يىللاردىن بۇيان مەمۇرى،كەسپىي،كارخانا ئورۇن كادىر،ئىشچى-خىزمەتچىللىرى ھەر ئايدا تۇرالغۇ جامائەت پوندى پۇلى تاپشۇرىۋاتىدۇ.بىراق ئېقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغاندا ئۆزى تۆلىگەن بۇ پۇلنى ۋاقتىدا،ئاسان ئالالماي قىنىلىپ كەتكەنلەر،ھەتتا بىر قېتىممۇ ئېلىپ باقمىغانلار كۆپ.بۇ پۇلنى ئارىغا كىرىدىغان ۋاستىچى(بىدىك)ئارقىلىق بىر مۇنچە چىقىم تارتىپ ئالغىلى بولىدىغان،پۇل ئىگىسى ئۆزى بىۋاستە ئالالمايدىغان كەسپتىكى چىرىك،ناتوغرا ئەھۋاللار مەۋجۇت.شەخسەن مەنمۇ بۇ پۇلنى ئالالماي قورساق كۆپىكى تارتقان.گېزىت كۆرۈۋېتىپ ،«تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى قانداق ئەھۋاللاردا ئالغىلى بولىدۇ؟»دېگەن ماقالىگە كۆزۈم چۈشۈپ تەپسىلى ئوقۇپ،بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.تورداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى قانداق ئەھۋاللاردا ئالغىلى بولىدۇ؟
زەكىيە شىرىپ
ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، بازارلىشىش جەمئىيەتتىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى، پۇقرالارنىڭ بازارغا بولغان تونۇشى ئۆستى، چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتى، كىرىم مەنبەسى كېڭەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە پۇقرالارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىمۇ ئاشتى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى. تۇرالغۇ پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىستېمال ئېھتىياجى بولۇپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئاساسى. دۆلەت پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە ئۆي سېتىۋېلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تۈزدى. تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئاشۇ ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئېلىپ ئۆي سېتىۋالسا بولىدۇ.
تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئورۇن ھەم بۇ ئورۇندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر تاپشۇرىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرالغۇ ئامانەت پۇلى، تۇرالغۇ تەقسىماتىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش ۋە قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق شەكىل. تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۈزۈمى دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مۇھىم ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى بولۇپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە، ھەمكارلىشىش خاراكتېرىگە ھەم كاپالەت خاراكتېرىگە ئىگە. ئورۇن تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى چوقۇم قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. ئىشچى – خىزمەتچىلەر تاپشۇرىدىغان تۇرالغۇ جامائەت فوندى بىلەن ئورۇن ئۇلار ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى مەخسۇس ئىسچوت ئېچىپ ساقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئورون دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، شەھەر، بازارلاردىكى كوللېكتىپ كارخانىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار، شەھەر، بازارلاردىكى خۇسۇسىي كارخانىلار ھەم شەھەر، بازارلاردىكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، كارخانىدىن باشقا پۇقراۋى ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇرالغۇ جامائەت فوندى يۇقىرىقى ئورۇنلار ھەم ئۇلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى تاپشۇرغان ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرالغۇ ئامانەت پۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئىشچى – خىزمەتچىلەر تاپشۇرغان تۇرالغۇ جامائەت فوندى بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئورۇن ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۈچۈن تاپشۇرغان تۇرالغۇ جامائەت فوندى بەلگىلىمە بويىچە زاپاس ساقلىنىدىغان، ئىشچى – خىزمەتچىلەر مەخسۇس تۇرالغۇ ئىستېمال چىقىمىغا ئىشلىتىلىدىغان زاپاس مەبلەغ بولۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. ئىشچى – خىزمەتچىلەر پېنسىيەگە چىققاندا دىرى ۋە ئۆسۈم قالدۇقى بىر قېتىمدىلا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى جايلاردىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركەزلىرى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھەم ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن تاپشۇرغان تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئىشلىتىپ، سودا بانكىسىغا تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان خىزمەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئىشلىگەن مەزگىلدە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان پېنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە تارقىتىشنى ھاۋالە قىلغان ئۆي رەنىلىك قەرز پۇلى.
ھازىر جەمئىيەتتە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئېلىپ 1 – ، 2 – يۈرۈش ئۆي سېتىۋالىدىغانلار كۆپەيدى. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى پاراۋانلىق ئۆيى، مەبلەغ توپلاپ سېلىنغان ئۆي، تاۋار ئۆي سېتىۋالغاندىمۇ ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. جەمئىيەتتە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئۆي سېتىۋالغاندىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، باشقا ۋاقىتتا، باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، دېگەن قاراش مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئۆي سېتىۋالغاندىن باشقا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىمۇ ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ:
بىرىنچى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققاندا. ئىشچى – خىزمەتچىلەر دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققاندا تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىمدىلا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
ئىككىنچى، ئەمگەك مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندا. بۇنىڭدا ‹‹ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ئىسپاتى››(ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى) بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، نوپۇسى تۇرۇشلۇق كوچا باشقارمىسىنىڭ ئەمگەك كاپالەت ئورنى، مەھەللىلەرنىڭ ئەمگەك كاپالەت خىزمەت پونكىتى ‹‹خىزمىتى يوقلۇق ئىسپاتى››(ئەسلىي نۇسخىسى) ياكى تىزىملانغان مۇددىتى بىر يىل ئىچىدىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى(ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى) چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، ئىشچى – خىزمەتچى ۋاپات بولۇپ، ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسا. تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرغان كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىق ئىسپاتى ياكى ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىنغانلىق ئىسپاتى(ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى)، ۋەسىيەتلىك جامائەت گۇۋاھلىق خېتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى(مۇرەسسەنامە، كېسىمنامە)، ۋارىسلارنىڭ كىملىكى(ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى) بولۇشى كېرەك.
تۆتىنچى، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغان ياكى قىسمەن قالغان ھەم ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسا. ‹‹ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى، ئاغرىغانلىقى، مېيىپ بولغانلىقىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدۋىلى›› (ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى) بىلەن ‹‹ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ئىسپاتى›› (ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى) بولۇشى كېرەك.
بەشىنچى، چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان بولسا. كۆچمەنلەر ۋىزىسى ياكى نوپۇسىنى تىزىمدىن چىقىرىۋېتىش ئىسپاتى (ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخسى) بولۇشى كېرەك.
ئالتىنچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەم ئورنى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسا. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى (ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى)، ‹‹ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ئىسپاتى›› (ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نوسخىسى)، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ھاۋالە خېتى ياكى ھاۋالە جامائەت گۇۋاھلىقى خېتى بولۇشى كېرەك.
يەتتىنچى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان كىشى، جورىسى، پەرزەنتلىرى ياكى ئاتا – ئانىسى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە كۆرسىتىلگەن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھەم ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن داۋالاش چىقىمىنى كۆتۈرەلمىگەن بولسا. ئورۇن چىقىرىپ بەرگەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بارلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات، شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا چىقىرىپ بەرگەن دىياگنوز قەغىزى(ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى)، داۋالاش خىراجىتى راسچوت تالونى بولۇشى كېرەك.
سەككىزىنچى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان كىشىنىڭ پەرزەنتى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومغا قوبۇل قىلىنغان، ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەن بولسا. ئورۇن چىقىرىپ بەرگەن ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغانلىق ئىسپاتى، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئالماقچى بولغان كىشى بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات (نوپۇس دەپتىرى ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانا چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات)، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى، ئوقۇش ھەققىنى تاپشۇرۇش ئۇقتۇرۇشى(ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى) بولۇشى كېرەك.
مەنبە :« شىنجاڭ گېزىتى »نىڭ 2013-يىل11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانى