غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونۋېرسىتىدا جۇڭگۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
خوجانىياز(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى)
شىمال مىللەتلەر ئونۋېرسىتىدا ئېچىلغان جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى مەدەنيىتى تەتقىقاتى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، تەكلىپ بىلەن 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنستىتوتىدىن فروفىسسور غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر ئەپەندى،ئابدۇشۇكۇر موللەك ئەپەندى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن تەتقىقاتچى ئىدرىس ئەپەندى،ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن تەتقىقاتچى خوجانىياز ئەپەندى،خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىن مەمەت بارات تەشنايى ەپەندى لەنجۇ شەھرىگە جايلاشقان غەربىي شىمال مىللەتلار ئونۋېرسىتىتىغا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12يېرىمدە يىتىپ كەلدۇق.غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىنىستىتوتى رەھبەرلىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە جىدىي يىغىن تەييارلىق ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ھەرقايسى ئالىي ،ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن كەلگەن يەنە بىرقىسىم تەتقىقاتچىلارمۇ يىتىپ كەلدى.
بۇ يىغىن 2013-يىلى9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن-29كۈنىگىچە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 76يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات پېنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسئۇللىقىدا،يېڭى ئوقۇتۇش تەۋەسى ھەممە باپ ئوقۇتۇش بىناسى101-چوڭ سىنىپتا ئۆتكۈزۈلدى.
غەربىي شىمال مىللەتلىرى ئونۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى باشلىقى-ئابدۇۋېلى كەرىم (فروفېسسور)،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان،شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى مۇدىرى ئابدۇشۇكۈر موللەك ،بېيجىڭ مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتىدىن ئەركىن ، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈسۈپچان ئەمەت, ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىنىستىتوتى پارتىكومىنىڭ شۇجىسى –ماينۇر جامال قاتارلىقلار يىغىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
يىغىن باشلىنىپ تەبرىك سۆزى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىغا ئاتاپ ئەكەلگەن سوغات بۇيۇملىرى-كىتاپ ماتىريال،خاتىرە سۈرەت،خاتىرە بۇيۇملىرى،لەۋھە قاتارلىقلارنى تەغدىم قىلدى....
يىغىنغا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ شۇجىسى
ماھىنۇر جامال رىياسەتچىلىك قىلدى. غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى - يۈسۈپچان ئەمەت سۆز قىلدى ،ئارقىدىنلا color=#000000>شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات، سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئازات رەھمىتىللا سۇلتان بىلەن بىللە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىدا قۇرۇلغان «قۇتادغۇبىلىك، تەتقىقات بازىسى»نىڭ ئېچىلىش يوپۇقىنى ئاچتى.
غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ مۇدىرى، تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇرى، فرافسىسۇرى، ماگسىتېر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى كېرىم ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يىغىن ئەھلىگە دوكلات قىلدى
بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى يازغۇچى «زوردۇن سابىر ئىجادىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» نامىدا باشلاندى. ئازات سۇلتان سۆز قىلىپ زوردۇن سابىر ئىجادىيىتى ئۈستىدە قىسقىچە توختالدى،ئاندىن يازغۇچى زوردۇن سابىر ئوقۇغان ،ئىشلىگەن، يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىككىنچى يۇرتى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتىدا «زوردۇن سابىر خاتىرەسارىيى»قۇرۇلغانلىقىنى يىغىن ئەھلىگە تەنتەنە بىلەن جاكارلىدى، ئاندىن كېيىن سۆزگە چىققان شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى فروففېسسورى غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر ئەپەندى « شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىلمىي لېكسىيە » دېگەن ماقالىسىدا ئاتاغلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر نىڭ 1980نەچچىنجى يىللىلىرى شىنجاڭ ئونۋرسىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئەدەبىي سۆھبەتكە سىرىتتىن تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئىلمىي قاراشلىرى ،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىگە بولغان قىزىقىشلىرى ھەققىدىكى تۈرلۈك سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋاپلىرى قاتارلىق ئىشلارنى ئەسلىتىپ يىغىن ئەھلىنىڭ ئەينى يىللاردىكى زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى قىزىقىشىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتەردى.
<<ئۇنىڭدىن باشقا ئىلى پېداگوگكا ئىنىستىتوتىدىن كەلگەن خانىم-مەرىيەم قۇربان ،زوردۇن سابىر ئىجادىيىتى
ئۈستىدە توختۇلۇپ،زوردۇن سابىر «ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ئايرىم يۇرت ئىشلىرىنى يېزىشتىن
ھالقىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئىشلارنى يېزىشقا ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي
ئەھۋالىنى يۇرۇتۇشقا ئۆتكەن،يۇرت ھالقىغان ۋەتەنپەرۋەر يازغۇچىسى» دېگەن
قاراشلىرىنى بايان قىلىپ يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۇردى .
بۇلۇپمۇ غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن ئابدۇرېشىت ئوسمان مۇئەللىم زوردۇن سابىر ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق ،تەپسىلى توختۇلۇپ ئۆتتى .يىغىن ئەھلى ئابدۇرېشىت ئوسمان مۇئەللىمنى بىردەك ھەقىقى ئىزدىنىۋاتقان« زوردۇن سابىر شۇناس»كەن دەپ ناھايىتى يۇقۇرى باھالار بىلەن قىزغىن ئالقىشلىدى.
مۇھاكىمە جەريانىدا «يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلىدىن ‹ئىزدىنىش› رومانىغا بىر نەزەر (ئابدۇۋەلى كېرىم)»،«خەنزۇ مەدەبىيىتىنىڭ يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسدا (باتۇر مەخسۇت) ».«يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى توغرىسىدا (مەريەم قۇربان)»، «زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇ تىل-يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ( چىڭ ۋۇ) »، « يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بىر قېتىملى ئىلمىي لېكسىيىسى ھەققىدە (غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر)»،« تەخەللۇسشۇناشلىق ۋە زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى (ئەكبەر قادىر)»، « زوردۇن سابىرنىڭ ‹ئانا يۇرت› ناملىق رومانىدىكى فولكلۇرلۇق ئىماگ توغرىسىدا ئىزدىنىش (ئابىدە ئىبراھىم)»، «يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹ئانا يۇرت› ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ تىلىدا ئىلى شېۋىسى (ئابدۇرېشىت ئوسمان)»،،،قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتۇرلىرى ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى قىسقىچە شەرھىلىدى. ئىككىنچى گۇرۇپپىغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى فرافسىسۇرى، ماگىستېر ئاسپىرانت يېتەكچىسى غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ گۇرۇپپىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى مۇھاكىمە قىلىندى. مۇھاكىمە جەريانىدا « مۇھەممەتجان سادىقنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە(ئابلىكىم ئابدۇراخمان)»، «يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتنەزەرىيىسى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ھەققىدە ئويلىنىش (ئىقبالتۇرسۇن)»، «ئەدەبىي ئىجادىيەتىنىڭ تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سۇبېيىكتىپ مەسىلىلەر (مۇھەممەت بارات تەشنائى)»،.... قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتۇرلىرى ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئاخىرىدا ئەدەبىياتشۇناس ئازاد رەھمىتىللا سۇلتان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، ئاخىرلاشتۇرۇش نۇتىقىنى سۆزلىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-6 12:52 PM
|