تۇيغۇلار
سەن يالغۇز ئىدىڭ ، مەن سېنى كۈتتۈم .
سەن ئارلاشقۇم يوق دېدىڭ ، مەن سېنى كۈتتۈم .
سەن باشقا بىرى بىلەن ئارلاشتىڭ ، مەن سېنى كۈتتۈم .
سەن ئايرىلىپ كەتتىڭ ، تەسەللىگە مۇھتاج بولدۇڭ ، مەن ساڭا ھەمراھ بولدۇم ، مەن سېنى كۈتتۈم .
مەن سېنى ھامان بىر كۈنى مىنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى ھېس قىلىپ يىتىدۇ ، ماڭا قۇچاق ئاچىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم .
لېكىن ، ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن ، ئاخىرى سىنىڭدىن ئاڭلىغىنىم يەنىلا بىر ئىغىز “ سەن ئىنتايىن ياخشى بىراق ...”
مىنىڭ ھەم شۇنداق دېگۈم كىلىدۇ : كەچۈرگىن!
****************************************************************************************************
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن .
مەن زادى سېنىڭ نەرىڭنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ؟
مەن زادى نېمە ئۈچۈن سېنى بۇنچە ئۇزۇن ساقلايمەن ؟
بەلكىم ...ئېرىشەلمىگەن نەرسە ھەقىقى ياخشى نەرسە بولسا كېرەك .
ۋە ياكى ، پەقەت مەن ئۆزۈم سېنىڭدىن ياخشى بىرىنى ئۇچىرتىپ باقمىغاندىمەن ...
****************************************************************************************************
سەن راستىنلا مەن سېنى ئۇنتۇپ كەتكەندىن كېيىن ، سەندىن ۋاز كەچكىنىمدىن كېيىن ، ئازابلارغا چىدىماي سەندىن ئايرىلغىنىمدىن كېيىن ئاندىن مىنىڭمۇ سەن ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يىتەرسەنمۇ ؟
****************************************************************************************************
سەن بىلمەيسەن ، بەزى ۋاقىتلاردا ، مەن قانچىلىك ئازابلارنى تارتىمەن ...
سەن بىلمەيسەن ، ئاخىرى چىقمايدىغان كۈتۈش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى بەكلا ھاردۇرۇپ قويىدېكەن ...
سەن بىلمەيسەن ، مەن قانچىلىك غەيرىتىم بىلەن ھەرقانچە ساقلىساممۇ كەلمەيدىغان سېنى، يەنە شۇ سېنى ھەركۈنى،ھەر دەقىقە ئەسلەپ تۇرىمەن ...
بەلكىم ، سەن ھەم بىلمەيسەن ئەمەس ، پەقەت ، بىلمەسلىككە سالىسەن خالاس .
سەن - ئەنە شۇنداق شەخسىيەتچى ، مەن بولسام شۇنچىلىك ئاخماق ...
****************************************************************************************************
بەزى ۋاقىتلاردا سېنىڭ سىمايىڭغا ئوخشايدىغان بىرەر سىما كۆرۈپ قالسام ، سېنىڭ ئاۋازىڭغا ئوخشايدىغان بىرەر ئاۋاز ئاڭلاپ قالسام ، ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ئاساستا ئەسلىمىلەر قوينىغا چۆكىمەن . لېكىن ، ئاستا ئاستا ، مەنمۇ ۋاز كېچىشنى ئۈگەندىم . مەن ئۆزگەرگىنىم يوق ، پەقەت ، مەن بەك ھاردىم ، مەن ئامالسىز قالدىم ، سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇتتۇرغىنىمغا ئىقرارمەن ، مەندە يەنە ئازاب تارتقۇدەق ماغدۇر قالمىدى ...
كەچۈرگىن ......
****************************************************************************************************
تەقدىر ئاجايىپ ، بەلكىم ، بىر كۈنلەردە سېنى ئۇچۇرتۇپ قالسام ، سېنىڭ بۇرۇنقىدەك قۇچاقلاشلىرىڭغا مەندە ھېچقانداق تۇيغۇ بولماسلىقى مۇمكىن .
يۈرۈگۈمدە ھەرقانچە ئىللىق سېزىم بولغان تەقدىردىمۇ ، بەلكىم يالغاندىن بولسىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقىم مۇمكىن .
بۇرۇنلاردا مەندە ساڭا ئالەمنى كۆيدۈرگۈدەك ئوتلار بولغان ، شۇ ئوتلارنى سەن ئۆچۈرگەن ئىدىڭ .
بۇنىڭ ئۈچۈن سەندىن ئاغرىنايمۇ ؟ ياق ! ھېچچىكىمدىن ئاغرىنمايمەن ، ھېچچىكىمدىن ئاغرىنالمايمەن ...