خەير -ساخاۋەت چولپىنى -نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر.
ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك خەير- ساخاۋىتى بىلەن ئەلنىڭ يۈكسەك ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر يېقىندا بېيجىڭدا كاتتا شەرەپ سەھنىسىگە چىقتى .
شىنجاڭلىق بۇ خەير-ساخاۋەتچىنىڭ نامى پايتەخت ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭخۇا ئېلىگە تارالدى. 2006-يىللىق جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بويىچە نام بېرىش- مۇكاپاتلاش يىغىنى 24-ئىيۇن بېيجىڭ خەلق سارىيدا داغدۇغلۇق ئېچىلدى ،يىغىندا شىنجاڭ غەربىي نۇر گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەرگە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دېگەن نام بېرىلدى .
نۇرتاي ھاجى 1996-يىلى 24-سېنتەبر ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،3مىليون 800مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن نۇرتاي ھاجى يېتىملەر مەكتىپىنى قۇرغاندا ،دەسلەپكى قەدەمدە ئىلى ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە ،بىر شەھەردىن قۇبۇل قىلىنغان 60يىتىم بالا بۇ سۆيۈملۈك دادىسىغا 60دەستە گۈل سۇنغانىدى.
ئارىدىن ئون يىل ئۆتتى ،ئون يىلدىن بۇيان ،نۇرتاي ھاجى كۈندىن -كۈنگە كۆپىيۋاتقان بالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش ،تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى ،ئۇلارغا يېتىملىكنى ھېس قىلدۇرماسلىق ،ئۇلارنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى بار بالىلارغا ئوخشاش خۇشال -خۇرام ،ساغلام چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى .بۇ بالىلارغا ھەريىلى تاماق ،كىيىم -كېچەك ،تۇرالغۇ ،داۋالىنىش ئۈچۈن 1مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئاجراتقاندىن سىرت ،ئۇلارنىڭ يازلىق تەتىلنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن،يەنە 2مىليون يۈەن خەجلەپ ،ئىلىدىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت رايونىنىڭ بىرى -كەڭسايدىكى گېنېرال جىلغىسىغا بالىلار باغۇ-بوستان ئارامگاھى قۇرۇپ بەردى .بالىلار ھەريىلى بۇ ئارامگاھتا يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى .ھازىر نۇرتاي ھاجى يېتىملەر مەكتىپىدە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىلار(2006)310غا يەتتى.(ھازىرقى باللارنىڭ سانى 500دىن يۇقىرى بولشى مۇمكىن)
بۈگۈنگىچە نۇرتاي ھاجى بۇ مەكتەپتىكى بالىلىرى ئۈچۈن 12مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ،مەدەنىيەت ،تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ بەردى ،شۇڭا بۇ بالىلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئازادە يورۇق سىنىپلاردا ئوقۇش ،ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىدى.
چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى تەرەققىيات بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت چولپىنىنى باھالاش پائالىيىتىدە جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت ئەلچىسى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئەلچىسى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق چولپىنى جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلىنغان .
نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر جۇڭخۇا خەير -ساخاۋەت چولپىنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كارخانىچى .
شىنجاڭ << غەربى نۇر>> گۇرۇھى نۇرتاي ھاجىم يىتىملار مەكتىپى 1996-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭدىكى داڭلىق كارخانىچى ،ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىم ئۇچ مىليۇن 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سىېلىپ قۇرغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى تۇنجى،شۇنداقلا بىردىنبىر پۇتۇن كۇنلۇك تۇزۇمدىكى،پاراۋانلىق خاراكتىردىكى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتىپى، مەكتەپنىڭ ھازىر 35 ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىسى 300 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار،مەكتەپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 32 مو.2800 كىۋادىرات مېتىرلىق ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدىكى ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ياتاقدىن ئىبارەت ئىككى بىنا،600 كىۋادىراتلىق ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى ۋە مۇنچىخانىسى،1400 كىۋادىرات مېتىرلىق مەكتەپ قارىماي يولى ۋە 16500 كىۋادىرات مېتىرلىق چىملىق پوتبۇل مەيدانى ۋە باغ بار. مەكتەپ قۇرۇلغان 14 يىلدىن بېرى 300دىن ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۇتتۇرۇپ ئىلغار ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ،شاڭخەي،گۇاڭجۇ،دالىيەن قاتارلىق جايلاردىكى شىنجاڭ تولۇق ئورتا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىپ ياخشى ئۇنۇمگە ئېرىشتى. نۇرتاي ھاجىم يىتىملار مەكتىپى قۇرۇلغاندىن بۇيان<<جاپا مۇشەقەتكە چىداپ،ئاددى ساددى ياشاش،تېرىشىپ ئۇگۇنۇش،ھەقىقەتنى قوغلىشىش ،توختىماي ئىلگىرلەش>>روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،يىتىملارنى قوبۇل قىلىپ قۇتقۇزۇشنى ئاساس بىرمەكتەپدىن تەرەققى قىلىپ،ئىلغار باشىقۇرغۇچىلار قوشۇنى،ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى،ئىلغار تەربىيلەش،ئوقۇتۇش مۇھىتىغا ئىگە بولغان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىجتمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىكى بايراقدارغا ھەممە زور تەسىر كۇچكە ئىگە پۇقراۋى پاراۋانلىق مەكتىپگە ئايلاندى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۇمىتى،پارتۇكۇمنىڭ قوللىشى ۋە تۇرلۇك ئىدارە ئورۇنلارنىڭ قوللىشى،بىلەن نۇرتاي ھاجىم يىتىملار مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرتاي ھاجىم 14 يىلدىن بىرى ھارماي تېرىشىپ ئىلغار قوشۇننى قۇرۇپ مۇشۇ كۇنگىچە 16 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سالدى. مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرى يادىكار نادىر،جالالدىن سالاھىدىنلارنىڭ ئەتراپلىق باشقۇرشى بىلەن مەكتەپ كۇندىن كۇنگە تەرەققى قىلماقتا. بۇيىل ئۆتكۇزىلگەن غۇلجا شەھەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلار پوتبۇل مۇسابىقىسىدە 2- بولۇشتەك ياخشى نەتىجنى قولغا كەلتۇردى. تەنتەربىىيە ئوقۇتقۇچىسى قاسىمجان.خالمۇراتلارنىڭ كۆڭۇل قويۇپ مەشىق قىلدۇرشى بىلەن بۇنىڭدىن باشقا ئېلى ۋادىسىدىكى تۇرلۇك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۇردى. مەكتەپ قورۇسىدىكى بالىلارنىڭ قوللىرىنى مەيدىسى ئىلىپ سالام قىلىشنى كۆرگەندە سىز ھاياجانلانسىڭىز، قوللىردىن كىتاپنى چۇشۇرمەي ئوقۇۋاتقان بالىلارنى كۆرگەندە ئوقۇتچىلىرىغا رەھمەت ئېتماي تۇرالمايسىز. غۇلجا ئۇچۇر توربېتى ئىشخانسىدىكى خادىملار غەربى نۇر گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېىخىمۇ ياخىشى بولىشىنى ھەمدە نۇرتاي ھاجىم ئاكىنىڭ تېنىغا سالامەتلىك تىلەيمىز. مۇشۇ مەكتەپدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە رەھمەت ئېىتىمىز .
كىلىش مەنبەسى ؛ تەشلەپكە سۇدا تۇرى.http://www.taxlapka.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-14 01:17 PM
|