مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7888|ئىنكاس: 20

كېلەر يىلى دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنى 4G تورى قاپلايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98047
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 238
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 11:50:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن دۆلەت خەۋەرلىشىش ئورگىنى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى 4G تورىغا كىرىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى . جوڭشىڭ، خۇاۋېي ، سامسۇڭ قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ يانفونلىرى تۇنجى تۈركۈمدە 4G تورىغا كىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى .
4G تورى ئەمەلىيەتتە تۆتىنچى ئەۋلات خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى .  4G تورىنىڭ ئۆلچىمى تور سۈرئىتى تېخىمۇ تېز ، تورنىڭ كېچىكىش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا ، كىرىش ئېغىزى تېخىمۇ ھەرىكەتچان ، مۇلازىمەت سۈپىتى تېخىمۇ ئەلا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا ، ھەقىقىي 4G تورى كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك كۆچمە ئىنتېرنېت تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ .
ھازىرقى 3G تورىغا سېلىشتۇرغاندا ، 4G تورىنىڭ سۈرئىتى زور تېزلىتىلگەن . ھازىر 4G تورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چۈشۈرۈش سۈرئىتى ھەر سېكونتىغا 100M گە يېتىدۇ . بۇ ئۆلچەملىك 3G تورىنىڭ 10 ھەسسىگە باراۋەر .
4G تورى ئاستىدا ، 2G چوڭلۇقتىكى بىر كىنونى چۈشۈرۈشكە پەقەت بىر نەچچە مقنۇتلا كېتىدۇ . ھازىر 4G تورىنى ئىشلەتكەندە تورنىڭ كېچىكىش ئەھۋالى 0.05 سېكونت بولۇپ 3G تورىنىڭ 1/4 سىگە توغرا كېلىدۇ . سائىتىگە نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يۈرىۋاتقاندىمۇ 4G تورىنىڭ سۈپىتى يەنىلا ناھايىتى ياخشى .
ھازىر 4G تورىنىڭ ئاساسلىقى دۆلىتىمىزدىكى TD_LTE ۋە چەتئەلنىڭ FDD-LTE دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۆلچىمى بار . جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بىر قىسىم شەھەرلەردىكى قۇراشتۇرۇپ سىناق قىلغان 4G تورىنىڭ مىسالىدىن قارىغاندا ، ئەمەلىي سىناش جەريانىدا ئەڭ يۇقىرى چۈشۈرۈش سۈرئىتى 100M قا يېتىپ نەزەرىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېقىنلاشقان ، ئولتۇراق رايونلاردىكى ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 20---30M قىچە بولغان .
4G دەۋىرىدە ، سىنلىق پاراڭلىشىش ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور ، تور ئويۇنى قاتارلىقلاردا ھازىرقىدەك تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى سەۋەپلىك كىشىلەر نورمال ئىشلىتەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ . يانفوندا تورغا چىققۇچىلارمۇ تېخىمۇ تېز بولغان كۆچمە ئىنتېرنېتتىن بەھرىمان بولالايدۇ .
مۇتەخەسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرىشىچە ، 4G تورىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىشى 4G تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە ياخشىلىنىشى ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ 4G ئۆلچىمىگە لايىق كېلىش-كەلمەسلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك . ھازىر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 200 مىڭدىن ئارتۇق TD_LTE بېكىتىنىڭ قۇرۇش -ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى ، بۇ بېكەتلەر دۆلىتىمىزدىكى 300دىن ئارتۇق ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، مۆلچەرلىنىشچە 2014-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتۈنلەي قۇراشتۇرۇلۇپ بولىدىكەن ، شۇ چاغدا دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنى 4G تورى قاپلايدىكەن .
4G تورى ناھايىتى ئىلغار بولغاچقا ، بۇ تورنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان .


ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18460
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10678 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 01:10:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىغۇ      ئەمدى  ئويغۇنۇپتۇدە بۇ  كۆچمە  خەۋەرلىشىش  شىركىتى   ...   

يەنىلا  بىرلەشمە ياخشى   

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 01:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىغان پۇلى4g نىڭ ،ئەمەلىي سۈرئەت بەك بولسا 3gبولمىسا 2gنىڭ سۈرئىتى .بۇرۇنلا كۈنەپ كەتتۇق.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 01:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ 3g تورىدىن جىق پەرقى يوق، سىناپ باققان، سەللىسى يوغان  ئىمان يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 01:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇ سەھراغا 2جى تورىمۇ ئاران كىلىۋاتىدۇ،  باشقا يەرلەردە 4جى تورى باشلىنىپ بوپتۇ، نىمە دىگەن ئادالەت ھە
تېلفۇندىكى تور سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 40kb، ئادەتتە نورمال ھىسابلىغاندا 12kb، يىزىمىزدا تېلفۇنلار 100kbسۈرئەتكىمۇ چىقالمايۋاتسا، كۆچمە خەۋەرلىشىش 100مىگابايىت سۈرئەتلىك تور تارقىتارمىش.
بۇلارنىڭ قىلمىشى يولداش ماۋزىدوڭ ئوتتۇرغا قويغان بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش دىگەن گېپىگە زىت بوپ قالاي دىدىمۇ يا؟؟؟

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1904
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 03:16:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا 2gياخشى بىزلەگە،  ئۇنىڭدىن ئېشىپكەتسە ئشىپكىتىدۇ،  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1904
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 03:19:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسگەپ قىلسام  2gبىلەن 3gدىگەننى  قانداق ئايرىيمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 03:59:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسلىق شەھەر دەپتۇغۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96952
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2013-8-13
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 04:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور سۈرئىتى تىز بولغان بىلەن ، تور ئىشلىتىش ھەققى ئەرزان بولمىسا يەنىلا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىشى ئېلىنىشقا ئۇچرىشى تەس .

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 04:33:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3G تورىمۇ ئۇمۇملىشىپ بولالمايۋاتسا تاڭ جۇمۇ بۇنىڭ كىلەر يىلى ئۇمۇملىشىشى …
بولسا تىزراق ئۇمۇملاشسا بىزلەرگىمۇ ياخشىتى …

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش