مانا ئەركەك
ئوتتۇرا ياشلىق ئۈچ ئايال كوچىدا قىزغىن پاراڭلىشىپكىتىۋاتتى .ئالدى تەرەپتە توپلىشىپ قالغان بىر مۇنچە ئادەمنى كۈرۈپ ، ئۇلارئىختىيارسىز قەدىمىنى توختاتتى . بۇ يەردە جىدەل بولىۋاتقان ئىدى . ئالاماننىڭ ئوتتورىسىدائىككى «نوچى » ئون يەتتە –ئون ھەككىز ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىريىگىتنى قاتتىق ئۇرىۋاتاتتى . ئۇ يىگىتمۇ قېنىنىڭ بارىچە قارشىلىق بىلدۈرىۋاتاتتى. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى ھەرخىل .بەزىلىرى ناھەقچىلىككە چىدىماي : ــ ئىككى ئادەم بىرلىشىپ بىر ئادەمنى ئۇردى ، دىگەنقانداق گەپ ! بولدى قىلىڭلار ! ــ دەپۋاقىرىشىپ قوياتتى . بەزىلەر : ـــ ئەستەغپۇرۇللا ! دەپ ئۆز غەزىپىگە ھاي بىرىشىپتۇراتتى .. يەنە بەزىلەر خددى بوكىسچىلارنىڭ تاماشىسىنىكۈرىۋاتقاندەك ئەپچىل مۇش ئېتىشلارغا ، كاللا قۇيۇشلاغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە يۇمشاق كۆڭۈل ئادەملەرمۇ بارئىدى .ئۇلار: ــ ئاجرىتىپ قويساڭلار بولمامدۇ ، ھەيمۇسۇلمانلار ! ــ دەپ توۋلىشىپ قوياتتى . ـــ ئاجرىتىپ قۇيۇش باشقىلارنىڭ ئىشىمىكەن ؟ ! پىچاقيەپ كىتىشتىن قورقمىساڭ ، ئۆزۈڭ بېرىپ ئاجرات . ــ دەپ رەدىيە بىرەتتى بەزىلەر غوتۇلداپ. ئىشقىلىپ ھەممىلا ئادەم دىگۈدەك بىرنىمە دەيتتى ،لېكىن ھېچقايسىسى ئوتتۇرغا چىقمايتتى . ھېلىقى ئىككى « نوچى » بىلەن ھالسىزلىنىۋاتقان ھېلىقىيىگىت بارغانسىرى ھالسىزلىنىپ ، ئاخىر كەينى –كەينىدىن تىگىۋاتقان مۇشتلارنى بىلەكلىرى بىلەن توسۇپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى . زەرب بىلەن بېقىنىغا ئۇرۇلغان بىر نەچچە مۇشت ئۇنى يەرگە يېقىتتى . لېكىن ، ھېلىقى ئىككى « نوچى» توختايدىغاندەك ئەمەس ... كىشىلەر چۇرقىرىشاتتى ، لېكىن ھېچكىم ئوتتۇرغاچىقمايتتى . بىللە كەلگەن ئۈچ چوكاننىڭ بىرى يىگىتنىڭ بۇرنىدىن ئوقتەك قانكەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن چىرقىراپ كەتتى . ئىككىنچى چوكان : ــ ھەي بۇ يەردە بىر ئەركەك يوقمۇ ؟ ــ دەپ ۋاقىرىدى. دەل شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى .چوكانلارنىڭ ئۈچىنچىسى ــ باياتتىن بىرى گەپمۇ قىلمىغان ، چىرقىرىمىغان ،بولىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ قېتىپ تۇرۇپ قالغان ئۈچۈنچى چوكان : ــ ۋاي مىنىڭ بالامنى ئۆلتۈرۋەتمەكچىمۇ ! ــ دەپئالامانغا قاراپ ئېتىلدى . تۇيۇقسىز كىشىلەر ئوي ئۈچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ سىگىنالىنىئاڭلىغاندەك ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە داجىشتى . ئۇ چوكان غۇيۇلدىغىنىچە ئوتتۇرغاكىردى . ئانىنىڭ ئاۋازى قۇدرەتلىك بولىدىكەن . « مىنىڭ بالامنى ... » دىگەن سۆزنىئاڭلاپلا ھېلىقى ئىككى « نوچى » بەدەر قېچىشتى . «ئانا » بېرىپ قانغا بويالغانب«بالىسى» نىڭ بېشىنى تىزىغا ئالدى . ئەتراپتا تۇرغانلار : ـــ ئانىسىمىكەن ؟ .... ئانىسىمىكەن ؟ ... دىيىشىپكەتتى . « بۇ يەردە بىر ئەركەك يوقمۇ ؟ » دەپ ۋارقىرىغانئىككىنچى چوكان ئۇلارغا زەردە بىلەن ئالايدى ــ دە : ـــ ئانىسى ئەمەسكەن ، ئەركەك ئىكەن ، ئەركەك ! ــدىدى ئاجايىپ سۈيۈنگەن ئاھاڭدا . يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن « ئانا » نىڭ چىرايلىق كۆڭلىكىنىڭ پىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى . كۆڭلەپ پىشى قانغا بۇيالغان ئىدى . ئۇ چوكان لالىدەك تاۋلىنىپ تۇرغان قان يۇقى كۆڭلىكى بىلەن خددى جەڭگاھتىن قان كىچىپ چىققان باتۇر لەشكارغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى . مەنبە : ئەخمەت ئىمىننىڭ « مىنىڭ بىر كۈنۈم » ناملىق نەسىرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-12 07:17 PM
|