ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
ئاداشقان بۇلاڭچى
ھېكايە {1}
ئاي قاراڭغۇسىدا يولىنى تەسىتە پەرق قىلىپ كېتۋاتقان قادىر ئاغېرىق ئازابىدا ئىڭىراپ ئۆيدە ياتقان قىزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش غېمىدە ئۆيگە قاراپ قەدىمنى تېزلەتتى.
ئۇ نەچچە كۈنىدىن بېرى قىزىنى پۇل بولمغانلىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرالمىغان ئىدى.مانا بۈگۈن بىر كۈن ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەستە تۇرالغۇ ئۆينى رەنىگە قويۇپ، پۇل مەسىلىنى ھەل قىلغانىدى.
قادىر چوڭ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلغاندا ئالدىنى يوچۇن بىر كشى توستى.
-توختا!
بۇ قوپال ئاۋازدىن ئاللىقانداق بىر شۇملۇقنى سەزگەن قادىرنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلدى.
-يېنىڭىدىكى پۇلنى چىقار!
-يېنىمىدا پۇل يوق،-دېدى قادىر تترەڭگۈ ئاۋازدا.
-يالغان سۆزلمە،ھېلى بىكار پۇلىنى دەپ جېنىڭىدىن ئايىرىلسەن!- بۇلاڭچى شۇنداق دېدى-دە،قادىرنىڭ گېلىغا خەنجەرنى تىرىدى.قورقۇنۇشتىن ئېسنى يۇقاتقان قادىرنىڭ پۇت-قولدا جان قالمىدى.
-مەن...مەن...مەندە راستىنلا پۇل يوق.
-تولا ۋالاقلىماي پۇلىنى چىقار!-دېدى بولاڭچى خەنجەرنى قادىرنىڭ گېلغا كۈچەپ تىرەپ.
-مانا،پۇلىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ،-دېدى قادىر يانچۇقدىكى پۇللارنى ئېلىپ.قادىر قورقۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇ يەنە يالغان سۆزلىسە بۇلاڭچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋىتىدىغانلىقنى ھېس قىلغانىدى.
بۇلاڭچى قادىرنىڭ تىتىرەپ تۇرغان قولىدىكى پۇلىنى چاققانلىق بىلەن ئالدى-دە،قانداق تىز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تىز كۆزدىن غايىب بولدى. قادىر خۇددىي بىر قاباھەتلىك چۈش كۆرگەندەك تەستە ئېسىنى يىغىدى-دە،دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغلى يۇرۇپ كەتتى.
ئۇ دېلو مەلۇم قىلىپ قويۇپ ئۆيگە كەلگىندە ئايالى قىزنىڭ بېشىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرەتتى.قادىرنىڭ سۇلغۇن چىرايغا قاراپ يۈرىكى بىرەر شۇملۇقنى سەزگەن ئايالى ئېغىز ئاچىتى:
-نېمە بولدى قادىرئاخۇن؟قەرىز ئالالمغان ئوخشىمامىسز؟
قادىر ئېغىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن بولغان ئەھۋالىنى ئايالىغا سۆزلەپ بەردى.قادىرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلغان ئايالى ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى ساقچى ئۆيگە كىرىپ كەلدى.
-سىز قادىر بولامىسز؟
-شۇنداق،نېمە ئىش ؟-دېدى قادىر ياشاڭغۇرغان كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ.
-يېرىم سائەت بۇرۇن پۇلىڭىزنى بولىغان بۇلاڭچى قولغا چۈشتى.دەرھال بىز بىلەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە كىرىپ جىنايەتچىنى تونۇپ بېرىڭ؟!
-ئۇ چاغدا جىنايەتچى يۇزنى نىقلابلۋالغان ئىكەن.مەن تونۇيالماسلىقىم مۇمكىن،-دېدى قادىر شۇ چاغدىكى قاباھەتنى ئەسلەپ.
-شۇنداق بولسىمۇ بىز بىلەن بېرىپ تونۇپ بېقىڭ.
قادىر ساقچىلار بىلەن شەھەرگە يۇرۇپ كەتتى.
-جىنايەتچىنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىڭلار!-دېدى ساقچى باشلىقى قول ئاستىدىكى بىر ساقچنى بۇيرۇپ. ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا كويزا سېلىغان 25ياشلار چامىسىدىكى ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسەكلەڭ كەلگەن،ئادەملىك سىياقنى يوقاتقان بىر جىنايەتچى ئەينەكلىك ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى.جىنايەتچىى بىر كېچە سوراق جەرياندا بارلىق جىنايەتلىرىنى تولۇق تاپشۇرغان بولسىمۇ ئۆزنىڭ يۇرتى،ئائىلىسىنى ئىقرار قىلىمغانىدى.
-قادىرئاخۇن،سېنچلاپ قاراپ باقسلا سىزنى بۇلىغان بۇلاڭچى شۇمۇ؟-دېدى ساقچى باشلىقى تونۇتۇش ئۆينىڭ ئالدىغا قادىرئاخۇننى ئېلىپ كېلىپ.
قادىر سېىنچلاپ قارىدى.جىنايەتچىنىڭ ئۆسەڭلەڭ ساقال-بۇرۇتلار ئاستىدىكى تونۇش چىراينى كۆرۈپ يۈرىكى ‹‹قارت›› قىلىپ قالدى.جىنايەتچى باشقا بىرى بولماستىن سەككىز-ئون يىلىنىڭ ئالدىدا يوقلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆزىدىن رەنجىپ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاپاسىز ئوغلى مۇرات ئىدى...
(ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇتنىڭ 100 ھېكايىسى {1})
2013-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى شەھىرى يەكەننىڭ تاغ تۇراسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-11 11:21 AM