ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ
بىر نەچچەكۈندىن بېرى نېمە ئۈچۈندۇر كۆڭلۈم بەكلا يىرىم،چىرايىم روھسىز بولوپ قالغان ،گەرچە كۈلۈپ يۈرگىنىم بىلەن ئەھۋالىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى. بۈگۈن ياتاققا كېرىپ ئولتۇرۇپ روزىمۇھەممەت مۇتەللىپنىڭ ‹‹ مۇھەببەت››ناملىق كىتابىنى قولۇمغا ئالدىم-دە ئاستا ۋاراقلاشقا باشلىدىم. تۇيۇقسىزلا بۇكىتابتىكى ‹‹ ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى›› دېگەن ماۋزۇغا كۆزۈم چۈشتى.شۇنىڭ بىلەن بۇمەزمۇنلارنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم.بۇمەزمۇنلارنى ئوقۇۋىتىپ بۇمەزمۇندىكى نۇرغۇن گەپلەر گويا ماڭىلا قارىتىلغاندەك،مەن ئۈچۈنلا يىزىلغاندەك تۇيۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.چۈنكى بۇكىتابتا تىلغائىلىنغان ئۆز-ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش،باشقىلارنىڭ ئالدىداخۇدۈكسىرەش،ئورۇنسىز تارتىنچاقلىق،ناتۇنۇشلار ،چوڭلار بار جايدا دەيدىغان گەپنى تاپالماي قىلىش ۋەياكى ئورۇنلۇق گەپنىمۇ ئوڭلاپ قىلالماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەندەبار ئىدى.
كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇزۇن ئويلاندىم.گەرچە يېشىم ئوتتۇزدىن ئاشقان بولسىمۇ،بىراق مەندەبىرخىل ئۆز-ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش،ئۆزۈمگە ئىشەنمەسلىك پىسخكىسى شەكىللىنىپ قالغان ئىدى.ئەمدى ئويلىسام ئەسلىدە مېنىڭ ئۆزۈمگە بولغان مۇھەببىتىم تۆۋەن ئىكەن،شۇڭا شۇنداق بىر خىل ناچار پىسخىكا شەكىللىنىپ قالغان ئىكەن.مەندىكى بۇخىل ناچار پىسخىكا كىچىكىمدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ماڭا ھەمراھ بولۇپ،مېنى باشقۇرۇپ،تېزگىنلەپ كەپتۇ.شۇڭاتارتىنچاق،جۈرئەتسىز ،ياۋاش ،ساددا چوڭ بولۇپ قاپتىمەن.ئەتراپىمدىكى قايسىدۇر بىراۋلارنىڭ جۈرئەتلىك ،غەيرەتلىك بولۇش ھەققىدىكى گەپلىرىگىمۇ قۇلاق سالماپتىمەن. مېنىڭ دەل مۇشۇياۋاش،ساددىلىقىمدىن تالاي كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنەچېش يېرىپ بىر نەرسە دىيەلمەپتىمەن.گەرچە گېپىم ئوڭ ،توغرا،ھەق بولسىمۇ شۇگەپلەرنى ئۆزۈمدىن چوڭ ،مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە تەمتىرىمەي،دۇدۇقلىماي، قىزارماي تۇرۇپ ئىيتالماپتىمەن.ھەتتابەزى ئورۇنلۇق گەپ–سۆزلىرىمنىمۇ ئىچىمدە يۇتۇۋىتىپتىمەن. مەن ھىلىمۇ ياشاپ كىلىۋىتىپتىمەن.ئەسلىدە مەن ئۆزۈمنى سۆيۈشنى،ئۆزۈمگە مۇھەببەت بىلەن قاراشنى ،ئۆزۈمنى قەدىرلەشنى بىلىشىم ،بىلمىسەم ئۈگىنىشىم بۇئارقىلىق مەنمۇ باشقىلاردەك بېشىمنى تېك تۇتۇپ ياشىشىم كېرەك ئىكەن.شۇندىلا ئۆز قەدر-قىممىتىمنى ساقلاپ ،ئۆزقىممىتىمنى نامايەن قىلالايدىكەنمەن.
ئەمىلىيەتتىمۇئويلاپ باقىدىغان بولسام،مېنىڭ قەتئىي باشقىلاردىن قىلىشقۇچىلىكىم يوق ئىكەن.ھەتتائەتراپىمدىكى بەزىلەردىن ئۈستۈن تۇرسام تۇرىمەنكى ،ھەرگىزمۇتۈۋەن ئەمەسمەن.بېراق......
ئەمدى شۇنى بىلدىمكى ئۆزىنى سۆيمىگەن،ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن ئادەمنى باشقىلارمۇ سۆيمەيدىكەن،كۆزگەئىلمايدىكەن،قەدىرلىمەيدىكەن، ھۆرمەت قىلمايدىكەن.
ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق!!!بىز ئۆز قىممىتىمىز،ئۆز-ئۆزىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئېززەت-ئابرۇيىنى،شان-شەرىپىنى تېپىشىمىز، قولغا كەلتۈرىشىمىزكېرەك.ھەدىسىلا ئۆزىمىزنى كەمسىتىپ، ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا خۇدۈكسىرەپ ئۆتىۋەرسەك باشقىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتىمىز بولمايدۇ.باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىمىز.
مەن ئەمدى چۈشەندىم،مەن ئۆزۈمنى سۆيىمەن ،ئۆزۆمنى قەدىرلەيمەن،بۇئارقىلىق باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئورنۇمنى يۇقىرى كۆتىرىمەن.
دۇستۇم،سىزمۇباشقىلارنىڭ ئالدىدا قەدىرلىنىشنى، ھۆرمەتلىنىشنى، بېشىڭىزنى تېك تۇتۇپ،كىشىلىك قەدىر-قىممەت،غۇرۇرىڭىزبىلەن ياشاشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا قېنى مەرھەمەت!ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ،ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ! ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز سۆيسىڭىزلا چوقۇم ھەقىيقى ئىنساندەك ياشاپ ،قەدىر-قىممىتىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت511 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-10 12:55 AM