مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1508|ئىنكاس: 8

خوجا نىياز : ئەھەت داموللا ھاجى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 05:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئەھەت داموللا ھاجى


  خوجا نىياز(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن)


ئەھەت داموللاھاجى 20-ئەسىردە ئۇچتۇرپاندا ياشىغان ، ئۆزىنىڭ يۇقۇرى ئىسلام دىنى بىلىمى،كۆپخىل تىل بىلىش ئىقتىدارى،يۇرت يەر-ناملىرىنى ئېنىقلاش، تارىخلارنى ئېنىقلاش، يېزىش ئىشلىرىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان ئەلنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، تۇنۇلغان جامائەت ئەربابىدۇر.

ئەھەت داموللاھاجى 1925-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاچىتاغ يېزىسىدا ياقۇپ     ئائىلىسىدە تۇغۇللغان. 1932-يىلغىچە ئائىلە تەربىيەسىدە بولغان. 1932-يىلدىن باشلاپ  1952 -يىلغىچە ئۇچتۇرپان، ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسى، مارالۋېشى ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا شەخسىيلەر ئاچقان  ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىدە تەربىيە  ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1938-يىلدىن 1941-يىلغىچە ئۇچتۇرپان قولتۇق مەھەللىسى، يېڭى مەھەللىدە ئابدۇللا داموللامدا قاتارلىقلاردا ئۇقۇپ سەيىھۇل بۇخارى(ئىككى دەپتىرى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ، تۈگەتكەن. 1941-يىلدىن 1945- يىلغىچە ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە شۇ دەۋىرنىڭ ئاتاغلىق قازىسى دانىش داموللامدا ئوقۇغان.كېيىن مارالبېشى، كەلپىن قاتارلىق جايلاردىكى مەشھۇر ئۆلىمالاردا بىلىم ئۆگەنگەن.ئۇ ھاياتىنىڭ 20يىلىنى ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈش،ئەرەپچە، پارىسچە ،ئوردۇچە ئۆگۈنۈش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپخىل مۇتەداۋىل كىتاپلارنى ئوقۇش ئۆگۈنۈش ،تەرجىمە قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن.بۇ جەرياندا كۆپلىگەن جاپا، يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى يېڭىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن باش تارتمىغان.يۇرتى ئۇچتۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن باشلاپ ئاچىتاغ(يانقىر)يېزا جايتاغ(جايتاش)كەنتىدە نۇرغۇن شاگىرت- ئىزباسار لارنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرگەن. ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى كىشىلەرگە توغرا چۈشەندۈرۈپ، روھانىيلىق،  خۇراپاتلىق، يارامسىزلىق ، ئەخلاقسىزلىق ، بىلىمسىزلىك - ساۋاتسىزلىق قىلمىشلارغا قارىتا دەل ۋاقتىدا شەرىئەتتىن پاكىت كەلتۈرۈپ كىشىلەرنى قائىل قىلىپ، دۇرۇس ئىش قىلىشقا،بىلىم ئۆگۈنۈشكە ئۈندىگەن. ،ئاتا-ئانا،بالا-چاقا ئوتتۇرسىدىكى، ئەر-خۇتۇن ئوتتۇرسىدىكى ، ئۈتەشكە تىگىشلىك ھۇقۇق، مەجبۇرىيەت،مىھر- مۇھاببەت، قوشنا- قۇلۇم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت-ئېلىم بىرىم ئىشلارنى ھەدىسلەردىن ئاساس كەلتۈرۈپ،قائىل قىلىپ ئەلنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئۇرۇنئالغان. يۇرتتا بىرمەزگىل يامرىغان ھاراقكەشلىك، قىمارۋازلىق قاتارلىق چاكىنا ئىللەتلەرنىڭ ئىنسانلارغا پايدا ئەكەلمەيدىغانلىقىنى خەلققە جاكارلاپ يۇرتنىڭ تىنىچ ،خاتىرجەملىك بۇلىشىغا تۆھپە قوشقان.

   ئەھەت داموللا ھاجىنىڭ داڭقى ئۇچتۇرپان ناھىيە تەۋەسىدىن ھالقىپ قوشنا يۇرت ئاقسۇ،ھەتتا قەشقەرگىمۇ تارقالغان،جامائەت سورۇنلىرىدا ئەدەپ ئەخلاق،ئىسلام ئەقىدىلىرىدىن تەلىم بەرگەن.  داموللامنىڭ ئىسلام دىنى بىلىمى،يۇقۇرى بۇلۇپلا قالماي،يەنە ئەرەپ،پارىس،ئوردۇ تىللىرىنىمۇ پىششىق بىلەتتى،كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يىغىپ ساقلىغان، ئەرەپ،پارىس،ئوردۇ تىللاردا يېزىلغان ھەرقانداق ئەسەرلەرنى بىۋاستە تىنىمەي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيتى.ئۇ كىشى 1979-يىلى ئۆزقۇلىدا يۇشۇرۇپ ساقلاپ كەلگەن بىرقانچە تارىخي ئەسەرلارنى بۇلۇپمۇ «رەۋزەتۇلساپا»قاتارلىق رايۇنىمىزدا كەم تېپىلىدىغان ئەسەرلەرنى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى پەن-تەتقىقات باشقار مىسىدىن كەلگەن تارىخچى ھاجى ياقۇپ،ئىبراھىم مۇتىئى باشچىلىقىدىكى كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ،بۇ ئەسەر ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىن تېپىلغان كىلاسسىك ئەسەرلەر قاتارىدا شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى پەن تەتقىقات باشقارمىسىدا ساقلانماقتا.

ئەھەت داموللا ھاجى يەنە 1980- يىل لاردىن باشلانغان يەرناملىرىنى ئېنىقلاش ،ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىدىمۇ چوڭ رول ئوينىغان. ئۇچتۇرپان ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى مەشھۇرجايلار تەزكىرسى، يەرناملىرىنى ئېنىقلاش، كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋېتلىك جايلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ بېرىش،ئەل-يۇرت تارىخىنى ئېنىقلاش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.

ئۇ كىشىنىڭ كېيىن ئېتىپ بېرىشىچە،  ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسى كېڭەش،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قەدىمقى ئەسەرلەرنى يىغىپ ساقلاش ئىشخانىسىدىكى يولداشلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن «قىسقىچە ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق تەخمىنەن 287بەتلىك قوليازما ئەسەر يېزىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشكە تاپشۇرغان،كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قەدىمقى ئەسەرلەرنى يىغىپ ساقلاش ئىشخانىسىدىكى يولداشلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ ئەسەردە مىلادىدىن بۇرۇنقى ئوغۇزخان دەۋرىدىن باشلاپ چاغاتاي دەۋرىگىچە بولغان ۋەقەلەر،يەكەن خانلىقى، خوجالار دەۋرىدىكى ئاقسۇ،ئۇچتۇرپاندا بولغان ۋەقەلەر قىسقىچە  يېزىلغان.

1988-يىلى 6-ئايدا سەھۇدى ئەرەبىستانىغا ھەج قىلغىلى بارغان، بۇ جەرياندا جۇڭگۇ ھەج ئۆمىكى بىلەن سەھۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە تەرجىمان ،ئالاقىچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەج سەپىرىدىكى كۈرۈلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ بىلىمى، تالانتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ، ئەل- جامائەتنىڭ،مۇناسىۋېتلىك ئورۇنلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ئۇنىڭ نامى شۇ چاغدىلا ئېلىمىز ۋە سەھۇدى گېزىت-ژورنال، رادىئولىرىدا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنغان.بۇنىڭ بىلەن سەھۇدى ۋە پاكىستاندىكى ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىپ ( ئائىلە-بالاجاقىلىرىنى بىرگە ئېلىپ كىلپ ئولتۇراقلىشىش) قەغىزى بېرىلگەن.ئەمما ئۆز يۇرتى ،ۋەتىنىنى ئەلا بىلگەن ئەھەت داموللا ھاجى ئۇلارغا رەھمىتىنى بۈلدۈرۈپ،ئۇجايغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى رەت قىلغان.

1996-يىلى7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەھەت داموللا ھاجى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان،ئەل يۇرت خەلقى بۇ ئالىم سۈپەت كىشىگە بولغان ھۆرمىتىنى بۈلدۈرۈپ،جايتاغ مەسچىتى يېنىغا دەپنە قىلغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-11 06:27 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31290
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4223 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 07:06:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر دىنىي ئالىمىمىزنىڭ شەرەپلىك ئۆمۈر تارىخىدىن قىممەتلىك ئۇچۇر بەرگنىڭىزگە رەھمەت، غۇجى نىياز مۇئەللىم!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26361
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 07:09:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز، ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت، سۈرىتى بارمىدۇ بۇ زاتنىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 12:44:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاڭلاپ باقمىغان كىشىكەن  بۇ   كىم بولغىيتى ،  ئۇچتۇرپان ناھىيسىدە  ئابدۇرىھىم قۇزات ھاجىم دىگەن كىشنى بىلىمەن ، ئۇ كىشنىڭ  ئۇچتۇرپان خەلقىگە قىلغان تۈھپىسى بەك چوڭ ، ئۇ كىشى يىتىشتۈرگەن ئۇقۇغىچىلىرمۇ بەك كۈپ ، ئۇ كىشنىڭ  2 ئوغۇل پەرزەنتى نۈرمۇھەممەت مەخسۇم بىلەن ئۈمەرجان مەخسۇمھاجىم رەستە مەسجىددە باش خاتىپ ، نۈرمۇھەممەت مەخسۇم يەنە بىرمەسجىدكە باش ئىمام ، ئۇ 2 مەسجىدكە ھەرقايسى يىزىلاردىن ئاتايىن جۈمە ئۇقۇغىلى كىرىدۇ ، مەسجىدنى ‹ قوغدىغۇچىلار › ناماز خانلانىڭ  ئالدىنى تۇسۇۋالسىمۇ پەرۋا قىلماستىن يەنىلا كۈپ كىلىدۇ ،  
ئەگەر تەرجىمالىنى يىزىش كەلسە ئۇلارنىڭ تەرجىمالىنىمۇ  قۇشۇپ يىزىڭ ، تورداشلار ۋاقىپلانسۇن ،
ئاخىردا  سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 07:00:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەھەت داموللا ھاجىمدەك دىنىي ئالىمىمىزنىڭ شەرەپلىك ئۆمۈر تارىخىدىن قىممەتلىك ئۇچۇر بەرگنىڭىزگە رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 07:01:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھەت داموللا ھاجىمدەك دىنىي ئالىمىمىزنىڭ شەرەپلىك ئۆمۈر تارىخىدىن قىممەتلىك ئۇچۇر بەرگنىڭىزگە رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 11:01:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچتۇرپان ناھىيسىدە  ئابدۇرىھىم قۇزات ھاجىم دىگەن كىشىنىڭ  نامى ئۇلۇغ ،بىلىدىغان دوسلۇرىمىز ھايات پائالىيىتىنى رەسىملىرىنى ئېلان قىلساڭلار ياكى hujaniyaz@163.com
غا يوللاپ قويساڭلار بۇلاتتى،كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 05:55:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى تەييارلاپسىز قېرىدىشىم ناخشا ئۇسسۇل سەھنىلىرىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن ھېلىمۇ نۇرغۇن ئالىملىرىمىزنى تونۇشتىن تۈگۈل ھەتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەي كېتىپ بارىمىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 07:46:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر دىنىي ئالىمىمىزنىڭ شەرەپلىك ئۆمۈر تارىخىدىن قىممەتلىك ئۇچۇر بەرگنىڭىزگە رەھمەت، غۇجى نىياز مۇئەللىم!
                             -ئوخشاش قاراشتا

ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش