|
|
|
|
ئاشىق بولساڭ بىراۋغا قوغلاپ يۈرمە ھەر كۈنى ،
بىرگە بولسا رىسىقىڭ ، ئېرىشىسەن بىر كۈنى .
يىراق كەتسە سۆيگۈنۈڭ ، سېنى تاشلاپ ئەگەردە ،
توسىمىغىن قايتار ئۇ سېنى سۆيسە بىركۈنى .
سۆيسەڭ ئەگەر بىراۋنى ئەقىدەڭدە تۇر مەھكەم ،
ئايرىسىمۇ كاج تەقدىر ئېچىنمايسەن بىر كۈنى .
قايىتمىغىن ۋەدەڭدىن تۈمەن ئازاب كەلسىمۇ ،
خەلىق ئاغزىن ۋاپاسىز سانالمايسەن بىر كۈنى .
ھاياسىزلار ئەرزىمەس مېھىر بىرىپ سۆيەرگە ،
گۈل بولسىمۇ ۋاز كەچكىن تاشلاپ كېتەر بىر كۈنى .
مال -مۆلۈككە كۆيگەندىن ۋاپا كەلمەس ئەزەلدىن ،
ئامەت كەتسە سېنىڭدىن تاشلاپ كېتەر بىر كۈنى .
كېچە- كۈندۈز ئارزۇلاپ ئىزدەپ يۈرمە گۈزەلنى ،
چىرايلىقنىڭ “چاتىقى” چىقار ھامان بىر كۈنى .
چىرايلىققا سەندەكلەر ماڭدامدا بىر ئۇلۇشار ،
“ جاھاندا يوق مەندەك” دەپ ئازىدۇ ئۇ بىر كۈنى .
ئالدانمىغىن كۆيدۈم دەپ قاش كۆزىنى ئويناتسا ،
بىراۋغىمۇ شۇ خۇلق چىقار ئۇندىن بىر كۈنى .
كۆزى كىچىك ، مەنمەنچى ، ھاكاۋۇردىن قاچ ھەردەم ،
ئۆز ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ ئاچ قالىسەن بىر كۈنى .
ئۆز بەختىڭنى قوغلۇشۇپ بۇزما ئۆزنىڭ بەختىنى ،
ئازاب چېكىپ، قان يۇتۇپ، سارغىيىسەن بىر كۈنى .
بەخىت تىلە سەن سۆيگەن كىشى تاپسا بەختىنى ،
اللە ئۇلۇغ ساڭىمۇ بەخىت بېرەر بىر كۈنى .
2013-يىلى ئەنخۈي
مەنبە : ئالىمجان تۇرغۇن ( سەرسانى )
|
|
|
|
|
|