مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1990|ئىنكاس: 22

Word ئۆگىنىش ئۇيغۇرچە دەرسلىكى (ھەقسىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7604
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 01:09:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ دەرسلىكنى 2009-يىلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مەخسۇس مۇشۇ ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر بۇيىچە OFFICE 2003 تىن دەرسلىك تۈزۈپ قويغان ئىدىم ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا تور پۈتۈنلەي تىزگىنلەكلىك بولغاچقا تورغا چىقىرىشقا ئىمكان بولمىغان ئىدى، كېيىن تور ئېچىلغاندا بولسا تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلى يەنىلا يوللاشقا مۇمكىن بولماي كەلگەن، مانا ئەمدى 12m لىق تورنىڭ راھىتىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان مۇشۇ پەيتلەردە بۇنى يوللاشنىڭمۇ پۇرسىتى كەپتۇ.

بۇ دەرسلىك مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار كومپيۇتېر ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىش، قەيەرنى ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش ھەققىدە تەرتىپلىك، سىستېمىلىق تەييارلانغان، دەرسلىك تۈزۈشكە كەتكەن ئومۇمى ۋاقىت بىر ھەپتە.

بۇ قىسىم دەرسلىكىمىزدە سۆزلەنگەن مەزمۇنلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:

1.   Office يۇمشاق دىتالىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۇنى قاچىلاش، Word تا  يېزىق بىرتەرەپ قىلىش، سۈرەت، ئالاھىدە ھەرىپ-بەلگە، ھەرخىل شەكىل ، جەدىۋەل قىستۇرۇش، بەت قېشى ۋە بەت ئاستى لايىھەلەش، بەت نومۇرى ۋە چىسىلا قىستۇرۇش، ئۇلىنىش ۋە خەتكۈچ قىستۇرۇش،  دىئاگرامما لايىھەلەش، ماتېماتىكىلىق فورمىلالارنى ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، سېخىما لايىھەلەش، سۇ باسما لايىھەلەش، كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى تېز بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەھرىرلەش، تېكىستكە پاسۇن لايىھەلەش، يۇشۇرۇن ھۆججەتلەرنى ئىزدەش، فورمات چوتكىسىنى ئىشلىتىش،...  قاتارلىق Wordتىكى ئاساسلىق بىلىملەرExcel ، PowerPointلاردا ئورتاق ئىشلىتىلدىغان قوراللار   ئاۋازلىق ، ھەرىكەتلىك ھالدا تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى .

2.  Excel  دا يېزىقلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، جەدىۋەل لايىھەلەش، بەت لايىھەلەش، جەدىۋەلگە سۈرەت، ئالاھىدە ھەرىپ-بەلگە، ھەرخىل شەكىل، ئۇلىنىش قىستۇرۇش، بەت قېشى ۋە بەت ئاستى لايىھەلەش، دىئاگرامما لايىھەلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، ھەرخىل فۇنكىسىيە (فورمىلا ) دىن پايدىلىنىپ ھېسابلاش، سىتاتىستىكا قىلىش، ھۆكۈم قىلىش... قاتارلىقلارنى تېز ھەم توغرا بىر تەرەپ قىلىش، كىملىك نۇمۇرىغا ئاساسەن تۇغۇلغان ۋاقتى، يېشى، جىنسىغا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئايرىپ چىقىش، ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا تاللاش ۋە تاسقاش، جەدىۋەلدىكى خالىغان  رايۇننى قوغداش، Excel ھۆججىتى بىلەن  Word ھۆججىتىنى ئۆز ئارا پوچتىلاپ (باغلاپ ) سانلىق مەلۇماتنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش، ... قاتارلىق مەزمۇنلار ئوخشاشلا   ئاۋازلىق ، ھەرىكەتلىك ھالدا تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى .

3. PowerPoint  تا پىلاستىنكا لايىھەلەش، تەگلىك ئۆزگەرتىش، يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، سۈرەت، ئاۋاز، فىلىم، فىلاش، ئالاھىدە ھەرىپ-بەلگە، ھەرخىل شەكىل ، جەدىۋەل قىستۇرۇش، دىئاگرامما بىر تەرەپ قىلىش، پىلاستىنكا ئالمىشىش ئۈنۈمى ۋە يېزىق، سۈرەت، بەلگىلەرگە ھەركەت ئۈنۈمى بەلگىلەش، پىلاستىنكىلار ئارا ۋە سىرتتىكى ھۆججەتلەرگە ئۇلتىرا ئۇلىنىش بەلگىلەش قاتارلىق مەزمۇنلار   ئاۋازلىق ، ھەرىكەتلىك ھالدا تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى .

4.  Outlook دىن پايدىلىنىپ كۆرسىتىلگەن ئېلخەت( Email )  ئادرىسىغا ئۆزى ئىشلىگەن ھۆججەتلىرىنى قوشۇش ۋە يوللاش-ساقلاش قاتارلىق مەزمۇنلار   ئاۋازلىق ، ھەرىكەتلىك ھالدا تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى .

5. Office بىلىملىرىدىن باشقا يەنە كومپيۇتېرنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ۋە كومپيۇتېر ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن دەسلەپكى ئاساس بىلىملىرى، سىستېما ئاسراش، گۈزەللەشتۈرۈش، بىر قىسىم يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىش ساۋادى، توردىنناخشا، كىنو، ھۆججەت چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ، تور بانكىسى ئارقىلىق توردا تېلىفۇنغا پۇل تاپشۇرۇش، توردا پۇل يۆتكەش، توردا مال سېتىۋېلىش ساۋاتلىرى، سىستېمىنى Ghost قورالى ئارقىلىق زاپاسلاش ۋە زاپاسلاپ قويغان ھۆججەتنى ئەسلىگە قايتۇرۇش بىلىملىرى، كومپيۇتېرغا سېلىنغان مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالغاندا ئۇنى يېشىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇنلار ئاۋازلىق، ھەرىكەتلىك ھالدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى .

6. دەرسلىككە ماسلاشتۇرۇلۇپ، 4 يۈرۈش كومپيۇتېر نەزىرىيە ئىمتىھان سۇئالى، 7 يۈرۈش ئەمەلىيەت ئىمتىھان سۇئالى تەمىنلەندى ( شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچمەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيسىنى سىناش ئىمتىھانىغا تولۇق ماسلاشقان تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ) .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە BIOS تەڭشەشنى تەقلىدى ئۆگىنىش سىستېمىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى قاتارلىقلارمۇ بىرگە تەمىنلەندى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ماتىرىياللارمۇ بار، مۇندەرىجىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ  .

ئىزاھات: Word دەرسلىكىدە باشقا بىر شىركەت تۈزۈپ ھەقسىز تارقاتقان بىر قىسىم دەرسلىك مەزمۇنلىرى كومپيۇتېردا بولغاچقا بۇ مەزمۇنلارنى تەكرار دەرسلىك ئىشلىمەي بىۋاستە شۇ دەرسلىك قىستۇرۇلدى، دەرسلىك مەزمۇنىدا يوق ئوقۇتقۇچىلار كومپيۇتېر ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى تۈزۈپ چىقتىم.
بۇ قېتىم يوللىنىدىغان دەرسلىك Word دەرسلىكى بولۇپ، باشقا دەرسلىكلەر داۋاملىق تارقىتىلىدۇ، دىققتىىڭلار روھلان تور بېكىتىدە بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://down.rohlan.com/word-dersliki.aspx
بۇ دەرسلىك ھەر قانداق تور بېكەتتە ھەقسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىلسا بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەسلىكىگە ئازراق پايدىسى بولسىلا روھلان تور بېكىتى شۇنىڭدىن خوشاللىق تاپىدۇ.
دەرسلىكنىڭ داۋامى ئىزچىل روھلان تور بېكىتىدە يېڭىلىنىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ: http://www.rohlan.com

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈمەييە + 50 ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 01:55:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋورد نى بىلمەيدىغانلارغا ياخشى بىر سوۋغات ئېلىپ كەپسىز ـ

سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 02:15:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى تىما بوپتۇ ، بىز گەرچە ئالىي مەكتەپتە ئۈگەنگەن بولساقمۇ ،لىكىن پەقەت ئىمتاھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈنلا ئۈگۈنۈپ ھىچقانداق ئەمىليەتكە باغلاشتۇرالمايتتۇق، شەخسەن ئۆزۈم شۇنداق ،كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن بۇنىڭ ناھايىتى بىلمىسە بولمايدىغان بىلىم ئىكەنلىكنى ھىس قىلدىم .
بۇنى ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقا  كىشىلەرمۇ ئۈگەنسىمۇ بولدىغاندۇ ؟
رھمەت سىزگە! Excel،PowerPoint نىڭمۇ يوللىنىشنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن

‹ دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى كۆرگەندە ھالال ياشاپ ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ۋىجدانى قاينايدۇ: بوشاڭلارنى كۆرگەندە تىرىشچان، ئىشچان ئادەمنىڭ ئىچى تىت تىت بولىدۇ ›

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7565
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7708 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 03:14:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىندوس8.1 گە ماس كېلىدىغىنى بولسا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 06:59:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋورد نى بىلمەيتىم، ياخشى بىر سوۋغات ئېلىپ كەپسىز ـ رەھمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7604
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 08:01:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
iltebir يوللىغان ۋاقتى  2013-11-14 03:14 PM
ۋىندوس8.1 گە ماس كېلىدىغىنى بولسا يوللاپ قويسىڭىز بوپتى ...

بۇ دېگەن دەرسلىك، ھەر قانداق كومپيۇتېردا نورمال قويۇلىدۇ.
office 2003  نى دېمەكچى بولسىڭىز ئۇمۇ نورمال ئىشلەيدۇ.

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10430
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3271 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 08:16:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوش بولدۇم ، بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك ياخشى دەرىسلىكلەر بىلەن تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز ، ئىغىر كۆرمىسىڭىز كىلەر قىتىم Adobe Photoshop CS بۇ دىتال توغۇرلۇق بىلىملەردىن خەۋەر قىلغان بولسىڭىز ، ھازىر مۇشۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىلىش جەھەتتە ئازراق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىۋاتىمەن .
  كومپىيۇتىر دەرىجە كىنىشكىسى ئىمتاھانىغا قاتنىشاي دىگەن ئىدىم ، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق تەلەپلەر بار مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەقتىمۇ ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان بولسىڭىز رەھمەت

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7604
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 10:04:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2013-11-14 08:16 PM
خوش بولدۇم ، بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك ياخشى دەرىسلىكلەر بىلە ...

سىز دېگەن دەرسلىك بار، تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن كىرىپ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ دەرسلىكلەرنى چۈشۈرىۋالالايسىز.
مۇختار روزى Photoshop دەرسى ، يېڭى (2012-5-10)  153قىسىم
http://bbs.rohlan.com/thread-15126-1-1.html
مۇختار روزى VB دەرسى 403 قىسىم (2012-6-4)
http://bbs.rohlan.com/thread-15309-1-1.html
(مۇختار روزى) VB6.0 نىڭ 2000 قىسىملىق دەرسىدىن ئۆرنەك
http://bbs.rohlan.com/thread-20837-1-1.html
مۇختار روزىنىڭ CSS3 ۋە HTML  دەرسلىكى
http://bbs.rohlan.com/thread-24615-1-1.html

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈمەييە + 50 رةهمةت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7604
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 10:26:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
genius220 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-14 02:15 PM
ھەجەپ ياخشى تىما بوپتۇ ، بىز گەرچە ئالىي مەكتەپتە ئۈگە ...

PowerPoint دەرسلىكى بوشلۇققا يوللىنىۋاتىدۇ، پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9837
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 5003 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 10:33:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى ئايرىم-ئايرىم چۈشۈرۈپ كۆرگىلى بولامدۇ؟

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش