مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 576|ئىنكاس: 7

ئانا تىل(نەسىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24797
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16630
تۆھپە نۇمۇرى: 1059
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-8 10:46:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل

تىلىم بايان قىلغان دىلىمنىڭ جامالىغا كۆز سالغىنىمدا ئانام بەرگەن شۇ تىلنى جاندىن ئەزىز كۆرسەممۇ يەنە كەملىك قىلاتتىكەن دەيمەن، تىلىم بىلەن دىلىمنى ئاچقىنىمدا ئىپتىخار ئىلكىدە خۇددىي زەپەردىن قايتقان ئەسكەردەك مەغرۇرلىنىپ كېتىمەن. ئانامدىن قالغىنى شۇ تىل ئىدى.
ئانا دېمەك نېمىدىگەن ھۇزۇرلۇق –ھە!
تەندىكى ئەزالىرىمغا قارىسام، ھەممىسىنىڭ رولى بولسىمۇ، بىر پۇتۇم ياكى بىر قولۇم بولمىسىمۇ گەپ قىلىپ، تەپەككۇر قىلىۋېرىدىكەنمەن،قۇلىقىم ئاڭلىمىسىمۇ، تىلىم گۆش تىلىم بولغاندىن كېيىن تاۋۇش چىقىرىپ ئىپادىلىيەلەيدىكەنمەن، ئېغىزىم سۆز قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ناكار بولمىغان بىر قولۇمدا ئانا تىل يېزىقىمنى يېزىۋېرىدىكەنمەن... نە تەندىكى ئەزالىرىمدىن تىلىم ئۈچۈن كەچمىكىم تەس ئەمەس ئىكەن.
ئەمما، تىلدىكى 32ئەزالىرىمنىڭ بىرىدىن كېچىش ساتقىنلىق ئىدى. مەن بىرىدىن كەچمەكنى ساتقىنلىق ياكى يۈزسىزلىك دەپ بىلسەممۇ، بەزىلەر بىرلىرىگە خىيانەت قىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە بەزىلەر ھەممىسىن كېچىپ تۇرۇپمۇ، خۇددى ئانىسىز ئېنەكلەردەك خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ... ئانىسىز قانداق ياشايدۇ؟ بىر تامچە ئانا سۈتىگە يەتتە رەت مەككىگە يۈدۈپ ئاپارماق لازىمكى، ئانا تىلدا سۆزلىمىگەنگە نە قىلىش لازىمدۇر؟! ۋاپاسىز گۆش تىللارنى قانداق قىلماق كېرەك؟!
ھەييات،ئانامدىن قالغان تىلدا سۆزلىيەلەيدىغانلىمىنىڭ ئۆزى بىر بەخت ئىكەن. باشقىلارنىڭ مۇستەبىتى ئاستىدا ۋەتەنسىز ياشىغىلى بولغان بىلەن ئول ئانا تىلسىز ياشىماق دوزاخنىڭ ئۆزىدۇر!
تىلىمنىڭ بولغانلىقى - جېنىمنىڭ بولغانلىقى.
«ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلىدىغان»زاماننى شەۋقىي بۇرۇنلا ھېس قىلغان ئىكەن. بۈگۈن بالامدىن بىر بۇردا نانغا ئانا دېگەن ئاتالغىنى ئالالىغىنىم بىلەن ئەتە يەنە نېمىگە نېمىنى ئالالارمەن؟!
مۇنداق بىرگە-بىر بېرىپ، نەپ بىلەن كۆندۈرۈپ قويسام، ئۇنىڭ دىلى نېمە بولۇپ كېتەر؟!
ھايۋاندا بار قورساق غېمى، پۈتۈن بولماي قالسا بالامنىڭ نېنى ئەگەر شۇنداق غەمگە قالارمۇ؟
يا تىلى تۇتۇلۇپ، يا كىكەچ بولۇپ، ئانانىمۇ ئاران –ئاران دەيدىغان بولۇپ ، شاتۇتىدەك باشقىلارنىڭ گېپنى دورايدىغان بولۇپ قالارمۇ؟!
ھازىرمۇ دورايدىغانلارنىڭ ئەتىۋارى بولىۋاتىدۇ. بۇلبۇلنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمىسا باغ باغ بولاتتىمۇ؟! بۇلبۇلسىز باغنى باغ دېگىلى بولامدۇ؟!
ئانامدىن قالغان بۇ مىراسنى بىر-بىرلەپ تىزىپ باقتىم، ۋاھ، نېمىدىگەن گۈزەل –ھە!
گۈل-گۈلىگە كەلگەن، بىرىنىڭ ئوتىدا بىرى كۆيگەن شۇنداق رەتلىك تىزىلغان چىكىتلەرگە، ھەمزىلەرگە،كىرتىكلەرگە سەپسېلىپ قاراپ چىقتىم... «گۈزەلنىڭ يۈزىدىكى خالدەك زەپ ياراشقان بىر-بىرىدىن ئۇز»لىقلارغا قاراپ ھەۋەس بىلەن ئۆزۈمنىڭ قاش، كۆزۈم، بۇرۇن ، پۇت- قوللىرىمنىڭ جايى-جايىغا ماس كەلگەنلىكىدەك ھېكمەت بىلەن بۇ گۈللەرنىڭ بىر –بىرىگە جىپسىلىشىپ تۇرغان ھالىتىدىكى ھېكمەتنى ئويلاپ-ئويلاپمۇ تاپالمىدىم، خاسىيىتىنى ھېس قىلىشقا تۇتۇنساممۇ، بىئىلاج ئىدىم!
قىسقىسى، گۈزەللىكنىڭ يەكتالىقى مۇشۇ تىلىمدا يەنى ئانا تىلىمدا ئىكەن ئەمەسمۇ.
ئۇنىڭدىن چىققام ئۇرغۇ، ئۇنىڭدىكى جەزبىدارلىق، ئۇنىڭ مەنا ئىپادىلەش كۈچى، ئۇنىڭ گىرامماتېكا ئالاھىدىلىكى... ھەممە ھەممىسى مەندە باشقىچە بىر تۇيغۇنى چۇلغۇتۇپ، قاغجىرىغان، تەشنالىق ھۈجەيرەمنىڭ ئىسيانكار روھىغا مەلھەم بولماقتا ئىدى...
خالىسا نەيزە بولالايدىغان،خالىسا قالغان بولۇپ بېرەلەيدىغان بۇ تىلىمدىن سۆيۈنگەن ھالدا، يۈرىكىمنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاپ باقتىم...
تىلىم ئۈچۈن سوقىۋاتقاندۇرسەن –ھە؟!
قۇم سائەتتىن چۈشىۋاتقان قۇمغا قاراپ، خۇددىي بۇ گۈزەللەر بىر-بىرلەپ بىر-بىرگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ساداقىتى بىلەن ئايرىلماي چۈشىۋاتقاندەك قىلاتتى... قۇمنىڭ ئورنىدا يۈرىكىم تۆكۈلىۋاتامدۇ، ياكى مېنىڭ ئارمانلىرىم؟!
بوۋامدىن قالغان ۋەسىيەتتە:
«تىلىڭ بولمىغان زامان، دىلىڭ زۇلمەتتە قالغان زاماندۇر،شۇنى بىلگىنكى، بوۋامدىن قالغان بۇ قۇرلارنى داداڭغا يەتكۈزدۈم،داداڭدىن بالاڭغا يەتكۈزگىن!....»
دادامنىڭ مۇشۇ خەتلەر ئالدىدا كۆز ياش قىلغانلىقىنى يادىمغا ئالساملا تېىنىم تىتىرەپ كېتىدۇ...
نېتەي، مانا ئەمدى مەن بۇ خەتلەرنىڭ ئالدىدا دادامدەك ئولتۇرالماي، بوۋامنىڭ ھاسسىسىدا يېزىلغان سۇدىكى خەتلەرنى خىيال قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ خەتلىرىنىڭ دىلدىلا قالغانلىقىدىن ئۆكۈنگەن ھالدا، تىلىمنى ئۆمەللەپ باقتىم...لېكىن دادامدەك ياكى بوۋامدەك سۆزلىيەلمىدىم!
ئانا، بۇ سەندىن قالغان تىل، ئانا، بۇ سەندىن قالغان دىل.
سېنىڭ قەدىرىڭدەك چوقۇم قەدىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگىن!
قۇياشىم سەن ئانا تىل،
ۋەتىنىم سەن ئانا تىل.
قاياشىم سەن ئانا تىل،
يەرلىكىم سەن ئانا تىل.
ئەي ئانا تىل، بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن روھىي زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر...
روھ ۋەتىنىدىكى تۇغۇم- ئانا تىل!
32يۇلتۇزنى كۆكسۈمگە تاقاپ كۆرەككە ماڭغىنىمدا يۈكسەك بىر چوققىدا بوۋام كۈتىۋاتقۇدەك...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 08:23:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل،ئەڭ پاساھەتلىك،ئەڭ چىرايلىق تىل...

ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 08:35:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىھ ئانا تىل، سەن مېنىڭ ئانا تىلىم، ئانام بەرگەن تىل، مەن سېنى ئانامنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7574
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7706 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 05:43:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئانا تىل توغرىسىدا تېما يازسا بەك سەزگۈر مۇئامىلە قىلدىغان بۇلۇپ قالدۇق.بۇ نېمە ئۈچۈن؟!

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

بابۇرخان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45198
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3537
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 12:59:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بۇرادەر.

پەلەكنىڭ مەن چەكمىگەن دەردۇ-بالاسى قالدىمۇ،خەستە كۆڭلۈم چەكمىگەن جەبرۇ-جاپاسى قالدىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 01:11:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تىللىق بۇلۇش ياخشى،لىكىنزە مۇشۇ ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى بىلمەيدىغانلارنى كۆرسەم بەكمۇ سورىغىم كىلىدۇ.‹سىز نىمە ئىمىپ چوڭ بولغان؟›ئەمما سورىيالمايدىكەن مەن.‹كۈتۈڭنى قىس يۇلۇڭغا ماڭ ›

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 06:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
iltebir يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 05:43 PM
ھازىر ئانا تىل توغرىسىدا تېما يازسا بەك سەزگۈر مۇئامىل ...

يوقاتقانسىرى قەدىرىگە يېتىۋاتىمىز .

سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 06:47:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، رەھمەت .

سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش