مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4826|ئىنكاس: 39

قىش كەلدى، دەرىزىنىڭ سىرتىغا بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويۇڭ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2093
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9662
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 10:28:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            قىش كەلدى. ھاۋا بەكمۇ سوغاق، ئىسسىق ئۈيۈمدە، پارنىڭ ئىسسىقىدا، كالتە يەڭ ئولتۇرغان ۋاقتىمدا، سىرتتىكى نۇرغۇن يايمىچىلارنىڭ بىر كويلۇق ياكى ئىككى كويلۇق نەرسىلەرنى ھارۋىسىغا تىزىپ قويۇپ، كۈندىلىك تىرىكچىلىكى ئۈچۈن، ئۆتكەن كەچكەنلەرگە ئىلتىجالىق بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن. مۇمكىن بولسا، ئېشىنالىسام، شۇ نەرسىلەردىن كۈندە دىگۈدەك سېتىۋالسام، ئۈزەم يىمىسەممۇ، ئېھتىياجلىقلارغا بەرسەم دەپ  ئويلاپ كېتىمەن. بەزىدە ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەن ۋاقتىمدا، ئۈتۈپ كېتىپ بۇلۇپ، يەنە ھەي توختا دىگەن نىدا بىلەن كەينىمگە قايتىپ، بىر كويلۇق ماتاڭ، بىر ئىككى كويلۇق قوناق، نان ، سامسا ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالىمەن، كوچىدىلا مەززە قىلىپ يەپ كېتىمەن.مەن بىرنى ئالسام، باشقىلارمۇ بىرنى ئالسا، شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىتتىكرەك سېتىپ، ئۆيلىرىگە قايتىپ، باللىرى بىلەن جەم بولسا، تۇرمۇش بېسىمى بولمىسا، بۇ نۆلدىن تۆۋەن يىگىرمە ئوتتۇز گىرادۇسلۇق بۇ سوغاقتا، كىممۇ سىرتتا شۇ نەرسىلەرنى ساتىمەن دەپ ئولتۇرسۇن. قايسى بىر يىلى رامىزاندا ئىپتارغا يېقىن بىر جايغا بارىدىغان ئىش چىقتى، ئاپتۇۋۇزدا ئىپتار ۋاقتى بوپ كەتكۈدەك، يانچۇقۇمدا يەيدىغان نەرسە يوق ئىدى، شۇ چاغدا، قارىسام، يىراق بولمىغان بىر جايدا بىر ئاپاش ماتاڭ سېتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۈچنى ئالدىم، 10 كوي بەرسەم قايتۇرىدىغان پاچە پۇل تاپالمىدى، سورىسام، بۈگۈن بەش كويلۇقمۇ سودا قىلالمىغانتىم، ھەم كېچىكىپرەك چىقىپ قاپتىمەن بازاغا دىدى، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى، ئويلىدىم، ئەگەر مەن شۇ ئاپاش بولغان بولسام، ئۆيدە ماڭا قاراشلىق باللىرىم بولسا، مەن قانداق قىلار بولغىتىم، ھەي تۇرمۇش. ....  بىر چاغدا يازدا يۇرتتا ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ئۆيدىن چىقماي ئۆيدە ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان ئىدۇق، دادام بىر چاغدا بىر داس قېتىق كۈتۈرۈپ كىرىپتۇ، ھەممىمىز ھەيران قالدۇق،« دادا نىمانداق جىق ئالدىڭىز، بۈگۈنچە ئىككى -ئۈچ قاچا ئېلىپ، ئەتە يەنە ئالساق بولاتتى ئەمەسمۇ، يېڭىنى يىسەك،...» دىسەم، دادام، « شۇ قارىسام، بىر شۇ ئايال قاپتۇ قېتىق ساتىدىغان، قالغانلار كىتىپ بوپتۇ، ئىككى ئۈچ چىنە ئالسام، قالغانلىرىنى ساتىمەن دەپ يەنە ئىسسىقتا ئولتۇرغۇدەك، شۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ، بۇ ئىسسىقتا ئىتتىك ئۆيىگە كېتىۋالسۇن دەپ، ھەممىنى سېتىۋالدىم، بىر قاچا ئىچىدىغانلار ئىككى قاچىدىن ئىچىپ، جىقراق ئىچەرسىلەر قېتىقنى، ئىسسىق ئاپتاپتا پايدا قىلىدۇ ... » دىگەن ئىدى، كۆڭلۈم شۇنداق بىر ئىللىق سېزىمغا تولغان ئىدى.      بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مۇشۇ تىلەمچىلەرگە پۇل بەرمىسە قانداق بولار دەپ ، لېكىن، پۇل بەرمەي ئامال يوقتە، چۈنكى،بىز دىگەن شۇنداق كۆڭلى يۇمشاق، ئاقكۆڭۈل خەق تۇرساق..لېكىن، ئويلاپ قالىمەن، مۇشۇ پۇل بىرىشنى مۇنداق باشقا بىر ھالەتكە ئۆزگەرتىپ باقساق دەپ، مەسىلەن : ئاۋال بىر نان ياكى بىر كويلۇق ماتاڭ ياكى بىر كويلۇق گېزىت ياكى ئىشقىلىپ، بىر كويغا كېلىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ تاۋىرى، ئاۋال شۇنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن تىلەمچىگە بەرسەك، بۇنداق بولغاندا، شۇ كوچىدا ھالال مېھنىتى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلارغا سودا قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىكەنمىز، شۇنداقلا، تىلەمچىمۇ شۇنى يىسە قوسىغى تويىدىكەن، ھەم سودا قىلىدىكەنمىز، ھەم ساۋاب تاپىدىكەنمىز، ھەم پۇل ئوبۇرۇتقىمۇ ياخشى بولىدىكەن، تىلەمچىلەرنى مانچە خۇتۇنى بار، ئۇلار تاپقان پۇلىغا قىمار ئوينايدۇ دەپ ئۇلارغا تاپا تەنىمۇ قىلمايدىكەنمىز. ئىشقىلىپ، كۆپ جەھەتلەردىن پايدىسى بولىدىكەن.سىلەرچە قانداق ؟؟؟؟        بۇرۇن كىتاپلاردا ئاق قۇشقاچلەر ئۈرۈمچىدە قىش ۋاقتىسى قارا قۇشقاچقا ئايلىنىدۇ، ئىس تۈتەكنىڭ دەستىدىن دەيدىغان، دىمىسىمۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بىرى، بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆي-ئۇچاقلىق بۇلۇپ ياشاۋاتقاندىن بىرى شۇنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. كۈندە دىگۈدەك نەچچە قۇشقاچلار نە نەلەردىن ئۇچۇپ كېلىپ، بەزىدە كەپتەرلەرمۇ بار، دەرىزەمنىڭ رىشاتكىسىغا، تۈمۈر توسۇقلارنىڭ ئارىسىدىن كېلىپ قونىدۇ،  چۈنكى، دەرىزەمدە بىر سۇلياۋ تاۋاق قۇيۇلغان، ئۇنىڭغا ئسىمدە بولسىلا، بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويىمەن، بۇرۇن باشلانغۇچتا تەبىئەت دەرسىدە« قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى» دىگەن ئىدى، سۈيۈملۈك ئوقۇتقۇچىمىز، دىمىسىمۇ قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ئادەمگە ھۇزۇر بىرىدۇ، شۇنداقلا، بۇ قارا قىشتا، قاتتىق سوغاقتا، جاندىن ئۆتىدىغان بۇ قەھرىتان ھاۋادا، قېلىن قار ئاستىدا قۇشلارنىڭ ئۇزۇق تېپىپ يىيىشى بەكمۇ قىيىن، بەكمۇ تەس،  مېنىڭچە بىر پىيالە گۈرۈچ بىر كوي ياكى بەش موچەن،ئۇنىڭدىن ئارتۇق كەلمەس، دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. بىز ئىنسانلار، قۇشلار، ھايۋانلار، دەل دەرەخلەر...ئىشقىلىپ، جاھاندىكى بارلىق نەرسىلەر، كائىناتتىكى پۈتكۈل شەيئىلەر بىر بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، بىزدە ئاجىزلارنىڭ ھەققى بار، قۇشلارغا كۈيۈنۈش، ھايۋانلارغا كۈيۈنۈشمۇ ئوخشاشلا بىزنى جەننەتكە ئېرىشتۇرىدۇ، بىرەيلەن رىۋايەت قىلۇر: « بىر پاھىشە قۇدۇق بېشىدا ئۇسساپ كەتكەن بىر ئىتنى كۆردى، قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىتنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇردى، ياراتقۇچى ئۇنىڭ مۇشۇ ياخشى ئىشى ئۈچۈن، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزدى » ، بۇ رىۋايەتتە، بىر تەرەپتىن ياراتقۇچىنىڭ بەكمۇ مېھرىبان، شەپقەتلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلارنى ياخشى قىلىشقا ئۈندەش، پەقەت ئىنسانلارغىلا ئەمەس، ھايۋانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىش،ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى مەخسەت قىلىدۇ.      سىز بىنادا ياشاڭ ياكى داچىدا ياشاڭ، ياكى بىنا ئەمەس ئۆيدە ياشاڭ، قۇربىتىڭىز يەتسىلا دەرىزىڭىزنىڭ سىرتىغا بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويۇڭ، قۇشلار شۇ گۈرۈچلەرنى يىگەندە، دەرىزىڭىزنىڭ سىرتىدا ۋىچىر-ۋىچىر سايرىغاندا، سىز شۇ سايراشلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا، كۆڭلىڭىز ۋاللىدە ئېچىلىپ قالىدۇ، ئۆزىڭىزدىن مەمنۇن بوپ قالىسىز، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ ياخشى ئىش قىلغان ،ساۋابلىق ئىش قىلغان بولىسىز. بۇ ساۋاب سەۋەبلىك، سىز تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارغا، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا، بايلىقلارغا ئېرىشىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس، ئىشلىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن.بەختىيار تۇرمۇش ھەممىمىزگە يار بولسۇن.  


مەنبە-.ئۆزۈم

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
unix212 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
ruhsana + 59 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 359   باھا خاتىرىسى

دوستلۇقسىز ھايات مەنىسىز بولىدۇ.

اللا، ئۇ  دۇنيا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49384
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6308
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 2264 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 12:44:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى  ئۇقۇپ  ئانچە  قىزىقمىغان  ئىدىم،  ئەمما  مەزمۇنى  مىنى  تۇلىمۇ  سۈيۈندۈردى...
ئادەمنىڭ  ئادەملىكىنى  قىلغان  ئىشىدىن  بىلگىلى  بۇلىدۇ!
قەلەم  تەۋرەتكەن  قوللىرىڭىزغا  ئاپىرىن!!!!!!

دىل ئۆيۈڭنى يۇرۇتۇپ ئۆتسۇن،   بەخىت بىرىپ بەختىڭگە كۈلكەم.   چىن سۆيگۈگە قېنىپ ياشايسەن،    ھاياتىڭغا رەڭ بىرەر كۆكلەم!...

♥زىمىن بىرىنجى ۋ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18299
يازما سانى: 737
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 1016
توردا: 5586 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 12:56:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن .  دۇنيا  مېھىر-شەپقەت بىلەن  گۈزەلدۇر  .  ھەمىمىز  ئۆزىمىزدىن   باشلايلى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ruhsana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-15 12:57 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 02:54:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ساۋاب سەۋەبلىك، سىز تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارغا، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا، بايلىقلارغا ئېرىشىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس، ئىشلىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن.بەختىيار تۇرمۇش ھەممىمىزگە يار بولسۇن.   بۇ تىمىڭىزنى نادىرلاشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن.


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 02:55:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ساۋاب سەۋەبلىك، سىز تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارغا، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا، بايلىقلارغا ئېرىشىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس، ئىشلىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن.بەختىيار تۇرمۇش ھەممىمىزگە يار بولسۇن.   بۇ تىمىڭىزنى نادىرلاشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن.


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 06:23:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيۈممۇ 6- قەۋەتتە ، ئۈرۈمچى قىشتا بەك سوغۇق بولىدۇ ، قۇشلارنىڭ دان تېپىپ يېيىشى بەك تەس، شۇڭا ئاپاممۇ دېرىزىگە تاۋاقتىن بىرنى قويۇپ ئېشىپ قالغان گۈرۈچ ، چۆپلەرنى، نان ئۇۋاقلىرىنى قۇرۇتۇپ قويۇپ قويىدۇ ( قۇرۇتمىسىڭىز مۇز بوپ كېتىدۇ) .
ئەلۋەتتە يازدىمۇ بار . قۇشلار كېلىپ يېيىشىدۇ . ئۆيدىكى مۈشۈك تەكچىگە چىقىپ دېرىزىنى تاتلاپ مىياڭلايدۇ،  يۈگرەپ چىقىپ دېرىزىگە ئۈسىۋالىدۇ ، بىزگە تاماشا ...  دېگەندەك .
يەنە يەرئاستى ئۆيىمىزنىڭ دېرىزىسىنى ئوچۇق قويىمىز ، يەر ئاستى ئۆيدە بىزنىڭ كونا كىيىم ، كونا گېلەم دېگەندەك نەرسىلىرىمىزنى بىر كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدۇق ، چۈنكى ياۋا مۈشۈكلەر كىرىپ ئارام ئېلىشىدۇ . يۇمشاق مايكا ، پەي چاپانلىرىمىزنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئۇخلىشىدۇ . كىچىك قاچىغا ئاشقان گۆش پارچىلىرى ، نان-بولكا ، يەنە بىر قاچىغا سۇ دېگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ قويىمىز . كىرسەك بىزدىن ئۈركىمەيدۇ .

ئەلۋەتتە بىزدە بۇرۇنتىن مېھرىبانلىق ئەنئەنە بولۇپ كەلگەن بولغاچقا يەنىلا ‹‹ بىزلەرنىڭ ›› دېرىزە تەكچىلىرىمىزدە شۇنداق ئۇششاق-چۈششەكلەر بولىدىكەن ، بىز بۇنى ئەلۋەتتە ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك .

ئۈرۈمچى ئۆتكەن قىشتا قايتسام بۇرۇنقىدەك ئىس-مالىمان ئەمەس ، ھاۋاسى پاكىز بولۇپ قاپتۇ ، چۈنكى كۆمۈر كۆيدۈرىدىغان پار شىركەتلىرىنى تاقاپ ، گاز كۆيدۈرىدىغان قىلىپ بۇلغىنىش زور دەرىجىدە ئازلاپتۇ . بۇنى مەن بەك ھېس قىلدىم . بۇ يىل قىشتا قايتمىدىم ، ئاپام ‹‹ يەنە خېلى پاكىز، قۇشلىرىم خېلى ئاققۇ›› دەيدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
unix212 + 39

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10515
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 10:00:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوراندا  يەرگە چۈپ كەتسە   ئىسراپ  بولارمىكى

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81966
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3469
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 10:48:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش دان بېرىدىغان قۇشقاچلىرىم بار ئىدى. ئۇلار ھەر كۇنى سەھەردە ۋىچىرلىشىپ كېلەتتى، مەن شۇ 7-قەۋەتتىكى ئۆيۇمدە دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا گۈرۈچ، سۇ بېرەتتىم. ئۇلارغا قارىسىڭىز  بەكلا مەسلىگىڭىز كېلىدۇ، سېمىزلىرى تالىشىپ شۇنداق جىق دان يەيدۇ، ئۇرۇقلىرى داننى بەك ئاز يەيدۇ، چوڭلىرى ئېغىزى بىلەن كىچىكلىرىگە بېرەتتى. ئۇلارنى ھەر بىر كۆرگەندە كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. ئۇلارنىڭ ۋاقىت قەرەلى بار ئىدى، دائىم شۇ بىر ۋاقىتتا كېلىدۇ، شۇڭا گۈرۈچلەرنى قويسىڭىز شامال ئۇچرىتىپ كەتمەيدۇ. بىر قېتىم بىر قۇشقاچ ئۆيگە كىرىۋاپتۇ، ئۇنى قوغلىساممۇ چىقمىدى، ئاخىرى شۇ ئۆيدە ئۈچ تۆت كۈن دان، سۇ بېرىپ باقتىم. ئەپسۇس ھازىر قۇشقاچلىرىم نەدىلىگىنى بىلمەيمەن، مەن ئۆيۈمنى ئىجارىگە بەرگەندە، ئىجارە ئالغۇچىغا بىر خالتا گۈرۈچنى بېرىپ .ئۇنتۇپ قالماي قۇشقاچلارغا دان بېرىپ قويسىڭىز دېگەن ئىدىم. ئۇلارنى بەكلا  كۆرگۈم كەلدى. ئۇلار ھەقىقەتەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىم ئىدى.
رەھمەت سىزگە ياخشى تېما يوللاپسىز.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81966
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3469
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 10:48:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش دان بېرىدىغان قۇشقاچلىرىم بار ئىدى. ئۇلار ھەر كۇنى سەھەردە ۋىچىرلىشىپ كېلەتتى، مەن شۇ 7-قەۋەتتىكى ئۆيۇمدە دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا گۈرۈچ، سۇ بېرەتتىم. ئۇلارغا قارىسىڭىز  بەكلا مەسلىگىڭىز كېلىدۇ، سېمىزلىرى تالىشىپ شۇنداق جىق دان يەيدۇ، ئۇرۇقلىرى داننى بەك ئاز يەيدۇ، چوڭلىرى ئېغىزى بىلەن كىچىكلىرىگە بېرەتتى. ئۇلارنى ھەر بىر كۆرگەندە كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. ئۇلارنىڭ ۋاقىت قەرەلى بار ئىدى، دائىم شۇ بىر ۋاقىتتا كېلىدۇ، شۇڭا گۈرۈچلەرنى قويسىڭىز شامال ئۇچرىتىپ كەتمەيدۇ. بىر قېتىم بىر قۇشقاچ ئۆيگە كىرىۋاپتۇ، ئۇنى قوغلىساممۇ چىقمىدى، ئاخىرى شۇ ئۆيدە ئۈچ تۆت كۈن دان، سۇ بېرىپ باقتىم. ئەپسۇس ھازىر قۇشقاچلىرىم نەدىلىگىنى بىلمەيمەن، مەن ئۆيۈمنى ئىجارىگە بەرگەندە، ئىجارە ئالغۇچىغا بىر خالتا گۈرۈچنى بېرىپ .ئۇنتۇپ قالماي قۇشقاچلارغا دان بېرىپ قويسىڭىز دېگەن ئىدىم. ئۇلارنى بەكلا  كۆرگۈم كەلدى. ئۇلار ھەقىقەتەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىم ئىدى.
رەھمەت سىزگە ياخشى تېما يوللاپسىز.  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
unix212 + 68

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5791
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2533 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 11:16:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئوقۇپ يۈرىكىم شۇنداق ئىللىپ قالدى....كۆڭلىڭىز بەكمۇ ياخشى ئىكەن..
مەنمۇ شۇنداق بىچارىلەرنى كۆرسەم ئىشلەتسەم ئىشلەتمىسەم نەرسىلىرىنى چوقۇم
سېتىۋالىمەن...دۇنيا مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەل...ئەمدىلەتىن سوغۇق چۈشىۋاتىدۇ
مەنمۇ سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك قىلاي...قۇشلار ۋىچىرلاپ سايراپ بىزگە رەخمىتىنى
بىلدۈرسۇن...خۇدايىم سىزدەك ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن!!!!!!!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
unix212 + 126

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 126   باھا خاتىرىسى

ئىشىڭنى قىل.................!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش