مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12042|ئىنكاس: 60

ئامېرىكىدىمۇ تاشپولات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92776
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 03:40:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىدىمۇ تاشپولات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بار



__ ئانا تىل كۆۋرۈكىدىن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىقىغىچە


مىرزات مۇسا



1990  -يىىلارنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ئۇيغۇر ياشلىرى ئارقا-ئارقىدىن چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىپ خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرگىدەك كاتتا نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ھازىرقى قولايلىق ئىنتېرنېت ۋاسىتىسىدە بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ۋەتەندىكى ياشلىرىمىز ئاز تولا بولسىمۇ خەۋەر تېپىپ ئىلھاملاندى، پەخىرلەندى. ئۇلار ياشلىرىمىزنىڭ پەخىرلىنىش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.  ئىنتېرنېتقا كىرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا بولغان تەشنالىق كۈچىيىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ يىللاردا چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىپ نەتىجە قازانغان ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ھەتتا ئالىي مەكتەپكىچە ئانا تىلدا ئوقۇغانلاردىن ئىكەنلىكى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ تۇرماقتا. مەيلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادېمىك بولغان ھوشۇر ئىسلام ئاكا بولسۇن ۋە ياكى چەت ئەللەردىكى ئاشۇ مۇتەخەسسىسلىرىمىز بولسۇن ئانا تىل كۆۋرۈكى ئارقىلىق بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە ئۇلاشقان، بۇ ئۇيغۇرنىڭ پەخرى، ئۇلار ئانا تىلىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسپاتلىغۇچى پاكىتلاردىن بولغانلىقى بىلەنمۇ خەلقىمىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان جۇغراپىيە ئۇچۇرلىرىنى يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور تاشپولات تېيىپ ھەم شۇ  جۈملىدىندۇر. ماتېماتىكا ئىلمى بىر تۈۋرۈك پەن سۈپىتىدە كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان، نەتىجە قازىنىنىشنىڭ قىيىنلىقىنى نۇرغۇن كىشى ھېس قىلالايدىغان بىر پەن. مانا مۇشۇ پەن بويىچە ئىزچىل تەر تۆكۈپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلىم-پەندە دۇنيانىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتتە كىشىلەرنى قايىل قىلىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىمۇ «تاشپولات» ئىسىملىك بىر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بارلىققا كېلىپ، ھەممىمىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان بىر خەۋەرنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ تۇرماقتا.
        بۇ يازمامدا مەن ئەنە شۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك پەرزەنتى، ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى تاشپولات روزى ھەققىدە توختىلىمەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر پەن-مائارىپ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پېشقەدەم ئۇستازلارنى ئىپتىخارلاندۇرسا، ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تەبىئىي پەن ساھەسىدە باشقىلاردىن قېلىشمىغۇدەك ھالدا رىقابەت سەھنىسىدە چاقناپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

Mektep orunlashqan Lancaster shehirining mayor ri. Soldikisi ayalim Munire Qadir.jpg

mektep orunlashturghan paaliyette. Ongdin ayalim Munire.jpg


        تاشپولات روزى 1962-يىلى 4-ئايدا ئىلىنىڭ تۇققۇزتارا ناھىيەسىدە بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تاشپولات روزىنىڭ دادىسى روزى ئاكا ئەينى ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن قەشقەردىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىدا 10 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئۇقۇمۇشلۇق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، روزى ئاكا بۇ مەزگىللەردە تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئاخىرىدا گېنېرال مايور مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ كانۋىيى بولىدۇ. 10 يىل ئۆتۈپ، غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئىسمى ئۇلۇغ، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلغان «ئىنقىلاب»نىڭ قارا بورىنى روزى ئائىلىسىنىمۇ بوش قويمايدۇ. روزى ئاكا نۇرغۇن قېتىملاپ «تارتىپ چىقىرىلىدۇ»، «كۈرەش قىلىنىدۇ». لېكىن، مىللىي ئارمىيەدە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا بىلىش بىلەن بىلمەسلىكنىڭ پەرقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە بىلىملىكلەرنىڭ ئاز بولۇشىنىڭ مىللەتنى كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان روزى ئاكا، مەيلى قىيىن - قىستاقلاردا بولسۇن ۋە ياكى جاپالىق تۇرمۇش مەزگىللىرىدە بولسۇن، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا يول قويمايدۇ ۋە ئۇلارنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇشقا ئۆزىگە ۋەدە بېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئائىلە شارائىتىدا چوڭ بولغان تاشپولات روزى، دادىسىنىڭ قوللىشى ۋە ئارزۇسىنى ئۆزىگە ئىلھام بۇلىقى قىلىپ، كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇتۇق قازىنىشقا بەل باغلايدۇ.
    توققۇزتارا تاشتۆپە باشلانغۇچ مەكتىپى تاشپولات روزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇش ھاياتىدىكى تۇنجى قەدەم بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جىسمىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەن مۇئەللىملىرى ئۇنى 3-سىنىپتىن بىۋاسىتە 6-سىنىپقا يۆتكەيدۇ. ئۇنىڭ پەنلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنى دەپ قارالغان ماتېماتىكىغا قىزىقىشى دەل شۇ مەزگىلدىن يەنى توققۇزتارا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلىنىدۇ. تاشپولات روزى، تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىللىرىدە، ناھىيەلىك، ۋىلايەتلىك، تۈرلۈك زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.  بىلىشىمچە، ماتېماتىكا كىشىدىن تولىمۇ ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان پەن بولۇپ،  بىر نۆلنىڭ ئوڭ ياكى سول بولۇشىمۇ نەتىجىدە ئاسمان - زېمىن پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا چوڭلارنىڭ بىنانىڭ قانچىلىك ئېگىز بولۇشى، ئۇنىڭ ئۇلىنىڭ قانچىلىك مۇستەھكەملىكىگە باغلىق دېگەن گېپى بىكارغا ئېيتىلمىغان ئىكەن! توختىماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، تاشپولات روزى 1979-يىلى يازدا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ماتېماتىكا نەتىجىسى ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 1-بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم باسقۇچ يەنى ئالى مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم ئالىدۇ.
تاشپولات روزى 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن تارتىپ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزچىللىقى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەمدە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ 4 يىل ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا، سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن باشقا يەنە، ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ئىلغار ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپ، ئۇستازلىرىنىڭ ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ  نەزەرىدە ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۈمىدلىك ياشقا ئايلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر دەرەخنىڭ قانچىلىك مېۋە بېرەلىشى، باغۋەننىڭ ئۇنى قانچىلىك پەرۋىش قىلىشىغا باغلىق. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك شانلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبىنىمۇ دەل شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيەلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تاشپولات روزىنىڭ سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىدىن تىلىۋالدى مۇھەممەت، رىشات ھەسەن، ئابلىكىم ھاجى، ئابدۇراخمان ۋەكىلى، نىياز مۇھەممەت، مۇھەممەت ئابدۇللا، ئاغزانباي، قاھار قادىر قاتارلىقلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن دەرس ئۆتۈشلىرىدىن ئىلھام ئالغان تاشپولات روزى، كېيىنكى ھايات مۇساپىلىرىدە ئۆزىدە ئاشۇ ئۇستازلىرىغا ئوخشاش، تەلەپچانلىقنى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى  يېتىلدۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدكى قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مائاشچىغا ئايلىنىپ كېتىپ بېرىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەرخىل بولۇشى، بىر مىللەتنىڭ پارلاق بولغان كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ شەرەپلىك يېرى دەل ئۇنىڭ ئۆز مايسىلىرىغا بولغان تەلەپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدا ئىپادە تاپىدۇ.
        شۇنىڭ بىلەن تاشپولات روزى تولۇق كۇرسنى ئالىي نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ئۇنىۋېرستېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتوتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. 1990- يىلى تاشپولات روزىنىڭ ھاياتىدا يەنە بىر بۇرۇلۇش بولىدۇ، ئۇ ياپونىيە توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىمات فاكۇلتېتىغا 2 يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. بىلىم ئاشۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ شۇ مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ. مەيلى بىلىم ئاشۇرۇش جەريانى بولسۇن ياكى ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا بولسۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، ئالاھىدە ئوقۇش نەتىجىسىگە قاراپ بېرىلىدىغان ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى بۇ مەكتەپتىن تۇنجى بولۇپ ئالىدۇ. 1994-يىلى، تاشپولات روزى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يەنە شۇ مەكتەپتە دوكتورلۇققا ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
    ئاددەتتە ماتېماتىكا كەسپى قىيىن بولغانلىقتىن، بۇ كەسىپتە دوكتورلۇق ئوقۇيدىغان كىشىلەرمۇ ئانچە كوپ بولمايدۇ، لېكىن بۇ قىيىنچىلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشكە تەييار تۇرىدىغان بۇ ياشنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.  دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن تاشپولات روزى 1998-يىلى ماقالىسىنى باھالاش ھەيئىتىگە سۇنىدۇ، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ماقالە سۇنۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاشپولات روزىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى فۇكۇيو ئاكىيو ئەپەندى ئۆزىنىڭ پەخىرلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلمەي ئالەمدىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن 6 ئايچە ئۆتۈپ، تاشپولات روزى ماقالە باھالاش گۇرۇپىسىدىن جاۋاب ئالىدۇ. باھالاش گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ماقالىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ فورمۇلالارنىڭ بارلىقىنى، چۈشىنىشكە سەل قىيىن توختىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. تاشپولات روزىنىڭ يازغان ماقالىسى ئەيلىر تەڭلىمىسىنىڭ يېشىمىنىڭ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە پارتلىشى بولۇپ، بۇ ماقالىنىڭ ئىلمىيلىكى يۇقىرى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشى سەۋەبلىك، باھالاش ھەيئىتىدىكى  مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ماقالىسىنى شۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن پىروفېسسور ياسۇخىدا فۇكۇموتو  ئەپەندىگە باھالاشقا ئەۋەتىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كىشى تاشپولات روزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ماقالىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەڭلىمىلەرنىڭ بۇ ساھەنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تاشپولات روزى بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشپولات روزى بۇ ماقالىسىنى ياسۇخىدا فۇكۇموتو ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياپونىيە فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدۇ. تاشپولات روزى بۇ جەرياندا  بىلىمنىڭ چەت ئەللەردە نەقەدەر چوڭ قەدىر-قىممىتى ھەمدە ھۆرمىتى بارلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىدۇ. 2000-يىلى تاشپولات روزى ماتېماتىكا كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، يېڭى بىر مۇساپە يەنى  ئامېرىكىغا قاراپ يول ئالىدۇ.


        ئامېرىكا ئىنتايىن قىزىقارلىق دۆلەت، بۇ دولەتكە ھەممە كىشى، بايمۇ، نامراتمۇ، زىيالىيمۇ، سودىگەرمۇ، قاراقچىمۇ قىزىقىدۇ. كىشىلەر چۈشلىرىدە ئامېرىكىنى كۆرىدۇ، خۇددى ئامېرىكىغا كەلسە ھەممە ئىشلار ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدىغاندەك، ئانچە بەدەل تۆلىمەي، جاپا تارتمايلا ياخشى كۈنگە ئېرىشىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىنى، تۇمۇشنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى سىرتتا تۇرۇپ ھېس قىلالايدىغان ئادەملەر ئىنتايىن ئاز سانلىق. بۇ يەردە بۇ گەپلەرنى قىلىشىمدىكى سەۋەب، ياشلىرىمىزدا ئامېرىكىغا كېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ھازىرقىدەك بىر مەزگىلدە، ئامېرىكىغا كېلىش ياكى چەتكە چىقىشتا ھەرگىزمۇ جان بېقىشنى مەقسەت قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى شەخسەن ئويلايمەنكى، ئەگەر جان بېقىش مەقسەت بولسا،  ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت!
        شۇنداق قىلىپ، تاشپولات روزى ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىغا، پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەسىپنى پۇختا بىلگەندىن سىرت، ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، ئىنگلىزچە يادلايدۇ، توختىماي ئىنگلىزچە ماتېرىيال كۆرىدۇ. ئەنە شۇنداق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ بىر يىلغا قالماي ئىنگلىزچە راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، ئوقىيالايدىغان ھەمدە ئۆلچەملىك يازالايدىغان بولۇپ چىقىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەكرار قىلىش سىنىپىغا ئىشقا چۈشۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىدىن تەكرار قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ھەمدە ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى چۈشىنىشلىك قىلىپ يېشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تاشپولات روزى لوس ئانژېلىس خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىغا رەسمىي مۇئەللىم بولۇپ ئىشقا چۈشىدۇ. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىلىق ئانالىز، ئېلېمېنتار ماتىماتىكا، تىرىگونومېتىرىيە، سىزىقلىق ئالگېبرا، كومپيوتېرنىڭ قوللىنىلىشى، ئىقتىساد ماتېماتىكىسىدىن دەرس بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتوتى ئارقىلىق، ئوقۇغىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ سىنىپىغا تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلار يىلدىن-يىلغا كۆپىيىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ مەكتەپنىڭ يىللىق ھەمدە مەۋسۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشلىرىدا «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىدە تۈرلۈك تەجرىبىلەرنى يېتىلدۈرگەن تاشپولات روزى 2010-يىلى، ئانتېلوپ ۋاللېي (Antelop Valley) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئومۇمىي مائارىپ (general education) فاكۇلتېتىغا تولۇق كۈنلۈك ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تاشپولات روزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇزۇنغا بارمايلا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىلىدۇ. ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى تاشپولات روزىنى «lead faculty» يەنى فاكۇلتېت مۇدىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ.  لېكىن، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بولغان دەرس مېتوتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، فاكۇلتېت مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئورۇنداپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. 2012-يىلىغا كەلگەندە، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى «dean of facult» يەنى مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 7 كىشىلىك ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسىنىڭ بىرسى قىلىپ بېكىتىدۇ ( University Executive Leadership Council ). ئۇ يەنە فاكۇلتېت تەنتەربىيە ۋەكىلى(Faculty Athletics Representative)لىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيدۇ .
   ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئادەتتە بىردىن پىرېزىدېنتى يەنى مەكتەپ مۇدىرى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، dean of facult ياكى dean of college بولىدۇ. Dean of faculty نىڭ ئاساسلىق خىزمىتى، مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا باشلامچى بولغاندىن سىرت يەنە، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشقا ئېلىش ياكى ئىشتىن قالدۇرۇش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىملىرىدا نۇتۇق سۆزلەش ھەم ھەرخىل يىغىنلارغا قانتىشىشتىن تارتىپ، مەكتەپنىڭ يىللىق مەبلەغ ئاجرىتىشىغا تەكلىپ سۇنۇشقىچە چوڭ-كىچىك ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئادەتتە ماگىستىر ياكى دوكتور ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا Dean نىڭ يەنى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەۋسىيە خېتى - «Recommendation letter»ى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تاشپولات روزى ئامېرىكىدا بۇنداق مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلاۋاتقان تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇپ قالدى. بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان-شەرەپتۇر. ئەلۋەتتە، بۇنداق چوڭ شان - شەرەپلەرنى ھەرگىزمۇ دوكتور تاشپولات روزىنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىش روھىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

clippers.jpg


        ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇۋەپپەققىيەت ھەرگىزمۇ نەچچە كۈنلۈك ياكى نەچچە يىللىق مۇساپە ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەت بىر جەرياندىن ئىبارەتتۇر، كىشى ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا قاچان يېتەلەيدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ پەرەز قىلىپ يېتەلمەيدۇ. مۇھىمى شۇ جەرياندا بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەشتۇر. قىيىنچىلىقلارنىڭ، تاغ-داۋانلارنىڭ ھامان ئاخىرلىشىپ، ئۆزى كۆزلىگەن، ئارزۇ قىلغان ئاشۇ مەنزىلگە يېتىشى ئۈچۈن توختىماي سوقۇپ تۇرىدىغان ئۈمىدلىك يۈرەكتۇر. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئېگىلمەس روھنى يېتىلدۈرگەنلىكىدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ ئائىلە مۇھىتىمۇ ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەيلى بالىلىق ۋاقتىدا دادىسى روزى ئاكىنىڭ ئۇنى ۋە ھەدىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تارتقان جاپالىرى بولسۇن ۋە ياكى كېيىنكى كۈنلەردە ئايالى مۇنىرە خانىمنىڭ ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىككى پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەشتىن سىرت، يەنە تاشپولات روزىغا مەنىۋىي جەھەتتىن  توختىماي رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشلىرى، ئۇنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.

lakers.jpg


    تاشپولات روزى ئۆز ساھاسىدە تۈرلۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشىش جەريانىدا ئۆز خەلقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەيلى ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن ياكى ھازىرقى ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئىشلىرىغا مەسلىھەت بەرگەندىن سىرت يەنە، قولىدىن كېلىدىغانلا ئىش بولسا ياردىمىنى ئايىمايدۇ. ئۇ ياپونىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا 13 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنى ياپونىيەگە كېلىپ ئوقۇش ئىشلىرىنى ھەقسىز بېجىرىپ بېرىدۇ.  ئۇيغۇر پەرزەنلىرى تەرىپىدىن ئۆزىگە يېزىلغان خەتلەر ھەمدە سورالغان تۈرلۈك سوئاللارغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ.  كەسىپتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئايرىم، ئادىمىيلىكتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئايرىم. مېنىڭ نەزەرىمدە، ھەقىقىي ئادەم بولماق ئالىم بولماقتىن نەچچە يۈز ھەسسە قىيىن. ئادىمىيلىكىدىن ئايرىلغان بىر ئالىم خۇددى كىتاب ئارتىۋالغان ھايۋانغا ئوخشايدۇ، خالاس. دوكتور تاشپولات روزىنىڭ ئىنسانىي ئېتىقادىدىن ئايرىلماي، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئىنسانىي پەزىلىتى ئارقىلىق ياشلارغا ئۈمىد ۋە مۇھەببەت ئاتا قىلىشى كىشىنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.
ھازىر تاشپولات روزى مەكتەپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە ئۆز كەسپىدىكى تەتقىقاتىنىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ھازىر ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ياسۇخىدا فۇكۇموتو بىلەن بىرلىكتە شارسىمان قاينام ھەرىكىتىنىڭ تەقسىملىنىشىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇلار بۇ نەتىجىنى پات ئارىدا داڭلىق ئامېرىكا ئاقار جىسىملار فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلماقچى. ئۇنىڭ تەتقىقاتى پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

oqush putturush murasimida.jpg


تاشپولات رۇزى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا .

oqush putturush murasimida soz qiliwatqan waqit.jpg

رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە:تاشپولات رۇزى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا.

oqughuchilar bilen birge.jpg

رەسىم ھەققىدەچۈشەنچە:تاشپولات رۇزى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە.



   خوش، قەدىمدىن تارتىپ غەلىبە قازانغۇچىلاردا بولغان ئورتاق ئالاھىدىلىك - غايە، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق. دېمەك، ئالغا ئىنتىلىش ئىرادىسى ھەقىقىي ئىنسانىي بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر. شان - شەرەپكە ئىنتىلىش يامان ئىش ئەمەس، ھېچ كىممۇ بۇ دۇنيادىن ئىزسىز كېتىشىنى خالىمايدۇ، لېكىن شان - شەرەپ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ دۈمبىسىنى پەلەمپەي قىلىش بولماستىن، بەلكى ئەمگەك تەرىنىڭ مەھسۇلى بولۇشى كېرەك. ئەنە شۇ جاپالىق ئەمگەكتىن كېلىدىغان شان - شەرەپ ھەقىقىي بەخت ھېسابلىنىدۇ. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى مېنى مۇشۇنداق بىر يەكۈنگە ئۇندىدى. قەلەم كۈچۈمنىڭ ئاجىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئالىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى، تارتقان جاپالىرىنى ئەتراپلىق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئالىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ياشلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن  تاشپولات روزىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەلسۆيەر ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ياشلارغا تېخىمۇ جانلىق يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا، ئالىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت ۋە خاتىرجەملىك، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا كاتتا ئۇتۇقلار تىلەيمەن.




تاشپولات رۇزىنىڭ ئېلخەت ئادىرسى:

http://www.uav.edu/

tashpulat@gmail.com

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-12 08:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 04:08:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشپولات ئاكىمىز كىچىكىدە ئەينى يىللاردىكى   تۇرمۇش غۇربەتچىلىكىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەمما دادىسى روزى ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا ھالا بۈگۈنكى كۈنگە يەنى بۈگۈنكى نەتىجىلەرگە ئىرىشىپتۇ .
بۇ تىمىنى ئوقىۋىتىپ مەن ئويلاپ قالدىم ، تاشپولات ئاكىمىز تىرىشچان ، ئىزدىنىشچان بولۇپلا قالماي يەنە ئادىمىيگەرچىلىكى بار ئىسىل ئادەمكەن .
گەرچە مەن بېرىپ باقمىساممۇ ئەمما ھىس قىلدىم ، ياپونىيە ۋە ئامرىكىدەك تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە بولۇپمۇ رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولىدىغان ئامرىكىدەك بىر دۆلەتتە مەكتەپ مۇدىرى ئەمەس ئادەتتىكى خىزمەتچى بولۇشمۇ مىنىڭچە قىيىن ، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلچەملىك ئېنگىلىسچىنى سۆزلەش ، ئوقۇش ، يېزىش ئىقتىدارى بولمىسا بولمايدۇ .
ئۆزىنىڭ ماتىماتىكىلىق فورمولا ، تەڭلىمىلىرى ئارقىلىق ياپونىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك پىراپپىسور ، باھالىغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرغاننى ئاز دەپ يەنە ئامرىكىغا بېرىپ بىر يىل ئىچىدە شۇ تەرەپنىڭ تىل -يېزىقىنى ئۈگىنىپ ئۆزىنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشىغا ئىرىشەلىشى مىنى تەسىرلەندۈردى .
تاشپولات ئاكىنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، ئائىلىسىگە بەخت ، خىزمەتلىرىگە نەتىجىلەر تىلەيمەن ! تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا رەسىملىرى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولۇركەن ، تىمىنى ھاياجان ئىچىدە ئوقىدىم .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-12 04:20 PM  


مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11670
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1662 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 04:09:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال ئەپەندىنىڭ مەزكۇر تىمىنى تەستىقلاشقا كىچىكىپ بولسىمۇ جۇرئەت قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. مىسرانىمنىڭ روناق تېپىشىنى ۋە تېخىمۇ كوپ ئالىملىرىمىز-ئوگىنىش ئولگىلىرىمىزنى تۇنۇشتۇرۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن . تاشپۇلاتكام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە بارلىق ئىشلىرىغا ئاسانلىق ، ئۇتۇقلار تىلەيمەن.
شەپقەت ھەمشىرىسىنىڭ مەزكۇر تىمىنى يوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 04:17:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدامەن، مۇشۇنداق ئىزچىل تىرىشۋاتقان ئالىملىرىمىزنىڭ  ئىش ئىزلىرى يەنىمۇ تەشۋىق قىلىنسا، تىرىشمايۋاتقان ياشلىرىمىز ئۇيغانسا دەيمەن. قۇلۇڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ...

Welihan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 04:29:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 04:43:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوش بولدۇم پەخىرلىك ئوغلانىمىزدىن . ئەمما نىمىشقا  ئىنكاسنى ئۆزلىرىلا كۆرلا تەقسىر ؟  باشقىلارمۇ ئىنكاس ئارقىلىق تەربىيە ۋە ماختاشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلسۇن . شەخسىيەتچىلىك قىلمىسا ...

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 05:02:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى دەل مۇشۇ تىمىنى مىسرانىمغا يوللىغانلىقىم تۈپەيلى، بۇ تىما تەستىقلانمايلا قالماستىن بەلكى، sewdaye دىگەن ئەزالىق نامىنىمۇ چەكلىۋەتكەن ئىدى.
ھازىرغىچە چەكلەكلىك پېتى تۇرىۋاتىدۇ. لىكىن باشقىلار يوللىسا تەستىقلاپتۇ. مانا ئادىللىق.
مانا بۇ مىسرانىمدىكى ئادىللىق.   ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ «سەركەردىسى»

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 05:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭدىن بىرى مىسرانىمغا تىما يوللىماي، ئىنكاسلا يازىمەن دەپ تىزىملاتقان ئىدىم. بىر قېتىملا تىما يوللاپتىمەن، ئىنكاسلا يېزىۋاتىمەن. ئىنكاسنى تەستىقلىمىغاندىكىن. بۇندىن كىيىنمۇ ھەم يوللىغۇچىلىكى بار تىما بولسىمۇ مىسرانىمغا يوللىمايمەن.

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif
Welihan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 05:15:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1874
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 05:42:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشپولات مۇئەللىمدىكى ئاشۇ حىل تىرىشچانلىق،ئۇزلىكسىز  ئىلگىرلەش روھى، شۇنداقلا ئۆزى يىراقتا بولسىمۇ حەلقىمىز ئۇچۇن باش قاتۇرۇپ ،مول بىلىم ئۇچۇرلار بىلەن بىزنى حەۋەردار قىلىپ تۇرعانلقى ئادەمنى راسلا حوشال قىلىدۇ. رەحمەت مۇئەللىم! سىز ۋە ئائىلىڭىزگە بەحىت تىلەيمىز،ئاللا سىزگە زور ئۇتۇقلار ئاتا قىلعاي!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش