ئانا تىل جۆيلىمىسى
بارماقلىرىم كونۇپكا تاختىلىرى ئۈستىدە ئوينىماقتا، ھەرپلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى رەتلىك ھەم ئەدەبلىك تىزىلماقتا. مانا ئۇرىۋاتىمەن،سۆز، سۆز بېرىكمىسى،جۈملە، ئابزاس، بۆلەكلەر كۆزئالدىمدا نامايەن بولدى. كونۇپكا تاختىسىدا ئويناۋاتقان بارماقلىرىمنى بىر پەس توختىتىپ، باشتىن-ئاخىر نېمىلەرنى يازغانلىقىمنى ئوقۇپ باقتىم. تۇمۇرۇمدا ئېقىۋاتقان ئىدىيە ئېقىمىنىڭ شاۋقۇنلۇق ئاۋازىنى،يۈرىكىمنىڭ ئىگىز-پەس سوقۇشلىرىدىن كېلىۋاتقان تىنىمسىز دۈپۈلدەشلەرنى ئاڭلاۋاتاتتىم. پىكىرلىرىمنىڭ ئەقىل يىپلىرىغا تىزىلىپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ئۆزۈم ئۆزۈمگە سۇئال قويۇشقا باشلىدى:
- ئېيتقىنا، ناۋادا سەن تىلسىز يارالغان بولساڭ، قانداق قىلار ئىدىڭ؟
ئۆزۈم ئۆزۈمگە جاۋاب بېرىشكە باشلىدى:
- قورسىقىڭ ئاچقاندا قويغا ئوخشاش توختىماي مەرەر ئىدىڭ،كالىغا ئوخشاش سوزۇپ-سوزۇپ مۆرەر ئىدىڭ، ئىشەككە ئوخشاش باشقىلارنى بىزار قىلىپ ھاڭرار ئىدىڭ....ھەر ھالدا ھەر خىل ئاۋاز بىلەن مەقسىتىڭنى ئۇقتۇرالىغۇدەكسەن،دېدى ئۆزۈم ئۆزۈمگە.
ئۆزۈم ئۆزۈمگە يەنە سۇئال تاشلىدى. كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندا قانداق قىلار بولغىيدىڭ؟مەرەرسەنمۇ، مۆرەرسەنمۇ،ھاڭرارسەنمۇ؟ بۇلارئارقىلىق قايغۇلىرىڭنى يېنىكلىتەلىشىڭ مۇمكىن بولارمۇ؟ ئۆزۈم ئۆزۈمگە بىر ئېغىزمۇگەپ قىلالمىدى. بىر پەسلىك جىملىقتىن كېيىن،ئۆزۈم ئۆزۈمگە خىتاب قىلدى:
- ئاڭلا، سەن تۇغۇلغاندا قوي، كالا، ئىشەكلەر بىلەن ئوخشاش ئىدىڭ. پەقەت ئۇلاردىن پەرقىڭ چىقارغان ئاۋازىڭلا ئوخشىمايتتى. قورسىقىڭ ئاچسا يىغلايتتىڭ، خۇشال بولساڭ كۈلەتتىڭ. بۇ ئىككىسى سېنىڭ بىردىنبىر ئالاقە قۇرالىڭ ئىدى.
بارا-بارا چوڭ بولدۇڭ، ئاتا-ئاناڭدىن گەپ قىلىشنى ئۆگەندىڭ. قورسىقىڭ ئاچقاندا،"مەممەم"، ئۇسسىغاندا "ھۈممە"،داداڭنى سېغىنغاندا "دادا"،ئاناڭنى كۆرگۈڭ كەلگەندە"ئاپا"دېيەلىدىڭ. بۇ گەپلەرنى قىلالىغان ۋە تەلىپىڭ ئورۇنلانغان چاغداخۇشاللىقتىن ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان ئاۋازلار بىلەن چىقىرىدىڭ، گۇڭۇرلىدىڭ. چۈنكى،سەن ئۆز ئېھتىياجىڭدىن چىقالايدىغان مۇنداق ياخشى بىر قۇرالنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىڭ.يېشىڭ چوڭايغانسىرى مەقسەتلىرىڭنىڭ ئېنىق ئۇقتۇرالايدىغان بولدۇڭ.چىراي، قول-پۇتلار بىلەن قىلىنىدىغان ئىشارەتلەرنىڭ ئورنىنى چۈچۈك سۆز-جۈملىلەرئېلىشقا باشلىدى. ئېغىزىڭدىن ھەر بىر سۆز، ھەر بىر جۈملە چىققان چاغدا ئاتا-ئاناڭ سېنى باغرىغا بېسىپ، يېنىش-يېنىشلاپ سۆيۈپ كېتەتتى. ئاڭلا، سېنى مۇشۇنداق ئېسىل پۈرسەتكە ئىگە قىلغىنى ئانا تىلىڭ ئىدى.
يېشىڭ كۈندىن-كۈنگەئارتىشقا باشلىدى، تالا-تۈزگە چىقىپ، دوستلىرىڭ بىلەن ئوينىيالايدىغان بولدۇڭ.مەھەللىنى بېشىڭغا كىيىپ، دوستلىرىڭنى چاقىرالايدىغان بولدۇڭ، دوستلىرىڭ بىلەن خىلمۇ-خىل ئۇيۇنلارنىڭ پىلانلىرىنى تۈزىيەلەيدىغان ھەم شۇ بويىچە ئويناپ، كۆڭلۈڭنى ئاچالايدىغان بولدۇڭ. ئۇيۇنلىرىڭ ئارىسىغا قىزىقارلىق قوشاقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ،رېتىمغا چۈشۈرۈپ ئېيتالايدىغان بولدۇڭ. ئاڭلا، سېنى مۇشۇ پۇرسەتكە ئىگە قىلغىنى يەنىلا ئانا تىلىڭ ئىدى.
مەھەللىدىكى ئۇيۇنلىرىڭنى ئوينىغاچ بىلىپ-بىلمەي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىڭ.بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئازادە سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ،مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىيالايدىغان بولدۇڭ. ساۋادىڭمۇ چىقتى. داداڭ كىچىك ۋاقتىڭدا ئېلىپ بەرگەن رەسىملىك كىتابلىرىڭنىڭ ئورنىغا ھېكايە-چۆچەك كىتابلارنى ئالماشتۇرىدىغان بولدۇڭ.بۇرۇن ئاپاڭ ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەرنى ئەمدى ئۆزۈڭمۇ ئوقۇپ ھۇزۇرلىنالايدىغان بولدۇڭ.ئاڭلا، سېنى مۇشۇ پۇرسەتكە ئىگە قىلغىنى يەنىلا ئانا تىلىڭ ئىدى.
ۋاقىت نېمە دېگەن تېزئۆتكەن ھە! باشلانغۇچنى تۈگىتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ قالدىڭ. ئەمدى بالىلىق تۇيغۇلىرىڭغا خەير-خوش دېگەچ، ئۆزۈڭنى كەلگۈسۈڭ، ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىڭ، ھەتتا ياقتۇرىدىغان ئادەملىرىڭ ھەققىدە دائىم خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدىڭ. خىياللىرىڭ شۇنچىلىك شىرىن ۋە لەززەتلىك ئىدىكى، داداڭ ئاپاڭ كىچىك ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىدىغانئەڭ مەزىلىك تاتلىق-تۈرۈملەرگىمۇ تەڭ قىلمايتتىڭ. ئاشۇ خىياللىرىڭ بىلەن روھى ئازادىلىككە ئىگە بولالايتتىڭ.ئاڭلا،سېنى مۇشۇ پۇرسەتكە ئىگە قىلغىنى يەنىلا ئاناتىلىڭ ئىدى.
كۈنلەر ئايلارنى ئايلاريىللارنى قوغلاپ ماڭغانچە ئۆزۈڭنىڭ بىلىپ-بىلمەي ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغانلىقىڭنى ھېس قىلدىڭ. بۇ يەردە نۇرغۇن كىتابلارنى كۆرۈپ نەزەر دائىرەڭنى كېڭەيتەلىدىڭ، نۇرغۇن دوستلارنى تۇتالىدىڭ. ئۇلار بىلەن پىكىرلىشەلىدىڭ،مۇڭدىشالىدىڭ.ئوي-پىكىرلىرىڭنى ئەركىن-ئازادا ئوتتۇرغا قويۇپ باشقىلارنى قايىل قىلالىدىڭ. ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن قىزغا مۇھەببەت ئىزھار قىلالىدىڭ. ئاڭلا، سېنىمۇشۇنداق پۇرسەتلەرگە ئىگە قىلغىنى يەنىلا ئانا تىلىڭ ئىدى.
سەن ھاياتلىق يولىداياشاش ئۈچۈن تىرىشىپ كىتىۋاتاتتىڭ، تۇيۇقسىز ئۆتكەن كۈنلىرڭنى ئەسلىمەيدىغان بولۇپ قالدىڭ.سەن چوڭ بولغان ئىدىڭ. يولدا كېتىۋىتىپ باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرىشى ۋە تەۋسىيەسى بىلەن يەنە بىرى بىلەن تونۇشۇپ قالدىڭ. كونا دوستۇڭنى ئۇنتۇشقا باشلىدىڭ. بارا-بارا بۇيېڭى دوستۇڭ بىلەن ئىچەكىشىپ كېتىشكە باشلىدىڭ. كۈندە دېگۈدەك ئۇنى يوقلاپتۇرمىساڭ، كۆڭلۈڭ يېرىم بولىدىغان بولۇپ قالدى. كونا دوستۇڭنى قىيامەتلىك دوست ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، يېڭى دوستۇڭنىڭ ئىناۋەتلىك دوست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ قالدىڭ. ئەسلىدە ھەر ئىككى دوستنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمىسەڭ ياخشى بولاتتى. بىرىگە يان بېسىپ، يەنەبىرىنى چەتكە قاقمىساڭ، ئۇلار ھەمدەمدە بولۇپ، سېنى كامالەت مەنزىلىگە قاراپباشلار ئىدى.
ئاڭلا،قوي قوي بولۇپ،كالا كالا بولۇپ يارالغاندىن بۇيان قوي مەرىشىنى، كالا مۆرىشىنى ئۆزگەرتىپ باققىنى يوق. ئۇلار تالاي يىللاردىن بېرى ئاشۇ زۇۋانى بىلەن ئالاقە قىلىپ كەلمەكتە. قوينىڭ بۆرىنى دوراپ ھۇۋلىغىنىنى، كالىنىڭ شىرنى دوراپ ھۆركىرىگىنىنى، ئىشەكنىڭ ئاتنى دوراپ كىشنىگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. ئۇلار ئۆز توپىغا ئەزەلدىن ئاسىيلىق قىلىپباقمىدى. ئۆز زۇۋانىنى ئىنسانلار سەت ياكى چىرايلىق دېيىشىدىن قەتئىينەزەرئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ باقمىدى. چۈنكى، قوي مەرەش بىلەن، كالا مۆرەش بىلەن، ئىشەك ھاڭراش بىلەن ئۆز كىملىكىنى باشقىلارغا نامايەن قىلالايتتى. بۇنى ئۇلار ئاللىقاچان چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى.گەرچە ئۇلارنىڭ چىقىرالايدىغان ئاۋازلىرىڭنىڭ سانى ناھايىتى چەكلىك بولسىمۇ بۇنىڭغا شۈكۈر قىلالىغان ئىدى. ئىشەنمەمسەن؟ ئىشەنمىسەڭ، قوي مەرىگەندە، كالا مۆرىگەندە، ئىشەك ھاڭرىغاندا ئۇلارغا زەن سېلىپ قارا، ئۇلار شۇنچىلىك بېرىلىپ مەرەيدۇ،مۆرەيدۇ،ھاڭرايدۇ. ساڭا ئوخشاش سورۇن تاللىمايدۇ، ئۆز زۇۋانىدىن نۇمۇس قىلمايدۇ.
ئاللاھ ،ساڭا شۇنچىلىك بەرىكەتلىك زۇۋان ئاتاقىلدى. شۈكۈر قىلمامسەن؟ ساڭا ئۆز زۇۋانىڭدىن باشقا يەنە باشقا زۇۋانلارنى ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئاتا قىلدى. يەنە شۈكۈر قىلمامسەن؟ ئەسلىدە سەن مىننەتدار بولۇشۇڭ،ئۇنىڭ ساڭا مۇشۇنداق ئۆزگىچە تالانت ئاتا قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىشىڭ كېرەك ئىدى.
ئاڭلا، سەن تۇغۇلۇپ تاكىسەن ئۆلگىچە ئەڭ يېقىن ھەمراھ بولالايدىغىنى يەنىلا شۇ ئانا تىلىڭدۇر. ئۇنى قەدىرلە. خۇشال بولغاندا ھاياجانلىرىڭنى ئېپادىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ياردەم سورا،كۆڭلۈڭ يېرىم بولغان چاغلاردا غەم-غۇسىلىرىڭنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىل. تويۇڭ بولغاندا، ئىمام سورىغان سۇئالغا دادىللىق بىلەن جاۋاب بەر. مۇسىبەتكەيۇلۇقۇپ، ئاتا-ئانا، دوست بۇرادەرلىرىڭدىن ئايرىلغان چاغدا ئۇنىڭ بىلەن ئۈن سېلىپ يىغلا. ئۇ سەندىن ياردىمىنى ئايىمايدۇ، ئاللاھتىن گۇناھلىرىڭنىڭ تىلىگەندە ئۇنىڭغا تايان. ئۇ سېنىڭ ئىلتىجالىرىڭنى ئىگەڭگە يەتكۈزۈشۇڭگە ھەمدەم بولالايدۇ. گەپ سېنىڭ ئۆزۈڭدە ئاشۇنداق بىر قىممەتلىك بايلىقنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭدا. ئۇنىتوغرا سۆزلە، ھەر بىر تاۋۇشلىرىنى توغرا خاتىرلە. ئىچىۋاتقان ئېشىڭ يېرىم بولغاندا، ئۆز قولۇڭ بىلەن ئۇنىڭغا توپا سالما. ئاڭلا، ئۇنىڭدىمۇ كۆڭۈل بار، ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنداق نازۇك . چۈنكى، ئۇ سېنى شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ. سېنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىككە ۋە ئۇنى قەلب تۆرىڭگە قويۇپ ھۆرمەت قىلماسلىققا ھېچقانداق ئاساسىڭ يوق. ئۇنى ياخشى كۆر.ئۇنى ھۆرمەتلە، ئۇنى قەدىرلە.
شۈكۈر قىلغىن ئۇز زۇۋاندا يارالغىنىڭغا،
ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇركەن دەپ سانالغىنىڭغا.
ئىلمۇ ھېكمەت باغلىرىدا سەيلە قىلىپ،
ئالىم،شائىر،بىلىمدار دەپ قارالغىنىڭغا.
چىقار ئۇنى ھەر نەپەستە ھۆرمەت بىلەن ،
قولدا ئەمەس يۈرىڭىدە يازغىن ئۇنى.
كۆرسەتمىگىن ئارتۇق سەۋەب-نەتىجىلەر،
ئۇندا باردۇر چەكسىزبايلىق قازغىن ئۇنى.
ئەجداتلارغا يۈزكېلەلمەي يۈرمە ئەمدى،
سۆزلىرىڭگە غەيرى زۇۋان ئارلاشتۇرۇپ.
قوغلاشما سەن نان كويىدا نانكورلۇقنى،
ئۆز يولۇڭنى ئۆز قولۇڭدا تارلاشتۇرۇپ.
قالما ھەرگىز"بەدزۇۋانلىق"بەتنامىغا،
كىرىپ يالغۇزئەبجەشلىكنىڭ كەپىسىگە.
ئۆز تىلىڭنى قەدىرلىمەي چىقالماسسەن،
باشقىلارنىڭ"ھۆرمەت"ئاتلىق مەپىسىگە.
ئېسىڭىدە چىڭ تۇتقىن ئەسلى زاتىڭنىمۇ،
بىرنى كۆرۈپ يەنە بىرنى خار قىلمىغىن.
ئوغۇز سۈتى بەرگەن ئانا تىلىڭنى سەن،
ياتلاپ،باشقا جانانلارنى يار قىلمىغىن.
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-7 05:06 PM