مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9149|ئىنكاس: 35

ئۈستىلەنگەن قەلىب يارىسى (تولۇق قىسىمى) سەرسانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 05:54:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1018_副本.jpg

  

                                          
                                                 ئۈستىلەنگەن قەلىب يارىسى-پوۋېسىت  
               
                                                                 (سەرسانى)                                               


              ئىنسان قەلبى سىرلارغا تولغان ، ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلىك ھايات ئادەمگە ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان قىسمەتلەرنى ئاتا قىلىدىكەن .ھەم شۇ يولدا ھەر كويلارغا سالىدىكەن ، داپنى چېلىپ بىرىپ بىزنى ئۇسۇلغا سالىدىكەن .
              قىسقىغىنە ھاياتىمدا بىر ئادەمگە بۇنچىلىك ئىشىنىپ ، بۇنچىلىك ئەقىدە قىلىپ ، بەخىت ۋە خۇشاللىقلارغا ئىرىشىمەن ، ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويغۇدەك دەرىجىدە دەرت-ئازابلارغا دۇچار بولىمەن دەپ ئويلاپ باققان ئەمەسمەن . لىكىن بۇ ھەقىقەت ، ئاقىۋەت مەن جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن مىنى تالاي نەرسىلەردىن ۋاز كەچتۈرگەن قىز ۋاپاسىزلىق قىلدىغۇ ، باشقا بىرىنىڭ كەينىدىن كەتتىغۇ ...بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن بۇ قانچىلىك ئەلەم ؟ ئەرلىك غورۇرىغا قىلىنغان ھاقارەت ، چىن سۆيگۈسىگە بولغان ئاسىلىق . ئەقىدىسىنى خازان قىلىش ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى يوققا چىقىرىش ...   مانا بۇ مىنىڭ قىسمىتىم. سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدىغان، ئۆچۈرگۈچ بىلەن سۈرتۈپ تازلىغىلى بولمايدىغان قەلىب دېغى . ئويلانماقتىمەن ، تېگى يوق خىياللار بۈگۈنمۇ مىنى ئۆز قوينىغا ئالماقتا ، يۈرەك قەپىسىمنى ئەسىر قىلىپ ئازاپ دېڭىزلىرىغا تاشلىماقتا.
  --مەردان ، تۇر ئورنىڭدىن ، چىقىپ بىر نەرسە يەيلى ئاداش . دوستلىرىمنىڭ سالالىرى بىلەن تاماققا چىقتۇق ، بۇمۇ مىنىڭ دوستلىرىمنىڭ مەن شەمسىيەدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن بېرى مىنىڭ تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىم ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقى ئىدى . نىمىلا بولمىسۇن ئىچ ئىچىمدىن ئۇلاردىن رازى ئىدىم .
بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ بىز دائىم بىللە تاماق يەيدىغان ئاشخانا ئالدىغا كەلدۇق ، ئىشىكتىن كىرەي دەپ تۇرشىمغا ئىچىدىن چىققان رەيھان مىنى چۈچىتىۋەتتى .                                    
--ھەي مەردانمۇ سىز ، كۆرۈنمەي كەتتىڭىزغۇ ، ئەھۋالىڭىزچۇ ، ياشى بۇلۇپ قالغانسىز ؟               
--- اللاھقا شۈكىرى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟ قايتۇرۇپ سورىدۇم مەن .                                            
-- مەن دىگەن كىم ؟ بۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ ، ياخشى شۇ . ھە توغرا بىر نەرسە بار ئىدى سىز گە بىرىدىغان . رەيھان شۇنداق دىگىنىچە سومكىسىدىن بىر كونۋىرتنى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى .
--نىمە ئۇ ؟ دىدىم مەن ھەيران قېلىپ ، چۈنكى رەيھان قانداق گەپ بولسا خەت يېزىپ يۇرمەي ئۇدۇللا دەيدىغان قىز ئىدى .                                                                                    
-- كۆرۈپ باقمامسىز ، مەن نەدىن بىلەي بىراۋ نىمە يازىدى بۇنىڭغا . رەيھان ھەييارلارچە كۈلۈپ قويۇپ مېڭىپ كەتتى .                                                                                          
           رەيھان مەن  بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان دوستلىرىمدىن ئىدى ، شۇنداقلا شەمىسىيەنىڭ دوستى بۇلۇپ بۇرۇنلاردا شەمسىيە ئىككىمىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلارنى قىلغان . رەيھان سىنىپىمىزنىڭ ئەڭ شوخ قىزى ، ھەر قانداق چاغدا ھېچچىكىمگە گەپ بەر مەيدىغان ئۆزى ئاق كۆڭۈل ، ھەققانىيەت قارشى تولىمۇ كۈچلۈك قىز .                                                                                   
                خىياللىرىمنىى يىغىشتۇرۇپ  دوستلىرىمنىڭ قېشىغا كىردىم . مىنىڭ ئامىراقلىقىمنى بىلگەچكە پولا بۇيرۇتۇپ قويۇپتىكەن كۈلكە چاقچاقلار بىلەن تاماقنى يەپ ياتاققا قايتتۇق ، شەنبە كۈنى بولغاچقا باشقا ئىشىمىزمۇ يوق ئىدى. كارۋىتىمغا چىقىپ يېتىشقا تەمشىلۋىدىم يانچۇقۇمدىكى كونۋىرت ئىسىمگە كەلدى . ئېچىپ ھەيران قالدىم، ھەيران قالغىنىم ھەرگىزمۇ سۆيگۈ خېتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مەن ئەزەلدىن ئۇنداق ئويلاردا بولمايدۇ دەپ قاراپ كەلگەن قىزدىن كەلگەن سۆيگۈ خېتى ئىدى .
                                                          سالام سىزگە                                             

                 ھۆرمەتلىك مەردان ، ياخشىمۇسىز ؟ تىنىڭىز سالامەتمۇ ؟ ھەيرانمەن مەردان ، شەمسىيەنىڭ قىلغانلىرىغا ھەيرانمەن . بەلكىم ئادەم ئىرىشىپ بولغاندىن كىيىن قەدىرلەشنى بىلمىسە كىرەك ، ۋە ياكى يېڭىلىق ئىزدىگۈسى ، ئوخشىمىغان پۇراقلارنى پۇرىغۇسى كەلسە كېرەك . بولدىلا مەردان ، بۇ گەپلەرنى قىلىپ قەلىپ يارىڭىزغا تۇز سەپكەندەك ئىش قىلماي . ئەسلى گەپكە كەلسەم مەن سىزنى سۆيىمەن مەردان . بۇ چاقچاق ئەمەس ، بەلكى ھەقىقەت. بەلكىم شەمسىيە سىزگە ۋاپاسىزلىق قىلمىغان ، سىزنى بۇنچە ئازاپلارغا دۇچار قىلمىغان ، ئەقىدىڭىزنى بۇنچىلىك خاراپ قىلمىغىنىدا ئىدى مەنمۇ ھەم بۇندىن بۇرۇنقى ئىككى يىلنى قانداق ئۆتكۈزگەن بولسام يەنە تەرىقىدە ، سىزنىڭ بەختىڭىزنى تىلەپ قولۇمدىن كەلگەن ئىشلاردا سىزگە ھەمدەم بۇلۇپ ئاددى دوستىڭىز بۇلۇپ سىزگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈمگە نوختىلارنى سېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن بۇلار ئىدىم . تولىمۇ ئەپسۇس مەردان ، مەن ئەمدى چىدىمىدىم ، سىزنىڭ بۇنداق ئازاپ تارتىپ يۈرشىڭىزنى خالىمايمەن......

               روشەنگۈلنىڭ خېتى شۇ تەرىقىدە مىنى قاچاندىن بېرى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ، بۇ ئىككى يىلنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى ، مەن خالىساملا شەمسىيەنىڭ ماڭا قالدۇرغان يۈرەك يارىللىرىنى داۋالاش ئۈچۈن تەييارلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان ئىدى . يۈرۈكۈم يەنە بىر قېتىم ئېچىشتى . ھېلىھەم مىنى چىن دىلىدىن سۆيۈپ مىنىڭ ئوتۇمدا پۇچىلنىۋاتقانلار ئازمۇ ؟ ئۇلارغا كىرەكلىك بولغان چىن مۇھاببەت ، سۆيگۈلەرنى بىرەلمەي مىنىڭ يۈرۈكۈم ئاز ئېچىشتىمۇ ؟ بىر ساپ قەلىبنىڭ يەنە بىر قەلىبكە ئىنتىلىشى ، سۆيگۈ تەلەپ قىلىشى گۇناھ ئەمەستە...ئۇلارمۇ مەن ئەينى چاغلاردا شەمسىيەگە ئاشىق بولغاندەق ماڭا ئاشىق بولغاندۇ ، ئۇلارمۇ سانسىز ئۇيقىسىز كىچىلەرنى مىنى ئويلاش ، ئىسمىمنى زىكىر قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەندۇ ...بىراق مەندە نە  ئامال ؟ سۆيمەي تۇرۇپ بىراۋغا يالغاندىن مۇھەببەت بەرگىلى بولمىسا ، يەنە كىلىپ قايسى بىرىگە بىرىپ بولالايمەن ؟  خىياللىرىم يەنە داۋاملاشقانمۇ بۇلار ئىدى دىلشاتنىڭ چاقىرىشى مىنى ئويغاتتى .                                   
--نىمە دىدىڭ ئاداش ؟ تازا ئاڭقىرالمىدىم ... ئۇنىڭ نىمە دىگىنىنى راستلا ئاڭلىمىغان ئىدىم .                                                                                      
--سىنى رەيھان چاقىرىۋاتىدۇ دەيمەن ، بىنانىڭ ئالدىدا قالدى . تىزراق چۈشسۇن دەيدۇ               
رەيھاننىڭ مىنى نىمە ئۈچۈن ئىزدەيدىغىنىنى بىلەتتىم ، شۇڭا رۇشەنگۈلنىڭ خېتىنى ئېلىپ پەسكە چۈشتۈم .                                                                                               
-- چاقىرىپتىكەنسىز ... سۇئال نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم .                                       
-- ھەئە . مەسىلىڭىزنى ئۆزىڭىز تاپشۇرامسىز باشقا گېپىڭىزمۇ بارمۇ ؟ ئۇنىڭ چاقچىقىدىن كۈلۈپ كەتتىم ۋە خەتنى ئۇنىڭغا سۇندۇم . رەيھان تىزلا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپلا كونا ئادىتى بىلەن قايناشقا باشلىدى.                                                                                                
-- نىمە دىگەن دۆت قىزلار بۇ ، قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي قاپتۇ زادى . ھەي ... نىمانچە ئاخماق ، ئوتەپ تېشىپ يەنە سىزگە يېپىشقىنىنى . بۇ قىزلارغا سىزدىن باشقا ئوغۇل بالا يوقمىدۇ ؟ نىمانچە قىلىدۇ دەيمەن ، ھەي ... رەيھان قاخشاپ بۇلۇپ ماڭا ئالىيىپ قاراپ قويدى . شەمسىيەدىن ئايرىلغان بىر نەچچە ئايدىن بېرى كەيپىياتىم ياخشى بولمىغاچقىمۇ بۇرۇنقى شوخلۇقلىرىمدىن ، گەپتانلىقلىرىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى .                                                            
-- نىمە ؟ گاچا بۇلۇپ قالدىڭىزما ؟ سالام خەتتىن ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتامسىز يە ؟ بولدى بولدى ،يۈرۈڭ دوغ ئىچىپ كىرىمىز . مەن مىھمان قىلىمەن بۈگۈن . رەيھانغا ياق دىيەلمەيتىم ، ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە ياق دەپ قۇتۇلالمايدىغىنىمنى بىلىمەن . بىللە كىتىۋاتىمىز ، رەيھاننىڭ نىمىلەرنى دەۋاتقىنىنى بىلمەيمەن . پۇتۇن دىققىتىم بىلەن بۇ بىگۇناھ قىزنى نىمە دەپ ياندۇرارمەن دىگەننى ئويلاۋاتىمەن . تۇيۇقسىز دۈمبەمگە يىگەن بىر مۇشتىن چۇچۇپ ئىسىمگە كەلدىم . مەكتەپ ئالدىدىكى سوغۇق ئىچىملىك دۇككىنى ئادىغا كىلىپ قاپتىمىز . بۇلۇڭدىكى ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردۇق .                                                                                             
-- ئىسىت ئىسىت ئاشۇ ئەخمەق قىزلارغا ......   رەيھاننىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلدى .                 
-- بولدى قىلىڭ رەيھان ، ئۇلاردا گۇناھ يوق «كۆڭۈل دىگەن پادىشاھ ، ئىشەككىمۇ تارتىشا» دەپ ئاڭلىمىغانمۇ ؟ بولدى قىلىڭ ھە، بولمىسا ئۆزىڭىزمۇ شۇ كۈنگە قېلىپ زارلاپ يۈرۈپ قالماڭ يەنە . توختاپ قالسۇن ئۈچۈن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدىم .                                                         
-- نىمە؟ ئۆتەپ بېرىڭە ساراڭ . مەن ئۇنداق ئەخمەقلەردىن ئەمەس .ئادەم تاپالماي سىزگە كۆيۈپ قالامدىم ؟                                                                                                
-- ئۇنداق دىمەڭ دەيمەن ، راستىنلا شۇنداق بۇلۇپ قالمىسۇن ھى ھى ھى  ئۇنى تازا بىر تىرىكتۈرەي دىدىم .                                                                                                  
-- ئەگەر شۇنداق بولسىچۇ مەردان، مەن ئىسمىمنى يۆتكىۋىتىمەن ، مىنىڭ ئىسمىم رەيھان بولىدىكەن بۇ مۇمكىن ئەمەس .                                                                                    
-- راستما ؟ ۋاختى كەلگەندە ئىسىمنى ئۆزۈم سىزگە تاللاپ بەرمىسەم ھىساپ ئەمەس ھا ھا ھا .                                                                                       
-- نېرى بېرىڭ ، مۇمكىن ئەمەس . تۇلا ئۇخلىماي چۈش كۆرمەڭ .                                    
بارغانسىرى قېنىم قىززىپ چاقچاقنى يىغىۋالالماي قالدىم.                                                
-- باغلىشامدۇق ؟ ئۇتتۇرۋەتسىڭىزچۇ ؟ دىدىم ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن .                                                            
-- دىدىمغۇ مۇمكىن بولمايدۇ دەپ . ئەگەر شۇنداق بۇلۇپ قالسا ئىسمىمنى راستلا يۆتكىۋىتىمەن . ئويۇن قىززىدى ، شۇنداق قىلىپ توختاممۇ تۈزۈشتۇق . ماڭا بىرىلگەن ۋاقىت ئۈچ ئاي بولدى . ئۈچ ئاي ئىچىدە رەيھان ماڭا كۆيۈپ قالسا ئىسمىنى يۆتكىۋىتىدىغان . ئەگەر كۆيۈپ قالمىسا مەن ئۇتتۇرغان بۇلۇپ رەيھاننى يۈدۈپ مەكتەپنى بىر ئايلاندۇردىغان بۇلۇپ توختام تۈزۈشتۇق . قىززىق ، ئۆز-ئارا ئمزا قويۇپ بارمىقىمىزنىمۇ باستۇق . توختام پۈتۈنلەي رەيھاننىڭ ئويلاپ تاپقان نەرسىسى بۇلۇپ ئۇنىڭ ھازىر ئويلايدىغىنى پەقەت ماڭا ھاپاچ بۇلۇپ مىنىڭ قىززىق ئويىنىمنى بىر كۆرمەكچى ئىدى . شۇنداق كىلىشىپ ئۆز ياتاقلىرمىزغا قايتتۇق .  


         قىززىق شەمسىيە توغۇرلۇق ئازاپلار ، رۇشەنگۈلنىڭ خېتى توغۇرلۇق باش قېتىنچىلىقلار ئۇنتۇلدى . بىر ھىسابتا ماڭا قىلغۇدەك ئىش چىققان ئىدى . چۈنكى ئەزەلدىن دەرىسلەر مىنىڭ بېشىمنى ئاغرىتالمايتى . قانچە ئويناپ يۈرسەممۇ نەتىجەم يىللىقنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى . توپ تۈرلىرى بولسا دوختۇرنىڭ «توپ ئوينىماڭ ، ئۆزىڭىزنى ئاسىرىمىسىڭىز بولمايدۇ» دىگەن گىپى بىلەن مىنىڭ تۇرمۇشۇمدىن خوشلاشقىنىغا بىر نەچچە يىل بولغان ئىدى . كارۋىتىمغا چىقىپ رەيھاننى قانداق ئۇتىۋېلىش تۇغرىسىدا باش قاتۇرىشقا باشلىدىم . ئەلۋەتتە ، رەيھان ئادەتتىكى قىز ئەمەس . ئۇنىڭ مۇستەقىللىق قارىشى كۈچلۈپ نىمە دېسە شۇنداق قىلىدىغان قىزلاردىن ئەمەس ، يەنە كىلىپ ئۇ مەن بىلەن خۇددى ئوغۇل بالىلاردەك يېقىن ئۆتكەن شۇنداقلا مەن بىلەن دادىل مۇنازىرلىشەلەيدىغان بىردىنبىر قىز ئىدى . قانداق قىلىش كىرەك ؟  توغرا، ھازىردىن باشلاش كىرەك . كاللام يىشۇنىڭ بېشىدەك يورىدى دە قولۇمغا تېلفۇننى ئالدىم .  رەيھان قىز بارمۇ سىز ؟ دىسەم دىمىسەم ياتاققا كىرىپلا مىنى سېغىنغىلى تۇردىڭىزغۇ دەيمەن ؟ بوپتۇ سېغىنىۋىرىڭ . مەن يىراق يەردە بولمىغاندىكىن ...    ئۇچۇرنى يوللاپ ئۇزۇن بولمايلا رەيھاننىڭ ئۇچۇرى كەلدى .     نىمە دەيسىز ؟ ئېلىشىپ قالدىڭىزما ؟ تۆۋە جىمۇ ...اللا خالىسا  ئوڭشۇلۇپ قالارسىز ھە ...  ئۇچۇرنى كۆرۇپ ئىچىۋاتقان سۈيۈمنىمۇ پۇرقۇپ سالدىم . ھەي شەيتان پەقەت گەپ بەرمەيسەندە ئادەمگە.                                                                  بۈگۈن قايتا قېيىشمىدىم ، ئۇنى ھازىرلا بىزار قىلىپ قويۇپ ئۇتتۇرۋىتىشىمدىن ئەنسىردى. ئەتە قانداق قىلىشنى ئويلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن .                                                                                                                                                                                                         
         يېڭى بىر كۈن . ئەتتىگەندىلا رەيھانغا تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاپ كىتىدىغان مەزمۇندا ئۇچۇر يوللاپ جىلە قىلىپ ئۈلگۈردۇم . ئاشۇنداق مەزمۇندا ئۇچۇر يېزىۋاتقىنىمدا شەمسىيەنى يەنە ئەسكە ئالدىم . ھەيرانمەن ، شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ يۈرۈگۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا ئېچىشىپ تۇراتتى . لىكىن ياخشى بولغىنى مەن بىلەن ئويۇن ئوينايدىغانغا ئادەم چىقتى . بەلكىم مۇشۇ ئويۇننى دەپ ئالدىراش بۇلۇپ كەتسەم ھەممە نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالارمەن . شۇنداق بولشىنى ئۆزۈم تۇلىمۇ ئۆمۈد قىلىمەن . بولدىلا بۈگۈنكى ھەركىتىمنى باشلاي .                                                                        رەيھانغا تېلفۇن قىلدىم .
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بارمۇ سىز ؟ ئۇخلاپ ياتمىغانسىز ؟ تاماق يىدىڭىزمۇ ؟ سورۇدۇم رەيھاندىن . تىلفۇندىن ئۇنىڭ ئۇيقاچان ئاۋازى كەلدى .                                                               
-- ۋاي نىمە بولدى بۇ سەھەردە ؟ چۈشىڭىز بۇزۇلۇپ قالمىغاندۇ ؟                                       
-- ياقەي ، پەسكە چۈشسىڭىز بوپتىكەن . سىزگە دەيدىغان گەپ بار ئىدى .                             
-- ساقلاپ تۇرۇڭ ھە . قىزلار ياتاق بىناسى ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم . رەيھان بىنادىن چۇشۋاتقىنىدا     ئۇنىڭ چىرايىغا دىققەت قىلدىم ، بۇرۇن بايقىمىغان بولسام كىرەك رەيھانمۇ راۋۇرۇس چىرايلىق قىز ئىكەن .
-- نىمە دەيسىز ؟ ئەتتىگەندە ئادەمنى بىزار قىلىپ ... رەيھان كېلىۋاتقاچ سورىدى .                                                  
-- سىزنى تېخى تاماق يىمىگەن بولسا دەپ تاماق ئالغاچ كىرگەن ئىدىم .                             
--ۋاي ۋۇي ئاپپاق خوجام ، بۇگۈن كۈن قاياقتىن چىققاندۇ ؟ رەيھان ھەيرانلىق ۋە قىزىقىشتا سورىدى . -- قاياقتىن چىقاتتى ، ئەلۋەتتە مىنى سۆيىدىغان قىز تەرەپتىن چىقىدۇ دە . شۇنداق دىگەچ ئۇنىڭ ياتىقىنى ئىما قىلىپ قويدۇم . قىزلار ياتاق بىناسى شەرىق تەرەپكە توغرا كېلەتتى .
-- ئۆتەپ بېرىڭە ، نىمە تاماق ئالغاچ كىردىڭىز ماڭا ؟                                                     
-- سىز ئامراق نەرسىلەر شۇ .
--قاچاندىن بېرى بۇنچە ياخشى بۇلۇپ كەتتىڭىز ؟ راستىنلا ھەيران قېلىۋاتىمەن جىمۇ .
--مەن ئەزەلدىن ياخشىغۇ ، بولدى تولا گەپ قىلماي قايتىپ تامىقىڭىزنى يەڭ . سوۋۇپ قالىدۇ .  تاماقنى  ئۇنىڭغا بىرىپ ياتاققا قايتىپ كەلدىم .                        
كۈنلەر شۇ تەرىققىدە ئۆتتى ، كۈندە رەيھانغا بىر نەچچە پارچە ئۇچۇر يوللاپ ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۆردىغىنىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتىم . ۋاقىت چىقىرىپ ئۇ ياختۇردىغان نەرسىلەرنى ئەكىرىپ بىرەتتىم . بۇرۇنقى يېقىن دوسلىقىمىز سەۋەبىدىنمۇ ئىشقىلىپ ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلىپ يۈرمەي قۇبۇل قىلاتتى ، مىنىڭ چاقچاقلىرىمغا چاقچاق بىلەن جاۋاپ قايتۇراتتى .                                                        
      شەمسىيە مەكتەپ ئالمىشىپ باشقا ۋىلايەتكە كەتتى ، يەنى بىز ئايرىلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ تا بۈگۈنگىچە ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم  . لېكىن بىزنىڭ ئايرىلشىمىزغا سەۋەپ بولغان شەمسىيەنىڭ يېڭى يىگىتى يەنىلا مۇشۇ شەھەردە ئىدى . نىمىلا بولمىسۇن بۇلارنى كۆپ ئويلاشنى خالىمايتىم . ھەر قېتىم ئۇ ئىسىمگە كەلسىلا نۇرغۇن ئازابلىق كەچمىشلەر كۆز ئالدىمدا قايتا نامايەن بۇلۇپ مىنى بىئارام قىلاتتى . لىكىن نىمىلا دىگەن بىلەن مىنىڭ بۇ ئەسلىملەردىن قۇتۇلۇپ چىقىشىم مۇمكىن ئەمەس . ھەر نىمە دىسىمۇ شەمسىيەگە مەن چىن دىلىمدىن ئاشىق بۇلۇپ كۆيگەن ، ھىچچىكىمگە بېغىشلاپ باقمىغان مۇھەببىتىم بىلەن ئۇنى سۆيگەن ئىدىم . ھەقىقى سۆيگەن بىرىنى ئۇنتۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس دە .  


****************************************************************************************************                        
         
ھەر قېتىم سىنىپقا كىرسەم رۇشەنگۈلنىڭ مەنەلىك قاراشلىرىدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ كىتەتتىم . تەلمۈرۈپ بېقىشلارغا مەندە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئامال يوق ئىدى. مەن نىمىمۇ قىلالايتىم ؟ مەن رۇشەنگۈلنىڭ مۇھەببىتى ئالدىدا ھىچ نەرسە قىلىپ بىرەلمەيتىم . ئۆزۈم قىلچە قىزىقمىغان قىزغا ئادەتتىكى دوسلۇقتىن باشقا يەنە نىمە بىرەلەيمەن ؟ نىمە بىرىشىم كىرەك ؟ سۆيگۈمۇ ؟ ياق ، ياق . بۇ مۇمكىن ئەمەس ، مەندە ھازىر سۆيگۈ نە قىلسۇن ؟ دوستلىرىم بىلەن بىرگە بۇلۇش ، رەيھان بىلەن قېيشىپ تىرىكتۈرۈش ...مىنىڭ قىلىپ يۈرگۈنۈم پەقەت ئۆزۈمنى باشقىلارغا خۇشال كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئويناۋاتقان ئويۇن ئەمەسمۇ ...مەندە نەدىمۇ بىراۋغا بەرگۈدەك سۆيگۈ بولسۇن ... نىمىلا دىگەن بىلەن رۇشەنگۈلگە قارىسام ئىچىم سىيرىلاتتى ، ئۇمۇ گۇناھسىز ، پاك مۇھەببەتنىڭ ئىگىسى بولغان بىچارە ئاشىق ئەمەسمۇ . لىكىن مەن پەقەت ھىسداشلىقلا قىلالايتىم ، تەسەللى بىرىشكىمۇ پېتىنالمىدىم . ھازىر پەيتى ئەمەس دەپ قارايتىم . ئازىراقلا دىققەت قىلمىسام ئۇنىڭ كۆڭلىگە بەكلا قاتتىق ئازار بىرىپ قۇيشۇم مۇمكىن ئىدى . چۈنكى  ھازىر يېنىمدا شەمسىيە يوق ، بۇرۇن بولسا مىنىڭ يېنىمدا باشقا بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن سەبىر قىلىپ كەلگەن رۇشەنگۈل ئەمدى يەنە ئۇنداق قىلالمايتى . خەت مەزمۇنىدىن ئۇنىڭ قەتئى نېيەتكە كەلگەنلىكىنى بىلۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى . مۇھەببەت ، ئاشىقلىق شۇنداق نەرسە بولسا كىرەك ، ئۆزۈڭ ئاشىق بولغان كىشى ھەرقانچە سەت بولسىمۇ ساڭا گۈل كۆرنىدىكەن ، قىلىقلىرى شۇنچە ئەسكى بولسىمۇ سەن ئۇنىڭدىن قۇسۇر تاپالمايدىكەنسەن . پەقەت كىچىككىنە ئىمكانىيەت بولسىلا شەخسىيتىڭ ئۈچۈن ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا يۈرۈكۈڭدە يېنىۋاتقان ئوت ئۈچۈن ، بەخىت بۇلقىغا چۈمۈلۈپ ۋىسال شەربەتلىرىدىن قانغىچە ئىچىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ تىرشىدىكەنسەن . بۇ جەرياندا ھەرقانداق قىيىنچىلىق بولسىمۇ كۆزۈڭگە كۆرۈنمەيدىكەن ، سەن سۆيگەن كىشىنىڭ يېنىدا ئۇ ئاللبۇرۇن ئۆزىگە لايىق قىلىپ بىراۋنى تاللىغان بولسا ئامال يوق ، بەخىت تىلەش ئەڭ ياخشى تاللاش . لىكىن ئۇنىڭ يېنىدا باشقا بىرى بولمىسىلا ساڭا ئېمكانىيەت بار دىگەنلىك ، شۇندىلا سەن بار كۈچۈڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىرىشىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىكەنسەن . بۇلار مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن . بىر ۋاقىتلاردا مەنمۇ شەمسىيەگە ساراڭلارچە ئاشىق بولغان ، ئوتىدا كۆيۈپ پىشقان . ھېچچىكىمگە بىر ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان ، تالاي يىگىتلەر قوغلۇشۇپ ۋىسالىغان يىتەلمىگەن ، ئاددىيسى بۇرنىغا يىگەن ، قىز بالىلاردىن باشقىلارغا تەبەسسۇم قىلىپ باقمىغان شەمسىيەنى مەنمۇ شۇنداق قوغلۇشۇپ ئۇنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن . ئەينى ۋاقىتلاردا شەمسىيە ئالتۇنغا بەرمىگۈدەك دەرىجىدە ئىسىل قىز ئىدى . شەرمى ھايالىق ، پەزىلەتلىك ، ئىمانلىق ، غورۇرلۇق . ئىشقىلىپ ئۇنىڭدا مەن بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بارلىق ئەخلاق پەزىلەتلەر تېپىلاتتى . ئىككى يىل ئارلىشىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ باققان ئەمەسمەن ، گەپ سۆزلەر قىڭغىر كەتسىمۇ مەندىن ئاغرىنىپ قېيداپ يۈرەتتى . شۇنداق بولغاچقىمۇ باشقا ئوغۇللارنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بىراق بەزىدە ئادەم خاتا باھا بىرىپ قويدىغان چاغلارمۇ بولىدىكەن . ئۆزۈمدىنمۇ بەكرەك ئىشەنچ قىلغان شەمسىيە ئاخىرى باشقا بىرى بىلەن تېپىشىۋالدى . مەن بولسام بۇ ئەلەمنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي قىسقىغىنە ھاياتىمدا تۇنجى بۇلۇپ شەمسىيەنىڭ تەستىكىگە ئىككىنى سالدىم دە” ئايرىلىپ كىتەيلى” دەپ كەينىمگىمۇ قارىماي قايتىپ كىردىم . مانا شۇنىڭدىن باشلاپ شەمسىيەنى كۆرۇپ باقمىدىم . مەكتەپ ئالمىشىپ كەتكەندىن بېرى يېڭىچە بىرەر خەۋەر ئاڭلىمىدىم . ئاڭلاشنىمۇ خالىمايتىم ، مىنى شۇنچە ئازابلىغان ، سۆيگۈمگە ئاسىيلىق قىلغان تۇرسا . ئۆچ بۇلۇپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن راھىم بەكلا قايتقان ئىدى . ئۇنى ئويلاشنىمۇ خالىمايتىم .                                                                                             

                                           (2)ئۈستىلەنگەن قەلىب يارىسى
                بۇ بىر ئاي ۋاقىت دەرىس ئاڭلاشتىن باشقا رەيھان بىلەن قېيشىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى . كۆرۈنۈشتە خۇددى رەيھاننى قوغلىشۋاتقان ئادەمدەك ئۇنىڭ يېنىدىن كەتمەيتىم . ئۇمۇ ماڭا ماسلىشىپ بىرەتتى . بۇ بىر ئايلىق ئۇيۇن قۇيۇش ئارقىلىق فاكولتىتتىكى كۆپىنچە ساۋاقداشلارغا ئىككىمىز يۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىپ ئۈلگۈردۇق . رەيھان شەمسىيەنىڭ دوستى بۇلۇشقا لايىق قىز ئىدى . شەمسىيەدىكى كۆپ قىسىم پەزىلەتلەر رەيھاندىمۇ تېپىلاتتى . پەقەت ئوخشىمايدىغان يىرى رەيھان شوخ مىجەزلىك بۇلۇپ ئالدىراپ بىرەرىگە گەپ بەرمەيتى . ئازراق ئېشىپ كەتكۈدەك گەپ قىلىپ قالسام -- ناماز ئوقۇدىڭىزمۇ ؟ دەپ قۇيۇپلا ئارتۇق گەپ قىلماي ئۆز ئىشى بىلەن بۇلاتتى . ئەلۋەتتە مۇشۇ بىر ئېغىز سۆزىلا ئۇنىڭ ھەرقانداق سۆزىدىن ئېشىپ چۈشەتتى . شۇڭا ئامالسىز ئۆزۈمنى سورايتىم . شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ باشلىغان بۇ ئويۇن بىر ئايدىن بېرى شۇنداق داۋاملىشىپ كىتىۋاتاتتى . ۋاز كېچەي دىسەم رەيھانغا ئۇتتۇرۇپ قويغۇم يوق ئىدى . شۇڭا داۋاملىق ئوينۇشۇم ، توختۇتۇپ قويماسلىقىم كىرەك .
                  روشەنگۈلنىڭ خېتىنى بىر نەچچە قېتىم قايتىلاپ كۆردۇم . باشقا مەخسەتتە ئەمەس ، ئۇنىڭ بۇنىداق خەت يازالايدىغانلىقىغا ، شۇنچىلىك يۈرەكلىك ئىكەنلىكىگە ھەيران بۇلاتتىم . بەلكىم ئاشىقلىق دىگەن ئاشۇنداق ھەممە نەرسىنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلسا كېرەك . بۇرۇنقى يۇۋاشلىقى ، كەم سۆزلىكى ، تارتىنچاقلىقى قاتارلىق ئىشقىلىپ مىنىڭ كاللامدا بۇ خەتنى رۇشەنگۈل ئۆز قولى بىلەن يازدى دىسە ئىشەنمىگۈدەك دەرجىدە تەسىر قالدۇرغان بىر قىز ئىدى . ھالا بۈگۈن شۇنچىلىك قەتئى نىيەتتە مىنىڭ لايىقىم بۇلۇشنى ئوتتۇرغا قويۇۋاتىدۇ . قىززىق ، بۇ بىر ئاي مەزگىلدە رەيھان ئىككىمىزنىڭ قىلىقلىرىدىن رۇشەنگۈلنىڭ ئەرۋايى ئۇچتى . بەلكىم كۆڭلىدە بىردىن ئايرىلىپ ئەمدىلەتىن ماڭا پۇرسەت كەلگەندە يەنە بىرسى چىقتى دەپ ئاچچىقى كىلىۋاتقاندۇ . نىمىلا دىگەن بىلەن رەيھان ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى رۇشەنگۈل بىلەن مىنىڭ مۇناسىۋىتىمدىن ياخشى ئىدى.  
                    كەچلىك مۇزاكىرە ، ئارقا پارتا مىنىڭ ۋە مىنىڭ دوستلىرىمنىڭ دائىملىق ئورنى بۇلۇپ ، مەيلى قانچىلىك كېچىكمەيلى ھىچچىكىم بۇ يەردە ئولتۇرۋالمايتى . بىز يەنىلا شۇ ئورنىمىزغا كىلىپ ئولتۇردۇق . كىتابلىرىمنى قولۇمغا ئالاي دەپ تۇرۇشۇم يېنىمىزغا روشەنگۈل ئۈندى .
-- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم . يۈزلىرى نۇمۇستىن ئوت ئالدى . بىر ئايدىن بېرى ئۇ ماڭا يۇز تۇرانە گەپ قلىپ باقمىغان ئىدى .
--ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام . قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ بۇرۇنقىدەكلا مۇئامىلە قىلىۋاتاتتىم .
-- شۇكىرى... ئانچە ياخشى ئەمەس . روشەنگۈل تېخىمۇ قىزاردى . بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى مەن تۇرماق يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەتتى . ئۇنىڭ مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى سەزدى بولغاي دوستلىرىم بىر بىر لەپ تېلفۇننى باھانە قىلىپ يىراق كىتىشتى . مانا ھازىر ئارقا تەرەپتە پەقەت ئىككىمىزلا قالدۇق . ئالدىدىكىلەر بولسا بەزىلىرى تېلفۇن ئويناپ بەزىلىرى كېنو كۆرۈپ ، ئاز بىر قىسىملىرى كىتاپ كۆرىۋاتاتتى . ئومۇمەن بىزگە قارايدىغان ئادەم يوق ئىدى .
-- خەتنى كۆردىڭىزمۇ ؟ روشەنگۈل يەنە بىر قېتىم ئاناردەك قىزاردى .
-- ھەئە ، كۆردۇم . نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي توختاپ قالدىم .
-- كەچۈرۈڭ...... روشەنگۈل بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى . ئۇنىڭ قول ياغلىق بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتىۋاتقىنىنى بىلىپ قالدىم .
-- نىمە ، يىغلاۋاتامسىز ؟ نىمە بولدى سىزگە ؟ چوپ -چوڭ بىر قىز يىغلاپ يۈرسە يارىشامدۇ دەيمە . بولدى ، بولدى . يىغلىماڭ . كىچىك بالىلار بىزدىن ھۈنەر تالاشتىڭ دەپ ئۇرۇشۇپ يۈرمىسۇن يەنە . بولدى ھە . تەسەللى بەرگەچ يۈرۈگۈم يەنە بىر قېتىم ئېچىشتى . ئۇنىڭدا نىمە گۇناھ ...
-- شۇ...شۇ سىزنى بىئارام قىلىپ قويدۇممىكىن دەپ ... روشەنگۈلنىڭ كۆزلىردىن بەڭۋاش ياشلار يەنە سىرغىشقا باشلىدى . قوللىرىم بىلەن ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتتۈم ، بۇ دەقىق مىنىڭ قەلبىمدىكى ئىسان دەل ئۆزۈمگە قاشى قوزغالغان ئىدى . توۋا ، ئادەم ئاجايىپ بولىدىكەن دىسە . ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان بىرىنى ئۇنتىيالمايسەن ، ئەمما ئالدىڭدا تۇرغان ، ئۈچ يىلدىن بېرى سىنىڭ ئوتۇڭدا پۇچۇلنىپ كىلىۋاتقان بىرىگە قىلچە ھىسسىيات يوق ...
-- ئاخماق قىز . ئۇنداق ئەمەسقۇ . مەن تېخى سىزگە رەھمەت ئېيتسام بۇلىدۇ . قانچە ۋاقىتتىن بېرى ئۈن تىنسىز مىنى قوللاپ ، ياردەم بىرىپ كەپسىز ...يەنە نۇرغۇن ئۇنىڭغا تەسەللى بۇلغۇدەك سۆزلەرنى دىدىم . روشەنگۈل جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلىدى . “”ئۇنداقتا سىزنىڭ جاۋابىڭىزچۇ ؟ “دىگەن سۇئالىغا بولسا ، مىنىڭ تۇرمۇشۇم تېخى تولۇق ئەسلىگە كىلىپ بۇلالمىدى ، ھازىرچە جىمجىت يۈرۈپ ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالاي . دەپ جاۋاب بەردىم . بۇ جاۋابىمدىن مىنى رەيھان بىلەن يۈرۈش ئىھتىماللىقى يوقكەن دەپ چۇشەندىمۇ ، ياكى ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ مەن بىلەن يۈرىدىكەن دەپ چۇشەندىمۇ بىلمىدىم . ئىشقىلىپ ئاخىردا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ “”ئۇنۇتماڭ ، مەن داۋاملىق كۈتىمەن. “ دەپ قويۇپ يۈرۈپ كەتتى . ئۇنىڭ خۇشال قايىتقىنىدىن كۆڭلۈم ئازراق بولسىمۇ ئەمىن تاپتى . لىكىن ئۇنى خاتا تۇيغۇغا سېلىپ قويدۇممۇ قانداق ، ئۆمۈدلەندۈرۈپ قويغاندىمەنمۇ ؟ نىمىلا بولمىسۇن بۈگۈنكى ئۆتكەلدىم ئۆتۈپ كەتتىم ، قالغىنىنى كىيىن كۆرەرمەن .


**************************************************************************************************

             رەيھان بىلەن بولغاب ئويۇن داۋاملاشتى . پۇرسەت بولسىلا ئۇنىڭ بىلەن قېيشىپ ، تىرىكتۈرۈپ دېگەندەك يۈردۇم . رەيھانمۇ ماڭا ماسلىشىپ كېتىۋاتاتتى . بىراق ھەر قېتىم تەسلىم بولسىڭىز سىزنى كەچۈرۈم قىلىمەن ، ئىسمىڭىزنى يۆتكەيمەن دەپ ئاۋارە بولمايسىز دىسەملا سەكرەپ كىتەتتى . يەنە شۇ بۇرۇنقى گەپلەر ، ۋاي ئۆتەپ تېشىپ سىزگىمۇ يەي ، ئادەم تېپىلماي قاپتۇمۇ يەي ، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئىچمەڭ يەي . ئىشقىلىپ ئاغزىدىن سىلىقراق گەپ چىقمايدۇ .بىراق كۆزلىرنىڭ بىر يەرلىرى ماڭا ئۇنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاشكارلاپ قويۇۋاتقاندەك بىلىنەتتى . ماڭا قاراشلىرى ، چىرايىنىڭ قىزىرىپ كىتىشلىرىنى نۇرمال ئەھۋال دەپ قارىمايتىم . دېمەك مەن غەلبە قىلغىلى ئاز قالغان ئىدىم .


****************************************************************************************************

       چۈشلۈك تاماققا چىقىشقا خوش ياقماي ياتاقتا توردىكى يېڭى ئەسەرلەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم . ھەيرانمەن ، جەمىيىتىمىزدە كۆمۈلۈپ قالغان شۇنچە كۆپ ياشلىرمىز باركەن . تولۇق ئوتتۇردىكى چاغلىرىمدا پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا كىشىنى ئويغا سالالايدىغان ، تەسىرلەندۈرەلەيدىغان ئەسەرلەرنى يازالايدىغۇ دەپ قارايتىم ، لېكىن ھازىر بۇ قارىشىم تۈپتىن ئۆزگەردى ، ئەمەلىيەتتە بۇرۇنلاردا پەقەپ ئىچىدىكىنى چىقىرىشقا سەھنە كاملىق قىلىپتىكەن .
--مەردان ، مەردان ، تىز بول رەيھان ئۇ ...   سىرىتتىن ئوقتەك يۈگۈرۈپ كىرگەن ئادىل ئۆڭ سۆلى ئۆچكەن ھالدا ئۇدۇل ماڭا سوقۇلۇپ توختىدى ،
-- رەيھانغا نىمە بولدى ، ئالدىرماي دىمەمسەن ، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەندۇ ؟
-- چاقچىقىڭنى قوي ، رەيھان ئايلىنىپ چۈشۈپتۇ . بېشىمغا بىرسى قاتتىق ئۇرغاندەق بۇلۇپ كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى . ئادىل قولۇمدىن سۆرەپ ماڭماقتا ، بىر ئازدىن كىيىن ئەسلىمگە كىلىپ ئادىلدىنمۇ تىز يۈگۈرۈپ مېڭىپ كىتىپتىمەن . ئويلاپ باقسام ئادىل ماڭا قەيەردە ئايلىنىپ كەتكىننى دېمەپتۇ .   
-- تىزراق بولساڭچۇ . ۋارقىردىم كەينىمدىن كېلىۋاتقان ئادىلغا قاراپ . قەيەردە ئايلىنىپ قاپتۇ ؟ ئۆزىچۇ ؟ ھازىر نەدە ؟
-- ئاڭلىسام مەكتەپ ئاشخانسىدا ئايلىنىپ كىتىپتۇ ، مەن سىنى خەۋەرلەندۇرەي دەپ تېلفۇن قىلسام ئالمىدىڭ ، شۇڭا يۈگۈرەپ چىققان ئىدىم . ھازىر قەيەردىكىن بىلمەيمەن .
مەكتەپ ئاشخانسى تەرەپكە يۈگۈردۇق ، بىنا ئالدىغا كىلىشىمىزگە بىر نەچچە قىزنىڭ رەيھاننى تەستە كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقىنىنى كۆردۇق .
-- قويۇپ بىرىڭلار ، ئۆزۈم كۆتۈرىمەن . سىلەرگىمۇ رەھمەت . جىددىيلىشىپ شۇنچىلىك گەپنى ئاران دىدىم دە رەيھانغا ئېسىلدىم . فاكۇلتىتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىزنىڭ بىللە يۈرۈيدىغىنىمىزنى بىلەتتى ، شۇڭا ھېچچىكىم ئارتۇق ھېچنىمە دىمىدى . رەيھاننى كۆتۈرۈپ كىتىۋاتىمەن . ئادەم ھوشسىز بولسا بۇنچىلىك ئېغىرلىشىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن . مۇشۇ پەيىتتە قولۇمدىكى رەيھان بولماي باشقا نەرسە بولسىدى ئاللا بۇرۇن تاشلىۋەتكەن بۇلاتتىم . ئەتراپىمدا ئادىل بىر نەرسىلەرنى دەپ مەن بىلەن تەڭ كىتىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ زادى نىمە دەۋاتقىنى قۇلۇقۇمغا كىرمەيدۇ . كاللامدا رەيھانغا بىر ئىش بۇلۇپ قالمىسىدى ، زادى نىمىشقا ئايلىنىپ كىتىدۇ؟  دىگەندەك پەقەت رەيھانلا باش پىرسۇناژ بولغان خىياللار ئاللا بۇرۇن پۇتۇن كاللامنى ئەسىر قىلىپ بولغان ئىدى . تۇيۇقسىز ئادىل مىنى سىلكىپ توختاتتى ، قولۇمدا رەيھان پۇلاڭلاپ تاسلا قالدى چۈشۈپ كەتكىلى .
-- مەردان ، دوختۇرخانا خېلى يىراق ، تاكسى توسۇپ ئېلىپ بارايلى  دەۋاتىمەن ، ئاڭلاۋاتامسەن ؟
ئادىلنىڭ سۆزىدىن كېيىنلا تاكسى توسمىغىنىىمنى ، ھەم بۇنداق كۆتۈرۈپ بېرىپ بولالمايدىغىنىم ئىسىمگە كەلدى .
-- ماقۇل ئاداش ، سەن توسىغىن ، مەن ئالدىرماي ماڭغاچ تۇراي.  شۇنداق دىدىم دە يەنە ماڭدىم . تاكسى توسىغىلى بولمىسا ساقلاپ تۇرغىلى بولمايدۇ دە . قانچىلىك ۋقىت ئۆتتى بىلمىدىم . ئادىل تاكسىدىن چۈشۈپ يۈگۈرۈپ كىلىپ ماڭا ياردەملىشىپ رەيھاننى ماشىنىغا سالدۇق . مەن رەيھاننى قۇچۇقۇمغا ياتقۇزۇپ ئارقا تەرەپتە ئولتۇردۇم . رەيھانغا سەپ سالدىم ، ھەقىقەتەن تىپىك ئۇيغۇر قىز دە ، قاپقارا قاشلار ، ئاق ھەم سۈزۈك يۈز ، كىچىك ئېغىز . تەبى بۈدىرە كەلگەن چاچ .
-- رەيھان ، رەيھان ، گېپىمنى ئاڭلاتامسىز ؟ بىرەر يىرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ ؟  
ھوشىدىن كەتكىنىنى بىلسەممۇ گەپ قىلىپ بېقىۋاتىمەن ، بىر خىل بىئاراملىق قەلبىمنى چۇلغىۋالغان ئىدى  . رەيھاننىڭ ھازىرلا كۆزىنى ئېچىپ ماڭا بىرەر ئېغىز گەپ قايتۇرشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ، رەيھان گەپ قىلمىدى . ئەمما كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش ئېقىپ چۈشتى . ھوشسىزلانغان ئادەمنىڭ گەپ ئاڭلىيالايدىغان ياكى ئاڭلىيالمايدىغىنىنى بىلمەيمەن ، ئەمما رەيھاننىڭ كۆزىدىن ياش ئاققىنى ئېنىق ، يەنە كىلىپ يۈزىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان قولۇم ئۈستىگە ئېقىپ چۈشتى .
دوختۇرخانىغىمۇ يىتىپ كەلدۇق ، يەنە شۇ جىددىچىلىك بىلەن رەيھاننى كۆتۈرۈپ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە ئەكىردىم ، دوختۇرلار مىنىڭ چىقىپ كىتىشىمنى تەلەپ قىلدى ، ئامالسىزمەن . ئىشىك تۈۋىدە ساقلىدۇق .
-- نىمانچە تەرلەپ كەتتىڭ ؟ تومۇز ئىسسىق بولمىسا يە ؟ ئادىل چىلىق چىلىق ھۆل بۇلۇپ كەتكەن كۆينىكىمنى كۆرسەتتى . قاراپ باقسام راستىنلا سۇغا كىرىپ چىققاندەك بۇلۇپ كىتىپتىمەن . شۇندىلا رەيھاننى خېلى ئۇزۇن كۆتۈرۈپ مېڭىپتىمەن دەپ ئويلۇدۇم . ئالاھىزەل يېرىم سەئەتتىن كىيىن دوختۇر چىقتى ، ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق دەپ ئالدىغا يۈگۈردۈم.
--باشقا چوڭ ئىشمۇ يوق ، بۆرىكىگە تاش چۈشۈپتۈ ، ئاغرىق دەستىدىن ئايلىنىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن ، داۋالاشقا توغرا كىلىدۇ . قايسىڭلار بىمارنىڭ ئېگىسى ؟ مەن بىلەن بېرىپ پۇل تاپشۇرۇڭلار .
ئۇھ ، شۇكىرى ، ھەرنىمە بولسا باشقا كىسەل ئەمەسكەن . بۆرەككە تاش چۈشۈش دىگەن ھازىر چوڭ كىسەلمۇ ئەمەس ، مەنمۇ داۋالىنىپ باققان ئىدىم ، شۇڭا ئانچە بەك ئەنسىرەپ كەتمىدىم . دوختۇرغا ئەگىشىپ بېرىپ رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ رەيھاننى ياتاققا ئورۇنلاشتۇردۇق . كەينىمىزدىن يىتىپ كەلگەن بىرنەچچە قىزلارنى  “دوختۇر كۆپ ئادەم يېنىدا تۇرمىسۇن دىگەن ئىدى ، ھوشىغا كەلسە يوقلاپ كىلەرسىلە “دەپ يولغا سالدۇق ، رەيھاننىڭ دوستى بولسا “سىز نىمىنى بىلەتتىڭىز قىز بالا دىگەنگە قىز بالا قارىسا ياخشى “ دەپ قايتقىلى ئۇنىمىدى ، بىزمۇ قايتا زورلىمىدۇق . رەيھان ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئادىلنىمۇ قايتۇرۋەتتىم . كەچلىك تاماقنى ئەكىرگىنىمدە رەيھان خېلىلا ياخشى بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا
-- سىزگە يەتكۇچە ئېغىرىمنى ساپتىمەن ھە ، كەچۈرۈڭ .  رەيھاننىڭ سۆزى ئەمەس سۆزدىن كىيىنكى تەبەسسۇمى بەكىرەك تەسىر قىلدى .
-- نىمە دەپ يۈرۈيسىز . قىلىشقا تىگىشلىك ئىش . يات ئادەم بولمىساق يە .  ياخشىلنىپ قالغىنىنى كۆرۈپلا گەپتە چېقىۋالدىم . ئادەتتىكىگە ئوخشىمىغىنى رەيھان ھېچقانداق قارشى گەپ قىلمىدى ، تاتارغان يۈزلىرگە يۈگۈرگەن قىزىللىق ئادەتتىكىدىن بەكىرەك رۇشەن ئىپادىلنىپ چىقتى . خېجىل قىلىپ قويغىنىمنى بىلدىم دە ، تېمىنى بۇرۇدۇم .
-- قانداق ، يەنە ئاغرىۋاتامدۇ ؟ تاماق يەۋېلىڭ ، سوۋۇپ قالمىسۇن .
-- ھازىر ئاغرىمىدى . دوختۇر گەپ قىلمايدىغان بولسا مەكتەپكە قايتىپ كىتەتتىم ...
-- جاندىن تويغان ئوخشىمامسىز ؟ كىسەل بۇلۇپ مۇشۇ دەرجىگە يەتكۈچە بىرەر ئېغىز تىنىپ قويماپسىز ، يەنە تېخى كىتەتتىم دەيسىزغۇ ؟ باشقىلارنى ئويلاپ قويمىسىڭىزمۇ ئاتا - ئانىڭىزنى ئويلىشىڭىز كېرەققۇ .  يەنە بىر ئاز سۆزلىگەنمۇ بولار ئىدىم ئىشىكتىن رىزىۋانگۈل كىرىپ قالدى . -- سىنىپتا ئۇرۇشۇپ يۈرگىنىڭلار يەتمەي يەنە ئۇرشىۋاتامسىلە ر؟ مەردان ، سىزمۇ قاملاشماي قالدىڭىز ، كىسەل ئادەمگىمۇ ئاراملىق يوقمۇ ؟
-- بىراق رەيھان دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىمەن دەيدۇ ... تېخىمۇ ئاچچىقىم كەلدى .
-- بولدى ، بولدى . تالاشماڭلار ھە . رەيھانمۇ چىقىپ كەتمەيدۇ ، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ھە . قېنى رەيھان تاماق يەۋال ئاداش . سىز چىقىپ ئازراق قايناقسۇ تېپڭپ كىرىڭ ، رەيھان ئىچىپ بەرسە پايدىلىق .  رىزۋاگۈل رەيھانغا تاماق يىگۈزۈپ قالدى ، مەن چىقىپ كەتتىم .  

         كتىۋاتىمەن ، خېياللىرىم يەنلا رەيھان ئۈستىدە ئات چاپتۇرماقتا ، نىمىشقا بۇنچە قىلىپ كەتتىم ، نىمىشقا شۇنچە ئەنسىردىم ، نىمىشقا ... سۇئاللار كاللامدا ئارقا ئارقىدىن تىزىلماقتا ، جاۋابى نىمە ؟ ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ ؟ شۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ ؟ شەمسىيەدىن ئايرىلغىنىمغا تېخى بىرەر يىل بولمىدىغۇ ، ئەجىبا تېخى بىر ئاي ئالدىدىلا ، ياق تېخى تۈنۈگۈنلا شەمسىيە ئىسىمگە كەلسە يۈرۈگۈم ئېچىشقان ئىدىغۇ ... بىر يۈرەككە ئىككى ئادەم سىغامدىغاندۇ ... ياق ، ياق ئۇنداق ئەمەس . ئويۇن ئوينايمەن دەپ ئۆزۈمگە ئىش تېپۋالسام بولمايدۇ دە ئاخىر . يەنە كېلىپ ئۇ شەمسىيەنىڭ جان جىگەر دوستى تۇرسا قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن .
ئۆزۇمنىڭ قاملاشمىغان خېياللىرىمدىن ئۇيالدىم . كىسەلخانىغا قايتىپ قايناقسۇ نى قويۇپ قويۇپلا خوشلۇشۇپ قايتىپ چىقتىم . ئىككى قىز بالا بار يەردە ماڭا نىمە بار . يەنە كېلىپ رەيھانغا قارىساملا يۈزلۈرۈم كۆيۈشكەندەك بۇلۇپ كەتتى . مەكتەپكە قايتىپ كېتىشكە كۆڭلۇم ئۇنىمىدى . دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى مىھمانخانىدىن ياتاق ئېلىپ كىرىپ كەتتىم . ئۇخلاش ئالدىدا رىزۋانگۈلگە تېلفۇن قىلىپ قەيەردىلكىمنى بىرەر ئىش بولسا تېلفۇن قىلسىلا چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قويدۇم . جىددىيلەشكەن نىرۋىللىرىمنى ئارام تاپقۇزاي دەپ يۇيۇندۇم . ھېچ پايدىسى بولىدىغاندەك ئەمەس . سائات ئىستىرىلكىسى سەھەر سائەت  بىرنى كۆرسەتكەن چاغدىمۇ يەنە شۇ ئىشلارنى ئويلاۋاتاتتىم . قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن . تۇيۇقسىز سايرىغان تېلفۇن ئويغىتىۋەتتى .
-- ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم . مەردان  ، ئورنىڭىز دىن تۇرغانسىز  ؟ رەيھاننىڭ ئاۋازى ئىدى ، يەنىلا بۇرۇنقىدەك شوخلۇق بىلەن سۆزلەۋاتاتتى .
-- ۋە ئەلەيكۇم - ئەسسالام . ھەئە تۇرغان . تېخىچە ئۇخلىدىم دىيىشكە يۈزۈم چىدىمىدى . بامداتنىمۇ يىگەن ئىدىم . قانداق ئازراق ياخشىلاندىڭىزمۇ ؟ يەنە ئاغرىۋاتامدۇ ؟
-- ھەئە ، كۆپ ياخشى ، ئاغرىمىدى ، يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ؟ بىز ئاچ قالدۇق . كىچىك باللارچە ئەركىلەپ ئېيتقان سۆز باشقىچە تەسىر قىلدى بولغاي كۈلۈپ كەتتىم .
ئادەم دىگەن ئاجايىپ ھە ،بەزى ۋاقىتلاردا  كىچىككىنە ئىشلارمۇ ، بەزى كىشىلەرنىڭ بىرەر ئېغىز سۆزىمۇ كىشىنى شۇنچىلىك خۇشال قىلالايدۇ . بەزى ۋاقىتلاردا بولسا تەڭرى تېغىدەك ئالتۇن بەرسىمۇ خۇشال بولغىلى بولمايدۇ . بەلكىم بۇمۇ بىز ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىدىن ئىرىشكەن ئەڭ چوڭ بايلىقىمىزنىڭ بىرى بولسا كېرەك .
-- بىردەم چىداپ تۇرۇڭلار ، مانا ھازىرلا تاماق ئېلىپ كىرمەن . اللا غا ئامانەت دىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ تېلفۇننى قويدۇم دە “يۈز مىتىرلىق سۈرئەت “ بىلەن كىيىندىم . يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۆي تائاملىرى بار بىر تاماقخانىدىن ئىككى كىشلىك ئۈگىرە ئالدىم دە كىسەلخانىغا ئۇچتۇم .
مەن كىرگەن ۋاقىتتا رىزۋالگۈل قايتىپ كېتىپتىكەن ياتاقتا پەقەت رەيھانلا كىتاب كۆرۈپ ياتاتتى .
-- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم .
-- ۋە ئەلەيكۇم- ئەسسالام . ئاددىغىنە سالامدىن كىيىن رىزۋانگۈلنىڭ ئازراق ئىشى چىقېپ قېلىپ قايتىپ كەتكىنىنى ئۇختۇم . شۇنداق قىلىپ بىر - بىرمىزگە زورلاپ يۈرۈپ ئۈگىرىنى ئىچىپ بولدۇق .
-- قانچە ئۇزۇن بولدى ؟ گەپ قىلماپتىكەنسىزغۇ ؟ سوردۇم رەيھاندىن .
-- خېلى بولغان ، مەن سىزدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن دەپ باشقىلارغا ۋەدە بىرىپ قويۇپ ئۆزۈم كىسەل بۇلۇپ يېتىۋالسام قاملاشمايدۇ دە . رەيھاننىڭ دەرىزە سىرتىغا قاراپ تۇرۇپ قىلغان سۆزىدىن ھەيران قالدىم .
-- نىمە دىدىڭىز ؟ مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىسىز ؟ بىرسىگە ۋەدە بەرگەن ؟  ئۇنىڭ گەپلىرنى چۈشەنمەيلا قالغان ئىدىم .
-- ياق ياق ، نىمىدى ، شۇ ، شۇ ھەممە يەردە بىر يىرىم ئاغرىيتى دەپ يۈرمەيمەن دە . شۇنداق ئەمەسمۇ . رەيھان تىزلىك بىلەن گەپنى بۇرىۋەتتى .
-- سۇئالىمغا جاېاب بەرمىدىڭىز ، ئۇ كىمۇ ؟ يەنە سوراپ تۇرۋالدىم .
-- ھېچكىم ئەمەس . ئۆزۈم شۇ .  كۈلدى رەيھان . سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئەمەسمۇ ، شۇڭا سىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىم كېرەك دە . ھەييارلىق بىلەن قىسىپ قويغان كۆزىدىن يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ كەتتىم .
-- بوپتۇ ، سورىمىدىم . سىز ئارام ئالغاچ تۇرۇڭ . مەن چىقىپ دوختۇرنى ئىزدەپ باقاي .
قەلبىمدە بىر تۈگۈن پەيدا بولدى . رەيھان ئۇ كىمگە مەن دىن ياخشى خەۋەر ئېلىش توغۇرلۇق ۋەدە بىرىدۇ ؟ رۇشەنگۈلگىمۇ ؟ ياق ، مۇمكىن ئەمەس ، رەيھان رۇشەنگۈلنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ . مىنىڭ ئاتا - ئانامغىمۇ ؟ ياق ، ياق . ئانام بىزنىڭ ئادەتتىكى دوستلىقىمىزنى ، مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالمايدىغانلىقىمنى بىلىدۇ . يەنە كىلىپ رەيھاننىڭ ئائىلىسى بىلەن بىزنىڭ ئائىلدىكى چوڭلار ئانچە كىلىشەلمەيدۇ . دېمەك بۇ پەرەزنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بۇلىدۇ دېگەن گەپ . ئۇنداقتا زادى كىم ؟ شەمسىيە ؟ ياق ياق ، بۇ پەرەز ئالدىنقى ئىككى خىل پەرەزدىنمۇ ئەخمىقانىلىق . مۇمكىنچىلىكى نۆل . مەندىن كۆڭلى سوۋۇپ باشقا بىرىنى تاپقان ئادەم يەنە ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ ساراڭ ئەمەس دە . يەنە كىلىپ رەيھانمۇ شەمسىيەنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى بىلىدۇ ، گەرچە ئوچۇق دەپ باقمىغان بولسىمۇ مىنىڭ يېنىمدا مىنى خۇشال قىلىمەن دەپ قىلغان ئىشلىرى ، گەپ سۆزلىرى ، چاقچاقلىرى ئۇنىڭ ماڭا ھېسداشلىق قىلىدىغىنىنى ،بىلدۈردۇ ئەلۋەتتە . شۇڭا رەيھانمۇ شەمسىيەدىن ئاغرىپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن . بۇ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە رەيھاننىڭ مىنىڭ ئالدىمدا شەمسىيەنىڭ گېپىنى قىلغىنىنى بىلمەيمەن . شۇڭا بۇمۇ مۇمكىن ئەمەس . بولدىلا ، كۆپ ئويلىماي ، ۋاقىتى كەلسە مەن سورىمىساممۇ ئېيتىپ بىرەر .


****************************************************************************************************

          ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئالاھىدە ئىش يۈز بەرمىدى . مىنىڭ كۈنلۈرۈم مەكتەپ بىلەن دوختۇرخانا ئوتتۇرسىدا قاتىراش بىلەن ئۆتمەكتە . كەچلىكى يەنەلا شۇ مىھمانخانىدا يېتىۋاتاتتىم ، مەكتەپكە قايتىپ كەتسەم خاتىرجەم بۇلالمايتىم . رەيھان كۈندىن كۈنگە ياخشىلنىۋاتاتتى . لېكىن بۇگۈنكى بىر ئىش مىنى ئەنسىرتىپ قويدى . كىمدىن كەلدىكىن رەيھان بىر تېلفۇننى ئېلىپلا ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ “خاتىرجەم بول ، مەندىنمۇ گۇمان قىلامسەن ؟ ماڭا تاپشۇر ، ئۆزۈڭ ياخشى داۋالان “ دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم .  كىمىدۇ ؟ ئاتا - ئانىسىمىدۇ ؟ ياكى بىرەر تۇققىنىمىدۇ ؟ نىمانچە يىغلاپ كىتىدۇ ؟  رەيھان تېخىچە توختىمايۋاتاتتى ، ھازىر كىرسەم ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويشۇمدىن ئەنسىردىم . سەل تۇرۇپ كىرىشنى ئويلاپ سىرىتقا ماڭدىم .
-- مەردان ، كىرىۋىرىڭ . رەيھاننىڭ ئاۋازىدىن چۈچۈپ توختىدىم . قانداق بىلگەندۇ ؟ ئەمدى كىرمەي بولمايتى .
-- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم . بۈگۈن قانداقراق . يىغلىغىنىغا دىققەت قىلمىغان بۇلۋالدىم .
-- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام . شۇكىرى . ياخشىلا بۇلۇپ كەتتىم . ئەمدى چىقىپ كەتسەممىكىن دەيمەن مەردان . ھېلىمۇ سىلەرنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم . ساپ ساق تۇرۇپ يېتىۋىرىشكە يۈزۈم چىدىمايۋاتىدۇ . رەيھاننىڭ كۆزلىردىن ئىككى تامچە ياش ئېقىپ چۈشتى . ئىچىم باشقىچە بىئارام بۇلۇپ كەتتى  .
-- نىمە دەپ يۈرۈيسىز ؟ بىز سىزگە مىننەت قىلدۇقما ؟ ياردەم قىلالىغىنىمىزدىن خۇشال بۇلۇپ يۈرۋاتساق ما گەپنى كۆرۈڭ . يەنە كېلىپ تېخى ساقىيىپ كىتەلمىدىڭىز . يەنە بىر نەچچە كۈن يېتىڭ . ئاندىن بىر گەپ بولسۇن ، ماقۇلما ؟
-- بۇنداق دەپ تۇرۋالسىڭىزمۇ مەيلى ، گېپىڭىزنى ئاڭلاي . لېكىن مەن تىزراق چىقىپ قىلمىسام بولمايدىغان ئىشلار بار .
-- نىمە ئىشلار ئۇ ؟ مەن قىلىشىپ بەرسەم بولمامدۇ ؟ سىز ياخشىراق ئارام ئالسىڭىز .
-- خاتىرجەم بۇلۇڭ ، سىزمۇ بىكار قالمايسىز . رەيھان بۇ سۆزلەرنى ئەستايىدىل دەۋاتاتتى .
-- نىمە ئىش ئىدى ؟ ئېيتىپ بەرسىڭىز ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق كۆرۇپ قويسام .


                                             ئۈستىلەنگەن قەلىب يارىسى (3)                           


-- سىزدىن ئۆتۈنەي دوختۇر ، شەمسىيەنى قۇتقۇزىۋېلىڭ . سىزدىن ئۆتۈنەي ...
-- بولدى قىلىڭ مەردان ، ئوپراتسىيەگە يەنە بىر نەچچە كۈن بار . سىزمۇ كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تەڭشىمىسىڭىز بولمايدۇ . ياخشى ئارام ئېلىڭ ھە . مەسئۇل دوختۇر چىقىپ كەتتى . نېمىشقىكىن بىرسى شەمسىيەنى ھازىرلا تارتىپ كېتىدىغاندەك ئەنسىز ئىدىم . ئوپراتسىيەنىڭ بىرەر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق قىلىنىشىنى ، ساقايغان شەمسىيەنى كۆرۈشنى شۇنچىلىق ئۆمۇد قىلاتتىم . لېكىن بۇ ئىشلار مەن ئالدىرغان بىلەن ھەل بولمايدىكەن . دوختۇرنىڭ دىيىشىچە مىنى تېخى ئومۇمىيۈزلۈك بىر قېتىم تەكشۇرمىسە بولمايدىكەن . ئۇلۇغ اللا  ... شەمسىيەنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن .

                 ئەسلى ئىش مۇنداق ئىدى . رەيھان شۇ كۈنكى سۆزىدىن كىيىن  بىزنىڭ مەجبۇرىمىز بىلەن كىسەلخانىدا ئىككى كۈن ياتتى ،. دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى رەيھان مىنى بىز دائىم بىللە تاماق يەيدىغان تاماقخانىدا ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ ئۆزى مەكتەپكە قايىتتى ، بىر سائەتچە ساقلىغاندىن كىيىن بىر سومكىنى يۈدۈپ كىرىپ كەلدى . نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم . سورىساممۇ ئېيتىپ بەرمىدى . تاماقنى ھاپىلا شاپىلا يىدۇق دە ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بىكىتىگە كەلدۇق . مەن ھىچنەرسىنى بىلمەيمەن ، پەقەت رەيھان قىلىڭ دىگەننى قىلىۋاتاتتىم . ماشىنغا چىقىپ كىچىلەپ يول يۈرۈپ ئەتىسى سەھەردە مەن شەمسىيەنى يۆتكۈلۈپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ۋىلايەتكە يىتىپ كەلدۇق ، ئەمەلىيەتتە بۇ دەل شەمسىيەنىڭ يۇرتى ئىدى . بىراق كۆپ ئادەم ئۇنداقلىقىنى بىلمەيتى . ناشتىلىققا ئازراقلا بىر نەرسە يىدۇق دە يەنە يولغا چىقتۇق . بۇقېتىم ئالماشقىنىمىز دەل شەمسىيەنىڭ ئۆيى ئولتۇرۇشلۇق ناھىيگە باردىغان ماشىنا ئىدى . گۇمانلىرىم كۈچۈيىشكە باشلىدى . رەيھان يەنىلا ئۇن تىنسىز ئولتۇراتتى . چىرايىدىن ناھايىتى ئالدىراۋاتقانلىقى ، چوڭقۇر ئېچىنىش چىقىپ تۇراتتى ، يۈرۈگۈم تېخىمۇ تىز سوقۇپ مەنمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم . بىر سائەتچە ماڭغاندىن كىيىن مەلۇم ناھىيگە يىتىپ كەلدۇق . رەيھان تاكسى توسۇپ مەلۇم ئولتۇراق رايۇنىغا باردىغانلىقىمىزنى ئېيىتتى . ئۇھ ، بۇ شەمسىيەلەرنىڭ ئادىرىسى ئەمەس ئىدى . يۈرۈكۈم سەل ئىزىغا چۈشكەندەك قىلدى .
--رەيھان ، قەيەرگە كىتىۋاتىمىز ؟ دىسىڭىزچۇ ، ھېلىمۇ تۈنۈگۈندىن بېرى بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىدىڭىز .
-- ھازىرلا بىلىسىز مەردان . ئالدىرماڭ . رەيھاننىڭ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى . نىمىنى خاتا قىلىپ قويغۇنىمنى بىلەلمىدىم . جىم ئوتۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق . يىتىپ كەلدۇق . كونا بىر ئولتۇراق رايۇنى بۇلۇپ شەمسىيەنىڭ ئۆيى ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ جەزىملەشتۈردۈم . ئىشىكنى چەكتۇق ، ئىچىدىن چىقىپ كەلگىنى دەل شەمسىيەنىڭ ئانىسى ئىدى ، يۈرۈگۈم قارت قىلىپ قالدى . سالاملاشقاندىن كىيىن رەيھان  ئۆزىنى پاتامخان ھەدەمگە ئاتتى ، ئىككەيلەن بىر ھازا يىغلاشقاندىن كىيىن بىزنى ئۆيگە باشلىدى ، تا ھازىرغىچە مەن ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ئىدىم .مىھمانخانا ئۆيگە كىرىشىم كۆزۈم يوتقان ئىچىدە ياتقان شەمسىيەگە چۈشتى ، بۇرۇنقى ئاناردەك مەزڭزى ئاللا قاياقلارغا يۈتكەن ، تاتارغان ، ئورۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان ، بۇرۇنقى قان تېمىپ تۇرىدىغان لەۋلىرى شورلاشقان بۇلۇپ كۆزلىرىنى ئىشىككە تىكىپ ياتاتتى ، بەلكىم بىزنىڭ كىلىشىمىزدىن خەۋەردار بولسا كېرەك . كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ، تىزلىرىم ماغدۇرسىزلىنىپ يىقىلدىم . ..


****************************************************************************************************

             ئۇنىڭدىن كىيىن نىمە ئىشلار يۈز بەردى بىلمەيمەن . ھوشۇمغا كەلگەن ۋاقىتتا مەنمۇ شەمسىيەنىڭ يېنىدا يەنە بىر كۆرپە ئۈستىدە ياتاتتىم . چاچىراپ تۇردۇم دە شەمسىيەگە ئېسىلدىم . كۆزۈمگە نە شەمسىيەنىڭ ئانىسى نە رەيھان كۆرۈنمىدى .
-- بۇ نىمە ئىش شەمسىيە ، زادى نىمە ئىش ؟ سىز نىمە بولدىڭىز شەمسىيە ؟ نىمىشقا بۇنچە تاتىرىپ كەتتىڭىز شەمسىيە ؟ نىمىشقا بۇنچە ياداپ كەتتىڭىز شەمسىيە ؟ ئانارنىڭ دانىسىدەك چىرايىڭىز قېنى شەمسىيە ؟ نۇرلۇق كۆزلىرڭىز قېنى شەمسىيە ؟ گەپ قىلىڭ شەمسىيە ، زادى نىمە ئازابلارغا دۇچار بولدىڭىز ، شەمسىيە  ، گەپ قىلمامسىز شەمسىيە ... كۆزلىرىمدىن بەڭباش ياشلار تۆكۈلمەكتە ، ياق ، بۇ ياش ئەمەس ، يۈرۈگۈمدىن قانلار ئېقىۋاتمامدۇ ، يۈرۈگۈم پىچاق تىققاندەك ئاغرىۋاتمامدۇ . شەمسىيە بىرەر ئىغىز بولسىمۇ گەپ قىلىڭ بۇلامدۇ ، نىمە يىغلاپلا ئولتۇرامسىز ، گەپ قىلىڭ ، مەن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاي سەمسىيە ...
شەمسىيە ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلىدى ، بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىدى ، قۇچىغىمدا ماڭا يۆلۈنۈپ قانغۇچە يىغلىدى . تولا يىغلاپ مىنىڭمۇ ئۇنلىرىم پۈتۈپ كەتتى . رەيھان كېلىپ “بولدى قىلىڭ شەمسىيە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ “دەپ ئەسكەرتكەندىلا ئۇنى ئاۋايلاپ ياتقۇزۇپ قويدۇم . شەمسىيەنىڭ ئانىسى سىرىتقا چىقىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۆيدە پەقەت ئۈچىمىز لا قالغان ئىدۇق .
-- ھەممىنى بىر بىرلەپ سۆزلەڭ رەيھان ، سىز ھەممىنى بىلىسىز ، مەندىن يۇشۇرۇپسىز . .. يەنە يىغا تۇتتى ،گەپ قىلالماي قالدىم . شەمسىيەنىڭ ھازىرقى تۇرقىنى كۆرسە تونىمايدىغان ئادەممۇ يىغلاپ سالاتتى .
-- ماقۇل مەردان . مەن ئېيتىپ بىرەي . ئەسلى ئىش مۇنداق . شەمسىيە ھېچقاچان سىزگە ئاسىيلىق قىلغىنى يوق ، ھەم سىزگە يۈز كېلەلمىگۈدەك ھېچ ئىش قىلغىنى يوق . سىلەر يۈرىۋاتقان مەزگىلىڭلاردا ھە دىسىلا شەمسىيەنىڭ بۇرنى قانايدىغانلىقىنى ئەسلىيەلەمسىز . دەل شۇ ئىش . شەمسىيە ئىزچىل سىزدىن يۇشۇرۇپ ئەڭ ئاخىرى سىز ۋە دوستلىرىڭىز مەلۇم شەھەرگە ئوينىغىلى كەتكەندە يىقىلدى . كىچىلەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق ، تەكشۇرۇش نەتىجىسى ھەممىمىزنى چۈچۈتتى. شەمسىيە ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان ئىدى . ئارىمىزدا بىرىنچى بۇلۇپ ھوشىنى تاپقىنى شەمسىيە بولدى . ھەممىمىزگە يالۋۇرۇپ تۇرۇپ بۇ ئىشنى سىز ۋە باشقىلاردىن يۇشۇرۇن تۇتىشىمىزنى ئۆتۈندى ، بىزمۇ ماقۇل بولدۇق . سىز قايتىپ كەلگۈچە شەمسىيە ئىككىمىز “شەمسىيەنىڭ يېڭى يىگىتى” نى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۈلگۈردۇق . شەمسىيە سىزنى ئۇنىڭ كېسىلى سەۋەبلىك ئازابلاشنى خالىمىدى . بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى يوقمۇ ئەمەس لېكىن ماس كېلىدىغان يىلىك تېپىلمىسىلا باشقا ئامال يوق بولغاچقا ئۇ سىزدىن ئايرىلىش قارارىنى چىقاردى . بىر ئاماللارنى قىلىپ سىزگە شەمسىيەنى ۋاپاسىزلىق قىلغان قىلىپ كۆرسەتتۇق . ئۆزىڭىز ئايرىلىش تەلپىنى ئوتتۇرغا قويدىڭىز، بۇ ئەلۋەتتە دەل بىز كۈتىۋاتقان نەتىجە ئىدى . ئەتىسى سەھەردىلا شەمسىيە يۈرتىغا قايىتتى . بىز داۋاملىق ئالاقىلشىپ تۇردۇق ، شەمسىيەنىڭ قەيەردە نىمە كۈنلەرنى كۆرگىنىنى  مەن ئېنىق  بىلىمەن مەردان . بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شەمسىيە بارمىغان دوختۇرخانا قالمىدى ، خېمىيەلىك داۋالاشلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى . لېكىن ئۇ سىزنى بىرەر دەقىقىمۇ ئۇنتۇپ قالغىنى يوق . ئىشەنمىسىڭىز مانا ئاڭلاڭ . رەيھان شەمسىيەنىڭ ياستۇقى يېنىغا قويۇلغان تېلفۇننى ئېلىپ بىر نەرسە قويدى ، بۇ مىنىڭ ئاۋازىم ئىدى . رەيھان يەنە سۆزلەشكە باشلىدى . شۇنداق مەردان ، بۇ دەل سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ، ئىككىمىز بىللە تاماققا چىققان ۋاقىتلاردا سىز بىلەن بولغان پاراڭلىرمىزنى ئۈنگە ئېلىپ شەمسىيەگە يوللاپ بىرەتتىم . ئەلۋەتتە بۇمۇ شەمسىيەنىڭ سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاش ئۈچۈن تاپقان ئامالى . مەردان ، مەن كىسەل بۇلۇپ قالغان ۋاقىتتا سىز ئاڭلاپ قالغان تېلفۇن دەل شەمسىيە بىلەن سۆزلەشكەن تېلفۇن ئىدى . سىزمۇ سورىمىدىڭىز ، مەنمۇ ئېيتىپ بەرمىدىم . شەمسىيەگە ماس كىلىدىغان يىلىك تېپىلمىدى .  شۇڭا شەمسىيەنىڭ ئارماندا كەتمەسلىكى ئۈچۈن شەمسىيەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي سىزنى باشلاپ كەلدىم . مىنى كەچۈرۈڭلار .
كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاقماقتا ، مەن زادى قانداق ئادەم ؟ مەن نىمە قىلىپ قويدۇم ؟ ئۆزۈم سۆيگەن ئادەمنى شۇنچە ئۇزۇن تاشلىۋەتتىممۇ ؟ ئۇنىڭ ئالدامچىلقىنى نىمىشقا بىلمىدىم ؟ مىنىڭ ئۇچۇن چەككەن ئازابلىرىنى نىمىشقا بىلمىدىم ؟ ئايرىلغان كۈنى ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىغان ئىدىمغۇ ، نىمىشقا ئۇنىڭ مىنى شۇنچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى كۆرەلمىدىم ؟ كۆزلىرىم كور ئەمەس ئىدىغۇ ...كۆزلىرىم كور بولغان تەقدىردىمۇ يۈرۈگۈم سىزىشى كىرەكتىغۇ ...نىمىشقا سىزەلمىدىم ؟ ئۇنىڭ يالغان يىگىتى كۆزلىرىمنى كور ، يۈرىگىمنى سەزمەس قىلىۋىتەلىدىمۇ ؟؟؟
                 ئۆي ئىچى ئۈچىمىزنىڭ يىغىسى بىلەن تولغان ئىدى . شەمسىيەنىڭ ئانىسى كىرىپ كەلمىگەن بولسا بەلكىم توختىماسلىقىمىز مۇمكىن ئىدى . بالىسىنىڭ دەردىدە ئاران تۇرغان بىر ئانىنى تېخىمۇ ئازابلاشنى خالىمىدۇق . ياشلىرمىزنى سۈرتۈپ گەپنى بۇرىدۇق ، شەمسىيەنىڭ ئاۋازىمۇ سېغىنىپ قالغان ئىدىم ، ئەمدى قۇلىقىمىز ئۇنىڭدا بولدى . لېكىن ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بىلەن تەڭ يىغلاپ تېخىمۇ ماغدۇرسىزلىنىپ ناھايىتى بوش ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتاتتى . مەندىن ئايرىلىپ يۇرتقا قايتقاندىن كىيىن بولغان ھەممە ئىشلارنى ئاڭلىدىم . كەچلىك تاماقتىن كىيىن ماڭا ئايرىم ھوجىرىغا ئورۇن راسلاپ بىرىشتى . سىرىتقا چىقىپ ياتاي دىسەم پاتەمخان ھەدەم يىغلاپ تۇرىۋالدى . شۇنداق قىلىپ شەمسىيەلەرنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدۇق . كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم ، ئەتتىگەنلىك تاماقتىن كىيىنلا “ ئازراق ئىشىم بار ئىدى “ دەپ دوختۇرخانىغا چاپتىم . ئەھۋالنى تونۇشتۇرغىنىمدىن كېيىن ئۇلار مىنى تەكشۇردى . بەزى نەتىجىلەر چۈشتىن كېيىن چىقىدىغان بولغاچقا دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقتىم . ئادىلغا تېلفۇن قىلىپ مەكتەپتىكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇردۇم . بۇنداق بىكار ئايلىنىپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس ئىدى ، يەنە كىلىپ كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ، شەمسىيەدىن ئەنسىرەپلا تۇرغاچقا شەمسىيەلەرنىڭ ئۆيىگە قايىتتىم . ئۆيگە كىرگەن ۋاختىمدا چۈشلۈك تاماقمۇ پىشىپ قالغان ئىكەن ، تاماق يىگەچ پاتەمخان ھەدەمدىن قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتقىنىنى سورىدۇم . بىچارە ئانا شۇنچىلىك ئۆكسۈپ يىغلىدىكى سوراپ قالغىنىمدىن پۇشايمان قىلدىم . ئۇنىڭ باش چايقىشىدىن ئەمدى ئامال يوق دىگىنى چىقىپ تۇراتتى . ھەممىمىز شۇكلەپ قالدۇق ، تاماقتىن كىيىن رەيھاننى سىرىتقا تولىدىم .
-- رەيھان ، مەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتۈم ، نەتىجىسى چۈشتىن كىيىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ، بىر ئامال قىلىپ شەمسىيەنىڭ تەكشۈرتۈش قەغىزىنى ئېلىپ بەرسىڭىز ...
-- ماقۇل ، مەن ئامال قىلىپ باقاي . رەيھان كىرىپ كەتتى . تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىلىشتىن بۇرۇن شەمسىيە ئۇقسا بەلكىم ئۇنىماسلىقىمۇ مۇمكىن ، مۇۋاپىق كەلمەي قالسا تېخىمۇ ئازاپلىنىدۇ دە . شۇڭا بىر ئامال قىلىپ ئۇختۇر ماي ئېلىش كىرەك ئىدى .
            رەيھان يامان قىز بىردەمدىلا ئىشنى پۈتتۈرۈپتۇ ، ئۇ بارلىق ماتىرياللارنى ماڭا بەردى ، كۆزلىردىن قانچىلىك ئۆمۈدنىڭ چاقناپ تۇرغىنىنى بەلكىم رەيھان ئۆزىمۇ بىلمىسە كېرەك .
ماتىرياللارنى سومكامغا سېلىپ يەنە دوختۇرخانىغا باردىم ، تەكشۈرۈش نەتىجىللىرى چىققان بۇلۇپ پەقەت سېلىشتۇرۇشلا قالغان ئىدى . دوختۇر بىر ھازا كۆرگەندىن كىيىن ،
-- مۇبارەك بولسۇن ، سىڭلىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان بولدىڭىز . دىدى . مەن شەمسىيەنى سىڭلىم دىگەن ئىدىم . دوختۇر ئىشخانىسىدا كىچىك بالىدەك سەكىرەپ كەتتىم ، خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتمايۋاتاتتى . شۇكىرى ، ياراتقان ئىگەمگە مىڭ شۈكىرى . شەمسىيە ھايات قالىدىغان بولدى ، مىنىڭ مىھرىبانىم ...ھايات قالىدىغان بولدى ...
          تىز سۈرەتتە شەمسىيەلەرنىڭ ئۆيىگە قايتتىم
           ئىشىكتىن ئۇچقاندەك كىردىم دە شەمسىيەنىڭ قېشىغا كەلدىم ،
-- شەمسىيە ، يىلىك تېپىلىپتۇ ، ئاڭلىدىڭىزمۇ يىلىك تېپىلىپتۇ . سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز پۈتسىلا ھەر ۋاقىت ئوپىراتسىيە قىلسا بولىدىكەن . يىلىك ئىئانە قىلغۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ئېيتمىدىم .  
كۆزلەردىن ياشلار يەنە ئاقماقتا ، ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىمقىسى خۇشاللىق يېشى ، تەكلىماكان قۇملىقىغا قاپسىلىپ قېلىپ ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلەي دېگەن ئادەمگە بۇلاق ئۇچىرغاندەك بىر ئىش ...
ھەممىمىز خۇشال بولدۇق . شەمسىيەنىڭ دادىسىمۇ شۇ كۈنى قايتىپ كەلدى ، نىمە دەپ يۈز كۆرۈشىشىمنى بىلمەي تۇراتتىم مىنىڭ ئالدىغا ئۇدۇللا كىلىپ.
-- مەردانجان بالاممۇسىز ، ئۇزۇن بولغان گىپىڭىزنى ئاڭلىغىلى ، قېنى تارتىنماي ئولتۇرۇڭ بالام . “ بالام “ سۆزىدىن بىر تەرەپتىن قىزىرىپ يۈزلىرىم ئوت ئالسا يەنە بىر تەرەپتىن خۇشال بولغان ئىدىم . لېكىن مىنى قانداق بىلىدۇ ؟ بولدىلا بەلكىم رەيھاننىڭ كىسىلى ئېغىر مىنىڭ رەسىملىرىمنى كۆرۈپ ، ئاۋازلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرغاچقا بىرەر قېتىم كۆرۈپ قالغان ، پاتەمخان ھەدەمدىن سوراپ بىلگەندۇ .
ھەممە ئىشنى قويۇپ تۇرۇپ دوختۇرخانىغا باردۇق . دوختۇرلار بۇ ئوپراتسىيەنى قىلالمايدىغانلىقىنى ، پەقەت تەكشۈرۈپ بىكىتىپ بىرەلەيدىغىنىنى ئېيىتتى . شەمسىيەنىڭ دادىسى چوڭ سودىگەر بۇلۇپ شەمسىيەنى داۋالىتىپ يۈرۈپ نۇرغۇن بىساتىدىن ئايرىلغان ئىكەن . شۇنداق بولسىمۇ ھەر جايدا تونۇشلىرى كۆپ بولغاچقا ئوپراتسىيەگە يىتەرلىك پۇلنى بىر كۈن ئىچىدىلا ھەل قىلىپ بىزنى ئېلىپ مەلۇم شەھەرگە كەلدۇق . كىلىپلا دوختۇرخانىغا ئۇرۇنلاشتۇق . تەكشۈرۈش نەتىجىللىرىنى مەسئۇل دوختۇرغا تاپشۇرۇپ كىسەلخانىغا قايىتتۇق .  بۈگۈن كېچە شەمسىيە باشقىچە سارغىيىپ كىتىپتۇ ، ئەتىسى سەھەر ئۇنى يوقلىغىلى كىرىپ شۇنچىلىك ئەنسىرەپ كەتتىم . ئەينەكلىك ئايرىلغان كىسەلخانىدا ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان شەمسىيە بۇ  بىر كۈننىڭ ئىچىدە تېخىمۇ ياداپ كەتكەندەك كۆرىندى . ئۆزۈمنى ئاران بېسىۋېلىپ مەسئۇل دوختۇرنىڭ قېشىغا كىردىم ، ئەمدى ئۆزىمنى تۇتالمىدىم ...
-- سىزدىن ئۆتۈنەي دوختۇر ، شەمسىيەنى قۇتقۇزىۋېلىڭ . سىزدىن ئۆتۈنەي ...
-- بولدى قىلىڭ مەردان ، ئوپراتسىيەگە يەنە بىر نەچچە كۈن بار . سىزمۇ كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تەڭشىمىسىڭىز بولمايدۇ . ياخشى ئارام ئېلىڭ ھە . مەسئۇل دوختۇر چىقىپ كىتىشىمنى ئىشارەت قىلدى ، دىققەت قىلماپتىمەن ئۇ بىرسى بىلەن بىر ئىش توغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتقان ئىكەن. ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەپ دوختۇر ئىخانسىدىن قايتىپ چىقتىم  . نىمىشقىكىن بىرسى شەمسىيەنى ھازىرلا تارتىپ كېتىدىغاندەك ئەنسىز ئىدىم . ئوپراتسىيەنىڭ بىرەر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق قىلىنىشىنى ، ساقايغان شەمسىيەنى كۆرۈشنى شۇنچىلىق ئۆمۇد قىلاتتىم . لېكىن بۇ ئىشلار مەن ئالدىرغان بىلەن ھەل بولمايدىكەن . دوختۇرنىڭ دىيىشىچە مىنى تېخى ئومۇمىيۈزلۈك بىر قېتىم تەكشۇرمىسە بولمايدىكەن . ئۇلۇغ اللا  ... شەمسىيەنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن .
****************************************************************************************************
              ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى . رەيھان ئىككىمىز ئاۋال مەكتەپكە قايىتتۇق .

  ئەمدى كۈنلىرىم تېخىمۇ تەستە ئۆتۈشكە باشلىدى . شەمسىيەنى تىزراق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كۈتۈۋاتاتتىم .


****************************************************************************************************
             كۈتكەن كۈنلىرىممۇ يىتىپ كەلدى . شەمسىيەلەر بىزنىڭ مەكتەپ تۇرۇشلۇق شەھەردىكى بىر كونا ئۆينى ئىجارا ئېلىپ دادىسى مۇشۇ شەھەردە سودا قىلىدىغان ، شەمسىيە مۇشۇ ئۆيدە ئارام ئالىدىغان بولدى . بۇنداق بولغاندا رەيھان ئىككىمىزنىڭ كىرىپ چىقىشىغىمۇ قۇلايلىق ئىدى.
شۇنداق قىلىپ خۇشاللىق كۈنلىرمىز قايتىپ كەلدى . كۈندە كىرىشكە يۈزۈم قىزىراتتى لېكىن كىرمىگەن ۋاقتىم ھەرگىزمۇ ئىككى كۈندىن ئېشىپ كەتمەيتى . شەمسىيەگە ئالماشتۇرۇلغىنى مىنىڭ يىلىكىم بولغاچقىمۇ شەمسىيەنىڭ ئۆيىدىكىلەر ماڭا تولىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى ، يەنە كېلىپ ئىككىمىزنىڭ يۈرۈۋاتقىنىمىزنىمۇ بۇرۇنلا بىلگەن ئىكەن. شۇڭا ئارتۇق گەپ سۆزنىڭ لازىمى يوق ئىدى . مىنىڭ ئاتا ئاناممۇ “ئوقۇشۇڭلار پۈتۈشكە نەچچە ئايلا ۋاقىت قالدى ، شەمسىيە سەللەمازا ساقايسىلا تويۇڭلارنى قىلىپ بىرىمىز “دېگەچكە مەنمۇ خاتىرجەم كىرىپ چىقىۋاتاتتىم .


****************************************************************************************************

             شەمسىيە خېلىلا ياخشىلنىپ قالدى ، ھەممىمىز خۇشال ئىدۇق . پەقەت بىرلا ئادەم خۇشال ئەمەس ، رۇشەنگۈل ئانچە مۇنچە تەنە گەپ سۆزلەرنى قىلىپ قوياتتى ، لېكىن بۇنى كۆڭلۇمگە ئېلىپ كەتمەيتىم . ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەستە . شەمسىيەنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ئۇنى شىرىن چۈشلىردىن ئويغۇتۇپ تاشلىغان تۇرسا ...
شۇ تەرىقىدە ئىككى ئاي ئۆتتى ، شەمسىيەدە ھېچقانداق غەيرى ئەھۋال بايقالمىدى . ھەممىمىز بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئونىغا كۈلكە چاقچاقلارنى ئالماشتۇردۇق . يەنە بىر نەچچە ئاي ئۆتسىلا مەكتەپ پۈتىدۇ ، مەكتەپ پۈتسە شەمسىيەگە ئەلچى كىرگۈزۈپ تويىمىزنى قىلىمىز ، نىمە دىگەن گۈزەل كۈنلەر ...

  ****************************************************************************************************
         
               تېلفۇنۇمنىڭ سايرىشى مىنى بىزار قىلدى ، لېكىن يەنىلا ئالدىم ،  
-- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم . ئۇيقۇچىلىقتا كىملىكىگىمۇ قارىماپتىمەن .
-- مەن رەيھان مەردان ، دوختۇرخانىغا بىر كىلىپ كەتسىڭىز ...كەينىدىن ئاڭلانغىنى يىىغا ئاۋازى ۋە ئىسەدەشلەر ، چاچىراپ ئورنۇمدىن تۇردۇم دە دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدىم . يىتىپ كەلگنىمدە شەمسىيەنىڭ ئاتا ئانىسى ، رەيھان بۇلۇپ جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيى ئالدىدا تۇراتتى . سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن رەيھانغا قارىدىم ، رەيھان كىيىم ئالماشتۇرۇشنىمۇ ئۇنتىغان بۇلۇپ ئۇچىسىدا پەقەت ئۇخلاش كىيىمى تۇراتتى ، كىيىملىرىگە قان داغلىرى ئۇيۇپ قالغان بۇلۇپ بۇنى كۆرۈپ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ، لېكىن...بەڭباش ياشلىرىم يەنە گەپ ئاڭلىمىغىلى تۇردى ، ئىسەدەيتىم ، پۇچىلناتتىم ...


****************************************************************************************************


                  شەمسىيەنى يەرلىكىگە قويدۇق .  پۈتۈن بىر ئادەمنى قارا تۇپراققا كۆمۈپ قويدۇق . جىنازىسىنى مەن باش بۇلۇپ كۆتۈرۈپ كەلدىم ، قەبرىنىڭ ئاغزىنى مەن ئىتىشتىم ، چىن دىلىمدىن سۆيگەن ئادەمدىن شۇنداق ئايرىلدىم . مىھرىبانىمدىن شۇنداق ئايرىلدىم ، كۆز نۇرىمدىن شۇنداق ئايرىلدىم ، ئارزۇ - ئۆمۈدىمدىن شۇنداق ئايرىلدىم ...
شەمسىيە ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ شەمسىيە ، باشقىلار كەتتى ، يېنىڭىزدا مەنلا قالدىم شەمسىيە ، شەمسىيە ، ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ بىرەر ئېغىز گەپ قىلىڭ شەمسىيە . سىزدىن ئۆتۈنەي شەمسىيە ،مىنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كەتمەكچىمۇ سىز ، مىنى يالغۇز قويماقچىمۇ سىز ، شەمسىيە گەپ قىلىڭ ، مەندىن ئۆچىڭىزنى ئېلىۋاتامسىز ، يالغۇزلۇقنىڭ تەمىنى تېتىسۇن دىدىڭىزمۇ شەمسىيە ، مەن تارتقان ئازابنى تارتىپ باقسۇن دىدىڭىزمۇ شەمسىيە ، مىنى بۇ يالغۇزلۇققا چىدىيالايدۇ دىدىڭىزمۇ شەمسىيە ، بۇ دۇنيانىڭ ئازابلىرىنى ماڭىلا تاشلاپ كەتتىڭىزغۇ شەمسىيە ، ھەر ئىش بولسا تەڭ كۆرىمىز دىگەن ئىدىڭىزغۇ شەمسىيە ، ئەمدى ھەرگىز ئالداپ قويۇپ قاچمايمەن دىگەن ئىدىڭىزغۇ شەمسىيە ، يەنە قېچىپ كەتتىڭىزغۇ شەمسىيە ، مىنى يەنە ئالداپ قويۇپ يىراقلارغا كەتتىڭىزغۇ شەمسىيە ، كەلمەسلەرگە كەتتىڭىزغۇ شەمسىيە ، ئەمدى سىزنى  نەدىن تاپاي شەمسىيە ، ئەمدى دەردىمنى كىمگە تۆكەي شەمسىيە ، ئاتا - ئانام كېلىنىم قېنى دىسە نىمە دەپ جاۋاب بىرىمەن شەمسىيە ... سىز ماڭا ئېيتىپ بىرىڭ مەن زادى قانداق قىلىمەن ............سۆزلىرىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ، قاراڭغۇ چۈشتى ، قەبىرە قېشىدا قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئۈنلۈرۈم پۈتۈپ ئاۋازىم چىقماس بۇلۇپ كىتىپتۇ ، ئادىل كەلگەندە مەن تېخىچىلا خىيالەن سۆزلىشىۋاتاتتىم . ئادىل مىنى تارتىشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭدى . ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقۇدەك ماغدۇرۇم قالمىغان ئىدى .


                                         كەتكەنلەرغۇ كېلەركەن بىر كۈن ،                                    
                                          كەلمەيدىكەن كەتمەنلەنگەنلەر....                                    

                                
****************************************************************************************************


                  يۇرتقا قايتىپ كەلگىنىمگە ئىككى ئاي بولدى . شەمسىيەنىڭ قىرىقىدىن كېيىن قايتىپ كەلگەنچە ھېچ يەرگە بارمىدىم . كۆڭلۈم ھېچ نەرسىنى تارتمايتى . روھىم چىقىپ كەتكەندەكلا بۇلۇپ قالدىم  . ئانامنىڭ زورى بىلەن بازار ئايلىنىپ ، دوست يارەنلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشكە ماڭدىم . ئولتۇراق رايۇنىنىڭ دەرۋازىسىغا كىلىشىمگە مىنى چاقىرىپ قالدى .
-- سىزنىڭ خېتىڭىز بار ئىدى . ئېلىۋېلىڭ . ھە دەپ كەينەدىن كىرىپ خەتنى قولۇمغا ئالدىم ، قاراپلا يۈرۈكۈم ئۆزۈمگە ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە سوقۇپ كەتتى ، ئەۋەتكۈچى دىگەن ئورۇنغا  شەمسىيە دەپ يېزىلغان بۇلۇپ بۇ ئېنىقلا شەمسىيەنىڭ پوچىركىسى ئىدى. يول بويىدىلا ئولتۇرۇپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم .
                                                        سالام سىزگە                                         

                ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم . مەردان ، سالامەتمۇ سىز ؟ يەنىلا ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ يۈرەمسىز ؟ قانداقلا بولمىسۇن مەن سىزنىڭ چۈشكىنلىشىشىڭىزنى خالىمايمەن مەردان . خەتنى كۆرۈپ ھەيران قېلىۋاتقانسىز . ئەجەپلەنمەڭ ، مەن بۇ خەتنى سىزگە ئالدىن يېزىۋاتىمەن . يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى ئاخىرلىشىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمگە بىر ئايچە بولدى ، يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەرلىرى تولىمۇ ئەنسىز ، سىز دىن ، ئائىلەمدىكىلەردىن ئايرىلىش تەقدىرىم ئوخشايدۇ مەردان . كۆڭلۈم سىزىپ تۇرىۋاتىدۇ . مەن ھامىنى سىلەردىن ئايرىلىمەن . اللا شىپالىق بىرىپ ساقىيىپ كەتسەم سىزنىڭ ئايالىڭىز بۇلۇپ بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭىزنى قىلىشقا رازىمەن. ئەگەر تەقدىرىم كاج كەلسە ئۇنىمۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن ، اللا بەرگەن جان ئەمەسمۇ ، ئىگىسى كىلىپ قايتۇرۇپ كەتسە ...
           ئەسلى مەخسەتكە كەلسەك مەردان . سىزدىن ئۆتىنىدىغان بىرقانچە ئىش بار . روھىمنى قورۇنمىسۇن دىسىڭىز شڭنداق قىلىڭ .
        ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ ، سىزنىڭ يولىڭىز تېخى ئۇزۇن ، ئۆمۇدۋار بۇلۇڭ ، قەيسەر ياشاڭ . مىنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق قىلىڭ .
        رەيھاننى ئەمىرىڭىزگە ئېلىڭ . رەيھان سىزنى مەندىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدۇ . ئىككىمىز يۈرۈشتىن بۇرۇنلا ئۇ سىزنى ياخشى كۆرەتتى . سىلەر ھېلقى ئويۇننى باشلىغان ۋاقتىڭلاردا رەيھان سىزگە ئۇتتۇرۇپ بولغىلى نەچچە يىل بولغان ۋاقىت ئىدى . مەردان ، بۇمۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇ ئۆمۈدلىرىمنىڭ بىرى . ئەگەر مەن ھايات بولساممۇ رەيھاننى سىزگە چوڭ خوتۇن قىلىپ مەن ئىككىنچى ئايالىڭىز بۇلۇشنى تەلەپ قىلغان بۇلاتتىم . يەنە بىر تەرەپتىن سىز نى رەيھانغا تاپشۇرساملا ئاندىن خاتىرجەم بولىمەن . ئىشىنىمەنكى ئۇسىزگە مەن ئاتا قىلماقچى بولغان بەخىتتىنمۇ ئارتۇق بەخىت ئاتا قىلالايدۇ . مەردان ، بۇ ئۆتۈنىشىمنى چوقۇم قوبۇل قىلىشىڭىزنى سورايمەن . رەيھاننى ئىزدەڭ ، ماڭا بېغىشلىغان مۇھەببىتىڭىزنى ئۇنىڭغىمۇ بېغىشلاڭ ، مىنى قانداق ئەۋزەل كۆرسىڭىز رەيھاننىمۇ شۇنداق كۆرۈڭ . ئاخىردا سىلەرگە بەخىت تىلەپ سۆيگىنىڭىز ؛شەمسىيە .
خەت ئاخىرلاشتى كۆز ياشلىرىم ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس . شەمسىيە سىز مىنى نىمە قىلسۇن دەيدىغانسىز ...

                                                      

                                             ئۈستىلەنگەن قەلىب يارىسى (4)  


                                         كۆزۈمدىكى مەنالىرىم سەن ئىدىڭ ،
                                         ئارزۇلاپ ھەم سۆيگەن يايرىم سەن ئىدىڭ.
                                          دەرتلىرىمگە دەرمانە ھەم سەن ئىدىڭ ،
                                          تاپالمىدىم ئىنتىزارىم سەن ئىدىڭ .

                                           يولگە قاراپ نىگارىمنى تاپالماي ،
                                           ساڭا بىر رەت ئەھۋالىمنى ئېيتالماي .
                                           يەنە كەلدىم قەبرەڭدىن ھەم تاپالماي ،
                                           شاتلىقىمنى ئېلىپ كەتكەن سەن ئىدىڭ .

                                            تاپالمىدىم نىگارىمنى ھەممىدە ،
                                            چۈنكى يايرىم ياتار غەمسىز قەبرىدە .
                                            كىممۇ يايرىم يىتەر ئەمدى سەن كەبى ،
                                             مەندەك غېرىپ يالغۇزنىڭ ھەم دەردىگە .

                              (تاشمۇھەممەت باتۇر ئىجىراسىدىكى سەن ئىدىڭ ناملىق ناخشىدىن ئېلىندى )
                       ھەقىقەتەن ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدىكەن ، “ئەلھۆكمۈلۈللا”  دىيىشتىن باشقا ئامالىمىز يوق ئىكەن . مىڭ قايغۇرساقمۇ بىكار ئىكەن . ھاياتلىرىمىز يەنىلا كۈنلىرمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدېكەنمىز . شەمسىيە كەتتى ، بۇ دۇنيانىڭ بارلىق خۇشاللىق ۋە ئازاب ئوقۇبەتلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلدى. (ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .)  شەمسىيەنىڭ يىلىنى تۈگۈتۈپ يۇرتقا قايتىپ كەلگىنىمگە بىر ئايچە بولدى . بۈگۈن ئەتىگەن شەمسىيەنىڭ خېتى قولۇمغا چىقىپ قالدى . نىمىلا دېگەن بىلەن بۇ ئۇنىڭ ھاياتلىقىدا مەندىن كۈتكەنلىرى ئەمەسمىدى ، مىنىڭ ئۇ تاپىلىغان بويۇنچە قىلىپ روھىنى خۇشال قىلىشىمنى كۈتۈۋاتقاندۇ . بىر نەچچە قېتىملىق چۈشۈممۇ بۇنىڭغا بىشارەت بولسا كېرەك .
           رەيھان بىلەن بازار ئايلىنىۋاتقۇدەكمەن ، ماڭا ئاياغ سېتىۋالماقچى بۇلۇپ رەيھان تاللاپ بەرگەن ئاياقنى قىممەتكەن دەپ ئالغىلى ئۇنىمىغۇدەكمەن ، رەيھان مەن تاللاپ بەرگەننى ئالمىدىڭىز دەپ يىغلاۋاتقۇدەك ، ئوخشاش بىر چۈشنى ئىككى قېتىم كۆردۈم . بەلكىم شەمسىيە مىنىڭ رەيھاننى ئىزدىمىگىنىمدىن روھى قورۇنىۋاتقان بولسا كېرەك . ئىزدەي ، رەيھاننى ئىزدەپ باراي ، شەمسىيەنىڭ خېتىنى كۆرسىتەي ،.. شەمسىيەنىڭ روھى ئەمەن تاپسا ئەجەب ئەمەس .
بىر يىلدىن بېرى رەيھانغا تۇنجى قېتىم تېلفۇن قىلىشىم ئىدى. رەيھان تېلفۇننى ئالدى .
--ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم .مەردانمۇ سىز ،  قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
-- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام . ھەئە ، مەن مەردان ، شۇكىرى . ئۆزىڭىزچۇ ؟ سالامەتمۇ سىز؟ ئۇزۇندىن بېرى باردى كەلدى قىلمىغاچقا بىر خىل تارتىنىش ھەر ئىككىلمىزنى ئەسىرگە ئالغان ئىدى . ئەمدى نىمە دىيىشىم كېرەك ؟ گېپىمنى تاپالماي تۇراتتىم رەيھان ئۆزى گەپ قىلدى .
-- مۇنداق قىلساق قانداق ، مەن بۇگۈن دەم ئالغان ، سىزگىمۇ دەم ئېلىش بولغاندىكىن چۈشتە بىللە تاماق يىسەك ، ئۇزۇن بولدى سىزنى كۆرمىگىلى ...رەيھاننىڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزىدىن سەل خىجىل بولدۇم . دىمىسىمۇ ئۇنى بۇنداق تاشلىۋەتسەم بولمايتى ، تولىمۇ يۈزسىزلىك قىلغان بۇلۇپ قالاتتىم ، قانداقلا بولمىسۇن رەيھان شەمسىيەنىڭ بىردىنبىر جانجىگەر دوتى ئىدى ، بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرمىزغىمۇرەيھان يادەم قىلغان ئىدى .
-- ھە ، ماقۇل ، چۈشتە بىللە تاماق يەيلى . سىرىتتا يەمدۇق ياكى بىزنىڭ ئۆيگىلا كىلەمسىز؟ راستىنى ئېيتقاندا ئۆزۈمنىڭ سىرىتتا تاماق يىگۈم يوق ئىدى .
-- مىنىڭمۇ سىلەنىڭ ئۆيگە بىر بېرىپ كىلىش يولۇم بار ئىدى ، سىلەرنىڭ ئۆيگىلا باراي . ھە راست مەردان ، ئانىڭىزنى ئارتۇق ئاۋارە قىلىپ يۈرمەڭ ، بولسا مەن ئۆزۈم بېرىپ تاماق قىلاي . رەيھان بىزنىڭ ئۆيگە كۆنۈك ئىدى . گەرچە چوڭلار ئانچە كىلىشىپ كەتمىسىمۇ بىز ياشلارنىڭ بېرىش كىلىشىگە ئەزەلدىن قارشى چىقمايتى ، شۇنىڭ ئۈچۈن رەيھان بۇرۇنلاردىمۇ كىلىپ كىتىپ يۈرەتتى .
-- ماقۇل ئەمسە ، مەن ئۆيدە ساقلاي . ئاللاغا ئامانەت ، كەلگەندە كۆرۈشەرمىز . شۇنداق دەپ تېلفۇننى قۇيۋەتتىم . يۈرۈگۈم ئۆزۈمگە ئاڭلانغۇدەك سوقماقتا ، ئەمدى قانداق قىلىمەن ، ئۇ كەلسە نىمە دەيمەن ،.. خىيالىمنى بۆلۇپ ئانام كىرىپ كەلدى .
-- مەردانجان بالام ، چۈشلىكىڭىزگە نىمە قىلىپ بەرسەم بولار ، نىمىنى كۆڭلىڭىز تارتىۋاتىدۇ بالام ؟ ئانام ئەزەلدىنلا شۇنچىلىپ مىھرىبان ، كۆيۈمچان ئايال ئىدى ، بالا دىسە كىسەل بولسىمۇ تاماق ئىتىپ بېشىدا ئولتۇرۇپ يىگىنىنى كۆرۈپ ئاندىن خاتىرجەم بۇلاتتى .
-- بۈگۈن رەيھان بىزنىڭ ئۆيگە كەلمەكچى ئىدى ئانا . لەغمەن ئەتسىڭىز رەيھان ئامراق ئەمەسمۇ . ئانام كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ قويۇپ قەۋەتلا خۇشال بۇلۇپ كەتتى ، شەمسىيە ئالەمدىن ئۆتكەندىن  بېرى ئۆزۈمنى كۆپ تاشلىۋەتتىم ، سىرىتلارغىمۇ خىزمەتنى دېمىسەم چىقمايتىم ، ئاتا - ئاناممۇ مىنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈرىۋاتاتتى . رەيھاننىڭ گېپىنى چىقارسام ئانامنىڭ باشقىچە خۇشال بولىشى بىكار ئەمەس ئىدى .
-- ماقۇل جېنىم بالام . مەن ھازىرلا چىقىپ تەييارلىق قىلاي . ئانام خۇشال چىقىپ كەتتى ، لېكىن مىنىڭ كۆزلىرىم يەنە ياشلار بىلەن ئۇچىرشىش قىلدى ... نىمىشقا شەمسىيەنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۆيگە ئېلىپ كىلىپ ئانام ئەتكەن تاماقلاردىن يىگۈزمىگەن بولغىيدىم ... شەمسىيەنىڭ مۇشۇ سەۋەبلىك بىرەر ئارمىنى قالغان بولارمىدى ، ئۆزى كىلىن بولۇپ كىرمەكچى بولغان ئائىلىنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈپ باققۇسى كەلگەن بولغىيتى ھە ...
           ئۇلۇغ اللا ھەممىگە قادىر ، بىرىمەن دەپ بىرەلەيدۇ ، ئالىمەن دەپ ئالالايدۇ . سەبىر قىلماي ئامالىم يوق ... بېشىمدا بارىنى ئالدىرماي كۆرەي ...
بىرەر سائەتكە قالمايلا رەيھان يىتىپ كەلدى ، داستىخان سېلىپ چايدىن كىيىنلا “تاماققا ياردەملىشەي “دەپ ئۇنىماي تۇرىۋالدى . مەن ياتاق ئۆيۈمدە كىتاب كۆرۈش بىلەن مەشغۇل بولدۇم . تاماق پىشقاندا ھەممىمىز كۈلكە چاقچاقلار بىلەن تاماق يىدۇق . تاماقتىن كېيىن ئانام بىزنى “سىلەر ياشلار بىردەم پاراڭلىشىڭلار “ دەپ چىقىپ كەتتى . رەيھان ئىككىمىزلا قالدۇق ، نىمىسىنى دەي ، ھەر ئىككىلىمىز يەرگە قاراپ قىزىرىپ ئولتۇردۇق ، بۇنداق بولسا مىھمانغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك بۇلۇپ قالاتتى ، مەن ئاۋال گەپ باشلىدىم .
-- سىزگە كۆرسىتىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى رەيھان . شەمسىيە قالدۇرغان خەتنى ئۇنىڭغا سۇندۇم .
-- كۆرمىسەممۇ مەزمۇنىنى بىلىمەن مەردان ، مەندىمۇ بىر پارچە خەت بار ، بەلكىم ئىككىمىزگە ئوخشاش قىلىپ خەت قالدۇرغاندۇ . خاتالاشمىسام ئىككىمىزنى توي قىلىڭلار دىگەندۇ ؟ رەيھان تېخىمۇ قىزاردى .
-- مۇنداق دەڭ ، نىمىشقا بۇرۇنراق ماڭا دىمىدىڭىز ؟ سورۇدۇم ئەجەبلىنىپ .
-- قانداق دەيمەن مەردان ، سىزنى چۈشەنمىسەمكەن كاشكى . سىزگىمۇ ۋاقىت كېرەك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شەمسىيەنىڭ ئارزۇسى ، سىزنىڭ ئەمەس دە ...رەيھان مىنى جاۋاب بىرىشكە قىستاۋاتاتتى ، يەنى مىنىڭ زادى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش نېيتىمنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەكچى ئىدى .
-- سىز بىلەن توي قىلىش نىيتىگە كەلدىم ، پەقەت سىز خالىسىڭىزلا ، ئىككىمىز بىر بىرمىزنى چۈشىنىمىز ،..
ئىشقىلىپ بىرقانچە سەۋەب تېپىپ بەردىم ، ئەمدى سەل قېلىنلاشقان بولسام كېرەك خېلى تارتىنماي سۆزلەۋاتاتتىم ،
-- لېكىن ھەر ئىككىلىمىزگە ۋاقىت كېرەك رەيھان .
-- مەنمۇ رازىمەن . رەيھان ئەمدى راستىنلا قىزىرىپ پىشقان ئانارغا ئوخشاش قىزاردى .-- سىز دېگەندەك ۋاقىت كېرەك . مەن ساقلىيالايمەن . ..
رەيھان قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئۇنى بىر ئامال قىلىپ بەخىتلىك قىلىشنى ئويلاپ كېلىۋاتىمەن .  شۇنداق قىلماي بولمايتى ، شەمسىيەگە ۋە ئۆزۈمگە يۈز كىلەلمەيتىم . ھەر قانداق ئىش يۈز بىرىشىدىن قەتئى نەزەر پەقەت اللا خالىسىلا ئۇنى بەخىتلىك قىلىش نېيتىگە كەلدىم .



                 تاك ، تاك ،تاك
                 ئىشخانامنىڭ ئىشىكى چىكىلىپ رۇشەنگۈل كىرىپ كەلدى ، رۈشەنگۈل ئاجايىپ ئۆزگەرگەن بۇلۇپ تاسلا قاپتىمەن تونۇماي قالغىلى .
-- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، مەردان باشلىق . سالامەتمۇ سىز؟
-- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، رۇشەنگۈل خىجىل قىلمىڭە ، دادامنىڭ شىركىتىدە باشلىق بولسام ماختانغۇدەك ئىش ئەمەسقۇ ، يە ئۆزۈم تىرشىپ ئىرىشكەن ئورۇن بولمىسا بۇ . سىزچۇ ، نىمىنداق ئۆزگۈرۈپ كەتتىڭز ؟  سىز شۇمۇ ؟  رۇشەنگۈلنىڭ ئۈستى بېشى پۈتۈنلەي ھېجابلانغان بۇلۇپ بۇرۇنقى رۇشەنگۈلنى ھازىرقى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتى . باشلىقنىڭ قىزى بولغاچقىمۇ ئۆزى ياۋاش بولسىمۇ كىيىم دىگەننى بىر كىشلىك كىيىپ قويىدىغانلاردىن ئىدى . مانا ئەمدى بىراقلا ئۆزگۈرۈپ كىتىپتۇ .
-- گىپىڭىزنى قاراڭ ، مەن بۇنداق كىيىنسەم بولمامدىكەن ؟
-- ياق ياق ، ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن ، شۇنچىلىك يارىشىپتۇ ، اللا رەھمەت قىلسۇن . راستىنى ئېيتقاندا ئىچىمدە ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ قالغان ئىدىم . بۇرۇنقى مىجەز خۇلقىغا بۇ كىيىملىرى قوشۇلسا تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كىتەتتى .
-- نەق گەپكە كىلەيلى ، مەن چۈشلۈك تاماق ئورۇنلاشتۇراي ، بىللە تاماق يەيلى . شۇنداق دېدىم دە تېلفۇن قىلىپ ئورۇن زاكاس قىلدىم .
-- ھەئە ، ئۈچ كىشلىك . گېپىمنى تۈگۈتۈپ تېلفۇننى قۇيۇپ رۇشەنگۈلنىڭ ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ تۇرغىنىنى كۆردۈم .
  -- نىمە ، رۇشەنگۈل ، قورۇنۇپ قېلىۋاتامسىز ، تارتىماي ئولتۇرۇڭ . نىمە ئىچىسىز ؟
-- ياق ، ھېچ ئىش يوق ، بىر نەرسە ئىچكىم يوق . رۇشەنەۈلنىڭ كەيپى ئۇچقان ئىدى . نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەك قىيىن ئەمەس ، ئۇنىڭ مەن بىلەنلا بىللە امق يىگۈسى بار ئىدى . مىنىڭ ئۈچ كىشلىك ئورۇن زاكاس قىلغىنىمنى كۆرۈپ يەنە بىرىنىڭ دەخلى قىلىدىغىنىنى بىلگەن ئىدى . ئەمەلىيەتتە بۇنى مەن قەستەن ئورۇنلاشتۇرىۋاتاتتىم ، شۇنداق قىلمىسام ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلمىقىم تەس ئىدى . مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن بېرى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ دوستلىرىمدىن دائىملا مىنىڭ ئىز دىرىكىمنى قىلىپ تۇردىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم . ئۇنىڭ مەندىن ۋازكەچمىگىنى ئېنىق ئىدى .
             ئىشخانامدىكى ئىشلارنى بىر قۇر بىر تەرەپ قىلغندىن كېيىن رۈشەنگۈلنى ئېلىپ تاماقخانىغا يىتىپ كەلدۇق ، پەرەزىمدىكىدەكلا رەيھان بىزدىن بۇرۇن كېلىپ بولغان بۇلۇپ بىزنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن . ئىككىسى يالغاندىن بولسىمۇ ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى . تاماق جەريانىدا رۇشەنگۈلنىڭ دادىسىنىڭ خىزمىتى  مۇشۇ شەھەرگە يۆتكۈلۈپ كەلگەنلىكىنى ، شۇڭا رۇشەنگۈللەرمۇ ئائىلە بويۇنچە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۇق . ئۇنىڭدىن باشقا پاراڭلىرىمىز مەكتەپتىكى ئىشلار ئۈستىدە بولدى .  تۇيۇقسىز رۇشەنگۈل سوراپ قالدى .
-- مەردان ، سىز تېخى توي قىلمىغانسىز ؟ بىرەر خەۋەر ئاڭلىمىدۇق . بىر ھېساپتا  بۇمۇ ياخشى بولدى . رەيھان ئىككىمىزنىڭ توي قىلماقچى بولىۋاتقىنىمىزنى  دەپ قويۇشمۇ ياخشى ئىش ئىدى . شۇنداق بولغاندا رۇشەنگۈل مىنى  ئاۋارە قىلىپ يۈرمەيتى .
-- ياق تېخى ، بۇ يىل يىل ئاخىردا قىلماقچى . دىدىممەن كۈلۈپ تۇرۇپ .
-- ۋاي ۋۇي قايسى بەخىتلىك قىز ئۇ ؟ رەيھان سەن تونامسەن ئاداش ؟  رەيھان قىزىرىپ باشقا گەپ قىلمىدى .
-- رەيھان بىلەن قىلماقچى . شۇنداق دىدىم دە رەيھاننى ئىشارەت قىلىپ قويدۇم . رۇشەنگۈل چاندۇرماسلىققا شۇنچە تىرىشسىمۇ چىرايىدىن تولىمۇ بى ئارام بولىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى . تاماق شۇنداق ئاخىر لاشتى . تاماقخانىدىن چىقىپ رۇشەنگۈل چۈتىن كېيىن يەنە ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ كىتىپ قالدى .
-- نىمە ئۇ گەپلەرنى دەپ يۈرۈيسىز ؟ رەيھان بىر ئاز خاپا بولغان ئىدى . كۆرمىدىڭىزمۇ تاتىرىپ بىر بولۇپ كەتتى بىچارە . ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس دە .
-- سىز شۇنداق دىگەن بىلەن ئەگەر بۈگۈن شۇنداق دېمىسەم بۇندىن كېيىن دائىم ئاۋارە قىلىپ تۇرىۋالسا قانداق قىلىمەن ؟ بىر شەھەردە بولغاندىكىن قاچان كىلىمەن دىسە كىلەلەيدۇ ... ئىشقىلىپ مىنىڭ ئۆزۈمگە ئارتۇق ئىش تېپىۋالغۇم يوق . ئەمدى ياخشى بولدى ، ئىككىمىزنىڭ توي قىلىدىغىنىمىزنى بىلدى . مەندىن ئۆزىنى تارتسا ئەجەپ ئەمەس ، يۈرۈڭ مەن سىزنى ئاپپىرىپ قويۇپ ئاندىن ئىشقا باراي .


****************************************************************************************************


              دوختۇرخانىدا ياتقىنىمغا ئون نەچچە كۈن بولدى ، بۇ قېتىم ھەقىقەتەن يىنىك يارلانمىغان ئىدىم . بىر پۇتۇم ، ئىككى قوۋرىغان سۇندى . بېشىم يېرىلدى . مىنى ئۇرغانلارنى ئون كۈن سولاپ جەرىمانە ئېلىپلا قويۇپ بەردى ، بىزمۇ ھېچ نەرسە دىمىدۇق ، دادامنىڭ “مىنىڭ ئوغلۇمغا چېقىلغىنىغا تويغۇزىمەن ...”  دېگىنىگە ئانام ئىككىمىز تەڭ نەسىھەت قىلىپ يۈرۈپ بۇ نىيتىدىن ياندۇردۇق . بەلكىم راستىلا سوقۇلۇپ كەتكەنگە شۇنچە ئاچچىقى كىلىپ ئۇرغاندۇ ، ياكى باشقىلاردىن ئالالمىغان ئۆچىنى مەندىن ئالغاندۇ . نىمىلا بولمىسۇن بولغان ئىش بولدى ، ھەرقانچە قىلساقمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ، پەقەت ئۇلۇغ اا دىن تىزراق ساقىيىشىمنى تىلەيمەن خالاس .
رەيھان ئىككىمىزنىڭ تويىنى ئامالسىز كەينىگە سۈردۇق . مەن سەللەمازا ساقايماي تۇرۇپ توي قىلغىلى بولمايتى . رەيھانمۇ ھەر كۈنى يېنىمدا پاي پىتەك بۇلۇپ يۈرەتتى . تۈنۈگۈن رۇشەنگۈلمۇ كىلىپ يوقلاپ كەتتى ، رەيھان ئىككىمىزگە بەخىت تىلىدى ، تىزراق ساقىيىشىمنى ، توي ئوينىغىسى بارلىقىنى ئېيتىپ ھەممىمىزگە بىرەر قۇردىن چاقچاق قىلىپ خۇشال قىلدى . رەيھان ئىككىمىزمۇ خۇشال بولدۇق ، ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەندەك قىلاتتى .


****************************************************************************************************

               بۇرۇن بىلمىگەن بولسام كېرەك ، رەيھانغىمۇ بارا بارا ئىچەكىشىپ قاپتىمەن ، ئۇ يوق بولسا ئۇياق بۇياقتىن ئىز دەيدىغان دەرىجىگە بېرىپتىمەن . ئۇلۇغ اللا نىسىپ قىلسا كىلەر ئاي تويىمىزنى قىلساق بۇ ۋىسالغىمۇ يىتەرمىز ...
ھەر ئىككى ئائىلە توي تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ، توي كۈنىنى بىكىتىپ بولغاچقا باغاقلارنى تارقىتىشقا باشلىدۇق . رۈشەنگۈلگىمۇ بىر پارچە باغاق يېزىشنى ئۇنۇتمىدىم . تويغا پەقەت سەككىز كۈن ۋاقىت قالدى ، رەيھان بىلەن كېلىشىپ ئەتە توي خېتى ئېلىشقا بارىدىغان بولدۇق ، خۇشال ئىدىم . ئوچۇقىنى ئېيتقاندا رەيھاننى ياخشى كۆرۇپ قالغان ئىدىم ، بەلكىم بۇ ياخشى كۆرۈش بىز ئويۇن ئوينىغان ۋاقىتتىلا بىخ سۈرگەن بولىشى مۇمكىن . مەن شۇنى بىلىپ يەتتىم ، بىر كۆڭۇلدە ئىككى ئادەم مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدېكەن . يەنى مىنىڭ قەلبىمدە شەمسىيەگە بولغان مۇھەببىتىم يوقاپ كەتكىنى يوق ، رەيھاننىمۇ ياخشى كۆرىمەن .”لېيىغان بۇلاق”رومانىدىمۇ باش پىرسۇناژ ھېكىمەت گۈلزىبانى چىن دىلىدىن سۆيىدۇ ، ھەم ئۇنتۇپ كەتمىگەن شارائىتتا مەھبۇبە بىلەن توي قىلىدىغۇ .  بەلكىم بۇ دەل دېنىمىزدا كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇشقا قارشى چىقماسلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك ، ئىككىسىگە بولغان مۇھەببىتىم ئوخشىمايدۇ ، ئوخشىمايدىغان ھېسسىيات . بەلكىم بۇ خىل ھېسسىياتنى كونىلارنىڭ “ھەر تاماقنىڭ قورسىقى باشقا “ دېگەن سۆزى بىلەن ئىپادىلىسەك مۇۋاپىق بولار .
بۈگۈن ناھايىتى سەھەر تۇردۇم ، توي خېتى ئالغىلى بارىمەن ئەمەسمۇ ، خۇشالمەن . رەيھانغا تېلفۇن قىلدىم .
-- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، سالامەت تۇرۇپسىزمۇ ؟
-- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، شۇكىرى . نىمانچە بالدۇر تۇرىۋالدىڭىز ؟ سورىدى رەيھان .
-- كىچىكىپ كالماي دەپ بولمامدۇ . سائات سەككىزدە بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۇدىلىدىكى بىكەتتە ساقلايمەن ، شۇ يەر يېقىن .
-- ماقۇل ، ھېلىگىچە كۈرۈشەرمىز . ئاللاغا ئامانات .  
كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ ناشتا قىلدىم ، ناشتىدىن كېيىن ئاتا - ئانامغا دەپ قويۇپ “بىسسىمىللا “دەپ ئۆيدىن چىقتىم .



                                           ئۈستىلەنگەن قەلىب يارىسى     (5)                              

                  بېكەت ئالدىدا خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولساممۇ رەيھان كەلمىدى . يەنە تېلفۇن قىلىشقا بىئەپ ئىدى . سائەت توققۇزدىن ئېشىپ كەتتى يەنىلا يوق . شۇنىڭ بىلەن ئەنسىرەشكە باشلىدىم . رەيھانلارنىڭ ئۆيىگە باردىم ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى خېلى بولغانلىقىنى ئېيىتتى . ھەرتەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدۇق . بىر كۈن ئىچىدە بارمىغان يىرىم قالمىدى . بارلىق دوستلىرىمنى ئىشقا سېلىپ ئىزدىدۇق ، ساقچى تەرەپمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ئىشقا سېلىپ ئىزدىدى .

               ئىككى كۈنگىچە ھېچقانداق خەۋەرگە ئىرىشەلمىدىم ، ئىزدىمىگەن قوشنا شەھەر ناھيلەرمۇ قالمىدى. تىتىت بولۇۋاتىمەن ، لېكىن قولۇمدىن باشقىسى كەلمەيۋاتاتتى ، قانداق قىلىمەن ؟ رەيھان نەگىمۇ كەتكەندۇ ؟ ئۇلۇغ اللا مىنى يەنە بىر قېتىم ھىجىرانغا قويمىسا بۇلاتتىغۇ ...نىمە گۇناھلارنى قىلغان بولغىيتىم ؟ نىمىشقا ھەممە كەلگۈلۈك مىنىڭ بېشىمغىلا كىلىدىغاندۇ ؟ ......


                رەيھان يوقاپ كىتىپ ئۈچىنچى كۈنى ساقچى تەرەپتىن خەۋەر كەلدى ، بىزنىڭ بېرىپ جەزەملەشتۈرشىمىزنى سوراپ قىلغان تېلفۇن ئىدى . ساخچىخانىغا قاراپ ئۇچتۇم ، كۆڭلۈم بىر خىل ئەنسىز ...
ساقچىخانىغا يىتىپ كەلگىنىمدە رەيھاننىڭ ئاتا- ئانىسى ئىشخانىنى بېشىغا كىيىپ يىلىغىلى تۇرۇپتۇ ، نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي يۈگۈرۈپ كىردىم . كۆزلىرىم خاتالىشىۋاتامدۇ ...ياق ، خاتالاشمىدى ، قاراڭغۇلىشىۋاتىدۇ ، باشلىرىم قېيىۋاتىدۇ ، ئالدىمدا ياتقان رەيھانغۇ ... ئۇنىڭغا نىمە بولدى ... نىمىشقا كۆزلىرىنى ئاچمايدۇ ...نىمىشقا بىرەر ئېغىز گەپ قىلمايدۇ ... چاچلىرى نىمانچە قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ، تارىۋالسا بولماسمىدى ...رەيھان مىنى تاشلاپ كەتتىڭىزمۇ ... شەمسىيەنى دورىمىسىڭىزمۇ بۇلاتتىغۇ ... شەمسىيە مىنى سىزگە تاپشۇرغان ئىدى ، سىز مىنى كىمگە تاپشۇردىڭىز ...شەمسىيە سىزنى ماڭا بەخىت بىرەلەيدۇ دىگەن ئىدىغۇ ... مىنىڭ بەختىم قېنى ... نىمىشقا ماڭا بەرمەيسىز ، نىمىشقا ھەممىڭلار مىنى تاشلاپ بۇ دۇنيادىن كېتىسىلەر ، مەن سىلەرنى شۇنچە بىزار قىلغانمۇ ، كىتىدىغان ئادەم مىنى بىللە ئېلىپ كەتسەڭلار بولماسمىدى ...ئىككى قېتىملىق زەربىگە مىنى بەرداشلىق بىرەلەيدۇ دەپ ئويلىغانسىزمۇ رەيھان ، مىنى يەنە ياشىيالايدۇ دەپ ئويلىغانسىزمۇ ، مىنى نېمىشقا ئويلاپ قويمايسىلەر ...


                  شۇ كۈنى يىقىلغانچە دوختۇرخانىدا بىر ھەپتىگىچە ھوشسىز ياتتىم . ھوشۇمغا كەلگەن ۋاختىمدا رەيھاننىڭ يەتتە نەزىرىمۇ ئۆتۈپ بولغان ئىكەن ،
ساقچى تەرەپنىڭ چۇشەندۈرشىچە رەيھان شۇ كۈنى مىنىڭ قېشىمغا كېلىش يولىدا تۇتقېن قىلىنغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن ، جەسەت تەكشۇرۇش نەتىجىسىدىن قارىغاندا رەيھانغا ئېغىر دەرىجىدە باسقۇنچىلىق قىلىنغان ، بىر قانچە ئامما ئەھۋال مەلۇم قىلىپ كىيىملىرى يىرتىلغان بىر قىزنىڭ شەھرىمىزنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان . بىلىشكە بولۇدۇكى رەيھان بۇلغانغان بەدىنى بىلەن مىنىڭ قېشىمغا كېلىشكە ۋىجدانى يول قويمىغان ، ئاقىۋەت مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى بىلدۇرۇپ بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان .
              ئويلىغانسىرى ئىچىم ئېچىشىۋاتاتتى ... بارغانسىرى تۈگۈشۈپ كىتىۋاتىمەن ... بىر نەرسە يىگۈممۇ كەلمەيدۇ ، نىمىشقا بۇنداق ئىشلار مىنىڭ بېشىمغىلا كىلىدىغاندۇ ...قىسقىغىنە ھاياتىمدا مەن زادى نىمە گۈناھ قىلىپ ئۆتكەن بولغىيدىم ، مىنى ياخشى كۆرگەن مىنىڭ مۇھەببىتىمگە ئىرىشەلمىگەنلەرنىڭ ئاھى تۇتىۋاتامدۇ ، بۇنىڭدا مەن ئەيىپلىكمۇ ، نىمىشقا مىنى ئېلىپ كەتمەي مەن سۆيگەنلەرنى ئېلىپ كىتىدۇ، مىنىڭ پىشانەمگە ھىجىراندىن باشقىسى پۈتۈلمىگەنمۇ ....


****************************************************************************************************

          دوختۇرخانىدا شۇ ياتقانچە ئىككى ئاي ياتتىم ، زىيادە ئۆمۈدسىزلىنىش،روھى زەربە  كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاجىزلىق مىنىمۇ ئۇ ئالەمگە يوللىغىلى ئاز قالغان ئىدى.  اللانىڭ شىپاسى دوختۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلدىم . بۇ ئىككى ئايدا روشەنگۈل مىنى يېنىمدىن ئايرىلماي كۈتتى . شەھەر باشلىقىمۇ كېلىپ يوقلاپ كەتتى . روشەنگۈلنىڭ جاپاسىنىمۇ كۆرۈپ ياتتىم . مەن ئاجىزلاپ كەتكەن كۈنلەردە كىچە كىچىلەپ يىغلاپ چىقاتتى ،..  ئۆزۈم سۆيگەنلەردىن ئايرىلدىم ، مىنىڭ قايتا بىرىنى ياخشى كۆرشۈم مۇمكىن ئەمەس ، ئەمدى بۇ دۇنيادىن بويتاق ئۆتۇپ كېتىمەن ...


****************************************************************************************************

                 بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ھەر كۈنى روشەنگۈلنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن تولىمۇ زىرىكتىم . قىز بالىغا نىمانچە بەرگەن بولغىيدى بۇ ياشنى ، كۆزىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكىلىۋىردىكەن . ئاتا - ئانامنىڭ زورى بىلەن روشەنگۈل بىلەن توي قىلىدىغان بولدۇم . توي قىلماي دىسەم ئاتا - ئانامغا يۈز كىلەلمەيدىكەنمەن ، توي قىلاي دىسەم ئەمدى بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ كۆڭلۈمدىن ئورۇن بىرىشىم مۇمكىن ئەمەس . شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئاتا ئانامنى رازى قىلىش ، يەنە بىر تەرەپتىن رۇشەنگۈلنى مۇرادىغا يەتكۈزۈشنى ئويلۇدۇم . ئۇمۇ مىنى دەپ كۆپ جاپا چەكتى ئەمەسمۇ ، ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس ، مىنى ساقلاپ قېرى قىز بۇلۇپ قالدى ھېلىمۇ .


****************************************************************************************************               

                 توي باشلاندى ، تەبىرىك سۆلەر قۇلاق تۈۋىمدە ئۈزۈلمەستىن ياڭرىماقتا ، رۇشەنگۈل ئىككىمىزگە بەخىتلەرنى تىلەشمەكتە . ئاتا- ئانىلار تولىمۇ خۇشال ، بالىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك لايىق بىلەن توي قىلغان تۇرسا ...داقا-دۇمباقلار ساداسى ئىچىدە توي ئاخىرلاشتى . رۇشەنگۈل بىلەن ئىككىمىزنى ھوجىرىمىزغا “سولىۋەتكەندىن”كېيىن قىقاس چوقانلار بىلەن قايتىشتى . مانا بۇ مىنىڭ توي كېچەم ، ئۈچ قېتىم تويغا تەييارلىق قىلىپ ئۈچۈنچى قېتىم ئۆزۈم قىلچىمۇ سۆيمەيدىغان بىرى بىلەن يەتكەن ۋىسالغۇ بۇ . قەلبىمدە رۇشەنگۈلگە بولغان ھىسدالىقتىن باشقا يەنە نىمە بار ، توغرا يەنە ئۇنى ھۆرمەت قىلىمەن .


****************************************************************************************************

        --مەردان ، مەن ئاخىرى سىزگە ئىرىشتىم ،سىزگە مەنسۈپ بولدۇم ، سىزنىڭ ئايالىڭىز بولدۇم ، مەن تولىمۇ بەختىلىك ...رۇشەنگۈل ئاستا پىچىرلىدى .
-- نىمە قۇلىقۇمنىڭ تۈۋىگە كىلىپ گەپ قىلىسىز ، مىنى ئويغىتىۋەتتىڭىز ، تاڭ ئاتمىغاندۇ ؟ ئۇيقۇچىلىقتا سورۇدۇم .
-- مەردان سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى . بىلمىدىم ئاڭلاشنى خالامسىزكىن ؟
-- قېنى دەڭ .دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ .  قىزىقىپ قېلىۋاتاتتىم ، زادى نىمە ئىشتۇ ؟
-- ئۇنداقتا مىنى كەچۈرەلەمسىز ؟ كەچۈرىمەن دىسىڭىز ئېيتىپ بىرىمەن .
-- شۇنداق مۇھىم ئىشمىدى ، قېنى ئاۋال دەڭ . كەرڭ قورساق ئىكەنلىكىمنى بىلىسىزغۇ ؟
كەچۈرۈڭ مەردان ، سىزنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن ، دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى بىر سىزنى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويدۇم ، مۇھەببەت ئادەمنى شۇنچىلىك شەخسىيەتچىگە ئايلاندۇرۇپ تاشلايدىكەن ، بەزىدە ئۆزۈم ئۆزۈمنى تونىيالماي قالىمەن . مەردان ، سىز شەمسىيە بىلەن بەخىتلىك بولغان بولسىڭىز مەنمۇ ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرمىگەن ، ھازىرقىدەك مەڭگۈلۈك پۇشايماندا قالمىغان بۇلار ئىدىم .
-- مەڭگۈلۈك پۇشايمان ؟ زادى نىمە ئىش تىزراق دىمەمسىز . ئالدىرىدىم ، ئۇيقۇم پۈتۈنلەي ئېچىلىپ كەتتى .
-- شۇنداق ، مەڭگۈلۈك پۇشايمان ، مەردان ، شەمسىيە قازا قىلغاندىن كېيىن سىز بىر يىلغىچە يۇرتىڭىزغا بىكىنىۋېلىپ يۈردىڭىز ، قانچە قېتىم كېلىپ سىزنى پەقەت يىراقتى كۆرۈپلا قايتىپ كەتتىم ، كۆڭلۈمدە سىزگە ۋاقىت بىرىپ ئاندىن سۆيگۈ تەلەپ قىلاي دىدىم . لېكىن كىم بىلسۇن مەن ئاللا بۇرۇن كېچىكىپ قاپتىمەن ، سىز رەيھان بىلەن تويغا كېلىشىپ بولۇپسىز . قاتتىق ئازابلاندىم ، ئۆزۈمنى ئۇرۇپ يىغلىدىم ، بىراق بۇنداق قىلسام ئورنىغا كەلمەيدۇ دە . بىرسىگە پۇل بېرىپ رەيھانغا تەھدىت سالدىم ، ئۇ ئاڭلىمىدى ، ئادەم ياللاپ سىزنى ئۇرغۇزدۇم . لېكىن مەن پەقەت قورقۇتۇپ قويۇڭلار دېگەن ئىدىم ، ئاقىۋەت ... ئۇنداق قاتتىق ئۇرىۋىتىشىنى مەنمۇ بىلمەپتىمەن ، كەچۈرۈڭ .
              يۈرۈگۈمنى بىرەرمىڭ قۇرۇت يەۋاتقاندەك بۇلۇپ كەتتىم ، مىنىڭ شۇنچە ئۇزۇم دوختۇرخانىدا يېتىشىمغا قوينۇمدا ياتقان ئايالىم سەۋەبچى ؟ يەنە كېلىپ مەن شۇنچىلىك ياۋاش دەپ ئويلايدىغان روشەنگۈل ؟  ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمەن ، مانا ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن دەۋاتمامدۇ ، ئۇلۇغ اللا ...
-- تېخى تۈگىمىدى مەردان ، شۇ ئىشتىن كېيىن سىز دوختۇرخانىدا خېلى ئۇزۇن ياتتىڭز ، بىر ھېسابتا تولۇق غەلبە قىلمىغان بولساممۇ رەيھان ئىككىڭلارنىڭ تويىنى خېلىلا كەينىگە سۈردۈم . شۇندىلا ماڭا پۇرسەت بار ئەمەسمۇ . ئەمدى ئۇنىڭ مۈرەمگە قويۇۋالغان بېشىنى ئىتتىرۋىتىپ كارۋاتتا ئولتۇردۇم . ئاڭلاپ باقاي ئۇنىڭدىن كېيىن نىمە ئىشلارنى قىلدىكىن .
-- سىلەرنىڭ توي خەۋىرىڭلار كەلدى ، ماڭىمۇ بىر پارچا باغاق يېزىشنى ئۇنۇتمىدىڭىز . سىلەرنىڭ تويۇڭلار مەن ئۈچۈن ماتەم ئىدى ، شۇڭا باغاقنى كۆرۈپ خۇددى بىرى ماڭا مىنىڭ ئۆلۈش كۈنۈمنى خەۋەر قىلىپ كەلگەندەك بىلىندى ، نىمىسنى دەي ، قانچە يىللاپ ئوتىدا كۆيۈپ چەكمىگەن جاپا ، تارتمىغان ئازابىم قالمىغان بىرىنىڭ تويىغا قاراپ تۇرىمەنمۇ ؟ مەندە شۇنداق غەيرەت بارمۇ ؟ بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالامدىم ؟ ياق ، مەردان ، مەن قوبۇل قىلىشقا ئاجىزلىق قىلدىم . رۇشەننىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ، ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى ،
-- شۇنىڭ ئۈچۈن رەيھاننى قەستلىدىڭمۇ بۇزۇق ؟ قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ، ۋارقىردىم .
-- ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ مەردان ، مەن ھازىرلا ھەممىنى ئېيتىپ بىرىمەن .  شۇنداق مەن ئىككىڭلار توي خېتى ئالغىلى بارماقچى بولغىنىڭلارنى بىلگەن كۈن بىر كېچە ئۇخلىماي ئامال ئويلۇدۇم ، ئەتىسى سەھەردە مەن ياللىغان لۈكچەكلەر رەيھاننى تۇتقۇن قىلىپ شەھەر سىرتىدىكى بىر كونا ئامبارغا سولاپ باسقۇنچىلىق قىلدى ، بۇنى مەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم . خېيالىمدا شۇنداق بولسا رەيھان سىزنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاندېكىن بۇ تويدىن ۋاز كېچىدۇ . بەك بولسا باشقا شەھەرگە بېرىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلايدۇ دەپ ئويلۇدۇم . لېكىن رەيھاننىڭ ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلىۋېلىشىنى ئويلىماپتىمەن . شۇ ئىشتىن كېيىن مەنمۇ قاتتىق پۇشايمان قىلدىم ...
          -- چاڭ .....
تەستىكىگە كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم ، كۆزۈمگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمىدى ، روشەننى يەنە كۆرە كۆزۈم يوق ، يەنە تۇرىۋەرسەم ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويىشىمدىن ئەنسىزدىم ، قاتىللىقتىن قورققۇنۇم ئەمەس ، پەقەت روشەننىڭ قېنى بىلەن ئۆزۇمنى بۇلغۇغۇم كەلمىدى ، ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم ، رۇشەن ئۆمىلەپ كېلىپ پۈتۈمغا ئېسىلىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى ،
-- مەن تۆۋە قىلدىمغۇ ، سىز مىنى كەچۈرىمەن دېگەن ئىدىڭىزغۇ ؟ مەردان ، مەن سىزنى سۆيىمەن مەردان ، كەتمەڭ ، مەن سىزگە مۇھتاج، مەن سىزگە ئات ئىشەكنىڭ ئورنىدا ئىشلەي مەردان ، ماڭا بىر پۇرسەت بىرىڭ ، سىزدىن ئۆتۈنەي ، خىىزمىتىڭىزنى قىلىپ گۈناھىمنى يۇيۇشقا پۇرسەت بىرىڭ ...
پۇتۇمنى قاتتىق سىلكىدىم ،
-- نېرى تۇر قانجۇق ، سەنمۇ بېرىپ لۈكچەلىرىڭ بىلەن ئۆي تۇت .
كەينىمگىمۇ قارىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم . كاللام قۇپقۇرۇق ، يۈرۈگۈم ئېچىشماقتا . ئىچ ئىچىمدىن چىقىۋاتقان غەزەپلەر مىنى قىينىماقتا ، مەن زادى نىمە قىلغان ئىنسان ...

دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر قۇر كېيىم كىيىۋالدىم . ئۇ سورىغان سۇئاللارنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ ئۆيىدىن چىقىپ كەتتىم .
قانداق كېلىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، رەيھاننىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئولتۇراتتىم ، قانچە ئۇزۇن ئولتۇرغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ،
رەيھان ، مەن سىزنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن بىرىنى بىر كېچە ئايالىم دەپ قۇچاقلاپ ياتتىممۇ ...ياشلار بىرىنىڭ كەينىگە بىرى ئۇلۇشۇپ تۆكۈلدى ، يىغلىدىم ، قاخشىدىم ، يالۋۇردۇم ، قەبرىدىن ھېچ بىر سادا كەلمىدى ...


****************************************************************************************************


           قوشنا ۋىلايەتكە كىلىپ شەمسىيەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلۇدۇم ، شەمسىيەنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ بىر كېچە تۈنەپ خىيالى سۆزلەشتىم .


****************************************************************************************************
              
              بارار جايىم قايان ، بۇنىسى ماڭا نامالۇم، قەيەردە توختايمەن ، بۇنى تېخىمۇ بىلمەيمەن . قىسقىغىنە ھاياتىمدا بىر ئۆمۈرگە يىتىپ ئاشقۇدەك ئازاب ئوقۇبەتلەرنى تارتتىم ، تەقدىرنىڭ قاپقانلىرىدا تىپىرلىدىم ، چىن دىلىمدىن سۆيدۈم ، ھەم چىن دىلىدىن سۆيۈشلەرگە ئىرىشتىم ، بەخىت ئىزلىدىم ، لېكىن تاپالمىدىم ، ھەر قېتىم مۆلدۈردىن كېيىن قەددىمنى رۇسلاپ يېڭى بىخ چىقىرىپ تۇرۇشىمغىلا يە قايتىلاپ بوران چاپقۇنلارغا ئۇچىرىدىم ، تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ ، شۇكىرى ، مەن تېخى ھاياتمەن ، لېكىن مىنىڭ قەلبىم ئۆلگەن ، ئارزۇ - ئارمانلىرىم ئۆلگەن . نىشانسىز ماڭماقتىمەن ، بۇ جاھان كەڭ جاھان ، مەن سىغقۇدەك يەر تېپىلار ...

                                            كۆيدى جىسمىم كۈل بۇلۇپ ،
                                           پەقەت يۈرەك سەرسانە قالدى .
                                            گۈلشىنىم  بولدى  خازان  ،
                                            كېتەي  يىراقلارغا  ئەمدى .

                                             كېلىدۇ  يالغۇز  كېيىك  ،
                                             قانغا مىلەندى گۈل گىياھ .
                                              ئوۋچىنىڭ  قانلىق ئوقى ،
                                              قىلغاچ  نىگارىدىن  جۇدا ...


                                                        خاتىمە                                                   


                          مەردان ئىزدىرەكسىز يوقالدى . روشەنگۈل مەرداننىڭ قانۇنلۇق ئايالى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ ئۆيدە قېلىپ قالدى . بەش يىلدىن كېيىن مەرداننىڭ زەھەر ئەتكەستچىللىرى بىلەن ئېلىشىپ قۇربان بولغانلىقى خەۋىرىنى  ھەربى رايۇندىن ئۇختۇردى ۋە قەھرىمان دەپ نام بەردى . بۇ ۋاقىتتا مەرداننىڭ ئوغلى مەردان تۆت ياشقا كىرگەن ئىدى .

2013-يىلى 10-ئاي  ئەنخۇي      
  


سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12736
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31746
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4659 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 10:43:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پوۋېستنىڭ ئاخخرىنىڭ تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىشى،روشەنننىڭ قانۇن سىرتىدا يۈرىشى ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى...

ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپپەققىيەتلىك چىققان ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ...

ئاخىرىدا ‹‹مەرداننىڭ ئوغلى مەردان ››بوپ قاپتۇ.....

‹‹نادىر تېما››دەپ باھا بەردىم.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32300
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3433 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 03:10:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ پوۋېستتا پىرسۇناژلار  مۇناسىۋىتىدىكى مۇھەببەت ۋە نەپرەتنى ئەمىلى كۆرستىپ  بىرىپتۇ.

‹‹نادىر تېما››دەپ باھا بەردىم.....

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 09:22:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-11-5 10:43 PM
پوۋېستنىڭ ئاخخرىنىڭ تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىشى،روش ...


شۇنداق ، كىشىلىك تۇرمۇشتا بىز يۈز بىرىشنى خالىمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار يۈز بىرىدىكەن . ئارزۇ -ئارمانلىرىمىز بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدىكى پەرىق مەڭگۈ ئاشۇنداق چوڭ ، ئارلىق  شۇنچە يىراق ..........



مەرداننىڭ ئوغلى مەردان بۇلۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپ  ، روشەنگۈل مەرداننىڭ  قايتىپ كەلمەيدىغىنىنى بىلىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغلىغا دادىسىنىڭ ئىسمىنى قويغان . روشەنگۈلنىڭ مەردانغا بولغان مۇھەببىتىمۇ ئەسىرىمدە ئىپادىلىمەكچى بولغان بىر تەرەپ . گەرچە نۇرغۇن رەزىل ۋاستىلەرنى قوللانغان بولىسىمۇ ، بۇ دەل ئۇنىڭ مەرداننى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكىدىن .  

ئومۇمەن ، ئەسىرىم ئاخىرلاشتى ، ئۆزۈم ياراتقان پۇرسىناژلار مىنىڭ كاللامنى قالايمىقان قىلىۋەتتى ،  ھەقىقەتەن نۇرغۇن نەرسىلەر ئويلىنىشقا تىگىشلىك .

ياخشى باھالىرڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت . اللا خالىسا تېخىمۇ تىرىشىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   an9385 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-6 10:02 AM  


سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 09:27:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 03:10 AM
بۇ پوۋېستتا پىرسۇناژلار  مۇناسىۋىتىدىكى مۇھەببەت ۋە  ...

رەھمەت . ياخشى باھالىرڭىزغا رەھمەت .

مۇھەببەت نەپرەت كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ يارقىن نوختىلارنىڭ بىرى . تەقدىر ئادەمگە باقمايدىكەن . ۋاقىت كەينىگە يانمايدىكەن . ھايات مەڭگۈلۈك بىۋاستە تارقىتىش ئىكەن ، رەپىتىس قىلىشقا پۇرسەت يوق ئىكەن . بىز بولساق ھايات سەھنىسىدىكى ئارتىسلار ئىكەنمىز .


سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32300
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3433 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 10:19:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
an9385 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 09:27 AM
رەھمەت . ياخشى باھالىرڭىزغا رەھمەت .

مۇھەببەت نەپرەت  ...

بىز ھايات سەيناسىدىكى ئارتىسلا بولوپ قالماي ھەم ئارتىسلارنى باھلىغۇچى،باھلىغاندىمۇ ئالدىدىن قېشىغا قاراپ،ئارقىسىدىن چېچىغا قاراپ  ھېلى ماختاپ،ھېلى تەنقىتلىگۈچى.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 10:23:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 10:19 AM
بىز ھايات سەيناسىدىكى ئارتىسلا بولوپ قالماي ھەم ئارت ...


شۇنداق . مۇئەللىم . ئۇلارنى ئاسماندا ئۇچۇرغۇچى ۋە تىك يارلاردىن تاشلىغۇچى بىز . ئادەم دېگەن ئاجايىپ ھە ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   an9385 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-6 10:24 AM  


سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32300
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3433 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 10:39:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
an9385 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 10:23 AM
شۇنداق . مۇئەللىم . ئۇلارنى ئاسماندا ئۇچۇرغۇچى ۋە تىك  ...


مۇشۇ مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىل بىر پارچا ئەسىرىم مۇسۇ تور بېتىدە بار ،يەنى -‹ھايات سەيناسى›دىگەن مۇخەممەس، ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ  قويارسىز، رەھمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 10:46:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 10:39 AM
مۇشۇ مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىل بىر پارچا ئەسىرىم مۇس ...

رەھمەت مۇئەللىم . چوقۇم بارىمەن .

سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97985
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2013-9-19
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 10:51:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 03:10 AM
بۇ پوۋېستتا پىرسۇناژلار  مۇناسىۋىتىدىكى مۇھەببەت ۋە  ...

مەنمۇ سىزدەك قاراشتا ، توغرا دەيسىزمەنمۇ سىزدەك قاراشتا ، توغرا دەيسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش