|
|
|
|
مەرىپەتپەرۋەر، ئەل سۆيگەن -ئالتۇن ھاجى خوجا نىياز(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ،دوتسېنتت) ئالتۇن ھاجى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇچتۇپاندا ياشاپ ئۆتكەن، ئەل ئىچىدە ھۆرمەت تاپقان، ئېتىقاتلىق، مىللەتپەرۋەر ،مەرىپەتپەرۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ ئۇچتۇرپان ئاچىتاغ(يانقىر)لىق بۇلۇپ، ئۇنىڭ ، نۇرغۇن ئىشلەمچىلىرى ، ئات-ئۇلاق، مال چارۋىلىرى ، 500 مودىن كۆپ يېرى بولغان، بولغان. ئۇنىڭ يۇغان ،چىرايلىق بىر ئاق ئېتى بۇلۇپ، مەھەللە ئارىلاپ ،كىشىلەر بىلەن ھال مۇڭ بۇلۇپ ،يۇرت ئىشلىرىنى مەسلىھەت قىلىشىدىكەن. بۇ ئاتنىڭ داڭقى نەلەرگىدۇ تارقىلىپ ئاخىرىدا، ئۇچتۇرپان ھۆكۈمرانى مادوتەي (ماشاۋۋۇ)نىڭ قۇلىقىغا ئاڭلانغان، مادوتەي ئەلچى ماڭغۇزۇپ بۇ ئاق ئېتىنى ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان . ئالتۇن ھاجى بۇ گەپنى ئاڭلاپ،ماتىتەي يۇرتتا بارلىق ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ،قانماي ئەمدى ئەخمەق قىلمىغان مەن ئالتۇن ھاجى قاپتىمەندە، ئات دېگەن نۇرغۇن تۇرسا ،مېنىڭ بۇ ئاق تۇلپارىمنى تالاشقىچە باشقا جايلاردىن ئات ئېلىۋالسا بولمامدۇ ،مىنىڭ بۇ ئاق تۇلپارىمنىڭ قەيىرىگە كۆزى چۈشتىكىنە ،مادوتەي دېگەن بۇ ئەبلەق مىنىڭ بۇ ئاق تۇلپارىمنى ئاپىرىپ تەتىيىگە قۇيامدىكىنا دەپ كايىغان، ئەلچى بۇ گەپنى مادارىنغا يەتكۈزگەن،مادارىن ھە،نىمە ، بۇ ئۇچتۇرپان دىيارىنى مەن سوراۋاتسام ،ئالتۇن ھاجى بۇ يۇرت مېنىڭ دەمدىكىنا دەپ ،نۇرغۇن ئەسكەرنى يانقىر يېزىسىغا ماڭدۇرغان،ئالتۇن ھاجىمۇ بوش كەلمەي،ئادەملىرىنى تەييارلاپ 400 ئاتلىق ئەسكىرىنى تىزىپ، خاداتاياق ئۇچىغا ئورغاق باغلىتىپ سەپ تىزىپ جەڭڭە تەييار تۇرغان، ئەتراپ مەھەللىدىكىلەرمۇ، ھە ،ھۇ دەپ چوقان سېلىشىپ تۇرغان،مادارىن ئۇرۇشۇپ غەلبە قىلىشقا كۆزى يەتمەي،چوڭ مەسىلە چىقىشتىن ئەنسىرەپ،قايتىپ كېتىپ ئەلچى ماڭغۇزۇپ ،ئالتۇن ھاجىدىن ئەپۇ سورىغان. ئەمما ئەل يۇرت ئىچىدە بۇ ئىش كەڭ تارقىلىپ، ئالتۇن ھاجىنىڭ ئابرۇيى يەنە يۇقۇرى كۆتۈرلگەن.بۇ ئىشتىن ماشاۋۋۇ قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ،قورسىغى كۆپۈپ،ھىلە بىلەن ئۇ كىشىنى يۇقۇتۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدىگەن،1919-يىلى بىر كۈنى مادارىن ،ئالتۇن ھاجىنى يۇرت ئىشلىرىنى مەسلىھەت قىلىدىغان ئىش بار، دەرھال كەلسىلە دەپ ئوردىسىغا چاقىرتىپ،ئالتۇن ھاجى كەلگەندە ئالدىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق قىلىپ ،ئالتۇن ھاجىنى تۇتۇپ ،كۈپتىكى سۇغا چىلاپ، چۆمدۈرۈپ قىيناپ ئۆلتۈرۋەتكەن. ئۇ ھىلىگەر تۈلكە سىيىت نوچى قاتارلىق تۈركۈملىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشىنى يىگەن ساقتىپەز جاللات ئىدى. ئۇچتۇرپان خەلقى،ھازىرغىچە بۇ ئەل سۆيگەن،ئادالەت ياقلىغۇچى -ئالتۇن ھاجىنى ئەسلىشىپ كەلمەكتە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-11 05:38 PM
|
|
|
|
|
|