ۋاپادار بول
زىمىستانغا ئەجەپلەنمەي ، ئۆزۈڭ ئىللىق باھار بولغىن،
مېھىرسىزگە بېرىپ مېھرىڭ، ۋۇجۇدلارغا تامار بولغىن.
جانان چىنىگە ئوخشايدۇ قېرىنداش-دوستلىرىڭ قەلبى،
ئايا ھەردەم قىلىپ ئىكرام- يۈرەكلەرنى چاتار بولغىن.
قاراڭغۇ تۈن يولۇڭ توسسا،ھاياتلىق سەپىرى ئۆزرە،
يىراق مەنزىلنى كۆرمەككە، بولۇپ گۈلخان يانار بولغىن.
قىلىپ ئەۋلادقا تەربىيەت،يارالمىش ئىلمىدىن ئۈگەت،
ئىشەنگىن پەمۇ- ئەقلىڭگە،يورۇق نۇرلار چاچار بولغىن.
ۋاپا قىلغىن ۋاپاسىزغا، ئۇنىڭ خۈلقىنى مات ئەيلەپ،
باھارنىڭ ئەگىزى ئوخشاش چىمەنلەرگە ئاقار بولغىن.
ئاغرىنمىغىن بىراۋلاردىن، مەگەرچە بولسىمۇ ھەققىڭ،
ئۆزۈڭ بىراۋغا قىپ شەپقەت،داۋام دۇئا ئالار بولغىن.
تىلە ئەي مۇھەممەت سەن،ئۇلۇغ ئاللاھدىن كۈنۇ-تۈن:
« مۇرادىم شۇ، قىيامەتتە جامالىڭنى ئاچار بولغىن!»
مەنبە: ئىجادىيىتىم.