ئەگەر سىزنىڭ iphone 5s يانفونىڭىز يوقاپ كەتسە قانداق قىلىسىز ؟ غەم قىلماڭ، ئەگەر سىز تېلفۇنىڭىزنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتكەن بولسىڭىز يانفونىڭىزنى تېپىپ كېلىشىڭىزدە گەپ يوق. ئۇنداق بولسا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن. كىيىن پۇشمايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ جۇمۇ ...
دەرسلىك:
ئاۋال يانفۇن ئۈستەل يۈزىدىن «تەڭشەش» نى ئاچىمىز.
ئەمدى ئېچىلغان كۆزنەكتىن icloud نى تېپىپ، تەڭشەش رايونىغا كىرىڭ.
ئېچىلغان كۆزنەكتىكى « مېنىڭ iphone نىمنى ئىزدەش » غا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ تاللايمىز.
شۇنداق قىلىپ تەييارلىق خىزمەت پۈتۈپ قالدى.
ئەمدى icloud نىڭ ئورگان تور بىكىتىگە كىرىمىز. ئورگان تور ئادىرىسى:
بۇ يازمىدا يوشۇرۇن مەزمۇن بارhttps://www.icloud.com
ئاندىن icloud نىڭ ئىچىدىن يانفوننى ئىزدەشنى باشلىۋېتىمىز. تەخمىنەن 1 مىنۇتلارغىچە ئىزدەيدۇ.
بۇنىڭدا يەنە ئورۇن بەلىلەشتىن سىرىت ئاۋازلىق چېقىرتىش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىمۇ بار.
يەنە يوقاپ كەتكەن iphone يانفونلارنى IMEI نومىرى ئارقىلىق تېپىشقىمۇ بولىدۇ، ئەگەر سىز يوقاپ كەتكەن يانفونىڭىزنىڭ IMEI بىلسىڭىز ج خ ئورگانلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىپ يانفونىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيسىز.
ئەگەر يوقىتىپ قويغۇچىلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلارمۇ بولىدۇ.
بىلىملەر تەۋسىيەسى: مىسرانىمنى ئەڭ ياخشى تور كۆرگۈچتە ئېچىپ كۆرۈڭ، چۈشۈرۈش ئادىرىسى:مېنى چىكىڭ
مەنبە: http://www.bilimlar.com/ud/thread-9905-1-1.html