مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 536|ئىنكاس: 9

رۇبائىيلار(11) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 02:24:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇبائىيلار (11)

********

ئانا تىل-ئاناڭنىڭ تىلى ھەم ئۆزى،

ئانا تىل بىلمەسنىڭ كۆرمەيدۇ كۆزى.

مىسالى:ئانىسى تۇرسا ئالدىدا -

تونۇماس،قىزارماس ئەمانىڭ يۈزى.

********

ياقىدۇ ھەممىگە پۇل ھەم مەنپەئەت،

ئۆتەلمەس كۆپلەر بۇ سىناقتىن پەقەت.

غەرەزسىز ياخشىلىق ئىزدىمە ياتتىن،

قىلغايمۇ بىراۋلار ئاتاڭدەك شەپقەت!

********

ھايانىڭ يىلتىزى –ئاناڭ ئىززىتى،

ۋاپانىڭ يىلتىزى-ئاتاڭ خىزمىتى.

ھايادىن قىز كۆكلەر، ۋاپادىن يىگىت،

شۇ بىلەن ئۈستۈندۇر ئىنسان قىممىتى!

********

تۈگىمەس جاھاندا پەسكەش ئوغرىلار،

ئوغرىغا ھەر دىلدا  ئۆچمەن تۇغۇلار.

ۋەلېكىن، بىراۋنىڭ ئىلمىنى ئالغان-

سۆيۈملۈك «ئوغرى»نى دەيمىز توغرىلار!

********

تۇز تەمى تەڭشەلگەن-ئېسىل يىمەكلىك،

ماختايمىز تىل تامشىپ، يەيمىز يۈرەكلىك.

قارىغىن ،تۇزسىز ئاش ياتار ئەۋرەزدە،

ئادەمگە ۋىجدان تۇز- دائىم كېرەكلىك.

********

ئىز بولغاچ ئادەملەر مېڭىشنى بىلگەن،

ماڭغۇچى بولسلا ئۆچمەس ئىز دېگەن.

قارىغىن تاشلاندۇق شۇ چىغىر يولغا،

ئازلىغاچ ماڭغۇچى، قۇم-بوران كۆمگەن!

********

نادانلىق- روھىڭنىڭ  ئەجەل خەنجىرى،

تېنىڭنى كىشەنلەر  ئۇنىڭ زەنجىرى.

چىرمالسا زەئىپ تەن، قىلماس مەنپەئەت-

مىڭ يۇتۇم ئىچسەڭمۇ، ئابى كەۋسىرى.

********

قەدىرسىز بىلىنەر يېنىدا بارى،

سېغىنار يىراقتا بولسا كىم يارى.

مىسالى: ئاق قۇشقاچ تۆت پەسىل ھەمراھ

باھاردا كاككۇكقا بولىمىز زارى.

********

كۈن پاتسا يوقايدۇ غايەت زور سايە،

بەك«كاتتا» ئىشلارنى قىلما ھىمايە.

ياشىغىن، چۈمۈلە روھىنى يار قىپ،

زەررىچە بولسىمۇ تۆھپە- كۇپايە!

********

تالاشما تۆر ،جايىڭ بولسىمۇ پەگا.

بىراۋغا ئەگەشمە بولمىساڭ ئەما .

مۈستەقىل ياشاشنى ئۈگەن ھاياتتا،

ئىنسانلىق پەزىلەت ھەممىدىن ئەلا!

********

مەنبە: ئىجادىيىتىم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-5 02:25 PM  


باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 10:24:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن !
رەھمەت ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم .
ئىجادىيەتلەر قاناتلانغاي...

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 10:25:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ئېسىل چىقىپتۇ......... ئانا تىل توغرىسىدا يېزىلغىنىنى ياقتۇردۇم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 11:17:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى رۇبائىلارنى يېزىپسىز ،رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1067
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 11:34:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ.
‹تالاشما تۆر ،جايىڭ بولسىمۇ پەگا.
بىراۋغا ئەگەشمە بولمىساڭ ئەما .
مۈستەقىل ياشاشنى ئۈگەن ھاياتتا،
ئىنسانلىق پەزىلەت ھەممىدىن ئەلا!›دىگننى بەكرەك ياختۇردۇم.رەھمەت!

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4674
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 970 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 09:03:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارامەت ئىسىلكەن بۇ روبائىلار، تەشەككۈر ئۇستاز!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

اللا، ئۇ  دۇنيا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49384
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6306
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 2264 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2014-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 03:40:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەربىر  مىسرالار  ئۈچۈن  كۆپ  ئەجىر  سىڭدۈرۈپسىز!...
ئەجرىڭىزدىن  گۈللەر  ئۈنسۇن!!!

دىل ئۆيۈڭنى يۇرۇتۇپ ئۆتسۇن،   بەخىت بىرىپ بەختىڭگە كۈلكەم.   چىن سۆيگۈگە قېنىپ ياشايسەن،    ھاياتىڭغا رەڭ بىرەر كۆكلەم!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1797
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 09:18:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، قەلىمىڭىز ھارمىغاي .

سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 10:02:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلھاملىرىڭىز ئۆكسۈپ قالمىسۇن،
قوللىرىڭىز تېلىپ قالمىسۇن.
سىز رۇبائى يازغاندا،
باشقىلار قولىغا قەلەم ئالمىسۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87446
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-11-19
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 05:11:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن رۇباىغا  يىزىشقا شۇنداق قىزقاتتم شۇنداق ياخشى يىزىپسىز مەن يىزىشتىن ۋاز كەچسەم بولغۇدەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش