ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى قۇتلۇق بولسۇن!
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلقۇت «يېڭى خوجايىن» مۇكاپاتلىق تۈر ئېچىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى سان تۇنجى باسقۇچى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى ھەم ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن،
شىنجاڭ فەتىھ كىيىم-كېچەكلىرى سودا چەكلىك شىركىتى مەزكۇر مۇسابىقە ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىلقۇت «يېڭى خوجايىن» مۇسابىقىسىنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بارلىق ئىلقۇتچىلار
شىنجاڭ فەتىھ كىيىم-كېچەكلىرى سودا چەكلىك شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
تۇنجى قېتىملىق ئىلقۇت «يېڭى خوجايىن» مۇكاپاتلىق تۈر ئېچىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي ئېلىپ بېرىلماقچى. بۇ باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىلقۇتچىلار ئىككىنچى قېتىملىق ئالدىراشچىلىققا تولغان تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى رەسىمدىكى ئىككى كودلۇق رەسىمنى سىكانىرلاش ئارقىلىق ياكى ilquttori دەپ ئىزدەپ بىزنىڭ ئىلقۇت ئۈندىدار سالونىمىزغا قىتىلىپ مۇسابىقىگە ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن دەل ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇشىڭىزنى سورايمىز.
مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ ئىلقۇت ئىگىلىك قانىلىدا قانال باشقۇرغۇچىلىرى ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق، نەتىجىلىك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ، تۇنجى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەردىن قانداق ساقلىنىش؟ ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش كۈنتەرتىپى، باشقۇرغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە توختىلىپ، ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا ئاساس سېلىندى.
ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز؛
چەكلىمىسىز تور ۋاسىتىلىرى؛
ھەر ساھەدىكى باھالىغۇچىلار قوشۇنى؛
مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىڭىز؛
كوللېكتىپ ھەمكارلىقى؛
كەلگۈسىدىكى غايىلىرىڭىز؛
ئىلقۇت «يېڭى خوجايىن» تۈر ئېچىش مۇسابىقىسى؛
11-ئاينىڭ 10-كۈنى ھوزۇرىڭىزدا!
مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورۇن: ئىلقۇت ئىگىلىك ۋاي ۋاي قانىلى
قانال نومۇرى: 81250388
ئاخىرىدا، كەڭ تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىنىڭ «يېڭى خوجايىن» سەھىپىسىدە داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن
ئىلقۇت «يېڭى خوجايىن» مۇكاپاتلىق پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى
2013-يىلى 8-نويابىر
ئىلقۇت «يېڭى خوجايىن» مۇكاپاتلىق تۈر ئىچىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقە تەلەپلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ilqutjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-9 01:17 PM