مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3347|ئىنكاس: 16

بىر پۈتۈن تارىخنى سۆزلەپ بىرىدىغان قىسقا ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97716
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 12:35:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر پۈتۈن تارىخنى سۆزلەپ بىرىدىغان قىسقا ھېكايە

بىر پۈتۈن تارىخنى سۆزلەپ بىرىدىغان قىسقا ھېكايە

ئاپتور مۇتەپەككۇر: شەرىف ئابدۇل ئەزىز زۇھەيرى

غەرىب پەرەس ۋەتەن - دىن خايىنلىرىنىڭ ئپلاس سۈيقەسىتلىرى

كامالىزىم نىڭ چىركىن ئىدىيلىرىى بىلەن ئالدىنىپ كىلىنىۋاتقان بىچارە ئەۋلاتلارغا سۇنۇلغان قىسقىچە تارىخ

تارىختىن ئىلىنغان ئىنتىقام
1923-يىلى ئاخىرقى ئىسلام خەلىپىلىكى بولغان ئوسمانىي خەلىپىلىكى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، خىرىستىيان ياۋروپاسى ئىسلامىيەت ۋە ئىسلام خەلىپىلىكى ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسىنى ئۆزگىچە ۋە مۇسۇلمانلارغا ئازابلىق شەكىلدە تەبرىكلىمەكچى بولۇشتى. ئۇ بولسىمۇ، شۇ يىلى ئىسلام ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئىدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە تۈركىيەدىن كەرىمان خالىس ئىسىملىك ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ياغاچتىن ياسالغان سەھنىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن ئەزالىرىنى، ئەڭ نېپىز ھەم يوقنىڭ ئورنىدا كىيگەن كىيىملىرى بىلەن نامايان قىلىپ تۇراتتى.
شۇ چاغدىكى باھالىغۇچىلار ھەيئىتى رەئىسىنىڭ قىلغان سۆزى خىرىستىيان ياۋروپاسىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخى ئاداۋىتىنى تولۇپ نامايان قىلغان بولۇپ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىسلام دىنى ۋە بۇ مەغلۇپ بولغان ئىسلام دۆلىتىدىن ئەنتىنى تولۇق ئىلىپ بەرگەن.
ئۇ كەرىمان خالىسنىڭ يېرىم يالىڭاچ بەدەنلىرىگە مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
ھۆرمەتلىك جانابلار، باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، بۈگۈن بارلىق ياۋروپا ئاھالىسى خىرىستىيانلارنىڭ  1400 يىل جاھان سورغان ئىسلام دىنى ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسىنى تەبرىكلەيدىغان كۈن. مانا ھازىر ئالدىمىزدا تۇرغىنى مۇسۇلمان قىزى كەرىمان خالىس، ئاشۇ  تەقۋادار مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قىزى، ئېىتقادى ئۇنىڭغا تاڭغان كىيىم كېچەكلىرىنى سىلكىپ تاشلاپ، ئالدىمىزدا ئوچۇق بەدەنلىرى بىلەن نامايان بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇنى بىزنىڭ غەلىبىمىزنىڭ گۈلتاجىسى دېسەك مۇبالىغە بولماس .
تارىخنى ئەسلىسەك، ئۆتمۈشتە قانۇنى سۇلتان سۇلەيمانخان فىرانسىيەدە مەيدانغا كەلگەن يالىڭاچ تانسىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن. ئىمپېرىيە زېمىنى كېڭىيىپ فىرانسىيەگە قوشنا بولۇپ قالغان زامانلاردا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆز دۆلىتىگە سىڭىپ كىرىشىدىن ئەنسىرەپ، فىرانسىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ بۇ خىل ئۇسۇلنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلغان ئىكەن. مانا ئالدىڭلاردا ئاشۇ تەقۋادار سۇلتاننىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىدىن بىرى تۇرۇپتۇ. ئۇچىسىدا كۇساردىن باشقا نەرسە يوق، ئۇ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقچى، دىققىتىمىزنى ئۆزىگە تارتماقچى بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئالى باھاغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭغا تەنتەنىلىك ھالدا شۇنى  ئېيتىمىزكى: بىز ئۇنى كۆرۈپ خۇشال بولدۇق، ئونى قوبۇل قىلدۇق، ئۇنىڭغا مەپتۇن بولدۇق، بارلىق مۇسۇلمان قىزلىرىنىڭ كەلگۈسىنىڭ بىز بەلگىلىگەن نىشانغا قاراپ ئالغا بېسىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ياۋروپانىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈرەيلى، خوشە...
ئىسلام تارىخ كارۋىنى ئالغا ئىلگىرلەش يوللىرىدا ھەر خىل مەزھەپ، سىياسىي قاراشلار تۈپەيلى نۇرغۇن ئاھانەت بەدناملارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆپىنچىسى مەلۇم شەكىلدە ئىسلامغا مەنسۇپ بولغان قارا كۈچلەر ياكى ئېزىققان كۈچلەر تەرىپىدىن روياپقا چىقىرىلاتتى. لېكىن ئوسمانىيلار تارىخى بولسا بۇنداق بوھتانلاردىن سىرت، ئىسلامنىڭ سىرتىدىكى ئۇزۇن مەزگىل ئوسمانىيلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ قولىدا نەچچە يۈز قېتىملىق خارلىق، مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تېتىغان ياۋروپالىق قىساسكارلار، يەنى ئىسلامغا قارشى ئاداۋەتخور خىرىستىيانلار، شەرقشۇناسلار ۋە ھەر قايسى ئىسلام ئەللىرىدىكى ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋىي چوماقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغىمۇ يېتەرلىك ئۇچرىدى.
ياۋروپالىقلار بارلىق قەلەم كۈچىنى ئوسمانىيلار تارىخىدىكى بارلىق ئىجابىي سۈپەتلەرنى كۆرمىگەنگە سېلىش، ئۇلارنى قارىلاش، دۇنيادا بار بولغان بارلىق سەلبىي سۈپەتلەرنى ئوسمانىيلارغا باغلاشقا قاراتتى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز تارىخ ئوقۇغىنىمىزدا ئىلمىي بولغان باھادىن قىيىپ كەتكەن، ئوسمانىيلارغا قارىتىلغان نۇرغۇن ناھەق بوھتان- قارلاشلارغا دۇچ كېلىمىز.
مەيلى ياۋروپانىڭ ياكى ئەرەبلەرنىڭ تارىخى كىتابلىرىغا قارايلى ئوسمانىيلار ھەققىدە ئىنساب بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.
كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا ئوسمانىيلار- ئەرەبلەرنى مۇستەملىكە قىلغان، مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلغان، بۇزغۇنچى، ئاياللارنى بۇلاپ، بالىلارنى قۇل قىلغان تېررورلۇق دۆلىتى،- دەپ قارىلىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى، ئوسمانىيلارنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق قىلغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئوسمانىيلارنىڭ ياۋروپا قىتئەسىدە قىلغانلىرىنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنىڭ ئاداۋىتى سەۋەبىدىن بولغان. يەنى، خىرىستىيان دۇنياسى مەيلى پادىشاھ سىياسىيونلىرى بولسۇن، ياكى ئالىم تارىخچىلىرى بولسۇن، 857-يىلى ئوسمانىيلارنىڭ خىرىستىيانلار دۇنياسىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى پايتەختى كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغانلىقىنى؛ شۇ چاغدىكى ئوسمانىيلار سۇلتانى مۇھەممەد فاتىھنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ خىرىستىيان دۇنياسى ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسىنىڭ سىمۋۇلى سۈپىتىدە ئاياسوفىيا چېركاۋىنى مەسجىدكە ئۆزگەرگەنلىكىنى؛ ئوسمانىيلارنىڭ ئىسلام چېگرىسىنى كېڭەيتىپ يوگوۋسىلاۋىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، رۇسىيەنىڭ تەڭ يېرىمى، بۇلغارىيە، ماكىدونىيە، رومىنىيە، گىرېتسىيە، قاتارلىق زېمىنلارنى ئىسلام دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ئۆز ھىمايىسىگە ئالغىنىنى ئۇنتۇپ قالالمىغانلىقىدىن بولغان.
ياۋروپالىقلارنىڭ خاتىرىسىدىن، ئوسمانىيلارنىڭ ھەرقايسى چېگرالاردا ھەر قايسى ئەل مۇسۇلمانلىرىنى تەشكىللەپ، ياۋروپا ئەھلى سەلىب ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرغانلىقى پەقەتلا چىقىپ كەتمىگەن.
ئوسمانىيلار شەرىقى ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىپ ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا ياۋروپادىن كېلىدىغان بېسىمنى يەڭگىللەتكەن بولسا، ئەرەب قولتۇقىدا پورتۇگالىيەلىكلەرگە تاقابىل تۇرغان، بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسلارغا تاقابىل تۇرغان بولسا، شەرىقى ئافرىقىدا يەنە پورتۇگاللار بىلەن تۇتۇشقان.
مۇشۇ سەۋەبلىك ياۋروپالىقلارنىڭ ئىسلام ئەللىرىنى ئىشغال قىلىشى ئوسمانىيلار ئاغدۇرۇلۇشتىن سەل ئىلگىرىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشقان. ھالبۇكى ئوسمانىيلارنىڭ تېررىتورىيەسىدە بولمىغان ھىندىستان، مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا، ئاللىبۇرۇن ياۋروپانىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ بولغان ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنىكى ۋەيرانچىلىق، بوران-چاپقۇنلارغا ئۇچراپ بولغان ئىدى.
مۇسۇلمانلار ياۋروپادا نۇرغۇن مۇسۇلمان بارلىقىنى پەقەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ توقسىنىنچى يىللىرى بوسىنىيە گرىتسىگوۋىنادا يۈز بەرگەن مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ۋەھشىي قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئېسىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئوسمانىيلارنىڭ ياۋروپانىڭ بىر قىسمىدا ئىسلام تارقاتقانلىقى، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئوسمانىيلارنىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى ئىسىدىن چىقارمىغان ئىدى.
ياۋروپالىقلارنىڭ خاتىرىسىدە ئوسمانىيلار قالدۇرغان ئاچچىق ئەسلىمىلەر، مەغلۇبىيەتلەر، ئىككى قېتىملىق كوسوۋو ئۇرۇشى، فىينىيا، بېلگىراد، نىيكوبولىس، فارنا، كونستانتىنوپول ئۇرۇشلىرىدىكى قاماللار ۋە ئۇ يۇرتلاردىن يىغىپ كېلىنىپ، ئىسلامى تەربىيە بىلەن تەربىيەلەنگەن يېتىم بالىلاردىن تەشكىللىنىپ، كىيىنكى كۈنلەردە ئىسلامغا تۆھپىكار كۈچ بولۇپ قالغان ئنىكوشارىيلار قوشۇنىنى ئىسىدىن زادى چىقىرالمىغان.
ئېنىقكى، ياۋروپالىقلار بولسۇن ياكى ئىلمانىزمغا بولغان مەپتۇنلۇق بىلەن ياۋروپالىقلار باشلىغان يولدا قارىغۇلارچە ماڭىدىغان مەدەنىيەت توقۇنۇشىنىڭ مەغلۇبىيەتچىل ئەسىرلىرى بولغان مۇسۇلمان ئەۋلادلىرى بولسۇن، ياۋروپالىقلارنىڭ ئوسمانىيلارغا قىلغان ئەتكەنلىرىگە نەزەر سالماستىن قارىغۇلارچە ئوسمانىيلارنى باشتىن ئاياغ يامان كۆرۈپ كەلدى. ياۋروپالىقلارنىڭ ئوسمانىيلارنى ئۆزىنىڭ تارىخى دۈشمىنى، دەپ قاراپ يامان كۆرۈشىنى چۈشەنگىلى بولسىمۇ، مۇسۇلمان پەرزەنتلەرنىڭ قارىغۇلارچە ئۇلارغا ئەگىشىپ ئوز يۇرتلىرىنى ياۋروپانىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ئۇزۇن مەزگىل ھىمايە قىلغان بۇ بۈيۈك ئىسلام گەۋدىسىنى ئەيىپلەشلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
ئوسمانىيلار، بولۇپمۇ قانۇنىي سۇلتان سۇلەيمانخان نېمە ئۈچۈن قارىلىنىدۇ؟
تۈركىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « مۇھتەشەم يۈزيىل» يەنى (سەلتەنەتلىك بىر ئەسىر) ئوسمانىيلار تارىخىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە بۈيۈك سۇلتان سۇلايمانخانغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوسمان ئىمپىرىيەسى مەيلى سىياسىي نوپۇزى بىلەن بولسۇن ياكى ئىلمى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچى شۇنداقلا دىپلوماتىيەدىكى غەلىبىلىرى بىلەن ناھايىتى يۈكسەك بىر ئورۇنغا  يەتكەن بولۇپ، بۇ سۇلتان ئەينى دەۋرىدە رۇم ئىمپىراتۇرلىقىنىڭ ئىمپېراتورى شارۇلخاننى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ پايتەختى پىنىيانى قورشاپ قولغا چۈشۈرگىلى تاس قالغان .
فىلىم تارقىتىلىپ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن بۇ داڭلىق رېژىسسور بۇ فىلىمدە، ئوسمانىيلارنى ئەڭ قەبىھ بىر سۈرەتتە كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالماقچى بولغان. ئۇ فىلىمىدە بۇ دۆلەتنىڭ كاتتىلىرىنى، ۋەزىر ياكى قوماندانلاردىن تارتىپ تاكى ئوردا خادىملىرىغىچە شەھۋەت ۋە كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ھاراق شارابقا ئامراق، خوتۇنلار بىلەن ھەرەمدىن چىقالمايدىغان قىلىپ تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭدىكى ئوسمانىيلارنىڭ سۇلتانى بولسا ھەرەمدە ئاياللارنىڭ يوتىسى ئارىسىدىلا ياشايدىغان، ئوردىدىكى ئاياللارنىڭ چېقىمچىلىقى ۋە گەپ توشۇشلىرى بىلەنلا دۆلەت ئىشنى بېجىرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئەمەلىيەتتە فىلىمدە ئەكس ئەتكىنى دەل ياۋروپالىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋىي چوماقچىلىرى بولغان ئىلمانىزم كۈچلىرى تەسەۋۋۇردىكى ئوسمانىي سۇلتانىدۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ سۇلتان ئوتتۇز يىل ھەر قايسى چېگرالاردىكى جەڭ مەيدانلىرىدا ھەربىي ئىشلار بىلەن ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پەقەت ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە بىر نەچچە يىل قېرىلىق سەۋەبىدىن ئوردىدا ئارام ئالغان.
ياۋروپا تەشۋىقات ۋاستىلىرى تۈرلۈك فىلىم ۋە ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق بۈيۈك بىر ئۈممەتنىڭ تارىخىغا قارا سۇۋاشقا ۋە ئىسلام پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىپ ئىلمانىزم ۋە ئىسلامغا ئۆچ كىشىلەرنىڭ قەلەملىرى بىلەن، مۇسۇلمان خەلقلەرنى ئوز تارىخىدىن نومۇس قىلىش، كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىش يولىغا باشلىماقتا.
ئەرەب ۋە تۈرۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسلام ئۈممەتلىرى تارىخىمىزنى قوغداپ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئورتاق ياراتقان ئىسلام تارىخىغا قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە دائىم ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەك .

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئوسمانىيلارنىڭ ئاخىرقى ئۇرۇقى ھەققىدە مەلۇمات

1921- فېۋرال ئايلىرىنىڭ 4-كۈنى سوغۇق بىر ئەتىگەندە ئىسىتانبۇلنىڭ فوسفور دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان ئوسمانىيلارنىڭ داڭلىق تارىخى سارايلىرىدىن بىرى بولغان يىلدىز قەسىرىدە، سۇلتان ۋەھىيۇددىننىڭ نەۋرىسى، ئۆمەرنىڭ قىزى، ئوسمانىيلارنىڭ ئوردىسىدا تۇغۇلغان ئاخىرقى بوۋاق مەلىكە فاتىمە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇ تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ بەختىگە ئاتاپ 121 تال توپ ئوقى ئېتىلغان ۋە ئۇنى تەبرىكلەپ مەخسۇس خاتىرە پۇلمۇ تارقىتىلغان ئىدى.
مەلىكە فاتىمە تۇغۇلۇپ ئۇچ يىلدىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال تەرىپىدىن سۇلتان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى سۈرگۈن قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن. ئوسمانىيلارنىڭ بۇ مەشھۇر جەمەتىدىكى سۇلتان ۋە مەلىكىلەرنى نامەلۇم بىر جايغا ئىلىپ بېرىشقا تەيىن قىلىنغان مۇزدەك ئەسكى پويىزغا چىقىش ئالدىدا كىچىككىنە بوۋاق مەلىكە فاتىمە: «ئاتا توڭلاۋاتىمەن، قەسىرگە قايتىپ كېتەيلىچۇ» دەپ ئاخىرقى قېتىم قەسىر تەرەپكە قاراپ كۆز ياشلىرىنى تۆككەن، باشلىرىغا كەلگەن بۇ ئۇشتۇمتۇت ئاپەتكە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئامالسىز ھالەتتە تۇرغان سۇلتان ۋە خان جەمەتىگە قوشۇپ سۈرگۈن قىلىنىۋاتقان ئەمرلەر بۇ سەبى نارىسىدىنى نېمە دەپ بەزلەشنى بىلەلمەي، ئۈنسىز ياش تۆكۈشكىنىچە باشقا ياققا قارىۋېلىشقان ئىدى.
1952-يىلى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقىلى بارغان باش مىنىستىر ئەدنان مەندەرەس ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا دەرھال ئەلباشى جالال بايار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە مەڭزىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى تۇتالماستىن –بىزنىڭ مەلىكە خانىمچەلىرىمىزنىڭ فىرانسۇزلارنىڭ ئاشخانىلىرىدا ھاراقكەشلەرنىڭ تەخسە قاچىلىرىنى يۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، جان كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ چوقۇم بىز ئۇلارغا كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك،- دېگەن. ئەلباشى ئۇنىڭغا، بوشراق، بۇ گەپلەرنى ھەربىيلەر ئاڭلاپ قالىدىغان بولسا ھەر ئىككىمىزنى دارغا ئاسىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئەدنان مەندەرەس شۇ ھامان ئىستېپانامە يېزىپ جالال بايارغا تاپشۇرۇپ رەئىس قەسرىدىن كەينىگە قارىماستىن چىقىپ كەتكەن. مانا بۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئوسمانىيلار جەمەتىكە تۇنجى كۆڭۈل بۆلگەن مىنىستىر بولسا كېرەك .
بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى بولسا ئەدنان مەندەرەس پارىژغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى تۈركىيە ئەلچىسىدىن سۇلتان جەمەتىنىڭ تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن، ئۇ بىلمەيمەن، دەپ جاۋاب بەرگەن. غەزەپلەنگەن مەندەرەس ئەلچىگە:
سەن يىگىرمە تۆت سائەت ئىچىدە يا ئۇلارنىڭ ئۆي ئادرېسىنى تاپىسەن ياكى ئىستپانامەڭنى تاپشۇرىسەن، دەپ بۇيرۇق قىلغان.
ئەتىگەندە ئەلچى ئەدنان مەندەرەسنىڭ ئالدىغا كىچىككىنە بىر ۋاراققا يېزىلغان سۇلتان ئەۋلادلىرىنىڭ ئادرېسىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن.
ئەدنان مەندەرەس يېنىدىكى فىرانسىيەلىك قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا –ئوسمانيىلارنىڭ، پەلەستىن زېمىنى بەدىلىگە سودىلىشىشنى رەت قىلغان بۈيۈك سۇلتانى –ئابدۇل ھەمىدنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرىنى كۆرگىلى بارغان. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ ئالدىدا پاسكىنا  بىر كوچىغا جايلاشقان بىر زەي ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى فىرانسۇز ئاشخانىسىدا قاچا يۇيۇۋاتقان ئاجىز بىر موماي بىلەن بىر قىزچاق تۇراتتى.
ئەدنان مەندەرەس ئەلباشى ۋە باشقىلارنىڭ قىستىشى بىلەن ئاران ئوسمانىيلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ شەرتلىك قايتىپ كېلىشىگە ئامال قىلالىدى. ئۇلارنى نۇرغۇن مۇشەققەتلەر بىلەن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ ئىستانبۇلدىكى «نىشان تاشى» دېگەن مەھەللىگە ئورۇنلاشتۇردى ۋە دائىم ئۇلارنى يوقلاپ تۇردى. (شۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشلىرى تۈپەيلى ھەربىيلەر ئەدنان مەندەرەسنى 1961-17-سېنتەبىر دارغا ئېسىپ، ئۇنىڭ دارغا ئېسىلغان ھالەتتىكى سۈرىتىنى تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا سېتىپ بەردى.)
مەلىكە فاتىمە بولسا، كىينىچە خىدەۋى (مىسىر پادىشاھى) ئابباسنىڭ شاھزادىسى مۇھەممەد ئابدۇل مۇئمىنگە ياتلىق بولۇپ، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە 2012-ئاپرېل ئايلىرىدا ۋاپات بولدى ۋە ئىستانبۇلغا يۆتكەپ كېلىنىپ شۇ ئاينىڭ 4- كۈنلىرى ئىستانبۇلدا دەپنە قىلىندى.

قىرىنداشلارنىڭ مىللەت -ئىتقاد مەسىلىسىدە ئىشەنچىنىڭ راۋرۇس بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەجداد تارىخ تورىدىن كۆچۈرۈپ ئەپكەلدىم ،كۆچۈرۈلمە بولسىمۇ ،ياكى كۆرۈپ بولغانلار بولسىمۇ ھەم قايتا يوللىنىپ قالغان بولسىمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن ئوقۇپ چۈشىنىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2013-11-15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SULTANSTAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-15 01:10 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95500
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 307
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 09:02:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئوسمانىيلارنىڭ يوقىلىشىنى ئاتا تۈرككىلا ئارتىپ قويسىڭىز بۇ ئادىل بولمايدۇ...مۇستاپا كامالنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غەرىب بىلەن ھەمكارلاشمايمۇ ئامالى يوق ،،،بولمىسا تۈركىيىمۇ سوۋېت ئىتپاقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالاتتى،،،،

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6733
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1847 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 10:23:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققەتەنمۇ ئىسل.....   سەلتەنەتلىك يۈز يىل  دىگەن  كىنىو  خۇددى جوڭگۇنىڭ   مەلىكە خۇەنجۇ  دىگەن فىلمىگە  ئوخشايدۇ...

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 12:02:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مەن بۇ تېمىنى باشتىن ئاياق تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ...دەرۋەقە ئىسلامدىن سەل-تەنەت
كەتكەندە، ئىمپېريىدىن كۈچ-مادار قاچقاندا،...مەھكۇملارنىڭ زىمىنلىرىدا، ئۇلارنىڭ روھى
دۇنياسىدا....زادى نىمە قالىدۇ؟...بۇ تېمىنى مۇنبەرداشلارنىڭ بىر ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە
قىلىمەن. تېما يوللۇغۇچىغا كۆپ  رەخمەت! سەل ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولسام ئەپۇ قىلغايسىز...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 02:53:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1952-يىلى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقىلى بارغان باش مىنىستىر ئەدنان مەندەرەس ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا دەرھال ئەلباشى جالال بايار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە مەڭزىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى تۇتالماستىن –بىزنىڭ مەلىكە خانىمچەلىرىمىزنىڭ فىرانسۇزلارنىڭ ئاشخانىلىرىدا ھاراقكەشلەرنىڭ تەخسە قاچىلىرىنى يۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، جان كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ چوقۇم بىز ئۇلارغا كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك،- دېگەن  
  ماڭا ئەڭ يارىغان قۇرلار مۇشۇ . بىزدىنمۇ مۇشۇنداق باشلىق قاچان چىقار ؟ بولدىلا ئاغىزىمنى تاتلىق قىلماي ،
   لىكىن ھەربىيلەر شۇنى ئۆلتۈرگۈدەك  نىمە جىنايىتى بار بولغىيتى ؟

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6733
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1847 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 12:54:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       مىسرانىمدا ئەزالار ئازلاپ كەتتىمۇ يا ،   ئىسل تىمىلار بۇرۇنقىدەك قىززىمايدىغان.  ئىنكاسلارمۇ ئاز چۈشىدىغان بولۇپ قاپتۇ يا.............

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1257 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 02:43:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي تارىخ مۇنداق بولىدۇ
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!
زۇلئاي بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 03:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94841
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 04:14:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ ئاغدۇرلىشىنى ئەينى زاماندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكى ، پەن تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەرمەي خۇراپاتلىقتا قالغانلىقى ، دادىسىدىن قالغان تەييار تەخىتكە ئولتۇرغان ئىقتىدارسىز ئاخىرقى خەلىپىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئىسلاھات ئېلىپ بارالمىغانلىقى ...قاتارلىقلاردىن كۆرمەي بىر مۇستاپا كامالغا ئارتىپ قويۇش تەپەككۇردىكى ئاجىزلىق .
دەرۋەقە ياۋرۇپا تارىخچىللىرىنىڭ نەچچە ئەسىر ئىشكى ئالدىدا ھۆكىرەپ يۈرگەن ئوسمانىيلارغا ئىزچىل سەلىبى نەزەر بىلەن قارىغانلىقى ، ئەرەب مىللەتچىللىرىنىڭ ھەم ئۇلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكى ئەمەلىيەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79111
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3159
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 05:22:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىسلام ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي، ئامىن!

بىراۋغا بەرگەن ياخشى تەكلىپنى ئۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرالىغىنىمدا،ئۆزۈمنى مەن قالتىس ئادەم دەپ ماختىنالايتىم!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش