مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1235|ئىنكاس: 9

خوجا نىياز: يىپەك يولدىكى مەشھۇر ئۆتكەل- بەدەلئارت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 04:04:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىپەك يولدىكى مەشھۇر ئۆتكەل- بەدەلئارت

خوجا نىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتتى)


   بەدەلئارت-ئۇچتۇرپان ناھيسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى تەڭرى تاغ تىزمىلىرىنڭ دېڭىز يۇزىدىن 4264 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بەدەل تاغ تىزمىلىرىغا جايلاشقان. ئۇ ئۇچتۇرپاندىن قىرغىزئىستانغا ئۆتۈشتىكى مۇھىم قاتناش ئۆتكىلى، ئۇنى ئەتراپدىكى 5-4 مىڭ مېىتر ئىگىزلىكتىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ چۇقىسى-خانتەڭرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەتتىكى تاغ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. بەدەلتاغ ئېغىزىنىڭ ئەتراپى پۇتۇنلەي يايلاق، يايلاقتا قاتمۇ- قات ئىگىز تاغلار، تاغلارنىڭ ئۈستى قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان، تاغ ئەتراپلىرىنىڭ سۈيى، ئوت-چـۆپلىرى مول، تۈرلى-تۈمەنخىل گۇل، ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان، نەچچە ئونمىڭ تۇياق مال-چارۋىلار، ياۋا قۇش، ھايۋاناتلار تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە بىمالال يايلىيالايدىغان گۈزەل، چىمەنتاغ-ئۇچتۇرپاننىڭ شىمالى تاغ يايلىغىدۇر. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دا، «يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرسى» دە ۋە باشقا ئەسەرلەردە بۇ قەدىمكى«يىپەك يۇلى »دىكى مەشھۇر ئۆتكەل- «بەدەلئارت » ھەققىدە توختالغان. بۇ ئادەتتىكى تاغ نېمە ئۇچۇن 2000 - يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قەدىمى كىتاپلاردا كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ قەدىمكى يىپەك يۇلىنىڭ مۇھىم قاتناش تۇگىنى، شەرق غەربتىكى ھەرقايسى ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مۇھىم قاتناش يۇلى، جايلاشقان ئورنىنىڭ ناھايتى ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىملىقىدىن بولغان. ئۇچتۇرپانىڭ شىمالى تەرىپى تەڭرى تاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق قىرغىزىستان جۇمھۇريىتى بىلەن 150كىلومېتىر دائىرىدە چېگىرلىنىدۇ. بۇ ئارلىقتا ئۇچتۇرپاندىن قىرغىزىستانغا ئۆتۈشكە بولىدىغان يەتتە تاغ ئېغىز يولى بار. بىراق بۇ يوللارنى بەدەل تاغ ئېغىزى يولى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ يوللار ئانچە قۇلايلىق ئەمەس، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ مۇرەككەپ. بەدەلئارت يولى بىرقەدەر چوڭ يول بۇلۇپ، ئەتراپىدا سۇ، ئوت-چۆپ مول، قاتناشقا قۇلايلىق. شۇڭىلاشقا، قەدىمدىن بۇيان شىنجاڭ خەلقى(بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭ خەلقى) ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرى بىلەن 1950-يىللارغا قەدەر مۇشۇ بەدەلئارت چىگرا ئېغىزى يۇلى بىلەن تۇرلۇك سودا قاتناش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلرى قىلىپ كەلگەن.
    ئۇچ بالىق(ئۇچتۇرپان) مۇشۇ سودا كارۋانلىرى يولىدا شەرق بىلەن غەرىپنى تۇتاشتۇرۇشتا، تۇرلۇك مەدەنىيەتنىڭ ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇلىشىدا ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشتا مۇھىم كۆۋرۇكلۇك رول ئوينىغان بۇلۇپلا قالماستىن، غايەت زور ئىقتقسادى قىممەت يارتىشتىمۇ موھىم رول ئوينىغان. مەسىلەن، خەن سۇلالىسنىڭ پايتەختى چاڭئەندىن باشلانغان يىپەك يۇلى خېشى كارىدورى، قاشتاش ئۆتكىلى، قۇم-ئاتادىن ئۈتۈپ، ئالدى قۇش خانلىقىنىڭ يارغۇلىدىن كىرورانغا، ئۇ جايدىن قارا شەھەر، چېدىر، كۈسەن، قۇم( ئاقسۇ)، ئۇچ ئارقىلىق بەدەلئارتىن ئۈتۇپ قىزىل قورغانغا، ئسسىق كۆلگە، بالاساغۇن ، تالاس شەھەرلىرىدىن ئۈتۇپ، پەرغانە، كانگيە( ھازىرقى سەمەرقەنت ئەتراپلىرى)، ئارشاك(ئىران)، ئىراق، ئاناتولىيە(ھازىرقى تۇركىيە تەۋەسدە)، ۋىزانتىيە (ئستامبولنى پايتەخىت قىلغان شەرقى رىم ئىمپىريىسى)، قاتارلىق ئەللەرگە باراتتى. بەزىدە يىپەك يۇلى ئۇچتىن كاشغەرگە، ئۇنىڭدىن ئەركەشتام ئارقىلىق پەرغانىگە بېرىپ يۇقارقى يولارغا قۇشۇلاتتى. دىمەك، مۇشۇ يوللار ئارقىلق ئۈزۈلمەي ئۆتكەن سودا كارۋانلىرى جۇڭگو بىلەن غەرىپ ئەلىرى ئوتتۇرسىدىكى سودا-سېتىق ئشلىرىنى ئنتايىن راۋاجلاندۇرغان. بۇ ھەقتە ئەسىرلەر شاھىدى بولغان بەدەلئارتنىڭ قەدىمكى زاماندىكى يازما خاتىرلەردىن يېقىنقى زاماندىكى يازما خاتىرلەرگىچە ھەرخىل تىلدا، تۇرلۇك شەكىلدە، خىلمۇ - خىل تەرىپلىنىپ كېلىشى، يامانسۇ تاغلىردىكى قىيا تاش رەسىملىرى، ھەرخىل شەكىلدىكى بەلگىلەر (يېزىققا ئوخشاش)، بەدەلئارت قەلئەسى ۋە ئۇنىڭدىكى قەدىمكى تام رەسىملەر، يېقىنقى زاماندا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر ( 1956- يىلى يۇسۇپ بەگ مۇخلىس باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىېيى، ئارخىلوگىيە تەكشۇرۇش ئەتىرىتى خادىملىرى، 1984-يىلى 5-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئارخىئولوگىيە تەكشۇرۇش خادىملىرى تەكشۇرگەن)دە قولغا چۇشكەن ماددىي پاكىتلار(ئىران ساسانىلار سۇلالىسى ۋە كۇشان خانلىقىغا ئائىت تەڭگىلەرنىڭ تېپىلىشى)؛ ئۇچ (ئۇچتۇرپان) نىڭ غەربىگە جايلاشقان «ئويتال» دىگەن جايدىكى قەدىمكى زامانغا ئائىت قەبرە، مەشئەل قورغىنى(چوختا-تۇر)، قەدىمكى ئۆتۇڭلەرنىڭ خارابە ئىزلىرى ۋە خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان تۆۋەندىكى تارىخى قوشاق بەدەلئارتنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان چوڭ قاتناش يۇلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مەسلەن :
مېنىڭ ئېتىم موللابارات،
بەدەلئارتىن ئېتىڭنى تارت.
ئات ئاتاڭچە بولسمۇ،
قاق قۇزۇقنى باغلا يات.
   شۇنمۇ ئېيتماي بولمايدىكى، يىپەك يۇلى تۈگىنىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيىتقاندا، بۇنداق سودىىنڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ كۆپ بۇلۇپ،  شەرق بىلەن غەرىپتىن كەلگەن سودىگەرلەر، ھەر بىر ئۆتەڭلەردە باج تۆلەشكە مەجبۇر ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزلىرى بۇ سوددىدىن كۆ پلەپ پايدا ئالاتتى. بۇنداق كۆپ پايدىغا ۋە بۇ زىمىننڭ باياشاتلىقىغا كۆزى قىزارغان خوشنا ئەللەر پۇرسەت تاپسا لەشكەر تارتىپ بۇ زىمىننى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپمۇ كۆرەتتى. «خەننامە. جاڭ چىيەنىنڭ تەرجىمالى » دىن مەلۇم بۇلۇشىچە، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەن  ۋۇدى غەربى يۇرتتىن ئتتپاقچى ئىزدەپ، ھونلارنى ئارىغا ئېلىپ قورشاپ يۇقۇتۇش مەقسىدىگە يىتىش ئۈچۈن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 138 -، 119 - يىللىرى جاڭ چىيەننى غەربى يۇرتتىكى توخرى (ياۋچى) ۋە ئۇيسۇن خانلىقىغا  ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. جاڭ چىيەن ھەمراھلىرى بىلەن بىر نەچچە مىڭ ئات، كالا، قۇيلارنى ھەيدەپ، ئالتۇن-كۇمۇش، سوغا-سالاملارنى ئېلىپ، چاڭەندىن يولغا چىقىپ، ھازىرقى گەنسۇئۆلكىسى ئارقىلىق كۇچا، ئۇچ ، بەدەلتاغ ئېغىزى ( 别达里 跋达岭 ) دىن ئۈتۈپ، ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى قىزىل قورغان (ھازىرقى ئىستاغ) غا بارغان. قىزىل قورغان بەدەل تاغ ئېغىزىدىن 50 چاقىرىم يىراقلىقتا بۇلۇپ، ئۇجايدىن پەرغانىگە ۋە كانگىيەگە بارغىلى بۇلاتتى. جاڭ چىيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قايتاشىدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ياقىسنى بويلاپ كۆكئارىت، كاشغەر، يەكەن، خوتەن، چارقىلىق ئارقىلىق ئۈز ئىلىگە قايتقان. ئۇلار غەربىي يۇرتتىكى 36
دۆلەتنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، تەبئي مۇھىتى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، سىياسى، ئىقتسادىي تۈزۈمى، قاتىناش يوللىرى، ھەربىي مەدەنىيەت ئەھۋالىرى توغرسدا ئۇچۇقلىمىغا ئىگە بولغان. غەربىي خەن ھۇكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا غەربىي رايۇننى ئىگىلىشى ئۇچۇن بىرىنچى قول ماتىرىيال- ئۇچۇقلىما(ئاخپارات )بىلەن تەمىنلىگەن. «تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت » ناملىق 12 توملۇق كىتاپنىڭ يازغۇچىسى، مەشھۇر بۇددا ئالىمي شۇەنزاڭ (602-664) مىلادى 627-يىلى ھىندىستاندىن بۇددا نوملىرنى ئەكىلىش ئۈچۈن چاڭئەندىن غەربكە قاراپ يولغا چىققان. بۇ چاغدا شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا غەربىي تۇرۇك خانلىقىنىڭ ھۆكۇمرانلىقىدا بۇلۇپ، شۇەنزاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قارا قۇچۇ (ئىدىقۇت) ، كىنگىت( قارا شەھەر )، ئاق قۇچۇ( كۇچا )، بالۇكا ( قۇم، يەنى ئاقسۇ) ، ئۇچ قاتارلىق خانلىقلارنىڭ زېمىنىدىن ئۈتۈپ، بەدەل داۋاندىن ئېشىپ ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبىي ساھالىنى بويلاپ مېڭىپ، مىلادىنىڭ 628-يىلى باھار ئايلىردا غەربىي تۇرۇك خانلىقىنىڭ پايتەختى توخماققا يىتىپ بارغان، ھەمدە تۇرپان قوچۇ خانلىقى (مىلادى 460-640) نىڭ ئۇلۇغ خاقانى كۇي ۋىنتاي، (623-640) خانىشى ئاسىنا بىكەنىڭ ئۇلۇغ خاقان - تۈن يابغۇغا تۈرۇك تىلى، تۇرۇك يېزىقى بىلەن يازغان مەكتۇبنى تاپشۇرغان. ئۇ بۇ يەردە غەربىي تۇرۇك خاقانى- تۈن ياپغۇ قاغانىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشغا ئېرىشكەن. تۇن يابغۇ قاغان تاڭ سىڭنى نۇرغۇن سوغا سالام، كىيىم-كېچەك، تەرجىمان قۇشۇپ، بىر تۇرۇك بېگىنىڭ يۇل باشچىلىقىدا يولغا سالغان. ئۇلار يول يۇرۇپ ئافغانستانغا كەلگەندە، تۈن يابغۇ قاغانىڭ چوڭ ئوغلى ئافغانىستان ۋالسى تاردۇشاد بىلەن قەندۇز شەھرىدە كۈرۈشۈپ قىزغىن كۇتىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغان، ئاندىن پاكىستان ئارقىلىق ھىندىستاندىكى بۇددا سەنئەت مەركىزى-ئالاندا ئىبادەتخانىسىغا بارغان. ئۇ ھىندىستاندا 17يىل بۇددىزىم ئىلىمى ئۇگەنگەن. تاڭ سىڭ ھىندىستاندىن قايتاشىدا تاڭ سۇلالىسى شەرىقى تۇرۇك خانلىقىنى  يۇقاتقان (مىلادى 630-يىلى )، ئەمدى غەربىي يۇرتنى ئىگەللەپ تۇرىۋاتقان غەربىي تۇرۇك خانلىقنى قانداق يۇقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى تۈزىۋاتقان، كۈرۈنۈشتە تۈرك خانلىغى بىلەن تىركىشىۋاتقان ھالەتتە تۇرىۋاتقان بولغاچقا، تاڭ شۇەنزاڭ مىلادى 645-يىلى كۆكئارتتىن ئېشىپ كاشغەر،  خوتەن، لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبقي ئارقىلىق چاڭەنگە قايتىپ كەلگەن.
  دىمەك، تاڭ شۇەن زاڭمۇ غەرىپكە سەپىرىدە كۆك تۈرك خانلىغىدىكى مەشھۇر خەلقئارالىق قاتناش يۇلى-بەدەلئارت تاغ ئېغىز يۇلى بىلەن ماڭغان. «يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرسى» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا: «ئەنشى(كۇچا)دىن چىقىپ1000 چاقىرىم يول يۈرسە بەدەلتاغ ئېغىزى(
勃达岭) غا بارغىلى بۇلىدۇ، غەرىپكە 200 چاقىرىم يول يۈرسە كۆك ئارت(پامىر) غا بارغىلى بۇلىدۇ ....بەدەل تاغ ئېغىزىدىن شىمالغا مىڭ چاقىرىم ماڭسا سۈيئاپ شەھرىگە بارغىلى بۇلىدۇ، سۇياپ نىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە ئىسسىق كۆل بار، سۈياپ نىڭ غەربىي تەرىپىدە توقماق شەھرى بار» دىيىلگەن. كۆك تۈرك خانلىغى دەۋرىدە (مىلادى 552- 745 - يىلغىچە) ئۇچ (ئۇچتۇرپان) گۈللەنگەن شەھەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بەدەلئات يۇلى، يىپەك يۇلى ۋە سودا ئالالە ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغان. فىئوداللىق مۇناىسىۋەتلەر تەرەققىي قىلىپ، چوڭ يەر ئىگىلىرى ، چارۋا ئىگىلىرى ، پاختا يىپ باپكارچىلىقى ، تۇقۇلما بۇيۇملار، كىگىز قۇيۇش، كىگىز ھارۋا ياساش، كىگىزدىن ھەرخىل تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياساش، قوي، كالا، ئات قاتارلىق ھەرخىل مال- چارۋا تېرىلىردىن تۇرلۇك كىيىم- كېچەك، ئاياق تەييارلاش بۇلۇپمۇ «كۆمۈر قېزىپ، پولات تاۋلاپ ھەرخىل ئەسۋاپ، ئۇرۇش قورالىرى ياساش بىلەن داڭ چىقارغان تۇرۈكلەر»، غەربىي يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ گۇللىنىشى ۋە سودا-سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شەرق-غەرىپ قاتنىشىنىڭ راۋان بۇلۇشىغا ئاكتىپلىق بىلەن تۆھپە قوشقان. ۋىزانتىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسىدىكى سودىدا كۆپلەپ پايدا ئالغان ۋە يىپەك يۇلى خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرغان.
مىلادى 715- يىلى تۇرۈكلەردىن تۈركەش قەبىلىسىنىڭ چېۋىش ئۇرۇقىغا مەنسۇپ سۇلۇ قاغان تۇركەش قەبىلىرىنى قايتا ئۇيۇشتۇرۇپ 200
مىڭدىن ئارتۇق تۇركىي ئاھالىنى ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىغا توپلىغان. ھەمدە سوياپ شەھىرىدە ئۆزىنى «قاغان» دەپ ئېلان قىلغان، شۇ يىلى لەشكەر تارتىپ تاشبالىق (ئۇچ) ۋە بارخان(ئاقسۇ) قاتارلىق جايلارنى ئۆز قۇل ئاستىغا كىرگۇزىۋالغان. 717-يىلى 7- ئايغا كەلگەندە سۇلۇق قاغان يەنە ئەرەب قۇشۇنلىرى ۋە تىبەت قۇشۇنلىرى بىلەن ئىتتپاق تۇزۇپ، تاڭ سۇلالىسى كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇپ، سۇياپ، كاشغەر،خوتەن، بارخان (ئاقسۇ) ، تاشبالىق (ئۇچ) قاتارلىق شەھەرلەرنى ⑤، 720- يىلى كۇچانى ئۆز تەسىر دائىرسىگە ئېلىۋالغان. شۇ يىلى تاڭ سۇلالىسى ئەنشى قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ جىياخۇي ئەل بولغان بىر قىسىم قارلۇق ۋە تۇرۇك قۇشۇنلىرىنى باشلاپ، كۇچارغا تىگىش قىلىپ سۇلۇ قاغانى چىكىندۇرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا خانىكە جىن خېنى ياتلىق قىلغان⑤. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ تۇركەش سۇلۇ (سۇرۇك ) قاغانىڭ ھەربىي يۇرۇشى ئۇچتىكى بەدەلئارت يۇلى بىلەن بولغان.
   مىلادى 751-يىلى تاڭ خانلىقىدىن دۇخەن دېگەن كىشى ئەنشى قورۇقچى بېگى-گاۋشەنجى باشچىلىقىدىكى تاڭ قۇشۇنلىرىغا ئەگىشىپ، ئەرەب ئىستللاچى قۇشۇنلىرىغا قارشى قىرغىستاندىكى تالاس دەرياسى بۇيىدا بولغان ئۇرۇشتا، گاۋشىيەنچى باشچىلىقىدىكى تاڭ قۇشۇنلىرىنىڭ كۆپچىلىكى يېڭىلىپ، دوخەنمۇ ئەسىرگە چۇشكەن، 762-يىل قۇيۇپ بېرىلگەن. دوخەن دېڭىز ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «سەپەر خاتىرسى»دېگەن كىتاپنى يازغان.  ئۇنىڭدا :«بەدەلتاغ ئېغىزىدىن ئۈتۈپ
1000  چاقىرىم يول يۈرسە، چۇ دەرياسىغا بارىدۇ، دەريانىڭ شەرقىدە ئىسسسق كۆل بار، شىمالىي تەرپىدە سۇياپ، تالاس شەھرى بار» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا گاۋشەنجىنڭ ھەربىي يۇرۇشىمۇ بەدەلئارت داۋانى ئارقىلىق بولغان. تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن جادەن ( مىلادىنىڭ 785- يىلدىن 805- يىلغىچە ساياھەت قىلغان ) نىڭ « ئەتراپتىكى ياتلارنىڭ جۇڭگوغا كىرىش مۇساپىسى» دىگەن خاتىرسىدە يۇل ئارقىلىق مۇنداق خاتىرلەنگەن :«ئەنشى(كۇچا)دىن چىقىپ غەرىپكە ماڭغاندا ئاق ئات دەرياسى ( كۇچادىن 60 چاقىرىم يىراقلىقتا ) دىن ئۆتىمىز ، ئۇندىن غەرىپكە 180چاقىرىم ماڭغاندا جۈپىلوچى 俱毗罗碛-قىزىل ؟) غا بارىمىز. ئاندىن ئاچچىق قۇدۇقتىن ئۈتۈپ 120 چاقىرىم چاقىرىم يول ماڭغاندا جۈپىلوچېڭ( 俱毗罗成 سايرام) غا بارىمىز، ئۇ يەردىن يەنە 60 چاقىرىم يول ماڭغاندا ئاشىيەنچېڭ ( 悉言成 阿 باي) غا بارىمىز، ئۇيەردىن يەنە 600چاقىرىم يول ماڭغاندا بارخان بالىق (拔换城 يەنى قەدىمكى قۇم姑墨国- ئاقسۇ بەگلىكى ) غا بارىمىز ، بۇ ۋېي رۇڭ قەلئەسى ( 威戎城 ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇ قۇم ئايمىغى (姑墨洲) بۇلۇپ جەنۇبىي تەرىپى تارىم دەرياسى (监思浑河) غا يېقىن . غەربىي شىمالغا ماڭغاندا بارخان دەرياسى 拔换河) دىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە 120 چاقىرىم يول يۇرسە كىچىك تاشبالىق 城 小石) غا بارغىلى بۇلىدۇ. يەنە 20 چاقىرىم يۇل ماڭغاندا ئۇچ تەۋەسىدىكى قۇم ئېرىق (葫芦河 بەزى ماتىرىياللاردا توشقان دەرياسى دەپمۇ كۆرسىتىلگەن) دەرياسىغا بارغىلى بۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە 60 چاقىرىم يول يۇرگەندە چوڭ تاشبالىق(大石城)قا بارغالى بۇلىدۇ، بۇ ئۇچ (乌赤) بۇلۇپ ئونسۇ ئايمىقى (洲 温宿) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، غەربىي شىمالغا 30 چاقىرىم ماڭغاندا سۇلۇ چوققىسى (ھازىرقى قارتال مازىرى )غا بارغىلى بۇلىدۇ. يەنە 40 چاقىرىم يول يۈرگەندە بەدەلئارت 别达里) قا بارغىلى بۇلىدۇ. يەنە 50 چاقىرىم ماڭغاندا دون دوچىك (顿多城- بەلكىم ئويسۇن خانلىقى دەۋرىدىكى قىزىل قورغان بۇلشى مۇمكىن-ئاپتۇردىن ) غا بارىدۇ. بەدەلئارت بىلەن ئىسسق كۆلنىڭ ئارلىقى 120چاقىرىم كېلىدۇ، بەدەل بىلەن سۇييئاب (توقماق ) نىڭ ئارلىقى 490چاقىرىم كېلىدۇ » دەپ كۆرسىتىلگەن. يۇقارقى مەلۇماتلاردا كۆرسۇتۇلگەن كۇچا بىلەن ئاقسۇ ، ئاقسۇ بىلەن ئۇچ(ئۇچتۇرپان) ، ئۇچتۇرپان بىلەن بەدەل، بەدەل بىلەن ئىسسقكۆل ۋە سۇياپ ئارلىقى ئوتتۇرسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھازىرقى ئەمەلىي ئارلىقلاردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرغاندا، گەرچە ئازراق پەرىق كۇرۇلسىمۇ(ئېھتىمال يول ئوتتۇرسىدىكى بەزى ئۆتەڭ - قۇنالغۇ چۇشۇپ قالغان بۇلۇشى، يول-مەنزىللەر ئەسىلدىكى ئورنى دىن يۆتكەلگەن-ئۆزگەرگەن  بۇلۇشى مۇمكىن - ئاپتۇردىن ) ھازىرقى ئەمەلىي ئارلىق سانى بىلەن يېقىنلىشدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بەدەل تاغ ئېغىزى يۇلى شەرىق بىلەن غەرپ، يەنى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنى تۇتاشتۇردىغان ناھايتى چوڭ قاتناش يۇلى بولغانلىقى ناھايتى ئېنىق.
   ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى( مىلادىيە 605- 846 )دە ئادالەت قۇچقان قاغان (
保义可汗 ) غەربىي يۇرتقا قاراتقان ھۈكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۇن بېشبالىقتا 10 مىڭ كىشلىك ئاتلىق قۇشۇن، كۇچادا 10 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن، بارسىغان ۋە بالاساغۇندا 20 مىڭ كىشلىك ئاتلىق قۇشۇن تۇرغۇزغان»غەربىي يۇرتنى قوغداپ، يىپەك يۇلى ۋە سودىسنى گۈلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغان .
  كۆك تۈرك خانلىغى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنڭ ئورۇن باسارى- قارخانىيلار سۇلالىسى(مىلادى 850-يىلدىن1212- يىلغىچە ) 10-ئەسىردىن باشلاپ ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ تۇرتكىسى بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ھايات ساھەلىرنىڭ ھەممسىدە گۇللىنىش باسقۇچقغا كىرگەن، بۇلۇپمۇ مەشھۇر«يىپەك يۇلى» ئوتتۇرا لىنىيىسىنىڭ  قەشقەر شەھرىنى، شىمالىي لىنىيىسىنىڭ بالا ساغۇن بىلەن بارسىخان، ئۇچ  شەھەرلىرىنى قاتناش تۇگۇنلىرى قىلغانلىقى، شۇنۇڭدەك ئوتتۇرا شەرىق ۋە ياۋرۇپا بىلەن شەرقى ئاسىيانى بىر-بىرىگە باغلايدىغان قۇرۇقلۇق يولىنىڭ قارخانىيلار سۇلالىسى زىمىنىدىن ئۆتكەنلىكى، قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن راۋاجلىنىشىغا قولايلىق شارائىت يارتىپ بەرگەن. قارخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇچ شەھرى زور گۈللىنىشلەرگە ئىگە بولغان، بازارلار ئاۋاتلىشىپ تۇرلۇك سودا سارايلار، مېھمانخانىلار، كارۋان سارايلار قۇرۇلۇپ شەھەر سودىسى راۋاجلىنىپ يىپەك يۇلىدىكى مەشھۇر شەھەرلەرنىڭ بىرگە ئايلانغان. قاراخانىيلار سۇلالىسىنڭ باشكەنتى- ئوردۇ كەنىت- كاشغەردىن، يازلىق پايتەخىت بالاساغۇنغا بېرىشتىكى تۈرلىك ئالاقىلەرمۇ ئۇچ ئوردۇ خانى
نىڭ قۇشۇلىشى ئارقىلىق بەدەل ئارت تاغ ئېغىزى يۇلى ئارقىلىق بولغان. ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرى بۇ توغۇرلۇق:«تۇركى تىللار دىۋانى » ئەسىردە :«ئۈچ مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى »، «توشقان دەرياسى ئۇچ شەھەرىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى»، «بەدەلئارت-ئۇچ بىلەن بارسىغان ئوتتۇرسىدىكى داۋان » دەپ ناھايتى ئۇچۇق كۆرسەتكەن.
   غەربىي قارا قىتان خانلىقى، مۇڭغۇل، چاغاتاي، يۇەن سۇلالىسى دەۋرىلىرىدە شۇنداقلا يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋردىمۇ (مىلادى1514-1678-يىللارغىچە ) بەدەلئارت تاغ ئېغىزى داۋاملىق مۇھىم سودا- قاتناش يۇلى ، ھەربىي لەشكەرلەر ئۇياقتىن بۇياققا ئۇتۇپ تۇردىغان يول ئىدى. چۇنكى ئۇچتىكى بەدەلئارت يولىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا، شەرىقتە كۇچاغا، غەرىپتە قەشقەرگە، شىمال تەرەپكە ماڭسا ئىلىغا، شەرىقى جەنۇپقا ماڭسا غوروچۆل ئارقىلىق، يەكەن ، خوتەنلەرگە بارغىلى بۇلاتتى . ئۇچ بالىق ۋە بەدەلئارت دەل يىپەك يۇلى ئوتتۇرسىدىكى مەركىزى بىكەت ئىدى.
   1867 -يىلى يازدا قەشقەرىيە سۇلتانى-بەدۆلەت ياقۇپ بەگ ئۇچتۇرپان شەھىرىنى قايتا كېڭەيتىپ قۇرۇپ، شەھەر سېپىللىرىنى ئۇزارتىپ، تاغ ئۇستىگە قاراۋۇلخانىلارنى ياسىتىپ، يوللارنى تۇتاشتۇرۇپ خېلى مۇستەھكەم بىر قورغانلىق شەھىرىنى بەرپا قىلغان، بەدەلئارىت قورغىنىغا ئەسكەرلەر تۇرغۇزغان. كېيىن چار پادىشاھ سودىگەرلىرى بىلەن چەكلىك سودا ئالاقە ئىشلىرى ئېلىپ بارغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ روسىيەگە ئەلچە قىلىپ بەلگىلەنگەن خان مۇپەتتىشى زېڭ جىزى(قوشۇمچە ئەنگىليە فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچى ئىدى) لوندوندىن ئەنگىليەگە بېرىپ ، 1881-يىلى 2- ئاينىڭ 24-كۇنى «جوڭگو- روسىيە ئىلى شەرتنامىسى » ۋە «قايتا تۇزۇلگەن قورۇقلۇق يۇلى سودا نىزامنامىسى» ۋە ئۇنىڭ قۇشۇمچە شەرتنامىلىرى ئىمزالىغان . شەرتنامىدە :« روسىيە سۇدىگەرلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ مۇڭغۇليە، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى سودىسدا ۋاقتىنچە باج تاپشۇرماسلىق، روسىيە سودىگەرلىرنىڭ مۇڭغۇليە، شىنجاڭ چىگىرلىردىكى 35 قاراۋۇلخانىدىن كىرىپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش»
دېگەنلەر بەلگىلەنگەن بۇلۇپ، بۇنىڭ بىلەن روسىيە سودىدا ئۆمەك تەركىۋىدىكى قازاق، قىرغىز، تاتار سودىگەرلىرى ئۇچتۇرپانغا كىلىپ سودا قىلىشقا باشلىغان. شەرتنامە بۇيىچە«بەدەل ئېغىزى» ئىككى دۆلەت خەلىقلىرىنىڭ سودا سېتىق ئىشلىرىدا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن.
    1915- يىلى5-ئاينىڭ 14-كۈنى رۇسىيە سودىگەرلىرى «بەدەلئارت ئېغىزى»دىن ئۆتۈپ ئۇچتۇرپانغا كېلىپ سودا قىلغان. 1917- يىلى رۇسىيەدە ئوكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغان مەزگىللەردە بولشىۋىكلارنىڭ تەسىرىدىن ئەنسىرىگەن بىر قىسىم قىرغىزلار بەدەل ئارتتن ھالقىپ ئۈتۈپ، ئۇچتۇرپان، ئاقچى تەۋەلىرىگە قېچىپ چىققان. 1921- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى-شىنجاڭ سودا شىركىتى ئاقسۇدا ئش بېجىرىش ئورنى قۇرغان، ئۇلار يەرلىك سودىگەرلەرئارقىلىق، ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلار، كالا-قوي، ئات تېرىلىرى، يۇڭ، ئۈچەي، رەۋەن قاتارلىقللارنى ئۇچتۇرپان بەدەل چىگرا ئېغىزىغا تۇشۇپ كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىكەر، گەزمال، ھاراق، تاماكا، سەرەڭگە، سىر، ئەينەك، ئاق قاڭالتىر، تۈمۇر ھەرە، چىراق، ئۇرۇس مىقى قاتارلىق بۇيۇملىرىغا ئالماشتۇرغان. 1933-يىلى 4-ئايدا كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭى يول باشچىسى تۈمۈر ئېلى قوزغىلاڭ قىلىپ ئۇچتۇر پانغا كەلگەندە، خۇجا نىيازھاجى، مۇسۇل مۇھىتى، ھەمدۇللا ئاخۇن قاتارلىقلارنى بەدەل چېگرا ئېغىزىغا ئېۋەرتىپ خەلىقتىن توپلىغان مال- چارۋىلارغا قورال سېتىۋالغان، 4-،5- ئايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى-شىنجاڭ ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ «ئۇچتۇرپان چېگرا تاموژنا باج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئدارىسى» باشلىقى- ئوسمان ھاجى ، ھاشىم ئاقساقال(ئابدىكېرىم ئابباسوپنىڭ دادىسى)، ئېلى ئەھمىدى، ياقۇپ سەئىد (سەنمۇ) قاتارلىقلار تاشقى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. تاشقى سودا ئشلىرى تارمىغىدا بۇ ئىشقا كېرەكلىك خادىملارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۇلار«سۇتۇق بۇغراخان مەكتىۋى»نى ئاچقان. 1933-يىلى10-ئايلاردا باي شىجاڭ ئاقسۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خۇجا نىياز ھاجىنىڭ بۈيۈك ئىشلىرى ئۈچۈن 80 مىڭ تۇياق قوي ئىئانە توپلاپ، ئۇچتۇرپانلىق باي ھاشىم ئاقساقال ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد بايغا تاپشۇرۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مالغا قورال ئالماشتۇرغان

    1935-يىلى ئۇچتۇرپان بەدەل ئارت ئېغىزى تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايتى گۈللەنگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى سودىگەرلىرى بەدەل ئارت تاغ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇچتۇرپاندا تۈرلۈك سودا شىركەتلىرىنى داۋاملىق كۆپەيىتكەن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ئۇچتۇرپانغا توپلانغان بۇلۇپ. شۇ چاغدا ئۇچتۇرپان شەھرىدە 38 ئۇرۇندا تۈرلۈك سودا شىركەتلىرى ۋە سودا ئۇرۇنلىرى قۇرۇلغان. ئۇچتۇرپاندا مەدەنىي ھايات جانلىنىشقا باشلىغان . 1937- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنتتە بېسىلغان پۈتۈن كۈنلۈك باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۇن تەييارلانغان ئانا تىلى، ھېساپ، ئوقۇش كىتاۋى، جۇغراپىيە، تارىخ، تەبىئەت، بوتانىكا، زوئولوگىيە، ئاناتومىيە قاتارلىق دەرىسلىك كىتاپلار ۋە ماركىس، ئېنگىلىس، لېنىن ئەسەرلىرى، شۇ قاتاردىكى سىياسىي كىتاپلار ئۇيغۇر سودا كارۋانلىرى ئارقىلىق تۇشۇپ كېلىنىپ مەكتەپلەر گە تارقىتىلغان، دەرىسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن. بەدەل ئارت ئېغىزى مەدەنىيەت تارقىتىش يۇلى بۇلۇپ قالغان. رۇس ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغارمەدەنىيىتى، سانائەت مەھسۇلاتلىرى؛ ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى، قول چىراق، ۋېلىسپىت، سۈرەتكە تارتىش ئاپىراتى، كىيىم تىكىش ماشىنىسى قاتارلىقلار بەدەل يۇلى ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن. 1939- يىلىي ئۇچتۇرپان خەلقى تۇنجى قېتىم سوۋېتتىن كەلتۈرۈلگەن كىنو كۆرگەن. 1940 - يىلى3-ئاينىڭ 2- كۈنى شىنجاڭ- سوۋېت ئىتتىپاقى ىسودا ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ ياشنىشى ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان خەلقى ھەركەتكە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇچتۇرپان سوۋېت ئىتتىپاقى قارا كۆل خەلقئارا تاشيۇلىنى ياساش ( ئۇچتۇرپاندىن بەدەل ئارتقىچە، بەدەلئارتتىن قىرغىزىستان جۇمھۇريىتى قارا كۆل شەھرىگىچە بولغان تەخمىنەن 300 كىلومېتىر) قۇرلۇشى ئېلىپ بېرىلغان. بۇجاپالىق ئەمگەك 1944-يىلغىچە داۋاملاشقان. نەچچە يۈزلىگەن ئادەم ئېغىر ئەمگەك، ئاچارچىلىق، جۇدۇن، تاياق زەربىسى، پىشىتلاش، قېچىشتا تاغ قاپتالىرىدامۈكۈنۈپ ئۆلگەن.
   1950-يىلى 3-ئايىنىڭ 5- كۈنى جۇڭگۇ خەلىق ئازاتلىق ئارمىيەسى 1- بىڭتۇەن 2-جۈن پىيادىلەر 5-شى پارتكومى ئۇچتۇرپانغا يىتىپ كېلىپ خەلق ھاكىميىتىنى قۇلىغا ئالغان. ئۇچتۇرپان چېگراسىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەرلەر ئاجرىتىلغان. 4-ئايدا يېڭىئاۋات يېزىسىدا يېزا ئىگىلىك 1-دىۋزىيىسى (农一师) 4- تۇەننى قۇرۇلغان, ھەمدە بەدەلئارت يۇلىمۇ شۇ چاغدىكى سىياسى ۋەزىيەتتە تاقالغان. 1966-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قاتناش نازارىتى1 مىليۇن 460 مىڭ يۇەن پۇل ئاجىرتىپ دۆلەت مۇداپىيە يۇلى,
يەنى يامانسۇدىن بەدەلئارتقىچە بولغان يولنى تۇزەشتۇرۇپ ياسغان. 1967-يىلى قاتناش باشلىغان .  
  1993-يىلدىن باشلاپ بۇ قەدىمكى يىپەك يۇلىدىكى مەشھۇر ئۆتكەل- خەلقئارالىق قاتناش يۇلى بەدەلئارت ئېغىزىنى ئېچىش خىزمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكىمىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ پىلانىغا كىرگۇزۇلۇپ جىددىي ئىشلەنگەن، ئىككى تەرەپ (شىنجاڭ ئاقسۇ بىلەن قىرغىزىستان) سودىدا گۇللىنىش، ئىلىم- پەن تېخنىكا ئالماشتۇرۇشقا كىلىشكەن.  2000 يىلدىن باشلاپ ۋىلايەت رەھپەرلىرى قىرغىستانغا چىقىپ قايتا-قايتا تەكشۇرۇش يول ئورنىنى بېكىتىش، كېتىدىغان راسخۇت قاتارلىق مەسىلەر ئۇستىدە كېڭىشكەن. 2003- يىلى ئۇچتۇرپان زىندان دەرياسىنى بويلاپ ماڭىدىغان زىندان تاغ چىگرا ئېغىزى (بۇنى يېڭىئارت مەھەللىسى نامى بىلەن يېڭىئارت چېگرا ئېغىزى دەپ ئاتاشمۇ ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ) نى ئېچىش توغرىسدا دەسلەپكى تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىپ كىلىشكەن(بۇ يولنىڭ قارا قول شەھرىدىن ئېنگېلچەككە بولغان ئارىلىقى 145 كىلومېتىر بۇلۇپ،  يۇلى راۋان، پەقەت زىندان تاغ ئېغىزىدىن باشلاپ تۇمشۇق، ئاقسۇ شەھرىگىچە بولغان تۈز ئارىلىقى 90 كىلو مېتىر، يولنى ياسىسا ياكى زىندان تاغ ئېغىزىدىن ئۇچتۇرپان شەھرىگىچە بولغان تەخمىنەن 30  كىلو مېتېر يولنى ياسىسا بۇلاتتى).  لېكىن «زىندان چىگرا ئېغىزى» «بەدەل چىگرا ئېغىزى » غا قارىغاندا 4 پەسىلدە داۋاملىق قاتناش ئېلىپ بېرىشقا قۇلايسىز، يوللىرى بەك خەتەرلىك، تىك تاغلار كۆپ، يول يېنىدا چوڭقۇر زىندان دەرياسى ئاقىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا كېتىدىغان راسخوت مەسىلىسى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ يۇل تۇختىلغان (ئەمما قىرغىزىستان تەرەپكە نىسپەتەن زىندان چىگرا ئېغىزى ، دەل قىرغىزىستان تەرەپنىڭ پويىز، ۋوگزال، ئايرۇپورت،جايلاشقان ئېنڭېلچەك(engelchek )شەھىرىگە ئۇدۇل كەلگەچكە، چىقىم كۆپ كەتمەيتى ). 2004- يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۇنى«جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇچاڭئەن قىرغىزىستان جۇمھۇريىتىنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمالىيوف. كۇبانچىبېك بىلەن كۈرۈشكەن، « ئىككى تەرەپ بەدەل ئارت چېگرا ئېغىزى يۇلىنى ياساش مەسىلىسىنى كېڭەشكەن. جۇمالىيوف.كۇبانىچبېك ئالدى بىلەن مەبلەغنى ھەل قىلىش كېرەك . سىلەر تەرەپتە ئەمەلىي كۇچكە ئىگە گوروھ شىركەتلەر مەبلەغ سېلىپ قۇرلۇش قىلسا ، ھەق ئېلىش ئارقىلىق تۇلۇقلىما بېرىمىز. ئىسسقكۆل ئوبلاستى مول كان بايلىقلىرىگە ئىگە، ئەگەر جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستانغا مەبلەغ سېلىشنى خالىسا بۇنى كېلىشسەك بۇلىدۇ» دىگەن. شۇندىن بۇيان بۇيولنى ئېچىش، ئىككى تەرەپ پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، سودا، ساياھەت ئىشىلىرىنى يولغا قۇيۇش، ئىككى تەرەپ مەنپەئەتتار بۇلۇش قاتارلىق ئىشلار بۇ قەدىمكى يىپەك يۇلىنىڭ ئېچىلىشىنى كۇتۇپ تۇرماقتا. بۇ يول ھازىر يامانسۇ يېزىسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى كۆجۈم مەھەللىلەرنى ئارىلاپ غەربىي شىمال تەرەپكە ئەگىلىپ، كېيىن غىڭ سايغا چىقىپ ئاندىن خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن تاغ ئارىسىغا كىرىپ چىگرىغا بارىدۇ.. ئوتبېشى يېزىسىدىن بەدەلگىچە بولغان چىگرا مۇداپىئە تاشيولىنىڭ ئۇزۇنلىقى 74 كىلومېتىر كېلىدۇ. يامانسۇ يېزىسىنىڭ كۆجۈم مەھەللىلىرى ئاخىرلاشقىچە قارىماي ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نېرىسى پۈتۈنلەي شېغىللىق يول. ئەسىرلەر مابەينىدە  دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە تىنىمسىز قاتناپ تۇرغان كارۋانلارنىڭ تۆگىسىنىڭ قوڭغۇراق ساداسى ئىزچىل جاراڭلاپ تۇرغان، ئەمدىلىكتە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكىلىۋاتقان بۇ يول يېقىن كەلگۈسىدە يەنە تارىختىكى شۆھرىتىگە لايىق خەلقئارا تاشيولغا ئايلىنپ قالغۇسى.  
ئىزاھات:
① «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى» شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى 2002-يىلى 8-باسمىسى ئۇيغۇرچە 39- بەتكە قاراڭ
② فاڭ يىڭ كەي:«شىنجاڭ بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخى»(بىڭ تۇەن پارتىيە مەكتىۋى ۋەمائارىپ ئىنىستىتوتى ئۈچۈن دەرىسلىك)1992-يىلى خەنچە نەشرى1-قىسىم41- بەتكە قاراڭ.
③ «سۈينامە».15- جىلىد، «جاڭ سۇن شېڭ ھەققىدە قىسسە»
④،⑥ زېڭ ۋېنۋۇ :« جۇڭگونىڭ غەربىي رايۇننى باشقۇرۇش تارىخى» خەنچە 129-،130-بەتكە قاراڭ.
⑤ ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىساسىدىق:«شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى » 1991-يىلى بېيجىڭ ،ئۇيغۇرچە نەشىرى، 440- بەتكە قاراڭ
⑦ «يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرسى»،2-كىتاپ،جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى خەنچە،1149- بەتكە ۋە«جۇڭگۇ ئىسلام تارىخىغا دائىر ماتىرياللار »، نىڭشىيا خەلىق نەشرىياتى،1982-يىل خەنچە نەشرى، 4-بەتكە قاراڭ.
⑧ چىيەن بوچۇەن :« شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى »، 1999-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 223 - بەتكە ۋە تەمىم ئىبنى بەھىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھىتىنامىسىغا قاراڭ.
⑨ يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇ بىلىگ » 1984 يىلى، بېيجىڭ،«مىللەتلەر نەشرىياتى» ئۇيغۇرچە نەشرى،788-،789-بەتلەردىكى 3815-غەزىلىدە: «نېمە دەر ئىشىتكىن ئۇچ ئوردۇ خانى، ئۇنىڭ ئەلگە مەشھۇر دۇرۇس سۆزىنى»دەيدۇ.
⑩  «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى » ئۇيغۇرچە، 2001-يىلى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى7- قېتىملىق نەشىرى 409- 410-بەتكە قاراڭ.
⑪ «شىنجاڭ تارىخى ماتىرياللىرى» 12- قىسىم ئۇيغۇرچە 124-،125- بەتلەرگە قاراڭ.
⑫ «ئاقسۇگېزىتى » 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۇندىكى سانى 1- بەتكە قاراڭ .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-11 04:08 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 04:10:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوسلارنىڭ بۇ تېما ئۈستىدىكى يوللۇچ پىكىرلىرى بولسا،تەكلىپلىرى بولسا قارشى ئالىمەن

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1257 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 07:05:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشەندۈرۇشلەر ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار تولىمۇ جايىدا بوپتۇ قېرىندىشىم .نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم .
بىراق ئاۋاتلىق تۇرۇپ بۇنداق ئىسىمنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.بىلىمىم راستىنلا چولتا ئىكەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31292
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4225 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 07:12:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەدەلئارت ھەققىدىكى قىممەتلىك تەتقىقاتىڭىزدىن چەكسىز سۆيۈندۈم. غۇجى نىياز مۇئەللىم!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26361
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 07:32:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاڭ چىيەن، تاڭسىڭلارنى مەجبۇرىي كىرگۈزۈۋېلىشنىڭ ھاجىتى ئەسلا يوق ئىدى؛ بىر يۇرت ئۇلارنىڭ ئۆتۈپ سالغانلىقى سەۋەبلىكلا ئەزىز يۇرت بولۇپ كېتىدىغان قائىدە ئەزەلدىنلا يوق ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 09:22:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوجانىياز مۇئەللىم، بۇ ماقالىڭىز ئېلان قىلنغان ماقالىمۇ ياكى يېڭى يازدىڭىزمۇ؟ ئېلان قىلىنغان ماقالىڭىز بولسا، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز. پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 07:08:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممەتلىك تەتقىقاتىڭىزدىن چەكسىز سۆيۈندۈم. غۇجى نىياز مۇئەللىم!رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 11:09:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يىپەك يۇلىدىكى مەشھۇر ئۆتكەل- بەدەلئارت
ئىلگىرى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى'»1990 نەچچىنچى يىللىق سانىدا ۋە  كېيىن «شىنجاڭ ئخقتىمائىي پەنلەرمۇنبىرى» 2013-يىلى 3-ساندا  ئېلان قىلىنغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 11:59:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر پايدىلىنىش قىممىتى بار تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،مۇئەللىم !

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96064
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-7-18
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 09:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىكەن!
كۆپ تەشەككۈر خوجانىياز مۇئەللىم.....!

كۈچ قۇۋۋەت بىلىمدىندۇر، سائادەت ئىلىمدىندۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش