|
|
|
|
سەيشەنبە ئوغلاق ئېيىنىڭ 12-كۈنى ئاسىيا بازىرى ،دوللار كۆرسەتكۈچى ئازراق ئۆسۈپ 81.10 ئەتراپىغا كەلدى،تۈنۆگۈن شام سىزىقىدا سەكرەش يۈز بېرىپ ئۆسۈش سىزىقى بۇلۇپ بازار ئېچىلىپ ئاخىرسىدا چۈشۈپ بازار يېپىلدى .خەلقارا ئالتۇن بولسا ھەر ئونسىيەسى 1282 دوللار ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن شام سىزىقى سەكرىگەن ھالەتتە ئۆسكەن سىزىق بۇلۇپ بازار ئېچىلىپ ئاخىرسىدا بازار ئازراق چۈشۈپ بازار يېپىلدى .خەلقارا كۈمۈش ھەر ئونسىيەسى 21.13 دوللار ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن چۈشۈش سىزىقى بۇلۇپ بازار يېپىلدى .تۈنۆگۈن ئالتۇن ئەھۋالى ئازراق تېنىچ بۇلۇپ ،لېكىن دوللار ئازراق قايتىشقا ئۇچۇردى ،ياۋرۇنىڭ ھالىتى ئىزچىل ياخشى بۇلۇپ ،چۈنكى ياۋرۇ رايۇنىنىڭ ياۋرۇغا پايدىلىق ئۇچۇرلىرى ئىزچىل ياخشى بۇلۇپ چىقتى ،لېكىن تۈنۆگۈن ئامرىكىدا بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ تەسىرىدە بازار بىرقەدەر تېنىچ بولدى .كانادا خان جەمەتى بانكىسى 10-ئايدىكى غەيرى يېزا-ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ ياخشى چىققانلىقى ئۈچۈن ، ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى ئەسىلدە كىلەر يىلى 4-ئايدا كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتىنىڭ كۈلىمىنى تارايتىشنى باشلايدىغان پىلان ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈپ 3-ئايدىن باشلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى .
ئوغلاق ئېيىنىڭ 12-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار
سەيشەنبە ئوغلاي ئېيىنىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان مۇھىم ئۇچۇرلار كەمچىل ،ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن ئاۋۇستىرالىيەنىڭ 10-ئايلىق NAB سودا ھالىتى كۆرسەتكۈچى ،گىرمانىيە 10-ئايلىق CPI ئاخىرقى قىممىتى ،ئەنگىلىيە 10-ئايلىق CPI يىللىق نىسپىتى ۋە 10-ئايلىق پارچە سېتىش مال باھا سانلىق كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ . ئىقتىسادى ئىشلاردىن چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى 2 دىكى ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىدىن فىشىرنىڭ ئاۋىستىرالىيە ئىقتىسادى تەرەققىيات كومىتىتى يىغىنىدىكى نوتىقىغا دىققەت قىلىڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى252 يۈەن
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !
|
|
|
|
|
|