تۈن سىزمىسى
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
تولۇن ئايمۇ ناز بىلەن ئەسنەر،
بۇلۇتلارنىڭ باغرىغا كىرىپ.
كۈندۈزدىكى شاۋقۇن-سۆرەنلەر،
قالغان ئىدى بىردىنلا جىمىپ.
كېچە بولماس ئاۋات شەھەرلەر،
تۈن قوينىغا كەتمەكتە سىڭىپ.
ئۇيقۇسىزلار يالغۇز مەن ئەمەس،
تالاي مەندەك ئۇيقۇدىن بىدار.
بىرسى يارنى ساقلاپ روھى پەس،
قاياقلاردا يۈرگەندۇر نىگار؟
بەلكىم ئۇنى ئۆتكۈنچى ھەۋەس،
خىلۋەتلەرگە قىلدى ئىنتىزار.
كەيىپ بولۇپ بىرى كىملەرنى،
غايىۋانە يۈرىدۇ تىللاپ.
بىرى ئىزچىل ئىستىقامەتتە،
تەقدىرىنى ئاللاھقا باغلاپ.
يورۇپ كېتەر مىسكىن كۆڭۈلمۇ،
ئۆز رەببىنى تۇرغاچقا يادلاپ.
بىرسى تۇرار كونا جايىدا،
ۋەدىلەشكەن يارىنى ساقلاپ.
تۈن دىمەستىن خىزمەتتە بىرى،
مەسئۇلىيەت-ئەھدىنى ئاقلاپ.
بىرى ئۇيقۇ كۆزلىرى بىلەن،
كەچمىشىنى چىقار ۋاراقلاپ.
مەن ئۇيقىدىن بىدار شۇ مەھەل،
شېئىر بىلەن ئۈنسىز سىردىشىپ.
قەلبىمدىكى ئەستىلىكلەرنى،
ئاچچىق-تاتلىق مىسراغا تىزىپ.
ئۇنتۇپ كەتتىم ئاخىرقى قېتىم،
ئۇخلىغاننى قايسى چاغ قېنىپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-11 06:36 PM