مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5927|ئىنكاس: 92

چاچنى قارا بوياشقا بولامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

اللە سەبرى قىلغۇ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7548
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8542
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 08:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاچ-ساقالنى قارا بوياشقا بولامدۇ؟
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
چاچ -ساقالنىڭ ئاق يەرلىرىنى بوياشمۇ زىننەتلىنىش دائىرىسىگە كىرىدۇ، يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار بولۇپمۇ راھىبلار چىرايلىق ياسىنىشنىڭ ئىبادەت قىلىشقا زىيىنى بار دەپ ئويلاپ، ئاق چاچنى بوياپ ئۆزگەرتمەيتى، لېكىن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئىش ـ ھەرىكىتى ۋە كۆرۈنۈشىدە ئۆزگىچە، مۇستەقىل بىر خاراكتېرگە ئىگە بولىشى ئۈچۈن، كاپىرلارنى دوراشنى ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىپ مېڭىشنى چەكلىگەن.([1])
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: "يەھۇدى-خرىستىئانلار بويىمايدۇ، سىلەر بوياپ ئۇلارغا خىلاپلىق قىلىڭلار".([2])
چاچ-ساقالنى بوياش مەسىلىسىدە ئالىملار بىرلىككە كەلگەن ئۈچ ئورۇن بار:
بىرى: جىھات ۋە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قارا بوياشقا بولىدىغانلىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. بۇنىڭ سەۋەبى دۈشمەننى قورقۇتۇش، مۇسۇلمانلارنى كۈچلۈك كۆرسىتىشتۇر.([3])
يەنە بىرى: توي قىلىش ئالدىدا ئۆزىنى ياش كۆرسىتىپ باشقىلارنى ئالداش ئۈچۈن قارا بوياشنىڭ ھاراملىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.([4])
شۇنداقلا بىرەر مەنسەپ ئۈچۈن ئۆزىنى سالاپەتلىك ياكى مويسىپىت كۆرسىتىش ئۈچۈن چېچىنى ئاق بويىۋېلىشمۇ ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن چېچىنى بويىۋالغانلار توي قىلماقچى بولغىنىدا چېچىنىڭ رەڭگىنىڭ تەبىئىي ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ قويۇشى لازىم. ھەدىستە: "كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس" دەپ كەلگەن.([5])
ئۈچىنچىسى: چاچنى سېرىق رەڭدە ياكى خېنىدە ياكى كەتەم (قارا بىلەن قىزىل ئارىلىقىدا رەڭ چىقىدىغان ئۆسۈملۈك) دە بوياشقا بولىدىغانلىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.([6])
يەنە چاچنى كاپىرلارنى، بۇزۇقلارنى دوراپ، شۇلارغا ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن ئادەمگەرچىلىككە تاقىشىدىغان، چاكىنا رەڭلەردە غەلىتە بويىۋېلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىدىمۇ ئالىملاردا ئىختىلاپ يوق.
چۈنكى ھەدىستە: "كىمكى بىر قەۋمگە ئەتەي ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇلاردىندۇر".([7])

ئەمدى ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمىغان مەسىلە بولسا، جىھات ئۈستىدىمۇ بولمىغان، توي قىلىش ئالدىدا ئالداش ئۈچۈنمۇ بولمىغان ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ياشانغانلار ياكى ياشلار بولسۇن چېچىنى قارا بويىۋالسا بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلە بولۇپ، بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى قاراش: قارا بوياش مەكروھ. بۇ مالىكى ۋە ھەنبەلىي مەزھەب قاراشلىرى بولۇپ، ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ بىر قىسمىمۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقان. دېمەك بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. بۇلارنىڭ ئىبارىلىرىدىن بۇ يەردىكى مەكروھلۇقنىڭ تەنزىيھىي مەكروھلۇق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. يەنى مەكروھلۇق بىلەن جائىز، ھارام ئەمەس دېمەكچى.
ئىككىنچى قاراش: قارا بوياش ھارام. بۇ شافىئىي مەزھەبتىكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام نەۋەۋى مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.
ئۈچىنچى قاراش: قارا بوياش جائىز. بۇ ھەنەفى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن: خېنە، كەتەم ۋە قارا ئوسمىدا بويىسا ياخشى، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام مۇھەممەد ئىبن ھەسەن: قارا ئوسمىدا، خېنىدە ۋە سارغۇچ رەڭدە بويىسا مەيلى دەيمىز. ئاق قويۇپ قويسىمۇ مەيلى. ھەممىسى ياخشى".ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ: "ئايالىمنىڭ ماڭا ياسىنىشىنى ياقتۇرغىنىمدەك، ئايالىممۇ ياسىنىشىمنى ياقتۇرىدۇ" دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.
دېمەك ھەنەفى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ كېيىن كەلگەنلىرىنىڭ بەزىلىرى بىرىنچى قاراشتىكىلەردەك تەنزىھىي مەكرۇھ دەپ قارىسا، بەزىلىرى جائىز دەپ قارىغان. يۇقىرىدىكى ئىمام ۋە ئىككى شاگىرتىدىن كەلگەن نەقىلمۇ ئۇلارنىڭ جائىز دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەللامە ئىبنى ئابدىينمۇ مۇشۇ قاراشنى ھەنەفى مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان توغرا قاراش دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.([8])
بىرىنچى قاراشتىكى ئالىملار چەكلەش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بىلەن ساھابە كىراملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ چەكلىمە ھاراملىقنى بىلدۈرمەيدۇ، ھاراملىقنى بىلدۈرىدىغان بولسا ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن بولغان نۇرغۇنلىغان سەلەپلەر قارا بويىمىغان بولاتتى. دېمەك بۇ تەنزىھىي مەكروھ دەپ قارىغان، ھارام دەپ قارىغانلار چەكلەش مەزمۇنىدا كەلگەن ھەدىسلەرنى سەھىھ دەپ قاراپ، ساھابىلەرنىڭ قىلغىنى ھەدىس ئالدىدا پاكىت بولالمايدۇ دەپ قارىغان. جائىز دېگەنلەر بولسا چەكلەش دەلىللىرىنى ئاجىز دەپ قاراپ، ساھابە كىراملەر، سەلەپ سالىھلەرنىڭ كۆپلىرىنىڭ قارا بويىغانلىقى ۋە بۇ تۈرلۈك ئادەتلەردە مۇباھلىق ئاساس قىلىنىدىغانلىقىغا تايانغان.
يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ئىچىدە قارا بوياش جائىز دېگەن ئۈچىنچى قاراش دەلىل جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئالدى بىلەن قارا بوياشنى مەكروھ ياكى ھارام دەپ چەكلىگەنلەر تايانغان دەلىللىرىنى تەكشۈرۈپ باقايلى:
قارا بوياشنى چەكلىگەنلەر تايانغان بىرىنچى دەلىل: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، مەككىنى پەتىھ قىلىش كۈنىدە ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ ئاتىسى ئەبۇ قۇھافە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما چېچى بىلەن ساقىلى ئاقىرىپ خۇددى ئاق چىچەكلىگەن دەرەخكە ئوخشاپ قالغان ھالەتتە كەلتۈرۈلگەندە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: "مانى بىر نەرسە بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىڭلار، قارىنى ئىشلەتمەڭلار" دېگەن.([9])
بۇ ھەدىس سەھىھ مۇسلىمدا بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدا بىر قانچە ئىللەت جەملەنگەن بولۇپ، بۇلاردىن بىرقانچىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز:
1. ئىبنى جۇرەيج بۇ ھەدىسنى ئەبۇززۇبەيردىن ئەنئەنە قىلىپ رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام نەسەئىي، دارىقۇتنى قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار ئۇنى مۇدەللىس دەپ سۈپەتلىگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ ئاڭلىغانلىقىنى ئېنىق دېمىگەن ئەھۋالدا رىۋايىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ.([10])
2. بۇ ھەدىسنى ئىبنى جۇرەيجدىن پەقەت مىسىرلىق ئىبنى ۋەھبلا رىۋايەت قىلغان. يەھيا ئىبنى مەئىين ئۇنىڭ ئىبنى جۇرەيجتىن قىلغان رىۋايىتى ھەققىدە توختۇلۇپ: "رىۋايىتى ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس. ئىبنى جۇرەيج ئۇنى كىچىك كۆرەتتى" دېگەن.([11])
3. ئەبۇززۇبەير ئۆزى "قارىنى ئىشلەتمەڭلار" دېگەن ئىبارىنى ئىنكار قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى جۇرەيجنىڭ بۇ ھەدىسنى ئەبۇززۇبەيردىن دەپ تەدلىس قىلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىمىغانلىقى، ئاڭلىغان بولسىمۇ بۇ ئارتۇق ئىبارە بىلەن ئاڭلىمىغانلىقى، ئارتۇق ئىبارىنى ئۇنىڭغا چاپلاپ رىۋايەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىمام مۇسلىم ئۇنىڭ رىۋايىتىنى ئەسلى ھەدىسلەر قاتارىدا ئەمەس، يانداشتۇرۇپ ئەكەلگەن مۇتابەئات قاتارىدا كەلتۈرگەندۇر. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان زۇھەيرنىڭ رىۋايىتىدە ئەبۇززۇبەير ئاشۇ ئارتۇق ئىبارىنى ئېنىق ئىنكار قىلغان. زۇھەير دەيدۇ: مەن ئەبۇززۇبەيردىن "قارىنى ئىشلەتمەڭلار" دېگەن ئىبارىنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەنمۇ دەپ سورىسام، ئۇ: ياق دەپ جاۋاب بەردى.([12])
4. بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ مۇسلىمدا كەلگەن ئارتۇق ئىبارىسىز رىۋايىتىدىمۇ ئىللەت بار. چۈنكى ئەبۇززۇبەير مۇدەللىس.([13]) ئۇنىڭ ئاڭلىدىم دەپ ئېنىق دېمىگەن مۇئەنئەن رىۋايىتى ئىللەتلىكتۇر. بۇنىڭدىن ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئۇستازى، ئىللەتشۇناس ئىمام بۇخارى بۇ رىۋايەتنى سەھىھىگە نېمە ئۈچۈن كىرگۈزمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى كۆرۈۋالالايمىز.
دېمەك قارا بوياشنى چەكلەشتە مەزكۇر رىۋايەت دەلىل بولالمايدۇ. بوياش مەسىلىسىدە ئەڭ سەھىھ ھەدىس بولسا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىستۇر: "يەھۇدى- خرىستىئانلار بويىمايدۇ، سىلەر بوياپ ئۇلارغا خىلاپلىق قىلىڭلار" دېگەن مۇتتەپەقۇن ئەلەيھى ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىس مۇتلەق كەلگەن. قارا رەڭ ئىستىسنا قىلىنمىغان. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن ئىمام زۇھرى قارا بويايتتى. ساھابە كىراملاردىنمۇ بىر قاتچىسى مۇشۇ ھەدىسنىڭ ئومۇمى بويىچە ئىش تۇتۇپ، قارا بويىغان. مەسىلەن: سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ئۇقبە ئىبنى ئامىر، جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئەمرۇ ئىبنۇل ئاس، ھۈسەين ئىبنى ئەلى، ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار.
بۇ سەۋەبتىن ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھ ئەلەيھى چاچنى قاراب بوياش ھەققىدە: "بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەرسە ئاڭلىمىدىم. قارىدىن باشقىسىنى ياقتۇرىمەن. ھېچقانداق رەڭدە بويىمىسىمۇ ئىنشائاللاھ كەڭچىلىك بار. كىشىلەرگە تارايتىش يوق" دېگەن.([14])
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالىمىزكى، قارىنى ئىستىسنا قىلىش ياكى قارىدا بوياشتىن توسۇش مەدىنە ئاھالىسىدا مەلۇم بولمىغان بىر ئىش ئىدى. مەدىنە ئىمامى مالىكمۇ بۇ ھەقتە ھەدىس ئاڭلاپ باقمىغان. بەلكى تېخى ئەبۇ ھۇرەيرە، جابىر ۋە ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك مەدىنىلىك ساھابە كىراملار قارا بوياشنى ياقتۇراتتى.

قارا بوياشنى چەكلىگەنلەر تايانغان ئىككىنچى دەلىل: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق كەلگەن: "زامانى ئاخىردا كەپتەرنىڭ پوكانلىرىدەك قارا بويىۋالىدىغان شۇنداق بىر قەۋملەر بولىدۇكى، ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ".([15])
بۇ ھەدىسمۇ قارا بوياشنى چەكلەشتە دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا بىر قانچە ئىللەت بار. مەسىلەن:
1. بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىدە ھەدىسشۇناسلار ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، ئىمام ئىبنۇل جەۋزى، شەۋكانى قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار يالغان دەپ قارىسا، يەنە ھافىز ئىراقى ۋە مەقدىسى قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار سەھىھ دەپ قارىغان. يالغان دەپ قارىغانلار بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ئابدۇل كەرىمنى ئىبنى ئەبى مۇخارىق ئەبۇ ئۇمەييە ئەلبەسرى دەپ قاراپ يالغان دېسە، سەھىھ ياكى ھەسەن دېگەنلەر ئابدۇل كەرىمنى ئىبنى مالىك ئەلجەزرى دەپ قاراپ شۇنداق باھا بەرگەن. بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىلىقىنى ئايرىش قىيىن، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئادەتتە ئەلجەزرىدىن رىۋايەت قىلسىمۇ، لېكىن ئىبنى ئەبى مۇخارىقتىنمۇ رىۋايەت قىلغاندۇر. تەبارانى ئەۋسات دېگەن كىتابىدا، ھەكىيم تىرمىزى مەنھىيات دېگەن كىتابىدا، خەللال تەرەججۇل دېگەن كىتابىدا قىلغان رىۋايتىدە ئابدۇل كەرىم ئەبۇ ئۇمەييە مۇجاھىدتىن، ئۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن دەپ ئېنىق كەلگەن. ئابدۇل كەرىم ئەبۇ ئۇمەييە بولسا ئىبنى ئەبى مۇخارىق بولۇپ، رىۋايەتتە ئاجىزدۇر. بۇنى ئابدۇل كەرىمدىن رىۋايەت قىلغان ھىشام ئابدۇل كەرىم ئەلجەزرىدىن رىۋايەت قىلىپ باقمىغان. ئابدۇل كەرىم ئىبنى ئەبى مۇخارىق بولسا ئادەتتە مۇجاھىدتىن رىۋايەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سەنەدتىكى راۋىينىڭ ئابدۇل كەرىم ئەلجەزرى ئەمەس، ئابدۇل كەرىم ئەلبەسرى ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. نەتىجىدە بۇ ھەدىس ئاجىزدۇر.
2. ئابدۇل كەرىمنى ئەلجەزرى دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەدىسنى سەھىھ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئەلجەزرى ئىشەنچلىك دەپ قارالغىنى بىلەن، يەھيا ئىبنى مەئىين، ئىبنى ھىببان ۋە ئىبنى ئەدىي قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار ئۇنىڭ ھەققىدە گەپ قىلىپ ئۇنىڭ يالغۇز رىۋايەت قىلغىنى قوبۇل قىلىنمايدۇ دېيىشكەن. بۇ رىۋايەتتە ئابدۇل كەرىم ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرىدىن پەقەت سەئىيد ئىبنى جۇبەيردىنلا،  سەئىيد ئىبنى جۇبەيرنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرىدىن پەقەت ئۆزى يالغۇزلا رىۋايەت قىلغان. يەنى ئۇنى ئىبنى ئابباسنىڭ باشقا شاگىرتلىرى رىۋايەت قىلمىغان. سەئىيد ئىبنى جۇبەيرنىڭ ئەلجەزرىدىن باشقا شاگىرتلىرىمۇ بۇنى رىۋايەت قىلىپ باقمىغان. ئۇنداق بولىدىكەن ئەلجەزرىنى ئىشەنچلىك دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ يالغۇز رىۋايەت قىلغان ھەدىسى مۇنكەر ياكى شاز بولىدۇ.
3. ئابدۇل كەرىمدىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئۆزى ئىشەنچلىك بولسىمۇ خاتالىشىدىغان كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئابدۇل كەرىمدىن، سەئىيد ئىبنى جۇبەيردىن، ئىبنى ئابباستىن قىلغان رىۋايىتىدەك ھېچكىم ئوخشاش رىۋايەت قىلىپ باقمىغان. ئۇنداقتا مەزكۇر رىۋايەت ئۇبەيدۇللاھ تەرىپىدىنمۇ مۇنكەر بولىدۇ.
4. ئالىملار بۇ ھەدىس مەرفۇئمۇ ياكى مەۋقۇفمۇ دەپ ئىختىلاپ قىلىشقان. لېكىن بۇنداق مەسىلىلەردە ساھابە ئۆز رەيى بىلەن گەپ قىلمايدۇ دەپ مەرفۇئنىڭ ھۆكمىدە دېيىشكە تىرىشقان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ سەئىيد ئىبنى جۇبەير ئارقىلىق ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن مەۋقۇف رىۋايەتنىڭ ئۆزى سەھىھ ئەمەس مۇنكەر بولغاچقا، يا مەرفۇئ يا مەۋقۇف يا مەقتۇئ ئىسپاتلانمايدۇ.
5. بۇ ھەدىسنىڭ ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئابدۇل كەرىمدىن دەپ قىلىنغان بارلىق رىۋايەتلىرى ھەر تەبىقىدە ئەنئەنە بىلەن كەلگەندۇر. بىرىدىمۇ ئاڭلىدىم دېيىلمىگەندۇر. دېمەك، مۇنكەر بىر ھەدىستىكى ئەنئەنە، ئۇنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
6. بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەسەن، ھۈسەين ۋە مۇھەممەد ئىبنۇل ھەنەفىييە قاتارلىق ئائىلە تاۋابىئاتى قارا رەڭدە بويايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان سەھىھ رىۋايەتلەرگە زىت. مەزكۇر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ ئەھلى بەيت فەقىھلىرىدىن بىرى. ئۇ بۇنداق چەكلىگەن ھەدىسنى بىلىپ تۇرۇپ ئەھلى بەيتكە يول قويۇشى مۇمكىن ئەمەس.
7. ھەدىسنىڭ مەتنىدە ئىللەت بار. ئۇ بولسىمۇ كېيىنكى چاغلاردا مۇسۇلمان بولغان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن: "يەھۇدى-خرىستىئانلار بويىمايدۇ، سىلەر بوياپ ئۇلارغا خىلاپلىق قىلىڭلار" دېگەن سەھىھەيندىكى ھەدىسكە زىت كېلىشىدۇر. ئەگەر قارا رەڭدە بوياش چەكلىنىدىغان بولسا ئىدى، بۇ ھەدىستە كېچىكتۈرمەي بايان قىلغان بولاتتى.

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، قارا بوياشنى چەكلەپ كەلگەن رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى يا مۇنكەر ياكى ئاجىز. ئىسلامنى ئەڭ ساغلام چۈشەنگەن، ھەقنى يەتكۈزۈشتە ھېچكىمنىڭ تاپا-مالامىتىدىن قورقمايدىغان ساھابە كىرام ۋە تابىئىنلاردىن تەركىپ تاپقان سەلەپ سالىھلارنىڭ نۇرغۇنلىرىدىن قارا بوياشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى كەلگەن بولۇپ، بۇمۇ قارا بوياشنى چەكلىگەن ھەدىسلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى تەكىتلەپ، چەكلەش بولمىغانلىقتىن ئەسلىدىكى مۇباھلىقتا قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۆزى مەكروھ دېگەن قاراشنى تاللىغان بولسىمۇ لېكىن مۇنداق دېگەن: "قارىدا بوياشنىڭ چەكلەنگىنى ئالدامچىلىق قىلىش ئۈچۈن دېدەك ياكى يېشى چوڭ ئايالنى ئەرگە ياكى خوجايىنغا، قېرى ئادەمنى ئاياللارغا ياش كۆرسىتىپ ئالداش بويىقىدۇر. چۈنكى بۇ ئالدامچىلىق. ئەمما ئالدامچىلىق بولمىغان ئەھۋالدا بويىسا چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قارا بويىغانلىقىنى ئىبنى جەرىر تەھزىبۇل ئاسار دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلغاندۇر. ئۇ يەنە قارا بويىغانلىقنى ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ئۇقبە ئىبنى ئامىر، مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە، جەرىير ئىبنى ئابدۇللاھ، ئەمرۇ ئىبنى ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلغان. يەنە ئەمرۇ ئىبنى ئوسمان، ئەلى ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇرراھمان، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلئەسۋەد، مۇسا ئىبنى تالھە، زۇھرى، ئەييۇب، ئىسمائىل ئىبنى مەئدىي كەرىب قاتارلىق تابىئىنلاردىنمۇ قارا بويىغانلىقنى رىۋايەت قىلغان. ئىبنۇل جەۋزى قارا بويىغانلىقنى يەنە مۇھارىب ئىبنى دىسار، يەزىيد، ئىبنى جۇرەيج، ئەبۇ يۈسۈف، ئەبى ئىسھاق، ئىبنى ئەبى لەيلا، زىياد ئىبنى ئىلاقە، غەيلان ئىبنى جامىئ، نافىئ ئىبنى جۇبەير، ئەمرۇ ئىبنى ئەلى ئەلمەقدەمى ۋە ئەلقاسىم ئىبنى سەللام قاتارلىق زاتلاردىنمۇ رىۋايەت قىلغاندۇر".([16])
قارا بوياش مەسىلىسىدە ئەر بىلەن ئايال ئوخشاشمۇ؟
ھافىز ئىبنى ھەجەر بەزى ئالىملارنىڭ ئەر بىلەن ئايالنى پەرقلەندۈرۈپ، بوياشقا بېرىلگەن رۇخسەت ئاياللارغا خاس دېگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ھەدىسلەردىن، ئالىملارنىڭ بايانلىرىدىن شۇنداقلا ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ يۇقۇرىقى سۆزىدىن قارىغاندا قارا بوياشتا ئەر بىلەن ئايال ئوخشاشلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭدا ئېرى بار ئايال بولسۇن، ياش ياكى قېرى ئايال بولسۇن ئوخشاش.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئايال كىشى چېچىنى قارا بويىشى ھەققىدە سورالغاندا: "قېشىمدا چېچىمنى قارا بويايدىغان بىر نەرسە بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلدىم" دېگەنلىكى سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان.([17])
يەنە قەتادە مۇنداق دېگەن: "چاچنى قارا بوياشقا ئاياللارغا رۇخسەت قىلىنغان".([18])
بۇ رىۋايەتمۇ رۇخسەت قىلغۇچى يا ساھابە ياكى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، يۇقىرىقى ئىككى رىۋايەت ئاياللار قارا رەڭدە بويىسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتە يېتەرلىك. چۈنكى ئاياللارنىڭ قارا بويىسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بۇ ئىككى رىۋايەتكە قارشى بىرەر رىۋايەت كەلمىگەن. ئەرلەر ھەققىدە قارا بوياشنى چەكلىگەن رىۋايەتلەرنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكى، بويىسا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولغاچقا، ئاياللار قارا بويىسا ئەلۋەتتە چەكلەنمەسلىكى كېرەك. بەلكى تېخى ئېرى بار ئاياللارنىڭ ئېرىگە ياسىنىش ئېھتىياجى باشقىلاردىن ئارتۇق بولىدۇ. لېكىن ئاياللار بويىغاندا ئۆزىگە ۋە قورسىقىدىكى تۆرەلمىگە زىيىنى بولمايدىغان بوياقلارنى ئىشلىتىشى، شۇنداقلا تۇغقىنىغا 3 كۈن، ئېرىگە 4 ئاي 10 كۈن ھازا تۇتىۋاتقان ئاياللار ھازا مەزگىلىدە بويىسا بولمايدۇ.

ئاقارمىغان چاچنى بويىسا بولامدۇ؟
چاچ-ساقالنى بوياشنىڭ سەۋەبى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرى: چاچ-ساقالغا ئاق كىرىشى.
يەنە بىرى: ئاق كىرمىگەن بولسىمۇ چاچ-ساقالنىڭ تەبىئى رەڭگىنى ئۆزگەرتىش.
ئاق كىرگەن سەۋەبتىن بولسۇن ياكى ئاق كىرمىگەن بولسىمۇ ياسىنىش ئۈچۈن بولسۇن ھەر ئىككى ئەھۋالدا بوياش جائىز. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاچ-ساقاللىرىغا تېخى ئاق كىرىپ كەتمىگەن تۇرۇقلۇق سارغۇچ بويىغان.([19])

ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2013-11-2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 11:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارا رەڭدىن باشقا رەڭدە بويسا  بولىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6406
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 12:08:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم! ناھايىتى ئومدان تىمىنى يوللاپسىز! ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kugul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-7 12:09 AM  


ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 12:25:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىز، ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتىلىك بىلەن،    يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 01:52:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا دىنى تېمىلارنىڭ ھەممىسىدىلا زىددىيەت چىقىشى كېرەك دەيدىغان تۈزۈم يوق، ئۆز ئارا ئىددىيە تاڭماي، قالايمىقان نەقىل ئېلپ تىللاشماي، چىرايلىق پاراڭلىشىڭلار. مىسرانىم مۇنبىرى دىن تارقىتىدىغان ياكى دىننى سۇسلاشتۇرىدىغان تور بەت ئەمەس. مىللەتچىلەر مىللى ئۆرپ ئادەتكە، ئەدەپ _ئەخلاققا ئۇيغۇن   ئىنكاس يېزىڭلار مۇسۇلمانلارمۇ ھەدىسكە ئۇيغۇن ھالدا مۇسۇلمانلار ئەخلاقى بىلەن يېزىڭلار. ئىتتەك تالىشىپ ھاقارەتلىشىش ئۇيغۇرغىمۇ مۇسۇلمانغىمۇ دۇرۇس ئەمەس.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mostafa + 11 كۈڭلۈمدىكى گپنى قىپسى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 01:57:35 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى چاچ بوياقلىرىدا   بەدەنگە زىيانلىق  خىمىيىلىك ئارىلاشما بولغاچقا ئادەم بەدىنىگە زىينى بارلىقى ئىسپاتلانغان. شۇڭا ھازىرقى شارائىتىمىزدا زۆرۈر ئىھتىياج بولمىسا بوياتمىغان ياخشى.  ئىلگىرىكى ساھابىلەر بوياشقا ئىشلەتكەن ساغلاملىققا تەسىر يەتمەيدىغان  ماتېرىيالنىڭ ھازىر تېپىلىشى تەس. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-7 12:04 AM  


تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 02:01:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulak يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 11:56 PM
مەن ئۇزۇندىن بىرى دىققەت قىلىۋاتىمەن .مىسرانىم مۇنبىر ...

تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. ئەتىگىچە بۇ ئەزانىڭ يېقىنقى ئىنكاسلىرىنى تەكشۈرۈپ باقايلى.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43825
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 02:02:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  مۇشۇ kapitan2»  دىگەن چوقۇم يا يەھۇدىي يا خىرىستىئان ، بىز ئۇيغۇرلا ئىچىدىن ھەرگىز بۇنداق مۇناپىق چىقمايدۇ .  يازغان ئىنكاسنىڭ ھەممىسى جىدەل تىرىيمەنلا دەيدۇ ، باشقۇرغۇچىلا كۆمەمدىغاندۇ ، چەكلەپلاۋەتمەي مۇشۇنداق ماڭقۇرتلانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4942
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 02:28:46 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-11-7 01:52 AM
مىسرانىمدا دىنى تېمىلارنىڭ ھەممىسىدىلا زىددىيەت چىقى ...


     ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئاۋۇنىڭ مەسخىرىلىك سۆزلىرىگە سەل قايناپ قالدىم. مېنى نىمە دىسە مەيلىدى... مۇشۇنداق پىتنىخوردىن بىر-ئككىسى دائم دوست تارتىشىپ بالىلارنى جىدەلگە سالىدۇ. ھىچ بىلمىدىم, مەقسىدىنى...
    مۇنبەرداشلارنى بىئرام قىلىپ قويغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gayur1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-7 02:32 AM  


kvndiz-kiche بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 10:38:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش