مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4552|ئىنكاس: 87

مىسرانىم مەشرىپىنىڭ 7- سانى ھوزۇرۇڭلاردا ب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:07:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە،تۆھپە مىراس،مىراس بىباھا مەشرەپ،

بوغۇلغان دەم نەپەسلەرگە شىپالىق ساپ ھاۋا مەشرەپ.

كامالەت تاپتى قوينۇڭدا مۇقام ،ئەلنەغمە،جانبازلىق،

ئەزەلدىن زادى ئۇيغۇرغا ئىجازەتسىز داۋا مەشرەپ.


......................................


 ئاتاقلىق ناخشىچىمىز ئابدۇللا  ئابدۇرېھىمنىڭ  جاراڭلىق ئاۋازدا ئېيتقان ‹‹مەشرەپ ›› ناخشىسى مىسرانىمدا ياڭرىدى،مۇنبەر سەھنىسىدە ئۇچلۇق چاڭموزا بىلەن ماسلاشتۇرۇپ بىر پېشى ئۇزۇن، بىر پېشى قىسقا  مىللىيچە كىيىم كىيىۋالغان يىگىت بېشى مىرشاپ تاڭنۇر بىلەن توز پېيى قىستۇرۇلغان  ،زەر ئۈنچە باسقان دوپپىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ،خان ئەتلەستىن يارىشىملىق كۆينەك كىيگەن  رىياسەتچى  كەپسىز قىز  پەيدا بولدى.

-        مەشرەپ باشلاندى.........،- مىرشاپ تاڭنۇرنىڭ گۈلدۈرمامىدەك بوغۇق ئاۋازىدىن سەھنىدىكى ئەمەس تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارمۇ چۆچۈپ كېتىشتى .تاڭنۇر ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن سەل جىجىل بولدىمۇ قانداق:

-         مەشرەپ باشلاندى ،- دېدى  يەنە بىر قېتىم تۆۋەن ئاۋازدا.

-دىيارىمىز تور بەتلىرىنىڭ سەرخىل گۈلى بولغان مىسرانىم تور بېتى تور  بەت قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر ( مىسران)نىڭ جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك مۇكەممەل ھالەتكە يەتتى، مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ كۈندىن –كۈنگە كۆپىيىپ، ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئاشماقتا، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىسرانىمنى مەدھىيلەپ ئۆتكۈزىلىۋاتقان مىسرانىم مەشرىپىمۇ قولدىن –قولغا ئۆتۈپ 7- سانىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى،   نۆۋەتتە مەشرەپنىڭ گۈل چېيىنى كۆكنۇر ئەپەندىدىن ئۆتكۈزىۋالغان مۇسىلىنە خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمىز،قېنى مۇسىلىنە خانىم مەرھەمەت.........

   چاۋاك.........-چاك.....چاك...چاك...چاك......

   رىياسەتچى كەپسىز قىزنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن دىيارىمىزنىڭ جاي –جايلىرىدىن ماشىنىلق، ئاتلىق، ئېشەكلىك......كەلگەن مۇنبىرىمىزنىڭ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە خوتەننىڭ خان ئەتلىسىدىن تىكىلگەن يارىشىملىق ، ئۇزۇن كەلگەن كۆينىكىمنى جۇلالىتىپ سەھنىگە چىقتىم ۋە ئولتۇرغان تاماشىبىنلاردىن بولغان مىسرانىم ئەھلىگە سالام بېرپ سۆزۈمنى باشلىدىم:

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى چوڭ –كىچىك، توڭ –پىششىق، قېرى –ياش ، ئەر –ئايال، قىز –يىگىتلەر ،ھەممىڭلار تېنچلىق –ئامانلىق تۇرۇشتۇڭلارمۇ....؟ مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ مەشرەپ گۈل چېيى قولدىن –قولغا ئۆتۈپ كۆكنۇر ئەپەندىنىڭ مۇبارەك قولى ئارقىلىق مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قېرى مۇئەللىمەسى بولغان كەمىنە مۇسىلىنەگە ئۆتكۈزپ  بېرىلدى، مەن گۈل چاينى ھۆرمەت –ئېھتىرام بىلەن ماڭا سۇنغان كۆكنۇر ئەپەندىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرىدىن بولغان بارلىق مۇنبەرداشلىرىمغا بۈگۈن مىسرانىم مەشرىپى ئارقىلىق ئەڭ ئالىي ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن.......بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەلگەن قەدىمىڭلارغا  مەرھابا..........

چاۋاك......-چاك...چاك.....چاك.......

-رەھمەت، بارلىق مۇنبەر ئەھلىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت....بۈگۈنكى مىسرانىم مەشرىپى مۇشۇ ئولتۇرغان خۇش ھاۋالىق، خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ مېزىلىك ھېدى بىلەن تولغان، بېھىش باغدا ئۆتكۈزىلىدۇ...ئالدىنقى قېتىملىك كۆكنۇر ئەپەندى ئۆتكۈزگەن مەشرەپ ئاخىرلىشاي دېگەندە  مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاچقا ،مەشرەپ ئاخىرىسىدا ئازىراق كۆڭۈل يېرىمچىلىقى كېپ چىقتى،شۇڭا بۇ قېتىمقى مەشرەپنىڭ تولۇق ئۆتكۈزىلىشى ئۈچۈن مەشرەپ مەزمۇنىغا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلدىم ، مىسران دېگەن پىخسىق پۇل بەرگىلى ئۇنىمىغاچقا مەشرەپ ئۈچۈن كېتەرلىك بولغان پۇللارنى مۇنبەر پۇلۇمدىن سەرپ قىلدىم ،يەتمىگەن قىسمىغا ئۆتنە –يېرىم قىلىپ دېگۈدەك ،تەييارلىق ئىشلىرىنى بىر يەرلەرگە ئاپاردىم،بۇ ئۆتنە –يېرىملارنى كېلەركى ئايلىق مۇئاشىمدىن بىر تەرەپ قىلىۋېتىمەن.....بۇنىڭدىن سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار.....ئەمدى مەشرەپكە قاتناشقان بارلىق مۇنبەر ئەھلىنىڭ مەشرەپ سورىنىدا كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن........

چاك...چاك....چاك...چاك......

- مەشرىپىمىز رەسمىي باشلاندى ،- دەپ جاكارلىدى مىرشاپ تاڭنۇر. مەشرەپكە قاتناشقانلارنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن چالغان چاۋاكلىرى ياڭرىدى......

مىسرانىمنىڭ سۆرەتچىسى ئارشاڭ مەشرەپ كۆرۈنۈشلىرىنى سۆرەتكە ئېلىش بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى......
 -نۆۋەتتە ئورۇندىلىدىغان نومۇر چارىگاھ  مۇقامدىن ئارىيە،- دەپ ئېلان قىلدى كەپسىز قىز .

زامانى،كۆكنۇر،سۇتۇق، قەيسەر, apchil ,كۆك سۇلتان، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىدىن قىزغىن،ئەلشىر ،مۇسەللەس...قاتارلىقلار ، تەبەسسۇم،قار مەلىكە،كۈنقىز، كۈلقىز،يالپۇز، شاتئاي...قاتارلىق مۇقامچىلارنىڭ ئېگىز –پەس،ئوڭ –تەتۈر  ئاۋازدا ئېيتقان مۇقاملىرى قۇلاقنى ياردى....


ئايھاي....ما مۇقامغا ماسلىشىپ كەتكەن ئەلگە نەپ,تاتلىقىم، زەپەر،ھۆكۈمىران،ئىزبارىس,يانماس،turankaxkar، قامچا 0999nazuk,jomgor, ،شەھلا،يالپۇز،گۈل چۈشى،قار مەلىكە ،بارچۇق گۈلى ،ئايسىمان،جەلپكار قىز...قاتارلىق ئۇسۇلچىلىرىمىزنىڭ مايماق –سايماق دەسسەپ ئوينىغان ئى ئۇسۇللىرىنى كۆرەڭلار....ئۇسۇل ئويناۋېتىپ  ئۆزئارا بېقىشىپ چۆرگىلەيدىغان يېرىگە كەلگەندە ئا jimgor گۈل چۈشىنىڭ پۇتىغا پۇتلىشىپ كېتىپ ،نەق مەيداندىلا موللاق ئاتتى ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوڭغۇل –دوڭغۇل ئۇسۇللىرىدىن پەخىرلىنىپ ئاغزى كالچىيىشقان ئەلگە نەپ، تاتلىقىم، شەھلا، يالپۇزلارمۇ بىر –بىرسىگە پۇتلىشىپ دۈم چۈشتى.......بوپ بېرىدۇ –دە بۇنداق تاماشا بىزنىڭ مىسرانىمنىدىكى ھابابامنىڭ بالىلىرىغا.....

چۇرت..چۇرت..چۇرت...

 تۆۋەندە ئولتۇرغان تۇز، گېنىرال، خاپىلىق،بېگام، ئالدىراش.....قاتارلىقلارنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازى مەشرەپ ئۆتكۈزىلىۋاتقان باغنى بىر ئالدىغۇ.... ما ئىدرىسمۇ قىزىق.....ئارقا سەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلماي مالارنىڭ ئىسقىرتىش جىدىلىگە ئارىلىشىپ يۈرگىنى قىزىق.....

مەشرەپنىڭ  تەرتىبىنى  ساقلاشقا مەسئۇل بولغان جىدەلخور،كارۋان، كۆك بۆرە،خوك......قاتارلىقلار قولىدىكى تەرتىپكە چاقىرىدىغان كالتەكلىرىنى پۇللاڭلىتىپ  قۇلاقنى يارغۇدەك ئىسقىرتىۋاتقانلارنى ئاران بېسىقتۇردى، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئۇسۇلمۇ تۈگىگەن بولدى.....

-        نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ داڭلىق ئۇسۇلچىسى سۈزۈك ئاينى يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز......

 بۇ لەرزان ئۇسۇل ئويناۋاتقان سۈزۈك ئاي.


-تۆۋەندە ئوتقاش ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ ئېسىل لېرىكىلىرىنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.......

 ئوتقاش لېرىكىلىرى

 

سۈكۈتتە تۇرىمەن قاراپ يىراققا،

دىلىمدىن ئوخچۇيدۇ ئاھۇ-زارلىرىم.

ئېتىلپ چىقار ھەسرەتلىك تىنىق،

كۈتۈش ئىچىدە ئۆتەر كۈنلىرىم

 

كۆزۈمگە بىر رەت قويمۇدۇڭ قاراپ،

كۆرمىدىڭ ئازابلىرىم تۇرار تىزىلىپ.

سۈكۈنات ئىچىدە ئالىمەن نەپەس،

يۈرىكىم بولكىدەك كەتتى ئېزىلىپ.

 

تەلمۈرۈش ئىچىدە ئۆتمەكتە كۈنۈم،

ئۆتۈنەي،ھەسرىتىمگە بىر رەت قاراپ باق.

ئېغىر ھەر قەدىمىم،ماجالسىز تېنىم،

ئىشقىڭدا بولۇپ قالدىم بىر تەلۋە سىياق.

 

ئېپقاچما كۆزۈڭنى،قاراپ قوي ماڭا،

قاراپ قوي،كۆز سېلىپ ئاغدۇرغىن نەزەر.

ئاھلىرىم بىر كۈن تۇتمىسۇن سېنى.

ئىلتىجالىرىمنى قوبۇل كۆرمىسەڭ ئەگەر.

 

 

2- لېرىكا


ئاڭلاندى يىراقتىن ناخشا ئاۋازى.

يۈرەكنى تىترەتتى مۇڭلۇق بىر سادا.

مۇڭلىرى تەگدى غەمكىن يۈرەككە،

ئېتىىلپ چىقتى ئوتلۇق بىر نىدا.

 

تۆكۈلدى ياشلار تىترىدى تىللار،

ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۈنسىز يادىلاپ.

تالمىدى پۇتلار بېسىپ ئۇزاق يول،

ئەستىلىك ئىزلارنى نەچچە رەت ئاتلاپ.

 

كۆڭۈل شۇنىڭغا قالغانكەن كۆنۈپ،

ئەسلىمەسلىككە يوقتۇر ئىختىيار.

ھەر بىر ئەسلەشتە تىترەر ۋۇجۇد.

دىللارنى ئۆرتەيدۇ پىغانلىق ئاھ –زار.

 

ئىزدەيدۇ كۆزلەر تونۇش سىمانى،

لېكىن يىراقتۇر بۇ ۋەسلى دىدار.

شۇندىمۇ تەلمۈرەر بۇ ئاسىي كۆزلەر،

مىسكىن يۈرەكتە ئۆچمەس پىغان بار.

 

ئوتقاشنىڭ بىر –بىرىدىن ئېسىل مۇڭغا تولغان لېرىكىلىرى سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك –بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىنىپ چىقىشقا باشلىدى،‹‹يارايسىز....ياشاپ كېتىپ ئوخخو بالاڭزا....لېرىكىلىركا دېكىلماتسىيە قىلغان ئاغزىڭىز تالمىسۇن......قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن......››دېگەن ئىنكاس شەكىللىك ئالقىشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ياڭرىغان چاۋاكلارمۇ ئايىماي چېلىندى..... 

  -نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا دەتمەن ئۆزىنىڭ ‹‹دەرتكە تولغان يۈرەك ››دېگەن ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.....چاك...چاك....چاك.....

   بۇ مۇڭ بىلەن تولغان ناخشىنى ئېيتىۋاتقان دەتمەن .....


 ما چاتاقنى دەتمەنننىڭ ناخشىسى ئەمدىلا ئاياقلىشىپ ناخشىنىڭ مۇڭىدىن ئېرىپ تەسىرلىنىپ كەتكەن دىلسىرى، كۈنقىز، كۈلقىز، خۇشخۇي،solgan    , gul ساپ تىلەك.....قاتارلىقلار بۇرنىنى تارتىپ ،كۆز ياشلىرىنى سۈرتىشىۋاتاتتى.

-        دات....يىگىت بېشى،ئەرزىم بار.......،-دەپ توۋلىغىنىچە سەھنىدە پەيدا بولدى ئۇيغۇرۇم 007.

- خوش، نېمە ئەرزىڭ بار، ئېيتقىن......،-دېدى يىگىت بېشى تاڭنۇر.

-ما چاپلىن دېگەن ئاداش مەشرەپ سورۇنىدا ئىززىتىنى بىلىپ ئولتۇرماي، قىزلارغا  كۆز تاشلاپ ،قىز ماراپ ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ئەدەپسىزلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاغا تارتىلمىسا،مۇنبەردىنمۇ ۋاز كېچىپ،مەشرەپنىمۇ تاشلاپ، توكۇر خورىزىمغا مىنىپ ئۇدۇپ مىسرانىمنىڭ ئالدىغىلا ئەرزگە بارىمەن.......

- چاپلىننىڭ گۇناھى ھەقىقەتەن ئېغىركەن ،ئۇنى دەرھال جازالىماق زۆرۈر...پاششاپ.....

 -لەببەي......،- قوشاق بىلەن ئەلشىر قول باغلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كەلدى.

- چاپلىننى دەرھال مەيدانغا ئەكىرىڭلار.......

 پاششاپ ئەلشىر بىلەن قوشاق چاپلىننىڭ پۇت –قولىنى يەرگە تەككۈزمەي مەيدانغا ئېلىپ كىردى.

-        گۇنايىڭنى بىلەمسەن؟-سورىدى يىگىت بېشى تاڭنۇر بوغۇق،خىرقىراق ئاۋازدا.

-         بىلىمەن يىگىت بېشى.....‹‹ياشلىق – شاشلىق››دەپ ،بىلىپ –بىلمەي ياشلىق قىپ ساپتىمەن،مەشرەپ ئەھلى  گۇنايىمدىن ئۆتكەن بولسا.......

-        مەشرەپ ئەھلى،گۇناھكار  چاپلىن  مەشرەپ ئەھلىدىن گۇناھىنى تىلەۋاتىدۇ،ئۇنى كەچۈرىۋېتىمىزمۇ.......،-تاڭنۇر مەشرەپ ئەھلىدىن سورىدى.

-         ئۇ گۇناھىنى تونۇش ئۈچۈن بىر نومۇر ئورۇنداپ بەرسۇن.....-  مەشرەپ ئەھلى ۋارقىراشتى.

  -بولىدۇ،مەن گۇناھىمنى يۇيۇش ئۈچۈن مەشرەپ ئەھلىگە پوچىلق ھۈنىرىمنى ئىشقا سېپ بېرەي....،- دېدى چاپلىن....

- پوچىلىق قىپ بەرسۇن.......، -تۈزۈكزات،arif،ئاشكار،polat alamdar،zarapxan،michael،halastan،ئالبىنى،گەدەنكەش......قاتارلىق قۇلاقكەستىلەرنىڭ ئالا –تاغىل توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.....

-ئەمسە باشلىدىم،- گېلىنى بىر قىرىۋېتىپ،تۆگە يۇڭى سېلىپ تىكىلگەن پوسمىسىنى بېشىىڭ يېرىمىغا ئەكىلىپ قويۇپ، بۇرۇتلىرىنى تولغاپ شۇنداق كۈلكىلىك قىياپەتتە سۆز باشلىدى چاپلىن.

-ئىسمىم چاپلىن،ئاغزىم ئاش يۇقى،كۆزۈم ياش يۇقى،ئالدىمغا ئېڭىشەڭگۈ، كىشىگە كېلىشەڭگۈ،پۇتۇم ئاچا ،قورسۇقۇم قاچا بىر بەندىمەن...-دېدى ئۇ كۆزلىرىنى ئوغرۇلۇقچە قىزلار تەرەپكە تىكىپ.....

-بولە چاپسان..قىزلارنى مارىماي.....،-  مەشرەپ ئەھلى ئارىسىدىن ھېسلىرىمنىڭ زىل قوڭغۇراقتەك ئاۋازى ياڭرىدى.

- بولىدۇ..بولىدۇ...،-چاپلىن بېشىنى گىلدىڭشىتتى ۋە لاپلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

-ئۆزۈم باققالمەن،قوغۇننى پىچىپ يىمىگۈچە توڭ –پىششىقلىقىنى ئۇقمايمەن،بىر كۈنى كېتىۋېتىپ sapdilنىڭ قوغۇنلۇقىغا كىرىپ قاپتىمەن، sapdil مىسرانىمنىڭ مەشرىپىگە قاتناشقىلى كېتىپ قاپتىكەن، قارىسام قوغۇنلار سايدىكى تاشتەك، بەزىسى تەكىيدەك، بەزىسى ماشتەك تۇرۇپتۇ،قوينۇمغا سالدىم بىر يۈز ئەللىكنى،تەلپىكىمنىڭ قاسقىنىغا سالدىم بىر يۈز ئەللكىنى،چىشىمنىڭ كاۋىكغا يوشۇردۇم بىر يۈز ئەللىكنى،قۇلۇقۇمنىڭ تۆشىكىگە تىقتىم بىر يۈز ئەللىكنى،يانچۇقۇمغا سالغىنىم بىلەن قوشۇلۇپ بىر كەم مىڭنى ئوغرۇلاپتىمەن،ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ بىر قولۇمدا قوغۇننى پىچقىلى،بىر قولۇمدا يىگىلى تۇردۇم،پىچقىلى تۇردۇم، يىگىلى تۇردۇم،يەنە پىچاي دەپ قارىسام توققۇز يۈز توقسەن توققۇز تال قوغۇندىن بىرسىمۇ قالماپتۇ......

- ياۋ پانا....نەپسىڭ بالا يوھاكەنسەنغۇ  ھېي سەن....،- ئەركەمنىڭ ھەيرانلىق بىلەن مەسخىرە ئارىلاش ۋارقىرىشى ئاڭلاندى.

- ئاتە پونى....پو ئاتقانغا باج ئالمىغاندىكىن ....،- تەكلىماكان، نۇرمۇھاممەت،پادىشاھ...قاتارلىقلارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.......

- خەپشۈك، گېپىنى تۈگىتىۋالسۇن-مەشرەپ ئامانلىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان  جىدەلخور چىرقىراق ئاۋازدا ۋارقىراپ توۋلىشىۋاتقانلارنى تەرتىپكە ئۈندىدى.

-قوغۇنغا قورساق تويامتى مەشرەپ ئەھلى،-سۆزىنى داۋاملاشتۇردى چاپلىن،-نان سېغىنىپ كېتىۋاتسام كۆڭلۈمدىكنى تاپىدىغان ئاغىينەم ،مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى خوك ئۇچراپ قالدى،ئۆيگە باشلىدى، ئاغىنەم خوكنىڭ ئايالى تومۇچۇق ئالدىمغا داستىخان سېلىپ ئاق نان ئۈستىگە زاغرا تىزىپ قويدى،زاغرىنىڭ قاتتىقلىقىدىن تىتىپ –تىتىپ گېلىمغا ئۇرۇپ،گېلىمغا تۈرۈپ قالسا قوشۇق بىلەن ئىتتىرىپ كانىيىمدىن ئۆتكۈزىۋەتتىم،ئون  زاغرىنىڭ تۈگىشى،قورسۇقۇمنىڭ تويىشى بىلەن تەڭ كەلدى، مەن دۇئا قىلىپ ،خوكنىڭ قىزى marhabaغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ ،مەشرەپكە كېچىكىپ قالماي دەپ،قوتۇر ئېشىكمگە تەتۈر  مىنىپ،پىيادە يۈگۈرۈپ ،ھاسىراپ –ھۆمۈدەپ دېگۈدەك مەشرەپكە كېلىشىم ،خالايىق، بۇ سۆزۈمنىڭ ھەممىسى راستتۇر، راستلىقىغا ھېچكىم گۇۋاھ ئەمەستۇر.....، -دەپ لاپلىرىنى تۈگەتتى چاپلىن.مەشرەپ ئەھلى  ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتى.

-نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا  شائىر ئەپەندى ،ئەزىزان،،ھېجران،بەھرام،پەرۋىن،  ،تومۇچۇق ،مەلىكە ....قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلىشىدا ئېتوت‹‹تالاش –تارتىشىشلار مۇنبەرنىڭ جېنى››،دىققىتىڭلار بۇ ئېتوتىمىزدا بولسۇن....،-كەپسىز قىزنىڭ ئېلانى تۈگىمەيلا چاك...چاك.چاك.... چاۋاك ئاۋازى بىر ئالدى مەشرەپ سورۇنىنى......

- ھەي مۇنبەر.....ھەي مۇنبەر......


كىرمەي دېسەم تېخى كىرگۈم كېلىدۇ.

كىرىپ قالسام تېمىلارنى  كۆرگۈم كېلىدۇ.

تېمىلارغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلارغا ،

ھەي نېمە دەي،ئىچىم بەكمۇ  سېرىلىدۇ........


-ھەي مۇنبەر ....،- ھېجران ئۆز –ئۆزىگە سۆزلىگەن ھالدا سەھنىگە چىقتى.

- ھەي ئاداش،نېمە ‹‹مۇنبەر..مۇنبەر....››دەپ ئۆزەڭلار بىلەن ئۆزەڭلار سۆزلىشپ كەتتىڭلار،كېچىدىن قارا بېسىپ قالمىغاندۇ سىلىنى....،- ئارقىسىدىن كەلگەن ئەزىزان سورىدى،

- ھەي ،نېمىسىنى ئېيتاي، مۇشۇ مۇنبەرنىڭ مېھرىنىڭ ئىسسىقىلىقىنى ئېيتايمۇ ياكى مۇنبەردىكى ئورۇنسىز تالاش –تارتىشىشلار بىلەن باشلانغان،جىدەلگە، كۆڭۈل ئاغرىقىغا سەۋەب بولغان ئىنكاسلارنى ئېيتايمۇ....؟!- دېدى ھېجران.

- تېخى مۇنبەردە ئۇرۇش –جىدەللەرمۇ بارمۇ...؟-سورىدى ئەزىزان.

- ۋاي بولمامدىغان، بار،تازا بار.....،-ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن  سەھنىدە پەيدا بولدى مەلىكە ...... مانا شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ‹‹تالاش –تارتىشىشلار مۇنبەرنىڭ جېنىمۇ – ئەمەسمۇ؟››دېگەن مەزمۇننى چۆرىدىگەن بىر پەدە تالاش –تارتىشلار بىلەن تولغان ۋە ئاخىرى چۈشىنىش ھاسىل قىلىنىپ، بىر –بىرىدىن ئەپۇ سورالغان ئېتوتىمۇ ئاخىرلاشتى.ئۇلار سەھنىدە تالاش –تارتىش قىلىۋاتقاندا مەشرەپ ئەھلى ئارىسىدىن يەنە بىر قىسىم ئەزالار مۇنازىرە دېگەننى باشلاپ ،تاس قالدى جىدەل چىققىلى،ئاخىرى بولماي كۆك بۆرە،مىراس،كۆكيال،دەقىيانۇس....قاتارلىقلار جىدەلخور قاتارلىق تەرتىپ ساقلىغۇچىلارغا ياردەملىشىپ يۈرۈپ ئاران بېسىقتى بۇ جىدەل......

مەشرەپ سورۇنى ئەسلىگە كەلدى.

-        ئەمدى كىمدە –كىم جىدەل چىقىرىدىكەن مەشرەپ سورۇنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش بىلەن قالماي مۇنبەر تۈرمىسىگە قامىلىدۇ....،ئەمدى مەشرىپىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.....- دەپ جاكارلىدى يىگىت بېشى تاڭنۇر گۈرگىرىگەن ئاۋازدا تاڭنۇر.

-        نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا قىزلارنىڭ  ئورۇنلىشىدا كوللىكتىپ ئۇسۇل ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ....، -دەپ ئېلان قىلدى كەپسىز قىز.

بۇ ئۇسۇل ئويناۋاتقان قىزلار گۈلباشىكەر، ئەتىر،دىلناز،alpella ،omak parixta،kar malika، subihinur،wenas،xerin.......قاتارلىق مۇنبىرىمىزنىڭ سەرخىل گۈللىرىدىن بولغان داڭلىق ئۇسۇلچىلىرى...........

ئاپلا ....! ما چاتاقنى .....! ئۇلار ئۇسۇل ئويناۋاتقان ۋاقىتتا پەرىشتە دىلنازنىڭ كۆينىكىگە دەسسىۋېلىپ تاس قالىتى دۈم چۈشكىلى ،ھېلىمۇ ئۇستاتلىق بىلەن بىر پىرقىراپ ئۇسۇل ھەرىكىتى چىقىرىپ ،چېنىۋېلىشتىن ساقلىنىپ قالدى...

شۇنداقتىمۇ چاك.......چاك....چاك...... گۈزەل ئۇسۇلچى قىزىلىرىمىزنىڭ نەپىس ئۇسۇللىرى مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى....

-        نۆۋەتتىكى نومۇرىمىزدا ئۈرۈكجان ساتېرالىرى.......،-ئېلان قىلدى كەپسىز قىز پۇتلۇشۇپ دېگۈدەك سەھنىگە چىقىپ،قارىغاندا رىياسەتچىلىك ئېغىر كەلگىلى تۇرغان ئوخشايدۇ.............

   ئۇچىسىغا كاستيوم –بۇرۇلكا، بېشىغا پىپىي تۇماق،پۇتىغا كۈزلۈك لاتا ئاياق كىيگەن ئۈرۈكجان مەغرۇر ھالدا سەھنىگە چىقىپ كەلدى.

-        - مىسرانىم مەشرەپ كېچىلىكى مۇناسىۋىتى بىلەنمۇن بەردىكى تورداشلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ۋە  ھەرقايسىڭلارغا ئۆزەم كومپيوتۇر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ يازغان ساتېرانى ئوقۇپ بېرىش شەرىپىگە ئېرىشكىنىمدىن بەكمۇ خوشالمەن،  سىلەرگە ئوقۇپ بەرمەكچى بولغان ساتېرا ‹‹بىز مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىمىز››.

             


    ئۈرۈكجان ساتېرالىرى.......

 

بىز مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىمىز،   
تېمىلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز.

يېزىپ قويمايمىز بىرەرمۇ تېما،

يازغانلارنى سۆكۈپ تۇرىمز..

ئاغزىمىزدا ئەمەس ھەسەتخور،
بىر –بىرىمىزنى چوقۇپ تۇرىمىز ،

‹‹بۇ مۇنبەرگە كىرمەيمەن››دەيمىز،

ئوغۇرلۇقچە كىرىپ  تۇرىمىز. 


‹‹ ئەركەك ››دەيمىز مەيدىمىز كېرىپ،

يامانلايمىز مەۋھۇم دۇنيادا،

كۆرمەي تۇرۇپ تىللىشىپ يۈرىيمىز، 


يازمىغانغا جەرىمان باردەك، 

ئارخېلوگدەك  قېزىپ تۇرىمىز.  

<ياخشى> دىسە يۈرەك ئوينىتىپ،   
ئىنكاس بويلاپ مېڭىپ تۇرىمىز. 
  
چۈشۈپ قالسا <ئەمما..بىراق> لار.. 
 
چېكىسىگە تېڭىپ تۇرىمىز.
   
قىسىۋېلىپ يۇمۇلاق تاۋۇز، 
 
كىمنى كۆرسەك تىلىپ تۇرىمىز.
 
يامغۇرغىمۇ قارماقنى سېلىپ،

تاڭلىيىدىن ئىلىپ تۇرىمىز. 

 
قىزىل مۇچتتىن ھالقىسا ھېسيات،

لامپۇچكىدەك يېنىپ تۇرىمىز. 
 
ھەقىقەت !-دەپ شۇئارنى توۋلاپ، 

گەدىنىگە مىنىپ تۇرىمىز.
 
قىتىغىرلىق خۇيىمىز ئايان،

بۇنى ئۇبدان بىلىپ تۇرىمىز.
  
ئېڭەك بويلاپ چىقسىمۇ ساقال، 
  
تەنتەكلىكنى قىلىپ تۇرىمىز. 

 
ئەزۋەيلىسەك چاندۇرماسلىقتا،

ئەجەپ بىرلا چېنىپ تۇرىمىز.



نەق مەيداندا قالساق تۇتۇلۇپ،   
مەن ئەمەس!- دەپ تېنىپ تۇرىمىز.

قېرىنداشلىق تىلىسە زەم-زەم،  
جاجاگەينى ئىمىپ تۇرىمىز. 
  
غەپلەت بېسىپ قالسا ۋىجداننى، 
  
<د، د، ۋ>دەك تىمىپ تۇرىمىز.

  

ئېچىلىپتۇ!- دىگەندە شۇنداق،

بىز مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىمىز. !­   
<تاقىلىپتۇ!> دىگەندە ئەمما ،
 
ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ تۇرىمىز.

  


-ۋاھ.......ۋاھ....ۋاھ......نېمە دېگەن ئېسىل ساتېرا......ياشاپ كەت ئوغابالىدەك گەپ قىپسەن.....زادى مۇشۇ مۇنبەرگە كىرگەن بىر قىسىملارنى.......،- ۋاي –ۋۇي ........ما ساتېرا بەكلا ياقتىمۇ شۇكۇر0996،مىراس،qumqazi،yawaroh،alimjan277 ،ئىمام،كاككۇك.........قاتارلىقلار داپقا سالغان چوكىدەك ئۆرلەپلا كەتتى ھاياجىنىنى  باسالماي..............يەنىلا خوك نوچىكەن...ئۇلارنى ئاران دېگەندە بېسىقتۇردى.....

- ئەمدى دىققىتىڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز توغرۇلنىڭ ئورۇنلىشىدا ناخشا‹‹سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك ››......

چاك....چاك...چاك.......قۇلاقنى پاڭ قىلىپ قويغىلى تاسلا قالدىغۇ چاۋاكلار.......

 

 


بۇگارمون تارتىپ  ناخشا ئېيتىۋاتقان توغرۇل تەڭكەش قىلىۋاتقان ئەلشىر

سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك

 

تەلمۈرۈپ يۈرگەنلەر كۆپ بولسىمۇ،            
تىكسىمۇ گەرچە ئىلتىجالىق كۆز.
كۆڭلۈمگە سىغدۇرالماي ھېچبىرىنى،
ئوخشىتالماي ساڭا يۈرىمەن يالغۇز.

كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئاقتى،
دەرت - ئەلەمدە پۇچلاندى يۈرەك.
ئورناپ كەتكەچ يۈرەككە چوڭقۇر،
سىغمىدى كۆڭۈلگە سېنىڭدىن بۆلەك.

بىر ساڭا كۆنگەن  ئىكەن  بۇ  كۆڭۈل ،
سەنسىز ھەر بىر كۈنۈم بولدىغۇ ماتەم،
چۈشەنسەڭ  ئەگەر مېنىڭ كۆڭلۈمنى ،
سەن ماڭمىغان يولدا يوق مېنىڭ سايەم.

سۆيەي دەپ باقتىم ئۆزەمنى  زورلاپ،
سۆيۈشكە  مېنى سۆيىمەن دېگەننى.
لېكىن سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك،
مەجبۇرلاپ بولماسكەن كۆڭۈل دېگەننى.

 

ئۇھ....ئۇھ.....ناخشىنىڭ مۇڭىدىن ئېرىپ ئەس –ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا ئۇنتۇلغان ئەسلىمىلەر قوينىغا چۆمگەن ساپ تىلەك، nazuk0990  ،يالغۇز كېچە،كەترەن،رومان،asanmu......قاتارلىق قىزلار بۇرنىنى تارتىپ،مىشىلدىشىپ بىر –بىرسىنىڭ يېشىنى ئېيتىشقىلى قول ياغلىق ئىزدەشكە باشلىدى........
   -        نۆۋەتتىكى  نومۇرىمىزدا  چارتېكىن بىلەن كۆڭۈل قىزنىڭ  ئورۇنلىشىدا لەپەر ‹‹توي ئوينايلى مەشرەپتە››......،- چاۋاك................... 

توي ئوينايلى مەشرەپتە

 

چارتېكىن:جانۇ –تېنىم يايرايدۇ،

جانانىم سېنى كۆرگەندە.

كۆڭۈل قىز:ئاشىقىم بىر سەن ئۆزۈڭ،

شۇنچە يىگىت ئىچىدە.

چارتېكىن:گۈلۈم يۈرىكىمنىڭ قېتىدىن ،

چىن ئەقىدەم بار ساڭا.

كۆڭۈل قىز:ئىشەن سۆيگەن جانانىم،

مەنمۇ ئاڭا يار ساڭا.

 

چارتېكىن:ئەي دىلبىرىم گۈل بەدەن.

تىلىكىم ۋەسلىڭگە  يەتمەك.

كۆڭۈل قىز:مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم شۇدۇر،

سېنىڭ قېشىڭغا كەتمەك.

 

چارتېكىن،كۆڭۈل قىز بىرلىكتە:

بەرگەن ۋەدە –ئەھدىمىز،

تېزراق ئاشسۇن ئەمەلگە.

ۋىسال پەيزىنى سۈرۈپ،

توي ئوينايلى مەشرەپتە.

 


چاك....چاك...چاك.......گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى بىلەن بىللە ۋىسال پەيتىنى ئويلاپ شېرىن دەملەرگە چۆمگەن رومان، قامچا،مۇڭسىراش،ahgul،يۈكسەل،توزان......قاتارلىق ئاشىق –مەشۇقلارنىڭ ھاياجانلىق كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.......

-        نۆۋەتتە مەشرەپ قائىدىسى بويىچە پوتا تاشلاش ئويۇنى ئوينىلىدۇ ،قېنى مەشرەپ ئەھلى مەرھەمەت...،- دەپ ئېلان قىلدى يىگىت بېشى تاڭنۇر.

 سەھنىگە gherip بىلەن لولاغا پوتا سالدى،لولا خىجىل بولۇپ ئورنىدىن تۇرمىدى.


Gherip:ئۆيگە كىردىم ئوتقا،

تالاغا چىقتىم چوغقا.

پوتا سالسام تۇرمايلا،

ئەتىلا بارىمىز سوتقا.

لولا:ئادەم بەكمۇ كۆپ بولغاچ،

خىجىل بولدۇم كۆرمەملا.

ئورنۇمدىن تۇرمىغىنىمغا،

سوتقا بېرىپ يۈرەملا.

..........................

  Oztekinشاتئايغا پوتا سالدى.

Oztekin:ئۇ ئېتىزدىمۇ پاختا بار،

بۇ ئېتىزدىمۇ پاختا بار.

كەلسىلە پوتا ئوينايلى،

ئىككىمىزنىڭ بەختى بار.

شاتئاي:چىقتىم تېرەككە،

يىقىلدىم ئورەككە.

سىلە بىلەن پوتا ئوينىسام،

ئوت كېتىدۇ يۈرەككە.

..........................

Janpolat:ئىشىك ئالدى باراڭلىق،

نوگوي چۈشتى چىرايلىق.

ھەممە قىزلار ئارىسىدا،

مۇشۇ خېنىم چىرايلىق

Kar malika:بازاردىن قوناق ئالسام ،

چېچىلىپ كەتتى.

سىلىنى مەشرەپتە كۆرۈپ،

كۆڭلۈم بەكمۇ ئېچىلىپ كەتتى.

......................................

پوتا سېلىش ئويۇنى مۇشۇنداق داۋاملىشىپ ئاياقلاشتى........

-ئەمدى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز ئوپچە خور‹‹ مىسرانىم  ھەمدەم سەن بىلەن››..........،- دەپ ئېلان قىلدى كەپسىز قىز........

كۆكنۇرنىڭ دىرىژورلىقىدا ھەيۋەتلىك خور باشلاندى.خورنىڭ مۇقەددىمىسىنى مىسران ئۆزى باشلىدى.

dilbar،قوماندان،سەرۋىن،سابا،دىلنازۇك،تارېخ،فاتىمە،قەھۋە، گۈل چۈشى،رومانتىكا،ئىزبارىس، دوئىل، ئىنتىل ،رىشتام، نۇرلان0018،ئاشكار،قارلۇق،گۈزەل يۇرتۇم، ئەل قىزى،سەھرا ئوغلى،      yalpuz0997  ،مېھرىزات،مۇڭسىراش،توغراق............ئاقسۇ سىرى،يانماس.......قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئېگىز –پەس ئاۋازدا ئېيتىلغان  ھەيۋەتلىك خور مەشرەپ سورۇنىنى زىل –زىلىگە سالدى.....پۈتۈن دىيارىمىزغا تونۇلدى بۇ ئوپچە خور ئارقىلىق مىسرانىم.......

مىسرانىم  ھەمدەم سەن بىلەن

 

مىسرانىم بىز ھەمدەم سەن بىلەن،
سەن گۈل بولساڭ بىز گويا شەبنەم.
سەن ئۈچۈن بۇ جانلار تەسەددۇق ئاڭا،
دادىل ئالغا باس، بولغىن خاتىرجەم.

ئىللىق ئائىلە بولغاچ سەن ئۆزۈڭ،
بىزلەر بەختلىك،ئىناقمىز ھامان.
بېشىڭغا ئەگەر تىكلەنسە قېلىچ،
توسىمىز چوقۇم بولۇپ بىز قالقان.

ھايات بەيگىسىدە سەن گويا دۇلدۇل،
ئالغا چاپ، كەينىڭگە يانمىغىن زىنھار،
بەيگىلەردە
  
سەن قازانساڭ ئۇتۇق،
خوشاللىقىمىزنى قىلىمىز ئىزھار.

مىسرانىم بىز ھەمدەم سەن بىلەن،
سەن ئۆزۈڭ بولدۇڭ بىزگە باش پاناھ.
ئانىغا ئوخشاش باش پاناھىمىزغا،
ئەرزىيدۇ قانچىلىك
  
قىلساق جان پىدا.

توختىماي چاپقىن، ئالغا باس مىسران،
ھايات بەيگىسىدە ئۈزۈپ چىق دۇلدۇل،
خوشاللىقىڭغا جۆر بولۇپ شۇندا،
كۈيلەيمىز بولۇپ بىز تۈمەنمىڭ بۇلبۇل.




مەنبە :  ئۆزۈمنىڭ بىلدىغانلىرى، كۆرگەنلىرىم ۋە ئاڭلىغانلىرىم......






  -مەشرىپىمىز ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن  ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇنبەر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ئالتۇندىن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ  مىسرانىمنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹مىسرانىم  مەشرىپى››گە قاتنىشىپ بەرگەنلىكىگە ئابابەكرى مۇختەر( مىسرانىم) ۋە بىزگە مۇشۇنداق ئېسىل كۆڭۈل ئېچىش ،تونۇشۇش، سىردىشىش،پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولغان بۇ ئۇنتۇلغۇسىز  مەشرەپنى  ئويۇشتۇرغۇچى مۇسىلىنە  خانىم نامىدىن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ھەم شۇنداقلا مۇسىلىنە خانىمغىمۇ پۈتۈن مەشرەپ ئەھلىگە ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن.......كۆپچىلىككە رەھمەت........،- سەھنىدە يىگىت بېشى،مىرشاپ تاڭنۇرنىڭ خىرقىراق ئاۋازى ياڭرىدى.

چاك....چاك...چاك..... چاۋاكلار ئايىماي چېلىندى....

‹‹تەليلىك قاپاق››مەيدانغا ئېلىپ كىرىلسۇن ....،- جاكارلىدى تاڭنۇر.

ئەمچى ‹‹ تەلەيلىك قاپاق››نى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. پۈتۈن مەشرەپ ئەھلىنىڭ دىققىتى ‹‹ تەلەيلىك قاپاق›› ئىچىدىن كىمنىڭ ئىسمى چىقىدىقغانلىقى،كېيىنكى قېتىملىق‹‹ مىسرانىم مەشرىپى››نى كىمنىڭ ئۆتكۈزىۋالىدىغانلىقىدا بولدى.....

 - كېيىنكى قېتىملىق ‹‹ مىسرانىم مەشرەپ گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزىدىغان تەلەيلىك كىشى مىسرانىم مۇنبىرىنى ئەزاسى tanha204بولىدۇ........ئەمدى بۇ قېتىمقى مەشرىپىمىزنى ئۆتكۈزگەن مۇسىلىنە خانىمنى‹‹مەشرەپ گۈل چېيى››نى كېلەر قېتىملىق مەشرەپ سورۇنى ئۇيۇشتۇرغۇچى  tanha204 گە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى،قېنى tanha204‹‹مەشرەپ گۈل چېيى››نى قوبۇل قىلىڭ........

داغدۇغۇلۇق كەيپىيات ئىچىدە ‹‹ مەشرەپ گۈل چېيى››tanha204 كە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى......چاك....چاك...چاك.......چاۋاكلار ئايىماي چېلىندى......

-ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەشرەپ ئەھلىنى ئوپچە بىر مەيدان ساماغا چۈشىشكە تەكلىپ قىلىمەن،قېنى مەشرەپ ئەھلى سورۇنغا مەرھەمەت.........،- رىياسەتچى كەپسىز قىزنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئاخىرقى بىر مەيدان ساما ئۇسۇلى ئوينالدى..........

  سۇلتان، تەكلىماكان، دەقەيانوس،تولۇنئاي، بارچۇق قىزى،كاررۋان،داخان،ئايپاتەم،مەلىكە،كامران، سۇبھانە،kalkvin117117..........قاتارلىق مەشرەپ ئەھلى سەھنىدىكى  كېلەر قېتىملىق مەشرەپنى ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچى    tanha 204باشچىلىقىدىكى ئۇسۇلچىلار بىلەن قوشۇلۇپ  بىرلىكتە كوللىكتىپ ساماغا چۈشتى..........

 ئاخىرىدا ئىپتارلىق زىياپەت بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن مەشرەپ ئەھلىنىڭ يەنە ئولتۇرغۇسى بولسىمۇ ئامالسىزلىقتىن ئاستا تارقىلىشقا باشلىدى....

- خەيرى –خوش،مەشرەپ ئەھلى، ئەمسە كېلەركى قېتىملىق مەشرەپتە كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭلار.........

‹‹مىسرانىم مەشرىپى››  ئاخىرلاشتى........

 


 ئوپچە خور ياڭراۋاتقان ۋاقىتتا مەشرەپ ئەھلىگە تەييارلىنىۋاتقان مول نازۇ –نېمەتلەرنىڭ مېزىلىك  پۇرىقى مەشرەپ سورۇنىنى بىر  ئېلىپ ئىپتارلىققا ئىشتىھا ساقلاۋاتقانلارنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرگەن ئىدى.....

  زىياپەت سورۇنىغا تەييارلانغان  نازۇ -نېمەتلەرنى تەييارلاشقا  مەسئۇل بولغانلار كارۋان،ئاشىق بالا، تاتىلقىم.....قاتارلىقلار.....





ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
گۈل-چۈشى + 200 tatlik hadamga ilhamlar nadin kalgandu!
سەھرا ئوغلى + 200 ئىسىل قىززىقارلىق ،مىنى سۇرۇنغا قاتمىغان
suzuk-ay + 50
kuknur + 200 بەك ياخشى يىزىپىسز ماۋۇ پۇل بىلەن كەتكەن
تاڭنۇر + 100 بەك يامان ئىكەنسىز ،جاپا چەكتىڭىز
mugsirdax + 50 بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز   ئەجىرى
ئەلشىر + 100 ياخشى يېزىپسىز.....يارايسىز......بىزمۇ ب

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 900   باھا خاتىرىسى

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئـاق ئـاتـلـىـق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 993
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14413
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:18:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەشرەپنىڭ مەزمۇنىىنى ئوقۇشقىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كىتىدىكەن، يوللىغۇچى قانچىلىك ۋاقىتتا يوللاپ بولغاندۇ؟ قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يازغاندۇ؟؟؟؟  مەن ئاۋۋال تەپسىلىي بىر ئوقۇپ ئاندىن باشقا بىر ئىنكاس يازاي ھە....

ئـادەم خـوشـال بـولىۋەرمەس كـۈلسىلا، خـوشـاللىققـا بـەلـگـە ئەمەس كۈلكىلا. ئـويـلىمىغىن غەملا كۆرسەڭ قايغۇ دەپ، ياشاش دىگەن ئاسان ئەمەس ئۇنـچىلا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېمىنى ئوقۇمايلا قىزىل خەتلىك ئىسىملارغا قارىغان ئىدىم، ئەپسۇس ، مەشرەپنىڭ تاماق تۇشىغۇچىسى ياكى چىنە قاچا يۇيغۇچى ياكى مۇلازىم بولسىمۇ چىقماپتىمەن ئەمەسمۇ، ئىسىت . بۇ مەشرەپتە ھاجەتخانا تۈۋىدە تۇرىدىغان قاراۋۇل بولغان بولسام . مىنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلىپتۇ دەپ بىلەتتىم ئەمەسمۇ ،ئىسىت. شۇڭا بۇ ماقالىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يىزىۋەتتىم.  [s:88]  [s:65]  [s:109]  [s:119]  [s:91]  [s:89]  [s:95]  [s:57]  [s:76]  [s:89]  [s:89]  [s:89]  [s:

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

پۇلغا نامرات غور

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10907
تۆھپە نۇمۇرى: 407
توردا: 689 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:19:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشرىپىڭلار قاتتىق قىزىپتۇ جۇمۇ ~~~ بۇ مەشرەپ چېيىنى مەنمۇ ئىلتىماس قىلىپ خوتەن دىيارىدا ئۆتكۇزسەك  بولغۇدەك  مەندەك مۇنبىرىمىز قېرىسىغىمۇ تىگەرمۇ بۇ چاي ~~~~

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18450
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10677 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:20:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشرەپ بەكمۇ ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ  .........................

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

بىزنى ئۆزگە سەجى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 470
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8670
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2011-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:21:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<embed src="http://www.xiami.com/widget/7420_1222771_235_346_FF8719_494949/collectPlayer.swf" type="application/x-shockwave-flash" width="235" height="346"  wmode="opaque"></embed>

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5694
يازما سانى: 882
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11321
تۆھپە نۇمۇرى: 416
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:21:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە چوڭ مەشرەپتە مەن قاپتىمەن دە [s:67]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:27:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستا ،نېمە بولغىنى بۇ...ئا چارتېكىن بىلەن كۆڭۈل قىزنىڭ لەپەر ئوينىغان رەسىمى ئاستىغا چۈشۈپ قاپتا.... تاماق ئېتىىۋاتقانلارنىڭ ئىسمىمۇ پەسكە چۈشۈپ كېتىپتۇ ....باشقۇرغۇچىلار ئوڭشاپ قويساڭلار بوپتىكەن خاپ بولماي.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئاللاھ ھەممىمىز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:30:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي-ۋۇي مۇسلىنە ھەدە، مەشرەپنى قىزىتىۋتىپسىزغۇ! بەك يامان ئىكەنسىز جۇمۇ قول قويدۇم......

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

مەن يەنىلا مەن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7005
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8252
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:33:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزەلدىن قىزىغان يەردىن قالمايتىم  بۇگۇن ھەجەپ.......... [s:96]

بىر كىملەرگە ئوخشاتما مىنى ئوخشىماقنى قىلمايمەن ھەۋەس. باشقىلارنىڭ  بولماي سايىسى، مەن ئۇزۇمگە ئوخشىسام شۇ بەس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش