شۇنداق ئىكەنمىز
ئالىمجان تۇرغۇن (سەرسانى)
ئادەملار ئەزەلدىن شۇنداق ئىكەنمىز،
بارىنىڭ قەدىرىگە يەتمەيدىكەنمىز.
ئۆز-ئارا پۇتلۇشۇپ ، غاجاپ چىشلىشىپ،
ئايرىلىش پەيىتتە يىغلايدىكەنمىز.
ئادەملار ئەزەلدىن شۇنداق ئىكەنمىز،
دوستلارنىڭ قەدىرىگە يەتمەيدىكەنمىز.
مىڭ قېتىم ياردىمى ئۇنتۇلۇپ دىلدا.
بىر سەۋەن ئۆتۈلسە تاشلايدىكەنمىز.
ئادەملار ئەزەلدىن شۇنداق ئىكەنمىز،
شەخسىيەت بابىدا ياشنايدىكەنمىز.
ئالقىش كۆپ بىراۋنىڭ ساخاۋىتىگە.
ۋە لېكىن ئۆزىمىز قىلمايدىكەنمىز.
ئادەملار ئەزەلدىن شۇنداق ئىكەنمىز،
بىكارچى يۈرگەننى تىللايدىكەنمىز.
ھالالدىن نان تاپاي دىسە بىر كىشى،
بىر قەدەم ئالماستىن پۇتلايدىكەنمىز.
ئادەملار ئەزەلدىن شۇنداق ئىكەنمىز،
ئۆلگەندە «ئانام» دەپ يىغلايدىكەنمىز.
ھاياتلىق چېغىدا ئىشلار ئالدىراش،
يېرىم جىڭ گۆش ئېلىپ بارمايدىكەنمىز.
ئادەملار ئەزەلدىن شۇنداق ئىكەنمىز،
بارىدا يەپ-ئىچىپ ئوينايدىكەنمىز.
باشقا كۈن كەلگەندە تۈگەپ ئۇتتۇرۇپ،
ھەممىنى تەقدىرگە دۆڭگەيدىكەنمىز.
ئادەملار ئەزەلدىن شۇنداق ئىكەنمىز،
ياخشى كۈن ئېلىشنى ئىستەيدىكەنمىز.
ئەتىگە غەملەر يەپ ئۆمرىمىز ئۆتتى،
بارىغا قانائەت قىلمايدىكەنمىز.
ئادەملار ئەزەلدىن شۇنداق ئىكەنمىز،
مودا دەپ يېڭىنى قوغلايدىكەنمىز.
بىراۋنىڭ داشقىلى تۇتىيا بىزگە،
ئەنئەنە ، ئادەتنى ئۇنتۇيدىكەنمىز.
ئادەملار ئەزەلدىن شۇنداق ئىكەنمىز،
بەزىدە مايسىدەك ياشنايدىكەنمىز.
تۇيۇق يول ئىچىگە پاتقاندا بىر كۈن،
بىراۋدىن ئاغرىنىپ قاخشايدىكەنمىز.
ئادەملەر ئەنە شۇ شۇنداق ئىكەنمىز،
توغرا ھەم خاتانى ئايرىيدىكەنمىز.
خاتاغا لەنەتلەر ئوقۇشۇپ تۇرۇپ،
ۋە لېكىن ئىبىرەت ئالمايدىكەنمىز.
مەنبە :ئۆزۈم
2013 - يىلى 5 - ئاي
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-11-14 03:21 PM):
خەت ئۇرغان ۋاقىتتا «ئادەملەر » سۆزى «ئادەملار » دەپ خاتا بۇلۇپ قاپتۇ .
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-11-14 03:22 PM):
ئوقۇغۇچىلار تۈزىتىپ ئوقۇشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن . رەھمەت .