مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 950|ئىنكاس: 6

خوجا نىياز:ئۇيغۇر يۇرتىدىكى كۆللەر ئىكولوگىيە،فولىكلور [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 12:42:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى مەھەللىي سۇنئى كۆللەرنىڭ ئىكولوگىيىلىك  رولى ۋە  فولىكلورلۇق قىممىتى   ھەققىدە مۇلاھىزە[1]


新疆维吾尔社区人工湖(涝坝)的生态学作用与民俗价值探讨


غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

(شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كافىدىراسى)

   قىسقىچە مەزمۇنى: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر-بازارلاردىكى ۋە يېزا-كەنتلەردىكى مەھەللىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىدە(قۇرۇلمىسىدا)نۇرغۇن سۇنئىي مەھەللىي كۆللەر،يەخمىنەن 100مىڭ ئەتراپىدا بولغان بولۇپ،ئۇ زامان-زامانلاردىن 20-ئەسرنىڭ ئاخىرغىچە بولغان ئارىلىقتا كىشىلەرنى كۈندىلىك ئىچىملىك سۇ ،تۇرمۇش سۈيى ۋە مال-چارۋىلارنىڭ سۈيى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ كۇندىلىك ۋە دائىملىق ئالاقە قىلىش نۇقتىسى،بالىلارنىڭ تەتتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش مەركىزى قاتارلىق روللارغىمۇ ئىگە بولغان.ئۇ بۇ جەھەتتىن قويۇق ئىكىلوگىيەلىك قىممەتكە ۋە ئىجتىمائى فولىكلورلۇق قىممەتكە ئىگە بولۇپ،تەتقىق قىلىپ ئىلىم-پەن مۇلاھىزە سورۇنىغا ئىلىپ چىقىش شەرتىنى ھازىرلىغان.بۇ ماقالىدا بۇ خىل كۆللەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي قىممىتى توغرىسىدا قىسقىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.




内容摘要:  在新疆维吾尔人聚居的城镇及农村曾分布有十万个左右的人工湖(涝坝)。这些涝坝从久远的历史时期一直到20世纪后期,在解决人们日常生活用水、牲畜饮水、改善生态环境等方面发挥了重要的作用,同时成为人们经常见面、相互交流沟通的场所,冬天还成为孩子们娱乐和开展体育活动的场所,具有很高的经济、生态及社会民俗价值,具备了开展科学和理论研究的条件。本文仅对这种涝坝的历史、作用、现状、未来及社会民俗学价值进行简要的回顾和讨论。

                                     كىرىش سۆز

        بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستىمال قىلىنىۋاتقان«كۆل»دېگەن سۆز قەدىمكى تۈرك خانلىقى زامانىسى(مىلادىيە 552-745 –يىلار)دا قەدىمكى تۈرك تىلى بىلەن پۈتۈلگەن مەڭگۈ تاشلاردا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ،بۇ خىل ئەھۋال ئەشۇ دەۋرلەردىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆل بىلەن ھاياتلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن يېقىن بولۇپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە كۆل ئادەتتە تەبىئىي كۆل ۋە سۇنئىي كۆلدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنگەن.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى باشقا ئۇرۇق-ئايماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيانىڭ يايلاق ۋە بوستانلىقلاردىكى ئىنسان تىرىكچىلىكىگە ماس بولغان جايلاردىكى بايقال كۆلى،ئابىسكۈن-بالقاش كۆلى،ئىسسىقكۆل ،زايسان كۆلى،بۇغدا كۆلى،ئۇلۇنگۈر كۆلى،سايرام كۆلى،يۇلتۈزكۆل،لوپنۇر كۆلى،باغراش كۆلى،قاراكۆل قاتارلىقلار كۆللەر ساھىلىدە ھاياتلىقنى داۋام ئەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆل ئىكىولوگىيىسى بىلەن ئىجتىمائىيەت ئىكىولوگىيىسىنىڭ بىردەكلىك قانۇنىيىتىنى جان تىكىپ قوغداپ ئەۋلاتلارغا ئۆلمەس نەمۇنە قالدۇرۇپ كەتكەن بولسا،تارىخنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە بۇنداق تەبىئىي كۆللەر بويىدىكى مىڭلارچە يىللار داۋاملاشقان ناتۇرال تۇرمۇش ئەندىزىسىدىن ئاتلاپ،   مەدەنىي ھاياتقا قەدەم باسقىنىدا كۇرۇڭكۆل، سىزىڭكۆل، يۇلتۇزكۆل، تەرىڭكۆل[2]،بوستانكۆل، ئايكۆل، غازكۆل، غوجامكۆل،چوڭكۆل،شەربەتكۆل،ئاناركۆل، بۇلاقكۆل،سوقىكۆل،ئۆيكۆل،دۆڭكۆل   قاتارلىق  مەھەللىي كۆللەر ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ. تۇراقلىق ھايات، ئىكىنچىلىك تۇرمۇش پورماتسىيىسىگە بۇرۇلۇش ياساپ،ئۇتغۇرلۇق قەدىمىنى چامدام-چامدمدىن يۆتكەپ ،دەۋرىمىزگىچە بېسىپ كەلگەن.تەبىئىي كۆللەر جاھالەت دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ    شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى،سۇنئىي كۆللەر، بولۇپمۇ سۇنئىي مەھەللىي كۆللەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكىنىڭ تارىخى ناھىيىتى ئۇزۇن.ئۇ ئەجداتلارنىڭ كۆچمەن تۇرمۇشتىن ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتۈپ،يېزا-كەنتلەر،شەھەر-بازارلارغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى كېرەك،ئەلۋەتتە.تېخى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن ئىلگىرى شىنجاڭدا بۇ خىل كۆللەرنىڭ رولى ئۈنۈملۈك جارى بولۇپ تۇرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار زامان-زامانلاردىن بۇيان ئادەملەر، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇغا بولغان دائىملىق ئىھتىياجىنى قامداپ كەلگەن،يەنە مۇھىتنى ياخشىلاشتا،يېزا-كەنتلەر،شەھەر-بازارلارنىڭ نەملىكىنى ساقلاشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.يەنە تېخى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆم-ئىناقلىقنىڭ،ھەمكارلىقنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.ھەتتا ئىجتىمائىي نىشان-ئىتىقادنىڭ ئوبىيىكىتى ، تىرىكلىك -ھاياتلىقنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇشتەك مۆتىبەر ئورنىنى تىكلەپ،ئۇنى يىقىتىپ قويماي،مەھكەم ساقلاپ كەلگەن ، دېمەك،ئۇ ھاياتلىق ئالىمىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل تۇرمۇش ۋاستىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن.بۇ خىل كۆللەر ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش تارىخىنى،شىنجاڭ  ئىكىولوگىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى، ئىجتىمائىي فولكلور ھادىسىسنى تەكشۈرۈش ۋە ئۈگىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر مەزمۇن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

      1.كۆللەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى

   شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر-بازارلاردىكى ۋە يېزا-كەنتلەردىكى مەھەللىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىدە(قۇرۇلمىسىدا) كۆللەر موھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. يەنە يول-ئۆرتەڭ،لەڭگەرلەردە،جامە-مەسچىتلەرنىڭ يېنىدا،ھويلىلىرىدا،  مازارلارنىڭ يېنىدا،ھويلىلىرىدا،چوڭ يول دوقمۇشلىرىدىمۇ خۇددى يۇليۇزلاردەك بىردىن كۆل-كۆلچەكلەر  بولغان.كىشىلەر تۇرمۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن كۆللەرنىڭ ئولتۇراق جايلارغا يېقىن بولىشىغا ئەھمىيەت بەرگەن.كۆللەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جامائەت كۆللىرى بولۇپ،ئۇلاردىن ھەرقانداق ئادەم پايدىلىنىۋەرگەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى ھاللىق ئائىلىلەر شۇنداقلا قورۇ-جايلىرى كەڭرى،مەھەللىنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان كىشىلەرنىڭ ھويلا-قورۇلىرى،باغلىرى ئىچىدىمۇ كۆل-كۆلچەكلەر بار بولغان.

   2. كۆللەرنىڭ قۇرۇلمىسى  ۋە سانى

  مەھەللىۋىي سۇنئىي كۆللەر، 50 تىن  100 گىچە ئائىلىلىك ئولتۇراقلاشقان بىر مەھللە-كەنتتە ھەجمى 30- 50 كىۋادىرات مېتىرلىق،بەزى جايلاردا  100كىۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا،500دىن 1000غىچە ئائىلىلىك  بولغان كەنتلەردە بولسا 80-100كىۋادىرات مېتىرلىق كۆللەردىن چوقۇم بىردىن بولىشى  زۆرۈر بولغان.يەنە بەزى كۆللەرنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 200-300 كىۋادىرات مېتىر كەلگەن.كۆللەرنىڭ چوڭقۇرلىقى بىر مېتىردىن ئۈچ،تۆرت مىتىرغىچە بولغان.كۆللەر ھەر بىر مەھەللىنىڭ مەركىزىگە،يول بويىدىكى خىلۋەت جايغا ئورۇنلاشتۇرلغان ياكى كىشىلەر ئولتۇراق ئۆي ياسىماقچى بولسا كۆلنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ ياساشنى پىلانلىغان.ئائىلىلەر بىلەن كۆلنىڭ يولى راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنغان.كۆللەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يۇمۇلاق شەكىللىك،ئاز بىر قىسمى تۆرت چاسا-كىۋادىرات شەكىللىك بولغان.يەنە ئۇزۇنچاق كەلگەنلىرىمۇ بار بولغان.بەزى كۆللەر ئانا كۆل ۋە بالا كۆلدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان.كىچىك كۆلدىن باشقا بالا كۆللەر كۆلچەك دەپ  ئاتالغان.كۆلچەكلەر 10-20 كىۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا بولغان.ئانا كۆل بىلەن بالا كۆلنىڭ ئارىلىقى بىر قانچە چامدام ئارىلىق بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇلغان.بالا كۆل ئېقىن سۇ ئېقىپ تۇرغان ئېرىق-ئۆستەڭ بىلەن ئانا كۆلنىڭ ئارىسىدا بولۇپ،دەسلەپ ئېقىن سۇ شۇ بالا كۆلگە باشلىنىپ،لاي-لاتقىلار سۈزىۋىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ئانا كۆل-چوڭ كۆلگە باشلانغان.بالا كۆللەر يىلدا دېگۈدەك بىر قېتىم،ئانا كۆللەر 3-5 يىلدا بىر قېتىم،يەنە بەزىدە ئەمىلىي ئەھۋالغا   قاراپ پات-پات چېپىلىپ ۋە تازىلىنىپ تۇرۇلغان.كۆللەرگە مەخسۇس سۇ باشلىنىدىغان باش تەرەپتە ئىرىق بولۇش بىلەن بىرگە،كونا سۇنى چىقىرىپ تۈرىدىغان ئاياق ياكى يان تەرەپتە بىر چۈشۈرگىسى بۇلغان.

    شىنجاڭدە مەھەللىي سۇنئىي كۆللەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولغان.بۇنىڭ ئىنىق سىتاتىستىكىلىق سانىنى ئېلىش مۈمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ،ئەمما تەخمىنەن پەرەز قىلىپ مۇنۇلارنى ئېيتىشقا بولىدۇ.مەسىلەن، «شىنجاڭ يىلنامىسى 2000»ناملىق كىتاپتا 1994-يىلى 5-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىتاتىسكىسىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 8 مىليۇن345 كىشى ئىكەنلىكى،بۇنىڭ شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %47.1 نى ئىگەللەيدىغانلىقى،پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك نوپۇسىنىڭ ئىچىدە 1995-يىللق ئىستاتىسكىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەك كۈچى ئىچىدە %61.3 ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.(بۇ كىتاپ جۇڭگو ئىستاتىستىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995-يىلى خەنزۇچە نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇر شۇ كىتاپنىڭ 46-بېتىدە بېرىلگەن). دېمەك ، 2000-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە،ھىچ بولمىدى دېگەندە ئەشۇ 1995-يىللىرىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىك نوپۇسىدىكى ئاھالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كۆل سۈيى ئىستىمال قىلىپ كەلگەن.ئۇنداقتا 4 نوپۇس بىر ئائىلە بولىدۇ دەپ ھىساپلىنىپ،50 تىن 100 ئائىلىگىچە بولغان بىر مەھەللىدە بىردىن كۆل بار دېيىلسا،ئۇنداقتا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 5 مىليۇن ئۇيغۇر يېزىدا ياشاپ تەخمىنەن 125 مىڭ مەھەللىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ،بۇنىڭدىن ئىھتىماللىق ئۈچۈن 25 مىڭنى چىقىرىۋەتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە 1995-يىلى ياكى 2000-يىلىغىچە 100مىڭ كۆل ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇنى يەنىمۇ كونكىرىتراق بىر سان بىلەن كۆرسەتكەندە،بىر كىچىك كەنتنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.مەسىلەن،مەزكۈر ماقالا ئاپتۇرى تۇغۇلۇپ بالىلىق-يىگىتلىك چاغلىرىنى كۆل سۈيى ئىچىپ ئۆتكۈزگەن كاشغەر شەھرى نەزەرباغ يېزىسى(1998-يىلىدىن ئىلگىرى قۇرغان يېزىسى) يۇقىرقى قازىرىق كەنتتىدە 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 4000 ئەتراپىدا نوپۇس بار بولۇپ،بۇ كەنتتە دەل ئەشۇ چاققىچە 15تىن ئارتۇق كۆل-كۆلچەلەر بار بولغان.قوشنا يېزا-كەنتلەردىكى ئەھۋالمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولغان.بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان سىتاتىستىكىلىق سانلار ئەينى زاماندا شىنجاڭدا سۇنئىي كۆللەرنىڭ فۇنكىسسىيىلىك رولى جارى بولۇپ تۇرۇلغان يىللارغا ماس بولغان سان-سىفىرلار نەقىل ئېلىندى.

    كۆللەرنىڭ سۇ مەنبەسى ئىرىق-ئۆستەڭلەردىكى ئېقىن سۇ بولۇپ،بەزىلىرىگە بۇلاق سۇلىرى،يەنە بەزىلىرىگە كارىز سۇلىرى تولدۇرۇلغان.ئايرىم جايلاردا تەبىئىي كۆللەرنى يېرىم سۇنئىي كۆللەرگە ئايلاندۇرىۋالغان ئەھۋاللارمۇ بار بولغان.

   ئەنئەنىۋىي كۆللەر ئاساسەن سېغىز توپىلىق ،شېغىل تاشلىق،قۇم-لاي ئارلاش بولغان لايلىق  يەرلەرگە قېزىلغان بولۇپ،كۆل گىرۋەكلىرىگە بىر پۈتۈن ئۆلچەملىك تاش، سىمۇنت، پىششىق خىش قاتارلىق نەرسىلەر ئىشلىتىلمەستىن،بەلكى تەبىئىي يەر بىلەن بىردەكلىكى ساقلانغان.پەقەت كىشىلەرنىڭ سۇنى چىلەك-سوغا،قاپاق-نوگاي،كوزى-ئېۋرىقلارغا ئېلىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىر يەرگە تاش،ياغاچ پەلەمپەي،شوتا ياكى تاختاپەرە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان.ئۇنىڭدىن باشقا كۆلنىڭ ئاستىغا تاش،سىمۇنت،سۇلىياۋ قاتارلىقلار ئىشلىتىلمىگەن.بۇنىڭدا سۇ يەرگە سىڭىپ تۇرسا پاكىز بولىدۇ دېگەن قاراشقا ئاساسلىنىلغان.(ئىلگىرى سۇلىياۋ بولمىغان،ئەلۋەتتە)    بەزى كۆللەرنىڭ ئەتراپى ياغاچ،بادىرا ۋادەكلەر،چىت-رىشاتكىلار ،سوقما تاملار بىلەن قاشالىنىپ ، كىچىك بالىلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىشى،ھايۋانلارنىڭ سۇغا كېرىۋىلىپ،پاسكىنە قىلىۋىتىشىدىن ساقلىنىش رولىغا ئىگە قىلىنغان.   كۆللەر قەرەللىك يوسۇندا قېزىلىپ،ئاستىغا تىنىپ قالغان لاي-لاتقىلار ئېلىۋىتىلگەن.

      كۆللەر ئەتراپىغا شىنجاڭنىڭ ئىكولوگىيىسىگە ماس كېلىدىغان كۆك تېرەك(سۇۋادان تىرەك،قاپاق تىرەك)،قارا ياغاچ،سۆگەت،جىگدە،ئۈژمە،ئاكاتسىيە دەرىخى قاتارلىق تىك غوللۇق دەرەخلەر تىكىلگەن.يەنى ئۈژمىدىن باشقا مىۋىلىك دەرەخللەر ئاساسەن تىكىلمىگەن.بۇنداق دەرەخلەر قېرىپ،پور بولۇپ يىقىلىپ كەتمىسىلا كېسىۋىتىلمەستىن بەلكى زامان-زامانلاردىن ئۆتۈپ سىھىرلىك قىياپەتتە ساقلىنىپ،قوغدىلىپ كېلىنىۋەرگەن.دەل-دەرەخلەرنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرى،سايىسى سۇنىڭ پارلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،سۇنى سوغۇق ساقلاش،ئاپتاپتا ئىسسىپ،چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىغا ئەھمىيەت بىلەن قارالغان.

    كۆللەرنىڭ ئۈستى داۋاملىق ئوچۇق قويۇلغان.بۇ ئارقىلىق مەلۇم نىسپەتتە كۈن نۇرى چۈشۇپ تۇرۇش،ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۈرۈش،كۆل ئەتراپىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش،مەھەللىنى سالقىنلىتىش رولىغا دىققەت بىلەن قارالغان..

    يول دوقمۇشلىرى،ئۆرتەڭ-لەڭگەرلەر،مەسچىت،خانىقا-جامەلەر،مەشھۇر مازارلىقلارنىڭ يېنىدا، كۆللەرنىڭ بويىدا چوڭراق دەرەخلەردىن بىرىنىڭ يېنىغا يانداشتۇرۇلۇپ،چاچاپ(چاھارچاپ-تۆرت پۇتلۇق ئوتتۇرى كامار كۇرسا) ئۈستىگە دەسسىتىلگەن بىر ياكى بىر قانچە كۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ،ئۇنىڭغا شۇ كۆلنىڭ سۈيى تولدۇرۇپ قويۇلغان.يەنە يېنىغا نوگاي،تاۋاق،تاشتەك،ئىۋرىق سەپلەپ قويۇلغان. بۇلار يولۇچى-سەپەرچىلەر، سەيلىچىلەر، كارۋانلار،تىجارەتچىلەر،ھەم ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان ئۇلاغ-چارۋىلارنىڭ سۇغا بولغان ئىھتىياجىدىن چىققان.بۇنداق كۆل،كۈپلەرنىڭ سۈيى ئەلمىساقتىن بۇيان ھەقسىز بولۇپ كېلىنگەن.بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشتا يەنە كۆل يېنىدىكى دەرەخ ئاستىغا كارۋات،ئورۇندۇق،كىگىز،تەكىر قويۇپ قويۇلۇپ،كىشىلەرنىڭ ئىختىيارى ئارام ئېلىشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇلغان.بۇنداق جايلاردا يەنە كىچىك تىجارەت يۈرۈشۈپ تۇرۇلغان.بۇنداق ئەمىلىي ئۈنۈم ئالدى بىلەن ئويلىشىلغان بولىشى ھەم ئىھتىمالغا تولىمۇ يېقىن.   قىشتا كۆل يۈزىنى مۈز تۇتۇپ كېتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭ بىر يېرىگە كاچكۆل چىقىرىلغان.كاچكۆللەرنىڭ  ئېغىزى ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە خالىس بىر پىداكار تەرىپىدىن چېقىپ تۇرۇلغان.

  3. كۆللەرنىڭ تارىخى

شىنجاڭدىكى سۇنئى مەھەللىۋىي كۆللەرنىڭ تارىخى خىلى يىراق دەۋرلەرگە بېرىپ تۇتىشىدۇ.بۇنى بىرىنچىدىن، قەدىمكى ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن مەھەللىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە فونكىتسىيىلىك رولى، ئىككىنچىدىن،خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كەلگەن ئاغزاكى رىۋايەتلەردىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق دەلىللەشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى رىۋايەتلەردىكى ئوغۇزخان زامانىسىدىلا كۆلنىڭ تەبىئەت ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى ئورنى ھەم رولىغا دىققەت قىلىپ،ئۇنى ئىجتىمائىي تارىخ  ۋە ھاياتلىق ئىكىولوگىيىسى بىلەن چەمبەرچەس باغلاپ شەرھىلەش چۈشەنچىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ تارىخنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان رىۋايەتلىك تارىخى يارىتىش ماھارەتىنى نامايەن قىلغان. مەسىلەن،قەدىمكى تارىخىي ئىپوس«ئوغۇزنامە»دە تەسۋىرلىنىشىچە،پاراسەتلىك ۋە جاسارەتلىك خاقان ئوغۇز ھاياتىدا ئىككى خوتۇن ئالغان بولۇپ،ئۇنىڭ بىرى بىر كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ كاۋىكىدىن چىققان چىرايلىق قىز بولۇپ،ئۇنىڭدىن ئۈچ پەرزەنت كۆرۈپ،ئۇلارغا كۆك،دېڭىز،تاغ دېگەن ئىسىملارنى قويۇپ،ئوغۇز ئېلىنىڭ ئاساسى،ئاۋام خەلق،بودۇن-پۇقرالىق ئىمتىيازىغا ئىگە قىلغان[3].بۇ يەردىكى «دېڭىز»قەدىمكى تۈركى تىلىدا«تەڭىز»دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان بولۇپ،ئۇنىڭ يەنە«كۆل»دېگەن مەنىسىمۇ بولغان[4].بايقال،بالقاش،ئارال كۆللىرى بويىدا ياشىغان قەدىمكى بىر بۆلۈك تۈركى تىللىق قەبىلە-ئۈلۈشلەر،-ئايماق-ئۇلۇسلار دېڭىز بىلەن كۆلنى ئوخشاش مەنىدە قوللانغانلىقى ئىھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەنلىكى دىققەتنىڭ سىرتىدا بولغان ئەمەس.11-ئەسىردە ياشىغان تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرى «كۆل» سۆزىگە يەشمە بەرگەندە ئۇيغۇر خانىنىڭ «كۆل بىلگە خان»،قارلۇق  تۆرەئاغىسىنىڭ«كۆل ئەركىن» دېگەن ئۇنۋانىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان[5]. «شەجەرەئىي تۈرك»[6]،«تەلفىقۇل ئەخبار»[7]قاتارلىق قەدىمكى كىتاپلاردا بولسا«كۆل ئەركىن»نىڭ توققۇز ئۇيغۇر (ئوغۇز)خانىنىڭ ئاتامانىنىڭ ئۇنۋانى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن. بۇ قەدىمكى ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ قاغان،چوڭام-ئاتامانلارنىڭ شان-شۆھرەت،ھەيۋىتى ۋە بىلىم-پاراسىتىنىڭ كۆلدەك يوغان،چەكسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكنىڭ شاراپىتى دەپ بىلىشكە مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرىدۇ.دىمىسىمۇ مەھمۇد كاشغەرى«بىلگە»سۆزىنى ئىزاھلىغاندا مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلغان:«بىلگە-ئاقىل... بۇ سۆز ‹بىلگە بەگ›دەپ ئەرلەرنىڭ ئېتىمۇ بولۇپ كىلىدۇ.بۇ ‹بىلىملىك بەگ›دېگەن بولىدۇ.ئۇيغۇر خانى‹كۆل بىلگەخان›دەپ ئاتىلاتتى.بۇ ئەقلى سۇ يېغىلغان يەرگە،يەنى كۆلگە ئوخشاش كەڭ دېگەنلىك بولىدۇ.شۇنىڭدەك ئەقىللىق كىشى ‹بۆگۈ بىلگە›دەپ ئاتىلىدۇ»[8]. بۇلار قەدىمكى تارىختىن قالغان ئىنتايىن ئاز،بىراق تولىمۇ ساز بولغان تەۋەررۈك ئۈچۈرلار جۈملىسىگە تەئەللۇقتۇر.      

     كاشغەر شەھەر ئىچى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەردە كۆللەرنىڭ تۇتقان ئورنى بىر قەدەر مۇھىم بولۇپ،شۇلارنى مىسال قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى سۇنئى كۆللەرنىڭ تارىخى ۋە فۇنكىتسىيىلىك رولى ھەققىدە توختىلىشقا بولىدۇ.كاشغەر شەھەر ئىچى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى كۆللەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ،بۇ بىرىنچىدىن،ۋاستىلىك يازما ماتىرىياللار، ئىككىنچىدىن، ئارخىولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ۋە قېزىلما ماتىرىياللار، ئۈچىنچىدىن، ئاغزاكى تارىخ،يەنى تارىخىي رىۋايەتلەر ئارقىلىق دەلىللىنىشكە قادىر بولالايدۇ.مانا مۇشۇنىڭغا مۇناسەۋەتلىك ئەھۋاللارغا قارىغاندا ،كاشغەر ئەتراپىدىكى كۆللەرنىڭ بەزىلىرىنى ئاز كەم مىڭ يىللىق تارىخى بار دېيىشكە بولىدۇ.مەسىلەن،كاشغەر شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدا،سۇتۇق بوغراخان مازىرى، يۈسۈپ قادىرخان غازى غوجام مازىرى(يەنە شۇ ئورۇندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى)،قاراخان پادىشاھىم مازىرى،ئۇنىڭغا يانداش ئارىسلان بۇغرا قاراخان مازىرى،ھۈسەيىن پەيزۇللا غوجام مازىرى،قۇدبىدىن ئەلا غوجام مازىرى،سۇلتان سەنجىر مازى غوجام مازىرى،سەئىد ئەلى ئارىسلانخان مازىرى،قىلىچ بوغراخان مازىرى،ئوسمان بوغراخان مازىرى،سىدىق بۇغراخان مازىرى،ئابدۇللا بۇغراخان مازىرى،بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرى قاتارلىقلارنىڭ يېنىدا يېقىنقى يىللارغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن مەخسۇس كۆللەر بولغان.بۇ مازارلار مىلادىيە 850-1212-يىللىرى مەۋجۈت بولغان قاراخانىلار خانلىقى زامانىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇلارنىڭ يېنىدا بولغان كۆللەرمۇ ئەشۇ دەۋر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى كېرەك،  ئەلۋەتتە.تەزكىرىلەرگە ۋە يېقىنغىچە تارقىلىپ كەلگەن ئاغزاكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا،قاراخانىلار خانلىقى 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇدۇن(خوتەن) بۇددىستلىرىغا قارشى جىھات قىلغاندا، ئۇرۇشتا قۇربان بولغان سانغۇن،ئىماملارنى ئاساس قىلىپ،ئۇلار قەيەردە قۇربان بولغان بولسا شۇ يەرگە دەپنە قىلىش بىلەن بىرگە،بۇغراخان سانغۇنلىرى،جىھاتقا دالالەت قىلغۇچى داڭدار ئىماملارنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا يەنە مەخسۇس كۆل چاپتۇرۇپ،مەسچىت سالدۇرۇپ،ئولتۇراق ئۆي بىنا قىلدۇرۇپ،داۋۇ-دەرەخلەرنى تىكتۈرۈپ ئۇ يەرلەرگە كاشغەر شەھەر ئەتراپىدىن كىشىلەرنى يۆتكەپ ئېلىپ بېرىپ ئولتۇراقلاشتۇرغان.بۇنداق كۆللەر ياكى ئۇلارنىڭ ئىزى يېڭىسار،يوپۇرغا، قارغىلىق، ياركەند، گۇما،قاراقاش، خوتەن، لوپ.چىرا،كىرىيە،قاتارلىق يەرلەردە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقى موھىم ماتىرىياللىق رولىغا ئىگە.  ئۇنىڭدىن باشقا كۇچا،ئۈچتۈرپان، ئاقسۇ،توقسۇ،شايار، باي، كورلا، لوپنۇر، چەرچەن، چارقىلىق، تۇرپان، توقسۇن،پىچان،قۇمۇل،گۇچۇڭ،غۇلجا قاتارلىق قەدىمكى شەھەر-بازارلار ۋە ئۇلارغا تۇتاش كەتكەن يېزا-كەنتلەردىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە كۆللەر بولغان.


    4. كۆل قېزىشتىكى سەۋەپ

     كۆللەر بىر قانچە خىل يول بىلەن قېزىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ سەۋەپلىرىنى مۇنۇ تەرەپلەردىن كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

  بىرىنچى،كىشىلەر بىرەر يېزا-كەنت،مەھەللە بىنا قىلماقچى بولسا ئالدى بىلەن كۆل قېزىپ،سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئولتۇراق ئۆي، ھويلا-ئارام سېلىشقا تۇتۇش قىلىشقان.

   ئىككىنچى، ئىكىنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچى مەلۇم بىر دېھقان بىر يەرنى نىشانلاپ،ئولتۇراقلاشقىنىدا ئالدى بىلەن شۇ يەرگە بىر كۆل قېزىپ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆي-ماكان ھازىرلىقىغا كېرىشكەن.

  ئۈچىنچى، يەرلىك ياكى مەركىزىي ھۆكۈمەت مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆرتەڭ-لەڭگەر بىنا قىلىپ،كىشىلەرنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۈپەيلىدىن ئالدى بىلەن ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت مەبلىغىنى ئاجرىتىپ كۆل قازدۇرغان.

  تۆرتىنچى،پۇل،مال-مۈلك تېپىپ بېيىغان ئادەملەر خەلق ئاممىسىغا،جەمىيەتكە بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش مەخسىدىدە ئۆز يېنىدىن پۇل،يەر چىقىرىپ،كۆل  قاتارلىق ئاممىۋىي قۇرۇلۇشلارنى ئىشلىگەن.

  بەشىنچى،بىر قىسىم مۇسۇلمان ئاممىسىى ھاجى-ھەرەم قىلىپ كېلىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلىپ،مەلۇم سەۋەپ بىلەن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسا،ھەج سەپىرىگە ئاتىغان پۇل-بىساتىدىن بىر قىسمىنى ئاممىۋىي كۆل ياساش ئىشىغا سەرپ قىلغان.

  ئالتىنچى،بىراۋنىڭ ئاتا-ئانىسى،بالاغەتكە يەتكەن يەنى نارەسىدە پەرزەنتى تاسادىپىي ئۆلۈپ كېتىپ،شۇ ئادەم ھەسرەت-نادامەت چېكىپ قاتتىق ئارماندا قالغان بولسا،مەرھۇملارنىڭ بۇ دۇنيادىكى گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت بولۇپ،ئۇ دۇنيادا جەننەتكە بېرىشىنى تىلىپ مەبلەغ چىقىرىلىپ كۆل قېزىلىپ،جامائەتنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلغان.

   يەتتىنچى،بەزى كۆللەرنى جامائەت ئورتاق ئىشلىتىش ئۈچۈن كۆللىكتىپ ئەمگەك قىلىش ھىسابىغا پۈتتۈرگەن.جىسمانىي ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى يوقلار ئەمگەك جەريانىدا جامائەتكە تاماق،ئۇسسۇلۇق تەييارلاش ئىشىنى بېىجىرگەن.تازىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بەرگەن.

    5.كۆل قېزىش جەريانى

   مەھەللىيسۇنئىي كۆللەرنى قازغاندا مەيلى شەخسىي مۇددىئا بىلەن قازدۇرۇلسۇن،مەيلى كوللىكتىپ بىر پىكىرگە كېلىنىپ قازدۇرۇلسۇن،ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ئورۇن تاللىنىپ،بىر قازان ئېسىلىپ،قوي سويۇلۇپ،قان قىلىنىپ،ئاخۇنۇمنىڭ يىتەكچىلىكىدە دۇئا-تەگبىر ئوقۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىش باشلانغان.بۇنداق كۆللەرنىڭ ئەمگىكىنى كۆللىكتىپ تەڭ قىلىشقان.بىراۋ پۇل،يەر چىقىرىپ كۆل قازدۇرغاندا ئىشلەمچىلەرگە ھەق بېرىلىپ رازى قىلىنغان.بۇنداق كۆللەر جامائەتنىڭ ئىختىيارىغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇنى ئاسراش،قايتىدىن رىمۇنت قىلىش ئىشىنى بولسا يەنىلا جامائەت ئورتاق كۈچ چىقىرىپ قىلىشقان. يەنى كۆل باشتىن-ئاخىر جامائەتنىڭ مۈلكى ھىساپلىنىپ كېلىنگەن.ئۇنىڭ ئىشىغا خالىس قاتنىشىلغان.بۇ جەرياندا ھەق بېرىش،ھەق ئېلىش مەسىلىسى مەۋجۈت بولمىغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئىشنى قىلغانلاردا مىننەت قىلىش،زارلىنىش خاھىشى قەتئىي بولمىغان.يەنە تېخى بۇنداق ئىشنى ئىشلەش بىر خىل ساۋاپلىق ئىش،ياخشىلىق قىلىش دەپ قارلىپ كېلىنگەن.  

    كۆللەرگە سۇ تولۇقلاش،كونا سۇنى چىقىرىپ،يېڭى سۇ كىرگۈزۈش ئىشىنى شۇ مەھەللىدىكى بىرەر پىداكار خالىس قىلىپ تۇرغان. سۇ تولۇقلاش ئىشى قەرەللىك يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان.يېڭى سۇ باشلىنىپ،كونا سۇنىڭ ئايىقى چىقىرىۋىلىتىشى لازىم بولۇنغان.

   قىشتا كۆل يۈزىنى مۇز تۇتىۋىلىپ،كاچكۆل قېزىش ئىشى بولغاندا بەزىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ مۈز تۇتقان كاچكۆلنىڭ يۈزىنى چوقۇۋىتىپ تۇرغان.يەنە تېخى بۇنداق قىلىشنى بىر خىل ساۋاپلىق ئىش دەپ قارىغان.بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، تاڭ سەھەردە كاچكۆلگە خىزىر ئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكىلى كىلەرمىش،شۇڭا ئۇ كىلىشتىن بۇرۇن كاچكۆل يۈزىدىكى مۇزنى چوقۇۋىتىپ سۇ يۈزىنى ئېچىۋەتكەن ئادەم ساۋاپقا ئىرىشىپ،ئامىتى ئوڭدىن كېلىپ،ئىشلىرى يۈرۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇرمىش.

    6. كۆللەرنىڭ ئەمىلىي ۋە فولكلورلۇق رولى

ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭدىكى بوستانلىقلار قۇرغاق،يېرىم قۇرغاق جايلار بولۇپ،ئۇ يەرلەردە بۇلاق ئاز ساندا بولغان،ئاھالىلار رايۇنى دەريا-ئۆستەڭلەردىن يىراق،تەبىئىي كۆللەرمۇ ئاھالىلار ئولتۇراق رايۇنلىرىدىن يىراقتا بولغان.ئۇنىڭ ئۇستىگە شىنجاڭدىكى دەريا-ئۆستەڭلەر پەسىللىك خاراكتىرىگە ئىگە بولۇپ،يازدا سۇ مول،قىشتا سۇ يوق،يەنە تېخى يازنىڭ بەزى ئايلىرىدا سۇ كۆپ،بەزى ئايلىرىدا سۇ ئۆكسۈكچىلىكى كۆرىلىپ تۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن،قىشتا قاتتىق سوغۇق بولغاچقا دەريا-ئۆستەڭلەرگە قېلىن مۇز تۇتۇپ كېتىپ،ئاھالىلارنىڭ سۇ ئېلىپ ئىشلىتىش قىيىن بىر ئىش ھىساپلانغان.تېخىمۇ مۈشكۈلى شۇكى،قېرى،ئاجىزلار ۋە قىز-ئاياللار ئېرىق-ئۆستەڭلەردىن بىۋاستە سۇ ئېلىپ ئىشلىتىشتە ھىمىشەم قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭدىكى مۇتلەق كۆپ دەريا-ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيى لاي-لاتقىلىق بولۇپ،بىۋاستە ئېلىپلا ياكى بىر قانچە سائەت ئىچىدىلا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.ئۇنى چوقۇم تىندۇرۇپ ئاندىن ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.كۆلدە تىندۇرۇلغان سۇ سۈزۈك،پاكىز بولىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى كەڭ يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيى ئىستىمالى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئاندىن ئومۇملاشتۇرۇلغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاھالىلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر ئىچىدە كۆل بولۇش ئەلمىساقتىن بۇيان كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل تۇرمۇش ۋاستىسى  بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ھاياتلىقنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.ئۇنىڭسىز تىرىكچىلىكتىن سۆز ئېچىش بەسى-مۈشكۈل بىر ئىش ھىساپلانغان.

     كۆل سۈيىدىن پايدىلانغاندا قاپاق،سوغا(ياغاچ چىلەك)، قاڭالتىر چىلەك، ئىۋرىق،چۆگۈن،كوزا قاتارلىق سايمانلار بىلەن قولدا ساڭگىلىتىپ ياكى ئەبگەش(لەڭلەڭ)،تاياق بىلەن توشۇشنى ئاساس قىلغان.ئۇيغۇر رايۇنلىرىدا كىشىلەرنىڭ سۇنى كوزا،قاپاقلارغا ئېلىپ بېشىدا كۆتۈرۈش ئىشى بولمىغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇ ئېلىنغان قاپاق،سوغا،يام(ياغاچ تۇڭ)لارنى ھايۋانلارغا ئارتىپ توشۇش ئەھۋالى بولسا بەك ئاز بولغان.ئاز ساندىكى چەت-يىراق يەرلەردە ئولتۇراقلاشقانلار،شەھەرلەرنىڭ ئىچكىرى  كوچىلىرىدا تۇرىۋاتقانلار ،قىشتىكى سۇ قەھەتچىلىكىگە يولۇققانلار بولسا قاپاق،تۇلۇم،ياغاچ يام(تۇڭ)لارغا قاچىلانغان سۇلارنى ئۇلاغلار(يۈك توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ھايۋانلار)غا،ھارۋىلارغا ئارتىپ تۇشۇپ ئىچكەن.ئومۇمەن،ئۇيغۇر جەمىيىتىدە 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئېقىن سۇغا قارىغاندا كۆل سۈيىنى ئىستىمال قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.

   كۆل سۈيى بىر مەھەللە،بىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىمالى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان.بىر مەھەللىدىكى كۆلگە مۇبادا بۇلغانغۇچى نەرسە،ياكى ھايۋانلارنىڭ تاپى قاتارلىقلار چۈشۈپ كەتكەن بولسا،ۋە ياكى كۆل سۇيى تۈگەپ كېتىپ قالغان بولسا،يۇرتداشلار ھىچبىر قورۇنماستىن قوشنا مەھەللە-كەنتتىكى كۆللەرگە بېرىپ،سۇ ئېلىپ كېلىۋەرگەن.بۇنىڭغا ھىچقانداق ئادەم كاشىلا پەيدا قىلمىغان.ئۇنىڭ ئەكسىچە،مەھەللە-كەنتلەر ئارا ئالاقە،ئىناقلىق بارغانسىرى كۈچىيىپ بارغان.تېخى يەنە بۇ خىل ئەۋال كېزى كەلگەندە بالاغەتكە يەتكەن بەزى قىز-يىگىتلەرنىڭ تىپىشىشىنىڭ،كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىشىنىڭ ئوبدان پۇرسىتى  بولۇپ  قالغان.

   شىنجاڭدىكى سانسىزلىغان سۇنئى كۆللەر تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ كۈندىلىك ۋە دائىملىق سۇ ئىستىمالىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ۋە ھەمكارلىق،ئۆملۈك-ئىناقلىقنى كۈچەيتىشتە ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۈرۈش بىلەن بىرگە،جەمىيەت مۇقىملىقى،تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز ھالدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.مەسىلەن،مۇتلەق كۆپ سانلىق كۆللەرنى قېزىشقا ئالاھىدە مەبلەغ سېلىش شەرت قىلىنمىغان.يەنە كۆل قېزىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىرچىلىق پەيدا قىلىنمىغان.ئۇنىڭ بەزىلىرىنى پۇلى بارلار ئۆزلىكىدىن قازدۇرغان بولسا ،بەزىلىرى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن قېزىلغان.كۆل بويىدىكى ئاھالىلار ئىچىملىك سۇدىن غەم قىلمىغان،يىراقلاردىن،دەريا-ئۆستەڭلەردىن سۇ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن سەرپ بولىدىغان ئەمگەك تىجەپ قىلىنغان.قەھرىتان قىش،جۇدۇن-چاپقۇنلۇق،قار-بورانلىق  كۈنلەر،شىۋىرغانلىق قاراڭغۇ تۈنلەردە كۆرىلىش مۈمكىن بولغان ھەر خىل ھادىسىلەرنىڭ ئالدى ئېلىنغان. ئۆكسۈكچىلىك،ئاچارچىلىق،تەپرىقىچىلىق،قۇرغاقچىلىق،ئاپەتلىك كۈنلەر ۋە ئايلاردا  ئاھالىلار ئاممىۋىي كۆل سۈيىدىن بولسىمۇ ئازادە،كەڭ-كۇشادە پايدىلىپ،ئۇسسۇزلىقىنى، سۇغا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كۆزىدىكى ئۈمىد نۇرىنى خىرەلەشتۈرىشكە،بەللىرىنىڭ بىۋاقىت مۇكچىيىپ كەتمەسلىكىگە ئالدىراپ كەتمىگەن.  

   ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى سانسىزلىغان سۇنئى كۆللەر:بىرىنچىدىن،ئولتۇراق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان يەرلىك كىشىلەرنىڭ،شۇنداقلايولۇچىلارنىڭ،سەپەرقىلغۇچىلارنىڭ،سەيلىچىلەرنىڭ،كارۋانلارنىڭ،تىجارەتچىلەرنىڭ،نامازخانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سۇغا بولغان ئىھتىياجىنى ھەل قىلىپ كەلگەن؛ ئىككىنچىدىن،ئائىلە چارۋىلىرىنىڭ سۇغا بولغان تەلىپىنى  قامداپ كەلگەن؛ئۈچىنچىدىن،شۇ ئەتراپتىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ،ئۇچار-قۇشلارنىڭ سۇغا بولغان تەلىپىنى قامدىغان؛تۆرتىنچىدىن،شۇ مەھەللە،شۇ كەنتنىڭ كۆل بويىدىكى ئۆسۈملۈكلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ، موھىتنى ياخشىلاپ ، ھاۋانى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلگەن.بەشىنچىدىن،نەملىكنى ساقلاپ،قۇرغاقلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان.يازدىكى پىژغىرىم ئىسسىق ئايلاردا ھاۋانى سالقىنلىتىش رولىنى ئوينىغان. ئالتىنچىدىن،كۆللەر بالىلارنىڭ قىشلىق تەنتەربىيە ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشتە رولى بولغان.مەسىلەن،قىشتا كۆللەرنىڭ يۈزىگە مۇز تۇتىدىغان بولغاچقا،بالىلار ئۇنىڭ ئۈستىدە مۇز تېيىلىش،سىپانجە قويۇش،پىلدۇرلىغۇچقا ئوخشاش بالىلار ئويۇنلىرىنى ئويناش قاتارلىق تەنتەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.بۇ ئارقىلىق بالىلارغا كۆڭۈللۈك،ئازادە،جۇشقۇن بەدەن چېنىقتۇرۇش،ئىرادىسىنى تاۋلاش،ئۆملۈك،كۆمەك- ئاداشلىق رىشتىنى چىڭىتىش،ئىجتىمائىيلىقنى كۈچەيتىش،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى تەييارلاپ بېرىلگەن.يەتتىنچىدىن،بەزى كۆللەرنىڭ يېنىدا بازارلار شەكىللەنگەن بولۇپ،قەرەللىك يوسۇندا مال ئوبوروتىبولۇپتۇرلغان،سەككىزىنچىدىن،بەزى كۆل بويلىىدا ،قەرەللىك يوسۇندا ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرى،مەسىلەن،مەدداھلىق-ۋايىزلىق، ھۆكمەت ئوقۇش قاتارلىقلار بولۇپ تۇرۇلغان.توققۇزىنچىدىن،كۆل بويلىرى قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىدىغان،مۇھەببەتلىك كۆڭۈل رىشتىنى باغلايدىغان،ئىشقىي مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغان تەلپۈنۈشچان،سىھىرلىك سورۇنگاھ بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا مۇنداق قوشاق تارقالغان:

            قاپاق تېرەك ئالدىدا،

            ھويلاڭ بارمىدى يارىم،

            سۇغا چىقسام مارايسەن،

           كۆڭلۈڭ بارمىدى يارىم[9].

  كۆل سۈيى سۈزۈك،تىنغان،ئارىغسۇ-پاكىز سۇ دەپ قارالغان،يەنە  ئېقىن سۇ بىلەن تولدۇرۇلغان سۇ ئەركەك سۇ دەپ قارىلىپ،بۇنداق سۇ سالامەتلىكگە پايدىلىق دەپ ھىساپلانغان.20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە يېزا-سەھرا كىشىلىرى كۆل سۈيىنى خام پېتى ئىستىمال قىلىپ كەلگەن ھەم سوغۇق سۇ ئىچىپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان،يەنە سۇ ھارغىنلىقنى تۈگىتىش،مىجەزنى تەڭشەش،يۈرەكنى ياشارتىش،بۆرەكنى تازىلاش،تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش،مىجەزنى تەڭشەش رولىغا ئىگە دېگەن چۈشەنچىدە بولۇنغان.شىنجاڭدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر ئارىسىدا كۆللەرنىڭ سوغۇق سۇيىنى ئىچىپ بەرگەنلەر كۆپ بولغان.نىكاھنىڭ بۇزۇلماسلىقى،ئىشەنچ -ئەقىدىنىڭ سۇسلاشماسلىقى قاتارلىقلاردا كۆل سۇيىنىڭ ۋاستىچىلىق رولى چوڭ بولغان.يىگىت-قىزلارنىڭ نىكاھ پەتىسىگە تاۋاققا ئېلىنغان كۆل سۈيى تەييارلانغان.

  كۆل سۈيى خام پېتى ئىشلىتىلىپ قالماستىن،بەلكى يەنە بەزى جايلاردا، قىشتا مۇز تۇتۇلغاندىن كېيىن،ئەتىياز كىلىشى بىلەن مۇزلارنى كەسلەم قىلىپ ئېلىپ مۇزخانىلارغا قاچىلىۋىلىپ،ياز كىرىشى بىلەن تەڭ بازارلاردا دوغ تەييارلىنىپ،خېرىدارلارغا سېتىلىپ ئىستىمال قىلنغان.يازدا دوغ ئىچىپ بەرسە مىجەز تەڭشىلىدۇ،ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ،يۈرەكنى ياشارتىدۇ،قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرىدۇ دېگەن چۈشەنچىلەر كەڭ تارقالغان.

    كۆلنىڭ لېيىنى كۇلالچىلار ساپال بويۇملارنىڭ خام ماتىرىيالى قىلىپ ئىشلەتكەن.يەنە ئائىلىلەردە تونۇر سالغاندا بۇ خىل قۇرۇتۇلغان لاينى شور،سامان،يۇڭ قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ تونۇرنىڭ يۈزىنى تەييارلاشقا ئىشلەتكەن،بۇ خىل كۆل لېيى قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن سېغىز دەپ ئاتالغان.بۇ خىل سېغىز كاكىل لايغا ئارلاشتۇرۇلۇپ يەنە ئۆي قۇرۇلىشىدا تاملارنى سۇۋاش ئىشىغىمۇ ئىشلىتىلگەن؛ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل سېغىزچالما بوۋاقلار تۇغۇلغاندا قولتۇق،چاتىرىقىنىڭ يىرىقلىرىنى ئۇپىلايدىغان ئۇپىلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن،يەنە بوۋاقلارنىڭ قىرىقى تولغاندا قىرىق سۈيى تەييارلاپ يۇيۇش ئۈچۈن ئەشۇ سېغىز چالما يەرلىك سوپۇن ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.

   تارىختىن بۇيان مەھەللىي سۇنئىي كۆللەرنىڭ ئىجتىمائىي فولكلورلۇق  قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ كېلىنگەن.مەسىلەن،ھەر بىر ئائىلىدە سۇغا بولغان ئىھتىياج يۇقۇرى ۋە دائىملىق بولغانلىقى ئۈچۈن،ئائىلە ئەزالىرى سۇ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى نەچچە قېتىم كۆلگە بېرىشقا توغرا كەلگەن.بىر كۆلدىن،بىر يەردىن،بىر كاچكۆلدىن سانسىز قېتىملاپ تەڭ سۇ ئېلىش جەريانىدا،قۇلۇم-قوشنىلار،مەھەللىلىكلەر ئارىسىدا دائىم دوقۇرۇشۇپ، كۆرۈشۈپ تۇرۇلغان،سالام-سائەت قىلىپ تۇرۇلغان،تىنچلىق سوراپ تۇرۇلغان،بىر-بىرىنىڭ ئىز-دىرىكى قىلىپ تۇرۇلقان.بەزىدە كۆل بويىدا بىردەم-يېرىمدەم توختاپ پاراڭلىشىپ،ھالمۇڭدىشىپ،پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.قىرانيىگىتلەرنىڭ،چىچەنئوغۇللارنىڭ،ئىشچانقىزلارنىڭ،تەمبەلئاياللارنىڭ  قېرىلار،  ئاجىزلار،كىچىكلەرنىڭ سۇ ئېلىشىغا،ئۆيىگە ئېلىپ كىرىشىگە يارىلىشىپ-ھەمكارلىشىپ تۇرۇش ئادىتى ئۈزۈلمەستىن داۋاملىشىپ تۇرۇلغان،بۇ ئارقىلىقيالغۇزلۇق،تەنھالىقنىئەسراسىبولۇپقالماستىن،بەلكىئىجتىمائىيلىقنىڭ،كوللىكتىپچانلىقنىڭ،ئۆم-ئىناقلىقنىڭ تەسىرى مەڭگۈگە، ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا  داۋاملىشىپ كېلىشكە ئىمكانىيەت يارىتىلغان،بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە خاس بىر خىل كۆل مەدەنىيىتى ھادىسىسىى شەكىللەندۇرۈلگەن.

7.كۆل مەدەنىيىتى ۋە ئاغزاكى ئەدەبىيات  

كۆل ئۇيغۇرلارنىڭ ئىكىولوگىيە چۈشەنچىسى ۋە جەمىيەت تارىخى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تارىختىن بۇيان كۆل مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك باي ئاغزاكى ئەدەبىيات ھادىسىسى يارىتىلىپ،كۆل مەدەنىيىتىنىڭ فولكلورلۇق قىممىتىنى ئاشۇرغان.ئاغزاكىئەدەبىياتتىن  كۆلگە مۇناسىۋەرلىك مۇنداق قوشاقلارنى ئۈچرىتىشقا بولىدۇ:                       

  باغدىكى بولجا تېرەكنىڭ ،                            كۆل بويىدا ئۆيىڭىز،

       سايىسى كۆلگە چۈشەر.                                ئۆي تۈۋىدە ئۈجمىڭىز.                           

      بىزنى كۆيدۈرگەن خېنىمنىڭ،                         ئۆمۈرلۈك يار دەپ قويۇپ،

      ھاجىتى كىمگە چۈشەر[10].                                تاشلىۋەتكەن ئۆزىڭىز[11].


         بازار كۆلنىڭ بويىدا،                             كاككۈكۇم كاككۈك ئېتەدۇر،

     قاتار تۇرغن تېرەكلەر،                            ئېگىز تېرەك باشىدا.

     شۇ مېھرىبان يارىمغا،                           يارىم شەرەت قىلادۇر،

     بىر قانمىغان يۈرەكلەر[12].                        ئوردىنىڭ كۆل باشىدا[13].                              


    كۆل بېىشغا سۇغا چىقتىم،                     قولياغلىقىم كۆلگە چۈشتى،

    تۇمارنى ئېسىپ.                                 بۇلبۇل كۆتۈرۈپ ئۈچتى.

    ئەجەپ خۇشخۇي ئولتۇرۇپلا،                      سەن كۆيسەڭمۇ،كۆيمىسەڭمۇ،

    كىتاپنى ئېچىپ.                             مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا چۈشتى[14].


    ئېرىقتىكى لاي سۇنى،                         كۆلگە سۇنى باشلىسام،

    كۆلگە باشلىماڭ يارىم.                       كۆلمۇ لاي،كۆلچەكمۇ لاي.

    ئەقلى-ھۇشىڭىز بولسا،                       يارىم خاپا بولۇپتۇ،

    بىزنى تاشلىماڭ يارىم.                       كۆڭلىنى قانداق ئالاي[15].


   بىزنىڭ باغدا كۆلچەكتە،                       كۆل بويلايسەن،كۆل بويلايسەن،

   مۇز توڭلاپتۇ ئەينەكتەك.                       ياغلىق چىگىپ بېشىڭغا.

   قاچانغىچە يۈرىمىز،                             قاراپ قويماي كېتەرسەنمۇ،

   كاككۇك بىلەن زەينەپتەك.                    باشلاپ قويغان ئىشىڭغا.

  كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ،                           سۇغا چىققۇم كېلىدۇ،

  نوگاي بىلەن سۇ ئىچكەن.                       سوغا ئېلىپ قولۇمغا،

   يايرىم بىلەن ئولتۇرۇپ،                         كۆل بويىدىن ئايرىلسام،

   كەچ كىرگىچە سۆزلەشكەن.                    كېتەلمەيمەن يولۇمغا.


   كۆلگە ئاتسام ئالمىنى،                         ئاق-تىرەكۇ،كۆك تېرەك،

   تۇتىۋالما قولۇڭدا،                              كۆل بويىغا ياراشقان.

كېچە-كۈندۈز تەلمۈرۈپ،                        يايرىم كېيسە دوپپىنى،

       قاراپ تۇرۇدۇم يولۇڭغا.                           قۇلۇم-قوشنا قاراشقان[16].


    ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە كۆلگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇتېفلار بولۇپ،ئۇلار قەدىمكى تەبىئەت ئىتىقادچىلىقى زامانىسىدىكى سۇنى مۇقەددەس بىلىش،سۇنى ئۇلۇغلاش قارىشىنىڭ ساقىندىسى بولىشى ئىھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكلى بىلەن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن. مۇنداق مۇتېفلارنىڭ بىرىنچى خىلىغا«ھېزىم بىلەن جادۇگەر»،«پەرىزات قىز»چۆچەكلىرىدە ئىپادىلەنگەن ۋەقەلىكلەر كىرىدۇ،ئۇنىڭدىكى ھىكايەت بويىچە بولغاندا،كەپتەر سىياقىدا ئۇچۇپ كەلگەن پەرىزات قىز بىر كۆلگە يۇيۇنغىلى كېلىدۇ.باش قەھرىمان خىزىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن پەرىزات قىزنىڭ كىيىمىنى يوشۇرۇپ قويىدۇ.شەمى-ھايا ۋە گۈزەللىكنىڭ تىمسالى بولغان پەرىزات قىز كىيىمىنى قايتتۇرىۋىلىش شەرتى بىلەن يىگىتنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قلىپ،ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ.بەزىدە ئۇنىڭ ھالال جۈپتىگە ئايلىنىدۇ[17]. ئىككىنچى، باش قەھرىمان خىسلەتلىك كۆلنىڭ(بەزى چۆچەكلەردە كۆل بۆرىنىڭ سىماسى)سۈيىنى ئېچىپ قويۇپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ياكى كىيىككە ئايلىنىپ قالىدۇ.يەنە شۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئېچىپ ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ«يېرىل تېشىم،يېرىل»چۆچىكىدە مەركەزلىك يوسۇندا ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ.[18]. ئۈچىنچى، باش قەھرىمان كۆلنىڭ ئاستىدىكى سۇ ئاستى شەھەرلىرىدە ياكى تىلسىملىق سارايلاردا ھەرىكەت قىلىپ،ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ «تەدبىرلىك پادىشاھ»چۆچىكىدە مەركەزلىك يوسۇندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن[19].

  8. كۆل ۋە كۆل سۈيىنى ئىشلىتىشتىكى بەزى پەرھىزلەر

   كۆللەردىن ئۆيلەرگە سۇ ئېلىپ كېرىش ئىشىنى ئاساسەن ئاياللار بىجىرگەن.بۇنداق بولىشى،كۆللەر ئائىلىلەرگە يېقىن بولۇپ،قاپاق،سوغا،چىلەك،ئىۋرىق،چۆگۈن قاتارلىقلار بىلەن سۇ ئېلىپ كىرىش جاپالىق ئىش ھىساپلانمىغان.ئىككىنچىدىن،ئائىلىگە سۇ ئېلىپ كىرىش ئائىلىنىڭ ئۇششاق ئىشى،تۆشۈك ئىشى دەپ قارىلىپ،بۇنداق ئىشلارنى قىلىش قىز-ئاياللارغا خاس دېگەن چۈشەنچە بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن.ئۈچىنچىدىن،ئەرلەر كۆپ ھاللاردا سىرتتا يۈرۈپ،ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولغاچقا،ئائىلىگە سۇ ئېلىپ كىرىش ئىشىنى دائىم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن،ئاندا-ساندا قىلىنغان بۇنداق ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈنمەسلىك،ئادتلەنمەسلىك،يەڭگىل ئىش دەپ كۆزگە ئىلماسلىق،سۇ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا ئۇرۇق-تۇققان،قوشنا-خۇلۇملار كۆرۈپ قالسا ئۇياتلىق ئىش بولىدۇ دىگەنگە ئوخشاش بىر قاتار فىئوداللىق،مەھەللىي،ئەنئەنىۋىي،خۇراپىي قاراشلارنىڭ تەسىرى قانداقتۇر بىر خىل ئائىلىۋىي مىزان ، مەھەللىي چەكلىمىلىك،خۇراپىي رامكا  سۈپىتىدە ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن.ۋاھالەنكى،يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ،ئەر-ئاياللار بارابەرلىكىنىڭ تەكىتلىنىشى بىلەن ئوغۇل بالىلار،ئەرلەرمۇ چىلەك،سوغا،چۆگۈن كۆتۈرۈپ كۆللەردىن سۇ ئېلىپ كىرىش ئەھۋالى بولغان.ئەمما بۇنداق بولۇشقا يەنىلا ئۇزۇن جەريان كەتكەن.ھەتتا سۇ تۇربىسى ئومۇملاشقندىن كېيىنلا بۇ جەھەتتىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەر ئاساسەن ھەل بولۇشقا باشلىغان.كونا جەمىيەتتە،چوڭ شەھەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەردە يەنە كۆلدىن ئائېلىگە چىلەك-سوغا بىلەن سۇ ئېلىپ كېلىشتە يۇقۇرى-تۆۋەنلىك پەرقى بويىچە ئىش كۆرىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان.مەسىلەن،كۆپلىگەن ھاللىق ئائىلىلەر،بولۇپمۇ شەھەر-بازارلاردىكى بايلار،ھاللىق ئائىلىلەردە مەيلى قىز-ئاياللار بولسۇن،مەيلى ئۇغۇل بالىلار،يىگىتلەر بولسۇن سىرتقا چىقىپ كۆلدىن چىلەك بىلەن سۇ ئېلىپ كېلىشنى بىر خىل تۆۋەن دەرىجىلىك ئىش،پەس خىزمەت دەپ قارالغان.بۇنداق ئائىلىلەر مالاي،دېدەك،ئۆي خىزمەتچىسى،يىتىم-يېسىرىلار ئارقىلىق سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.ياكى مەخسۇس سۇ توشۇپ جان باقىدىغان ئەبكەشچىلەر تەمىنلىگەن سۇنى ئىستىمال قىلغان.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن،بەزى يەرلەردە تورۇببا سۈيى ئومۇملاشقاندىن كېيىن  بۇنداق دەرىجە پەرقى تەدرىجى يوقۇلۇپ،كۆلدىن سۇ ئېلىپ كېلىشتە ھەممە ئادەم بارابەر بولۇشتەك بىر خىل ئادەت بارلىققا كېلىشكە باشلىغان.

        كىشىلەر ئارىسىدا،بەزى كۆللەر تەڭرىلەر،ئۇلۇغ كىشىلەر ياكى خاسىيەتلىك(خىسلەتلىك) كىشىلەر تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان دەپ چۈشەندۈرۈلىدىغان قاراشلارمۇ ساقلىنىپ كېلىنگەن. مەسىلەن،ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدىكى بۇغدا كۆلى تەڭرى كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇ تەڭرى تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان دېگەن رىۋايەتكە ئاساسەن تەڭرىكۆل دەپمۇ ئاتالغان. كاشغەر تەرەپلەردە ئافراسىياپ،سۇتۇق بۇغراخان بىنا قىلغان كۆل دەپ قارىلىدىغان كۆللەر بولغان.كاشغەر ۋىلايىتىگە تەۋە پوسكام ناھىيىسىنىڭ كۈيباغ يېزىسىدىكى جىگدەجاي دېگەن يەردە ھەزرىتى ئەلىنىڭ دۇلدۇلىنىڭ تاپىنىنىڭ ئىزىدىن بىر بۇلاق پەيدا بولۇپ،شۇ بۇلاق سۈيىدىن كۆل ھاسىل بولغان دېگەن رىۋايەت تارقالغان[20]. كاشغەر شەھرىگە يېقىن نەزەرباغ يېزىسىنىڭ ھەزرەت كەنتىدىكى ئاپپاق خوجام مازىرى يېنىدا شەربەتكۆل،چوڭكۆل دەپ ئاتىلىدىغان   كۆللەر بولۇپ،ئۇ بىر دىيىلىشتە ئاپپاق خوجامنىڭ كارامىتى بىلەن ئاپىرىدە بولغان دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.بۇنداق كۆللەرنىڭ سۇيى شىپالىق سۇ،ئىچكەن ئادەمگە داۋا بولىدۇ،ساۋاپنى ئالىدۇ،دېگەن ئەقىدە تارقىلىپ يۈرگەن.يەنە كۆل بويىدىكى قېرى دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقى چىش ئاغرىقىغا داۋا بولىدۇ،بېلى ئاغرىغانلار يۆلىنىپ ئولتۇرسا ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ،قېرى دەرخنىڭ ئاستىدىكى كونا،قەدىمىي كۆلنىڭ سۈيى تۈغماسلىقنى داۋالايدۇ،دېگەنگە ئوخشاش قاراشلار قويۇق ساقلانغان.


    9. كۆللەرنىڭ تازىلىقى

      كۆل سۈيىنى كىشىلەر ئىستىمال قىلىدىغان بولغاچقا،ئۇنىڭ تازىلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر يۈرۈش يەرلىك،مەھەللىي ئادەت-يوسۇنلار ساقلىنىپ كېلىنگەن. يەنى كۆللەرنىڭ تازىلىقى ۋە پاكىزلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.مەسىلەن، كۆللەرنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنى داۋاملىق ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆللەرنىڭ ئېچى قەرەللىك يوسۇندا چېپىلىپ،رىمۇنت قىلىنىپ تۇرۇلغان.سۇ سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولغان ھامان يېڭى سۇ باشلىنىپ،كونا سۇنىڭ ئايىغى چىقىرىۋىتىلىپ تۇرۇلغان.ئەتىيازدىكى مۇز ئۈستىدىن يىغىلىپ،توپلىنىپ قالغان ئاخلات-چاۋارلار،كۈز پەسلىدە يېغىلىپ قالغان تال-چىۋىق پارچىلىرى،غازاڭ-غۇزۇڭلار ئېلىۋىتىلىپ،لەش پەيدا قىلغۇچى ئۆسۈملۈكلەر ئېرىغدىلىپ،تېگىدىكى ئەخلەت-چاۋارلار ئادالىنىپ،ئەتىيازلىق ۋە كۆزلۈك سۇ باشلانغان. كۆلگە سۇ كېرىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە يۈندە،ئەخلەت تۆكۈش،تاپلارنى تاشلاشتىن قاتتىق ئىھتىيات قىلىنغان.يەنە كۆل سۈيىدە بىۋاستە مال-چارۋا سۈغۈرۈش ۋە پىچىش(پىشىش)تىن ئىھتىيات قىلىنغان،كۆل ئەتراپىدا كىر-قات يۇيۇش،كەلسە-كەلمەس نەرسە تاشلاش،تۈكۈرۈش،كۆلگە يېقىن جايغا ھاجەتخانا سېلىش،كۆلگە قاراپ تۈكۈرۈش،يالاق ياكى سۈپۈرۈندىلىك سېلىش گۇناھلىق ئىش ھىساپلانغان. كۆلگە سۇ باشلىنىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەرمۇ قەرەللىك چېپىلىپ،تازىلىنىپ تۇرۇلغان.كۆللەردە بىۋاستە قول-يۈز،پۇتلارنى يۇيۇش،ياكى يۇيۇنۇش،تاھارەت ئېلىش،كىر يۇيۇش،قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇش،بىتارەت كۆلدىن سۇ ئېلىش،سۇغا پۇت-قولىنى چىلاش،كۆل سۈيىگە بىۋاستە چۈشۈش ئەدەپسىزلىك،ھەتتا گۇناھلىق ئىش دەپ قارالغان.

   كۆل ئەتراپىغا سۆگەت دەرىخىنى كۆپرەك تىكىپ ئۆستۈرۈشتىكى سەۋەپ،موھىتنى ياخشىلاش،مەھەللە ئىچىدە يېشىلچىلىق بەرپا قىلىش،كۆل سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىنى ئازايتىش قاتارلىق تەرەپلەردە رولى بولغاندىن باشقا،سۆگەتنىڭ يىلتىزى ۋە يۇپۇرماقلىرىنىڭ كۆل سۈيىنى تازىلاش،زەھەر سۈمۈرۈش،زەھەرلىك مەددىلارنى ئۆلتۈرۈش رولىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىپ يېتىلگەنلىكتىن بولغان.

   10.كۆللەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەپ

   مىڭ يىللاپ رولىنى غايەت زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ،جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىگە كۈچ قوشۇپ كەلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى سۇنئىي مەھەللىي كۆللەر 2000-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تەدرىجى يوسۇندا ئوز رولىنى يوقۇتۇشقا يۈز تۇتماقتا.بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ مۇنۇلاردىن ئىبارەت.

   بىرىنچى،تۇرۇبا سۇيىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن كىشىلەر ئائىلىلەرگە ئېلىپ كېرىلگەن پاكىز،قولاي تۇرۇبا سۇيى ئىشلىتىشكە يۈزلىنىپ،كۆل سۈيىگە بولغان بېقىنىشىنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتكەن.

  ئىككىنچى،مۇھىتنىڭ بولغىنىشى بىلەن تەبىئىي،پاكىز ئېقىن سۇلار ۋە ئۇنىڭدىن مەنبەگە ئىگە بولغان كۆل سۈيى بولسا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان.

  ئۈچىنچى،كىشىلەرنىڭ پاكىزلىككە بولغان تونۇشىنىڭ ئۆسۈشى،سالامەتلىكىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ،ئۇلار بولغانمىغان، پاكىز،تەبىئىي،كۆلنىڭ خام سۇيىنىمۇ ئىستىمال قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان.

   تۆرتىنچىدىن،بىر قىسىم كىشىلەر خام سۇ ئىچمەكچى بولسا دەريا-ئۆستەڭ ۋە كۆل سۈيىنى ئەمەس،بەلكى پوتۇلكىغا قاچىلانغان مىنىرال سۇنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدىغان بولۇپ قالغان.

   بەشىنچى،خەلقارا موھىتنىڭ تەسىرى بىلەن تورلاشقان تىرورچىلار ۋە بىر قىسىم رادىكال ئۇنسۇرلار زەھەر تاشلىۋىتىشى مۈمكىن دەپ قارىلىپ، دەريا-ئۆستەڭلەر،كۆللەرنىڭ سۈيىنى ئىستىمال قىلىشتىن ئىھتىيات قىلىنىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىپ قېلىنغان.

   ئالتىنچى،بازار ئىگىلىكىنىڭ تىزلىشىشى،ئۇچۇر ئېڭىنىڭ ئۆسۈشى،رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن بىر مۇنچە ئادەملەر ئالدىراش خۇسۇسىي ئىش-ئوقەت،ئەمگەككە بېرىلىپ كېتىپ،ئومۇمنىڭ كۆللىرىنى رىمۇنت قىلىش،ئاسراش،ئۇنىڭغا سۇ باشلاش ئىشىنى قىلىدىغان پىداكارلار ئازىيىپ كەتكەن ياكى پەقەتلا قىلىدىغان ئادەم بولمىغان.

  يەتتىنچى ،بەزى كىشىلەر بىر ئۆتكۈنچى پۇرسەتتىن،يەنى خۇسۇسىي ئىگىلىكنى تىز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇشتەك ھەركەتتىن پايدىلىنىپ،ئەسلىدىكى كۆل ئورنىنى ئىگىلىۋىلىپ،خۇسۇسىي ئۆي-جاي،باغ قىلىۋىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.   

   سەككىزىنچى،ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ،ياكى باشقا ئىجتىمائىي ئورگانلارنىڭ مەھەللىي سۇنئىي كۆللەرنى ساقلاپ قېلىش،ئاسراش توغرىسىدا ھىچقانداق چارە-تەدبىرلىرى بولمىغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنداق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىش توغرىسىدا بىرەر ئويلىنىش ياكى پىلاننى تۈزىدىغان ئىش تېخىچە كۈن تەرتىپكە قويۇلمىغان.

   يىغىنچاقلاپ ئىيتقاندا،بىر قانچە مىڭ يىلدىن بېرى كىشىلەرنى پاكىز،سۈزۈك،ھالال سۈيى بىلەن تىنىم تاپماي تەمىن ئېتىپ،ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا،ئىكىولوگىيىنىڭ تەڭپۇڭلىشىپ تۈرىشىغا بىر ئۈلۈش ھەسسىنى مىننەتسىز قوشۇپ كەلگەن كۆل-كۆلچەكلەر 20- ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن بىردىنلا«قۇرۇتلاپ كەتكەن»(كۆل سۈيى) دېگەن قالپاقنى كېيىپ،مەينەتچىلىكنىڭ،پاسكىنىچىلىقنىڭ،ئىپلاسچىلىقنىڭ،  يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىپ،نەپرەتنىڭ،قارغىشنىڭ،ئاھانەتنىڭ ئوبىيىكتىغا ئايلىنىپ قىلىپ،ئادالەتسىز مۇئامىلىگە دۇچار بولماقتا.ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان يازغۇچىسى ئەختەم ئۆمەر «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»ناملىق پوۋىست يېزىپ،ئۇلۇغ ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ھالال سۈت بەرگەندەك زامانلاردىن بۇيان شىرىن-شەربەتلىك سۈ بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن مەھەللىي كۆللەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشنى بەدىئىلىك يوپۇقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇشقا جۇرئەت قىلغان بولسىمۇ،پەرۋاسىز قارالماقتا،بۇ خىل ئەھۋال كىشىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ.سەمىمىيەت چاپىنىنى سالدۇرىۋىتىپ،تۈزكورلۇق تونىنى كىيدۈرىدۇ.تارىخنىڭ ئەينەنلىكىگە داغ چاپلىتىدۇ.ھەقىقەت ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋىتىلىدۇ.بۇخىل ناھەقچىلىقنى ئەلۋەتتە تۈزىتىش لازىم.بۇرمىلىنىپ كېتىلگەن كۆز قاراشنى ئوڭشاش كېرەك.شۇنداق قىلىنمايدىكەن،تارىخنىڭ لەنىتىگە قالىمىز،ۋىجدان سوتى قەلب دۇنيارىمىزنى ئۆرتەپ ئارام بەرمەيدۇ.ئۆتمۈشنىڭ ھەممىە نىمىسى قاراڭغۇ جاڭگال،ئاھانەتلىك تارىخ دېگەن چۈشەنچىدىن قۇتۇلالمايمىز.

  11. كۆللەرنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئۇسۇل-چارىلەر

   قانداق قىلغاندا شىنجاڭ ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىدىكى مەھەللىي سۇنئىي كۆللەرنى،ھىچ بولمىدى دېگەندە بىر قىسمىنى بولسىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەپ،بىرىنچىدىن،كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كۆللەرنىڭ رولىغا بولغان تونۇشىنىڭ سۇسلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاممىۋىي تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىشلەش لازىم.ئىككىنچىدىن،ئىلمىي ئورگانلار تەكشۈرۈش ،تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ،كۆلنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي رولىنى يەنىمۇ ئىلگىلىگەن ئاساستا يورۇتۇپ چىقىش كېرەك. ؛ئۈچىنچىدىن،ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى چارە-تەدبىر قولىنىپ،مىزان-بەلگىلىمە تۈزۈپ،كۆللەرنى ساقلاش،ئاسراش،قوغداش ئىشىنى يولغا قويۇش،تۆرتىنچىدىن،دەريا-كۆللەر،ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ پاكىزلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

    خۇلاسە

     شىنجاڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە شەھەر-بازارلاردىكى كۆللەرنىڭ كۆپچىلىكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ،يېزا-كەنتلەردىكى كۆللەر بولسا 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۆز رولىنى يوقۇتۇشقا يۈز تۇتقان.لېكىن بىر قىسىم يەرلەردە ھىلىھەم رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرىۋاتقان مەھەللىۋىي كۆللەرنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.مەسىلەن،2010-يىلى ئەتىياز پەسلىدە قەشقەر شەھرى ئەتراپىدا يامغۇر ئاپىتى تۈپەيلىدىن،خېلى كۈنلەرگىچە توك توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ۋە ئاھالىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى قېيىنچىلىققا ئۇچرىغان.بۇنىڭ بىلەن بىر قانچە يىللار تاشلىنىپ قالغان كۆللەر قايتىدىن تازىلىنىپ،ئۇنىڭغا پاكىز ئېقىن سۈيى قاچىلىنىپ،ئەۋەلقىدەكلا ئىستىمال قىلىنغان.دېمەك،بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،يەرلىك كۆللەرنىڭ  خىزمىتى ئەخىرلاشمىغان.شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاچان تۈگەيدىغانلىقىغا ھازىرچە بىر نىمە دېيىش تەس بولسىمۇ.بىراق،زۆرۈرىي رولىنىڭ ئاخىرلىشىۋاتقانلىقى كۆزگە كۆرىنىپ قالغان ئەمىلىيەت بولۇپ تۇرماقتا دېگەن پىكىرنى ئىيتىشقا بولىدۇ.

   سۇنئىي مەھەللىي كۆللەر شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش تارىخىدا ناھايىتى موھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن.ئۇ يەنە باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭنىڭ ئىكولوگىلىك موھىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش،ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سۇغا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش،نەملىكنى ساقلاش،ھاۋانى سالقىنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىمۇ چوڭ بولغان.مانا مۇشۇ جەھەتتىن بولسىمۇ بۇنداق كۆللەرنى ساقلاپ قېلىش لازىم ئىدى.بولۇپمۇ ئاسىيا چۇڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزىي ھىساپلانغان شىنجاڭدەك قۇرغاق رايۇنلاردا كۆللەرنىڭ كۆپ بولىشى ھەر تەرەپلىمە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ،ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا ھەرقانداق نەرسە باسالمايدۇ،ئەلۋەتتە.بۇ ئاددى ماقالىدا نەچچە ئون يىللىق كۈزىتىش،تەكشۈرۈش،دەلىللەش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر مەھەللىي سۇنئىي كۆللىرىنىڭ تارىخى،رولى،ھازىرقى ئەھۋالى،كەلگۈسى تەقدىرى،فولكلورلۇق قىممىتى توغرىلىق قىسقىچە ئەسلەتمە خاركتىرلىك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلدى.بۇنىڭدىن مەخسەت،مەھەللىي سۇنئىي كۆلدىن ئىبارەت بۇ  بىر خىل فولكلورلۇق ۋە مەدەنىيەت ھادىسىسى توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى كىڭەيتىش،ئىلمىيلاشتۇرۇش،ئىلىم سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ،ئىلمىي خادىملارنى خەۋەرلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.ئاخىرىدا كەڭ ئىكولوگىيە   خادىملىرىنىڭ بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.

              پايدىلىنىش ماتىرىيالى

Iجۇڭگو ماتىرىياللىرى

1،«شىنجاڭنىڭ قىشقىچە تارىخى»،1-قىسىم،ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن،1984-يىلى نەشرى.

2،«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيىسى» (谢香方等编《新疆维吾尔自治区经济地理》)،شيى شياڭفاڭ قاتارلىقلار تۈزگەن،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىستىتى نەشرىياتى 1996-يىلى نەشرى.

3،سۇبېيخەي«غەربىي يۇرتنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى»(苏北海《西域历史地理》)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىستىتى نەشرىياتى 1988-يىلى نەشرى.

4،ليۇجىژشاۋ«ئۇيغۇر تارىخى»،مىللەتلەر بەشرىياتى 1986-يىلى نەشرى.

5،«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»،«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى يېزىش گورۇپپىسى يازغان،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990-يىلى نەشرى.

6،ئابدېكېرىم راخمان،رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا،شېرىپ خۇشتار«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»،شىجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996-يىلى نەشرى.

7،يۈتەيشەن مەسئۇللىقىدا يېزىلغان:«غەربىي يۇرتنىڭ ئومۇمىي تارىخى»( 余太山主编《西域通史》,中州古籍出版社) ،جوڭجۇۋ قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى،جىڭجۇۋ، 1996-يىلى نەشرى.

8،ساۋخۇڭ«ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى»(曹红《维吾尔族生活方式》)،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىسىتىتى نەشرىياتى 1999-يىلى نەشرى.

9،ئابدۇشكۈر مۇھەممەد ئىمىن«قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2002-يىلى نەشرى.

10،خې يۆگۇاڭ«شىمالىي دىلارنىڭ يىلتىزىنىڭ تارىخى» 何光岳著《北狄源流史》 ,江西教育出版社)  ) ،جياڭشى مائارىپ نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى。

11،غالىپ بارات ئەرك«كرورەننىڭ سىرى»،شىنجاڭ ىەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى.

12،غەيرەتجان ئوسمان«قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىستىتى نەشرىياتى 2007-يىلى نەشرى.

13،غەيرەتجان ئوسمان«ئۇيغۇر خەلق ئىتىقات مەدەنىيىتى ھەققىدە»،دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات تۈرىگە كىرگۈزىلگەن،2007-يىلى تاماملانغان.

14،يىنچىڭ«يىپەك يولى ۋە غەربىي يۇرتنىڭ ئىقتىسەدى» (殷晴著《丝绸之路与西域经济》,中华书局,2007年,北京)جۇڭخۇا نەشرىياتى2007-يىلى نەشرى،بېيجىڭ.

15.海热提江·乌斯曼《维吾尔族Yat巫祝的观念初探》,《青海民族研究》,2007年第1期。

16.海热提江·乌斯曼《维吾尔人与水》,《首届“干旱半干旱地区水、生态系统与可持续发展”国际会议》的论文,،打印稿,2006年9-15日,乌鲁木齐。

17.帕蒂曼、刘伟《回忆涝坝水》,《新疆经济报》2009年5月21日,02.

18.ئەنۋەر مەتسەيدى«تېرەك،كۆل ۋە مەنىۋىيەت»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»2009-يىلى 5-سان.

Iچەتئەل ماتىرىياللىرى

19،«قەدىمكى جۇغراپىيەشۇناسلىق»،سابىق سوۋېت ئىتتىباقىلىق س.م.غ.ونارىسكىي يازغان، ([前苏]波德纳尔斯基编《古代的地理学》商务印书馆1986年)شاڭۋۇ نەشرىياتى 1986-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

20،سۇڭتيەنشوۋنەن«قەدىمكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى ھەققىدە تەتقىقات»([日]松田寿年《古代天山历史地理学研究》)،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى 1987-يىلى نەشرى.

21،«ئۇيغۇرلارنىڭ قىشقىچە تارىخى»،قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى باشچىلىقىدا يېزىلغان،قازاقىستان پەن نەشرىياتى 1991-يىلى روسچە نەشرى،بۇنىڭدىن ئۇيغۇر سايرانىنىڭ تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى«ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى تۇركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخى»ناملىق توپلامغا كىرگۈزىلىپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2000-يىلى نەشر قىلىنغان.


ABSTRACT

There were some 100,000 man-made watering holes in the original neighborhood structures of the suburbs, towns, and villages in which the Uyghur people throughout Xinjiang congregated and settled down.  From ages long ago through the end of the 20th century, these watering holes provided the people with drinking water, water for other daily needs, and water for livestock. Other roles they played were those of being everyday gathering points for communication between people and centers where children engaged in games and activities. From this perspective they have had substantial value, both ecologically and in terms of folklore, and thus meet the requirements of being worthy of research and of being placed on the table of scientific discussion.  In this essay the material and cultural value of this type of watering hole will be briefly discussed.




[1]  بۇ ماقالا 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 5-10-كۈنلىرى ئىراننىڭ تېھران،يەزد  شەھەرلىرىدە ئېچىلغان «قۇرغاق،يېرىم قۇرغاق رايۇنلارنىڭ سۇ،ئىكىولوگىيە سىستىمىسى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات خەلقارا ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى»

(Water,Ecosystems and Sustainable Development in Arid and Seme-arid Zones, Scientific secreto) دا ئوقۇلغان  ھەم 2008 -يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇردا ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە تىللاردا ئىلان قىلىنغان.  


[2] م.كاشغەرى«دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك» 1-توم،185-،504-،505-بەتلەر، ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى نەشرى.


[3] «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇرنامە»گە قارالسۇن،گىڭ شىمىن،تۇرسۇن ئايۇپلار تەييارلىغان، مىللەتلەر نەشرىياتى،1980 -يىلى نەشرى،بېيجىڭ.


[4] م.كاشغەرى«دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك»148-بەت،ئىندىكىس،فاكسىمىل،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىلى نەشرى.


[5] م.كاشغەرى«دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك»148-بەت،ئىندىكىس،فاكسىمىل،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىلى نەشرى.


[6]   ئوبۇلغازى باھادىرخان«شەجەرەئىي تۈرك» 34-بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى.


[7]مىراد رەمزى«تەلفىقۇل ئەخبار»،ئورىنبۇرگ،1911-يىلى باسمىسى؛«ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى» (3)، 167-بەت، غ.ئوسمان تەييارلىغان،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1998-يىلى نەشرى.


[8] م.كاشغەرى«دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك»1-توم،558-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى نەشرى.


[9] «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار-7»(ئابدۇللا سۇلايمان تەييارلىغان)،258-بەت،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى 2006-يىلى نەشرى،


[10] «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار-7»(ئابدۇللا سۇلايمان تەييارلىغان)،264-بەت،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى 2006-يىلى نەشرى،


[11]  «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار-7»(ئابدۇللا سۇلايمان تەييارلىغان)،300-بەت،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى 2006-يىلى نەشرى،


[12]  «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار-7»(ئابدۇللا سۇلايمان تەييارلىغان)،254-بەت،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى 2006-يىلى نەشرى،


[13]   «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار-7»(ئابدۇللا سۇلايمان تەييارلىغان)،178-بەت،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى 2006-يىلى نەشرى،


[14]  «ئاقسۇ نەزمىلىرى»(تۇنىياز مەتنىياز  تەييارلىغان)،348-بەت،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1993-يىلى نەشرى،


[15] «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار-7»(ئابدۇللا سۇلايمان تەييارلىغان)،230-بەت،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى 2006-يىلى نەشرى،


[16] بۇ قوشاقلارنى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە قورغان يېزا يۇقارقى قازىرىق كەنتىدىن ئابدۇرېھىم ئەيسا،ئوسمان قاسىم،ئۆمەر قاسىملار 1974-يىلى 11-ئايدا ئىيتىپ بەرگەن.


[17]  «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»13-قىسىم،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشرى 437-بەت؛ «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»8-قىسىم،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىلى نەشرى 280-بەت.


[18] «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»1-قىسىم،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىلى نەشرى 391-بەت.


[19]  «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»1-قىسىم،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىلى نەشرى 54-بەت.


[20]   1991 -يىلى 8-ئايدا پوسكام ناھىيىسى ئاقتام يېزا جىددىجاي(جىگدەجاي)لىق 100ياشلقا كىرگەن رەخمىتۇللا شەيخ دېگەن كىشىنىڭ ئىيتىپ بېرىشىچە: مەھللىدىكى سوقىكۆل ئەسلى ھەزرىتى ئېلىنىڭ ئېتىنىڭ تۇۋىقىدىن چىققان بۇلاق سۈيىدىن ھاسىل بولغان ئىكەن.شۇڭا ئۇنىڭ سۈيى شىپالىق سۇ دەپ قارىلىدىكەن.


تورغا يوللۇغۇچى :خوجا نىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن)   

«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى 《ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدا  ئىلان قىلىنغان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-11 06:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 09:27:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىكەن، خوجىنىياز مۇئەللىمنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17578
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7894
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 3047 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 11:14:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ياخشى يېزىلغان تېمىكەن.
     مۇشۇ سۇ ئېكىلوگىيەسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ،ھازىر يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائىتى قۇرۇلۇشىدىكى «سۇ سىڭمەسلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ ،يۇرتلىرىمىزنىڭ ئېكىلوگىيەسىنى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 12:48:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ  ئاخىرى تۈگىدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 07:58:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 12:53:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ كىچىگىمىزدە چوڭلاردىن ئاڭلايدىغان «سۇغا سىيسەڭ يامان بولىدۇ،سۈيدۈك يولىڭغا جاراھەت چىقىدۇ»دىگەن پەندى نەسىھەتلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار .مەن ئىسىمنى بىلسەم مەھەلىمىزدە(ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرى شاڭگاڭ بازىرى)بىر كۆل بولىدىغان ،بىز شۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچەتتۇق.تومۇز كۈنلىرى كۆل بويىدا چوڭلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتۇق .
كىيىنچە مەھەلىمىزدە نوپۇسنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن كۆل سۈيى بۇلغىنىپ ئىشلىتىشتىن قالدى ،كىيىن ئائىلىلەرگە قودۇق قېقىپ باسما قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىستىمال قىلدۇق،90-يىللارغا كەلگەندە دەسلەپكى قەدەمدە ئائىلىلەرگە تۈربا سۈيى كىرىپ تەدىرجى ھەممە ئائىلىلەرگە ئومۇملاشتى .لىكىن يەنىلا ئىلگىرىكى شۇ كۆللەرنىڭ ئاپتاپ كۆرگەن سۇلىرىغا يەتمەيدۇ.
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن مۇئەللىم .بىزدىكى ئۇنتۇلۇپ كىتىپ بارغان ھەم ئۇنتۇلۇپ كەتكەن تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى قايتا ئەسلەتكىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 12:19:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىكىمدە شۇنداق بىر كۆل بۇلىدىغان،بىلىق تۇتۇپ سۇغا چۈمۈلۈپ ئوينايدىغان، كۆلدە سۇغا چۈمۈلۈۋېتىپ ئۆلگىلى تاس قالغانتىم...ھەي،،ھازىر يوق.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش