ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . يېقىندا ئاددىلا يانفۇن ئەپ سىناق قىلىپ يانفۇندا
www.bijirim.com دەپ ئاچقاندىكى ھالەتنى ئېچىپ بېرەلەيدىغان سىغىمى ئىنتايىن كىچىك بولغان يانفۇن ئەپنى تۈزۈپ باققان.
بۇ سىناق ھالەتتە.
ئەزەلدىن تور دۇنياسىدا مىسرانىم ۋە روھلان تورلىرىنى چوڭ بىلىدىغان بولغاچقا مىسرانىمغا يوللاپ تورداشلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىماقچى بولدۇم . روھلانغا باشقا بىر تورداش يوللاپ قويۇپتىكەن.
بىجىرىم تورى يانفۇن نۇسخىسىنىڭ يېقىنقى ئالاھىدىلىكى:
بۇ ئادەتتە 2.3 تىن يۇقىرى ھەرقانداق تېلفۇندا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنىدۇ . بەزى زاپەر ئەمەس يانفۇنلارنىڭ 2.2.6 نۇسخىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرچە نورمال قوللايدۇ.
روت ھوقوقى ئېلىنمىغان ئۇيغۇرچە قوللايدىغان ھەرقانداق يانفۇندا ئۇيغۇرچە فونت چىرايلىقلاشتۇرمىغان بولسىمۇ مەجبۇرى توم چىرايلىق چىقىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://bijirim.com/bijirim.apk
كەمچىلىكى:
تور سۈرئىتىىڭىز سەل ئاستا بولسا تۇنجى قېتىمدا بىر نەچچە سىكۇنت ئاق چىقىۋېلىپ ئاندىن قوزغىلىدۇ. قوزغىلىۋالغاندىن كېيىن تېز.
ۋاقتىنچە مۇسۇلمانلارغا ئائىت ۋە باشقا مۇھىم خەۋەرلەر،تۇرمۇش ساغلاملىق ھەققىدە مۇھىم بىلىم ئۇچۇرلار، خانىم-قىزلارغا پايدىلىق تېمىلار يوللىنىدۇ ئەمما كىنو ناخشا قاتارلىقلارنىڭ يانفۇنغا ماسلاشتۇرۇلغان ھالىتى تېخى ياسالمىدى.
قېنى ئەمىسە چۈشۈرۈشكە باشلاڭ سىناشقا باشلاڭ !
http://bijirim.com/bijirim.apk