نوبېل مۇكاپاتى (Nobel Prize) ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات بولۇپ ، شىۋېتسىيىلىك خېمىك ھەم پارتىلاتقۇچ دورا كەشپىياتچىسى ئالفېرد نوبېل (Alfred Nobel) نىڭ ۋەسيىتى بويىچە ، ئۇنىڭ بىر قىسىم مىراسلىرىنى مۇكاپات فوندى قىلىپ تەسىس قىلىنغان . بىراق نوبېل ، كەشپىياتچى ھەم سانائەتچى خوجايىن بولغاچقا « نوبېل ماتېماتىكا مۇكاپاتى » تەسىس قىلىنمىغان . چۈنكى ، ئۇ ماتېماتىكىغا ئالاھىدە قىزىقمىغان ھەم ماتېماتىكىنى نەزەرىيىۋى پەن دەپ قارىغان . ئەمەلىيەتتە ئۇ ، بۇ مۇكاپاتنى « ئىنسانلارغا بەخت يەتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى كەشپىيات ياكى بايقاش مۇكاپاتى » - دەپ ئېيتىدۇ .
ئۇنداقتا ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات قايسى ؟
1924 - يىلى تورۇنتودا يەتتىنچى نۆۋەتلىك خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى ، ماتېماتىك فىلدىز (John Charles Fields) قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندا قالغان ئىقتىسادى بىلەن بىر ماتېماتىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا تەكلىپ بەرگەن . ئۇ ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ مىراسىنى بۇ مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات فوندىنىڭ بىر قىسىمى قىلىشقا ۋەسيەت قالدۇرغان ھەمدە بۇ مۇكاپاتنى ھەر قانداق دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ نامى ياكى شەخىسنىڭ نامى بىلەن ئاتىماسلىققا تەكلىپ بەرگەن . شۇنداق بولسىمۇ خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭ نامى بىلەن «فىلدىز مۇكاپاتى » (Fields Medal) دەپ ئاتاپ ، فىلدىزنى خاتىرلەپ ئۇنىڭغا بولسان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن .
فىلدىز كانادالىق ماتېماتىك بولۇپ ، 1863- يىلى توغۇلۇپ ، 1932- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . فىلدىزنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تۆھپىسى ئانچە گەۋدىلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن ماتېماتىكا تەتقىقاتىنى ئويۇشتۇرۇش ، ئالماشتۇرۇش تەرەپلەردە زور رول ئوينىغان .
فىلدىز مۇكاپاتى (Fields Medal) بولسا، ماتېماتىكىدا تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان يېشى 40 تىن ئاشمىغان ئىككى ، ئۈچ ياكى تۆت ماتېماتىكلارغا ، خەلقئارالىق ماتېماتىكا ئويۇشمىسى
(International Mathematical Union قىسقارتىلىپ IMU دېيىلىدۇ ) نىڭ ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلدىغان خەلقئارالىق ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى
(International Congress of Mathematicians قىسقارتىلىپ ICM دېيىلىدۇ) دا بېرىلدىغان بولۇپ . بۇ مۇكاپات ھازىر ماتېماتىكلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى شان - شەرپى بولۇپ قالدى .
1936 - يىلى نورۋېگىيە(Norway) نىڭ ئوسلو(Oslo) دا ئېچىلغان 10- نۆۋەتلىك ICM دا تۇنجى قېتىملىق فىلدىز مۇكاپاتى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى فىللاندىيە ياش ماتېماتىكى ئالفورس (Lars Ahlfors) بىلەن ئامېرىكا ماتېماتىكى داگلاس (Jesse Douglas) قا بېرىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن چاقىرىلغان ھەر قېتىملىق ICM نىڭ بىرىنچى كۈن تەرتىپى فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش بولدى . ICM بىلەن فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ھەر قايسى گېزىت ژورناللار بەس-بەستە زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلدى . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مۇكاپات 15000 ئامېرىكا دوللىرى ۋە بىردانە ئالتۇن مېدال بېرىلدىغان چوڭ مۇكاپاتقا ئايلاندى . كىشىلەر ، فىلدىز مۇكاپاتى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئابرويى ئەڭ يۇقىرى بولغان مۇكاپاتلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىردەك ئېتراپ قىلىشتى ، ھەم ئۇنى «ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى » دەپ ئاتىدى .
مەنبە: ئىلىم-پەن بلوگى