مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 696|ئىنكاس: 3

مۇھاكىمە:ھۇقۇق- كۇچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11670
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 01:53:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇقۇق- كۇچ
-مىسرانىمغا قايتىپ كىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن يوللانغان تىما، مىسرانىم تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ روخسىتىسىز ھەرقانداق تورغا مەنبەنى ئەسكەرتمەي تۇرۇپ يوللاشقا بولمايدۇ، يازمىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان قاراشلار قەلەم ئىگىسىنىڭ مۇستەقىل ئەمگىكى ۋە قارىشى ، پايدىلانغۇچىلار جەزمەن ئاپتۇرنىڭ ئەمگىكىگە ھورمەت قىلغان ئاساستا پايدىلىنىشى كېرەك. قارشى پىكىر بىرىشىڭلارنى ۋە مۇنازىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشڭلارنى سورايمەن. يازمىنى ئۇچۇرۇش ھۇقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىغىمنى تەكىتلەيمەن. ھورمەت بىلەن : مۇھاكىمە

1.        كىرىش سۆز (1)
مەن دەسلىۋىدىكى مارسچە روھ ۋە ھازىرقى مۇھاكىمە نامىدا بېكەتلەرگە كىرىپ يازما يىزىۋاتقىلى 2 يىلچە ۋاقىت بۇلۇپتۇ ، بۇ جەرىياندا داڭلىق شائىرىمىز ، شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسچىسى ، <<كائىنات >> تورىنىڭ باشلىقى قاسىم سىدىق مۇئەللىمنىڭ تورتكىسى ناھايىتى زور بولدى ، ئەركىن سىدىق ئاكا ، تاشپۇلات ئاكا ، گۇلەن ، بىلگەجان ، نەبىجان تۇرسۇن....قاتارلىق دوكتۇرلىرىمىز ،بىلىك ،  بىلىكيار ، ڧىزىك،  تۇخۇتۇر ، سۇيدۇڭ پولكى ، پاترول ، مارشال ، ھىتە ، قارا كۇز ، ئەركيار ، مەنزىل ، قاپلان ، پىيادە ، تايانچىم بار ، قانۇنى يول ، باغداش ، ئىزدىنىش ، لاۋا0998 ، تىمتاس ، گۇلۇم ، نەرگىز ، سەرۋى ، تىۋىلغا ، ئابلىمىت ، ھاكىم، قومباغ، مايۇر ، جېك ، ئىدىقوت ، تۇران ،ئويغۇن،نەپىس............... قاتارلىق ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئېلىنمىغان ھەرقايسى تور بەتلىرىمىزدىكى تورداش ئۇستازلارنىڭ تىما-ئىنكاسلىرىدا زەرەتلەندىم، بىر قىسملار بىلەن پاراڭلىشىپ نۇرغۇن نەپكە ئىگە بولدۇم، كائىنات ، باس-باس ، مىسرانىم ، باغداش ، كۇچا ، ئىزدىنىش ، ئەلكۇيى ، ئۇيغار .... قاتارلىق (ئىسىم ئىلگىرى –كىيىنلىكى تەرتىۋى يوق ، يۇقۇرىدىمۇ ئوخشاش) توربەتلەردە ئاساسلىغى تەبئى پەنگە دائىر ئۇزەمنىڭ چۇشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، كوپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىپ خوشال بولغان بولسام ، بىر قىسىم چۇشنىشمەسلىكلەرمۇ روياپقا چىقتى، شەخسەن مەزكۇر مىسرانىم مۇنبىرى بىلەنمۇ مەلۇم بىر كۇچۇرۇلمە تىما (كىيىن باشقىلارنىڭ نامىدا ئىلان قىلىندى-مەن بۇنىڭدىن كوپ خۇرسەن بولدۇم.) توغىرىلىق بىر قىسىم پىكىر ئىختىلاۋىمىز كۇرۇلگەن بولغاچقا ، مەن مىسرانىمغا شۇندىن بۇيان كوپ تىما يوللىمىغان ئىدىم ، مەن تەۋسىيە قىلغان تىما باشقىلار تەرىپىدىن يوللىنىپ تەستىقلانغاندىن كىيىن يەنە قايتىپ كەلدىم. بۇ يەردە بۇ مەسلىلەرنى تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەپ- بىر نەچچە تور بەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە مەندىكى كالتە ئىدراك ۋە چالا تەجرىبە مەندە << ھۇقۇق- كۇچ >> ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتىكى  <<بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى>> بولدى ، يېقىندىن بۇيان ئۇزەمدىكى ئىقتىدارنىڭ كەملىگى ، كۇڭۇلسىزلىكلەر ۋە بىر قىسىم ئىشلار تۇپەيلىدىن بىر مەزگىل دەم ئېلىش مەقسىتىدە  ڧىزىكا تۇرىدىكى ئىزدىنىشلارنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قۇيۇپلا قالماستىن ، تور بەتلىرىمىزگە تىما يوللاشتىن توختىغان ئىدىم ،مەن بۇيەردە بىر قىسىم چىكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرىم ئۇچۇن كوپچىلىككە ئۇزرە ئېيتىمەن ، ھەممەيلەنگە تەشەككۇر ئېيتىمەن ، ئېھتىرام بىلدۇرىمەن ۋە چۇڭقۇر سالام يوللايمەن.
كىرىش سۆز (2)
پەيلاسۇپ ، شائىر ، سىياسىئۇن باكۇن <<بىلىم- كۇچ >> ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇچيۇز يىللار ئوتكەندىن كىيىن ، شەخسى ئۇچ – ئاداۋەت ، ھۇقۇق مەركىزىنىڭ چەتكە قېقىشىغا ناھايىتى كوپ ئۇچىرىغان دولەت رەھبىرىمىز دىڭ شىياۋپىڭ ئەپەندى <<پەن – تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۇچى >> ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا  قويغان ئىكەن ، ئويلاپ باقساق <<بىلىم –كۇچ>> بولغان يەردە  ، يەنە كىلىپ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۇچى بولغان يەردە ئۇنداق بولسا ھۇقۇق نىمىدۇ؟
2.        ئىنسانىيەت تارىخى-ھۇقۇق تارىخى
ھۇقۇق ئۇقۇمى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرە ئىنتايىن كەڭ بۇلۇپ ، دۆلەت ، پارتىيە ، جەميەت ...قاتارلىق تەشكىلنىڭ ھۇقۇقى ۋە كۇنكىرىت ئادەم ، ئەزا ھۇقۇقى يەنى يەككە ئەزا ھۇقۇقى قاتارلىق ئىككى دائىرىنى ئوز ئىچىگە ئېلىش مۇمكىن .
پۇتكۇل ئىنسانىيەت تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئۇمۇمى يۇزلۇنۇشتە تەشكىلىنىڭ ھۇقۇقىنىڭ بارغانسىرى تارىيىپ ، ئەزانىڭ ھۇقۇقىنىڭ بارغانسىرى چۇڭىيىۋاتقانلىغى ۋە باراۋەرلىككە يۇزلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمىز ، مەسلەن   قۇلدارلىق جەميەتتە قۇلدارلارنىڭ جۇملىدىن دولەت تەشكىلىنىڭ ھۇقۇقىنى يۇرگۇزگۇچى پادىشاھلارنىڭ ھۇقۇقى ناھايىتى چوڭ بولسا ، ئەكىسچە نۇرغۇن قۇللارنىڭ قىلچىلىك ھۇقۇقى بولمىغان.....
قەدىمقى زاماندىكى رىم ئۇرۇشىدىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ھەتتا نۇۋەتتىكى سۇرىيە ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق ، تەشكىللەر يەنى دولەتلەر ئارا ئۇرۇش ئىگىلىك ھۇقۇق ، مەدەنىيەت ھۇقۇقى (مەسلەن دىننى مەركەز قىلغان ئۇرۇشلار)قاتارلىق ھۇقۇقلارنى مەركەز ۋە مەقسەت قىلىپ ئۇرۇشقان بولسا ، تەشكىلات مەسلەن دولەت ئىچىدىكى تۇقۇنۇشلار شۇ تەشكىلاتنىڭ ھۇقۇقىغا مەركەزلەشكەن ياكى شۇنى نىشان قىلغان،ئەڭ ئاددىسى ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشمۇ ئۇزۇقلىنىش ھۇقۇقى ياكى جۇپلىشىش ھۇقۇقى.....قاتارلىق ھۇقۇقلارغا مەركەزلەشكەن ئىكەن.
قىسقىسى ، ئىنسانىيەت تارىخى – ھۇقۇق تارىخى .
3.        ھۇقۇق –كۇچ .
ھۇقۇق بولغان ئىكەن ئۇنىڭ كۇچى بۇلىدۇ ، پادىشاھنىڭ ھۇقۇقىدىن كاپىتالىستنىڭ ھۇقۇقىقىغىچە ھەتتا شەخسنىڭ ھۇقۇقىغىچە ناھايىتى زور كۇچكە ئىگە بۇلىدۇ، تەشكىلاتنىڭ كوپ قىسىم ھۇقۇق كۇچى تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ھۇقۇق كۇچىغا چەك قۇيۇش بەدىلىگە كىلىدۇ. بۇ ئىككىسى بىر-بىرسىنى شەرت قىلىدۇ ۋە بىربىرسىنى چەكلەيدۇ، بىرى چۇڭايسا يەنە بىرى كىچىكلەيدۇ.
كۇپىنچە ھاللاردا بىر ھاكىميەت ئالماشقاندا ، ئەڭ ئاۋال ھۇقۇق تەقسىملىنىشىدە ئوزگىرىش بۇلىدۇ ، ئۇمۇمى يۇنۇلۇشتە تەشكىلنىڭ ھۇقۇقى ئاجىزلاش ، شەخىسنىڭ ھۇقۇقى زورىيىش ھالىتىنى ساقلايدۇ ، بۇنىڭغا قارشى قىسمەنلىك يوق ئەمەس ئەلۋەتتە.
4.        ھۇقۇق – بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۇچى
نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ، ھۇقۇق تەشكىللىك ھالدا قانچە تارقاقلاشقان نىسبى مۇقىم جەميەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ شۇنچە يۇقۇرى بولىدىغانلىغىنى بىلەلەيمىز ، يىراقنى ۋە چەتئەلنى دىمەي دولىتىمىزنى مىسالغا ئالساق ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئەقەللى بولغان مۇستەقىل تېرىقچىلىق ياكى تىجارەت ھۇقۇقى بولماي دولەتنىڭ ھۇقۇقى مىسلىسىز كۇچەيگەن ، بىراق ئىقتىسادى ئۇنۇم ناھايىتى تۇۋەن بولغان ، ھۇقۇق تۇۋەنگە چۇشۇرۇلگەندىن كىيىن ئۇنۇم تىز سۇرئەتتە ئېشىپ بۇگۇنكى كۇنگە ئۇلاشتۇق...
قىزىق ۋە كىنايىلىك يىرى تەشكىلگە ۋاكالىتەن ھۇقۇق يۇرگۇزىدىغان بۇشىلەي...........دەك بىر قىسىملار ھۇقۇقنىڭ بۇ خىل بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۇچىلىك خارەكتىرىنى مۇكەممەل ئىسپاتلاپ بەرمەكتە!
يىغىنچاقلاپ ئىيتقاندا ، ئىنسانىيەت تارىخى -  ھۇقۇق تارىخى ، ھۇقۇق –بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۇچى ، ئەمما ، ھۇقۇق كىم ئارزۇ قىلسا ياكى كىمگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا بىرىلىدىغان سوغات بۇيۇمى ئەمەس بەلكى قان-تەر ۋە ئەقىل پاراسەت بەدىلىگە ئىرىشىدىغان ۋە قوغدايدىغان نەرسە!........

بىرتەرەپلىمىلىك ۋە خاتالىقتىن ساقلىنالماسلىقىم تەبئى ، كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ تەلىم بىرىدىغانلىغىغا ئىشنىمەن. تورداشلارنىڭ قانۇن ۋە سىياسەت يول قويغان دائىرىدە ئىنكاس يىزىشىدىن ئۇمۇتۋارمەن.






ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11670
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 09:24:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىمدە قېلىشىچە ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت دەرسىدە ۋە ئالى مەكتەپ پەلسەپە دەرسىدە سىياسى ئۇستقۇرۇلما ، ئىقتىسادى بازىس دىگەن مەزمۇنلارنى سۆزلەپتىكەن ، سىياسىنىڭ مۇھىم يادروسى بولغان ھۇقۇق ئەلۋەتتە ئىقتىسادتىن ئىبارەت بازىس ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى ناھايىتى تەبئى بۇلىدىكەن.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 02:53:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەپەككۈر قىلىپسىز قېرندىشىم
تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35372
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 01:03:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوقۇق-كۈچ-ھاياتلىق!

سىياسى ھوقۇق-سىياسى كۈچ-سىياسى ھايات!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش