەندە «موغۇل» نى ئالىي نەسەب دەپ بىلىش تەرغىپ قىلىنغان ئىدى. بۇ دەۋردە قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە يېڭى ئېلىنغان ئېرىق – ئۆستەڭلەر، يېڭى ئۆزلەشتۈرۈپ بىنا قىلىنغان كەنتلەر «موغۇل» نامى بىلەن ئاتالغان. ھالبۇكى، شۇنچە كۆپ جايلارغا ئۇنچە كۆپ سانلىق موڭغۇللارنىڭ كۆچۈرۈلۈپ ماكانلاشتۇرۇلۇشى ناتايىن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر، خوتەن شىۋىلىرىدە، «ئو»، «ئۇ» سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئىككىنچى بوغۇمىدە كەلگەن «ئۇ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا «ئا» غا ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، ئوغۇل ــ ئوغال، توخۇ ــ توخا، ئوتۇن ــ ئوتان ۋە باشقىلار. دېمەك، موڭغۇل ــ موغۇل ــ موغالغا ئوخشاش②.

   قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن تۈزگەن «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى» ناملىق كىتابدا «موغال (莫尕勒) غا مۇنداق ئىزاھات بېرىلىدۇ:

«موغال» نامىدا ئاتىلىدىغان يەر ناملىرى شىنجاڭدا كۆپ ئۇچرايدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىدە: مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى موغال سېلىقى كەنتى، يوپۇرغا ناھىيەسى تېرىم يېزىسىدىكى موغال ئېرىق كەنتى، يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرىدىكى (يۇقىرى، تۆۋەن) موغال كەنتى ۋە تاغارچى يېزىسىدىكى موغاللا كەنتى، پوسكام ناھىيەسى يىما يېزىسىدىكى موغاللا كەنتى، ئۇندىن باشقا، قاغىلىق، پەيزاۋات، يېڭىسار ناھىيەلىرىدىكى بىرمۇنچە كەنت مۇشۇ نام بىلەن قوشۇلۇپ ئاتالغان؛ خوتەن ۋىلايىتىدە: گۇما ناھىيەسى سانجۇ يېزىسىدا موغاللا كەنتى، كېرىيە ناھىيەسى شەھەر ئىچىدە موغاللا بازىرى (موغاللا ئۆستىڭى) دېگەنگە ئوخشاش يەر ناملىرى ناھايىتى كۆپ. بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە، كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشى ئومۇمەن ئوخشاش بولۇپ، 14 -، 17 – ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلار ئۆزلىرى چاغاتاي ئۇلۇسىغا مەنسۇپ ئېسىلزادىلەر ھېسابلاپ، «ئۇلۇغ موغۇللار ئەۋلادى» دەپ بىلىشى ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، «موغۇل» ــ قالماق دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ③.

   قىممەتلىك يېرى شۇكى، يۇقىرىقى ئىزاھاتنىڭ ئاخىرىغا: «ئەمما بۇندىن مىڭ يىللار ئىلگىرى يېزىلغان ئىران خەلقىنىڭ مەشھۇر شائىرى موللا فىردەۋسىنىڭ ‹شاھنامە› داستانىدا خوتەن رايونىنى ‹موغۇلىيە› دەپ ئاتىغان ھەم ‹ئەمما موغۇلىيە دىيارى قەدىمىي تىلدا مۇقان دەرلەر› دەپ كۆرسەتكەن («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1993 – يىل 3 – سان، 89 -، 90 – بەتلەرگە قاراڭ)» دېگەن ئۇچۇرلارنى قوشىدۇ.

   ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەر يەر ناملىرى» ناملىق كىتابدا «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى» ناملىق كىتابتىكى «موغال» ھەققىدىكى بايانلار ئەينەن ئېلىنغاندىن سىرت يەنە «بۇلاقتىن بىر ئوتلام» ناملىق كىتابتىكى «شىنجاڭدا ⅩⅥ ــ ⅧⅩ ئەسىرلەردە جۇڭغارلار ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەندە ‹موغۇل› نى ئالىي نەسەب دەپ بىلىش تەرغىپ قىلىنغان ئىدى. بۇ دەۋردە قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە يېڭى ئېلىنغان ئېرىق – ئۆستەڭلەر، يېڭى ئۆزلەشتۈرۈپ بىنا قىلىنغان كەنتلەر ‹موغۇل› نامى بىلەن ئاتالغان. ھالبۇكى، شۇنچە كۆپ جايلارغا ئۇنچە كۆپ سانلىق موڭغۇللارنىڭ كۆچۈرۈلۈپ ماكانلاشتۇرۇلۇشى ناتايىن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر، خوتەن شىۋىلىرىدە، ‹ئو›، ‹ئۇ› سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئىككىنچى بوغۇمىدە كەلگەن ‹ئۇ› تاۋۇشى تەلەپپۇزدا ‹ئا› غا ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، ئوغۇل ــ ئوغال، توخۇ ــ توخا، ئوتۇن ــ ئوتان ۋە باشقىلار. دېمەك، موڭغۇل ــ موغۇل ــ موغالغا ئوخشاش» دېگەن بايانلار بىلەن تولۇقلىنىدۇ④.

   نىزامىدىن توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «خوتەندىكى قەدىمىي ئىزلار» ناملىق كىتابىدا «شاھنامە» (نەسرىي باسما نۇسخىسى) دىن مىسال ئېلىپ تۆۋەندىكىدەك مەلۇماتلارنى بېرىدۇ:

   داستاندا يەنە «ھەزرەت ئىسكەندەر (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 324 ــ 334 - يىللار) قىتاي دىيارىدا ئالتە ئاي تۇرۇپ (بۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشمىغان) كۆڭلىنى شاد قىلىپ چىن دىيارىدىن قوزغىلىپ بارگاھىنى تەۋرىتىپ موغالىيە زېمىنىغا يېتىپ كەلدىلەر. ئەيىرسە، موغالىيە خەلقى ھەدىيە – تۆھپىلەر بىلەن ئىسكەندەر ھۇزۇرىغا چىقىپ مۇلازىمەت كۆزگۈزۈپ، بەندىلىك ھالقىسىن (ھالقۇ)، ئىتائەت گەردەنلىرىگە سېلىپ، بىرنەچچە كۈن ئىسكەندەرنى مېھمان ئەيلەپ ئاندىن ئۆز جايلىرىغا ياندىلەر. ئەمما، موغۇلىيە دىيارى قەدىمىي تىلدا مۇقان دەرلەر. بەس، بۇلاردىن بىر كىشىنى ھەمراھ ئەيلەپ سورىدىلەر كىم، موغۇلىيە نېچۈك خەلق ۋە ئەھلى خوتەننىڭ ھالى نېچۈكدۇر؟ ئول كىشى ئەيتتى ــ خوتەن خەلقىنىڭ كۆڭلى، تىلى بىرلە ھەمسايە ئەمەس ــ (ئاتەش دىنىنى تىغ ئالدىدا قوبۇل قىلىپ، قەلبىدە قوبۇل قىلمىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك)، خوتەننىڭ بىر تەرىپىدە، يا قىرپە، ۋە ياكى شەھەر يوقتۇر، تامام دەشت، تا مەھىتقىچە دەريا يوقتۇر، ھەزرەت ئىسكەندەر بۇ سۆز ئىتمائىدىن ناچار بولۇپ، خوتەن دىيارىغا بارماي، جەنۇب تەرەپ بىلەن كەشمىرگە لەشكەر تارتتى...» دېگەن بايانلاردىكى «موغۇلىيە»، «مۇقان» دېگەن ناملارنىڭ مىلادىيەدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىكى زامانلاردىلا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى (بولۇپمۇ خوتەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان) موغۇلىيە دەپ ئاتايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ» دەپ بايان قىلىدۇ⑤.

   «موغال» نامى بىلەن ئالاقىدار توپونىملار (يەر ناملىرى) قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە كۆپلەپ ئۇچرىغاندىن سىرت، باشقا ۋىلايەتلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىمۇ ئارا مۇغاللا (阿热木尕拉) ناملىق مەھەللە بار⑥.

   تارىخقا نەزەر سالساق، «موغۇل» نامى بىلەن ئاتالغان دۆلەت ئەڭ دەسلەپ 14 – ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. يەنى مىلادى 1348 – يىلى چاغاتاي ئەۋلادى تۇغلۇق تېمۇرخان تەرىپىدىن موغۇلىستان خانلىقى قۇرۇلغان. بۇ خانلىق ھازىرقى قورغاس ناھىيەسىنىڭ دائىرىسىدىكى ئالمىلىق شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن باشلاپ كاتتا دېڭىز (بالقاش كۆلى) غىچە، غەربتە پەرغانە ئويمانلىقى، جەنۇبتا قارا قۇرۇم تاغلىرى، شەرقتە قۇمۇلنىڭ شەرقىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ دۆلەت تارىختا «شەرىقى چاغاتاي خانلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1514 – يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا شەرىقى چاغاتاي ئەۋلادىدىن سەئىدخان يەركەن خانلىقىنى قۇرغان. شۇڭا، يەركەن خانلىقى تەۋەسىدىكى زېمنىلارمۇ موغۇلىستان ھۇدۇدلۇقى دېيىلگەن.

   موغۇل سۇلالىسى ــ مىلادى 1497 – يىلى تېمۇرلەڭ ئەۋلادى زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر تەرىپىدىن قۇرۇلغان دۆلەت بولۇپ، «بابۇرىيلار ئىپېرىيەسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بابۇر موغۇلىستاننىڭ 9 – پادىشاھى يۇنۇسخاننىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، «كوراگانىلىق» مەنسىپىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن «كوراگانى سۇلالىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ سۇلالە جەمئىي 15 پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، مىلادى 1767 – يىلى (بەزى مەنبەلەردە 1761 – يىلى دېيىلىدۇ) شاھ ئالەم سانى دەۋرىگە كەلگەندە يوقالغان.

   موللا  مۇسا سايرامى «موغۇلىيە»، «موغۇلىستان»، «يەتتە شەھەر» دېگەن ئۇقۇملارنى ئوخشاش مەنىدە قوللىنىدۇ. ئۇ «تارىخىي ھەمىدى» دە: «تارىخ كىتابلىرىدا، خۇسۇسەن بۇ يەتتە شەھەردە ۋالىي ۋە ھۆكۈمەت تۇتقان مىرزا ھەيدەر كوراگانى (ئۇنىڭ ئۇنىڭ ياتقان جايىنى نۇرلۇق قىلسۇن!) نىڭ ‹تارىخىي رەشىدى› ناملىق كىتابىدا قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ يارلىق ۋە پەرمانلىرى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، بۇ موغۇلىيە ھۇدۇدىنى بايان قىلىپتۇ. ئۇنىڭ بايانىچە، بۇ موغۇلىستاننىڭ شەرىقى ھۇدۇدى بالەكۆل (بارىكۆل) ۋە قامۇل (قۇمۇل)، شىمالىي ھۇدۇدى كاتتا دېڭىز، غەربىي ھۇدۇدى تاشكەنت تەۋەسىدىكى چاقسىمان ۋە ئەنجان تەۋەسىدىكى سامىغىر، لەلى كانى، بەدەخشان، جەنۇبىي بولسا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋىلايىتىدۇر (تۇرپان ۋە ئۇنىڭ جەنۇبى، غەربىي جەنۇبىدىكى رايونلار)... قەدىمكى ھۆججەتلەردە بۇ ھۇدۇد ئىچىدىكى زېمىننى ‹موغۇلىستان› دەپ ئاتاپتۇ دەپ زىكرى قىلىدۇ، رۇمچە (ئۈرۈمچى)، چۆچەك قاتارلىق جايلار بۇ ھۇدۇد ئىچىگە كىرىدۇ. موغۇلىستان مەملىكىتى ئىچىدىكى شەھەرلەرنى ‹يەتتە شەھەر› دەپ ئاتاپتۇ. بۇ يەتتە شەھەر دېگەن كاشىغەر، ياركەنت، خوتەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، كۇچار ۋە كونا تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن ئىبارەت»⑦ دەپ يازىدۇ. موغۇلىستاننىڭ زېمىنى توغرىسىدا بارتولد «قەدىمدىن تارتىپ مەدەنىيەت ئوچىقى بولۇپ كەلگەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن باشقا، شىمالدا ئېرتىش ۋە ئىمىلدىن تەڭرىتاغقىچە بولغان جايلار، بارىكۆلدىن باشلاپ پەرغانە ۋە بالقاشقىچە بولغان كەڭ جايلار كىرگەن»⑧ دەپ قارايدۇ.

   موغۇلىستان شىنجاڭ رايونىنى، يەنى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى بىلدۈرسە، موغۇل خانلىقى ھىندىستاندا قۇرۇلغان بابۇرىيلەر ئىمپېرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپلىگەن مەنبەلەردە بۇ خانلىق «تۈرك موغۇل ئىمپېرىيەسى» دېگەن شەكىلدە تىلغا ئېلىنىدۇ.

   ئامېرىكىلىق ئالىم ماكگوۋېرن «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كېلىپ چىقىشىنى ئۇنتۇپ، نەسەبىنى ئېسىل قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن «تۈركلەردىن بولغان بابۇر ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى موغۇل، يەنى موڭغۇل دەپ قارىغان»⑨ دەپ بايان قىلىدۇ. دەرۋەقە، بابۇرنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ئەمىر تېمۇر (يەنى بابۇر ئەمىر تېمۇرنىڭ 6 – ئەۋلاد نەۋرىسى) ئۆز ئۈگۈتلىرىدە: «بىز كىم ــ مۈلكى تۇران، بىز كىم ــ مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى بولغان تۈركنىڭ باش بوغۇنى»⑩ دەپ خىتاب قىلىدۇ.

   مەلۇمكى، «موغۇل» ئاتالغۇسى چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ ئۆزلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىدا تەدرىجىي ھالدا مۇسۇلمانلىشىش ۋە يەرلىك خەلقلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش نەتىجىسىدە تۈركلەشكەن (ئۇيغۇرلاشقان) ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «چاغاتاي سۇيۇرغاللىقىغا قاراشلىق موڭغۇل قوۋملىرىمۇ ئاساسەن يەرلىكلىشىپ، خۇددى پەخىرلىك تارىخشۇناسىمىز مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئېيتقاندەك ئەمدىلىككە كەلگەندە ئۆزلىرىنى قايتا ‹موغۇل› دەپ ئاتاشتىنمۇ خىجىل بولۇپ قالىدىغان بولغانىدى»⑪.

   ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ ئىتتىپاقى ئاساسىدا قۇرۇلغان جۇڭغار خانلىقى (بەزى ئالىملار باتۇر فونتەيجى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 1635 – يىلىنى جۇڭغار خانلىقىنىڭ مەۋجۇت بولغان يىلىنىڭ بىرىنچى دەپ قارايدۇ) شىنجاڭ تارىخىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنىدى. «جۇڭغار خانلىقى موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ئاپىرىدە بولغان ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايلاردىكى ۋەزىپىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەرقتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان شارائىتتا، غەربتە پائالىيەت سورۇنى ھازىرلاپ، مۇستەقىل بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشى بولغاچقا، ئەينى مەزگىلدىكى موڭغۇل دالاسى بىلەن شىنجاڭ رايونىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى»⑫. جۇڭغار خانلىقى مۇسۇلمان مەنبەلىرىدە «قالماق» نامى بىلەن يۈرگۈزۈلىدۇ.

جۇڭغار خانلىقى 1680 – يىلى شەرىقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان يەركەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغانىدى. يەركەن خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولۇشى ــ جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا ھەربىي يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە ئاق تاغلى غوجىلارنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئۇلارغا بېقىنىپ ماسلىشىشى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشقانىدى. جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا قاراتقان باشقۇرۇش شەكلى ۋە ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى مۇنداق بولغان: «بۇ جايلارغا ئىلگىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەركەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە بەيئەت قىلغان يەركەن خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان سۇلتانلار ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى، قارىماققا بۇ ناھايىتى ئاددىي جەريان ئۇقۇمىدەك قىلسىمۇ، بىر مەھەل يولغا قويۇلۇپ، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارغانسېرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈۋاتقان ئىشقىيە سۈلۈكى بىلەن ئىسھاقىيە سۈلۈكى تەرەپدارلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن پايدىلىنىش يولغا قويۇلدى»⑬. يەنى جۇڭغار خانى غالدان 1680 – يىلى يەركەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا قارىتا بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزمەي، شەرىقى چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان خانلار ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىن ئىبارەت باشقۇرۇش شەكلىنى قوللانغان. سىۋان راپتان بىر مەھەل جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان يەركەن خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى كۈچلەرنى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە ئۆچمەنلىك قىلىپ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنى ئىتتىپاقچىسى قاتارىدا كۆرگەن نەقشىبەندىچىلەرنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ يوقاتتى. ئىسھاقىيە سۈلۈكى تەرەپدارلىرى بىلەن ئىشقىيە سۈلۈكى تەرەپدارلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا قەشقەر بىلەن يەركەندە ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ سۈلۈكلىرىنى تارقىتىپ، جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا ماسلاشتى. جۇڭغار خانلىقى ئۇلارنى چەكلەپ ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پېشۋاسىنى ئىلىغا ئاپىرىپ نەزەربەنت قىلىپ گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرۇش تۈزۈمىنى قوللاندى.

   سىۋان راپتان تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلارغا قاراخان (Qaraqan) نامىدىكى نازارەتچى ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ، مەخسۇس تارتۇق ئىشلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلدى. «چىڭ ئوردىسىنىڭ گاۋزۇڭ زامانىسىدىكى ئوردا خاتىرىلىرى» گە ئاساسلانغاندا، «ئىلگىرى ئويراتلارنىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بىردىن  قاراخان، بىردىن خوجا ئەۋەتىپ، نوپۇس سانى بويىچە قېرى، ئاجىزلىرىدىن باشقىلىرىنى سېلىق رويخېتىگە پۈتەتتى»⑭ دەپ كۆرسىتىلگەن. «تەزكىرەئى ئەزىزان» دا بولسا «ئەينى مەزگىلدە ھەر بىر شەھەر – بازاردا 15 نەپەر قالماق ئەمەلدارى تۇراتتى. ئۇلار ئۆزلىرى تۇرغان شەھەر – بازارلارنى نازارەت قىلاتتى. بۇ قالماق ئەمەلدالىرى قاراخان دەپ ئاتىلاتتى»⑮ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قاراخانلار ھەرقايسى شەھەرلەردىكى جۇڭغار پەرەس خوجىلارنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن ئاھالىلەرنىڭ تۈتۈن سانى بويىچە تارتۇقنىڭ ئومۇمىي سانىنى ھېسابلاپ، كەڭ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنى قاقتى – سوقتى قىلاتتى. ئۇلار جۇڭغار خانلىقىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرى بولۇپ، يىللىق تارتۇق ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن سىرت، ھەر ۋاقىت جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق شەكلى قىلىپ تاللىۋالغان فۇنكسىيەلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇراتتى. شۇ ئارقىلىق جۇڭغار خانلىقىنىڭ بۇ رايونلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشى ۋە مەمۇرىيىتىنى كونترول قىلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرەتتى⑯.

   گەرچە، جۇڭغارلار ئوخشاشلا موڭغۇللاردىن بولسىمۇ، ئۇلار موغۇللاردىن روشەن پەرقلەندۈرۈلگەن. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان «تارىخىي رەشىدىي» دە ئۇۋەيسخان ھەققىدە توختالغاندا «ئۇۋەيسخان موغۇللارنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشى ۋە ئۇلارنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشىنى توسۇپ توختاتتى. قالماقلار بۇلارغا يېقىن ئىدى، ئۇۋەيسخان دائىم ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلاتتى»⑰ دەيدۇ. موللا  مۇسا سايرامى موغۇلىستان خانلىقى، ئۇنىڭ ئىزىنى باسقان يەركەن خانلىقى، شۇنداقلا بابۇرىيلەر ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى بىردەك موغۇللار دەپ قارىغان. ئەمما 17-18- ئەسىرلەردە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىغا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن جۇڭغارلارنى باشتىن – ئاخىر قالماق دەپ ئاتىغان. شۇنى تىلغا ئالماي بولمايدۇكى، موللا مۇسا سايرامى «تارىخىي ھەمىدى» دە بىرلا قېتىم «موغۇل – قالماقلارنىڭ ياساق تۈزۈملىرى» دېگەن تەرزدە تىلغا ئالىدۇ. بۇنداق تىلغا ئېلىنىشىدا موغۇللار بىلەن قالماقلارنىڭ نەسەب جەھەتتىكى ئىلگىرىكى تۇغقاندارچىلىقى كۆزدە تۇتۇلغانلىقى ئېھتىمال. چۈنكى، قالماقلارغا نىسبەتەن موغۇللار «غەربتە ئاللىقاچان يەرلىكلىشىپ بولغان يىراق قەبىلىداشلىرى» ئىدى. بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئۆز دەۋرىنىڭ بۈيۈك ئەللامىسى بولغان موللا مۇسا سايرامى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى، دەپ قارىساق خاتالاشمىز، ئەلۋەتتە.

   يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، شىنجاڭ يەر ناملىرى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەردىكى «موغال» دېگەن توپۇنىمغا بېرىلگەن ئىزاھاتتىكى «شىنجاڭدا ⅩⅥ ــ ⅧⅩ ئەسىرلەردە جۇڭغارلار ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەندە «موغۇل» نى ئالىي نەسەب دەپ بىلىش تەرغىپ قىلىنغان ئىدى» دېگەن ھۆكۈملەردە روشەن خاتالىقلار ساقلانغان. بىرىنچى، جۇڭغارلار 1680 – يىلى يەركەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى ئىسمايىلخان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارنى يۇتۇۋالغاندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، جۇڭغارلارنىڭ شىنجاڭ رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى بىر ئەسىر ئىلگىرى سۈرۈۋېتىلگەن. جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ پەقەت 17 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بارلىققا كەلگەن. ئىككىنچى، جۇڭغارلار بىلەن موغۇللار ئايرىم – ئايرىم ئۇلۇسنىڭ نامى بولۇپ، جۇڭغارلار شىنجاڭدا ۋاسىتىلىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەندە ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان «موغۇل» نى ئالىي نەسەب دەپ تەرغىپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر جۇڭغارلار «موغۇل» نى ئالىي نەسەب دەپ ئېتىراپ قىلسا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارنى يەركەن خانلىقىنىڭ ۋارىسلىرىدىن ــ «موغۇللار» دىن تارتىۋالمىغان بولاتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ دەۋردە يېڭى ئېلىنغان ئېرىق – ئۆستەڭلەر، يېڭى ئۆزلەشتۈرۈپ بىنا قىلىنغان كەنتلەرنىڭ «موغۇل» نامى بىلەن ئاتىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

   ئەمدى «شاھنامە» دە تىلغا ئېلىنغان «موغۇلىيە» دېگەن نامغا كەلسەك، فىردەۋسى «شاھنامە» داستانلار تۈركۈمىنى مىلادى 977 – يىلىدىن باشلاپ يىگىرمە يىل سەرپ قىلىپ، 997 – يىلى تاماملىغان. يەنە ئون يىلدىن ئارتۇق كۈچ سەرپ قىلىپ ئەسىرى ئۈستىدە قايتا ئىشلىگەن. ھىجرىيە 400 – يىلى (مىلادى 1010 – 1011- يىللار) قايتا ئىشلەنگەن «شاھنامە» نى غەزنەۋىلەر خانلىقىنىڭ تۈرك سۇلتانى مەھمۇد غەزنەۋىگە تەقدىم قىلغان. دېمەك، «شاھنامە» موغۇلىستان خانلىقى قۇرۇلغان 1348 – يىلدىن 338 يىل ئىلگىرى تولۇق تاماملانغان. ناۋادا ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا موغۇلىستان خانلىقى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا «موغۇلىيە» دېگەندەك يەر نامى بولمىسا، بۇ نام «شاھنامە» دە تىلغا ئېلىنمىغان بولاتتى. «فىردەۋسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ئىران، ئەرەبىستان ۋە گرېك مەدەنىيەتلىرى قوشۇلغان ‹مەدەنىيەت ئۇچبۇرجىكى› رايونىدا ياشىدى. ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان ۋە يۇنان تارىخىدىن خەۋەردارلىقى، پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي قاراشلىرىنىڭ پۇختا ۋە يۈكسەكلىكى، تىل ئىقتىدارى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەھەتتىكى مول بىلىملىرى فىردەۋسىنىڭ ئەينى زاماندا كۆزگە كۆرۈنگەن بىلىم ئىگىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ»⑱. فىردەۋسى ئۆز ئەسىرىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرگەن. شۇ جەريانىدا يەر – جاي ناملىرىنىمۇ پۇختا ئىگىلىگەن. بۇ يەر – جاي ناملىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەينەن ساقلانغان.

   تەتقىقاتچىلارنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، «شاھنامە» (نەسرىي باسما نۇسخىسى) دا، خوتەن دىيارىدىكى يۇرتلاردىن تىلغا ئېلىنغانلىرى 30 غا يېقىنلىشىدىكەن. «قاراڭغۇ تاغ»، «پشە»، «ئەشمە»، «خەلىچ» قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بەزىلىرى بۇرۇنقى زامانلاردىكى ناھايىتى چوڭ كەنتتىن بۈگۈنكى كۈندە ئادەتتىكى كىچىك كەنت بولۇپ قالغان، بەزى شەھەرلەرنىڭ نامى كەنت نامىدا ساقلانغان، ئەسلىي شەھەرنىڭ خارابىسى ھازىرمۇ بار بولۇپ، شۇنچە ئۇزاق يىللاردىن كېيىنمۇ ئەينى چاغدىكى ئىسمى بىلەن ئاتالغان. خوتەننىڭ بۇرۇنقى نامى بولغان «چىن ماچىن» ئاتالغۇسىمۇ 20 گە يېقىن جايدا ئۇچرايدۇ⑲. بۇنىڭدىن بۇ يۇرت – شەھەرلەرنىڭ ئەينى چاغدا ناھايىتى چوڭ – كاتتا يۇرتلاردىن بولغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

«شاھنامە» دە «موغۇلىيە» دېگەن نام تەخمىنەن 2300 يىل ئىلگىرىكى ۋەقەلەر بايانىدا ئۇچرايدۇ. «شاھنامە» دىكى بۇ ئۇچۇرلاردىن «موغۇلىيە» (جۈملىدىن «موغۇل»، «موغال») نامى بىلەن باغلانغان بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ 2 مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

   يىغىنچاقلىغاندا، يۇقىرىقى ماتېرىياللاردىن مۇنداق يەكۈنگە ئېرىشەلەيمىز: بىرىنچىدىن، مىلادىيەدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىكى زامانلاردىلا، جەنۇبىي شىنجاڭ (بولۇپمۇ خوتەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان) رايونى موغۇلىيە دەپ ئاتالغان، «موغۇلىيە» دېگەن نام تېخىمۇ بۇرۇن «مۇقان» دېيىلگەن؛ ئىككىنچىدىن، «موغۇل» (موغال) نامى بىلەن باغلانغان بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىنكى ئۇزاق بىر دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمىسىمۇ (دۆلەت ياكى قەبىلە – ئۇلۇس ناملىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە يەر نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالىدىغان ئەھۋال دائىم ئۇچرايدۇ)، «موغال» سۆزى بىلەن باشلىنىپ كەلگەن خېلى كۆپ ساندىكى يەر ناملىرىنىڭ قەدىمكى «موغۇلىيە» دېگەن نامدىن كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، توپونىمىيە تەتقىقاتىدا  نوقۇل نام يانداشلىقىغا ئېسلىۋالماي، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، نام يانداشلىقىغا بېرىلىپ كەتكەندە تەتقىقاتتا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىۋالغىلى بولىدۇ.

   شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، «موغۇلىيە» نامىدىكى يۇرت تىلغا ئېلىنىغان ۋەقەلىك «شاھنامە» نىڭ شېئىرىي نەشرىدە ئۇچرىمايدۇ. شېئىرىي نەشرى ئۆزبېكچە نۇسخىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىنغاندا قىسقارتىلغانلىقى ئېھتىمال. بۇ مەسىلىنى «شاھنامە» نىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق روشەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

ئىزاھاتلار:

   ① سۇلتان مامۇت: «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1999 – يىل 6 – ئاي نەشرى،  8 ــ 9 – بەتلەر.

   ② ئىمىن تۇرسۇن: «بۇلاقتىن بىر ئوتلام»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2000 – يىل 1 – ئاي نەشرى، 107 ــ 108 – بەتلەر.

   ③⑥ قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن: «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001 – يىل 1 – ئاي نەشرى، 183 –، 6 – بەتلەر.

   ④ ئادىل مۇھەممەت: «قەشقەر يەر ناملىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2010 – يىل 4 – ئاي نەشرى، 314 ــ 315 – بەتلەر.

   ⑤⑲ نىزامىدىن توختى: «خوتەندىكى قەدىمىي ئىزلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىل 1 – ئاي نەشرى، 19 ــ 20 –، 16 – بەتلەر.

⑦ موللا مۇسا سايرامى: «تارىخىي ھەمىدى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986 – يىلى 12 – ئاي نەشرى، 636 - 637 – بەتلەر.

   ⑧ بارتولد: «يەتتە تارىخى ئوچېركى»، ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان نۇسخا، «شىنجاڭ ئىقتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» (ئىچكى ژۇرنال)، 1984 – يىللىق ئۇيۇغرچە 7-، 8 – سانغا بېسىلغان.

   ⑨ ۋىليام مونتىگومېرى ماكگوۋېرىن (ئامېرىكا): «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012 - يىلى 9 – نەشرى،  371 – بەت.

   ⑩ «ئەمىر تېمۇر ئۈگۈتلىرى» (ب. ئەھمىدوف نەشرگە تەييارلىغان)، «نەۋرۇز» نەشرىياتى، 1992 – يىلى نەشرى، ئۆزبېكچە، 9 – بەت.

   ⑪⑫⑬⑯ يۇنۇسجان ئېلى: «17-18- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى، 254 –، 44 –، 207 -، 222 – 223 – بەتلەر.

⑭ «چىڭ ئوردىسىنىڭ گاۋزۇڭ زامانىسىدىكى ئوردا خاتىرىلىرى»، 746 – جىلد، چيەنلۇڭنىڭ 30 – يىلىدىكى ماددىسى؛ يۇنۇسجان ئېلى: «17-18- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى، 222 – بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.

   ⑮ مۇھەممەت سادىق قەشقىرى: «تەزكىرەئى ئەزىزان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1984 – يىلى نەشرى، 77 – بەت.

   ⑰ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان: «تارىخىي رەشىدىي»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007 – يىلى 7 – ئاي نەشرى، 162 – بەت.

   ⑱ ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى (ئىران): «شاھنامە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇۋەلى خەلپەت ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان شېئىرىي نۇسخا، 1- بەت.

مەنبە: "دولان" ژۇرنىلى 3-سانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-17 12:48 AM  


پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 08:53:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭسارنىڭمۇ باغۇ دەيمەن موغال دەپ بىر يېرى

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 09:59:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ‹مۇغال›نامى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش. ناملىق بۇ ماقالىنىڭ تارىخى تەپسىلاتى ۋە
  كەلتۈرۈلگەن سىتاتلار خېلى تولۇق بولۇپ،...تارىخىي يەر-جاي ناملىرى تەتقىقاتىدا  
پايدىلنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن... قورىغار ئەپەندىگە سالاملار بولسۇن!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1875
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 10:02:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق،يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئەگۇس يېزىسىدا موغال ئۆستىڭى دەپ ئاتالغان بىر چوڭ  ئۆستەڭ بار،ئۇ يەردە يەنە موغال ئورمانچىلىق مەيدانى ،موغال سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى،موغال قۇياش نۇرى يورۇقلۇق فوتۇ-ئېلىكتىر ئىستانسىسى،قىزىل ئاياللىرىم مازىرى دەپ بىر چوڭ مازار بار. بۇيەر ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسى بىلەن چېگرىلنىدۇ.

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15156
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9543 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 10:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتلىرىمىزنىڭ تەزكىرىسى توغرىسىدا ئىزدىنىشنى ئۈزۈپ قويساق بولمايدۇ. نۇرغۇن سىرلار بىزنىڭ ئېچىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7580
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7697 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 11:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى مۇغۇل ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. مۇغاللار دىگەن بۇ تارىخى ئىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنمۇ بەك چۇڭقۇر ئىكەن. مۇغۇل دىگەن بۇ ئىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنمۇ شۇنداق چۇڭقۇر.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
Welihan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 11:44:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 11:57:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتىمىزنىڭ ئورون ناملىرىنى ئەسلى نامى بويىچە ساقلاپ قېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپسىز،رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7350
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1784 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 10:02:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرلا «يازغۇچىلار» مۇنبىرىدە كۆرۈپتىكەنمەن بۇ تېمىنى!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 11:08:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ما يەردىمۇ موغال كەنتى دەپ بىر كەنت بار ، ئىسمى بۇرۇندىنلا ماڭا غەلىتە بىلىنەتتى . بۇ تىمىنى ئوقۇپ چىقسام بولغۇدەك...

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش