(1)
خوش دىدىم كۈلۈپ قال بۈگۈن ساڭا توي،
تىلەكلەر تىلىدىم تويلار مۇبارەك .
ئەھدىلەر ئۇنۇتتۇم كېتەي بولدى قوي،
ئۆزگىلەر بەختى چۈن كۈلمىسۇن يۈرەك.
نىچۈن دەپ سورىما ھېچ ئايرىلىشنى،
تەقدىردىن پۈتۈلدى باشقا غەم-جۇدا.
بەلكىم ئويلاپ باقمىغان قايرىلىشنى ،
ئۆزگىلەر بەختىگە كۈلدى بۇ دۇنيا .
ۋاپاسىز ئېيتمىغىن قارا كۆڭۈلنى،
ۋاپانىڭ ئۆلچىمى ۋىسال دەپ ئېيتماس.
قولۇڭغا تۇتمىدىم چىمەندىن گۈلنى،
ساداقەت مېنىڭدىن ئالىدۇ قىساس .
بولدى قوي مەن كېتەي يىراق-يىراققا،
ئول تامام سۆيگۈگە ئەمدى ۋەسسالام.
ھارارەت قوينىدا كۆيمىدىم كۈل بوپ ،
بەختتە سەنمۇ ھەم تاپىسەن ئارام .
(2)
كۆڭۈلگە ھىجراندىن سالغانتىڭ قەسىر،
ئازابنىڭ قوشۇنى كەلدىغۇ دەۋرەپ .
ئەركىن نەپەسلەر ئۆزۈڭگە ئەسىر ،
توغراقتەك قامەت ئوتۇڭدا تەۋرەپ .
ئۇزلۇقۇڭ كۆزۈمگە بەرمىدى بەھىر ،
زەررىچە مىھرىڭنى سوغۇقتا سەرلەپ.
ھۆسنۈڭنى قەمەردىن قىلىمەن قىياس ،
كېچىلەر بىدارلىق كۆڭلۈمنى ئالغان .
ئەزەلكىم مەغرۇرسەن كۆزۈڭدە قىساس،
بىچارە پەزلىگە ئوتلىرىڭ يانغان .
شۇندىمۇ ۋىسالنى قىلىمەن قىياس ،
چۈشۈمدە ھۆرلۈكنىڭ دېپىنى چالغان .
بىھاجەت بەلكىم ساڭا ئىزھاردىن ،
ئىزتىراپ ئىچىدە سوراش تەسەللى.
ئۆزگىلەر شەربىتىن ئىچسە ۋىسالدىن ،
كۆيمىكىم كۈتمەكلىك بوپتۇ ئەقەللىي.
كېچىمەن ئىزتىراپ چەككەن زاماندىن ،
قولۇمغا گۈل بەرسەڭ گۈل سۈپەت لەيلى .
مەنبە :توغراق1010
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-14 02:19 PM