ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار.
ياپونىيەدە كارتون فىلىم كەسىپىدە تولۇق كۇرسنى پۇتتۇرۇپ،ھازىر ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوغلانىمىز ئېرپان يارمۇھەممەنىڭ 2013-يىلى 8-ئايدا ئاچقان تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى رىۋايەت تورىدا ئېلان قىپتۇ. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق قىلالىشى ئاسان ئەمەس،پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.قېنى كۆپچىلىك بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى
-----------------------------------------------------------------------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەدىرلىك كارتون ھەۋەسكارلىرى ۋە بارلىق تورداشلار
2013-يىلى 8 - ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلغان 3-قېتىملىق ‹كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپى›، دەرس ۋاقتىنىڭ ئاۋالقى قېتىملاردىكى بىر ھەپتىدىن ئىككى ھەپتىگە ئۇزارتىش، ھەمدە ئەمەللىي قىسقا فىلىم ئىشلەش پروگراممىسىنى تەسىىس قىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن،غالىبىيەتلىك ئاخىرلاشقانىدى. بۇ تەربىيىلەش سىنىپىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغۇچى شۇنداقلا بۇ سىنىپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تىز پۈكمەس ئىرادىسىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم.
بۇ قېتىملىق كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە ئالدىنقى 10كۈندە كارتون فىلىم تارىخى ۋە ياپونىيىچە كارتون فىلىم، شۇنداقلا ئەنئەنىۋىي كارتون فىلىمنىڭ ئىشلىنىش قائىدىلىرى، ھەربىر تۈرى ۋە نەزىرىۋىي جەھەتتىكى بىلىملەر،ئۇنىڭدىن باشقا ھەرىكەت سېستىمىسى ۋە ھەرىكەت ئىلمىگە دائىر ئەمەللىي بىلىم ۋە مەشىقلەرنى ئۆگىتىش ۋە كۆندۈرۈش ئاساس قىلىنىپ، ئاخىرقى بەش كۈننىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ئۆگەنگەن توغرا بولغان فىلىم ئىشلەش قائىدىسى بىلەن 1 مىنوتتىن ئاز،10سىكۇنتتىن يۇقىرى قىسقا فىلىم ئىشلەش ئەمەللىي تەجرىبە مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىلغانىدى.ئوقۇغۇچىلار،گۇرۇپپا تۈزۈش،تەشكىنلىك مەشخۇلات ئېلىپ بېرىشنى تولۇق ۋە ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىپ،قىسقىغىنە 3 كۈن ئىچىدە ھەربىر گۇرۇپپا ئىشلىگەن كارتون فىلىملىرىنى پۈتتۈرۈپ،تۆتىنچى كۈنى ئېلان قىلدى.
تۆۋەندە بۇ فىلىملارنىڭ ئۇلۇنىشىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇنىمەن.
ئەسكەرتىش: فىلىم ئىشلەش ياكى رەسىم سىزىش ئاساسى يوق ئوقۇغۇچىلارمۇ بار بولغانلىقى ئۈچۈن،مەسخىرە ۋە تەتۈر پىكىر قىلىش، قارغۇلارچە ھۆكۈم چىقىرىش خاراكتىرىكىدىكى ئىنكاسلارنى يوللىماسلىغىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىر كۈنى:
كاساپەت چىۋىن:
ساراڭ توشقان:
يۈگۈرۈپ سەكرەش:
گىگانت ئادەمگە جەڭ: