|
|
|
|
دۈشەنبە ئوغلاق ئېيىنىڭ 11-كۈنى ئاسىيا بازىرى ،دوللار كۆرسەتكۈچى ئازراق ئۆسۈپ 81.30 ئەتراپىغا چىقتى ،ئالدىنقى ھەپتىدە بۇ ئىككى ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نوقتىنى ياراتتى ھەمدە ھەپتىلىك شام سىزىقىمۇ ئۆسۈش سىزىقى بۇلۇپ بازار يېپىلدى . خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1287 دوللار ئەتراپىدا ،ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئامرىكا غەيرى يېزا-ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن 30 دوللار ئەتراپىدا چۈشتى ،ھەپتىلىك شام سىزىقى چۈشۈش سىزىقى بۇلۇپ بازار يېپىلدى. ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئامرىكا غەيرى يېزا-ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى تويۇقسىز مۆلچەردىن يۇقىرى چىقىپ كەتتى .ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە ئامرىكا 10-ئايلىق غەيرى يېزا-ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 204 مىڭ كۆپەيگەن بۇلۇپ ،مۆلچەردىكىسى 125 مىڭ ئىدى .
ئوغلاق ئېيىنىڭ 11-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار
دۈشەنبە ئوغلاق ئېيىنىڭ 11-كۈنى ئامرىكا ،كانادا ،فىرانسىيە بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بانكىلار ئارام ئالىدۇ ،لېكىن باشقا پۇل مۇ-ئامىلە بازىرى دەم ئالمايدۇ .بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلار بىرقەدەر ئاز ،ئىتالىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ،ياپۇنىيە سودا تالونى كۆرسەتكۈچى ،ئاۋۇستىرالىيە ئۆي -مۈلۈك قەرزى روخسەتنامىسى ۋە بىرمۇنچە ئانچە مۇھىم بولمىغان ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .ئىقتىسادى ئىشلاردىن ياۋرۇپا ئىتپاقى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى ئېچىلىدۇ ھەمدە 2014-يىلىدىكى ياۋرۇپانىڭ ئالدىن ھېساپلاشنى مۇنازىرە قىلىدۇ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى253 يۈەن
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !
|
|
|
|
|
|