مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8137|ئىنكاس: 87

بىز تىللىمىغان يەنە كىملەر قالدى؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 12:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى :
مۇنبەرگە ئەزا بولۇشتىن ئىلگىرى دائىم مۇنبەر ئارلاپ نادىر تېمىلارنى  يېڭى يېڭى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ كۆڭلۈمنى خوش قىلاتتىم .دېمىسىمۇ مېنىڭدەك بىر ئائىلە ئايالى ئۈچۈن تورغا چىقىشتىنمۇ خوشال ئىش يوق ئىدى.گەرچە تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى چاغلىرىمدەك دائىما كىتاپ ئوقۇيالمىساممۇ بىراق مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى قولدىن بېرىپ باقمىدىم.لېكىن ھەر قېتىم مۇنبەرلەردىكى قىز ئوغۇللار تېمىسىدىكى سۆكۈشۈشلەر،مىللەت توغۇرلۇق ئەيىپلەشلەر،ئاۋال ماختاپ ئاندىن غەيۋەت قىلىشلار،ھەرخىل تېمىدىكى ئۇچۇق خەتلەر(مەن بۇيەردە ئۇچۇق خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ناچار قىلىق دەپ ئەيىپلىگىنىم يوق كۆڭلۈمنى توغرا چۈشەنگەيسىلەر)نى ئوقۇغان چاغلىرىمدا چىۋىن يەۋالغاندەكلا نەچچە كۈنگىچە بىئارام بولۇپ يۈرەتتىم.بەلكىم بۇنداق دېسەم سىلەر مېنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى قەھرىمان بولغۇسى كېلىپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن بىراق كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى لايىق تاپتىم .
بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىرەيلەننىڭ ئەخمەتجان قاسىمى ۋە سۇڭ جىياڭنى سېلىشتۇرۇپ يازغان ئەسىرىنى ئوقۇپ ئۆزۈمچە شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى .چۇنكى ئۇ ئەسەردە ئەخمەتجان قاسىمىنى ئىلگىرى ئاران ئاددى بىر ئاشپەز ئىدى ،ئېلىخان تۆرە قاتارلىق كىشىلەرنىڭ توسۇشىغا قارىماي تىنىچلىق بىتىمى تۈزگەن ۋە ئىنقىلابنىڭ توزۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان دېگەندەك بايانلار بار ئىدى.......ئۇنداقتا خوش،خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان ئاشۇ تۆھپىكارلىىمىزنى ئەيىپلىگۈدەك بىز كىم ئىدۇق؟ئاشپەز بولسا نىم بوپتۇ؟قايسى بىرىمىزنىڭ تېگى تەكتىمىز ئاقسۆڭەك؟تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق دۆلىتىمىز تارىخىدىكى قۇدرەتلىك سۇلالىلەرنىڭ بىرى بولغان مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان جۇ يۇەنجاڭمۇ يەر سۇسىز بىر نامرات دېھقان ئىدى.يەنە قارايدىغان بولساق قىيامەت كۈنىنىڭ شاپائەتچىسى بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ ساۋاتسىز بىر يىتىم ئىدى....بىراق بىز بۇ يەردە يۇقىرى تۆۋەن كىلىپ چىقىشىنى تالىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاشۇ قەھرىمانىمىزنى گورىدا بولسىمۇ جىم ياتقىلى قويمىدۇق ھەتتاكى سۇڭ جىياڭدەك بىر تەسلىمچىگە ئوخشىتىشتىن ئۇيالمىدۇق،سىياسى ساھەدىكى ئىشلارنى بولۇپمۇ ئاشۇ يىللاردىكى سىياسى ھەربىي ئۆزگىرىشلەرنى بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگەن .ئىچكى قىسىمدا قانداق رەزىل ئۇيۇنلارنىڭ ئوينالغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز  ھەر دائىم باشقىلارنى تىللىدۇقيۇ شۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام قانداق قىلاتتىم دېگەننى ئەسلا ئويلاپ باقمىدۇق.دۇرۇس ئۇلارنى تەسلىمچىمۇ دەيلى بىراق تۆھپىسى بولمىسىمۇ ئەجرى بار ئەمەسمۇ؟ئاشۇلارنىڭ شۇنداق قۇربانلىقلىرى بولغاچقىلا بىزنىڭ ھازىرقىدەك بەختىيار كۈنلىرىمىزبولغان .ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسمۇ يە؟ھازىرقىدەك شارائىت تۇلۇق پۇرسەت كۆپ دەۋىردە ئانچىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىساقلا  بۇرۇنقىلاردىن كۆرۈپ قاقشاپ كېتىمىز بىراق ھېلىغۇ بالىلىرىمىزغا ئۆگىتىش ئەمەسكەن ھەتتا ئۆزىمىزمۇ مىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى ئەسلىمىزنىڭ كىملىكىنى بىرەسى سورىسا قورقماي جاۋاپ بېرەلمەيمىزغۇ دەيمەن.مېنىڭچە ئاۋال ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلەپ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز يارىغۇدەك ئادەم بولۇپ ئېشىپ قالغان ۋاقتىمىزدا ئۇلارنى تىىللىساقمۇ كېچىكمەيمىزغۇ دەيمەن ھە ؟
يەنە قايسى بىر كۈنلەردە رەجەپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيدىكى ئىش ئىزلىرى توردا كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋېدى ھەممىمىز ئۇ كىشىنى بەس بەستە ماختىشىپ كەتتۇق ئىشلىرىغا بەركەت تىلەپ ھەتتا ئىنكاسلىرىمىزدا دۇئامۇ قىلىشقان بولدۇق،ئىسلام دۇنياسىدا يۈز يىلدا بىر چىقىدىغان ئەركەك دەپ كۆككە كۆتىرىپمۇ ئۈلگۈردۇق،ئەمدىكى نەچچە ئايدا تۇركىيە ۋەزىيتىدە يەنە ئۆزگىرىش بولىۋېدى بىرلا يۇمىلاپلا ئۇنى كۈندۈزى يوغان گەپ قىلغىنى بىلەن كېچىسى يەھۇدىلار بىلەن كېلىشىم تۈزىدۇ دەپ غاجاشقا چۈشۈپ كەتتۇق.......قانداقلا بولمىسۇن ئىسلام دۇنياسىدا ئۇنداقلارنىڭ چىقمىقى ئاسان ئەمەس نىيتىنى ئاللاھ بىلەر ،ئاسانلىق بەرسۇن دېمەكتە يوق تىللىرىمىزنى غەيۋەت بىلەيلىرىدە بىلەپ ئىلگىرى قىلغانلىرىنى يوققا چىقاردۇق.دىيارىمىزدىكى ھەتتاكى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈپمۇ قويمايدىغان بىخۇد ئادەملىرىمىز ئەمدىلەتىن سىياسى ساھەدىكى ئىشلاردا خۇددى مۇخبىرلاردەك، ھەتتا ئۇكىشىلەرنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىدىغاندەك كۈندۈزىمىۇ چىراق كۆتىرىۋالىدىغان بولۇپ سەزگۈرلىشىپ كەتتى.......يەنە مۇنبەرلىرىمىزدە ئۇچۇق خەتلەر كۆپىيىپ قانداقتۇ تەنقىدى تەكلىپ پىكىرلەر ئارقىلىق شەخىسنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تۈزىتىدىغان،گەپنىڭ سەتىنى قىلساق غەيۋەت تۈسىنى ئالغان خەت-چەكلىرىمىز مەيدانغا كېلشكە باشلىدى.شۇ ئوچۇق خەتلەرنى ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا ئويلاپ قالاتتىم،توۋا،نەچچە مىليۇن ئادەملەر كۆرىدىغان توردا دەۋالمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى يېقىن تونۇشلىرى يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆزگىرىپمۇ قالاتتى ھە؟
تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ(مەمتىمىن ھۇشۇرغا ئۇچۇق خەت )دەيدىغان بىر ئەسىرى بولىدىغان. بەلكىم مۇنبەرداشلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇپ باققانلار بولىشىمۇ مۇمكىن.مېنىڭچە ئۇچۇق خەت دېگەن ئەنە شۇنداق بولسا ئاندىن ئەھمىيىتى بولغان بولىدۇ دەپ قارايمەن.ھازىرقى بەزى ئوچۇق خەتلەرنىڭ تىغ ئۇچى ئىنىقلا غەيۋەت تۈسىنى ئالغان،كىشىنى سۇندۇرۇپ بەرگىلى ئارانلا تۇرغان ...............
ئەمدى گەپنىڭ مېغىزىنى دېسەم سۈيۈملۈك قېرىنداشلىرىم،كىمىكى بىر قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدىكەن  ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائاللاھ قىيامەت كۈنى ئاشۇ كىشىنىڭ ئەيبىنى ياپىدۇ،تىللاشمايلى ئانچىكى بىر سەۋەنلىكلەر ئۈچۈن ،ئۆزىمىزمۇ ئېنىق بىلمەيدىغان مۇجىمەل ئىشلار ئۈچۇن ئۆز-ئارا كايىشىپ غەيۋەت ئامبىرىغا ئايلىنىپ قالمايلى،چۇنكى غەيۋەت زىنادىنمۇ يامان ،پەيغەنبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ غەيۋەت قىلغان ئادەمنىڭ قاتتىق قەبرە ئازابىغا قالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.بەلكىم بۇنداق دەپ كەڭ تورداشلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ قويغان بولىشىم مۇمكىن بىراق سالماقلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق ھەر قېتىم تېما ۋە ئىنكاس يازغاندا بىلىپ بىلمەي غەيۋەتلەرگە قوشۇلۇپ قالمايمەن دېيەلمەيمىز........
قىسقىسى ھەركىم ئۆزىگە ئادەم ،ئاللاھ تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرىدۇ،ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ،ئاللا كەچۈرگەنلەرنى بىزنىڭ كەچۈرمەسلىككە ھەققىمىز يوق بىھۇدە تىللاشقا تېخىمۇ ھەققىمىز يوق
مەنبە:ئۆز خىياللىرىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-10 03:04 PM  


ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 03:33:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ شۇنداق، تىرىك بولسا توردا، ئۈلۈك بولسا گوردا دىگەندەك،
گەپ قىلمىسا ئۇنى بىرەسى گاچا دىمەيدۇ ، مۇشۇ مىسرانىم مۇنبىرىدىمۇ مەخەتكامنىڭ يازغان بىر ياخشى شئېرىنىمۇ سۆكۈپ تېخىل تىللاپ كەتكەنلەرمۇ بار ، زىتىغا ياقمىسا ئىنكاس يازمىسىمۇ بۇلىدىغۇ . ئۈزى قىلالماي قىلغانلارنى ياراتماي ... توۋا دەيمەن بەزىدە .

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10310
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2987 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 03:45:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر-بىرىمىزنىڭ يېغىرىنى تاتلىغىلى ئاران تۇرىدىغان  ، ئازغىنە پايدىنى كۆرسە ۋاي دەپ شۆيلىگەيلىرى ئېقىپ كېتىدىغان ، بولمىسا يۈزىنى ئۆرۈپلا يامان گېپىنى قىلىدىغان ، قۇساقتا ئۇماچنىڭ تاينى يوق ئۇستاتلىق قىلىدىغان ساختا «ھاجىم » ساختا بىلەرمەنلەرنى خېلى كۆردۈم مەن ( قىسقىسى مېنىق ياتىقىمدىمۇ بار ) ..... مەنمۇ غەيۋەت قىلغان بولۇپ قالماي، ئاشۇنداقلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن . كۆڭلى قارنىمىز كەڭ ، ئۇچۇق يۇرۇق بولايلى .....

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 04:25:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تىما  يوللاپسىز.تورداشلارنىڭ سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80386
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 542 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 04:48:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى يېزىپسىز، رەھمەت سىزگە!
بۇ مەزمۇنلارنى كۈرىۋېتىپ، بىر باشلىقىمىزنىڭ يىغىن ۋاقتىدا «ئۆزىنىڭ قۇڭى پوق يۇقى تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ تۇپا يۇقۇپ قالغان يىرىنى ئەيىپلەيدىغانلار ئاۋۋال ئۆزىنى بىلىشى كىرەك» دىگەن سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم.

ئەيىپ- نوقسانلارنى ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن ئىزلەڭ، غەيۋەت قىلماڭ، ئاچچىقىم كىلىپ قالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99246
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 04:53:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كاللىدا ھەر خىيال ،10مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ پىكىرىنىڭ بىر يەردىن چىقىشى ناتايىن

ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99246
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 04:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قوشۇلىمەن

ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8397
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 05:20:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى ئاكىمىزنىڭ ئۇستىدىن ھىلىھەم نۇرغۇن گەپلەر بولۇندى .ئەمما بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قەھرىمانىمىزغا مەنسۇب بولالمايدۇ .ئۇ توغرىسىدا نۇرغۇن گەپلەر دىيىلدى ، بىراق ئۇنى ئەخمەتجان قاسىمى ئاكىمىز دىمىگەن . پەقەت دەۋىرىمىزدىكى كىشىلەر «ئىيتقان ».
  بىراق نىمە دىسە دەۋەرسۇن .رەببىمىز ئالدىدا چوڭ نىئىمەتكە ئىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82472
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 05:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99236
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 523
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 05:35:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ياخشى يېزىلغان تېما ئىكەن. ئەخمەتجان قاسىم بىلەن سوڭجاڭنى سېلىشتۇرۇش ئىنسان ئەخلاقىغا ياتمايدۇ. چۈنكى سوڭجاڭنىڭ نىيىتى باشتىنلا تەسلىم بولۇش ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمنىڭ نىيىتى بولسا تېگىدىنلا پۇرسەتنى پىشىپ يېتىلدۈرۈش ئىدى. بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇش تامامەن زىت ئەھۋال. مەن ئۇ تېمىنى كۆرمەپتىمەن.
    رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تىللايدىغانلار ھازىرمۇ بار. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلسا ئەردوغاننىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بىرەلمەيدۇ. چۈنكى ئەردوغاننىڭ 10 يىلدا قىلغىنىنى باشقا پارتىيەلەر 80 يىلدىمۇ قىلالمىغان ئىكەن. بۈگۈنكى دۇنيادا كىشىلەر سۆزلىگەنگە ئەمەس، ئەمىلى نەتىجىسىگە قاراپ باھا بىرىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش