|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار،2012- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار 4- قەۋەت مەرىكە زالىدا ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى،شۇ چاغدا شىركەت دېرىكتورلىرى سۆز قىلىپ مەزكۇر پائالىيەتنى 10 يىل ۋە ئۇنىڭدىن ئۇزۇن داۋاملاشتۇردىغانلىقىنى ئېيتىقان ئىدى!
بۈگۈنكى قىزلار ئەتىكى ئانا . قىزلارنى تەربىيىلەش مۇنداقچە ئېيىتقاندا بىر ئەۋلادنى ، بىر مىللەتنى تەربىيىلەشتىن دېرەك بىرىدۇ. قىزلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ زېھنىنى ئاشۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلسە، شۇ يېتىشتۈرگەن ئەقلى بەدىلىگە ھۆرمىتى ھەر كىمنىڭ كۆزىدە بولىدۇ. 3- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى كۇتۇپخانىسى ئىلمى دوكلات زالىدا ئۆتكۇزۇلگەن <<ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى>>نىڭ 2-نۆۋەتلىك تارقىتىش مۇراسىمدىكى مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ نەتىجىسى رېئال ھاياتتا قىز –ئاياللار گۈزەللىك قۇياشىنىڭ تاشقى گۈزەللىكتىن ئەمەس، دەل ئۇلانىڭ تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھىدىن پارلىغان ئەقىل –پاراسەت نۇرىدا ئىكەنلىكنى نامايەن قىلدى.
ئۆزتۈرك شىركىتى پىلانلاپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئاياللار- بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيتى ھەمكارلاشقان ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسېتىتى قوللىغان <<ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى>> 2-نۆۋەتلىك تارقىتىش مۇراسىمغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق دائىمى ھەيئەت ئەزاسى،ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىي دائىمى كومېتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى،ئاپتونوم رايونلۇق كىينكى ئەۋلاتلارغا كۆڭۈل بۆلۇش كومېتىتى سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خەلچەم ئسلام ،ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۇسۇپ ئەيسا، پرافىسور ئابدۇكىرىم راھمان، فوندى جەمئىيەتلەر رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ،شىنجاڭ مالىيە ئىقىتساد ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئالى مەكتەپ ۋەكىللىرى ۋە 50 دىن ئارتۇق ئالىم ۋە مۇتەخەسس،ھەر قايسى تاراتقۇلار ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسلەر ،كارخانىچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتناشتى.
ئەلنىڭ دۇئاسى بىلەن ئەر كۆكلەيدۇ. ئۆز تۈرك شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان « ئۆز تۇپراق ۋە ئۆز خەلقىدىن كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىسنى يەنە ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىمىزگە قالدۇرۇش »نى كارخانا روھى قىلىپ تەرەققىيات يولىدا نۇرغۇن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلدى. تىرىشچانلىق ۋە توختاۋسىز ئىزدىنىشلەر تۈرلۈك ياخشى ۋە خەيرىلىك نىيەتلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابدۇلئەزىز ئابدۇقادىرنىڭ يوللىرىنى ئوچۇق،بەرىكەتلىك قىلدى. باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، شىركەت تېز سۇرئەتتە تەرەققى قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ يىپەك سېتىش مۇلازىمەت كارخانىسغا ئايلاندى. ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتىنىمۇ بۇ شىركەت خەلقىمىزگە سۇنغان ئاددى سوۋغا ھەمدە كارخانىنىڭ ئىجتىمائى مەسئۇلىيتىنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلدى.
خانىم –قىزلىرىمىز ئەزەلدىن مەۋجۈتلۇقىمىزنىڭ روھىي تۈۋرۈكى ، گۈزەللىكنىڭ بەرپاچىسى.بۈگۈنكى دەۋر خانىم –قىزلاردىن بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيىنى، دەۋرگە ئەگىشپ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بىلىم ۋە تەپەككۇرنى ، ئەتراپلىق يېتىشكەن ئۇنۋېرسال ساپانى تەلەپ قىلىدۇ.ئاسپرانت قىزلار-ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچكى قۇۋۋىتى ۋە روھىغا تايىنىپ ئىلگىرىلىگەن ۋە ئىلىمگە چوڭقۇرلىغان قىزلارنىڭ ۋەكىلىدۇر.ئۇلارنىڭ تىنىمسز ئۆگىنىش روھى ھەر بىر كىشنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ .«ئەگەر سەن بىر ئوغۇل بالىنى تەربىيلىسەڭ ، سېنىڭ تەربىيىلىگىنىڭ بىرلا ئادەم بولىدۇ. ئەگەر سەن بىر قىز بالىنى تەربىيلىسەڭ سېنىڭ تەربىيىلىگىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولىدۇ». ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ مائارىپى تەرەققىى قىلسا، ئىقتىساد ۋە ئاڭ سەۋىيسى ئۆسسە، رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ئۇچۇن بېسلغان چوڭ قەدەم بولىدىغانلىقنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئۆز تۈرك شىركىتى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا بىر مىليۇن يۈەن ئاجرىتىپ «ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپات»نى تەسىس قىلدى.
بۇ مۇكاپات ھەر يىلى بىرقېتىم تارقىتىلىدىغان بولۇپ شىركەت بۇ مۇكاپاتنى ئۇدا ئون يىل تارقىتىشىنى پىلانلىدى.مۇكاپات ئوبېكتىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسى ، جاپاغا چىداش روھى ،تېنىمىسز تىرىشچانلىقى بىلەن ئاسپىرانتىلىققا قوبۇل قىلىنغان،قىينىچىلىقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ نەتىجە ياراتقان مۇنەۋۋەر ئاسپىرانت قىزلىرىمىز بولۇپ ، ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولۇش، ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولۇش،نوپۇزۇلۇق گېزىت –ژورناللاردائەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇش قاتارلىق ئالدىنقى شەرتلەر ئاساسىدا مەخسۇس تاللاپ چىقىلىدى. مىللەت چەكلىمىسى ،تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر چەكلىمىسدىن مۇستەسنا بۇ مۇكاپات 2012 -يىلى 6-ئايدا تۇنجى نۆۋەت تارقىتلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەر قايسى كەسىپلەردىكى ئىجتىھاتلىق قىزلارنىڭ غەيرىتى، نەتىجىسى، تىرىشچانلىقى جەمئىيەتتە كۇچلۇك ئىنكاس قوزغاپ، بۇلارغا بىرىلگەن ئىقتىسادى ۋە مەنىۋى ئىلھاممۇ ھەر ساھە كىشلىرىنى ھاياجانغا سالغان ئىدى.
تۇنجى نۆۋەتلىك <ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتى> نى تارقىتىش جەريانىدا، يۇرتىمىز شىنجاڭدا تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئۈن -تېنسىز ھالدا كۆرۈنەرلىك تىرىشىۋاتقان ۋە ئادىمىيلىكتە ئۈلگە بولالىغۇدەك قىز ئاسپراتلارنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئۆز تۈرك شىركىتى ئىجرائىيە باش دىرىكتورى تاھىر ئىمىن ئەپەندى: <بۇ بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەر تۈرلۈك مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى، شۇ ئىلھاملار بىلەن بىز يەنە "شەرەپ مۇكاپاتى" ۋە "پىداكار ئاسپرانت ئايال مۇكاپاتى" دىن ئىبارەت ئىككى مۇكاپات تۈرىنىمۇ تەسىسى قىلدۇق، مەيلى قانداقلا مىللەت بولمىسۇن، قىزلار مىللەتنىڭ ئانىسى بولغىنى ئۈچۈن بىلىمسىز قالماسلىقى كېرەك، بىز بۇ جەھەتتە قولىمىزدىن كەلگەن ياردەمنى ھەرگىز ئاياپ قويمايمىز> دېدى. بۇ مۇكاپات غايىلىك،تىرىشچان،ئەخلاقلىق قىزلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۇچۇن زور ئىلھام شۇنداقلا قىزلارنىڭ ئۆز قىممىتىنى تىخىمۇ ئىچكىرىلەپ تونۇشى ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۇرۇش،جەمىئيەتتە ئاياللارنىڭ ئورنىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئالى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش نسبىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە ئىلھام بولۇشتا تۈرتكىلىك رۇل ئوينىدى.
3 -نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن <<ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى>>نىڭ 2-نۆۋەتلىك تارقىتىش مۇراسىمىدا شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئۇنۋېرستېىتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر خەنزۇ،قازاق،شىبە قاتارلىق 4 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان 14 نەپەر ئاسپرانت قىز مۇكاپاتلاندى. ئۇلار ئايرىم –ئايرىم ھالدا تىلشۇناسلىق،فولكلور، ئىقتسادشۇناسلىق، سياسى-قانۇن، كومپيۇتىېر، فىزىكا، ماتېماتىكا، فارماكولوگىيە، زوئولوگىيە، ئېقتسادشۇناسلىق، خېمىيە قاتارلىق ساھەلەردە تېرىشىپ ئوقۇپ،نەتىجە ياراتقان قىزلار بولۇپ ھەر قايسى ئۇنۋېرىستىتلاردىن كەلگەن 14 نەپەر مۇتەخەسىس،دوكتۇر يىتەكچىلىرى مۇكاپاتقا ئىرىشكۇچى قىزلارغا مۇكاپات تارقاتتى ۋە مۇكاپات سۆزى قىلىپ،قىزلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشش سەۋەبىنى ئېنىق چۇشەندۇردى.14 نەپەر قىزغا 5مىڭ يۇەندىن نەقپۇل،مۇكاپات لوڭقىسى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا «دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى»،«دۆلەتلىك رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتى»غا ئېرشىكەن، ئاسپرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنپ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى تىلشۇناسلىق ۋە قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق كەسپىنىڭ 2013-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ماگىستىر ئاسپرانتى مەلىكە سۇلايمان؛
ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ،تىرىشچانلىقى ۋە قېينىچلىق ئالدىدا باش ئەگمەسلىك رۇھى بىلەن ئوقۇتقۇچى-ساۋاقداشلىرى تەسىرلەندۇرگەن شىنجاڭ مالىيە –ئىقتىساد ئۇنۋېرستېتنىڭ ئاسپىرانتى خەنزۇ قىزى گۇسۇنا؛ 2010-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنۋىرىستتى ماتىماتىكا ئۇچۇر ئىلمىي ئىنىستىتوتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقغا قۇبۇل قىلىنپ ، تەبىئي پەن ساھەسىدە رايونىمىز ۋە مىللىتىمىز ئارىسىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ،ئىلىم پەنگە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان ياش ھەم يېڭى بىر نوتا ئىلىمنۇر ئابىلجان؛ھازىر جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميەسى شىنجاڭ فېزىكا-خېمىيە تەتقىقات ئورنىدا ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىك ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئۆزى تىرىشچان ۋە ئۆزىگە خاس دۇنيا قارىشىغا ئىگە قىز ۋەتەنگۈل كامىل؛ بىئولوگىيە پېنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش مەقسىتىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئارزۇسىدا كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشۋاتقان رىزۋانگۇل ئابدۇغېنى ؛ كۈچلۈك تىرىشىش روھى بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۈگىنىپ ، ئىمتىھانسىز ھالدا فىزىكا ۋە ئىلېكىترۇن قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىغا ماگىستىر ئاسپىرانتىلىققا قوبۇل قىلىنغان. كۆپ خىل تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتىنشىپ ، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژورنالدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان مەرىپەت ۋە تىرشچانلىق ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارتىشقا ئىرادە باغلىغان مۇيەسسەر قەھرىمان؛ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ، كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ فولىكلور كەسپىگە ماگىسترلىق ئاسپىرانتلىقىغا كىرگەن ھەمدە دوكتۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن جۇڭگو تىل –ئەدەبىياتى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن سۈيۇملۈك قىزىمىز خاسىيەت ئەدەھەم؛ تۇرمۇشىنىڭ ئەگرى-توقاي تالاپەتلىرىگە ، تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرىغا كۈلۈپ قاراپ ، ئۆز تىرشىچانلىقى بىلەن ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنى قايىل قىلغان شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماگستىر ئاسپىرانتى شىبە مىللىتىدىن بولغان بەي چېن قاتارلىق ئاسپىرانت قىزلار، ئىلىمگە بولغان چاڭقىغان تەشنالىقى ، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارتىشقا ئىرادە باغلىغان گۈلئايىم ياقۇپ ، ئايتۇرسۇن شەمسى قاتارلىق « شەرەپ مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبىلىرى شۇنىڭدەك ئائىلە بەختى ،پەرزەنتىلىرىنىڭ ئىستقبالى ئۈچۈن ياراملىق نۇتىلارنى تەربىيلەپ چىقىۋاتقان « پىداكار ئاسپرانت ئايال مۇكاپاتى» غا ئېرشىكەن رابىگۈل تۇنىياز ، مەريەمگۈك مەمەت قاتارلىق خانىم –قىزلىرىمىزنىڭ ھەر بىر نەتىجە ،ئۇتۇقلىرى بارلىق سۇرۇن ئەھلى سۆيۈندۈرىدى. گۈزەللىك پەقەت گۈزەللىكنى ئاپىرىدە قىلغۇچىغلا مەنسۇپ. مۇشۇنداق ئېسل مەنىۋى گۈزەللىكلەرنى ئۆزىدە يېتىلىدۇرۈگەن قىز-ئاياللىرىمىز ئارىسىدىنلا ئاندىن مىللەتىنىڭ ئۇلۇغ ئانىلىرى يېتىشىپ چىقىدۇ.
ئەقىللىق كىشلەر بىلەن بولغان سۆھبەت كۆڭۈلگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ.خېمىيە پەنلەر دوكتورى ، پرافىسسور ، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى خېمىيە فاكولتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، دوكتۇر يىتەكچىسى ئىسمائىل نۇرۇللا مۇنداق دېدى: 2003-يىلدىن باشلاپ 2013-يىلغىچە بىزنىڭ فاكولتىتىمىزدە 50دىن ئارتۇق قىز ئوقۇغۇچى ئاسپرانتلىقنى پۈتتۈرىدى. ئىلىم –پەن ئەزەلدىن ئوغۇل –قىز دەپ قارىمايدۇ. ئادەتتە ئىلىم –پەن ساھەسىدە ئۈزۇپ چىقىدىغان قىزلارنىڭ سانى ئوغۇللارنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ. چۈنكى قىزلارنى قوللاش ۋە ئۇلارنى چۈشىنىش ئانچە ياخشى ئەمەس. بولۇپمۇ بىزنىڭ مىللىتىمىزدە قىزلارنىڭ يېشى چوڭ بولۇپ كېتىدۇ،تۇرمۇشقا چىقىشغا تەسىر يېتىدۇ دەپ قاراپ قىزلارنىڭ بەك يۇقىرىلاپ ئوقۇپ كېتىشنى خالاپ كەتمەيدىغان كۆز قاراش بار. مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە فاكولتىتىمىزغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان قىزلاردىن بىر قانچىسى ئاتا –ئانىسنىڭ قوللىماسلىقى سەۋەبدىن ئامالسىز ئوقۇشتىن چىكىندى. بۇنىڭدىن سىرىت ئىقتىساد ئەھۋالى يار بەرمەسلىك مەسلىسمۇ بىر قىسىم ئوقۇش ئارزۇسى بار قىزلارنىڭ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇيالماسلىقتىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى.ئاسپرانت قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە ياردەم بېرىش ئۇلارنىڭ ئىجدىھاد بىلەن ئىلىم يولىدا تىرشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ھايات مېھىر-مۇھەببەت باغچىسى ، مەسئۇلىيەت سەيناسى . ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابدۇلئەزىز ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ تىرىشچان،ئاسپىرانت قىزلارنىڭ روھىغا ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە قىز-ئوغۇللارنىڭ ياخشى تەربىيلىنشى ئۈچۈن،يۈكسىلىشى ،ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتىنى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشدىغانلىقىنى ھەمدە «بىز ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان يىپەك يولىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات مەشئىلىنى كىينكىلەرگە ئۆچۇرمەي يەتكۇزىمىز.ھەممىمىزگە ئىنسانى سۆيگۇ ۋە تەرەققىيات روھى مەڭگۇ ھەمرا بولغاي »دېگەن سۆز «ئۆز تۈرك ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى»دىن سۆيۈنگەن بارچە دىللارنى يەنە ئۆز ئارا مېھىر-مۇھەببەت ، مەسئۇلىيەت بىلەن ياشاشغا رىغبەتلەندۇرىدى.
ئىلىم -پەن ساھەسىدە ئىزدىنىپ ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ئىلىم –پەنگە بېغىشلاپ ئۆتكۈزىۋاتقان قىزلىرىمىزغا ئاپىرىن ! تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھىلا بولىدىكەن بىز ئۆتمەيدىغان ئۆتكەل، ئاشالمايدىغان داۋان بولمايدۇ.«ئۆز تۈرك» باغرىدىن چېچىلىغان ئىلىم –ئىرپان،مىھىر-مۇھەببەت سۆيگۈىسى ئاسپرانت قىزلارنىڭ ھاياتىغا نۇر، ۋۇجۇدىغا غەيرەت ئاتا قىلغۇسى.
ئاينۇر مۇھەممەد خەۋىرى !!
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
2013- يىلى 11- ئاينىڭ 5 - كۈنى
|
|
|
|
|
|