مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2648|ئىنكاس: 36

دوك ۋەزىر ،خان ۋە پوق ۋەزىر... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1711
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1543 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 06:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوك ۋەزىر ،خان ۋە پوق ۋەزىر
(كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تەرجىمە فىلىمى <<دوك ۋەزىر لىيۇۋ يوڭ>>نى كۆرۈپ)
قاراخان
دوك ۋەزىر تاشپاقىغا سەل ئوخشايدۇ،
خانغا سادىق قىلغان سۆزى ھەر ئىشى.
پوق ۋەزىر ئاچ پاقىغا دەل ئوخشايدۇ،
خانغا ئاغرىق سالار ئويى، قىلمىشى.

دوك ۋەزىر  خاس ئۈچ مەلۇمات يوللايدۇ،
قېينىئاتا بولار ئاڭا سىردىشى.
پوق ۋەزىر نەس شاھنى مات قىپ گوللايدۇ،
ئۇنىڭمۇ بار ئەتراپىدا ئوخشىشى.

بىرى ئوڭ قول بىرى سول قول سارايدا،
بىرى شاھنىڭ كۆزىدىكى قولدىشى.
بىرى ئامراق كۈمۈش زەرگە چىرايغا،
بىرى شاھنىڭ كۆڭلىدىكى دىلكىشى.

خان ئوخشايدۇ گاھى ساددا نادانغا،
ئىشەندۈرەر ئۇنى ۋەزىر ئالدىشى.
ئوخشايدۇ خان گاھى چىچەن تەدانغا،
قىلنى قىرىق يارار يوقتۇر ئاينىشى.

ئادالەت دەپ ياشار شاھمۇ ئاۋامغا،
چىقمىسۇن دەپ ناھەق ئىشنىڭ تىۋىشى.
كېلىپ تۇرار ئاۋۇل ئايماق سالامغا،
شاھنىڭ ئېشىپ بارار كۈندە ھەيۋىسى.

قۇرۇت كەبئى پارىخور ھەر قاياندا،
بىر يامبۇسىز ئىش پۈتتۈرمەس ياۋىشى.
ئەمەل مەنسەپ سۈرى ئايان چاپاندا،
بىر سۆڭەككە ئىتنىڭ توختار قاۋىشى.

شاھ بىلەن دوك ۋەزىر قاپتۇ تۇماندا،
خې ئەمىرنىڭ كۆپكەن پىششىق خام ئېشى.
يۈرسە يۈرسۈن ئەل دىگەن گول گۇماندا،
يەپ-ئىچكىنى قالار كەتسە بىر بېشى.

تۇماق دىسە كاللا كەستى پىنھاندا،
ئۆزى سايلاپ چىققان بەگ يا يۇرتدىشى.
قۇرۇق گەپكەن دەيسەن پاكلىق دەۋراندا،
بىرى مۇخلىس بىرى تۇرسا مۇرىتدىشى.

ۋەزىر بولسا پارىخور گەر جاھاندا،
بۇزۇلمامدۇ تەختنىڭ ھۇل گەردىشى.
ئىككىسى يەپ بىرى تۇرسا ساپاندا،
قايسى ئەلنىڭ باردۇر ئاڭا بەردىشى.

2013-يىلى 14-نويابىر




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-15 04:33 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81380
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4101
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2013-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 01:46:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9-قانالدا كۈندە كەچتە بېرىۋاتىدۇ دوك ۋەزىر نى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27334
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2480 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 03:09:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1711
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1543 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 10:33:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇقلىما:

سەن بىلەن مەن ئەمەس تاما ،ھاياندا،
لېكىن‹‹ ئۇ››نىڭ ئوخشاش ئەمەس ئىچ -تېشى.
كىم يىراقكىن پاسىق ،كېسەل،نۇقسانغا،
جاننى ئالار يالغان  خۇپسەن ، دەلدۈشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 1192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4559
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 935 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 11:42:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      شاھتۇر تورىدا   بوزقىرنىڭ   خى شىننىڭ يەنە بىر يۈزى دىگەن تېمىىسى بار ئوقۇپ بىقىڭلا،.....   
      جى شاۋالەننى   ھەممسى   ياخشى دەيدۇ .. بىراق ئىستىلى دۇرۇس ئەمەسكەن ئۇنىڭمۇ    ...  خى شىن يامان بولغىنى بىلەن ...   ياخشى تەرەپلىرمۇ بولۇپمۇ زامانىمىز   ئەمەلدارلىرىدىن ياخشى تەرەپلىرى جىقكەن.

ئاللاھتىن ھەممىزگە ھىدايەت ،تەۋپىق، مەغفىرەت ،ئىنساپ ۋە ئىمان تىلەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1711
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1543 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 11:44:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xajarim يوللىغان ۋاقتى  2013-11-15 11:42 AM
شاھتۇر تورىدا   بوزقىرنىڭ   خى شىننىڭ يەنە بىر يۈزى د ...

ياخشى كۆڭۈل تېگىل بولدى،رەھمەت.

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9200
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5150 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 12:49:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوك ۋەزىر لۇيۇڭنىڭ جاسارىتىگە ئەقلىگە ئەمەلىيەتتە پادىشاھمۇ قول قۇيىدۇ، شۇغۇنىسى ‹ئاق› نى ‹ قارا › دەۋەرسە سەل قارا كۆرۈنگەندەكلا ئىش ، چۈنكى پادىشاھ يېنىدىكى خى ئەمىر پادىشاھنىڭ ئەمرى دەپ پوق يىيىشتىن يانمايدىغان تەخسىكەش، چىقىمچى! بۇ شېئىرىڭىز ئىككى ئوبرازنى بەكمۇ جانلىق سېلىشتۇرۇپتۇ.

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 12:53:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ دوك ۋەزىر رولىنى ئالغان ئارتىسنى «ئوقۇتقىچى بولماق تەس»دىگەن فىلىم ئارقىلىق تۇنۇغان.ئۇنىڭ ئىشلىگەن فىلىملىرى ھەقىقەتەن ياخشى،كىشنى ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ،ھەم كوممىدىيلىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 12:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت  يېزىپسىز  

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9200
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5150 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 01:29:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xajarim يوللىغان ۋاقتى  2013-11-15 11:42 AM
شاھتۇر تورىدا   بوزقىرنىڭ   خى شىننىڭ يەنە بىر يۈزى د ...

خى شىنىننىڭ يەنە بىر يۈزى مۇشۇ مۇنبەردىلا بارغۇ ، تەۋسىيەلىك تېمىلار دىگەن يەردە!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش