بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ
دوستۇم ، سىز مۇنداق بىر تېپىشماقنى ئاڭلىغانمۇ؟ ‹‹مەلۇم بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىكى بىر تامغا بىر جۈملە خەت يېزىلغان بۇلۇپ، ئۇ ئۆڭكۈرگە كىرىپ ئۇ خەتنى كۆرگەنلەر ئەگەر يېغلاپ كىرگەن بولسا كۈلۈپ چىقىدىكەن ، كۈلۈپ كىرگەنلەربولسا يېغلاپ چىقىدىكەن ، قېنى ،سىز تېپىپ بېقىڭ! ئۆڭكۈرنىڭ تېمىغا زادى قانداق خەت يېزىلغان؟››
ئۇ خەت :‹‹ بۇكۈنلەرمۇئۆتۈپ كىتىدۇ ›› دىگەندىن ئىبارەت.
شۇنداق: بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ. ھاياتلىقتا باشقا نىي كۈنلەركەلمىسۇن ھەممىسى بەرىبىر ئۆتۈپ كىتىدۇ .ئەگەر سىزنىڭ بىشىڭىزغا ئېغىر كۈنلەر كېلىپ ئېغىر دەرت-ئەلەم ئىلكىدە ھەسرەت چەككىنىڭىزدە، باشقىلارنىڭ ئورۇنسىز ئەيىبلەش -تەنقىدلەشلىرىگەيۇلۇققىنىڭىزدا، باشقىلارنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ھۆرمەتلەپ، چىن مۇھاببىتىڭىزنى بىرىپ ‹‹ھۆرمەتكە لايىق ئىززەتكە››، مۇھاببىتىڭىزگە لايىق مۇھەببەتكە ئىرىشەلمىگەندە ،باشقىلارنى شۇنچە ئۆز بىلىپ تۇرۇپمۇباشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلمىگەندە ،باشقىلاردىن قەرىز ئېلىپ ئامالسىز قايتۇرالماي باشقىلارنىڭ سېسىق گېپىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولغاندا، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ ئەكىسچەجاۋاپقا ئېرىشكىنىڭىزدە، سۆيگىنىڭىزدىن،ئەڭ يېقىن ئادىمىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزدا،قىسقىسى بېشىڭىزغا ھەر قانداق ئېغىر كۈنلەر كەلمىسۇن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.تەمكىن، جۇشقۇن، مەردانە بۇلۇڭ. بەرىبىر بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.
يەنە يۇقارقىلارنىڭ ئەكىسچە بەخىت -سائادەتكە ئىرىشىپ بېشىڭىزغابەخت قۇشى قونغان ۋاقتلاردىمۇ، تەقدىر سىزگە ئوڭ كۆزى بىلەن قاراپ سىزنى كاتتا شان شۆھرەتلەرگە ئىگە قىلغان ۋاقىتلاردىمۇ ھەرگىز مەغرۇرلىنىپ كەتمىگەيسىز. چۈنكى بۇمۇبەرىبىر ئۆتۈپ كىتىدۇ. گويا‹‹كۈلگەنلەر يېغلار ھەم يېغلىغان كۈلەر››، ‹‹بۇ مەينەت مەندەتۇرماس، بۇ دۆلەت سەندە( تۇرماس ) ›› دىيىلگىنىدەك يېغلىغانلارنىڭ كۈلىدىغان،كۈلگەنلەرنىڭ يېغلايدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بۇلىدۇ.
دوستۇم، شۇڭا سىز ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىشنى بىلگەيسىز.بېشىڭىزغا دەرت- ئەلەم كەلگەندە ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە چۈشكۈنلىشىپ كەتمىگەيسىز. بېشىڭىزغا بەخىت قۇشى قونغاندا خۇشاللىقتىن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ مەغرۇرلىنىپ بەك چوڭچى بولۇپ كەتمىگەيسىز. ھەرقانداق ئىشنىڭ نۇرمال بولغىنى ياخشى. بۇ ئۆتكۈنچى ھاياتنىڭ ۋاقتلىق بەخت -سائادەتلىرىدىن مەستخوش بۇلۇپ ئۆزىڭىزدىن تۈۋەنلەرنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز. قولىڭىزدا بار ۋاقىتلاردا باشقىلارغا قولىڭىزدىن كىلىشچە ياخشىلىق قىلغايسىز. باشقىلاردىن كىچىككىنە ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز. باشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن كەلگەندە ئەگەر سىزدە ماددى جەھەتتىن ياردەم بەرگۈدەك ماغدۇر بولمىسا، روھىي جەھەتتىن بولسىمۇ ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسز، چۈنكى كونىلاردا ‹‹بوغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى›› دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ ھەرگىزمۇ دەرتلىك كۆڭۈلگەيەنە ئۈستىلەپ دەرت قوشمىغايسىز.بۇ دۇنيادا ياخشىلىقتىن ئۇلۇغ ئىش يوق.شۇڭا ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىلشقا يۈزلەنگەيسىز.
قىسقىسى، ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى ،ھەرقانداق كۈننىڭ ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىنى ھەرۋاقىت ئەستىن چىقارمىغايسىز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت511 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-9 12:40 PM