ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار
بۇ يازما ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىن كەمتەرنىڭ يازمىسى ،پايدىلىق قىممىتى بولغاچقا كۆچۈرۈپ كىلىندى.
ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىنى تىخى يىقىندا بايقىشىم، نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمنىڭ قارا ئالما ئوينايدىغانلىقىنى ئۇقتۇم، ئوخشاش قىزىقىشىمىز باركەن، بەك خوش بولدۇم. ئۆزۈمنىڭ تەجىربىللىرىم ئۇزۇن بولغاچقا، بۇ تەجىربىلەردىن ئورتاق بەھرى ئىلىشنى ئويلۇدۇم. توردىكى قىرىنداشلارنىڭ مىنىڭ بىرىنجى قىتىم چىقارغان تىمامغا يازغان ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ خوش بولدۇم، مىنىڭ مۇشۇ توغرۇسىدا دەرىسلىك ئىشلەپ چىقارغان بولسىڭىز دىگەن تەكلىپلەرنى كۆردۈم. مەنمۇ شۇنداق قىلاي دىدىم، لىكىن نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم، چۈنكى قارا ئالما توغرىسىدىكى بىلىملەر بەك كۆپ، بىراقلام سېستىما قاچىلاش توغرىسىدا چۈشسەم، كىيىنچە سېستىمىدا مەلۇم خاتالىق كۆرۈلسە ئۇنى ھەل قىلىش تەس. بىر ئىشنىڭ پۈتۈن ماھىتىنى تولۇق چۈشەنگەندىلا، شۇ ئىشتىن چاتاق چىقسا ئەڭ تىز، ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. مۇشۇلارنى ئويلاپ، بۇ دەرىسلىكنى ئەڭ باشتىن باشلاشنى يەنى قارا ئالما چۈشەنچىللىرىدىن باشلاشنى توغرا كۆردۈم، يەنە كىلىپ بۇ كۇلۇبتا بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلەر توغرىسىدا تىمىمۇ يوقكەن. چۈنكى مەن ئەينى ۋاقىتتا قارا ئالما بىلەن ئۇچراشقاندا، مەنمۇ ئالدىراپلام بىرىنجى بولۇپ سېستىما قاچىلاشقا چۈشۈپتىكەنمەن، بۇمۇ ھاياجان ئىچىدە. لىكىن مىنى بەك قىينىۋەتتى. ئاندىن ئۆزۈم بىر تىنىۋىلىپ، بەش ئالتە كۈن مۇشۇ ھەقتە بىلىملەرنىلام كۆرۈپ ئاندىن ھەركەتكە كەلدىم، دىگەندەك ئىككىنجى قىتىم قاچىلاش قىيىنغا توختىمىدى، چۈنكى مۇشۇ بىلىملەرنى ئۇققاندىن كىيىن، نەدىن مەسىلە چىققىنىنى تىزلام بايقىيالىدىم. شۇڭا قىرىنداشلارنىڭ ئالدىراپ كەتمەي، مەن بىلەن بىللە، كۈندە بىرە تىما مۇشۇ ھەقتە بىلىملەرنى ئۈگۈنۈپ ئالمىنى راۋۇرۇس چىشلەشكە ، چالا يەپ قويماسلىققا بىرلىكتە ئاتلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەگەر ئالمىنىڭ يىرىمىنى يەپ بولغان قىرىنداشلىرىمىز بولسا، سىلەرنىڭ ئەمدىلام قولىغا ئالما ئالغان قىرىنداشلارنى بىر ئىككى كۈن ساقلاپ تۇرشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن، بىزمۇ بىردەمدە يىتشىۋالىمىز.ھىچ بولمىغاندا، كىيىنچە كىرگەن يىڭى ھەۋەسكارلىرىمىزغا ئەسقىتىپ قالار بۇ بىلىملەر. ئاخىردا «قارا ئالما» غا قىزىقىدىغان قىرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مۇشۇ كۇلۇپنى، مۇشۇ سورۇننى قۇرۇپ بەرگەن باشقۇرغۇچى قىرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئىيتىمەن.
1. قارا ئالما دىگىنىمىز؟
ئالما شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئالما مەك (MAC) كومپېيۇتىرنىڭ سىستىمىسى (MAC OS) نى ئادەتتە ئىشلىتىدىغان كومپېيۇتىرلار (个人PC) غا قاچىلساق، مانا بۇ قارا ئالما بولىدۇ. ئوخشاش بىر سىستىما، لىكىن ماڭىدىغان كومپېيۇتىر ئوخشىمايدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ MAC كومپېيۇتىرىدا ماڭسا ئاق ئالما، ئادەتتىكى بىز ئىشلىتىدىغان كومېيۇتىرلار(个人PC) دا ماڭسا قارا ئالما بولىدۇ.
2. ئالمىنىڭ ئۇ سېستىمىسى (MAC OS) نى نىمە ئۈچۈن بىز ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى كومپېيۇتىرلارغا قاچىلىغىلى بولىدۇ؟
ئالما شىركىتىنىڭ MAC كومپېيۇتىرلىرى ئېنتېل (Intel) نىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلىتىدۇ، يەنى Intel CPU. بىز ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى كومپېيۇتىرلارمۇ ئېنتېلنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى (Intel CPU) ئىشلىتىدۇ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئوخشاش بولغانلىقتىن ئالمىنىڭ MAC سېستىمىسى (MAC OS) نى بىزنىڭ ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان كومپېيۇتىرلارغا قاچىلاشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ يىقىنقى يىللاردىن بۇيان چىققان، ئېنتېل 64(Intel 64位) خانىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاساس قىلغان كومپېيۇتىرلارنىڭ ئالما مەك سىستىمىسىغا بولغان قوللىنىشچانلىقى تىخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بۇ CPU ئاساس قىلغان كومپېيۇتىرلار ئالما MAC سېستىمىسىنى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىچكى يادروسى (原内核) بىلەن ماڭغۇزالايدۇ (مەيلى كومپېيۇتىرىڭىز خاتىرە كومپېيۇتىرى بولسۇن ۋە ياكا ئۆيدە ئىشلىتىدىغان ئۈستەك كومپېيۇتىرى بولسۇن).
ئەگەر سىزنىڭ ئېنتېل مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىڭىز 32خانىلىق بولسا(Intel 32位)، ئالما مەك سېستىمىسىنىڭ 10.6.8نۇسقىسىنىڭ تۆۋىنىنى ماڭغۇزالايسىز.
سىز بەلكىم مىنىڭ كومپېيۇتىرىم AMD مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاساس قىلغان (AMD CPU)، مىنىڭكىگە قاچىلغىلى بولامدۇ؟ قوللامدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن !
قوللىشى قوللايدۇ، لىكىن يولنى بەك كۆپ ماڭىسىز، مەك سىستىمىسىنىڭ ئىچكى يادروسىنى(内核破解) ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدۇ. مەن بۇ مەركىزى بىر تەرەپ قۇلغۇچى بار كومپېيۇتىرى بىلەن ھەپىلشىپ باقمىغان، شۇڭا قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، بۇ ھەقتە 百度 قىلىپ باقسىڭىز نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەرنى تاپالايسىز.مەن پەقەت بەك مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. كۇلۇبتا مۇشۇ AMD مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاساس قىلغان كومپېيۇتىرلارغا MAC سېستىمىسىنى قاچىلاپ ئۇتۇق قازانغانلار بولسا، ئىچكى يادروسىنى(内核破解) ئۆزگەرتىش توغرىسىدا، ياكى ئۆزگەرتىگەن يادرو بولاقچىللىرىنى يوللاپ قويساڭلار ھەممىمىز خوش بولاتتۇق. ئەگەر AMD مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاساس قىلغان كومپېيۇتىرغا MAC نى ئوڭۇشلىق قاچىليالىسىڭىز، تۆۋەندە سۆزلىنىدىغان قاتتىق دىتاللارنى تونۇتۇش ھەققىدىكى ئۇقۇملار Intel مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاساس قىلغان كومپېيۇتىرلارنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشايدۇ.
يۇقىرقى ئىككى خىل مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ(Intel32 ۋە AMD) قوللىنىشچانلىقىدا ھازىر يىڭى تىخنىكىلار نەگە كەلدى، بۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. شۇڭا بۇ توغرىلۇق ئۆزۈڭلار 百度 قىلىپ بىقىڭلار، مەن بۇ توغرىلۇق بىلىملەرنى ئوقۇپ قالسام ، بۇ چۈشەندۈرۈشنى چوقۇم يىڭىلاپ قويىمەن.
3. ئالما مەك سېستىمىسىنى(MAC OS) ئادەتتىكى كومپېيۇتىرغا قاچىلساق قانۇنلۇقمۇ؟
ئەگەر سىزدە توردىن سىتىۋالغان ئالما مەك سېستىمىسىنىڭ DVD دىسكىسى بولسا ياكى ئالما ئەپ دۇكىنى (App store) دىن سىتىۋالغان (ئادەتتە 126 يۈەن خەلىق پۇلى ئەتراپىدىغۇ دەيمەن، لىكىن ئالما شىركىتى 10.9 نەشىردىن كىيىن سېستىمىنى بىكارلىق قىلىۋەتتى) ئالما مەك سېستىما بولىقى (بۇ بولاق ئادەتتا dmgفورماتىدا بولىدۇ) بولسا، بۇنى قاچىلسىڭىز قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، پەقەت شۇ EULA توختامىغا خىلاپ، سىزنى ساقچى ئىزدىمەيدۇ، تۈرمە ياكا جەرىمانە بۇنىڭدىن تىخىمۇ يىراق، جىق بولسا سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ سېستىمىنى ئۆچۈرگۈزىۋىتە. لىكىن ئەمدە شۇ 百度 بۇلۇت سۇپىسىدىن ۋە ياكى باشقا مەنبەلەردىن ھەقسىز چۈشۈرۋالغان سېستىما بولىقى بولسا، بۇنى قاچىسىڭىز قانۇنغا خىلاپ، ئوغرى نەشىر (盗版) نۇسقىسىنى ئىشلەتكەن بولىسىز. لىكىن ئۆزىڭىز بىلىسىز، جۇڭگۇدا كىممۇ رەسمىي نەشىر نۇسقىسىنى پۇلغا ئىلىپ ئىشلىتەر. Windows نىڭ ئوغرى نەشىر (盗版) نۇسقىسىنىڭ جۇڭگۇدىكى ئىشلىتىلشىگە قارىسىڭىزلام، ئالما مەك سېستىمىسىنىڭ داۋبەن نۇسقىسىنىڭ ئىشلىتىلشىنىڭ ئۇنچىۋالا ئىغىر ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىسىز، Windowsنىڭ يۈزدەن بىرىگىمۇ كەلمەمدىكىن.
بەزىڭلار بەلكىم، ۋاھ...ھەجەپ ياخشى، مىنىڭ Intel CPU تى ، قوللايدىكەندە دەپ خوشال بولۇشىڭلار مۇمكىن، خوش بولساڭلار بولىدۇ، لىكىن سىلەر ماڭىدىغان يول ئازراق قىسقاردى، يەنە نۇرغۇن يوللار بار.
يەنە بىرسى كومپېيۇتىرىڭىز چوقۇم AHCI دىسكا نۇسقىسىنى قولىشى كىرەك، بۇنى Biosقا كىرىپ كۆرىمىز،Biosقا كىرىپ Configure SATA دىگەننى تاللىساق، بىر نەچە تاللاش تۈلىرى چىقىدۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
بۇنى تەڭشەپ AHCIغا ئەكىلىمىز. ئەگەر AHCIنى قوللىمىسا، RAID قا تەڭسەيسىز، ئاندىن بىر kext بار، مىنىڭ ئىككىنجى دەرىسلىكىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئىلىنغان، شۇنى چۈشۈرۈپ /S/L/E غا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، ياكى بولمىسا ئايرىم ماڭا خەت قالدۇرۇڭ.
4. بىرىنجى تەلەپنى ھازىرلىدىڭلار، ئىككىنجى تەلەپ ھەممىدىم مۇھىم، سەۋرىچانلىق. سىلەر«ۋاي مىنىڭ كومپېيۇتىرىمغا ئالما مەك سېستىمىسىنى قاچىلغىلى بولدىكەن» دەپلام ئالدىراپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئالما مەك سېستىمىسىنى Windowsقا ئوخشاش ۋاي بۇگۈن سېستىما قاچىلايچۇ دەپلام بىرە ئىككى سائەتتىلام قاچىلايدىغان ئىش ئەمەس. مەن ئەڭ باشتا قارا ئالما بىلەن ھەپىلەشكەندە كۈندە 10 سائەت ھەپىلشىپمۇ بىر ھەپتىگىچە سېستىما ئورنۇتۇش يۈزىگىمۇ كىرەلمىگەن، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. قاتتىق دىسكام نەچە قىتىم فورمات بولاپ كىتىپ نۇرغۇن ماتىرياللىرىم يۈتۈپ كەتكەن. ئوتتۇردا ئاخىرى چىدىماي چۇت تاشلىۋەتكەن ئىدىم. ئاندىن تەتىل كەلگەندە سەۋرىچانلىق بىلەن تۇتۇش قىلىپ بىر ھەپتە سىستىما قاچىلاش بىلەن (مەغلۇپ بولىۋىرىپ، بىر كۈندە 10 قىتىمچە سىستىما قاچىلاش بىلەن نەچچە يۈز قىتىملارچە سىستىمىنى قايتا قوزغۇتۇش بىلەن ئۆتكەن)، يەنە بىر ھەپتە قاتتىق دىتاللىرنى (سىملىق سىمسىز تور،ئاۋاز،سۈرەت، كۆك چىش، USB، كونۇپكا تاختىسى،مائۇس قاتارلىق)تونۇتۇش بىلەن ئۆتۈپ، بەك تەستە ئۇتۇق قازانغان.
شۇڭا ، ئەگەر ھەقىقىي قاچىلاش نىيتىڭلار بولسا راۋۇرۇس بىكار ۋاقىتتىن 10كۈننى تەييارلاڭلار، ئاندىن كومپېيۇتىردىكى بارلىق مۇھىم ماتىرياللارنى باشقا قاتتىق دىسكىغا يۆتكەپ ساقلاپ قويۇڭلار، لىكىن مەن يازغان دەرىسلەردىن ئالدىرماي كەلسەڭلارمۇ بولىۋىردۇ. ئەمدە شۇ دىمەكچى سەۋرىچانلىق ھەممىدىن مۇھىم دەپ.
مەك ئالما سېستىمىسى (MAC OS) بىلەن Windows سېستىمىسى چۇت ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئالما سېستىمىسىنى قاچىلغاندا كاللىڭىزنى زەھەرلىگەن Windows ئۇقۇمىنى چۇت يۇيۋىتىڭ.
5. سىستىمىغا يىتەكلىگۈچى پىروگرامما ھەققىدە ساۋات (系统引导程序)
بىز بىر كومپېتۇرنىڭ توك مەنبەسىنى باسقاندىن كىيىن مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئالدى بىلەن كومپېيۇتىرنىڭ باييوس(Bios)نى ئوقۇيدۇ، بايۇس سېستىما يىتەكلىگۈچى پىروگرامما ئارقىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا سىستىمىنىڭ قايسى جايدا ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ بىرىدۇ. ھەممىڭلار ئۇقىسىلەر Windows تىكى بۇ سېستىمىغا يىتەكلىگۈچى پىروگراممىنىڭ ئىسمى mbr. ئالما سېستىمىسىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ سېستىما يىتەكلىگۈچى پروگراممىسى بار، لىكىن ئۇ بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان كومپېتۇرلارغا ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا بىز ئادەتتىكى كومپېيۇتىرلاردا ئىشلەتكىلى بولدىغان، ھەم ئالما مەك سېستىمىسىنى قوزغىتالايدىغان بىر سېستىما يىتەكلىگۈچى پروگراممىغا مۇھتاج، بۇ يەردە ئىككى خىل پروگراممىنى تونۇشتۇرىمەن
بىرىنجىسى خامىلىئۇن پروگراممىسى(变色龙). خامىلىئون پروگراممىسى ئالما مەك، ۋېندوۋىس ۋە لىنۇكس سېستىمىللىرىنى قوزغىتالايدۇ، بۇ پروگرامما ئارقىلىق بىر كومپېيۇتىردا كۆپ سىستىما بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.خامىلىئوننىڭ WindowsۋەMACنۇسقىسى بار،ئىھتىياجغا قاراپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
ئىككىنجىسى كىلاۋۇر(Clover) پروگراممىسى. بۇ پروگراممىنى مەن كۆپ ئىشلىتىپ باقمىغان، شۇڭا بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىم كۆپرەك بولغاندا مۇشۇ توغرۇلۇق چۈشەندۈرۈش يىزىپ چىقىمەن.
مەن ئاساسلىق خامىلىئۇننى كۆپرەك ئىشلەتكەچكە مۇشۇ توغرۇلۇق كۆپرەك توختىلىمەن.
6. ئالما سېستىمىسى قاچىلغىلى بولدىغان قاتتىق دىسكا فورماتلىرى
ئەسلى ئالما سېستىمىسىنى پەقەت GUID نى (يەنى 分区GPT، بۇ يەردىكى GUID بىلەن GPT رايۇن ئوخشاش مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ) دىسكا فورمات شەكلىدىكى قاتتىق دىسكىلارغىلام قاچىلغىلى بولىدۇ. لىكىن بىز ئىشلىتىۋاتقان Windowsبولسد mbr دىسكا فورمات شەكلىگە قاچىلانغان. شۇڭا مۇشۇ سەۋەبتىن ئالما سېستىمىسىنى ئادەتتىكى كومپېتۇرلارغا قاچىلاشنىڭ بىر قانچە خىل شەكلى بارلىققا كەلگەن. قاتتىق دىسكىنىڭ فورماتىنى DiskGenious ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
بىرىنجى خىل ئۇسۇل، پۈتۈن قاتتىق دىسكىنى GUID فورمات شەكلىگە ئۆزگەرتىپ ئالما مەك سېستىمىسى (MAC OS)نى قاچىلاش. بۇ ئۇسۇلدا پۈتۈن دىسكا GUID فورمات شەكلىگە ئۆزگەرتىلىپ قاچىلىندۇ. لىكىن بۇ فورمات شەكلىدە كومپېيۇتىردا بىرلام ئالما مەك سېستىمىسى مەۋجۇت بولىدۇ. Windowsنىمۇ بۇ فورمات شەكلىگە قاچىلايتىم دىمەكچى بولسىڭىز، بۇ فورمات شەكلىگە Windows7نىڭ 64خانىلىق، Windows نىڭ 32 ۋە 64 خانىلىق، Windows8.1 نىڭ 32 ۋە 64 خانىلىق سېستىمىللىرىنىلام قاچىلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ شەرتى كومپېيۇتىرىڭىز چوقۇم UEFI قوزغۇتۇش شەكلىنى قوللىشى لازىم. بولمىسا GUID فورماتلىق قاتتىق دىسكىدا بىرلام ئالما مەك سېستىمىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. بۇ ئۇسۇل ئىككى قاتتىق دىسكىسى بار ياكا قاتتىق دىسكىسى 1 TB دىن ئارتۇق بولغان كومپېيۇتىرلارغا ماس كىلىدۇ. (GPT فورماتلىق قاتتىق دىسكىغا پەقەت UEFI قوزغۇتۇش ئارقىلىقلام Windows قاچىلغىلى بولىدۇ). كومپېيۇتىرىڭىزنىڭ UEFI قوزغۇتۇشنى قوللايدىغان قوللىمايدىغانلىقىنى Bios قا كىرىپ ئۇقالايسىز.
ئوخشىمىغان كومپېيۇتىرلانىڭ Bios تەڭشەش كۆزنىكى ئوخشىمايدۇ، لىكىن ئاساسلىق تەڭشەشلەر ئوخشاش بولىدۇ، تەپسىلى قاراپ بىقىڭ، چۈشۈنىشىڭىز چوڭقۇر بولمىسا، قالايمىقان ئۆزگەرتمەڭ، قالايمىقانلىشىپ كىتىشى مۇمكىن. كۇلۇبقا ياردەم سوراش تىمىسى يوللاش ئارقىلىق ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ.
mbr فورماتلىق قاتتىق دىسكا ۋە GPT فورماتلىق قاتتىق دىسكا پەرقىنى 百度 دىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئىككىنجى خىل ئۇسۇل، ئالما مەك سېستىمىسىنىڭ مەلۇم بىر ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مەك سېستىما بولىقىنى MBR فورماتلىق قاتتى دىسكىنى قوللايدىغان قىلىش. بۇ چاغدا كومپېيۇتىرڭىزدىكى ئەسلى بار Windows سېستىمىسىغا ھىچقانداق چىقىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئالما مەك سېستىمىسىنى قاچىلاشقا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل Windows نىمۇ قويۋەتكىسى يوق ،ئالمىغىمۇ ئامراق كۆپىنچە دوستلارغا ماس كىلىدۇ، مەسىلەن بىرلام قاتتىق دىسكىسى بار، قاتتىق دىسكىسى 1 TB دىن كىچىك بولغان كومپېيۇتىرلا.
ئۈچىنجى خىل ئۇسۇل، MBR فورمات بىلەن GUID فورمات شەكلى تەڭ ساقلىندىغان ئارلاشما قاتتىق دىسكا فورمات شەكلى. بۇ دىگەنلىك،سېستىما Windowsقا كىرگەندە سېستىما قاتتىق دىسكىنى MBR فورماتى دەپ تونۇيدۇ. ئالما مەك سېستىمىسىغا كىرگەندە سېستىما قاتتىق دىسكىنى GUID فورماتى دەپ تونۇيدۇ.بۇنىڭدا چوقۇم ئالدى بىلەن ئالما سېستىمىسىنى قاچىلايسىز ئاندىن Windows نى قاچىلايسىز. بۇ ئۇسۇلنى دەسلەپتە مەن قوللانغان ،لىكىن بەزىدە قاتتىق دىسكىدا خاتالىق بار دەپ چىقىۋالغان، قاتتىق دىسكامدىن چاتاق چىقمىسۇن دەپ سېستىمىنى يۇيۋىتىپ، قايتىدىن ئالدىدىكى ئىككى خىل ئۇسۇلدا قاچىلدىم. لىكىن توردا بۇ خىل ئۇسۇلدا قاچىلغانلارمۇ بەك كۆپكەن، ھىشنىم بولمايدۇ دەپتۇ.
تۆتىنجى خىل ئۇسۇل، Clover سېستىما يىتەكلىگۈچى پروگراممىسى ئارقىلىق قاچىلاش. بۇ ھەقتىكى بىلىمىم ئاز بولغانلىقتىن كىيىنچە چۈشەندۈرۈش يازارمەن. ئاڭلىسام، ئەگەر خامىلئون ئارقىلىق كومپېيۇتىرنىڭ قاتتىق دىتاللىرىنى تونۇتالمىغان بولساڭلار، بۇ خىل ئۇسۇلدا قاچىلساڭلار تۇنۇپ قىلىشى مۇمكىنكەن.
7. ئەمدە قانداق قاچىلاش توغرۇسىغا كەلسەك، مەن بۇ توغرىلۇق ئەتە ئۆگۈن يەنە بىر ماقالە يىزىپ بايان قىلارمەن.بەلكىم مىنى بۇنداق قۇرۇق گەپنى جىق قىلغۇچە گەپنىڭ پوسكاللىسىغىلام چۈشسە بولمامدىغاندۇ دىيشىڭلار مۇمكىن. لىكىن مەن بۇ بىلىملەرنى بەك مۇھىم دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىلىملەرنى بىلگەندىلام، سېستىما قاچىلاش جەريانىدا قايسى يەردىن چاتاق چىققىننى بىلگىلى بولىدۇ. ئالما سېستىمىسىنى قاچىلاش بەك تەس ئەمەس، مەن بۇدا بايان قىلغان ئۇسۇل ئارقىلىق قاچىلساڭلار بىر ئىككى كۈندە، تەلەيلىك بولساڭلار 20مىنۇتتىلام قاچىلاپ بولۇشۇڭلار مۇمكىن، مەندەك نەچە ھەپتە ھەپىلشىپ يۈرمەيسىلەر.مۇھىم مەسىلە يەنى ھەممىدىن تەس قىسمى كومپېيۇتىرلارنىڭ قاتتىق دىتاللىرىنى قانداق تونۇتۇش،بۇ بەك مۈشكۈ ئىش. سېستمىنى ئەمدىلا قاچىلاپ بولغاندا ھىچ نەرسىنى تونۇمايدۇ، ئاۋاز، تور يوق، سۈرەت قالايمىغان بولىدۇ، كونۇپكا تاختىسى، مائۇس، USB مۇ ئىشلىمەيدۇ، ھەتتا باتارىيەنىمۇ تونۇمايدۇ. مۇشۇلارنى تونۇتۇش جەريانىدا يۇقارقىدەك بىلىملەر ئەس قاتىدۇ.
ئالما مەك سېستىمىسىغا كومپېيۇتىرىمنىڭ قاتتىق دىتاللىرىنى قانداق تونۇتىمەن؟
بۇ Windows ئوخشىمايدۇ، Windows تا سىز قاتتىق دىتاللار قوزقاتقۇچ پروگراممىلارنى قاچىلسىڭىزلام بولىدۇ (يەنى显卡،网卡،声卡等驱动)، ئىش پۈتتى. ئالما مەك سېستىمىسىدا MAC OS ئۇنداق ئەمەس.ئالما سېستىمىسى يۇنىكىس (Unix) سېستىمىسىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قاتتىق دىتاللارنى قوللىشىشچانلىقى يۇنىكىس (UNIX) سېستىمىسىغا ئوخشاش بەك يۇقىرى، پەقەت سىز سېستىمىغا سىزنىڭ قاتتىق دىتاللىرىڭىزنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىنى ئىيتىپ بەرسىڭىزلام بولىدۇ، بۇنداق قاتتىق دىتالنىڭ نەگە جايلاشكانلىقىنى ئىيتىپ بىردىغان ھۆججەتلەر ئەڭ چوڭ بولسىمۇ بىر- ئىككى گىگابايت ، Windows تىكى قاتتىق دىتاللارنى قوزغاتقۇچ پروگراممىلاردەك نەچچە ئون، نەچچە يۈز MB ئەمەس. مەن كۇلۇپتىكى بەزى قىرىنداشلارنىڭ ئالمىغا قاتتىق دىتال تونۇتۇشتا، قوزغاتقۇچ پروگراممىسى قاچىلايمىز دىگەن چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆردۈم. ئەمەلىيەتتە بۇنداق دىيىش خاتا، بىز ئالما مەك سېستىمىسىغا، قاتتىق دىتاللارنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىنى ئىيتىپ بەرسەكلام بولىدۇ، ئۇ قاتتىق دىتاللارغا قوزغاتقۇچ پروگراممىلارنى قاچىلمىساقمۇ، ئالما مەك سېستىمىسىنىڭ ئىچكى يادروسى (系统内核) ئۇ قاتتىق دىتاللارنى بىۋاستە تونۇيالايدۇ، بۇنىڭ شەرتى سىز چوقۇم شۇ قاتتىق دىتاللارنىڭ نەگە جايلاشقىننى ئىنتايىن توغرا دەپ بىرىشىڭىز كىرەك،توغرا دەپ بەرسىڭىزلام ئۇلارنى (网卡،声卡،显卡等) سېستىما ئۆزى قوزغىتالايدۇ،مانا بۇ ئالما مەك سېستىمىسىنىڭ سۈرئىتى Windows تىن نەچە ھەسسە تىز بولدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
8. ئالما مەك (MAC OS)كە قاتتىق دىتاللىرىڭىزنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىنى ئىيتىپ بىردىغان ئۇسۇل ئىككى خىل.
بىرىنجىسى DSDT.aml ھۆججەت. بۇ ھۆججەتنى Windows سىستىمىسىدا تۇرۇپ AIDA64 پروگراممىسى ئارقىلىق ئالىمىز، بۇ پروگىرامما مەخسۇس كومپېيۇتىرنىڭ قاتتىق دىتاللارنىڭ ئورنىنى ۋە ھەرخىل سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدىغان يۇمشاق دىتال. ئاندىن Windows ياكى MAC سېستىسىدا تەھرىرلەيمىز، نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ (ئاساسلىق قاتتىق دىتالنىڭ ئانا تاختىسىنىڭ قايسى يىرىگە جايلاشقانلىقى توغرىسىدا سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزىمىز) ئاندىن ئىشلىتىمىز.
ئىككىنجىسى kext فورماتلىق ھۆججەت. بۇ kext فورماتلىق ھۆججەتنى ئۆزىڭىزنىڭ كومپېيۇتىر سەپلىمىسىگە ئاساسەن ،ھەر بىر قاتتىق دىتالنىڭكىنى بىردىن بىردىن ئىزدەپ تاپىسىز. پەقەت سەپلىمىسى ئوپمۇ ئوخشاش بولغان كومپېيۇتىرلارلام ئۆز ئارا ئىشلىتىشكە بولىدۇ،بولمىسا قاتتىق دىتاللار ئوخشاش بولغان تەقدىردىمۇ باشقىلارنىڭ شۇ kext سىنى ئىشلىتىپ ئۆزىڭىزنىڭكىنى قوزغىتالماسلىقىڭىز مۇمكىن، بولۇپمۇ ئاۋاز بىلەن باتارىيەنى باشقۇرغۇچى پىروگراممىلارنى.
يۇقىردىكى ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ بىرىنجى خىل ئۇسۇل يەنى DSDT.aml ھۆججەت ئارقىلىق قاتتىق دىتالنى تونۇتۇش ئۇسۇلى ئەڭ ئەۋزەلدۇر، لىكىن بۇنىڭغا ئازراق پروگرامما قىلىش ۋە كۆپرەك كومپېيۇتىر قاتتىق دىتال بىلىملىرى بولۇشى كىرەك، DSDT.aml ئىشلىتىش ئارقىلىق كومپېيۇتىرىڭىزنى ئالما مەك سېستىمىسىنى 100% قوللاشقا ئاپىرالايسىز (تەس كۆرسىڭىز بۇنى ئىشلەتمەي ھەممە قاتتىق دىتاللارنى kext ئارقىلىق تونۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ، چوقۇم DSDT.aml نى ئىشلىتىسىز دىگەن گەپ ئەمەس)، لىكىن DSDT.aml نى تەھرىرلەشكە يامان بولسىڭىز، كومپېيۇتىرىڭىز ئاق ئالمىغا ئوخشاش ماڭىدۇ (DSDT.aml سېستىمىنى تىخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇش، تىخىمۇ مۇكەممەلتۈرۈش رولىغا ئىگە)، ئۇششاق چۈشەك مەسىللەر كۆرۈلمەيدۇ. لىكىن DSDT.aml تەھرىرلەش راستلام بەك تەس، ئۆزگەرتىدىغان يەرلەر بەك كۆپ، بۇ ھەقتە مەن خۇدايىم بۇيرىسا ئايرىم ئوبدان بىر چۈشەندۈرۈش يازمىسام بولمايدۇ.
ئىككىنجى خىل ئۇسۇل ئاسانراق، توردىن ئۆزىڭىزنىڭكىگە چۈشىدىغان kext نى تىپىپ موككىدا قويسىڭىزلام ئىش پۈتتى دىگەن گەپ.لىكىن توغرىسىنى تىپىشمۇ ئاسان ئەمەس.
بۇ مىنىڭ بىرىنجى قىتىم تورغا بىر نەرسە يىزىپ چىقىرشىم، يىزىقچىلىق ۋە چۈشەندۈرۈش قابىلىيتىمنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىك تۈپەيلىدىن ، بۇ چۈشەندۈرۈش چۇۋالچاق، قالايمىقان چىققان بولۇشى مۇمكىن، چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، لىكىن سۇئال بولسا خەت قالدۇرساڭلار كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ئىنىق چۈشەنچە بىرىشكە تىرىشىمەن. يەنە بەلكىم ئىملا خاتالىقى، ئاتالغۇ خاتالىقى بايقىغان بولساڭلارمۇ چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن، تەكلىپ پىكىر بەرسەڭلار تىخىمۇ ياخشى يىزىشقا تىرىشىمەن. بۇ چۈشەندۈرۈش بەزى قارا ئالما ئوينايدىغان يامان باللارغا ئادەتتىكىچە بىر بىلىم بولۇشى مۇمكىن، زاڭلىق قىلمىغايسىلەر، ئالدىڭلاردا مەنمەنلىك قىپ قويدۇم.
ئەمسە بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، كىيىنكى ماقالەمدە قارا ئالما قاچىلاش توغرىلۇق تىخىمۇ چوڭقۇر بىلىملەر توغرىسىدا توختىلمىز، خەير، قىرىنداشلار، ئاللاغا ئامانەت .
داۋامى :
http://xjmac.com/mac/forum.php?m ... ptid=5610&pid=44731