مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4964|ئىنكاس: 47

مۇھەببەتلىشىش كىرەكمۇ-يوق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97822
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 01:37:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار،ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن.بۇ مىنىڭ مۇنبەرگە تۇنجى قېتىم ماقالە يوللۇشۇم ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
        بۇ تىما 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىnuri ئۈندىدار سالونىمدا 《谈恋爱还是不谈》نامىدا بىر قېتىم يوللانغان.يوللانغاندا رەسىم شەكلىدىكى ئۈندىدار پاراڭ خاتىرسىلا يوللانغان ئىدى.ئەمدىلىكتە ماقالە شەكلىدە مۇنبەرگە يوللاشنى قارار قىلدىم.
       مۇھەببەت ئەسلىدە ناھايىتىمۇ كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تىما ئىدى.ئەفسۇس ئەمدىلىكتە بولسا قىز ئۇغۇل ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتلىنىلا كۆرسىتىدىغان تار دائىرىگە قاپسىلىپ قالدى .دەۋرىمىزدە مۇھەببەت بولسا ھەرقانداق بىر ئەقلى ھۇشى جايىدا ياش تۇرمۇشتا دۇچ كىلىدىغان مەسلىگە ئايلاندى.سىزنىڭچە مۇھەببەتلىشىش كىرەكمۇ-يوق؟
      تۇۋەندىكى قۇرلار بولسا مەن ۋە ئانچە يېقىن  بولمىغان بىر دوستۇمنىڭ ئۈندىداردىكى پاراڭلىشىش خاتىرسىنى ماتىريال قىلىپ يېزىلدى.ئىسىل مەزمۇنلار ئارقىدا قېرىنداشلارنىڭ سەبىرچانلىق بىلەن ئۇقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
0[4].jpg


      بۇ بىر قېتىملىق راس بولغان پاراڭلىشىش خاتىرسى ،ئىككى تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىگىنى ساقلاش ئۈچۈن ئازراق ئۆزگەرتىلدى.كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى .ئۈمىد قىلىمەن.
      بىز بىر قىسىم ئىشلارنىڭ پەقەت بىرلا تەرىپى ئۈستىدىلا توختىلىۋاتىمىز،يەنە بىر تەرىپىنى بولسا نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلدۇق. بۇ قېتىمقى پاراڭ بەلكىم مەسلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئۈستىدە توختالغان بۇلىشى مۇمكىن .ئەگەردە سىزنىڭ ئىدىيىڭىز بۇنى قۇبۇل قىلالىسا تارقىتىڭ ،باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىڭ.قۇبۇل قىلالمىسا بۇ ئۇچۇرنى نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلىڭ.
1.png

(پاراڭ بولغاچقا ئاغزاكى تىلدا يېزىلدى)
دوستۇم:ماڭا دۇكىنىڭنىڭ ئۇلانمىسىنى يوللىۋەتكىنە
دوستۇم:بىر نەرسە ئالىدىغان ئادەم با
مەن:……
(مەن تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئاچقان)
دوستۇم:ھە بولدى
دوستۇم:بويتاقلار بايرىمىدا ئىتىۋار بامۇ يا؟
2.png

مەن:بىز دىگەن بويتاقلا بايرىمى ئۆتكۈزمەيمىز
دوستۇم:توغرا توغرا
مەن:ئۆتكۈزمەيمىز دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى خاتا چۈشەنمە جىمۇ
دوستۇم:ئۇقامماي قالدىمغۇ،سەن بۇ بايرامنى ئۆتكۈزمەمسە يا بۇنداق بايرامنىڭ بارلىغىنى ئىنكار قىلامسە؟
3.png

مەن:مۇسۇلمانلا دىگەن بۇندا نەسىنى ئۆتكەزمەيدۇ
دوستۇم:بىلدىم،ماڭىمۇ شۇ قىزىقارلىق تۇيۇلدى خالاس
دوستۇم:باشقىچە ئىش يوق
مەن:ئوۋ....
دوستۇم:لىكىنزە ،چىن قەلبىمدىن سىنىڭ بويتاق بومماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمە
4.png

دوستۇم:ياخشى قىزۋالىدىن بىرنى تاپقىن
مەن:سەن بولدى مىنىڭ ھازىر بويتاق بۇلىشىمنى ئۈمىد قىغىن
مەن:مەن توي قىغاندىن كىيىن بويتاقلىقتىن ۋىدالىشىمەن
مەن:مەن سىنىڭمۇ تۇيۇڭ بۇلىدىغان ئاشۇ كۈنگە قەدەر بويتاق بۇلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن
دوستۇم:ھە....
5.png

مەن:سەن بەلكىم ھازىر غەلىتە ھىس قىغان بۇلىشىڭ مۇمكىن
دوستۇم:ياقەي
مەن:لىكىن سەن ھەقىقى چۈشەنگەندىن كىيىن ،ئىدىيەڭ بۇ “غەلىتە”كۆز قاراشنى قۇبۇل قىلىدۇ
دوستۇم:مەن بەلكىم بۇنداق قىمماسلىغىم مۇمكىن،بەلكىم بەك توغرا چۇشىنەممەسلىگىممۇ مۇمكىن،ئەمما غەلىتە ھىس قىممايمەن
6.png

دوستۇم:ئۇنىڭ(غەلىتە ھىس قىلىشنىڭ)ئورنىغا ئاپىرىن  دەيمە
مەن:ئادەم دىگەن تەپەككۈر قىلالايدۇ
مەن:مەن ساڭا سۇئالدىن بىرنى قۇياي
مەن:سەن ئالدىرىماي ئويلانغىن
دوستۇم:ھىم،دەرسكە ھىجابلىنىپ كەگەن قىز ئۇقۇغۇچىلارغا ھەممىدىن بەك قول قۇيىمەن
دوستۇم:نىمە سۇئال؟
7.png

مەن:مۇھببەتلىشىۋاتقانلار بىلەن توي قىپ بولغانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىكى ئەڭ چوڭ پەرقى نىمە؟
مەن:سەن پەرقىنى تاپقاندىن كىيىن ئاندىن يەنە مۇنازىرلىشەيلى
مەن:ھەممىسى بىر جۈپ جىمۇ خاتا چۈشەنمە
(پاراڭلىشىش خاتىرسىدىكى ۋاقىتقا دىققەت قىلىڭ بۇ ئىككى سائەت ئەتراپىدا بۇلۇنغان پاراڭ)
8.png

دوستۇم:ھە....بىرسى قانۇنلۇق بىرسى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس
مەن:قايسى قانۇنغا ئۇيغۇن؟
دوستۇم:ئىسلام قانۇنى(شەرىئەت)
مەن:يەنىمۇ ئۇچۇق قىپ ئېيتقاندا توي قىپ بوغانلار قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ قايسىللىرىنى مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار قىممايدۇ؟
مەن:سەن ئۇلارنى تاپالامسە؟
9.png

مەن:قايسى ئىشلا؟
مەن:سەن ئالدىرىماي سېلىشتۇغىن
مەن:مەن سىنىڭ كاللاڭنىڭ ئۆتكۈرلىگىنى بىلىمەن
مەن:قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ يوق بۇنى ھازىرچە قۇياپ تۇرىلى
دوستۇم:ھە بۇلىدۇ
10.png

مەن:سەن مىنىڭ قاندالىغىمنى ئۇبدان بىلىسە،مەن كاللىسى ئۆتكۈرلەنى ھۆرمەتلەيمە ھەم بۇنداقلا بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى ياقتۇرىمەن
دوستۇم:بىلىمەن،سىنىڭ دىگىنىڭنىمۇ چۈشىنىمەن
دوستۇم:باشقىچە ئۇيلاپ قاممايمەن
مەن:سېلىشتۇرۇپ تاپالىدىڭمۇ؟
دوستۇم:تاپتىم
11.png

مەن:دەپپاققىنە قېنى
دوستۇم:ئالاھىدە يېقىنچىلىق قىلىشىش
مەن:ھەممىمىز ئۇغا بالا ،ئۇچۇقراق دىسەك بىر كارىۋاتتا ياتمىغان يىرىلا قالدىغۇ
(ھازىرقى مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارغا قارايدىغان بولسىڭىز ،ئۇلار پۇللارنى ئورتاق خەجلىشىدۇ،بىر بىرىگە دەتلىرىنى تۈكىشىدۇ.كالپىكىنىڭ تىرىسى چۈشۈپ كەتكىچە قارشى تەرەپكە”مەن سىزنى سۈيىمەن“دىيىشىدۇ.بىر-بىرىدىن كۈنلىشىدۇ،بىرگەبازارلارنى ئايلىنىدۇ.ئەگەردە ئۇقۇغۇچى بولسا ئۆيگە بېرىپ كىلىشتىكى بېلەتنى بىرگە ئېلىشىدۇ .تەتىل قۇيۇپ بىرىدىغان ۋاقىت ئوخشاش بولمىسا قارشى تەرەپنى ساقلاپ تۇرىشىدۇ .ناۋادا ئالغان بېلىتى بىر يەردىن چىقماي قالسا ،ئالمىشىپ بىر يەردە سۈكۈشۈپ ئولتۇرىشىدۇ .كۈندە بىر كۈرۈشمىسە چىرىغى يۇرىمايدۇ.بىر-بىرىگە سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلىشىدۇ.تەپتارتماستىن ئادەم بار يوق دىمەي شىلىمدەك بىر بىرىگە چاپلىشىدۇ ،سۈيىشىدۇ ،قوللىرىنى گىرە سېلىشىدۇ.يەنە تىخى تەپتارتماستىن قارشى تەرەپنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىشىدۇ،ۋەھاكازالار.سىزنىڭچە ئەر-خۇتۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار قىلمىغان قايسى ئىش قاپتۇ؟)
مەن:توغرىدۇ
12.png

دوستۇم:……(مەخپىيەتلىك بولغاچقا ئۈچۈرىۋىتىلدى)
مەن:ئەمىسە سىنىڭچە بۇ نۇرمالمۇ؟
دوستۇم:بىنۇرمال،مۇھەببەتلەشسەڭ بۇلىدۇ ،لىكىن بۇنداق قىلىشقا بوممايدۇ
مەن:(ئەجىبا)بىر كارىۋاتتا ياتمىسىلا بولدى؟!
دوستۇم:ھەئە
13.png

مەن:ئەمىسە توي قىلىش شۇ بىر كارىۋاتتا يىېتىش ئۈچۇنكەنغۇ؟
دوستۇم:ئۇنداق ئەمەس،توي قىلىشنىڭ باشقا ئەھمىيتىمۇ بار
مەن:توي قىلىشتا بار بولغان ئەھمىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇھەببەتلىشىشتىمۇ بار
(توي قىلىش بىلەن مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئەھمىيتىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ.توي قىلسىڭىز يالغۇزلۇقنىڭ كىشەنجىسىدىن قۇتۇلىسىز.روھىڭىزنىڭ چاڭقىغان چاڭقىغان جايلىرىغا ئۇسسۇزلۇق تاپالايسىز،جۈپتى ھالالىڭىز بىلەن خاپىلىق ۋە خۇشاللىققا تەڭ يۈزلىنىسىز،مەسلىلەرنى بىرگە ھەل قىلىسىز.دەتلىرىڭىزگە تەڭ دەرمان بۇلىدۇ.ئائىلە ئىقتىسادىنى بىرگە زىممىڭلارغا ئالىسىلەر(بۇنداق دىگەنلىك ئايالىڭىزنىمۇ پۇل تاپقىلى چىقىرىپ قۇيۇڭ دىگەنلىك ئەمەس،تاپقان پۇلنىڭ بەركىتىنىڭ بار يوقلىقى دەل ئايالىڭىزدا)ئايالىڭىز سەپەرگە چىقسا بىرگە ھەمراھ بۇلۇپ چىقىسىز،قارشى تەرەپنىڭ ئۈيىنى يوقلاش ئارقىلىق ،ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەبچى بۇلىسىلەر.ئايالىڭىزدا كۈندەشلىك ھىسى تۇغىلىدۇ ،سىزدە بولسا ئايالىڭىزنى يات جىنىستىن ساقلاش ھىسى تۇغۇلىدۇ ،ۋەھاكازالار.قېنى ئەقىللىق كاللىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ئويلىنىپ بېقىڭ،مۇھەببەتلىشىشنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىرى بارمۇ-يوق؟)
مەن:پەرقى شۇ پەرزەنتنىڭ بار يوقلىقىدا خالاس
مەن:مەن سەندىن سوراپ باقاي توي قىلىش بىر ئۇلۇغ ئىشمۇ ئەمەسمۇ؟
14.png

دوستۇم:ئۇنداق ئەمەس(پەرزەنتنىڭ بار يوقلىقىدا خالاس دىگەن سۆزۈمگە رەدىيە)توي قىلىشنىڭ جەمىيەتكە پايدىسى كۆپ،لىكىن بۇلار مۇھەببەتلىشىشتە يوق
دوستۇم:ئۇلۇغدۇ،ئىنىق ئۇقمايمەن
دوستۇم:لىكىن توي قىلىش بەك زۆرۈر
مەن:ئەجىبا بىر ئۇلۇغ ئىش ئەمەسمۇ؟
دوستۇم:ئۇلۇغ
15.png

دوستۇم:ئويلاپ باقمىغان
مەن:مەن سەندىن يەنە سوراپ باقاي ،ئەگەردە يات ئەر سىنىڭ ئايالىڭ بىلەن قۇچاقلاشسا ،سۆيۈشسە،قوللىرىنە گىرە سېلىشسا قانداق قىلىسە؟
مەن:سەن ئوبدان ئويلاپ باققىن
16.png

دوستۇم:ھىم
مەن:مەن سەندىن يەنە سوراپ باقاي ،ئەگەردە يات ئەر سىنىڭ ئايالىڭ بىلەن قۇچاقلاشسا ،سۆيۈشسە،قوللىرىنە گىرە سېلىشسا قانداق قىلىسە؟
دوستۇم:ئۇ ئەرنى ئۇرىمەندە خۇتنۇمنىڭ خېتىنى بىرىمەن
(سىز بەلكىم ئۇ ئەرنىڭ قارنىنى بۆسۈپ،ئايالىڭىزنى ئورنىدىن قۇپامماس قىپ قويۇپ ئانىسىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قۇيىسىز ھەقاچان)
دوستۇم:بۇنداق ئايال بىلەن تويمۇ قىلمايمەن
17.png

مەن:مەن سەندىن يەنە بىر سوراپ باقاي،ئەگەردە سەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ،باشقا بىر ئەر سىنىڭ ئامماقچى بوغان ئايالىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ ،سۆيۈشۈپ،قۇللىرىنى گىرە سىلىشقان بولسا قانداق قىلىسەن؟
دوستۇم:مەن بۇنداق ئايالنى ئاممايمەن
(دوستۇم بۇنداق ئايالنى ئاممايمىش ،سىزچۇ ؟سىز قانداق قىلىسىز؟)
مەن:مۇھەببەتلىشىش قۇچاقلىشىشنى،سۆيۈشۈشنى،قوللىرىنى گىرە سېلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ يوق؟
دوستۇم:ئۆزئىچىگە ئالىدۇ
دوستۇم:شۇڭىلاشقا سەن مۇھەببەتلەشمەيدىكەنسەندە؟
18.png

مەن:ئەمىسە سەن سىنىڭ ئايالىڭنىڭ بۇرۇن بۇنداق قىلغان ياكى قىممىغىنىنى نەدىن بىلىسە؟
مەن:باشقا ئەر بىلەن
دوستۇم:بىلمەيمەن
مەن:سەن ئۇنىڭ بۇرۇن ئۇنداق قىغان قىممىغىنىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ ئۇنداق ئايالنى ئاممايمەن دەيسەن تېخى
19.png

مەن:”ئۇنداق ئايالنى ئاممايمەن“بۇ ئۆز-ئۈزۈڭگە تەسەللى خالاس،”ياخشى نىيەتتىكى ئالدامچىلىق“
دوستۇم:دىمە بولدى
دوستۇم:دىسەڭمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق
دوستۇم:سەن يا ئۆزگەرتەممەيسەن
دوستۇم:سەن توي قىممايلا قوي بولدى
20.png

مەن:مەن توي قىلىمەن بۇرادەر
مەن:سەن ھازىر تۈگە قۇشقا ئوخشاش مەسلىدىن قېچىۋاتىسەن ،بېشىمنى تۇپىغا تىقىۋالساملا خەتەر يوق دىگەندەكلا
دوستۇم:ئەمىسە سەن دەپپاققىنا قانداق قىلىسە ؟ھازىر ھەممە ئاياللار مۇشتا تۇسا
مەن:توغرا مەن بۇنى ئۆزگەرتەممەيمەن ،لىكىن مەن ئۈزۈمنى ئۆزگەرتەلەيمەن،ئەڭ ئەقەللىيسى بۇنداق ناچار ئىللەتنىڭ ئەۋىج ئېلىشىغا ھەسسەمنى قوشمايمەن
21.png

مەن:سەن خاتا ئويلاپ قاپسەن بۇرادەر”ھەممە ئاياللار “دىگەن گىپىڭنى يۇغۇشتۇرىۋاغىن
دوستۇم:ماقا
(ھازىر جەمىيتىمىزدە شۇنداق مەدھىيلەشكە ئەرزىيدىغان قىزلار باركى ،ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ كەلگۈسىدىكى جۈپتى ھالالىنىڭ ھەققىنى تۇلۇق تاپشۇرۇش ئىستىكىدە،بۇ فىتنىگە تولغان ئالەمدە ئۈزىنىڭ ئىپپىتىنى گويا پاختا ئىچىدە چوغنى ساقلىغان كەبى ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرىپ ساقلىماقتا،مانا بۇلار دەل تىرىك نۇزۇگۇملاردۇر)
مەن:ئەمدى مۇھەببەتلىشىش ياكى مۇھەببەتلەشمەسلىكنى ئۈزۈڭ قارار قىغىن
دوستۇم:ماقا
(بۇ پاراڭنىڭ ئاخىرى قېنى دەمسىز ؟گەپنى دەپ بۇ دەرجىگە يەتكەندە يەنە نىمە گەپ بومماقچىتى )
       مەن بۇلارنى يېزىپ ئولتۇرسام ،نەدىكى ”بىر كارىۋاتتا يېتىش “”سۆيۈشۈش“”قۇچاقلىشىش“دىگەندەك تېتىقسىز گەپلەرنى يېزىپ، گۈزەل بولغان ئۇيغۇر تور مەدىينىتىمىزگە داغ تەككۈزدى دەپ ئويلىماڭ،ۋوللىۋودنىڭ شۇنچىلىغان كارۋاتقا چىقماي تۇرۇپ ئىشى پۈتمەيدىغان ،بوللىۋودنىڭ يېرىم يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينىمىسا يۇقرى پەللىسىگە كۈتۈرۈلمەيدىغان شۇ كىنولىرىنى ھەجەپ پەچەتكەن ،دەششەت ياخشىكەن دەپ كۈرۈپ كىتىسىزيۇ ،ئەجىبا مەن بىر ئىككى ئېغىز بۇنچىلىك گەپ قىلسام بولماسمۇ؟”بۇ ئۈزى تۇرمۇشقا چىقىپ بوپ ،قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۈزى قىپ بۇلاپ ئەمدى بىزگە تەربىيە ئىشلىگىلى كەپتۇ “ياكى بولمىسا”ئەقلى ھۇشى جايىدا ئەمەس ،بىنۇرمال ۋە ياكى باشلانغۇچنىڭ ئەلاچى ئۇقۇغۇچىسى ئوخشايدۇ“ دەپمۇ ئويلاپ قالماڭ.مەن دەل سىز ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە ئەقلى ھۇشى جايىدا ،ئەقلى ۋە جىسمانى كۈچى جۇش ئۇرۇپ تورغان يىگىرمە ياشلىق نەۋقىران بىر ياش.چىرايلىق تەڭتۇش قىزلارنى كۆرگەندە دەل سىزگە ئوخشاش يۈرىگى سېپ كىتىدىغان،پۇت قۇلى ئۈزىنىڭ ئەمەستەك ھىسقا كەپ قالىدىغان  بىر ياش.ياكى بولمىسا ”ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ سەتى ئوخشايدۇ قىزلارنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان“ دەپمۇ ئويلاپ قالماڭ.مىنى تۇنۇيدىغانلار بىلىدۇ خېلى كىلىشكەن ،بىجىرىم ،قىزلارنى بىتاپ قىلالمىسىمۇ ئىشقى بىدار قىلالايدىغان بىر ياش.
        بىلگىنىڭدىن بىلمىگىنىڭ كۆپ دىگەندەك،ھازىر شۇنداق ياشلىرىمىز باركى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ،قىزلار ئۈزى ئىزدەپ كىلىپ قىزىقتۇرسىمۇ ،قىزلاردىن ئۈزىنى تارتىدىغان.شۇنداق قىزلار باركى تۇمۇزنىڭ جاننى ئالار ئىسسىقىدىمۇ ،ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھىجابىنى تەرك ئەتمەيدىغان.ئەۋرەتلىرىنى ئاچسا ئۈزىنى ھەم باشقىلارنى گۇناھكار قىلىشىدىن قورقىدىغان.بۇلار ھەقىقەتەنمۇ ماختىشىمىزغا لايىق ياشلاردۇر.
       مەن بۇ يەردە سىزگە مۇھەببەتلەشسەڭ بۇلىدۇ بولمايدۇ دىگەنگە ئايات ۋە ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈپ پەتىۋا بىرىپ ئولتۇرمايمەن،ھەم بۇنداق قىلىشقا سالاھىتىممۇ توشمايدۇ.بۇ توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى تور ۋە ئۈندىداردىكى جىڭ ۋە ساختا(ئىسلامغا دائىر نەرسىلەرنى كۆرسە دەرھال قارى بۈۋىم بوپكىتىدىغان،ھاۋايى ھەۋەسكە دائىر نەرسىلەرنى كۆرسە تۇساتتىن ئويۇننىڭ پىرى بوپ كىتىدىغانلار)قارى بۈۋىملەر قۇلىقىڭىزغا كەمچىلەپ قۇيۇپ بولدى ھەقاچان.سىزنى دەڭ دىسىمۇ قورقماي بىر ئىككىنى دىۋىتىسىزغۇ دەيمەن.مەن بۇ يەردە سىزدىن سورايدىغىنىم مىڭە ھۈجەيرىللىرىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ئويلاپ بېقىڭ،ياخشى كۆرۈش بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئىككىسى بىر گەپمۇ؟بىراۋنى ياخشى كۆرسىڭىز مەيلى ،پەرھاتقا ئوخشاش شىرىنىڭىز ئۈچۈن تاغنى يېرىپ سۇ ئەكىلىڭ .نۇزۇگۇمدەك كەلگۈسىدىكى جۈپتى ھالالىڭىزنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئىپپىتىڭىزنى ساقلاڭ.ھەرگىزمۇ ئۈزىڭىزنى ھەم قارشى تەرەپنى ئايىغى يوق شەيتانى يولغا باشلىماڭ.
       سىز بەلكىم كومپىيوتىردا ،تىلۋۇزۇردا ياكى تىلفۇنىڭىزدا ھۇزۇرلانغان ھالدا ،غەرىپ ئەللىرىدە ،كورىيەدە ۋە ياكى شەرقى ئاسىيا رايونلىرىدا ئىشلەنگەن رومانتىك فىلىملەرنى كۈرىۋاتقان بۇلىشىڭىز مۇمكىن.شۇ غەرىپ ئەللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىن لەززەت ئالالماي ،شۇ ئىس تۈتەككە تولغان قاۋاقخانىىلاردا،قۇلاقنى يارىدىغان ئاۋازغا تولغان ،بار مەينەتچىلىكنى ئۈزىگە مۇجەسسەملىگەن دىباخانىلاردا ئۆز ئۈزىگە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق روھى ئۇزۇق ئىزدەيدىغان شۇ ”رومانتىك“ ھالىتىنى كۆرمىگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن.كورىيەدىكى ياشلارنىڭ ھاياتتىن مەنا تاپالماي ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدەك بۇ  ”رومانتىك“ مەنزىرلەرنى كۆرمىگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن.بىزلەرگە رومانتىك فىلىملەرنى سېخىيلىق بىلەن تەقدىم قىلىۋاتقان شۇ رايۇنلاردىكى كىشىلەرنىڭ چاڭقىغان قەلبىگە يات جىنىستىن داۋا تاپالماي ئوخشىاش جىنىسقا يۈرۇش قىلىش ئەۋج ئېلىۋاتقان بۇ ”رومانتىك“ كۈرۈنۈشلەرنى كۆرمىگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن.بىزلەرگە رومانتىك فىلىملەرنى سېخىيلىق بىلەن تەقدىم قىلىۋاتقان شۇ رايۇنلاردا قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچراىش ھادىسىسىنىڭ جەمىيەتتە يامرىشى،قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ ھامىلدار بۇلىشى ھەتتا تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىدەك بۇ ”رومانتىك“  كۆرۈنۈشلەرنى كۆرمىگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن.توغرا بۇنداق ”رومانتىك“ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرەلمەيسىز ھەم كۆرۈشنىمۇ خالىمايسىز.ئەمما سىز پات يېقىندىلا كۆرىسىز،يۈرىكىڭىز ئېچىشقان ھالدا كۆرىسىز،ئەتراپىڭىزدىلا كۆرىسىز،ھەتتا ئائىلىڭىزدىلا كۆرىسىز.چۈنكى سىز بۇ مۇھەببەتلىشىش دىگەن شەيتانى يولنىڭ  مىھرىدىن كىچەلمەيسىز.ھەرقانداق نەرسىگە بەدەل تۈلەش كىرەك.سىز تاللىغان بۇ شەيتانى يولنىڭ ”مۇكاپاتىنى“ پات ئارىدا كۈرىسىز.بەلكىم بۇ ”مۇكاپاتتىن“ ھۇزۇر ئېلىشقا باشلىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن.سىڭلىڭىز تەتىل قىلىپ ئۆيگە كەلسە مامۇق ياستۇقنى قىرلاپ قۇيۇپ بىرىپ ، چوڭ مىھمانخانا ئۆيگە ھەرخىل نازۇ نىممەتلەرنى تىزىپ بەرسىڭىز، سىڭلىڭىز ئۈندىداردا قايسى بىر يات جنىسقا ”سەن يېنىمدا يوق ،يىگىنىم زەھەر بولدى ،ئىچكىنىم زەرداپ.بۇ ئۆي گويا زىندان كەبى،بۇ تەتىل قاچانمۇ تۇشا؟!“ دەپ خەت يېزىۋاتقاندۇ؟كۈزۈمنىڭ قارچۇغى سەن دەپ ئازىلاپ باققان قىزىڭىز قايسى نائەھلى ئۇغۇلنىڭ كەينىدىن پەريادىڭىزغا پىسەنتمۇ قىلماي قاچقاندۇ ؟ سىزنىڭ يۇزىڭىزنى يۇرۇق قىلىدىغان،يەلكىڭىزدىكى يۈكنى يەڭگىللەتمەكچى بولغان شۇ ئوغلىڭىز خوتنىنى تاشلاپ قايسى بىر دەۋىرنىڭ ئالدىدا  ماڭىدىغان مودا قىزنى قولتۇقلاپ يۈرىۋاتقاندۇ ؟ بايا تېخى 《ئەمدى بۇلماق يىمەيمەن》دىگەن ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇقۇغان بالىڭىز قايسى بىرىگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشنىڭ كۇيىدىدۇ؟بۇ مۇكاپاتلاردىن ھۇزۇرلانغاچ تۇرۇڭ،دەل سىز كۈرىۋاتقان رومانتىك فىلىملەرگە ئوخشاش بۇ مۇكاپاتلارمۇ كۆپ قىسىملىق،داۋامى تېخى بار ،ئۈلەپ قالمىسىڭىز كۈرۈشكە چۇقۇم مۇيەسسەر بۇلالايسىز.
        تالاي ئەدىبلىرىمىز،نۇرغۇن شائىرلىرىمىز مۇھەببەت نامىدا ئادەمنىڭ قەلىب تارىنى چىكىدىغان داستانلارنى يېزىپ قالدۇردى ھەم يېزىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەممىسى ”يالغانچى“ . ئۇلارنىڭ يازغىنى مۇھەببەت ئەمەس ،بەلكى ئاشىقلىق،ياخشى كۆرۈش،ئىشقى بىدار بۇلۇشتۇر.سىز قايسى شائىر ئەدىبلىرىمىزنىڭ مۇھەببەتلىشىشنى يازغىنىنى كۆردىڭىز؟كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاشىقلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىپ بولغاندىن كىيىنكى بىرنەچچە قۇر ياكى بىرنەچچە مىسرا ئاشىقلىقنىڭ كىيىنكى باسقۇچىنى يازغان خالاس. ”ئۇلار ئاخىرى مۇراد مەقسىتىگە يەتتى“ ، ”ئۇلار ئاخىرى ئارمىنىغا دەرمانسىز قالدى “ ، ”ئۇلار داغدۇغۇلۇق قىرىق كىچە كۈندۈز توي قىلدى“  ۋەھاكازالار.نىمە ئۈچۈن شائىر ئەدىبلىرىمىز بىزنى ”ئالداپ“ مۇھەببەت نامىدا ئاشىقلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىپ ،ئاشىقلىقنىڭ كىيىنكى باسقۇچى بولغان مۇھەببەتلىشىشنى يازمايدۇ؟يازغان تەقدىردىمۇ نىمە ئۈچۈن پەقەت بىر نەچچە قۇرلا يازدى؟ بۇ توغرىسىدا ئويلىنىڭ . قېنى باشقىلارغا قاپقان قۇرۇشقا،باشقىلارنى غاجاشقا،باشقىلارنى شەيتانى يولغا باشلاشقا راكىتانىڭ ماتورىدەك ئىشلىگەن كاللىڭىزنى ئەمدى ئىشقا سېپ بېقىڭ.
      ئاشىقلىق ،ياخشى كۆرۈش ھەقىقەتەن گۈزەلدۇر.بۇ ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان بىر خۇسۇسىيەت.ئەمما مۇھەببەتلىشىش ئاشىقلقتەك گۈزەل ئەمەس،ئەزەلدەن گۈزەل بولمىغان بىر شەيئنى شائىر ۋە ئەدىبلىرىمىز قانداقمۇ گۈزەل بىر شەكىلدە بىزگە نامايەن قىلالىسۇن؟!ئاشىقلىقتىن كىيىن ئىككى تەرەپ تۇرمۇش قۇرۇش،ياكى بولمىسا قارشى تەرەپنى ئۇنتۇپ كىتىش،ۋە ياكى بولمىسا ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلماي تۇرۇپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىش.مانا بۇلار ئەدىب ۋە شائىرلىرىمىز قەلىمى ئاستىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ تەقدىرى بولغان.
       ئەمدى مەسلىنى ھەل قىلىشقا كەلسەك،قۇربىتىڭىز يەتسە قارشى تەرەپ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇڭ.ئەگەردە تۇرمۇش قۇرۇشقا شەرت ئارائىتىڭىز يار بەرمىسە بۇ مۇھەببەتلىشىش دىگەن شەيتانى يولدىن بالدۇرراق ئۈزىڭىزنى تارتىڭ،ئىككىلىڭلار ساقلاپ تۇرۇپ شەرت شارائىتىڭلار پىشىپ يىتىلگەندە تۇرمۇش قۇرۇڭلار.ئەگەر بۇ شەيتانى يولغا تېخى قەدەم باسمىغان بولسىڭىز مۇبارەك بولسۇن،بۇ يولغا ئالدىڭىزنى قىلماڭ.بۇ تاللاشلار ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشىدۇر.مەسلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى كۆپتۇر ،بۇ ئۈستىدە سىزمۇ تەپەككۈر قىلىڭ.
       سىزمۇ بىر ئەقىل ئىگىسى تەپەككۈر قىلىڭ مۇھەببەتلىشىش كىرەكمۇ-يوق؟





                                                                  2013-يىلى11-ئاينىڭ 14-كۈنى


                                                                                                   شاڭخەي



   بۇ بولسا ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان "رومانتىك" كۈرۈنۈشلەرنىڭ بىرسى،قالغىنىنى يوللاشنى توغرا دەپ قارىمىغانلىقىم ئۈچۈن يوللانمىدى.قىزىقسىڭىز ئۈزىڭىز ئىزدىنىپ باقسىڭىز بۇلىدۇ




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توغراقى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-14 01:43 PM  


4.png
3.png
2.png
1.png
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sevgemga + 39 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 02:50:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تىگىشلىك  سۇئال بوپتۇ   ، ئىشقىلىپ ھەي .............بولدىلا .....

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13945
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8680
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2493 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 09:38:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كالىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ كىگىمۇ كىلىدۇ؟ سەن باشقىلارنىڭ ئارزۇلۇق باللىرنى ئالداپ ئويناۋاتقان شۇۋاقىتتا كەلگۇسىدە مىنىڭ بالام قانداق بولا دىگەننى ئويلا............................

تىل يوقالسامىللەت يوقايدۇ!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90866
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 949
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 11:11:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6764
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1867 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 11:26:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       مۇھەببەت باشقا نىكاھ باشقا.....       رىسىق،    پىشانىگە پۈتۈلگەندىن قىچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن......     سەن قىلاسەن 9  ئاللاھ قىلا 30  ...  

     مىڭ تىرىشقان بىلەن،  مىڭ چاپلشىۋالغان بىلەن.   ئاللاھ نىسىپ قىلمىسا  يەنىلا شۇ ئايرىلىش، ۋاپاسىزلىق.....        ئاللاھ نىسىپ قىلسا   ، مىڭ قىچىپ  نەگە  بارسىمۇ  شۇ  ھامىنى  توي ....

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13996
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-26
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 11:36:33 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنى
ېيىتسام كۆپۈنچە ياش بۇكەپنى ئاڭلاشتىن قاچىدۇ رەخمەت

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 11:38:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بەك ئەستايىدىل يېزىپسىز ، تورداشلىرىمنىڭ ئىبرەت ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5434
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1327 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 12:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەرگە مۇھەببلىشىش ماس كىلىدۇ.
بەزىلەرگە مۇھەببەتلىشىشاس كەلمەيدۇ.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php
kvndiz-kiche بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 12:52:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 12:55:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2013-11-15 11:38 AM
بەك ئەستايىدىل يېزىپسىز ، تورداشلىرىمنىڭ ئىبرەت ئېل ...

ئەگەشتىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش