تۈركيار يوللىغان ۋاقتى 2013-11-13 12:08 AM 
ئۆزۈر خاپۇمىسا .... ساراڭ بىلەن تەڭ بولغاندىكىن مەنمۇ س ...
سېلىنى خېلى گەپ چۈشنىدىغان ئىلمىي كىشى دەپ قارايمەن .
بۇنداق دېسەم ئارىغا چۈشۈپ كەلگۈندىگە يېقىنچىلىق قىلۋاتىدۇ دەپ
ئويلاپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن . ئۇ قېرىندىشىمىز بىلەن ئىلگىرى
بىر نەچچە تېمىدا مەنمۇ ئازارلىشىپ قالغان .
لىكىن ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق بولۇنۇۋاتقان گەپلەرمۇ ئاز ئەمەس .
زەمزەم سۈيىنى ئەما كىشىنىڭ كۆزىگە سۈرىتسە كۆزى ئېچىلىدىكەن
زەمزەمنى ئىچسە تاماق يېيىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن ، قۇرساق تويىدىكەن
دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز .
ئاللاھ ئىنساننىڭ راھەت ، ئىھتىياجى ئۈچۈن سۇلارنى ياراتتى .
ئەلۋەتتە شۇ مەككىدىكى بولاق سۈيىمۇ شۇ سۇلارنىڭ بىرىدۇر ...
ئاللاھنىڭ مۆجىزلىرىنى قانداقتۇر ئۆزىمىز كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر بولاق
سۈيىگە باغلاپ پىكىر قىلساقمۇ ، ھەر بىرىمىز ئاللاھنىڭ مۆجىزسى
نىجىس سۇدىن ئىنسانلارنىڭ ئاپرىدە بولۇشى بىر مۆجىزدۇر .
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئېيىتقاندەك : ‹‹ سېنىڭدە ئاللاھ
ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياقتۇرىدىغان ئىككى خىسلەت بار . سەۋىرچانلىق ۋە
كەڭ قۇرساقلىق ›› دەپ ئېيىتقاندەك . ئاسان قايىل بولماسلىق ، چۈشەنمەسلىك
تۈپەيلى باشقىلارنىڭ ئانچىكى سۆزلىرىگە قاراپ بىراۋنى ھاقارەتلەش
مۇسۇلماندارچىلىققا يات قىلمىشتۇر .
بەلكىم بۇ تورداشنىڭ سۆزلىرى بىھۇدە بولسىمۇ ، توردا ئۇنى قايىل قىلغۇدەك
قەلبىنى ئېرىتكۇدەك ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلالماي ئۇنى ھاقارەتلەۋاتقانلارغا
قارىغاندا قەلبىي گۈزەل بولۇشى مۇمكىن .
ئاللاھ بىزنىڭ قىياپىتىمىزدىن بەكرەك قەلبىمىزگە قارايدۇ ئەمەسمۇ ؟
بىراۋنى ئىماندىن ئاجرايسەن ، كاپىرغا چىقىرىش نېمدىگەن قەبىھلىك ...
ئىمان دېگەن ئۇنداق ئاسان ئاجراپ كېتىدىغان ئەسكى ئاياغنىڭ چەمى
ئەمەس .
ئاللاھ ھەقىقەتەن مىھرىبان ، كەڭ قۇرساقتۇر . تەۋبىنى قۇبۇل قىلغۇچىدۇر .
شۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا دەھرىيگە چىقىرىپ ھاقارەتلەيمىز .
پەيغەمبىرىمىز زامانىدا : تالاي كاپىرلار رەسۇلىمىزنىڭ زورلۇق قىلىشى
زۇلۇم ـ ھاقارىتى بىلەن ئەمەس ، ئۇنىڭ ئەخلاق ـ پەزىلىتى ، كەڭ قۇرساق
سەۋىرچانلىقىدىن تەسىرلىنىپ ئىمان ئېيتىپ دىنغا كىرگەن ئەمەسمىدى ؟
بىز باشقىلارنىڭ كىچىككىنە ئەيىب ـ نۇقسانلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىمىزنى ئۇنىڭدىن
ئۆلىما كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ ھاقارەت قىلماسلىقىمىز ، توغرا بولغان قاراش
بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقەتنى تۇنۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز بۇرچىمىزدۇر ...
ئۇلۇغ ئاللاھتىن بىزلەرگە دىندىمۇ ـ پەندىمۇ يېتىشكەن ئۆلىما - ئالىملارنى
كۆپلەپ بېرىشىنى تىلەيمەن ...