مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 839|ئىنكاس: 11

ئىملا توغىرسىدا ، تەكلىپ - پىكىرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىلى ـ دىيار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81012
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 11:16:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم  مىسرانىم  مۇنبەردىكى  بارلىق  چوڭ  كىچىك تورداشلار  كەمىنە تىتانىكتىن سىلارگە  ئوتلوق  سالام ، ئائىلەڭلارغا خاتىرجەملىك  خۇشال  خۇراملىق مەڭگۇ   ئاتا بولسۇن  ،  خىزمەتنىڭ  ئالدىراشچىلىقى  تۇپەيلى  مۇنبەرلەرگە كىرەلمىدىم    مانا  بۇگۇن  سەل   بىكار بولۇپ  قالدىم شۇڭا مۇشۇ  ئىملا  توغۇرلۇق  ئازراق  تىما  يىزىپ  قوياي دىدىم  ،  مەن  مۇنبەرگە تىما  يولىغان  ۋاقىتتا  بەزىدە  ئالدىراشلا  يىزىپ سالىمەن  شۇڭا  بەزى  بىر  خاتالىقلا  بولوپ قالغان بولىشى  مۇمكۇن  ، لىكىن بەزى  ۋاقىتلاردا تىما يازغاندا  مەن ئوزەم يازغان  تىمامنى  ئىملايىمنى توغرا  دەپ  يازىمەن  لىكىن  مۇنبەردىكى   بەزى مۇنبەردارشلار  ئىملايىمنى خاتا دەپلا  قويىدۇ لىكىن شۇ خاتا يەرنى كورسۇتۇپ  بىرەلمەيدۇ ، شۇڭا  تورداشلارنىڭ  مەن تىما  يولاي  ۋە  ياكى  باشقا  تورداشلار  يولىسۇن  خاتا  يەرلىرى  بولسا  كورسۇتۇپ  قويساڭلار  تۇزىتىمىز  ، بىز  بىر شىنجاڭلىق  شۇڭا  بىر  بىرىمىزنىڭ تىلىنى چۇشىنىمىز دەپ قارايمەن  

تىل-يېزىقنىڭ مەۋجۇتلىقى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تورۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىل - يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ دەرىجىسى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ يېزىق ئەدەبىي تىلى ئۈچۈن ھەممىگە ئومۇمىي بولغان ۋە ھەممىنىڭ رىئايە قىلىشى مەجبۇرىي بولغان يېزىش قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىش ھەم شۇ ئارقىلىق شۇ ئورتاق تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتنىڭ ئوز ئوي-پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى تولۇق، ئۇقۇشلۇق بايان قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش شۇ مىللەتنىڭ تىل-يېزىق مەدەنىيىتىنى ئۆستۇرۇش ساھەسىدىكى زۆرۈر خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
خىزمەت ۋە كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا بىز ھەر ۋاقىت يېزىق ئالاقىسى ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئالاقە ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش بىلەن شوغۇللىنىمىز. يېزىقىمىزنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشى ئۇچۇر ئالاقىمىزنىڭ توغرا، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشى ئۇچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئىملاسى خاتا يېزىلغان، تىنىش بەلگىسى خاتا قويۇلغان بىر سۆز، بىر جۈملە ئوقۇرمەنلەردە چۈشەنمەسلىك، بىزارلىق تۇيغۇسى كەلتۈرۈپ چىقارسا، شۇ ئەسەر يازغۇچىغىمۇ زور كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ قەتئى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.
تورداشلارنىڭ ئانا تىل-يېزىقىمىزنىڭ ئىملاسىنى توغرا قوللىنىشىغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ بۇ ئەسەرنى دىققىتىڭىزلەرگە سۇندۇم.   

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا قوللىنىلىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. چېكىت (.)، 2. سوئال بەلگىسى (؟)، 3. ئۈندەش بەلگىسى (!)، 4. پەش (،)، 5.چېكىتلىك پەش (؛)، 6. قوش چېكىت (:)، 7. قوش تىرناق («»)، 8. يالاڭ تىرناق (‹ ›)، 9. تىرناق ( ( ) )، 10. سىزىقچە (-)11. سىزىق (ــ)، 12. كۆپ چېكىت (...)
يۇقىرقىلاردىن باشقا چوڭ تىرناق ([ ]) ۋە قوش پەش  قاتارلىقلارمۇ بولۇپ، تۆۋەندە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان ۋە بىرقەدەر ئومۇملاشقان تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈستىدە توختىلىمىز:
1-چېكىت (.) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
1) تولۇق ئاياغلاشقان مەلۇم بىر ئوي - پىكىرنى بىلدۈرىدىغان بايان جۈملىلەر (ئاددىي ۋە قوشما جۈملىلەر)نىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويۇلىدۇ.
مەسىلەن: مەن بازارغا باردىم. ئالىمجان خەت يېزىشقا ئۇستا.
شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز لازىمكى، بىزنىڭ غايىمىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
     2 ) بۇيرۇق ۋە ئۈندەش ئاھاڭدا ئىيتىلغان، بايان ئاھاڭدا ئىيتىلغان بۇيرۇق، ئۈندەش جۈملىلەردىن كىيىن قويۇلىدۇ.
مەسىلەن: بارلىق مال- دۇنيارىمىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىمىزنى ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىشقا سەرپ قىلايلى.
  سەن گۈلنارنى چاقىرىپ كەل.
3) رەت - تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئوبراز تۆۋەندىكىچە:
1. قايتا كۆرسىتىش ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبراز.
2. لىرىك ھېسسياتنى ئىپادىلەش ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبراز.
3. تىپىك ئوبراز.
4. سىمۋوللۇق ئوبراز.
4) قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ت. ئېلىيېف
ل. مۇتەللىپ
ئا. ت. ئۆتكۈر
5) يىل، ئاي ۋە كۈن رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
2012.8.25
6) ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
4.5(تۆت پۈتۈن ئوندىن بەش)، 7.8 (يەتتە پۈتۈن ئوندىن سەككىز)
ئەسكەرتىش: تېما ماۋزۇسىنىڭ ئارقىغا چېكىت قويۇلمايدۇ. شۇنداقلا چېكىت ئالدىغا بوشلۇق قويۇلمايدۇ.

2-پەش (،) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
پەش ـ تىلىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەلگە بولۇپ، جۈملە بىلەن جۈملىنىڭ، سۆز بىلەن سۆزنىڭ، شۇنداقلا جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئاساسى بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:
1) مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
سالى ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل دېھقان بولغاچقا، جامى قانچىلىك يۈزسىزلىك قىلسىمۇ، چىش يېرىپ بىر نېمە دېمىدى.
ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى، تال-تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى، چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ، چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ ماسلاشقانىدى.
كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس.
2) جۈملىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز، سەنئەتكارلىرىمىز، پەن-تېخنىكا خادىملىرىمىز، پىروفېسسورلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، خەلقنى تەربىيىلەۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەۋاتىدۇ.
ئابدۇللا سۇلايمان ھەم شائىر، ھەم تەتقىقاتچى.
مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
3) بىر خىل بۆلەكلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن باغلىغۇچىلار تەكرارلانسا، تەكرارلانغان باغلىغۇچىنىڭ ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مەن بۇ پۇلغا يا كىتاب، يا دەپتەر ئالىمەن.
مەن بۇ يىل ھەم شېئىر يېزىشتا، ھەم تەتقىقات تېمامنى تاماملاشتا، ھەم باشقا ئىشلىرىمدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم.
4) «مۇ» ئۇلانمىسى بىلەن تەكرارلىنىپ كەلگەن بىر خىل بۆلەكلەردىن كېيىنمۇ پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئادىل تىلدىنمۇ، ئەدەبىياتتىنمۇ، تارىختىنمۇ، سىياسەتتىنمۇ يۇقىرى نومۇر ئالدى.
5) باغلىغۇچىلارسىز باغلىنىپ كەلگەن ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئوقۇتقۇچىمىز سۆزلىدى، بىز خاتىرلىدۇق.
ھاۋا تۇتۇلدى، يامغۇر ياغمىدى.
6) « ئەمما، لېكىن، بىراق» قاتارلىق قارىمۇ-قارشى باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلانغان قوشما جۈملىلەردىكى ئاددىي جۈملىلەرنىبىر-بىرىدىن  ئاجرىتىش ئۈچۈن يۇقىرىقى باغلىغۇچىلاردىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ھاۋا تۇتۇلدى، چاقماق چاقتى، ئەمما يامغۇر ياغمىدى.
بۈگۈن ھەممىمىز باغ سەيلىسىگە چىقتۇق، بىراق ئابدۇرۇسۇل چىقمىدى.
باھار كەلدى، لېكىن ھاۋا ئىسسىمىدى.
مەن ئۇنى كۆردۈم، ئەمما ئۇ مېنى كۆرمىدى.
7) «دە» ئۇلانمىسى بىلەن باغلانغان جۈملىلەردە شۇ ئۇلانمىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ھاۋا ئۇشتۇمتۇت تۇتۇلدى-دە، يامغۇر قۇيۇۋەتتى.
ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىردى-دە، ئاچچىقلاپلا كەتتى.
8) جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى بولمىغان تەركىب ــ قاراتما سۆز، ياكى قىستۇرما سۆز جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە، كەينىدىن، ئوتتۇرىسىدا كەلسە، ئىككى تەرىپىدىن، ئاخىرىدا كەلسە، ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
قەدىرلىك يولداشلار، ئۇرۇشتا يارىلىنىپ قايتىۋاتقان جەڭچىلىرىمىز كېچە دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
نەگە باردىڭ، ياقۇپ؟
ياخشى ئۆگىنىڭلار، بالىلار.
ئەلۋەتتە، بىز ئىجتىھات بىلەن ئوقۇۋاتىمىز.
سەمەت، شۈبھىسىز، ھەممە پەندە يۇقىرى نومۇر ئالالايدۇ.
سەپەرقۇلنىڭ ساناق نۆۋىتى، نېمىشقىدۇر، ھەممىدىن كېيىنكى رەتكە قويۇلغانىدى.
بۈگۈن يولغا چىقىمىز، ئېھتىمال.
9) جۈملە تەركىبىدىكى ئىملىق ـ ئۈندەش سۆزلەر پەش ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ھەتتىگىنەي،پائالىيەتكە  ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەي قالدىم.
ئاھ، ئىچىمگە ئوت كەتتى. ۋايجان، بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.
پاھ، نېمىدېگەن چىرايلىق قىزلار بۇ. ئاپلا، بۇ يولدا ماڭمىسام بولغانىكەن.
10) كۆپ خانىلىق ساناق ساننى خانىلارغا ئايرىغاندا ھەربىر گۇرۇپپا خانىلارنىڭ ئارىسىغا ئوڭ پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
1،  ( 421, 683)،   (21, 575 جىڭ)، (589، 4  يۈەن)
ئەسكەرتىش: جۈملە ياكى سۆز كەينىگە پەش قويۇلغاندا بوشلۇق پەقەت پەشنىڭ كەينىگىلا قويۇلىدۇ.
مىسال: ئەلۋەتتە، بىز ئىجتىھات بىلەن ئوقۇۋاتىمىز. (پەش ۋە بوشلۇقنىڭ قويۇلۇش ئورنى توغرا)
ئەلۋەتتە ،بىز ئىجتىھات بىلەن ئوقۇۋاتىمىز. ( بوشلۇقنىڭ قويۇلۇش ئورنى خاتا)

3- سوئال بەلگىسى (؟) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
1) بىرلا ئوي - پىكىرنى بىلدۈرىدىغان ھەر خىل سوئال جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەن  كىم؟
مەن سىزنى  كۆرمەي قاپتىمەن، قاچانلاردا كەلگەنتىڭىز؟
2) ئارقا- ئارقىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سوئاللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. ئالدىنقىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئىنقىلاپ مەنپەتى ھەمىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تۇرۇقلۇق، بىزدە قۇربان قىلغىلى بولمايدىغان يەنە قانداق شەخسىي مەنپەئەت بولسۇن، ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان يەنە قانداق خاتالىق بولسۇن؟
بۇ ئىشنى سەن ئۇقامسەن، ئۇقمامسەن؟
سىز بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسىمۇ، ئەمەسمۇ؟
(1)بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەر بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئومۇمىي ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىسە، سوئال بەلگىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.
(2)بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان قوشما جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەرنىڭ ھەربىرى مەزمۇن جەھەتتىن مۇستەقىل بولسا ياكى بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئېيتىلسا، مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    بۇ نېمە قىلىق ئەمدى؟ مۇشۇنداق ئاممىۋىي سورۇندىمۇ ئادەم تىللاپ ئىنكاس يازامسىز؟ تېما ئىگىسى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟
3) قايتۇرما سوراق جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئەجەبا بۇنداق يازغىنىم خاتامۇ؟
    بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟
4) جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ياكى ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى (؟) كۆپەيتتىم.
شۇ چاغدا ئۇلار پېتىنىپ (تىترىشىپ؟) ئۇنىڭ يېنىغا يېقىن باردى.
سەلەي چاققان (1905 ــ؟) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.

4-ئۈندەش بەلگىسى (!) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
1) ئۈندەش جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    پاھ، پاھ، بۇ بېزەكلەر ئەجەب چىرايلىقكەن!
2) كۆتۈرەڭگۈ ياكى قاتتىق ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    قولۇڭنى تارت!
3) شوئارنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مۇنبىرىمىز گۈللەپ ياشنىسۇن!
4) ھۆكۈم ياكى كېسىم مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، ئىنتۇناتسىيىسى كۈچلۈك بولغان بەزى جۈملىلەردىن كېيىنمۇ ئۇندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مېنى قانداقمۇ سىزگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن!
توۋا! سەن بۇلارنىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ؟
بالام! خۇداغا ئامانەت!
يولداشلار! غەيرەت قىلىڭلار!
5) بەزى جۈملىلەر بىرلا ۋاقىتتا سوئال ھەم ئۈندەش مەزمۇنىدا كېلىشى مۇمكىن. مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا سوئال بەلگىسى بىلەن ئۈندەش بەلگىسى قاتار قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ھەم ئۈندەش، ھەم سوئال مەنىسىنى ئاڭلاتقان جۈملىلەردىن كېيىن، ئۈندەش بەلگىسى بىلەن سوئال بەلگىسى تەڭ قويۇلىدۇ. ئەگەر ئۈندەش مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال ئۈندەش، ئاندىن سۇئال بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن:
نېمە داستان، نېمە ئىجات، تەپەككۇر،
    نېمە بۇ تۈگىمەس نازۇك تەسەۋۇر!؟
   (ئا.ئۆتكۈر)
    ئەگەر سوئال مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال سوئال، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن:
   ياپراقسىز دەرەخ بولمىغاندەكلا،
    دەرەخسىز ياپراق تۇغۇلار نەدىن؟!
(   ئا. خۇجا)

5- چېكىتلىك پەش (؛) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى:
ئاددىي تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەن، مۇرەككەپ تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
كىمكى چېلىشىپ مېنى يېڭەلىسە، شۇ كىشىگە قىزىمنى بېرىمەن؛ ئەگەر يېڭەلمىسە، جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن.
ئۇنىڭ كۆرىدىغىنى سۈكۈت ۋە مەينەت تۆت تام؛ پۇرايدىغىنى ئاچچىق تاماكا بىلەن قاڭسىق زەي؛ ھۇزۇرلىنىدىغىنى كىتاب ۋە ئەركىن خىيال ئىدى.
تامدا ئۆسكەن قومۇشنىڭ بېشى ئېغىر، تۈۋى ئاجىز، يىلتىزى تېيىز بولىدۇ؛ تاغدا ئۆسكەن بامبۇك نوتىسىنىڭ ئۇچى ئۇچلۇق، پوستى قېلىن، ئىچى كاۋاك بولىدۇ.

6- قوش چېكىت (:) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
قوش چېكىت ئاساسەن بايان بەلگىسى بولۇپ، تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:
1) ئومۇملاشتۇرغۇچى تەركىپلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
بىزنىڭ يېزىدا تېرىلىدىغان زىرائەتلەر: بۇغداي، قوناق، زىغىر، قىچا، قوغۇن- تاۋۇزدىن ئىبارەت.
مەكتەپنىڭ بېغىدابار بولغان  ھەرخىل مېۋىلەر: ئالما، ئۆرۈك، شاپتۇل، گىلاس، ئۈزۈم ۋە ئەنجۈرلەر بار.
ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككىلا يول قالغانىدى: بىرى، ئۆلۈش؛ يەنە بىرى، ھېلىقى شەھەرلىك تەمبۇرچى يىگىتنى ئىزدەپ-سوراپ تېپىش.
2) كۆچۈرمە جۈملىنىڭ ئالدىدا كەلگەن ئاپتور سۆزىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
يولداش ماۋزېدۇڭ: «كۆپ، تېز، تېجەشلىك ئىشلەپ سوتسىيالىزم قۇرۇڭلار» دېگەنىدى.
كونىلارنىڭ: «خەت ـ يېرىم دىدار» دېگىنى راست ئىكەن.
3) ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
...ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە:
ھۆرمەتلىك Ⅹ Ⅹ Ⅹ ئەپەندىم:
سىزنى ئەتە كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە چايغا تەكلىپ قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: Ⅹ Ⅹ Ⅹ  (يىل، ئاي، كۈن)
4) ۋاقىت ئۇقۇمىنى رەقەم بىلەن ئىپادىلىگەندە سائەت بىلەن مىنۇت ياكى مىنۇت بىلەن دەقىقە ئارىلىقىغا قوش چېكىت قويۇلىدۇ.
سائەت 4:30 (سائەت تۆتتىن ئوتتۇز مىنۇت ئۆتكەندە)

7-قوش تىرناق («») ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
1) ئاپتور سۆزىنىڭ ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە كۆچۈرمە سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
مۇئەللىم بىزگە: «بىلمىگەننى پەقەت بىلدىم دېمەڭلار، بىلسەڭلارمۇ مەن بىلىمەن، دەپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتماڭلار، ھەر دائىم كەمتەر بۇلۇڭلار» دەيدۇ.
«ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك ئىش بولدى.
ئاسىيەم نېمىشقىدۇر چوغدەك قىزاردى-دە، «ئادىل ئاكا، مۇئەللىم» دېيىشتىن باشقا گەپ قىلالماي قالدى.
2) بىرەر سۆزنى ئاتاپ كۆرسەتكەندە ياكى بىرەر سۆز ئەسلىي مەنىسىدە ئىشلىتەلمەي كۆچۈرمە مەنىسىدە ئىشلىتىش توغرا كەلگەندە بۇنداق سۆز قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
پەقەت «سۇ» سۆزىگىلا 3- شەخستە «سى» قوشۇلماي، «يى» قوشۇلىدۇ.
ئەكبەر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ قوياتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئوۋچى» دەپ لەقەم قويۇپ قويۇشقانىدى.
ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەن بايۋەچچە «قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر» دېگەندەك، جامائەتكە ھۆركىرىگەندىن كېيىن يانداقچىلىرىغا «تەييار بولۇش» دېگەن مەنىدە قاراپ قويدى.
ياسىن ئۆزىدىن بۇرۇن بۇ كامېردا يېتىۋاتقان: «پېشقەدەم» مەھبۇسلارنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدى.
3) جۈملە ئىچىدە كەلگەن كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلەرنىڭ ناملىرى، ئىدارە ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ناملىرى، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ناملىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
ياسىن زىلال «تارىم» ژۇرنىلىدا ئىشلەيدۇ.
بۇ مىساللار ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ شېئىرلار توپلىمى «يانتاق»ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللاندى.
بۈگۈن «8- مارت»نى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئولتۇرۇش قىلدۇق.

8- يالاڭ تىرناق (‹›) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
يالاڭ تىرناق ،قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىكرەك بولغان تىنىش بەلگىسى. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:
1) قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان كۆچۈرمە جۈملىلەرنىڭ ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
«توۋا، ـ دەپ ئويلىدى زەرىپىخان سۇغا قاراپ ئولتۇرۇپ، ـ جاھاننىڭ ھەممە غېمىنى مەنلا يىغىۋالغان ئوخشايمەن. ئانام رەھمىتى: ‹بايلارنىڭ خوتۇنلىرى يالغان كۈلىدۇ› دەيدىغان، راست ئوخشايدۇ. ئېچىلاي دېسەم، يىغا يامىشىپلا تۇرىدۇ. كۈلۈمسىرەي دېسەم، كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىيدۇ...»
2) قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، ماقالە، ئەسەر ناملىرى ئىچىدە يەنە كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، ماقالە، ئەسەر ناملىرى كەلسە، ئۇلار يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
«نۇتۇق» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئەللىك يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى»دە يولداش قېيۇم تۇردىنىڭ «‹يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق›نى ئۆگىنىشتىن ئالغان تەسىراتىم» ناملىق ماقالىسى بېسىلدى.
«تۇرغۇن، ساڭا ئاپىرىن ئېيتىمەن، دوستۇم! ‹شىنجاڭ گېزىتى›نىڭ يېقىنقى ‹ئەدەبىيات گۈلزارى› سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە شېئىرىڭ ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ يېزىپسەن!...»

9- تىرناق  【(  )】ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
1) جۈملە ئىچىدە ئىزاھلاش، تولۇقلاش مەنىسىدە ۋە يەشمە خاراكتېرىدە كەلگەن جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئۇ بىزنىڭ ئۆينى (بۇرۇن كەلمىگەن بولسىمۇ) تېنىمەي تېپىپ كەپتۇ.
مېنىڭ ئۈچ گېكتار (بىرگېكتار 15 موغا تەڭ) يېرىم بار.
بۈگۈنكى يىغىنغا (كېسەللەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا) ھەممەيلەن تولۇق قاتناشتى.
بۇرھان ئەپەندىم (جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى) كېسەل بولۇپ، 94 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.
2) ئەسەرلەردە بىرەر كىشىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىنى، بىرەر تارىخىي ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن، تاماملانغان ۋاقتىنى ئەسكەرتىپ كۆرسەتكەندە تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
ل. مۇتەللىپ (1922 ـ 1945) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق شائىرى.
چىڭ خاندانلىقى (1644 ـ 1911) جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خاندانلىق ھېسابلىنىدۇ.
3) نەقىل كەلتۈرۈلگەن مىسالنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
ـ توغرا ئېيتتىڭ ئاكا، بىزدە نېمە ئامال بولسۇن؟
(ئايشەم ئەخمەت: «ئۆچمەس ئىزلار»دىن)
«ئانىجان تۇغقان ئېلىم جۇڭگو ئۇنىڭ پەرزەنتىمەن،
رىشتىگە جىسمىم بىلەن، ئىشقىم بىلەن پەيۋەندىمەن.»
(تېيىپجان ئېلىيېف: «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل»دىن)
4) ھەر قانداق ئىزاھ، چۈشەندۈرمە ۋە تولۇقلىما تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى (1985- يىل 4- ئاينىڭ  10- كۈنى 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان)
(نيۇتوننىڭ ئىككىچى قانۇنى)
(ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قانۇنى)
(ئىككىدىن بىر)
5) رەت تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان بىرقانچە سانلار ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ -كىچىكلىكىنى پەرقلەندۈرۈش لازىم تېپىلغاندا، چوڭ ماۋزۇ ئىچىدىكى كىچىك ماۋزۇنىڭ رەت -تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان سانلار تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
1. شىنجاڭدا بېقىلىدىغان ئاساسلىق ئۆي ھايۋانلىرى:
(1) كالا
(2) قوي
(3) ئۆچكە

(10- سىزىقچە (-) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
1) جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئورۇق-سېمىز، ئىسسىق-سوغۇق،خۇشال-خۇرام، ئېگىز-پاكار، يېتىپ-قوپۇش، ئۇزۇن-قىسقا، ھايت-ھۇيت، كىر-كىر...
2) رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن دەرىجە سانلاردىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
مېنىڭ ئىككىنچى ئوغلۇم 7- سىنىپتا ئوقۇيدۇ.
پىروفېسسور ئابدۇللا سۇلايمان 1952- يىلى چىرا ناھيەسىدە تۇغۇلغان.
3) سۆزلەرگە ئۇلىنىپ كەلگەن «ھە، دە، يا» ئۇلانمىلىرىنىڭ ئالدىدىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
پاھ، نېمىدېگەن گۈزەل جاي بۇ- ھە!
تازا ۋاقتىدا كەلدىڭ - دە، ئاداش.
يېقىندىن بېرى كەيپىياتىڭ ناھايىتى ناچار تۇرىدۇ، بىرەر خاپىلىق تارتىپ قالدىڭمۇ- يا؟
4) كۆپ بوغۇملۇق سۆزنىڭ قۇر ئاخىرىغا سىغماي قالغان قىسمىنى بۆلۈپ ئىككىنچى قۇرغا كۆچۈرگەندە بۆلۈنگەن بوغۇمدىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
...ئۆگىنى-
شىمىز...
مەكتەپلەر -
گە ...
5) سۆز ياكى قوشۇمچە ئۇلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكلىنىڭ ئارقىسىدىن، ئالدى قوشۇلغۇچىنىڭ ئارقىسىدىن، ئارقا قوشۇمچىسىنىڭ ئالدىدىن سىزىقچە  قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
قانسېرا-قانسېرىماق، نا - نائەھلى، بى - بىئەدەپ، -داش  ساۋاقداش، -چى ئوقۇغۇچى

11-سىزىق (ــ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىشى
سىزىق مەزمۇن جەھەتتىن تەڭ دەرىجىدىكى ئىزاھلانغۇچى بىلەن ئىزاھلىغۇچىنىڭ ياكى مەزمۇن جەھەتتىن تەڭ دەرىجىدىكى ئىگە قىسىم بىلەن خەۋەر قىسىمنىڭ مۇناسىۋىتىن بىلدۈرىدىغان بەلگە بولۇپ، تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قويۇلىدۇ:
1) خەۋەر باش كېلىشتىكى ئىسىملار بىلەن كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى ــ بېيجىڭ.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى ــ ئۈرۈمچى.
مەن ــ مۇئەللىم. ئۇ ــ دوختۇر.
2) بىرخىل بۆلەكلەر ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆزدىن بۇرۇن كەلسە، بىرخىل بۆلەكلەردىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئالما، ئۈزۈم، شاپتۇل، ئۆرۈك ــ ھەممىسى بىزنىڭ باغدا بار.
سىنىپىمىزدىكى ئالىم، ئەركىن، گۈلنار، ياسىن ــ ھەممىسى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار.
3) دىيالوگلاردا ھەربىر سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزى سىزىق ئارقىلىق باشلىنىدۇ. مەسىلەن:
ــ تۇرۇپ قاپتىلىغۇ؟
ــ سىلىگە ساقلاپ...
ـــ يۈرسىلە، ئەمىسە.
ــ  نەگە؟
ــ بارسا، كەلمەس يەرگە.
ــ بارساق كېلەلمەمدۇق؟
ــ كېلەلمىسەك، تۇرۇپقالارمىز.
ــ ئەزبىرايى خۇدا، مەن ئۇنداق يولغا مېڭىپ باقمىغان ـ دېدى گۈزەلئاي.
ئەدەبىي ئەسەرلەردە دىيالوگ بىلەن ئاپتور سۆزىنى ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ــ خوش ئۇستام، بۇ يەرنى نېمە قىلماقچى بولىۋاتىدىلا؟ ـ دېدى ھاشىم كۈلۈمسىرەپ.
ــ ئوتتۇرىسىنى باغ، چۆرىسىنى تاغ قىلايمىكىن دەۋاتىمەن، قانداق دەيسىز، ھاشىماخۇن،ــ دېدى چاقچاق قىلىپ مەتنىياز ئۇستام.
  (4) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسوناژ سۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان پەشنىڭ كەينىگە سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    _ بېشىم بەك ئاغرىپ كەتتى،_ دېدى ئۇ باشلىرىنى سىلاشتۇرۇپ.
    (5) بەزىدە چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «چېكىت_ جۈملىنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ئاخىرى تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى.»
6) ۋاقىت، ئورۇن، مىقدارنى بىلدۈرىدىغان تەڭ دەرىجىدىكى ئىككى سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
قەشقەر ــ خوتەن تۆمۈر يولى 2010- يىلىغىچە پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ.
شاڭخەي ـ ئۈرۈمچى ـ خوتەن ھاۋا يولىدا چوڭ ئايروپىلان قاتناۋاتىدۇ.
مەن ئالىي مەكتەپتە 1981 ــ 1985-يىللاردا ئوقۇغان.
ئويۇن كەچ سائەت توققۇز ـ ئونلاردا تۈگەيدۇ.

12- كۆپ چېكىت (...) ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى
1) پىكىرنىڭ تولۇق ئېيتىلىپ تۈگىمىگەنلىكى، داۋامى بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئىككىسى چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ،ئۆتكەن - كەچكەنلەر ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى...
دوستلاردىن كۆڭلۈڭ قالسا، مەندىنمۇ كۆڭلۈڭ قالدىمۇ؟... بىز بىللە ئوينىساق، كۈلسەك،... نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە!
2) سۆزلىگۈچىنىڭ ھاياجانلانغانلىقىدىن نۇتۇقنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نۇرغۇن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئامان قۇل تۆمۈر خەلىپىگە قاراپ: «را...زى... بول... ئاكا!» دېدى-دە، كۆزنى يۇمدى.
ئەمەتنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، چىشلىرى غۇچۇرلاپ، تىلى كالۋالىشىشقا باشلىدى ۋە ئىككى يېنىغا قاراپ ۋارقىرىدى:
بۇ... نىڭغا...ئۆزۈڭلارنى كۆرسىتىپ قويۇڭلار!
3) جۈملىدىكى تەكرار ۋە سوزۇلۇپ ئېيتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ (ئاساسەن ئىملىق ۋە ئۈندەش سۆزلەرنىڭ) ئارىسىغا كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئادىل... ھەي... ئادىل... ماۋۇ يەرگە كېلە، ماۋۇ يەرگە.
گۆش يەيمەن. قورسىقىم ئاچ، «مىياۋ...مىياۋ... مىياۋ» دەپتۇ مۈشۈك.
يەرنىڭ قەرىدىن «گۈر... گۈر...گۈر» قىلغاندەك بىرخىل ئاۋاز ئاڭلاندى.
4) كۆپ چېكىت كىتاب، ژۇرناللارنىڭ مۇندەرىجىلىرىدە تېما، ماۋزۇ ۋە بەت نومۇرىنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە...........................................1
شېئىر ۋە شائىر....................................12
شېئىرىيىتىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرايلى...................25
نورمال ئەھۋال ئاستىدا كۆپ چىكىتنى قوللانغاندا(1-2-3-تۈردىكىدەك) كۆپ چېكىتتىن پەقەت ئۈچىلا قويۇلىدۇ.ئارتۇق ياكى كەم قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ.

‹‹ تىنىش بەلگىسى›› دېگىنىمىز ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوي – پىكىرنى توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىق تىلىدا يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەرنى كۆرسۈتىدۇ. ئۇلار يېزىق تىلى ئارقىلىق بېجىرىلىدىغان ئالاقىنىڭ مەزمۇن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ «تىنىش» سۆزىگە «بەلگە» سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئەدەبىي يېزىق تىلىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. تىنىش بەلگىسى ئومۇمەن يازما نۇتۇقتىكى تىنىش ۋە توختاشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگىلەردىن ئىبارەت. لېكىن، تىنىش بەلگىسىنى نوقۇل ھالدا‹‹ يازما نۇتۇقتىكى تىنغان ۋە توختىغان ئورۇنلارغىلا قويۇلىدىغان بەلگە›› دەپ قاراش تازا يېتەرلىك بولمايدۇ. چۈنكى، جانلىق تىلدا تىنىش بولمىغان ئورۇنلاردىمۇ جۈملە قۇرۇلمىسى ۋە مەنە زۆرۈرىيىتى تۈپەيلىدىن تىنىش بەلگىسىنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.
ئېغىز تىلىدىكى جۈملىلەر ئۆزىگە خاس ئىنتوناتسىيە، پائۇزا ۋە ئۇرغۇغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تەسىرلىك، چۈشىنىشلىك بولۇپ ئاڭلىنىدۇ. يېزىق تىلىدا بۇ خىل خۇسۇسىيەتلەر تۈرلۈك تىنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئېغىزتىلىدا يۇقىرىقى ئالامەتلەرسىز نۇتۇق يۈرگۈزۈلسە، بۇ خىل نۇتۇقنىڭ تەسىرسىز، چۈشىنىكسىز، ئۈنۈمسىز بولۇپ قالىدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال. تىنىش بەلگىلىرى ئوي - پىكىرنى توغرا، ئېنىق، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەشتە، جۈملە ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەزمۇن ھەم شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا،تىل- يېزىقى خېلى مۇكەممەل دەرىجىدە قېلىپلاشقان بىزگە ئوخشاش مىللەتلەر ئۆزىنىڭ يېزىق تىلىدا تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىشنىڭ بەلگىلىك قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ.
تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش قائىدىلىرى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىكى جۈملە، جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، مەزمۇنى، شۇنىڭدەك جانلىق تىلدىكى ئۇرغۇ، پائۇزا، ئىنتوناتسىيە ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلماي ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە ئىش تۇتىدىغان بولسا، يېزىق تىلىدا قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.
   تۆۋەندە تىنىش بەلگىلىرىنى قوللۇنۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى قىسقىچە يىغىنچاقلاپ ئۆتۈمىز.
1) تىنىش بەلگىلىرى يازما نوتۇق ئوي–پىكىرنى توغرا، تەسىرلىك، جانلىق قىلىپ ئىپادىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
2 ) يېزىق تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئوي–پىكىرلەرنى قسىم ۋە بۆلەكلەرگە ئاجرىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز – ئارا مۇناسىۋىتى پەرقى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىش، سۆز جۈملىلەرنىڭ ۋە مۇرەككەپ جۈملىلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئىنىق چۈشىنىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
3 ) جۈملە ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۈز–ئارا مۇناسىۋىتى، باغلىنىشى ھەم ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
4 ) يازما نۇتۇقتىكى سۈز – جۈملىلەرنى قانداق ئاھاڭدا ۋە قانداق سۈرئەتتە ئوقۇش ، توختاش ، تىنىش رىتىملىرىقلارنى ئىپادىلەشتە تىنىش بەلگىلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپتا تەربىيە ئالغان كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ئانا تىل-يېزىقىمىزدا يېزىۋاتقان يازمىلىرىدىكى ئىملا خاتالىقى، سۆزلەرنىڭ خاتا يېزىلىشى، ھەرپلەرنىڭ چۈشۈپ قېلىپ مەنىسىنىڭ ئۆزگىرىپ باشقىچە بىر مەنالارنى بېرىشى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنىڭ تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
ئېسىمىزدە بولسۇن. ئۆزىمىز قەدىرلىمىگەننى باشقىلار ھەرگىزمۇ قەدىرلىمەيدۇ.

تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە خەت يېزىشتا پايدىلىنىشى ئۈچۈن كونۇپكا تاختىسى رەسىملىك قىلىپ كۆرسىتىلدى.
كونۇپكا تاختىسىدىكى D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز چىقىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tetanek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-7 11:19 AM  


ئىلى ـ دىيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84984
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-9-12
ئاخىرقى: 2014-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 01:02:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە خالىسا چۇقۇم دىققەت قىلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9739
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 01:03:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر! تور دۇنياسىدىكى ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاپ قېلىش  ئۆز ئانا تىلىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ۋە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان كىشىلەرگە باغلىق. بىز كونۇپكا تاختىسىدا باسقان ھەر بىر ھەرپ، ھەر بىر سۆز، ھەر بىر جۈملە بىز ئۈچۈن قىممەتلىك بايلىق قاتارىدا سانىلىشى كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندىلا ئانا تىلغا ۋە يېزىقىمىزغا يۈز كېلەلىشىمىز مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86718
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1052
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 01:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇرتىلى دەرسلىكىنى(ئەدەبىيات دەرسىدىن ئايرىپ ئايرىم ئوقۇتۇش سائىتى قىلىپ) يولغا قويساق بۇنداق خاتالىقلارنىڭ يۈز بىرىشىنى ئازايتقىلى بولاتتىمىكىن دەپ ئويلايمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1043 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 01:28:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما نامى خاتا، «توغىرسىدا» ئەمەس، «توغرىسىدا»

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7541
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7727 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 04:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر زامان تەرەققىي قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋيىسىمۇ ئۆستى.ئانا تىل گىرامماتكىسنى ياخشى بىلىدىغانلار كۆپەيسە بۇلاتتى. لىكىن ئۇنداق بولماي ئەكسچە بۇلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەپچىسى كىمۇ؟ئۆزىمىز ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىستىمالچىسى ھەم قوغدىغۇچىسى.بىز تىلىمىزنى قەدىرلەپ تىلىمىزغا سادىق بۇلالىدۇقمۇ؟بالىلار كىچىگىدىن باشلاپ ئانا تىلىنى قەدىرلەيدىغان روھتا چوڭ بۇلىۋاتامدۇ؟ مەكتەپلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئاناتىلىنى ئاساس قىلامدۇ؟ئۇيغۇر تىلىنى جەمىيەتتە كەڭرى قوللىنامدۇ؟......بىز ئويلىنىپ باقساق بۇلىدۇ.بىزنىڭ تىلىمىز پەقەت بىزنىڭ قولىمىزدا تەرەققىي قىلىدۇ.بىزنىڭ قولىمىزدا زاۋال تاپىدۇ. بۇنى دىمىسەممۇ ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئوبدان بىلىدۇ. تىلىمىزنى سۆيەيلى .تىلىمىز قائىدە قانۇنيەتلىرنى ئۆگىنەيلى. تىل بىلىمگەن ئانا تىل ساۋادسىزلىرىنى ساۋادلىق قىلىشقا كۈچ چىقىرايلى. ئانا تىلىنى سۆيۈشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95801
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 679
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2013-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 04:41:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى تەكلىپ -پىكىرلەرنى بېرىپسىز،رەھمەت قېرىندىشىم ! لېكىن ئۆزىڭىز ئىملا خاتالىقى توغرۇلۇق سۆزلەپ تۇرۇپمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىملا خاتالىقىغا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەپسىز ، ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى !!!
   بىرىنچى ئابزاستىكى ئىملا خاتالىقلار:مۇنبەرىدىكى_مۇنبىرىدىكى؛ سىلارگە-سىلەرگە؛خۇشال خۇراملىق-- خۇشال-خۇراملىق؛مەڭگۇ-مەڭگۈ؛تۇپەيلى-تۈپەيلى؛بۇگۇن-بۆگۈن؛يولىغان-يوللىغان؛
خاتالىقلا بولوپ-خاتالىقلار بولۇپ؛مۇمكۇن-مۇمكىن؛ئوزەم-ئۆزەم؛كورسۇتۇپ-كۆرسۈتۈپ؛يولاي-يوللاي؛يولىسۇن-يوللىسۇن؛تۇزىتىمىز-تۈزىتىمىز؛چۇشىنىمىز-چۈشىنىمىز.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qayan0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-7 04:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20512
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6771
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2014-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 05:36:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنچىلىق خىيال قىلغىڭىزمۇ چوڭ ئىش. سىزنىڭ ئىملايىڭىزدا خاتالىق ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ. «ئۆ»، «ئۈ» ھەرپلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلەتمەيدىكەنسز. پەش، چىكىتلەر جايىغا قويۇلمىغان ياكى پەقەتلا ئىشلىتىلمىگەن.  
بىرىنچى ئابزاسنى بايقىغىنىمچە ئوڭشاپ باقتىم، تېمىڭىزدا دېيىلگەندەك بۇ تېمىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسىڭىز ئۆزىڭىز يازغىنىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرەرسىز.

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم  مىسرانىم  مۇنبىرىدىكى  بارلىق  چوڭ -  كىچىك تورداشلار،  كەمىنە تىتانىكتىن سىلەرگە ئوتلۇق  سالام! ئائىلەڭلەرگە خاتىرجەملىك،  خۇشاللىق مەڭگۈ  يار بولسۇن.
  خىزمەت  ئالدىراشچىلىقى  تۈپەيلى  مۇنبەرگە كۆپ كىرەلمىدىم،   مانا  بۈگۈن  سەل بىكار بولۇپ  قالدىم، شۇڭا مۇشۇ  ئىملا  توغرىسىدا تېما  يېزىپ  قوياي دېدىم،  مەن  مۇنبەرگە تېما  يوللىغان  ۋاقىتتا  بەزىدە  ئالدىراشلا  يېزىپ سالىمەن،  شۇڭا  بەزى خاتالىقلار سادىر بولغان بولۇشى  مۇمكىن،  مەن ئۆزۈمنىڭ  ئىملاسىنى توغرا  دەپ  قارايمەن،  لېكىن  مۇنبەردىكى   بەزى مۇنبەرداشلار  ئىملايىمنى خاتا دەپ قارايدىكەن، ئەمما خاتا جايلىرىنى كۆرسىتىپ  بىرەلمەيدىكەن، شۇڭا  تورداشلارنىڭ  مەن تېما  يوللاي  ۋە  ياكى  باشقا  تورداشلار  يوللىسۇن  خاتا  يەرلىرى  بولسا  كۆرسىتىپ  قويساڭلار، خاتا بولسا  تۈزىتىمىز، بىز  بىر شىنجاڭلىق  شۇڭا  بىر - بىرىمىزنىڭ تىلىنى چۈشىنىمىز دەپ قارايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 06:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما  يولاي  ۋە  ياكى  باشقا  تورداشلار  يولىسۇن  خاتا  يەرلىرى  بولسا  كورسۇتۇپ  قويساڭلار  تۇزىتىمىز  ، بىز  بىر شىنجاڭلىق  شۇڭا  بىر  بىرىمىزنىڭ تىلىنى چۇشىنىمىز دەپ قارايمەن
===================================================
ئالدى بىلەن ئىملا تۈزىتىشنى ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ، تىنىش بەلگىلەرگە دىققەت قىلىڭ، يەرلىك شىۋە ئىشلەتمەڭ، تورداشلارنىڭ سىزگە كوررېكتورلۇق قىلىشىغا ۋاقتى يوق. سىزمۇ ئاۋال ئۇيغۇرچىنى ياخشى ئۈگىنىپ، ئاندىن باشقىلارغا رېژىسسورلۇق قىلىڭ.
يەنە بىر گەپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشىنەمدۇ؟
ئاستىدىكى چاپلانمىلارنىڭ مەنبىئىيىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-7 06:53 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96451
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2014-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-8 02:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[attachim بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oztar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-8 07:06 PM  


666.png
666.png
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش